- تىزىملاتقان
- 2014-8-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 331
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
15.5%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداش دوسلار ياخشىمۇ سىلەر؟ مەن سىلەر بىلەن يەنە بىر قىتىم كوروشكەنلىگىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن !خوش ئۇنداقتا مەن ئوزوم يولوققان توۋەندىكى تىمام ئارقىلىق سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
مىنىڭ ئاتا-ئانام ناھىيە مەركىزدىن35 كىلومىتىر يىراقلقتىكى بىرچەت يېزىدا تۇردىغان بولوپ تىخى يىقىندا ئانام ئوزى يالغۇز ئىتىزلىقتا ئىشلەش جەريانىدا تۇيۇقسىز ئوت ياللۇغى كىسىلى قوزغولۇپ ئاغرىققا چىدىماي ھۇشسىزلىنىپ يىقىلىپ چۇشۇپ قورسىغىنىڭ سول تەرپى يىنىك زەخمىلىنىپ ئىتىزلىقتىلا يىتىپ قاپتۇ. يولدىن ئوتكەن باشقىلار ھۇشسىز ياتقان ئانامنى كوروپ دادامغا خەۋەر قىلىش ئارقىلىق يېزىلىق شىپاخانىغا ئىلىپ بىرىلىپتۇ.تولىمۇ ئەپسۇس مەن ناھىيە ئىچىدە مەلۇم ئوروندا ئىشلەۋاتقان بولغاچقا دادام ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىم مىنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دىدىمۇ ياكى خزمىتى بەك ئالدىراش دىدىمۇ ماڭا خەۋەرمۇ قىلماپتۇ. مەن ئاتا-ئانام بىلەن ۋاختىدا كورشوپ تۇرالمىساممۇ تىلفۇن ئارقىلىق ھەر كۇنى بولمىسىمۇ ئىككى كۇندە بىر سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە باشقا ئىشلىرىنى ئۇقۇپ تۇراتتىم.بىچارە ئانام شىپاخانىدا يىتىپ قىلىپ ئىككىنچى كۇنى مەن ئانامنىڭ يۇقارقى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزھالدا ئەھۋاللىشىپ باقاي دەپ دادامغا تىلفۇن قىلسام تىلفۇنى ئۇلانمىدى. كەچ سائەت 10 دىن ئاشقاندا مەن ئىشتىن چۇشۇپ ئىنمغا تىلفۇن قىلىش ئارقىلىق بىچارە ئانامنىڭ يۇقارقى ئەھۋالىنى ئۇختۇم.شۇ كىچە ئانامنىڭ يىنىغا بىرىشقا قاتناش قۇلايسىز بولوش سەۋەپلىك ئەتىسى سەھەر مەن ئوغلومنى ئىلىپ موتىسكىلىت بىلەن ئانام ئىلىپ بىرىلغان يېزىلىق شىپاخانىغا يىتىپ بىرىپلا ئانام بىلەن ئەھۋالاشتىم ھەمدە ئانامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلى ئۇقۇش ئۇچۇن دوختۇر ئىزدىگەن بولساممۇ بىراق ئىككى نەپەر سىستىرادىن باشقا دوختۇر تاپالماي ئامالسىز ئانامنىڭ يىنىغا قايتىپ كىردىم،شۇۋاقىتتا ئانامنىڭ قولىغا ئوكول سۇيۇقلىغى سىلىنغان بولوپ ئانامنىڭ ئوكول يىڭنىسى ئورنى خىلى يوغان ھالەتتە ئىششىپ كىتىپتۇ.مەن بۇ ئەھۋالنى سىستىراغا مەلۇم قىلسام ئانىڭىزنى مۇشۇ يەرگە ئىلىپ چىقىڭ ئوكول يىڭنىسىنى يەنە بىر قولىغا ئالماشتۇرۇپ قويايلى دەپ ئانىدىن تۇغۇلمىغاندەك گۇل تىكىپ بىپەرۋاھالەتتە تۇردۇ.ئاچچىغىمدا سىسىتىراغا ئىككى ئىغىز قاتتىق تەككىنىمدىن كىيىن ئانامنىڭ يىنىغا چىقىپ ئوكول يىڭنىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدى.ئانامنى ھاجەتكە ئىلىپ چىقىش ئۇچۇن بالنىست بىناسىدىن تەخمىنەن 200 مىتىر يىراقلىقتىكى ئىتىزلىققا ئىلىپ بىرىشقا توغرا كىلىپ قالدى.بالنىسىت بىناسى كارىدورغا چوڭ - كىچىك تارەتلەر ۋە سىسىق پۇراق شىپاخانىغا ساق كىرگەن كىشىلەرنىمۇ كىسەل قىلىپ قويدىغان شىپاخانا موھىتى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى .مەن بىچارە ئانامنى ناھىيە دوختورخانىسىغا ئىلىپ كىتىپ داۋالىتاي دىسەم ئانام ئۇنىماي بىر ئىككى كۇن داۋالىنىپ باقاي ياخشى بولالمىسام بىر گەپ بولا دەپ تۇرۋالدى.مەن دادامغا ۋە باشقا قىرىنداشلىرىمغا ئانامغا ياخشى قاراشنى تاپىلاپ قايتىنپ كەلدىم.
ھورمەتلىك تورداش دوسلار يوقارقى ئىشلار سىلەر تۇرۋاتقان يېىزا شىپاخانىلىردىمۇ مەۋجۇتمۇ؟
|
|