قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1182|ئىنكاس: 10

[تەرجىمە ماقالە] سوغدىي تىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

2155

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 20:22:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوغدىي تىلى
   تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
      سوغدىي تىلى ئىران تىللىرىنىڭ شەرىقى شىمالىي تارمىقىدىندۇر. سوغدىي تىلى دەسلەپدە زەرەفشان دەرياسى بوغۇزى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا تارقالغان، ۋە كېيىنچە يىپەك يولىدىكى كەڭ رايوندا ۋاسىتەچى تىل ئۇنۋانى بىلەن راۋاج تاپقان ئىدى. سوغدىي تىلى ئاغىز تىل ۋە يازما تىللىق ئۇنۋانى بىلەن تاكى مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىرگە قەدەر پائال بولغان، ۋە ئۇنىڭ زاۋالى مىلادىيە ئون بىرىنچى ئەسىردىن كېيىن باشلانغان. بۈگۈنكى كۈندە سوغدىي دىئالېكىتلىرىدىن تەنھا قەپقالغان تىل - تاجىكىستان كۇھىستانىدا سۆھبەتلىنىدىغان يەغنابىي تىلىدۇر.
      سوغدىي تىلى، خەت-چەكلەر ۋە يازمىلارنىڭ ھەجمى ۋە كۆپ خىللىقى نەزەرىدىن، ئەڭ مۇھىم شەرىقى ئىرانىي تىلدۇر. ۋە دىنىي تېكىستلەر بۇ يازما ماتېرىياللاردىن زور قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە قەدىمقى فارسىي ئابىدە يېزىقىلىرىدا سوغدتىن ئۆز ئالاھىدىلىكى بار رايون، ئۇنۋانى بىلەن ياد ئېتىلگەن بولسىمۇ، سوغدىينىڭ قەدىمىيراق شەكلىدىن، يەنى ‹قەدىمقى سوغدىي› دىن ئەسەرلەر قەپقالماغلىق ئىدى.
     سوغدىي تىلى ئارا فارسىي (پەھلەۋىي) غا نىسبەتەن، ئىران تىللىرىنىڭ كونا ھالەتلىرىنى جىقراق قوغداپ قالغان ئىدى.

ئەدەبىياتى سوغدىي
     سوغدىيلار ئىران، رىم، ھىندىستان ۋە چىن ئارىسىدىكى مەدەنىيەت، ھۈنەر ۋە ماللارنىڭ توشۇلۇشىدا ۋاسىتە بولغان تېجارەت ئەھلىلىرى ئىدى. ھەمدە مانەۋىي (مانىي) ، مەسىھىي (خىرىستىيان) ۋە بۇددايى دىنلىرىنىڭ تەبلىغى بىلەن ھەم شۇغۇللانغان ئىدى. شۇنىڭ يۈزىسىدىن، سوغدىي يازما ماتېرىياللىرى كۆپىنچە دىنىي ناملار، يەنى ئۈچ دىن نامى بىلەن ئاتالغان ۋە، شۇنىڭ ئېتىبارى بىلەن ئۈچ گورۇھ تېكىستكە، يەنى مانەۋىي سوغدىي، مەسىھىي سوغدىي ۋە بۇددايى سوغدىيغا بۆلۈنىدۇ.
     مانەۋىيلەر ھەم يېزىقچىلىق ماھارىتىگە ئىگە ئىدى، ۋە ھەم تولىمۇ زەبەردەست تەرجىمانلاردىن ئىدى. ئۇلار سوغدىيغا ئۆرۈگەن تېكىستلەر، سوغدىي تىللىق بۇددايى ۋە مەسىھىي تەرجىمانلارنىڭ كېكەچۇ-ناقىسۇ-چېگىش تەرجىمەلىرىدىن راۋانۇ-گۈزەل ۋە كامىلەن پەرقلىق ئىدى. بۇددايى سوغدىي تېكىستلىرى بىلەن مەسىھىي سوغدىي تېكىستلىرى پەقەت، فاراۋانلىق ۋە سۆزلەرنىڭ كۆپ خىللىغى نەزەرىدىنلا قىممەت ئىگەدۇر. ئەمما، سوغدىي تىلىنىڭ گىرامماتېكىسى ۋە مورپولوگىيەسىنى ئاقتۇرۇش ئۈچۈن، مانەۋىي سوغدىي تېكىستلىرى تەتقىقاتى بىلەن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ داستانلىرىنىڭ مۇتالىئەسى بىلەن شۇغۇللانماق لازىم.


مانەۋىي سوغدىي تېكىستىدىن پارچە
ئەدەبىياتى بۇددايى
     سوغدىي بۇددايى تېكىستلىرى دەرھەقىيقەت، سوغدىي تىلىدىكى ‹ئەدەبىياتى بۇددايى› ئەسەرلىرىنىڭ قالدۇقىدۇر. بۇ ئەسەرلەر بەلكىم، مەھايانە پىرقىسىنىڭ مەزمۇنى مەنبە قىلىنغان، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا بۇدخانەلەرىدە ئەسلىدە ھېندىي ۋە چىنىي تىلىدىن سوغدىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، ئەڭ پورھەجملىك سوغدىي تىلى ئەدەبىي ئەسەرلىرى بولۇشى مۇمكىن. سوغدىي بۇددايى ئەدەبىياتى، بۇددا دىنىي ئەھكامى ۋە فەلسەفىي ئاتالغۇلار بىلەن تولۇپ تاشقان تەرجىمە ئەدەبىياتى تۈرىدۇر، ۋە ئۇنىڭ زور قىسمى روشەن كى، چىنىي بۇددايى ئەدەبىياتى بولۇپ، ئاساسەن شۇنىڭدىن تەرجىمە قىلىنغان ئىدى.
     سوغدىي تىلىنىڭ بىلىنگەن تېكىستلىرىدىن تولىسى، بۇددا دىنىي يازما ئەسەرلىرىنىڭ چىنىي نۇسخىلىرىنىڭ قايتۇرمىسى بولۇپ، ئاتالغۇلار، بىلىنگەن سۆزلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە چىنىي نۇسخىلارنىڭ تەرىقىسىگە قەدەر ھەممىسى ئۇنىڭ سوغدىي تەرجىمىسىدە نامايان ھالەتتەدۇر. سوغدىي تەرجىمانلار ھەرقاچان خاس ئاتالغۇلار ياكى تەبىرلەرنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، سوغدىي ئېبارە ياكى سۆز تاپالمىغىنىدا، ئۇنىڭ سۆزمۇ-سۆز تەرجىمەسى بىلەن شۇغۇللانغانىدى. ھەتتا كى بەزى ماتېرىياللاردا، تەنھا چىنىي مۇجمەل سۆزلەرنىڭ تىرانسىكرىپسىيەسىنى سوغدىي خەتىدە ئىپادىلەش بىلەن قانائەت قىلغان ئىدى.
     شۇنىڭ يۈزىسىدىن، بۇ تېكىستلەرنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈش، ئۇلارنىڭ ئەسلى ھېندىي ياكى چىنىيسىغا مۇراجىئەتسىز بولغاندا، ناھايىتى دىشۋارلىقۇر ۋە گاھى غەيرى مۇمكىندۇر. بىر قىسىم ماتېرىياللاردا ھەم، سۆزلەرنىڭ سوغدىي ھالىتى، دەستۇرىي ئۆرنەكلەردىن خام ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئەسىرىدە، ئۇلارنىڭ سانسېكرىت ھالىتىدىن يىراقلاپ كەنكەنىدى.
     بۇددايى سوغدىي تېكىستلىرىنىڭ تارىخى روشەن ئەمەس. پەقەت، بىرى ھەققىدە، تەرجىمە تارىخى ئېنىق بولغان بولۇپ، مىلادىيە يەتتە يۈز يىگىرمە سەككىزىنچى يىلىغا باراۋەر كېلىدىكەن. شۇڭلاشقا، ئېتىمالغا يېقىن كى، بۇ تەرجىمە تېكىستلەردىن زور بۆلىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تانك خاندانى (مىلادىيە يەتتىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن، سەككىزىنچى ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە) پادىشاھلىغىنىڭ ئەسلىي دەۋرىگە تەئەللۇق بولىدىكەن.

ئەدەبىياتى مانەۋىي
     مانەۋىي سوغدىي تىلىغا كەلسەك، تىلشۇناسلىق نەزەرىدىن دىققەت-ئېتىبارغا ئەرزىيدۇ ۋە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ تېكىستلەردىن بىر بۆلىكى ئەسلىدە پارتىي ۋە ئارا فارسىيدىنكى مانەۋىي دىنىي كىتابلارغا ئائىت تېكىستلەر ۋە قوشاقلارنىڭ سوغدىي تەرجىمىسىنىڭ توشۇلمىسى ئىدى، ھەمدە يەنە بىر بۆلەك ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئەسلەن سوغدىي تىل بىلەن يېزىلغانىدى. بۇ تېكىستلەرنىڭ نۇرغۇنى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن، ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىدى. جۈملىدىن چېركاۋ تارىخچەسى، مانەۋىي موبەللېغ (دىن تارقاتقۇچى) لىرى پائالىيەتى، كائىناتشۇناسلىق، كالېندارلار، مانەۋىي ئىجادىي رېۋايەتلىرى، ۋائىزلىقلار، مەدھىيەلەر، ئېتىرافات، سۆزلەر تىزىملىگى، تەمسىللەر ۋە داستانلار قاتارلىق مۇشۇ تېكىستلەردە بېرىلگەن ماۋزۇلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. بۇ تېكىستلەردە فەلسەفىي مەزمۇنلار ۋە مانىي دىنىنىڭ ئاساسى، كۆپىنچە ئارىلاش بايان ئارقىلىق تەمسىل ۋە داستان بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
     مانەۋىي سوغدىيلار ھەم، ئەفسانە ۋە داستاننى غەربتىن شەرققە ۋە شەرقتىن غەربكە توشۇشتا مۇھىم رولغا ئىگە ئىدى.

ئەدەبىياتى مەسىھىي
     مەسىھىي سوغدىي تىلى ھەم، ئەمەلىيەتتە تەرجىمە تېكىستلەر تۈرىدۇر، ۋە داستانى پەيغەمبەران، مەدھىيە قوشاقلىرى، چېركاۋنىڭ بۈيۈك ئاتالىرى، پەند-نەسىھەت ئېباراتى ۋە كەلەماتى، كىتابى ھەمدۇسانا، چېركاۋ ئاتالىرىدىن ھېكايەتلار، نەچچە دانە ۋەز، ئېنجىلدىن رىۋايەتلەر ۋە قىسىملار، مەسىھنىڭ ۋەلىيلىرى ھەم شەھىدلىرىنىڭ ھاياتىدىن داستانلارنى تەركىب قىلغان. بۇ تېكىستلەر ئەسلىدە سېريانىي (سۈرىيەچە) دىن سوغدىيغا ئايلاندۇرۇلغان. ۋە مەسىھىي سوغدىي تەرجىمانلار سېريانىي تېكىستلەرنى سوغدىيغا تەرجىمە قىلىشتا، ئۇنىڭ بايان قۇرۇلمىسىغا رىئايە قىلىپ، سۆزمۇ-سۆز تەرجىمە قىلغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ تەرجىمەلىرى ئىجادىيلىقتىن خالىي بولۇپ، ئەدەبىي قىممەتتىن مەھرۇمدۇر.

بوخارادىكى سوغدىي
     بوخارا شەھىرىنىڭ ئەسلىي تىلى - بۇ شەھەردە فارسىي راۋاجلىنىشتىن ئىلگىرىكى سوغدىي تىلى ئىدى.
     موقەددەسىي ‹ئەھسەنوتتەقاسىم› (تۆت يۈز توقسان بىرىنچى بەت) دا سوغدىي تىلى ھەققىدە مۇنداق كەلتۈرگەن ئىدى: ‹سوغدىيانلارنىڭ ھەم بوخارا كەنتلىرىگە ئوخشاش ئايرىم تىلى بار بولۇپ، نەچچە تۈرگە ئىگە ئىكەن. مەن پېشۋايى بوزورگۋار ئەبۇبەكر موھەممەد بىننى فەزلنى كۆردۈم كى، ئۇ ئاشۇ تىل بىلەن كۆپ سۆزلىشىدىكەن. ئۇلاردىن، يېزىلىرى ئايرىم تىلغا ئىگە ئەمەس شەھەرلەر كەم تېپىلىدىكەن.›
     ھېجرىيە ئەللىگ ئالتىنجى يىلى (مىلادىيە ئالتە يۈز يەتمىش بەشىنچى يىلى)  سەئىد بىننى ئوسمان تەرىپىدىن فەتھ قىلىنغان زاماندا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئەسىردە ھەم، بوخارا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى سوغدىي تىلىدا بولغان ئىدى.

فارسىيدىكى تەسىرى
     فارسىيدا سوغدىيدىن ئامانەت ئېلىنغان سۆزلەردىن ئاغاز (‹باشلانما› دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹ئاغىز› سۆزى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن)، مەلەخ (چېكەتكە)، فەغ، خاتۇن (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۇچۇئە ‹تۇجۆ، يەنى تۈرك› شەھبانۇلىرى ئۈچۈن كارغا كەلتۈرۈلگەن سوغدىي ئۇنۋانى)، جوغد (مۇشۇكياپىلاق)، لايىدەن (قاۋاش، ھۆكىرەش)، ئاسىيمە (ساراسىيمە)، بوساك، سەنگسار (تاش بوران)، راغ (تاغ ئېتىگى)، قاتارلىق سۆزلەرنى ئېشارە قىلغىلى بولىدۇ. ئىرانىي جاي ناملىرىدىن تولىسىدا كۆرۈلۈدىغان ئارقا قوشۇلما ‹كەند› ھەم سوغدىي سۆزى بولۇپ، ‹يېزا› مەنىسىدەدۇر. بۇ ئارقا قوشۇلمىنى تاشكەند، سەمەرقەند، ياركەند، تازەكند ۋە چىمكەنت قاتارلىق كۈرمىڭلىغان شەھەرلەر نامىدا ئۇچرىتالايمىز. ‹كەند› قوشۇلمىسى مۇشۇ مەنە بىلەن تۈركىي تىللارغا ھەم كىرگەن ئىدى.

9

تېما

0

دوست

2320

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 708
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 13:38:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەركىزىي ئاسىيادىكى سوغدىلارنىڭ بىر قىسمى يەرلىككە سېڭىپ كەتكەن ئىكەن. شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلاردىمۇ سوغدى قېنى بولىدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30943
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 14:14:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمانداق ئىرماش چىرماش تەرجىمىلەر بۇ؟ يا تولۇق ئۇيغۇرچە ئەمەس يا پارىسچە ئەمەس.
سوغدىلارنىڭ ئەسلى يۇرتى ئۆزبىكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدا. ھازىرمۇ سوغدىيونا دەپ ئاتىلىدۇ.بىراق سوغدىلار ئۇيغۇر،ئوغۇز،قىپچاقلارغا قوشۇلۇپ ئاساسەن يوقاپ كەتكەن،ھازىر تارىخ بولۇپ قالدى.

2

تېما

12

دوست

1527

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   52.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27345
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 504
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 15:48:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏مەھمۇد كاشىغەرى«دىۋان»دا«كىند»سۆزۈنى تۈرۈكچە دىگەنغۇ؟بەزى سۆزلەرنى«فارىس»چە دەپ ئويلايمەن دىگەن.

نىجات

3

تېما

0

دوست

3158

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   38.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9247
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 136
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 19:00:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل قەلب ئەينىكى

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31116
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 09:54:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرمۇ قەشقەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قالۇق يەنى قارلۇق، ئىكىساق،بەلكىم ئىككى ساك، توققۇزاق، بەلكىم توققۇزساك، بەيساق، سوغىلىق... قاتارلىق غەلىتە يەر ناملىرى بار. بۇمۇ تارىخنىڭ يالدامىسى بولسا كىرەك.

0

تېما

0

دوست

74

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   24.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31116
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 09:55:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elnezer تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-8 09:56  
dadang يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 14:14
نىمانداق ئىرماش چىرماش تەرجىمىلەر بۇ؟ يا تولۇق ئۇيغۇر ...


تەرجىماننىڭ ئەجرىگە رەھمەت ئېيىتماقتا يوق پۇتاق چىقارسىڭىز دۇرۇست ئەمەس. يا بولمىسا ئۆزىڭىز بىر تەرجىمە قىلىپ پاساھەت كامالىتىڭىزنى نامايان قىلىڭ.
ئۇنداق قىلالمىسڭىز جىم تۇرۇڭ. مەدەنىيەتلىك بولۇڭ.

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

11

تېما

12

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3748
تۆھپە : 2909
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 14:04:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dadang يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 14:14
نىمانداق ئىرماش چىرماش تەرجىمىلەر بۇ؟ يا تولۇق ئۇيغۇر ...

تەڭرىقۇت،ئىلىمكۈچنىڭ سېپىگە سىزمۇ قوتۇلۇپسىزھە؟!  ئىنكاسلىرىڭىزغا دىققەت قىلىپ  تۇرىمەن ،ھەممىڭىزلەرنىڭ بىر ئادەملىكىڭىزلەرگە 80% جەزىملەشتۈردۈم!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )