قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3331|ئىنكاس: 106

سىز قانچىلىك ئۆتكۈر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 13:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 16:26  

ھەرقانداق ئادەمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىدا ئۇتۇق قازانغۇسى كىلىدۇ.ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئۆز ساھەسىدە بۆسۈپ چىقىشنى ئويلايدۇ.تىجارەتچىلەر تىخىمۇ كۆپ تاپاۋەت قىلىشنى ئويلايدۇ.خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشنى خالايدىغانلار،ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىندىغانلار،كەسپىي خىزمەت ساھەسىدىكىلەر مۇۋاپىقيەت قازىنىشنى ئويلايدۇ.خۇسۇسەن ھەرقايسى تەپەككۇر ئىگىلىرى ئۆز دائىرسىدە ئىرىشمىگەن نەرسىلىرىگە ئىرىشىشنى ئىزدەيدۇ.ئىگە بولغانسىرى تىخىمۇ كۆپ نەرسىگە ئىگە بولغۇسى كىلىدۇ.ئەمما ئۆز ساھەسىدە ئىرشىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان تەپەككۇر ئىگىلىرى كۆپۈنچە ھاللاردا شۇنچە كۆپ بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ ئىرىشكەن نەرسىلىرى تۆلىگەن بەدىلىگە ئەرزىمەي قالىدۇ.بەدەل تۆلەپ كۆرەش قىلىپ ئىرىشكەن نەرسىلىرى شۇ تەپەككۇر ئىگىسىنىڭ تەبىئى ھەققىدۇر ئەلۋەتتە.ئەمما شۇنچە بەدەل تۆلەپ ئىرىشەلمىگەنلىرىچۇ؟ بۇنىڭغا كۆرەشچان تەپەككۇر ئىگىسىنى ئەيىپكار تۇتۇش ئادىللىق بولمىسىمۇ ئاچچىق رېئاللىق ھەرقانچە كۆرەش قلىپمۇ لايىق بولغان نەرسىلىرىگە ئىرشەلمىگەن تەپەككۇر ئىگىسىنى ئەيىپلەيدۇ.ئاخىرقى نەتىجىنى تەغدىرگە تاشلاپ قويۇپ بىپەرۋالىق قىلغان بولسا ئاخىرنى يەنە شۇ تەغدىرگە ئارتىپ قويۇشتەك كۈلكىلىك ئاقىۋەت چىقىدۇ.
بۇنداق ھالەتتە نىمە ئۇچۇن شۇنچە كۆرەش قىلىپمۇ لايىق بولغانلىرىغا ئىرىشەلمەيدىغاندۇ؟دىگەن سۇئال تەبىئىلا تۇغۇلۇدۇ.
بەزىلەر بۇنى<تەلىيى يوقكەن>دەپ يەكۇنلىسە بەزىلىرى<نىسىپ بولماپتىكەن>دەپ يەكۈنلەيدۇ. ھەر ئىككلى خىل يەكۈن ئاخىرقى ئاچچىقنى بىسىش ئۈچۈن قىلىنغان تەسەللىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئۇنداقتا قانداق يەكۈنلەش مۇمكىن؟
مىنىڭچە مۇۋاپىقىيەتكە ئىشىنىپ قالغان بىراق ،مۇۋاپىقىيتىنى پەرق ئىتەلمىگەن دەپ يەكۇنلەشمۇ مۇمكىن.
چىڭ ئىشەنچ ۋە كۆرەش بىلەن بىرگە مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى غىل پال پەرق ئىتىشمۇ ، ئىرشىشكە ئىلىپ باردىغان ئامىلدۇر.
                                         بەزىلەر پەرق ئىتىش جەريانىدا كۆرەش قىلىدۇ
                                         بەزىلەر كۆرەش قىلىش جەريانىدا پەرق ئىتىدۇ.   (خاتىرەمدىن)
ھەر ئىككىلى خىل تۈردە مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولۇدۇ ئەمما مۇۋاپىقىيەت ئوبىكتىنى پەرق ئىتەلمىگەن كۆرەش، مۇۋاپىقيەتسىزلىك بىلەن نەتىجىلنىپ قىلىشى مۇمكىن. تۆلىگەن بەدەل بولسا بىكا كىتىدۇ. پەرىق ئىتىش بىلەن كىشىلەرنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن ياكى گەپ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.چىنلىق ياكى ساختىلىقنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.جەميەت مەسىللىرىدىن،ياكى ئىجتىمائىي مەسىللەردىكى پەرىقلەرنى پەرق ئەتكىلى بولۇدۇ.ھەرقانداق پەرقلەرنى بىر بىردىن پەرقلەندۈرگىلى بولۇدۇ.
                             بىر پەرقنى پەرقەتسەڭ شۇنداق پەرق ئەتكىنكى:شۇنى پەرق ئىتەلىگەنلىكىڭنى پەرق ئەت.
                             پەرق ئىتەلمىسەڭ ، پەرق ئىتەلمىگەنلىكىڭنى پەرق ئەت.(جېمىس ئاللېن.ئىنگىلىس يازغۇچىسى)
پەرق ئىتىش: تېمىمىزنىڭ جەۋھىرى بولغان ئۆتكۈرلۈككە باغلىقتۇر. ئۆتكۈرلۈك  پەرىقلەرنى پەرق ئىتىشتە يەككە ۋە ئالدىنقى قەدەمدە رول ئوينايدۇ.تەلەي بىلەن نىسىپ ئىككىنجى قەدەمدىكى مەسىلە.
مۇۋاپىقىيەتنىڭ يىڭى تەڭلىمىسى: ئۆتكۈرلۈك + پەرقىتىش + كۆرەش + ئىشەنچ = مۇۋاپىقىيەت.

ھەرقانداق تەپەككۇر ئىگىسى ئۆز كۆڭلىدە ئۆزىنى ناھايىتى ئۆتكۈر، ئەقىللىق، خىلى بىلىملىك چاغلايدۇ.بەزىدە ئۆز بىلەرمەنلىكى بىلەن باشقىلارنى مەڭسىتمەي ئادالەتسىز مۇئامىلە قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇسكى رېئاللىق
كىشىنىڭ ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسىتىشى، بىلەرمەنلىك قىلىشى ياكى باشقىلارنىڭ ئۇنى تەرىپلىشى بىلەن ئۆلچىمەيدۇ. ئەمىلىيەتتىكى قازانچ ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۆلچەيدۇ.
تۆۋەندىكى كىچىككىنە ئەمەلىي سىناق سىزنىڭ تۇنجى باسقۇچتا قانچىلىك ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى بەلگىلەپ بىرەلەيدۇ.ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە بولۇش، روھى ساغلاملىق،تەپەككۈرنىڭ توسالغۇسىز ئوچۇق بولىشى ۋە ئادەمىي پەزىلەتتىنمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. سىناپ بىقىشنى خالامسىز؟
695ce4ed3720904e5398fa022635c8fb.jpg

1. بۇ كۇۋادراتتىن قانچە كۇۋادرات بايقىدىڭىز؟
27 دىن كۆپ بايقىشىڭىز ئوتتۇرا ھال ئىكەنلىكىڭىزنى، مەۋجۇت ساندىن ئىشىپ كەتكىنىڭىز مىڭىڭىزنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقىنى،مەۋجۇت ساننى دەل تاپالىشىڭىز مىڭە ئىشلىشى  ئۆتكۈر باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
2.              3 : 5 : 7 : 9 : 11  :   ( 11 نىڭ كەينىگە قانچە كەلسە توغرا بولۇدۇ؟)
3a15e9191c4802e16572ff628b3ba153.jpg
16cf421f4473d78bcab3ec2bc3e20a8e.jpg

3. بۇ ئىككى پارچە رەڭسىز رەسىمگە قاراپ نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟تۇنجى ھىس قىلغىنىڭىز ياكى نىمىنى  كۆرگىنىڭىز موھىم.ئىجابىي بىر نەرسىنى ھىس قىلدىڭىزمۇ ،ياكى سەلبىيمۇ؟
OlegShuplyak07.jpg

4. بۇ رەسىمدىن نىمىلەرنى كۆردىڭىز؟

يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسىگە بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە توغرا جاۋاپ بىرەلىگەنلەر خىلى ئۆتكۈر مىڭىگە ئىگە دىيىشكە بولۇدۇ. قىسمەن جاۋاپ بىرەلىگەنلەر ئادەتتىكى ھىساپلىندۇ.جاۋاپ بىرەلمىگەنلەر، چۈشىنەلمىگەنلەر ياكى كاللا قاتۇرۇشنى خالىماي پەرۋا قىلمايدىغانلارنىڭ قانداق بولدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ بولار. ئىغىرلىقىنى يەر كۆتىرىپ،رىسقىنى ئىگەم بىرىپ ئاران كىتىۋاتقان پايدىسىز پارازىت دىسەكمۇ بولۇدۇ.
5. ئەڭ موھىم بولغان سىناق تۆۋەندىكىچە:

  بۇ سىندىكى نىگاتىپ (دىبەن)رەسىمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قارا چىكىتكە قاراپ تۇرۇڭ. پارالېل تولغاندا نىگاتىپ  رەسىم دەرھال ئەسلى ھالىتىگە كىلىدۇ.سىزگە رەڭلىك كۆرنىدۇ.
ئەسلىدە بولسا ئۇ بىر رەڭسىز رەسىم. بۇنى قانداق چۈشەندىڭىز؟
بۇنى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرسى چۈشنەلەيدۇ. چۈشىنەلىگەن كىشىلەرنىڭ مىڭە ئۆتكۈرلىك دەرجىسى: مەشھۇر شەخىسلەر، قىلغان ئىشىدا مۇۋاپىقيەت قازىنالايدىغانلار ۋە ئالىم ،ئىنژىنىر قاتارلىقلار چىقىقىدەك دەرجىدە يۇقۇرى.
(سىناقتىن ئۆتۈپ مۇئەييەنلەشتۇرۈلگەن)

                                          قىنى پەرق ئىتىپ بىقىڭ

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 18:10:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 18:29  

مۇۋەپپىقىيەت يەنىلا بىر پىسەنت تالانت ۋە 99پىرسەنت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ.بۇ تالانقا يەنە ئازراق تەلەيمۇ ياندىشىپ كەلگەن بولىدۇ.بىر مەيدان پۇتبۇل مۇسابىقىسىنى كۆرسىڭىز كۈچلۈك كوماندىنىڭ تەلىيى كەلمىسە ئىسىل ھۇجۇم قىلسىمۇ توپى ھامان ۋارتانىڭ تۈمۈرىگە تىگىپ چىقىپ  كىتىپ ئاخىرى ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.بۇنداق مۇسابىقىلەر نۇرغۇن.بۇ ھەرگىز ئۇلارنىڭ تېخنىكىسنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس بەلكى تەلىينىڭ يوقلىقىدىن. پۈتكۈل مۇسابىقىنى كۆرسىڭىز ھەقىقەتەن ئاشۇ تەلىيى قېچىپ ئۇتتۇرغان كوماندىنىڭ ھەممىدىن ياخشى تەپكەنلىكىنى بايقىيالايسز.گەرچە بۇ ئايرىم ئەھۋال بولسىمۇ لىكىن بەزىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا كەم بولسا بولمايدۇ،يەنە كىلىپ بۇ ھەرگىزمۇ ئىنساننىڭ ئۆزىگە تەسەللى تېپىش ئۈچۈن تاپقان سۆزى ئەمەس.ئالىملار ئەمەلىي ئىسپاتلىغان نەرسە.تەنتەربىيگە قىزىقىدىغانلار بۇنى چۈشىنىدۇ.ئۇندىن باشقا تۇرمۇشتا بۇنىڭدىن سىرت مىساللار نۇرغۇن.ھەممە ئىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتا تىرىشچانلىققا تاينىش كېرەك.بەزەنلەر چوڭراق مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدۇ يەنە بەزەنلەر ئوخشاش تىرىشسىمۇ چوڭ مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشەلمەيدۇ.بۇ دەل ئۇلاردىكى ئوخشىماسلىق -تالانت. بۇ تالانت دەل سىز ئېيتقان ئۆتكۈرلۈك ،پەرق ئىتىش ئىقتىدارى ،ئىشەنچ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇندىن باشقا تالانلىق كىشىەلەردە بىرخىل كۈزىتىشكە ماھىر بۇلۇش،مەسىللەرنىڭ نىگىزىنى ئاسانلار بايقاش ،كۈچلۈك بولغان تەدبىقلاش ئىقتىدارى،قانۇنىيەتنى ئاسانلا ھېس قىلش قابىلىيتى،قەتئى بوشاشماس ئىرادىسى  بولىدۇ. كۆرەش دىگىنىڭىز شۇ  تىرىشچانلىق دىگەن شۇ.بۇ ئېنىقلىمىڭىز دەل مۇۋەپپىقيەت تالانت بىلەن تىرىشچانلىققا باغلىق دىگەن گەپنىڭ كېڭەيتىلىپ ئېيتىلىشى.شۇڭا تالانلىقلارنىڭ  تەپەككۇرى باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ.بىز تاغنى كۆرسەك ئۇلار تاغنىڭ كەينىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ تالانت ئادەمنڭ مېڭە تەرەققىياتىغا باغلىق نەرسە. ئۇنى ئۆگىنىمەن دەپ ئۆگەنگىلى بولمايدۇ.شۇڭا ھەممە ئادەم تىرىشىپ ئۆگەنسىلا ئالىم بولالمايدۇ.تىرىشپ ئۆگەنسىلا ئېينىشتىيتدەك نەتىجە يارىتالمايدۇ.ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجلىرىنىڭ ئاز كۆپلىكى ھامان پەرق قىلىدۇ.لىكىن ئىنسان مەيلى ئاز بولسۇن مەيلى كۆپ بولسۇن ئۆزىگە تۇشلۇق ئۆز ئىقتىدارىغا تۇشلۇق نەتىجە قازىنىشقا تىرىشىشى كېرەك.ھەرگىزمۇ مەن تالانلىق ئەمەسكەنمەن دەپ بوشاپ قالماسلىقى كېرەك.مۇۋەپپىقىيەت تالانتىن باشقا يەنە ئاسالىق تىرىشچانلىققا يەنە ئازراق تەلەيگە باغلىق. ئۇندىن باشقا ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىغا مۇقىم قېلىپ يوق. مەلۇم ئۇسۇللار بىلەن ئۇنداق مۇنداق دەپ ھۈكۈم چىقىرىش مۇمكىن.لىكىن بۇ ھەممە ئادەمگە ئورتاق نەرسە ئەمەس. چۈنكى ئىنسان ناھايتىمۇ مۇرەككەپ ھاياتلىق. لىكىن بىزگە بىر نەرسە ئايان بولسا بولدى.يەنى ئۆز نىشانى ئۈچۈن تىرىشقانلىكى كىشى ھامان ئۆزى رازى بولغىدەك نەتىجىگە ئىرىشەلەيدۇ. چۈنكى ياراتقان ئېگىسى تىرىشقانلارغا لايىق نەتىجە بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىرىشكەن نەتىجىسى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە چوڭ بولمىسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ نەزىرىدە چوڭ ھېساپلىنىدۇ. خۇددى تۇنجى قېتىم گەپ قىلغان بالا قاتتىق خوشال بۇلۇپ كەچكىچە بىرنىمىلەرنى دەپ يۈرگەندەك.خۇددى بىر سەنئەت بۇيىمى ياساشنى نىيەت قىلىپ ياساپ چىقتىڭىز بۇ چاغدىكى خوشال ھېسياتنى سىزلا چۈشىنىسىز.ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ ئالى مەكتەپكە كىردىڭىز بۇ چاغدىىكى ھېسياتنى سىزلا چۈشىنىسىز.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ تۇرمۇشىدىكى چوڭ كىچىك مۇۋەپپىقىيەتلەر.بۇ مۇۋەپپقىيەتلەر بىزگە خوشاللىق ئېىلىپ كېلالىسا ،ئۆز نىشىانىمىزغا يەتكەن بولساق شۇ كۇپايە.يەنە بىربالداق ئۆرلەش ئۈچۈن تىرىشساق بولىدۇ. لىكىن ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيتىگە ھەۋەس قىلىپ ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ . ئادەم ئۆزلۈكى بىلەن گۈزەل،ئۆز خاسلىقى بىلەن گۈزەل. سىز پەقەت ئۇلارنىڭ تىرىشىش روھىدىن ئۆگەنسىڭىز بولدى.لىكىن ئۆزىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كەمسىتىپ يۈرمەڭ. بۇ سىزنى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 18:11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«بۇنى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرسى چۈشنەلەيدۇ. چۈشىنەلىگەن كىشىلەرنىڭ مىڭە ئۆتكۈرلىك دەرجىسى: مەشھۇر شەخىسلەر، قىلغان ئىشىدا مۇۋاپىقيەت قازىنالايدىغانلار ۋە ئالىم ،ئىنژىنىر قاتارلىقلار چىقىقىدەك دەرجىدە يۇقۇرى.»
بۇ دەرىجىدە كېسىپ دېگىلى بولماسمىكىن.
ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسىنى ھېسابلايدىغارن ئېمتىھان سۇئاللىرىنىڭ بىرى ئوخشايدۇ، ئەمما بىلىشىمچە خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن كېيىن ئەقىل بۆلۈنمىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەسلىكى توغرىسىدا تەتقىقات نەتىجىلىرى بارلىققا كەلگەن.

0

تېما

9

دوست

2060

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 620
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 18:13:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن مەزكۇر تېمىدىكى مەزمۇنلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغايدىكەن، بولۇپمۇ ئۈچ پارچە رەسىم. تولىمۇ ياقتۇردۇم.

5

تېما

3

دوست

4923

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7694
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 587
تۆھپە : 1128
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 18:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئىشلەپ باقاي:
1-سۇئالدا:
رەسىمدە 33 كۋادرات باركەن.
2-سۇئالدا:
شۇ بىر گۇرۇپپا سانلار تەرتىپگە ئاساسەن، 11 نىڭ كەينىگە 13 كەلسە، داۋاملاشتۇرغاندا ئىككىدىن قوشۇلۇپ ماڭسا توغرا بولىدۇ.
3-سۇئالدا:
ئۈستىدىكىسى پەيدىن ياسالغان بىر زىننەت بويۇمىنىڭ سىممىتىرىك شەكلى، ئاستىدىكىسى بىر پاي ئاياقنىڭ سىممىتىرىك شەكلى بولۇپ، ئىجابىي بىر نەرسىنى ھېس قىلدىم، يەنى نەقىش ھاسىل بولغاندەك. سەلبى تەسىر ھېس قىلمىدىم.
4-سۇئالدا:
ئۈستى بۇلۇتلۇق ئاسمان، يەر يۈزىدە ئىككى ئۆي، ئۆيگە تۇتاشقان چىغىر يول، ئەڭ يېقىنىدا ئوتلاۋاتقان قويلار ۋە قاراۋاتقان پادىچىنى كۆردۈم. يەنە بۇ رەسىمدىكى نەرسىلەردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ چوڭ، قۇيۇق بۇرۇتلۇق بىر چىراي شەكىللەندۈرۈلگەن.
5-سۇئالدا:
كۆز ۋە نۇرنىڭ بەزى چاغدىكى مېڭىگە بولغان ئىنكاسىغا دائىر بىر قىسىم بىلىملەرنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. جاۋاب بېرەلمىدىم.

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahadiryigit يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 18:10
مۇۋەپپىقىيەت يەنىلا بىر پىسەنت تالانت ۋە 99پىرسەنت تىر ...

سىزنىڭ دىگەنلىرىڭىز كىتاپتىكى نەزىريە.بۇيەردە ئەمىليەت بار.
ئەمىليەت بار يەردە نەزىريە چۆكۈپ قالىدۇ. 1 پىرسەنت تالانت 99 تىرىشچانلىق دىگەن ئىشچى دىھقان كۆز قارىشى بويۇنچە ناخشا مۇزىكىنى روھنىڭ مەھسۇلاتى دىمەي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلاتى دىگەندەك گەپ بولدى.  قېنى ئەمسە يۇقۇرقى مەزمۇنلارغا جاۋاپ بىرىپ بىقىڭ. تالانتىڭىزنىمۇ تىرىشچانلىقىڭىزنىمۇ ئىشقا سىلىپ بىقىڭ.

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sayaq يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 18:11
«بۇنى مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئىچىدىن بىرسى چۈشنەلەيدۇ.  ...

توغرا دەيسىز، مۇۋاپقىيەت قازىنىش بىلەن ئەقىلنىڭ ئانچە كۆپ مۇناسىۋتى يوق.
ئەمما دىققەت قىلغان بولسىڭىز «ئۆتكۈرلۈك»دىگەن ئۇقۇم بار. ئۆتكۈرلۇك نوقۇل ئەقىل بىلەنلا ئەمەس روھ بىلەنمۇ ئىلىپ بىرلىدۇ.يەنى ئۆتكۈرلۈك دىگەن روھنى ۋە ئەقىلنى ئىشلىتىش ۋاستىسى دەپ چۈشەنسەك توغرا بولار.كىيىنكى مەزمۇننىڭ توغرۇلۇق دەرجىسى يۇقۇرى.يەنى ئالى مەكتەپتە نەچچە يىل سەرىپ قىلىپ ئۈگىنىدىغان بىلىملەرنى مۇتەخەسىسلەر مۇشۇنداق قىسقا يول ئارقىلىق ئۈگىندىغان قىلىپ تىخىمۇ ئاسانلاشتۇردى.مەنغۇ چوقۇم شۇنداق دەپ كىسىپ ئىيتىۋەتمىدىم.شۇنداقتىمۇ ئۇ مەزمۇن توغرۇلۇق قايتا باش قاتۇرۇپ باقارسىز.

8

تېما

25

دوست

5048

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1500
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tiken يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 18:27
مەن بىر ئىشلەپ باقاي:
1-سۇئالدا:
رەسىمدە 33 كۋادرات باركە ...

سىزنىڭ يەكۈنىڭىزنى كىيىنرەك دەپبىرەي، بولمىسا تورداشلار سىزدىن كۆچىرۋالمىسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )