- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6091
- نادىر
- 0
- يازما
- 472
ئۆسۈش
21.82%
|
روسلارنىڭ تۈركى مىللەتلەرنىڭ زېمنلىرىنى بېسىۋىلىش ۋە ئۇنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنلىرى ھەقىقەتەن كۆپ . ئۇلار خەلقئارادا چوڭ دۆلەتلىك ئورنىغا چىققۇچە بولغان جەرياندا نۇرغۇنلىغان قانلىق ئۇرۇشلار ۋە سىياسى ھېلە مېكىرلەرنى ئىشلەتكەنلىگى ھەممىگە مەلۇملۇق .
ئەمدى يېقىنقى زامان تارىخمىزدىكى مىللى ئېنقىلاپلارنىڭ روسلارغا باغلىنىشىنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ . دۇنيادىكى چوڭ كىچىك ئېنقىلاپلارنىڭ ھەممىسى ئارقا تېرەك بولىدىغان بىر سىياسى كۈچ ئىزدەيدۇ . مەيلى ئۇ سىياسى كۈچ ئۆزى بىلەن دىنداش بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن ياكى باشقا ئېرىق مىللەتكە تەۋە بولسۇن شۇنداق بولىدۇ . تۈركىيە جۇمھۇرىيتى قۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغان مۇستاپا كامالمۇ ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپانىڭ ياردىمىنى ئالغان ئەرمىنىيە ۋە گېرىتسىيەنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن لېنىن بولشىۋىكلىرىدىن ھەربى ياردەم ئالغان . تالىبارنلار ئاۋغانىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى تىكلەشتە ئامېرىكانىڭ بىۋاستە ھەربى ياردىمىگە ئېرىشكەن ، كېيىن يوللىرى ئايرىلغاندا ئوخشاشلا شېمال ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ يادىمى بىلەن تالىباننى يوقىتىپ ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى . لىۋىيەدىكى ئۆكتىچىلەرمۇ ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىپ قالغاندا غەرىپنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىشى بىلەن ئۆزىنى رۇسلاپ كازافى ھاكىمىيىتىنى يوقاتتى . ھازىرقى سۈرىيەدىكى ئەسەدقا قارشى ئىسيانچىلارمۇ تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق سۈنئى مەزھەپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمەكتە ... قىسقىسى دۇنيادا قوزغالغان ئېنقىلاپلارنىڭ سىرتنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ياردىمىگە ئېرىشىشى بولۇپ تۇرىدىغان نورمال ھادىسە . شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى خوجىنىياز ھاجى ئېنقىلاۋى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئېنقىلاۋىنىڭ ئەتراپتىكى ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ روسلارنىڭ بىر مەھەل دىققىتىگە ئېشىرىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشىمۇ شۇنداق نورمال ھادىسە . چۈنكى سەن چوڭ كۈچكە ئايلانماي تۇرۇپ چوقۇم چوڭ كۈچلەرنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلار بىلەن مەنپەئەت ئاساسىدا ھەمكارلىشىشىڭ كېرەك . ئەمدى روسلارنىڭ ئېنقىلاپلارنى ئاخىرىدا قوللىمىغانلىقىغا كەلسەك ئۇلار ئەلۋەتتە ئۆزلىرى كۈتكەن مەنپەئەتنى باشقا يولدىن تاپقانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارسىزمۇ بۇ رايوندا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىپ شۇنداق قىلغان . ئۇلارنىڭ ئىشەنچسىز ھەمرالىغىنى ئەلۋەتتە شۇ زاماندىكى ئۇيغۇرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ ئوبدان بىلەتتى ، ئەمما مەلۇم تەرەپلەردە شۇلار بىلەن ھەمكارلاشماي ئامال يوق ئىدى . ئاخىرىدا روسلارنىڭ ئارىغا كىرىپ سالاچىلىق قىلىپ مىللى ئارمىيە بىلەن گومىنداڭنى كېلىشتۈرىشى بىلەن بىر مەھەل ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان بىر مىللى ئاپتونوم رايون ھۆكىمىتى بارلىققا كەلدى . مانا بۇنى نەتىجە دەيمىز . ھەرگىزمۇ ئاققان قانلار بىكارغا كەتتى ، ئېنقىلاپلار نەتىجىسىز بولدى دەپ ھەممىنى روسلارغا دۆڭگەپ قويۇپ تارىخى نەتىجىلەرنى كۆرمەسكە سالساق بولمايدۇ . كيىن رەئىس ماۋزىدوڭنىڭ توغرا رەھبەرلىگىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىدىن بېرى ئەپىيۇنكەش لاللىمىلار ئىدارە قىلىپ كەلگەن بۇ زېمىندا تۇنجى قېتىم يەرلىك مىللەتلەرگە ھوقۇق بېرىلدى . بۇنى ئالدىنقى دەۋىرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا تارىخنىڭ ئالغا سىلجىشى ، ئاشۇ يەرلىك ئېنقىلاپلارنىڭ نەتىجىسى دېمەي نېمە دەيمىز . |
|