<<شۇجى خېنىم>> ئېسىڭىزدە بارمۇ؟
(ئەسلىمە)
تۇرادىن ئابدۇرېھىم تاجىدار
1986-يىلى ئىشلەنگەن ئىككى قىسىملىق تېلۋىزىيە تىياتىرى<<باغ>>-ھەممىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.فىلىمدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەت بېغىدىكى راخماننىڭ يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى سادىققا قىلغان خوشامەتلىرى،بولۇپمۇ سادىق شۇجىنىڭ ئايالىغا يېڭى چىققان كۆكتاتلارنى بېرىپ،باشقا ئامما:" بىزمۇ يېڭى كۆكتات ئالىمىز" دېسە،"يوق"دەپ قوپاللىق قىلغان كۆرۈنۈشىدە، ھەممەيلەننىڭ راخمان بىلەن شۇجى خېنىمغا قاتتىق ئۆچلۈكىمىز كەلگەن.
مانا مۇشۇ<شۇجى خېنىم>دىن ئىبارەت ھاكاۋۇر،ئاتىكاچا،گويا يېزىغا ئېرى ئەمەس،ئۆزى شۇجىدەك ھېس قىلىپ، ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلماي يۈرىدىغان كۆرەڭ ئايالنىڭ ئوبرازىنى شۇنچە تۇرمۇشلۇق،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتقان ئارتىس- قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل،تىياتىر ئۆمىكىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن پېشقەدەم تىياتىر ئارتىسى،بىرگە ماھىر،كۆپكە قادىر سەنئەتكار، مەرھۇمە- مەرەمنىسا تاجىدۇر.
تالانتلىق كىنو-تىياتىر ئارتىسى،ماھىر سازەندە ۋە ناخشىچى،تونۇلغان خەلق سەنئەتكارى مەرەمنىسا تاجى 1932-يىلى يەكەن شەھەر ئىچى باغ مەھەللىسىدىكى تاجى قاسساپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1939-يىلدىن1946-يىلىغىچە يەكەن كونا شەھەردە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.ئۇنىڭ ئائىلىسى شۇ ۋاقىتلاردا دىنىي ئېتىقادى ناھايىتى قاتتىق ئائىلە بولسىمۇ، ئالتە بالىنىڭ ئىككىنچىسى بولغان كىچىك مەرەمنىسا سەنئەتكە بولغان ئالاھىدە ھېرىسمەنلىكى بىلەن، ئائىلىسىدىكىلەر ۋە جەمىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ،شۇ ۋاقىتتىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتىنىڭ تۈرتكىسىدە،مەكتەپنىڭ تۈرلۈك سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،ئۆزىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغان.1947-يىلى تۇرمۇشقا چىققاندىن تارتىپ تاكى ئازاتلىققا قەدەر گەرچە ئائىلە ئايالى بولغان بولسىمۇ،بۇ جەرياندا مۇتەئەسسىپ ئېرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي،خەلق سەنئەتكارلىرىدىن بېرىلىپ ئۈگەنگەن.
نەتىجىدە، قىسقىغىنە ئۈچ يىل ئىچىدىلا دۇتار،راۋاپ،داپ قاتارلىق سازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چېلىش،مۇقامدىن ئارىيەلەرنى،خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئۇسۇل ئويناش جەھەتتە بەلگىلىك سەۋىيەگە يەتكەن.1949-يىلى پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ئېنتىزار بولغان ئازاتلىق تېڭى ئېتىشى بىلەن تەڭ،مەرەمنىسا تاجىمۇ فېئوداللىق نىكاھ سىرتمىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئەينى زاماندىكى ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە خاس بولغان، ئاياللارنىڭ ئازاتلىق،ئەركىنلىككە بولغان ئېنتىلىشى ۋە يېڭىلىقنى ياقلايدىغان ھېس-تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن ناخشا-مۇزىكىلارنى ئورۇنلاپ،ئۇسۇللارنى ئويناپ،ئايال خەلق سەنئەتكارلىرى ئىچىدە خېلى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ھەمدە يۇقارقى ئالاھىدىلىكى بىلەن،1950-يىلى 6-ئايدا،ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت سېپىگە قوشۇلغان تۇنجى ئەۋلات ئاياللارنىڭ قاتارىدا سابىق يەكەن ۋىلايەتلىك<ئىتتىپاق>تىياتىرىغا ئارتىسلىققا قوبۇل قىلىنىدۇ.پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلىقىدا بەخت شاتلىقىغا چۆمگەن مەرەمنىسا تاجى،ئەينى ۋاقىتتىكى يەكەن ۋىلايەتلىك مەمۇرى مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى،سەنئەت تەشكىلاتچىسى ۋە تونۇلغان سەنئەتكار قاسىمجان قەمبىرىنىڭ بىۋاستە تەربىيلىشى ئارقىسىدا،تېزلا يېتىشىپ چىقىپ،ئۆزىنىڭ كۆپ قىرلىق تالانتىنى نامايان قىلدى.ناخشا ئېيتىش،مۇزىكا چېلىش،لەپەر ئويناش،ھەتتا درامىلاردا رول ئېلىشقىچە ئۇنىڭغا يات ئەمەس ئىدى.بولۇپمۇ ئۇ ئورۇنلىغان<ئازاتلىق تېڭى ئاتتى>،<ئالتە كەپتەر يەتتە بولدى>قاتارلىق راۋاپ قوشاق،دۇتارلىق ئولتۇرۇش،لەپەر ۋە يالغۇز كىشىلىك ئۇسۇللار سەھنىدىن چۈشمەي ئورۇنلىنىپ،خەلق قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ كۆرىدىغان نومۇرلارغا ئايلاندى.ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ چاغدا ئۆمەك تەرىپىدىن ئوينالغان زىيا سەمىدىنىڭ <<قانلىق داغ>>درامىسىدا گۈلسۈمخان،ئۆزبېكىستاننىڭ <<باي ۋە مالاي>>درامىسىدا ھاجى ئانا، <<دېھقانلار ھاياتى>>درامىسىدا دېھقان ئانىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ،سەنئەتسۆيەر يەكەن خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.شۇ تۆھپىلىرى بىلەن مەمۇرىي مەھكىمە ۋە ئۆمەك تەشكىلى تەرىپىدىن"ئىجارە كېمەيتىش"ۋە"يەر ئىسلاھاتى"ھەركىتىدىكى "ئىلغار تەشۋىقاتچى"بولۇپ مۇكاپاتلانغان.1956-يىلى يەكەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا،مەرەمنىسا تاجى باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن بىللە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلدى.1957-يىلى ئۆمەك رەھبەرلىكى ئۇنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى ئۈرۈمچىدە ئاچقان تۇنجى قارارلىق كىنو ئاكتىيورلۇق كۇرسىغا ئەۋەتىپ،كىنو، تىياتىر ساھەسىدە بىر قەدەر سېستىمىلىق تەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.كۇرستىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى سەھنىلەشتۈرگەن،دراماتورگ زۇنۇن قادىرىي يازغان<<غۇنچەم>>درامىسىدا زورىخان،تۇرغۇن ئالماسنىڭ<<پىچاق>>درامىسىدا ھېلىمىخان ئوبرازىنى يارىتىپ،تىياتىرچىلىق ساھەسىدە بەلگىلىك رول ئويناۋاتقان مەرەمنىسا تاجىغا يەنە بىر ياخشى پۇرسەت كەلدى.يەنى ئۇ ،شاڭخەي خەييەن كىنو سىتودىيىسى ئىشلىمەكچى بولغان،رايونىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن <<بوستانلىقتا تەنتەنە>>ناملىق كىنودا ئاسىمخان ئىسىملىك باي دېھقان ئايالنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللانغان ئىدى. گەرچە بۇ رول ئاساسلىق رول بولمىسىمۇ،مەرەمنىسا تاجى ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈگىنىش پۇرسىتى بولدى.بۇ فىلىم ئىشلىنىپ ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،شۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن قۇرۇلغان شىنجاڭ كىنو سىتودىيىسى (ھازىرقى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى)گە كىنو ئارتىسلىقىغا ئېلىپ قېلىندى.بۇ سىتودىيەدە 1961-يىلى 12-ئايغىچە ئىشلىگەن مەرەمنىسا تاجى تۇرمۇش ئىشى سەۋەپلىك ئامالسىز ھالدا يەنە قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدى.قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدە ئىزدىنىپ،خەلق ئىچىدىكى مۇزىكا،مۇقام،خەلق ناخشىلىرى، راۋاپ قوشاق قاتارلىقلارنى رەتلەش ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى.نەچچە يىللىق تىرىشىشى ۋە ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى چىقىدىغان تازا مۇھىم پەيتتە،دۆلىتىمىزدە مىسلى كۆرۈلمىگەن <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> باشلىنىپ،ئۇنىڭغا كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز توقا-لەنەتلەر چاپلاندى.خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتقان ئاغزىغا مۇش-پەشۋالار ياغدى. ئۆزى سۆيۈنۈپ چالىدىغان دۇتار،راۋاپلىرى بوينىغا ئېسىلىپ سازايى قىلىندى.ھەممىدىن يامىنى ئۇنىڭ<<بوستانلىقتا تەنتەنە>>فىلىمىدە،باي دېھقاننىڭ رولىنى ئالغىنى ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ مەسىلە تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.<<باي ۋە مالاي>>درامىسىدا باينىڭ ئايالىنىڭ رولىنى ئالغىنى ئۈچۈن <چەتئەلنىڭ درامىسىدا رول ئالغان>دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلدى.
1978-يىلى "تۆت كىشىلىك گۇرۇھ"تارمار قىلىنىپ،پارتىيە 11-قۇرۇلتېيىنىڭ 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن مەرەمنىسا تاجىنىڭ خىزمىتى ئۇۋال قىلىنغانلار قاتارىدا ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ،ئۆز ۋاقتىدىكى ياڭراق ئاۋازى خىرەلەشكەن،ئېلىپتەك تۈز قامىتى ۋاقىتسىز ئېگىلگەن ئىدى.شۇنداقتىمۇ، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مەرەمنىسا تاجى سەنئەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن،سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا قارىماي،غەيرەت بىلەن ئىشلەپ،قەشقەرنىڭ تىياتىر ئىشلىرىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى.
1978-يىلىدىن باشلاپ بۇ ئۆمەك سەھنىلەشتۈرگەن<<غۇنچەم>>درامىسىدا يەنە زورىخاننىڭ رولىنى،<<غېرىپ-سەنەم>> ئوپېراسىدا تىلەمچى ئايالنىڭ رولىنى،<<مەسلىھەت چېيى>>درامىسىدا شاراپەتخان ۋە ئايزىمخاننىڭ رولىنى،<<كېچىككەن توي>>درامىسىدا ئىبادەتخان ئانىنىڭ رولىنى، <<رابىئە-سەئىدىن>>،<<مۇقام ئۇستازى>>،<<جەنۇپتىكى جەڭ مارشى>>، <<ئارزۇلۇق بالا>> درامىلىرىدا ئاممىۋى روللارنى يۇقىرى ماھەرەت بىلەن ئېلىشتىن سىرت،مۇشۇ مەزگىلگىچە ئىشلەنگەن بارلىق دراما-ئوپېرالارنىڭ گىرىمچىكلىك خىزمىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلەپ،درامىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىنىشى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي كېچە-كېچىلەپ چاچ ئۆرۈدى،ساقال-بۇرۇت ياسىدى.نەتىجىدە جاپالىق ئەجىرنىڭ مېۋىسى كۆرۈلۈپ ،ئۇ رول ئېلىشقا قاتناشقان ۋە گىرىمىنى قىلغان<<مەسلىھەت چېيى>> قاتارلىق بىرنەچچە دراما ئاپتونوم رايون بويىچە تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى.ئۇمۇ بىرنەچچە قېتىم قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت سېستىمىسى بويىچە<ئىلغار خىزمەتچى>، ئۆمەك بويىچە <مۇنەۋۋەر خىزمەتچى> بولۇپ مۇكاپاتلاندى.
مەرەمنىسا تاجىنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى تۆھپىسى بۇنىڭ بىلەنلا تۈگەپ قالمايدۇ.ئۇ <.بوستانلىقتا تەنتەنە>>فىلىمىدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئۈزۈكچىلىكتىن كېيىن يەنە، 1984-يىلى ئىشلەنگەن،رايونىمىزدىكى تۇنجى تېلىۋىزىيە تىياتىرى بولغان <<ئۈچ ياش>> تا باش پېرسۇناژ
مۇھەررەمنىڭ چوڭ ئاپىسىنىڭ رولىنى،1986-يىلى ئىشلەنگەن<<باغ>> ناملىق تېلۋىزىيە تىياتىرىدا شۇجى خېنىمنىڭ رولىنى،1988-يىلى ئىشلەنگەن <<سىرلىق كارۋان>> فىلىمىدە ئېنىگئانىنىڭ رولىنى،1992-يىلى ئىشلەنگەن<<ئەزىمەتلەر تانسىخانىسىدىكى ئايال چولپان>> فىلىمىدە باش پېرسۇناژ ئابلىزنىڭ ئانىسى ھاۋاخان ئانىنىڭ رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ،شىنجاڭنىڭ كىنو- -تىياتىر ساھەسىگە بەلگىلىك تۆھپە قوشتى.
1988-يىلى شەرەپ بىلەن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ تەكلىپ بىلەن ئۆمەكنىڭ ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلدى.
ئەپسۇسكى،ئاشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ يالدامىسى بولغان رەھىمسىز زىققا كېسىلى ئاخىر ئۇنى ئارىمىزدىن ئېپكەتتى. پېشقەدەم سەنئەتكار مەرەمنىسا تاجىنىڭ بىر ئۆمۈر سەنئەت ئۈچۈن سوققان يۈرىكى 2000-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى سوقۇشتىن توختىدى...
ئۇ رەتلەپ ئىشلىگەن ناخشا- مۇزىكىلار رادىيو دولقۇنلىرى ئارقىلىق قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭرىماقتا.ئۇ ياراتقان ئوبرازلار تېلۋىزور ئېكرانى ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولماقتا.لېكىن ،مەرھۇمە سەنئەتكارنىڭ ئۆزى بۇ دۇنيادىن كەتكەن بىلەن،ئۇنىڭ قەشقەر خەلق سەنئىتى ۋە رايونىمىزنىڭ كىنو-تىياتىر ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ.
(تۈگىدى)
2014-يىلى 29-ئاۋغۇست.ئۈرۈمچى
|