قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1577|ئىنكاس: 4

[تەرجىمە ماقالە] پەھلەۋىي خاندانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2161

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 692
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 19:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 19:56  

پەھلەۋىي خاندانى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش


موھەممەد رېزا تاج كەيگۈزۈش كۈنىدە ئائىلىسى بىلەن بىللە

     پەھلەۋىي خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلىغىچە) قاجار خاندانى (خۇرشىدىي بىر مىڭ بىر يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىغا قەدەر ئىرانغا ھۆكرانلىق يۈرگۈزگەن) ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغان خاندانلىقتۇر.

     رېزاخان مىرپەنج (مىرپەنج - قاجار قوشۇنىدىكى قۇرۇغلۇق ئارمىيە بېرىگادا گېنىراللىغى بولۇپ، سەرتىپتىن ئۈستۈن ئەمىرتۇماندىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ)  خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ۋە ‹ۋەزىرى جەڭ› بولغان ۋە سەيىد زىيا باش ۋەزىر بولۇپ، قىسقا مۇددەتتىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانىدى. كېيىنچە رېزاخاننىڭ مەقامى رەئىسولۋەزەرا (باش ۋەزىر؛ ئىچكىي كابىنېت باش مېنىستىرى ۋەزىرى) لىققا يەتكەن ۋە رېزاشاھ پەھلەۋىي، ‹شاھى ئىران› ۋە پەھلەۋىي سۇلالەسىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى.

     موھەممەد رېزا پەھلەۋىي خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر شاھى ئىران بولىدۇ. موھەممەد رېزا خۇرشىدىي بىر مىك ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن، پادىشاھلىق مۇتلەقلىغىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە كېيىنچە ‹ئېنقىلابى ئىران› نىڭ يۈز بېرىشى بىلەن سەھنىدىن چۈشۈرۈلىدۇ ۋە ئىراندىكى  پادىشاھلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئاخىرقى رەھبەرى سانىلىدۇ.


پەھلەۋىي شاھلىرى
رېزا شاھ پەھلەۋىي
:
     رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈزئەللىگ ئالتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى مازەندەراننىڭ ئالاشت شەھىرىدە تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمە ئۈچۈنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ژۇھانىسبۇرگدا ئۆلگەن) رېزاخان، رېزاخان مىرپەنج، رېزاخان سەردارسېپەھ ۋە ئاندىن رېزاشاھ لەقەبلىرى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلغىچە ئىراننىڭ باش ۋەزىرى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلىدىن بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلغىچە پادىشاھى ئىران ۋە پەھلەۋىي سەلتەنەتىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىدى. رېزاشاھ پادىشاھلىغى قاجارىيان ھۆكۈمرانلىغىنىڭ پايانى ۋە پەھلەۋىي ھۆكۈمەتىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، ئۇ سەۋادكۇھ شەھرىستانىدىكى ئالاشت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرانىنى پېقىرلىقتا ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياشلىغىدا ئارمىيەگە ئەگىشىپ، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان توققۇزىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنىدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگۈرۈشتە قەزاق (يەنى كازاكلار. قازاقلار ئەمەس) كۈچلىرى رېزاخاننىڭ قوماندانلىغىدا تېھراننى ئىشغال قىلدى. رېزاخان ‹ۋەزىرى جەڭ› مەقامىدىكى دەسلەپكى مەزگىللەردە نائاراملىقلار ۋە بۇلاڭ-تالاڭنى كۆزدىن يوقاتتى. خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئىككىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ ئۈچۈنچى كۈنى رېزاخان، ئەھمەدشاھ قاجارنىڭ پەرمانى بىلەن باش ۋەزىرلىككە مەنسۇب بولۇپ، باشتا جۇمھۇرىيەتخاھلىق يولىدا تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز تۆتىنچى يىلى پادىشاھلىققا يەتتى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى ئىران ئىشغالىدىن كېيىن، ئانتانتا دەۋلەتلەرنىڭ دەستىدە، بېرىتانىيا (ئەنگىلىيە) نىڭ بېسىمى تەھتىدە تۈرك سەلتەنەتىگە كەتكىلى مەجبۇر بولدى ۋە ئۈچ يىلدىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ژۇھانىسبۇرگدا ۋاپات بولدى.


رېزا شاھ پەھلەۋىي


موھەممەد رېزا شاھ:
      موھەممەد رېزا پەھلەۋىي (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز توقسان سەككىزىنچى يىلى ئابان ئېيىنىڭ تۆتىنچى كۈنى تېھراندا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى قاھىرەدە ئۆلگەن) پەھلەۋىي سۇلالىسىنىڭ ئىككىنچى شاھى، ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەر ھۆكۈمەت قىلغان ئاخىرقى ‹پادىشاھى ئىران› ئىدى. موھەممەد رېزا شاھ ئاۋۋالقى قېتىمدا ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىكى ئىران ئىشغالىنىڭ پېيىدا، ۋە ئىككىنچى قېتىمدا خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئىككىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگۈرۈش بىلەن قۇدرەتكە يەتكەن ئىدى. ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىچى يىلىدىكى ئېنقىلاب بىلەن ھۆكۈمەتتىن يىغىشتۇرۇلغان ئىدى.


موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىي


     ئۇ - رېزا شاھ ۋە تاجولمولۇك ئايروملۇ (خۇرشىدىي بىر مىڭ ئىككى يۈز يەتمىش تۆتىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى باكۇدا تۇغۇلۇپ، بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىشىنچى يىلى ئېسفەند ئېيىنىڭ ئون توققۇزىنچى كۈنى ئاكاپولكودا ئۆلگەن. ئۇ رېزا شاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنى، موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ ئانىسى بولۇپ، پەھلەۋىي دەۋرىدە ‹مەلىكەيى مادەر›، مەلىكەيى ئىران ناملىرى بىلەن مەشھۇر ئىدى) نىڭ نىكاھىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ئالتە ياشقا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئاتىسى شاھ بولغان ۋە ئۇ ۋەلىئەھدلىككە يەتكەنىدى. ئۇ مۇقەددەماتلىق تەھسىلاتىنى تېھراندا ۋە ئوتتۇرا تەھسىلاتىنى سۇئىستا تامامىغا يەتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىرانغا قايتاشىدا ئەفىتسېر ئىنىستىتۇتىدىن ئىككىنچى سوتۋان (لېيتېنانت) لىق دەرىجىسى بىلەن مەكتەب پۈتكۈزگەن ئىدى. ئۇ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى ۋە ئىران ئىشغالىغا ھەمزامان مەزگىلدە، يەنى يىگىرمە ئىككى يېشىدا پادىشاھلىققا يەتكەن ۋە خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز يىگىرمىنچى يىلى شەھرىۋەر ئېيىنىڭ يىگىرمە بەشىنچى كۈنىدىن تاكى بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ يەتتىنچى يىلى بەھمەن ئېيىنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى كۈنىدىكى ‹ئىنقىلابى ئىران› غا قەدەر، ئىرانغا پادىشاھلىق قىلغانىدى. دەسلىپىدە كەم قۇدرەتكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئىران ئىشغالىنىڭ پايانىدا، خارېجىي كۈچلەرنىڭ مەملىكەتتىن چىقىپ كېتىشى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئارقا تېرەك بولۇشى ھەمدە باش ۋەزىر ۋەقت ۋە قەۋاموسسەلتەنەلەرنىڭ سىياسەتى بىلەن، ئازەربەيجان ۋە كوردېستاندىكى ئۆز-ئۆزىگە ئىگە ھۆكۈمەتكە خاتېمە بەرگەنىدى. شۇنداقلا ئاتىسى ئۆز ئىگەلىرىدىن تارتىۋالغان زېمىنلارنى بۇرۇنقى ئىگەلىرىگە ياندۇرۇپ بەرگەن ئىدى.


مەلىكەيى ئىران -موھەممەد رېزا شاھ پەھلەۋىينىڭ ئانىسى


     ئۇ ئۆز ھايات مۇساپىسىدە، ئۆزىنىڭ ھاياتى ۋە ئىران ھەققىدە تۆت كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن قىسقا مۇددەت ئىلگىرى پايانىغا يەتكەن ئىدى. ئۇ ئاقىبەتتە، خۇرشىدىي بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئەللىگ توققۇزىنچى يىلى مورداد ئېيىنىڭ بەشىنچى كۈنى ئاتمىش بىر يېشىدا، لىنفا تۈگۈنى ياللۇغى ئەسىرىدە مىسىردا ئۆلگەن ۋە قاھىرەنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسجىدلىرىدىن بىرى رەفائىي مەسجىدىدە يەرلىككە قولغان ئىدى.


مىسىر قاھىرەدىكى رەفائىي مەسجىدىدىكى ئىراننىڭ ئاخىرقى پادىشاھى موھەممەد رېزا پەھلەۋىينىڭ مەقبەرىسى

مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D9%BE%D9%87%D9%84%D9%88%DB%8C%D8%A7%D9%86

26

تېما

13

دوست

5757

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1576
توردىكى ۋاقتى: 721
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-2 23:32:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىللەت  مىللەتتە بولمايدۇ   بەلكى شەخىستە بولىدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

490

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31035
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 13:24:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراننىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگە قوشقان تۆپىسى ناھايىتى يۇقۇرى ،قەدىمدىن باشلاپ بۇلار ئۆزگىچە بىر مەدەنىيەت ئەندىزىسى تۇرغۇزغان .بۇگۇنكى كۇندىمۇ ئىسلامىيەت تارىخى ئەرەپلەردىن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان ئىران ئۆزگىچە بىرخىل ئىسلامىيەتنىڭ يۇلىنى تۇتۇپ كەلمەكتە.پارىسچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىسلام ئىدىلوگىيسىنى رۇياپقا چىقارغان ئىران ئىسلام دۇنياسىدا ،ئەرەپلەردىن مۇستەسنا ھالدا غەرىپ بىلەن ياكى غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن تىركىشەلەيدىغان كۇچكە ۋەكىللىك قىلماقتا.

0

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30943
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 14:07:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئىراندا قىدىمقى مەدىنيەت ئەندىزسى بار.مىنىڭ ئاڭلىشىمچە ھىلىقى شىيئە دىگەن مەزھەپنىمۇ ئىرانلىقلار ئىجات قىلىپ مۇسۇلمانلار ئارسىغا بۆلگۈنچىلىك ساپتىكەنغۇ؟
ئىران غەرىپ بىلەن ياكى غەيرى مۇسلىم بىلەن تىركىشەلمەيدۇ.خەلقارادا ئۇنچىلىك گىپى ئۆتىدىغان دۆلەت ئەمەس، پادىشالىق مەزگىلدە ياخشىكەنتۇق. ھومەينى ئەپەندىم ئىنقىلاپ قىلىپ ئىراننى كۆپ چىكىندۇرۋەتكەن.ئىراننىڭ گىپى شۇ ئۆزنىڭ خەلقىگە ئۆتىدۇ.ئۇمۇ شۇ دىكتاتور دۆلەت.

0

تېما

1

دوست

1881

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28269
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 558
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 00:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىراننى  ئوغۇز تۈرۈكلىرىنىڭ غەزنەۋىلەر خانلىقى، سەلجۇقىيلار دۆلىتى ئۇنىڭدىن كىيىنكى سافاۋىيلەر خانلىقى قاتارلىق تۈرۈك ھۆكمىرانلىرى 1000 يىل ئىدارە قىلغان تارىخنىمۇ بىلسەك بوپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )