قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1713|ئىنكاس: 7

قومۇل شىۋىسىدىكى كۈچەيتىلگەن سۆزلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 03:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر  تىلىدا شۇنداق بەزى سۆزلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق  ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىنى كۈچەيتىپ بېرىمىز .  قاراپ باقسام قومۇلىمىزدىمۇ  باشقا يەرلىكلەر ئانچە قوللانمايدىغان  مەلۇم خاسلىققا ئىگە كۈچەيتىلگەن تەكرارلانغان سۆزلەر بار ئىكەن ، ئويناشماقنىڭ ئورنىدا باغداشقا سۇنۇپ قويدۇق ، لېكىن مەلۇم قىممىتى بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرىمەن ئەمدى ،

1.يۇگۇر يۇگۇر
مەنىسى : قايتا قايتا بىر يەرگە بېرىۋېلىش ، ھېلقى تازا دىتى يوق ،مەيدانى يوق ئادەملەرگە قاراتسا كېرەك .

مەسلەن :  نىم باسېنىڭغا  كۇندە يۇگۇر يۇگۇر قېيىنئاپاڭنىڭ ئۆيىگە بېرىۋېلىپ ، ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا يۇگۇر يۇگۇر بۇۋامنىڭ يىېنىغا كىرىپ بىزنى چاقىدۇ ،

2.مە مە مە مە   ياكى مەھ مەھ مەھ
مەنىسى ؛ مەسلىگى كەلگەندە دەيدىغان گەپمىكىن ، ھازىر ئاساسەن ئىستىمالدىن قالدى،  ياكى بولمىسا بىىر ئىشنى نوچى قىلۋەتسىڭىز مە مەمە بۇئىشنى سەنلا قىل دىگەندە بىرىش مەنىسى بارمىكىن ،

مەسلەن : مە مە مە مە كۆرسىنا بىر تاغار بۇغداينى ئۆزى يالغۇز كۆتىرۋەتتى ، ياپىر مە مە مە كۇچكە توشۇپسەن جۇمۇ .


3. شەر شەر شەر
مەنىسى : شەھەر  ، بۇ كىچىك بالىلارنى ئەركىلىتىپ دەيدىغان گەپ بولۇپ ، ئەينى ۋاقتىىكى شاھنشاھلارنىڭ ئۆز باللىرىغا دولەت  تەۋەسىدىكى شەھەرلەرنى ئۆلەشتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە تەدبىق قىلىنغان، ماۋۇ باھادىرنامە دىگەن كىتاپتىمۇ كۆپقۇ بۇنداق شەھەر بىردىغان ئشىلار.

مەسلەن : شەر شەر شەر مېنىڭ قىزىم ئىشقا ياراپتۇ ،  ئەتكەن سۇيۇقئېشىڭىز يامان ئوخشاپتۇ قىزىم ، كىلەر قېتىم چۆكە سەپ قىلايلى ،

 يىراقتىكى بالاڭ ئايدا يىلدا بىر كەلسە شەر شەر  ، يېققىندىكىلەر كۆزۇڭگە پەقەت كۆرۇنمەيدۇ ،

4.قىر قىر
مەنىسى : قىر شۇ ، دەرھال كۆزگە تاشلىنىدۇ  دىمەكىچى ئوخشايدۇ بۇ قومۇللۇقلار ، ياق كۆپ دىمەكچى ئوخشايدۇ

ۋاي بالام   ئۇ نايناق ئۇسۇلچى توي قىلىپ كەتكەن بولسا ئوبدان بوپتۇ ، روھىڭنى ھەرگىز چۇشۇرمە قىز بالا دىگەن نىمە قىر قىر ، ئامدان ئەدەملەرنىڭ قىزىنى تېپىپ ئۆيلەپ قويىمەن ،
 
بازاردا شىفۇڭ دۇخاۋا دىگەن قىرقىر  ،ئۆزىگە ئاتسىلا بولمامدۇ پاتەمخان، مەن بولىدىغان بولسام ..............................

5.يۇمۇر يۇمۇر
مەنسى : قالتار كۇچۇكلەرنى يۇغاندا بەدىنىدىن چىققان گارىنى كۆرسىىتىدۇ .

ۋۇي تېخى يىغلاپ كىتپتۇ  ، بۇ قالتاركۇچۇك ، يۇپ قويغانغا خوش بولماي يۇمۇر يۇمۇر گارا چىقىپ كەتتى بۇنۇڭدىن قارا


6.بىزە بىزە
ئازىراق  بىر ئاز ،بىزىككىدەڭ 

يول ياقىسىدىكى  يەرنى ھەر يىلى بىزە بىزە قوشىۋالسام ئاخرى بىزنىڭ بولۇپ كىتىدۇ،   بىزە بىزە چېقىپمۇ تۇگەپ قەپتۇغۇ بۇ گازىر  ،

7.قۇم قۇم 
قۇمدەك تولا سوزلەش
ئاداش قۇم قۇم سوزلەپ قىزلارنى زىرىكتۇرۇپ قويماڭ يەنە ،  بۇ ئويگە كىرسە قۇم قۇم گەپ

8. شەل شەل  شەلى شەلى
بۇمۇ گەپنى جىقاراق شۆلگەيلىرىنى چاچىرىتىپ كۇۋەجەپ سوزلەيدىغانلارغا قارىتىلغان ،

تولا شەلى شەلى قىلماي كۆزۇمدىن يوقال ،  بايا ئەمەت ئۇچۇراپ شەل شەل قىلىپ بىرمۇنچە ۋاقتىمنى ئالدى، ئەمدى سەن بولساڭمۇ شۆلتەڭلىمەي گەپنىڭ پوسكاللىسىنى بىر دىگىىنە

9.ئىمىس ئىمىس
بۇ بىر خىل جىڭ كۇلكە ، ئادىل مىجىتقا ئوخشاش  يالغان كۇلمەي  ئاۋاز چىقىارماي كۇلۇش

 زىبىر نىسانى ئالامسەن دىسەم ، بۇ ئەرنىڭ ئىمسى ئىمسى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ ،  بىر ياماق كۈلۈپ قويىڭا دىسەم ، ئىمىس ئىمىس كۈلۈپ بەردى،
كىچىك باللارغا تولىراق قوللۇنۇپ قويىدىكەن بۇ گەپنى

10مىغىر مىغىر

بەك كۆپ دىمەكچى مىغىلداش دىگەندىن كەلگەنمىكىن ،

ساڭا ئوخشاش قۇم قازىلار بۇ مەھەلىدە مىغىر مىغىر

11.پا پا پا

بەك قىززىق ئىشقىلپ قىىززىق ، ياكى كۆچمە مەندە  ئاغىرىق چىدىماسلىق

پا پا پا بۇجاھان يامان قىززىپ كەتتا ، سەمەت قارىمۇ ئوخشۇتۇپ قويدۇ قولىنى بىر چومۇلە چېقىۋاپىتىكەن پا پا قىپ ياتقىلى يرىم كۇن بولدى ،

12.مىرىق مىرىق
بىر نەرسىنى سىقسا بارماقلار ئارقىدىن چىقىش مىرىق مارىغىنى چىقاردى دىگەندەك ، بۇمۇ كۇلكىگە قوللۇنىدۇ

ئايشەمگۇل گويا بىر ئىشنى يوشۇرغاندەك مىرىق مىرىق كۇلۇپ ئولتۇرۇپتۇ ،

13.لەپ لەپ

لەپپىتە دىگەندەك قىستارتىلمىسمۇ بار  ، سارنىڭ قانىتىنى يېيىپ ،قاقماي ھاۋانىڭ قارشىلىقى بىلەن ئۇچۇشى

قوشاقتا : لەپ لەپ ئۇچۇدۇ سارلار دەپ كەلگەن .،

14.توقۇر توقۇر

بۇ بىلى ياكى بوينى مۇ ئەيتاۋۇر بىر يېىرى بىرقانداق بولۇپ قالغان بىرەرسى خوشنىلىرىنىڭ ئىشك دالدىسىىدا تۇرۇۋېلىپ ئۇن تىلەيدىغان ناھايتى قەدىمى بىر ئادەت ئىكەن ئەمدى، توققۇز ئويدىن ئۇن يىغىپ ئىچسە  سەكۇمەكۇ ئوڭشۇلارمىش ،

مانا شۇ ئادەتنى چوڭلار توقۇر توقۇر قىلىپ كىر دەپ قويدىغان ، ھازىر بۇنى قىلىمەن دىسڭىز ۋاقتى ناماز شامدىن كىيىن بشڭىزغا خالۇ يەيسىز ،ھا ھاھھا

15. دوقۇر دوقۇر

بېرىشقا تىگىشلىك بولمىغان جايغا بېرىۋلىرپ قامىتىۋېتىش

دوقۇر دوقۇر نىمە ساڭا كۇندە يېزىلق ھۆكۇمەتكە قاتىراپ .

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1169
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4211
توردىكى ۋاقتى: 4324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 16:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىزدىنىش!!!
مۇشۇنداق ئۇششاق سۆزلۈكلەردىن ئاندىن بىزنىڭ سۆزلۈك بايلىقىمىز ئاشىدۇ ھەم خاسلىق گەۋدىلىنىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

18

تېما

0

دوست

7435

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  406
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1771
تۆھپە : 1071
توردىكى ۋاقتى: 410
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 16:40:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان سۆزلەر بۇ، ئەسلى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلساق بولارئىدى، ئورتاق تىلدا ياكى ئەدەبىي تىلدا سۆزلەشنى تەلەپ قىلىۋېرىپ، ئوڭلاپ گەپمۇ قىلالمايدىغان بولدۇق، ھازىر.

1

تېما

2

دوست

7116

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1370
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1714
تۆھپە : 1048
توردىكى ۋاقتى: 1285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 19:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غېمىس-غۇمۇس:  يېمەكلىك يېيىشكە ئىشلىتىلىدۇ .مەسىلەن- بالام ئۆيگە يېنكىپ ،غېمىس-غۇمۇس ئېشىڭنى ئىچىۋەپ ،ئېكى ئوينىساڭمۇ ئوينا .
سوكا-سالتاڭ  :بېتەر ئادەملەرگە تولاراق قوللىنىمىز  .ھېچنىمىسى يوق سوكا -سالتاڭ ئەدەم دېگەندەك .
گاڭسا-جىڭسا : قۇپقۇرۇق ،ھېچنىمىسى يوق . ھاشىم ئوشۇق مىنەن قاسىم قوشۇق ھەممە نىمنىسىنى ئۇتتۇرەۋىرىپ سورۇندىن ئېرىدى ..
يادىمغا كەلگىنىچە موش يەگە قوتۇمەن
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 20:03:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىر - قىرنىڭ مەنىسى دۆۋە - دۆۋە دىگەندەك بىلىنىدىغۇ .

3

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  201
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 996
تۆھپە : 2942
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-18 21:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ بۇ يەدە مە مە مە دىمەيدۇ ،مەم مەم مەم دەيدۇ ، شەر بالام شەر دىگەننىمۇ ھازىرمۇ تولا ئىشلىتىدۇ.

2

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2440
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 230
تۆھپە : 138
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 08:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزغۇ بۇ گەپ-مەپلەنى بىزە-بىزەدىن ئىشلىتىپ تۇرۇمىز. لېكىن باغانچە ئىستىمالدىن قەپكىتپارىدۇ...  بەك ئېسىل سۆز بايلىقلىرىمىز دېسە بۇ سۆزلە...

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12044
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-23 18:24:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گادا گادا   --------------ئاخشام پاشا چېقىپ گادا گادا  قىلۋېتىپتۇ ،
بۇلتۇر تىكىپ قويغان چىلانلار بۇ يىل گادا گادا مىۋە بىرىپ كېتىپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )