- تىزىملاتقان
- 2014-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
66.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Pishamshan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-1 23:40
( مەزكۇر ماقالە بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يازمىلىرىغا قايتۇرۇلغان بەزى ئىنكاسلارغا قارىتا چۈشەنچە بېرىش ئاساسىدا سۇنۇلدى ، خالىغان توربېكەتلەرگە كۆچۈرۈپ تارقاتساڭلار بولىدۇ )
ئاي-يەرشارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھ يۇلتۇزى ، ھەمدە قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-چوڭ ھەمراھ يۇلتۇزدۇر . ئېكۋاتور رادىئوسى 1738.14 كىلومېتىر ( يەرشارىنىڭ 6378كىلومېتىر)، ماسسىسى يەرشارىنىڭ 81دىن بىر ئۈلۈشىگە تەڭ ،يەنى 7.3477 × 1022 كىلوگىرام ( 73نىڭ كەينىگە 22دانە نۆلنى يېزىپ ئوقۇپ بېقىڭ)، زىچلىقى پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ھەمراھ يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا ، يەنى يۇپىتېرنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ھەمرىيى ئايو (IO)دىن سەللا كىچىك . ئاي شارى يەرشارىنى چەمبەرگە يېقىنلىشىپ كېتىدىغان ئىللىپىس ( سۇزۇنچاق چەمبەر) شەكىللىك ئوربىتىلاپ ئايلىنىدۇ ، ئەڭ قىسقا ئوربىتا رادىئوسى 363104كىلومېتىر،ئەڭ ئۇزۇن ئوربىتا رادىئوسى 405696كىلومىتېر، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 384400كىلومېتىر، ئادەتتە كىتابلاردا ياكى تېلىۋىزورلاردا قىسقارتىپ 380مىڭ كىلومېتىر دىيىلىدۇ ، بۇنى قارا تىلدا ئاي مەندىن 380مىڭ كىلومېتىر ئېگىزدە دەپ بىلسىڭىزمۇ بولىدۇ . بەزىدە خەۋەرلەردە ئاي يەرشارىغا ئەڭ يېقىنلىشىپ ئۇنداق چوڭ كۆرىنىپ كەتتى ، مۇنداق چوڭ كۆرىنىپ كەتتى دېسە ھەيران قالماڭ ، ئۇ پەقەت ھەر27.3كۈندە بىر قېتىم ئەڭ يېقىن ئوربىتا ئارىلىقىغا كەلدى خالاس .
ئاي شارىنىڭ سىزىقلىق تېزلىكى ھەر سېكونتتا 1.0022كىلومېتىر ، ھەر سېكونتتا مۇشۇنچىلىك تېزلىك بىلەن يەرشارىنى ئايلىنىدۇ ، يەرشارىنى توپتوغرا بىر ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن 27.321582 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ ، ئۇدۇل كېلىپ قالغىنى شۇكى ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىمۇ شۇنىڭغا تەڭ بولۇپ قالغاچقا ئاينىڭ بىز تەرەپكە قاراپ تۇرغان يۈزى مەڭگۈ بىزگىلا يۈزلىنىدۇ،مەڭگۈ ئۇنىڭ كەينى تەرىپىنى كۆرەلمەيمىز.ئاينىڭ يۈزىدىكى « داغ »لار بولسا ئاي يۈزىدىكى يانارتاغ لاۋا « دېڭىزى»دۇر . يورۇق جايلار بولسا ئاي يۈزىدىكى قەدىمكى يەرپۇستىنىڭ ئېگىز جايلىرى ياكى مېتېروئىت ئازگاللىرىدۇر. گەرچە ئاي شارى يۈزى ناھايىتى زۇلمەت، نۇر قايتۇرۇش ئىقتىدارى كۆمۇردەك ( ئاجىز ) بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يەنىلا يەرشارىغا نىسپەتەن ئاسماندا قۇياشتىن قالسىلا ئەڭ يورۇق ئاسمان جىسىمىدۇر .
ئاي شارى ئوربىتىسى رادىئوسى يەرشارى دىئامېتىرىنىڭ تەخمىنەن 30 ھەسسىسىگە تەڭ ، ئاي ۋە قۇياشنىڭ چوڭ-كىچىكلىك نىسپىتى بىلەن ئارىلىق نىسپىتى ناھايىتى يېقىنلىشىدۇ،شۇ سەۋەپتىن بىزگە ئۇلار ئىككىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش كۆرىنىدۇ، قۇياش تۇتۇلغاندا ئاي شارى ھەتتا قۇياشنىڭ يۈزىنى پۈتۈنلەي توسىۋالالايدۇ .
ئاي بولسا ئىنسانىيەت ھازىرغا قەدەر (2014-يىل) بىردىنبىر چىقالىغان يۇلتۇزدۇر . سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى « ئاي پىلانى»1959 -يىلى 9-ئايدا تۇنجى ئادەمسىز ئالەم ئۇچقۇسىنى ئاي شارىغا چىقارغان ( سوقتۇرغان ) ،ئامېرىكا NASA نىڭ « ئاپوللو پىلانى » تا ھازىرغا قەدەر بىردىنبىر ئادەملىك قونۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندۇر . ئاپوللو 8- نومۇر(ئادەملىك) 1968-يىلى ئاي شارىنى ئايلىنىپ ئۇچقان ، 1969 –يىلى ئاپوللو 11-نومۇر ( ئادەملىك ) تۇنجى قېتىم ئايغا قونغان ، تاكى 1972-يىلغا قەدەر ئىنسانىيەت ئۇدا ئالتە قېتىم ئايغا قەدەم باسقان ، بۇ جەريانلاردا 380 كىلوگىرامدىن ئارتۇق ئاي تاغ جىنىسلىرى يەرشارىغا ئېلىپ كېلىنگەن ، ھەمدە بىر قىسمى ئاي شارى گېئولوگىيىسى ، ئاينىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىگىلەش ( مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلاردا ئاي شارى بۇندىن 4 مىليارت 5 يۈز مىليون يىل بۇرۇنقى قاتتىق سوقۇلۇشتىن شەكىللەنگەن دېگەن پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان )، ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشى شۇنداقلا شەكىللەنگەندىن كېيىنكى تارىخى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلگەن . 1972 –يىلى ئاپوللو 17-نومۇردىن كېيىن ، پەقەت ئۇچقۇچىسىز ئالەم ئۇچقۇلىرىنىڭلا ئاي شارىنى زىيارەت قىلىشى توختىمىغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى بولسا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ « ئاي سەيلىچىسى (Moonwalker)» دۇر . 2004-يىلدىن بۇيان ياپۇنىيە ، جۇڭگو ، ھىندىستان ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بوشلۇق ئورنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاينى ئوربىتىلايدىغان سۈنئىي ھەمراھلارنى قويۇپ بەردى ، بۇ تەكشۈرۈش ئۇچقۇلىرىنىڭ ھەممىسى ئاي شارى قۇتۇب رايونى مەڭگۈلۈك سايە « ئازگاللار »دىكى تۇپراقتا مۇزنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى جەزىملەشتۈردى . ھازىر ئىنسانلار قايتىدىن ئادەملىك ئايغا قۇنۇشنى پىلان قىلماقتا ، بىراق تېخى ئەمەلگە ئاشقىنى يوق . ھازمۇ « كائىنات شەرتنامىسى »دا ، ئاي شارى يەنىلا بارلىق دۆلەتلەر تېنىچلىق بىلەن ئىختىيارى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇندۇر .
ئاي شارىدا پەۋقۇلاددە نېپىز ئاتموسفېرا مەۋجۈت ( يوق دېسىمۇ بولىدۇ ،چۈنكى ئاتموسفېراسى ۋاكومغا يېقىنلىشىپ كېتىدۇ ) ، ھاۋا يوق بولغاچقا ئاۋازنىڭ تارقىلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ھەتتا يېنىڭىزدىكى ئادەم ۋارقىرىسىمۇ قەتئىي ئاڭلىيالمايسىز ، شۇڭا بەزى ئېقىپ يۈرگەن سەپسەتىلەر پۈتۈنلەي يالغان . ئاتموسفېرا بېسىمى مەۋجۈت بولمىغانلىقتىن سۇيۇق ھالەتتىكى سۇ شۇ زامان پارلىنىپ كېتىدۇ ( تۆۋەن بېسىمدا پارلىنىش ) ، بۇ دىگەنلىك سىز ئادەتتىكى كىيىمىڭىز بىلەن ئاي يۈزىدە تۇرۇپ قالسىڭىز ئاقىۋىتىڭىزنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ .
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىكلا تەرجىمىسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، ئاينى ئاسماندا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا رەسىمىنى يوللىمىدىم ، ئاي شارىغا مۇناسىۋەتلىك گېئولوگىيىسى ، ئاتموسفېرا ، ماگنىت مەيدانى ، مۇزلۇق ... قاتارلىقلارنى تۆۋەندىكى ۋىكى ئۇلۇنىشىدىن كۆرگەيسىلەر :
http://zh.wikipedia.org/wiki/%E6%9C%88%E7%90%83
|
|