قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: yuzbexi

دات پادىشاھىم ،دات ( ۋالى مەڭلىك سېيىتقا )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە  ئۇمۇت  مۇشۇ  يۇرت  ئاتىمىزدا   قالدى  ،چۇقۇم  ھەل قىلدۇ  بۇ ئىشنى  .ۋاقتى  چىقمايۋاتقان  بۇلشى  مۇمكىن  .خەلىقنىڭ ئۇمىدىنى  يەردە قۇيمايدۇ  بۇ ۋالى  ،خېلى غۇرۇرلۇق  ۋىجدانلىق  ئادەم  .

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:38:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozturuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 18:55  


  2 تورداش ماڭا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ قومۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى توغرىسىكى مەزمونغا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى ..
  قارىغاندا بىر قىسىم تورداشلارنىڭ خەۋىرى يوق ئوخشايدۇ .
   3-ئاي مەزگىىلىدە باغداش تورى يەنى شىنجاڭ باغداش ئېلىكتىرون پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قومۇلدىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ، ئاتا -ئانىلار ئۈچۈن پىسخىلوگ ئەلى مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ قومۇلدا بىر مەيدان ئۇنۋېرسال لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرغان . ھەمدە قائىدە تەرتىپلەر بويىچە ئىلتىماس يېزىپ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى xxx خانىمنىڭ يېنىغا ئىلتىماسنى كۆتۈرۈپ كىرگەن ،xxx خانىم ئىلتىماسنى كۆرگەندىن كېيىن ئالاھىدە مۇشۇ خىل پائالىيەتلەر توغرىسىدىكى ھۈججەتلەرنى بىر قۇر كۆرگەندىن كېيىن ئۆزىگە ۋاكالىتەن ئەمەس قومۇل ۋىلايەتلىك تەشۋىقات ئىدارىسىغا ۋاكالىتەن لېكسىيەنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا تەستىق سېلىپ ئىمزا قويغان .
   باغداش تورى تەستىق ئالغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى كەڭ تەشۋىق قىلغان ،ھەمدە 400 دىن ئارتۇق بېلەتنى لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارغا سېتىپ چىقىرىپ بولغان ، پائالىيەتتە تەييارلىق قىلىنىپ لېكسىيە سۆزلىنىشكە ئىككى كۈن قالغاندا xxx خانىم ئۆزى سالغان تەسىقتىق تۇرۇقلۇق پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدا باشقىلار ئارقىلىق خەۋەر قىلغان . ھەتتا يازمىچە قويغان تەستىقنى بىۋاستە خەۋەر قىلماي باشقىلار ئارقىلىق باغداش تورىغا بۇ لېكسىيەنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ قويۇشنى ئېيتىپ ئۆزى ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن .
  شۇ كۈنى لېكسىيە ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن 400 دەك ئامما لېكسىيە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇقام مەركىزى ئالدىدا خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۈمىدسىزلىنىپ تۇرۇپ قالغان ،راستىنلا پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە بولمامدۇ دىگەندە بۇ پائالىيەت توختىىلىپ ھەپتە ئۆتمەي شۇ xxx باشلىقنىڭ باشچىلىقىدا قومۇلدا بىيىت ئېيتىتىش يەنە بىر نىمە پائالىيەتلىرى قايناپ كەتكەن ، ئەكسىچە بىر بىلىم ئېلىش سورۇنى مەسئولىيەتسىزلەرچە قالدۇرۋېتىلگەن .
  بۇ مەسئولىيەتسىز قىلمىش خېلى كۆپ سورۇنلاردا پاراڭ بولغان بولسىمۇ غۇنچەم باشلىق ھازىرغىچە بۇنىڭغا ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن . ئۇ ئىش جاۋاپسىز پېتى قالدى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozturuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 18:55  

بەزى ئىشلار ئەنە شۇنداق جاۋاپسىز قالدى

34

تېما

0

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  860
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 948
تۆھپە : 720
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozturuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-4 10:43  

دات پادىشاھىم دات ، مەڭلىك ۋالىي بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ قالغايلا ، تۆۋەنكى بولسا شۇ چاغدا باغداش تور بېكەت مەسئوللىرى ئېلان قىلغان بايانات :


ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلايلى


            ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، مەركەزدىن ، ئاپتونوم رايوندىن ئىسلاھات ئشىكىنى كەڭ ئېچىپ مەنىۋى -مەدەنىيەت قۇرۇلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ھەرخىل شەكىللەر بىلەن يوقىرى ۋە ئاساسى قاتلاملاردا كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزىلىۋاتقان پەيتلەردە باغداش مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى ، باغداش تورى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇش ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى  بېيىتىش  مەقسىتىدە قومۇل ۋىلايىتىدە بىر مەيدان ئىلمى بولغان لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى قومۇل ۋىلايىتىگە بېرىپ ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۆلىمى مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم خانىم بىلەن بۇ توغرىسىدا سۆزلەشكەن ھەم بىر پارچە دوكلات سۇنغان ، غۇنچەم خانىم  دوكلاتنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزسەك بولدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇ دوكلاتقا ئىمزا قويغان ئىدى.
        شىركىتىمىز تەستىق ئالغاندىن كېيىن بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ھەرقايسى جەھەتلەردىن تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قومۇل ۋىلايىتىدە 300 دىن ئارتۇق كىشى بېلەت  سېتىۋېلىپ بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈشكە 3 كۈن قالغاندا بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى دەسلەپ تەستىقلىغان تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم خانىم بىزگە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جىددى ئۇقتۇردى . نىمە ئۈچۈن دەسلەپ ئۆزى تەستىقلاپ يەنە ئۆزى ئەمەلدىن قالدۇرۋەتتى ،  دەسلەپ چۈشەنچە بېرىپ : ھېچقانداق پائالىيەت ئۆتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ، كېيىن بىز داۋاملىق ئالاقىلىشىپ قومۇل پۇقرالىرى ، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زور پايدىسى بولدىغان بۇ  پائالىيەتنى ئەمەلدىن قالدۇرماي بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈشنى مۇراجەت قىلغاندا ئىزچىل جىم تۇرىۋالغان .ئارقىدىن پائالىيەتكە بىر كۈن قالغاندا غۇنچەم خانىم : مەن قىلماڭلار دىمىدىم . رەسمىيەت تولۇق ئەمەس ، دىگەن جاۋاپنى بەرگەن ، ھەمدە قانداق رەسمىيەت كېرەك ، نىمە ماتىرىياللار كېرەك بىز قىلايلى دىگەن سوئالغا جاۋاپ بەرمىگەن ،ئەگەر راستىنلا رەسمىيەت تولۇق بولمىسا نىمە ئۈچۈن دەسلەپتە ئېيتمايدۇ ، بىر ئورگاننىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەتقان ئادەم نىمە ئۈچۈن رەسمىيەت تولۇق بولمىسا دەسلەپتە تەشۋىقات بۆلىمىگە ۋاكالىتەن ئىمزا قويۇپ بۇ پائالىيەتنى تەستىقلايدۇ . ئارقىدىن ئۆتكۈزمەسلىكنى ئۇقتۇرۇپ بىر شىركەتنىڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئوينىشىدۇ .   
      نۇرغۇن تىرىشچانلىق قىلىپ قومۇل خەلقى تەقەززا بولىۋاتقان بىر مەيدان لېكسىيە مۇشۇنداق سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى ئۆتكۈزۈلىشكە ئۈچ كۈن قالغاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ،بىز ناھايىتى ئەپسوسلىنارلىق ئىچىدە بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ،بېلەت سېتىۋالغان تورداشلاردىن چوڭقۇر  كەچۈرۈم سورايمىز . بېلەت سېتىۋالغان تورداشلارنىڭ بېلەت سېتىۋالغان ئورۇنغا بېرىپ بېلەتنى قايتۇرۇپ پۇلنى ئېلىۋېلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز .

                                                                       ھۆرمەت بىلەن : باغداش تور بېكىتى

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6587
توردىكى ۋاقتى: 1551
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
./thread-18549-1-1.html
قومۇل شەھەرلىك لۇنىڭ ئۈمىد مەكتىپى(ئەسلىدىكى ئۇيغۇر 1-باشلانغۇچ بىلەن خەنزۇ 2-بەشلانغۇچىنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان مەكتەپ) خەت!

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇنبەردىكى بىرەيلەن ماڭا ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. ئۇچۇر مەزمونى:- لۇنىڭ مەكتەپتىكى ئىككى سىنىپنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى(بىرىنچى سىنىپتىكى) تىقما-تىقما ھالەتتە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىكەن. سىنىپنىڭ ئىچى ئىنتايىن قىستاڭچىلىق ۋە بەدبۇي پۇراقلار تولۇپ كەتكەنلىكتىن بالىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈش نىسپىتىمۇ ئىنتايىن ناچاركەن. ئادەتتە سىنىپتىكى بالىلار يېرىمىدىن كۆپرەكى ئانا تىل ئەدەبىيات دەرسى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىكەن. بولسا سىز بېرىپ ئاشۇ مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرىنى زىيارەت قىلىپ،  بۇ ئىشنى جەمئىيەتكە ئاشكارلىشىڭىزنى، كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلىرىمىز ئۈچۈن بىر قەلەم تەۋرىتىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن...
   بىراق، خىزمىتىمنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبلىك ئۇ كىشىگە ۋاقتىدا ئۇچۇر قايتۇرالمىدىم، بۈگۈنمۇ  تورغا چىقسام ئۇ كىشى يەنە نۇرغۇنلىغان يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ، تېلېفۇن نومۇرىنىمۇ قالدۇرۇپتۇ. بىز تېلېفۇندا كۆرۈشتۇق. ئەسلىدە بۇ كىشىنىڭ بىر ئاغىنىسىنىڭ بالىسى ئاشۇ لۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، دەل ئاشۇ بالا ئوقۇيدىغان سىنىپتا 70 نەپەر نارسىدە بالا قوتاندىكى قويدەك قىستاڭچىلىق ئىچىدە ئوقۇيدىكەن...ھەتتا، ئائىلە باشلىقلىرى بىر قانچە قېتىم مەسئول مۇئەللىملەرگە بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بىچارە سەبىيلەر يەنىلا ئازادە سىنىپلارغا بۆلۈنمەپتۇ. مۇشۇنداق ناچار مۇھىتتا قانداقمۇ بىلىم ئىگىلىگىلى بولسۇن؟! تېخى مەكتەپ ئاتا-ئانىلار يىغىنىنى مەكتەپ رادىيوسىدىلا ئاچىدىكەن. مەكتەپ مۇدىرى رادىيودا ئۇنداق قىلدۇق، بۇنداق قىلىمىز دەپ سۆزلەيدىكەن، پىكىرى بار ئاتا-ئانىلار ئۇنى ئىزلەپمۇ تاپالمايدىكەن...ئەرز-شىكايەتلىرىنى ئېيتالمايدىكەن؟! بۇ زادى قانداق مەكتەپ مۇدىرى؟! بۇ ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمىگەن دادا ئۆز ئاغىنىسىغا ۋايساپ سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچىراپ ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتقان مەزكور تورداشق بۇ دەرتلىرىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي ماڭا تۆكۈپتۇ. ئەلقىسسە، مېنىڭ قىزىممۇ بۇ ئۇيغۇر، خەنزۇ مەكتەپلىرىنى قوشۇۋېتىشتىن تېخىمۇ قىستاڭچىللىققا تولغان لۇنىڭ دېگەن مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. بىر قانچە قېتىملىق ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا بالىنىڭ ئاپىسى بېرىپ قاتناشقانتى ۋە قايتىپ كېلىپ رادىيو مۇدىرنىڭ توختىماي رادىيودىلا لولاڭشىپ كېتىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كايىغانتى. خۇددى يەتمىشىنچى يىللاردىكى مەدىنىيەت زور ئىنقىلابىنى تەشۋىق قىلىدىغان رادىيولاردەك!...مەكتەپ دېگەن بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ، تەربىيەلەيدىغان ئورۇن، لېكىن، مەكتەپ مۇدىرى ۋە مۇئەللىملەر ئاتا-ئانىلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىمىسا، ئاڭلىسىمۇ ئۆزگەرتمىسە، بۇنداق مەكتەپنى نىمە دېسەك بولىدۇ؟! بالىلارغا، كەلگۈسىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان سەبىيلەرگە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرەيلى!
   مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە، بىچارە بالىلىرىمىزغا كېلىۋاتقان بېسىملار ھېلىمۇ يېتەر...يۈرەك پارىلىرىمىزنى تۈگىمەس تاپشۇرۇق تاغلىرى باستى! جانىجان جىگەرلىرىمىزنى ئەخلەت يىمەكلىكلەر زەھەرلىمەكتە! مىللىتىمىزنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنى خاتا مائارىپ تۈزۈلمىلىرى مەرىپەت كۆكىدىن ساقىتماقتا! گۈدەكلەرنىڭ چېھرىدىكى شوخ كۈلكىلەر ئۆچتى، ئۇلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن ۋىلىقلاپ كۈلەلمەيدىغان، ئەركىن قۇشلاردەك چاڭىلداپ سۆزلىيەلمەيدىغان بولۇپ قالدى! بۇنىڭ مەسئولىيىتىگە زادى كىم ئىگە؟! ئاتا-ئانىمۇ؟! مەكتەپمۇ؟! مائارىپ ئىدارسىمۇ؟! ۋەياكى دۆلەتمۇ؟!...ئەنە مۇنبەرگە قاراڭ! مائارىپتىن زارلايدىغان سان-سانقسىز تېمىلار يوللىنىۋاتىدۇ، خەلق مائارىپتىن نەپكە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق بولىۋاتىدۇ...
   مېنىڭ بىر مۇئەللىم ئاغىنەم دائىم زارلىنىپ: ئاداش مۇشۇ كۈنلەردە سىنىپقا كىرسەملا يىغلىغۇم كېلىدۇ،چۈنكى، بۇ بىر ئەۋلاد بالىلار كۆز ئالدىمىزدىلا تىرىك مۇردىلارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ! بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈر پىكىرلىك بالىلار يوق، ھەممىسى روھى چىقىپ كەتكەندەك بېزىرىپ ئولتۇرۇشىدۇ...نەتىجىمىز بەك تۆۋەن!ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى يالغان مەلۇم قىلىشقا كۆنۈپ كەتتۇق، بىزگىمۇ ئامال يوق! مۇمكىن بولسا يول مېڭىپ، پارە بېرىپ بولسىمۇ مۇئەللىمچىلىكتىن قۇتۇلغۇم بار...بولمىسا بۇ بىر ئەۋلادنىڭ ئالدىدا مەڭگۈلۈك جىنايچىگە ئايلانغۇدەكمەن...دەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ نىمىلىكىنى بۇ يەردە دېمىسەممۇ كۆپچىلىككە ئايان.
   ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە تور بېكەتلەردە جۇڭگو مائارىپىنى سۆكىدىغان فىليەتونلار بازار تېپىۋاتىدۇ. خەلق مائارىپقا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن سۈت تالقانلىرىغا ئىشەنمىگەندەك ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالدى...لېكىن، بالىلارنى يەنىلا ئوقۇتىشىمىز كېرەكتە! شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاتا-ئانىلار مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىدارىلىرگە پات-پات بېرىپ تەكلىپ-پىكىرلىرىمىزنى بېرىپ تۇرايلى! دۆللىتىمىزنىڭ مائارىپ قانۇنىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى بىلەيلى! شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايلى! ھەرقايسى يۇرتلاردىكى ۋالىي، شەھەر باشلىقلىرىنىڭ خەت ساندۇقلىرىنى شەيتان بېسىپ كەتمىسۇن... شۇندىلا بالىلىرىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلەيمىز...

2013-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى قومۇل

0

تېما

7

دوست

2683

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   22.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25116
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 13:52:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەر ئۇزىنىڭ بۇرچىنى تۇلۇق تۇنۇپ يەتكەن بولسا ئىدى بۇ ئىشلارمۇ تۇزەلگەن بۇلاتتى ،چۇنكى مىللى رەھبەرلەر ئاپتۇنۇمىيە ھۇقۇقىغا ئىگە مىللەتنىڭ ۋەكىلى شۇنداقلا ئوز خەلقى ئۇچۇن خىزمەت قىلىدىغان خەلقىنىڭ ھال ئەھۋالىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىپ خەلىق ئارىسىدىكى زىدىيەتنى ئوڭشايدىغان بىر كۆۋرۇك .
ئۆز خەلقى نىمىگە ئېھتىياجلىق ئەلنىڭ رايى قانداق، مۇشۇ ئىشلارغا كۇڭۇل بۇلۇپ مەسىلىلەرنى ۋاختىدا ھەل قىلىپ مىللى باراۋەرلىكنى چىڭ تۇتۇشى تولىمۇ زۈرۈر.
ھۇقۇق پۇل ئۇچۇن  ئەمەس  خەلىق  ئۇچۇن  دىگەن  ئۇقۇمنى ھەردايىم  ئويلىشى كېرەك شۇنداق قىلغاندىلا خەلىقنىڭ بۇلۇپمۇ ئۆز خەلقىنىڭ يۇكسەك ھورمىتىگە ۋە قوللىشىغا ئىرىشەلەيدۇ؛

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

11

تېما

1

دوست

4262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 702
تۆھپە : 813
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 18:45:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قومۇلدا نۇرغۇنلىغان ئىدارىلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بارانى يوقۇلۇپ كەتتى. ئەسلىدىن ئۇيغۇر باشلىقلار ئولتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئورۇنلارنى خەنزۇ، تۇڭگان قاتارلىق باشقا مىللەتلەر ئىگىلەپ كەتتى. بۇ ھەقتە خەلق ئىچىدە قارشى پىكىرلەر تولا. ئاڭلىسام مەڭلىك ئاكىمىزنىڭ پىچىقى خېلى كېسىدىكەن، شۇڭا بۇ ئىشلارغىمۇ ئاتىدارچىلىق قىلىپ قويغايلا.
يەنە بىر ئىش ئۆزلەدىن بۇرۇنقى بارلىق ۋالىيلار ئۇيغۇر شوپۇر ئىشلىتىپ كەلگەنتى، بىراق، ئۆزلە؟..........

2

تېما

0

دوست

3753

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22599
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1132
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 18:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئىككىنچى باشلانغۇچتا ئوقىغان،ئۇ چاغدا بۇ مەكتەپ ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولىدىغان،ھازىرمۇ قۇمۇلغا بارسام مەن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقىغان دەپ ئۆتۈپ كىتىمەن،ھازىرقى ئەھۋالى مېنى بەك بىئارام قىلدى دىسە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )