قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2143|ئىنكاس: 27

بىلىمخۇمار: باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارا ئالەم پونكىت...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4167
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 09:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارا ئالەم پونكىتى بىلەن سۆزلەشتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى

       بىر دۆلەت ياكى مىللەت تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىش ئۈچۈن قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، ئۇ دۆلەت ياكى مىللەت چوقۇم تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكىدىن ئىبارەت 4 ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئۆسمۈرلەرنىڭ مېڭىسىگە مۇشۇ ئۇقۇم بىلەن «قاتتىق تىرىشسا ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ» دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈۋېتىدۇ. باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مېڭىسىگە ئاشۇنداق ئۇقۇملارنى سىڭدۈرۈۋېتىشتە ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەر قوللىنىدىغان ھەر خىل ئۇسۇللار بار. ئۇنىڭ بىر خىلى، مەكتەپلەر يىلدا بىر قېتىم «ئىلىم-پەن» كۆرىكى پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. يەنە بىرى بولسا، ھەر خىل ساھەدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنى مەكتەپلەرگە تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز كەسپى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مەن بۇ ھەقتە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئازراق سۆزلەپ بەردىم.
       2014-يىلى 27-ئاۋغۇست كۈنى، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كالىفورنىيە رايونىغا جايلاشقان، «فونتانا» (Fontana) باشلانغۇچ مەكتىپى مۇنداق بىر ئالاھىدە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇردى: ئۇلار بۇ مەكتەپتىكى 7 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ھازىر خەلقئارا ئالەم پونكىتىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن رادىئو ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە سۆزلىشىشكە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، مەكتەپ دائىرىلىرى بىر قانچە كۈن پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كائىناتنى تەكشۈرۈش، پلانېتىلار ۋە باشقا تەبىئىي-پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇردى، ھەمدە ھېلىقى 7 نەپەر ئوقۇغۇچى ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن سوئال سورىغان، ۋە ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئەھۋالنى نەق مەيداندىن پۈتۈن مەكتەپكە ئاڭلاتتى. شۇڭا بۇ كۈنى پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدى.
       بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر «رادىئوغا قىزىققۇچىلار كۇلۇبى» بار بولۇپ، ئۇنىڭ 45 نەپەر ئەزاسى بار. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاشۇ كۇلۇبنىڭ ئەزالىرى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.
       مەزكۇر پائالىيەتتىن كېيىن، NASA مەركىزى JPL دىكى خەۋەرلىشىش ئىنژېنېرى ئاركېر (Archer) ئوقۇغۇچىلارغا JPL نىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا بىر ئالاھىدە ياسالغان رادارنى ئورنىتىش پىلانى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ رادار دېڭىز بورانلىرىنىڭ تېزلىكى ۋە يۆنىلىشىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق قىلىش يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تەتقىق قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
بۇ مەكتەپنىڭ رادىئوغا قىزىققۇچىلار كۇلۇبىغا بىر نەپەر 4-سىنىپ ئوقۇتقۇچىسى يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ قېتىم خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن سۆزلىشىشتە ئىشلەتكەن خەۋەرلىشىش ئاپپاراتى ئاشۇ رادىئو كۇلۇبى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاپپارات بولسىمۇ، باشقا بىر قانچە رادىئو تەشكىلاتلىرى سۈنئىي-ھەمراھ بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننالاردىن بىر قانچىنى بېرىپ تۇرغان، ھەمدە ئۇلارنى مەكتەپكە ئەكېلىپ قۇراشتۇرۇپ بەرگەن.
        خەلقئارا ئالەم پونكىتى يەر شارىنى سائىتىگە 27 مىڭ كىلومېتىر تېزلىك بىلەن ئايلىنىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇچىسى بىلەن ئاران 10 مىنۇتلا سۆزلىشەلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بولغان رادىئو ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
       تۆۋەندىكى 3 پارچە رەسىمدە «فونتانا» باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-        رەسىم.

2-رەسىم

2-رەسىم

2-        رەسىم.

3-رەسىم

3-رەسىم

3-        رەسىم.

        بۇ خەۋەردىن بىز مۇنداق بىر قانچە ئىشنى بىلىۋالالايمىز:
        (1) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى، بولۇپمۇ تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتتە NASA بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىن ئازراق پايدىلىنىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلغان.
       (2) باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى، بولۇپمۇ تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشقا پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتتە بىر قانچە رادىئو ئورۇنلىرى بىرلىشىپ، بۇ مەكتەپنى بىر قانچە ئالاھىدە ياسالغان ئانتېننا بىلەن تەمىنلەيدۇ، ھەمدە ئۇلار پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا يېقىندىن ياردەمدە بولىدۇ.
       (3) بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە «رادىئوغا قىزىققۇچىلار كۇلۇبى» نىڭ بار بولۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر يېڭىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە سەنئەت گۇرۇپپىلىرى كۆپ تېپىلىدۇ. ئەمما بۇنداق كۇلۇب ئاساسەن مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.


      قوشۇمچە: مەن يېقىندا قىلغان «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس» لىق خىزمىتى ھەققىدە

       ئوپتىكا ئىلمى ساھەسىدە «ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى» (The Optical Society of America, OSA) تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ئىلمىي ژۇرناللار سەۋىيە ۋە قوبۇل قىلىنىش قىيىنلىق دەرىجىسى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇ ژۇرناللارغا يوللانغان ئىلمىي ماقالىلەر ئالدى بىلەن ماقالە مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساھەدە ئىشلەيدىغان، ھەمدە شۇ ساھەدە بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ باققان 5 نەپەر «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىسلەر» (reviewer) گە ئەۋەتىلىدۇ. بىر ماقالىنى ئۇ مۇتەخەسسىسلەردىن كەم دېگەندە 3 نەپەر كىشى تەستىقلىغاندىلا، ئاندىن ئۇ ماقالە ژۇرنالغا قوبۇل قىلىنىدۇ. مەن ئالدىنقى 10 نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە ئىزچىل تۈردە ئاشۇ ژۇرناللارغا تەكلىپ بىلەن بىر «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس» بولۇپ خىزمەت قىلىپ كەلدىم. مەن تېخى يېقىندا ئىنگلىزچە «Optics Express» دېگەن ژۇرنالغا يوللانغان ئاشۇنداق ماقالىدىن بىرىنى باھالاپ، باش مۇھەررىرگە ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدىم. شۇنىڭغا جاۋابەن، مەن ئالدىنقى 1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتىنىڭ ھېلىقى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرىدىن تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئېلخەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. تەكلىپكە بىنائەن «باھالىغۇچى مۇتەخەسسىس» خىزمىتىنى قىلىپ بەرگەنلەرگە ھېچ يەردىن ھەق بەرمەيدۇ.  شۇنداقلا  بىزنىڭ ئىدارە بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىمىزنىڭ خىزمەت ۋاقتىدا قىلىشقا يول قويمايدۇ. شۇڭا مەن ئۇنى چوقۇم ئۆزۈمنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدا قىلىشىم كېرەك. خىزمىتىم بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەندە، ماڭا كەلگەن ماقالىلەرنى قوبۇل قىلماي، قايتۇرۇۋېتىمەن. بەزىدە ئورنۇمغا ئۆزۈم ياخشى بىلىدىغان، مەزكۇر خىزمەتكە مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا بىر خادىمنى كۆرسىتىپ بېرىمەن.

4-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم: مەن 2014-يىلى 1-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى (Optical Society of America) نىڭ ئىنگلىزچە «Optics Express» دېگەن ژۇرنالنىڭ بىر مۇھەررىرىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان بىر پارچە ئېلخەت.
     بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

    پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

[1] Fontana elementary school makes ‘contact’ with International Space Station
<http://www.sbsun.com/technology/ ... l-space-station>

     مۇشۇ تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى ماقالىلىرىم:

[1] ھەر قانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ
<http://bbs.izdinix.com/thread-59576-1-1.html>
[2] ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدىكى «كەسىپ تاللاش» پائالىيىتى
<http://bbs.izdinix.com/thread-58417-1-1.html>
[3] ئالتە ياشلىق بالا ناسا نى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بولدى
http://bbs.misranim.com/thread-121479-1-1.html

0

تېما

5

دوست

4541

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1450
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەركىن ئەپەندى.بىزگە يەنە بىر نادىر ئەسەرنى ، يىڭى ئوقۇش باشلىنىش ئالدىدا يوللاپسىز. بۇ ئەسىرىڭىزدىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم ،ھەم كۆڭلۈم يىرىم بولدى. نىمە ئۈچۈن دىسە ،ھەقىقەتەن باشلانغۇچ مائارىپى پۈتۈن مائارىپنىڭ ئاساسى، يىلتىزى. بالىلار مەكتەپكە يىڭىدىن كىرگەندە ئىنتايىن خۇشال-خۇرام كىرىدۇ، لىكىن بىرقانچە كۇن ئۆتە ئۆتمەيلا مەكتەپتىن رايى قايتىشقا باشلايدۇ.چۇنكى كۆتۈرگۈسىز سومكا، تۈگىمەس تاپشۇرۇق!!!. تىخى باللا باغچىسىدا خالىغاندا بىرىپ خالىغاندا ئۇيناپ كۈنۈپ قالغان 6-7 ياشتىكى باللاغا نىسبەتەن ناھايىتى ئىغىر بىسىم.
  يەنە بىرى مەكتەپلەردە ھىچقانداق پائالىيەت يوق دىيەرلىك. باللانى سىرتلارغا ئەپچىقىپ كۆرگەزمىلەرگە ئاپىرىش،مۇزىيلارنى ئىكۇسكۇرسىيە قىلدۇرۇش دىگەنلەردىن سۆز ئىچىش ئەسلا مۈمكۈن ئەمەس.مەكتەپمۇ ئەنسىرەپ تەشكىللىمەيدۇ. ئاتا ئانىلارمۇ ئىۋەتمەيدۇ. ھەتتا مەكتەپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنھەركەت مۇسابىقىلىرىغىمۇ (يىنىك ،باللاغا ماس بولغان)قاتناشتۇرمايدۇ. تىخمۇ ئادەمنىڭ غەزىۋىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئىش، ئاتا- ئانىلار كىلىپ باللىرىنىڭ سىنىپى تازلاپ بىرىش ،بىزەپ بىرىش!!بۇلارنى نىمە دىگۈلۈك؟بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولىدۇ؟مۇشۇنداق ئىغىر بىسىم ،پەپىلەش، ئاتالمىش ئاياش ھەتتا تاپشۇرۇقلىرىنى ئاتا ئانا بولغۇچىنىڭ ئىشلەپ بىرىش قاتارلىق قىلمىشلار باللانى قانداق يىتىلدۈرىدۇ؟ئۇلاردا ئىجاتچانلىق روھى نىمە قىلىدۇ؟ ، شۇ بىر توپ نان قىپى، پوچى ، ھاكاۋۇر ، لامزەللە، ھورۇن ،خىيال پەرەس ،يالغانچى، قىزىل كۆزلەر يىتىشىپ چىقمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟
    مىنىڭچە بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغان تورداشلىرىمىزمۇ نۇرغۇن چىگىش خىياللار بىلەن نىمە دىيىشىنى ،قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرىشى مۈمكىن ، شۇڭا مەندەيمەنكى بۇئەسەردىن ئىلھام ئىلىپ  ،باللانىڭ تەبەككۈرىنى ئاچىدىغان ، بىسىم قىلىۋالمايدىغان ، مەيلى بىز نەدە ياشايلى ،قانداق مائارىپ ئەندىزىسىدە ئوقۇتايلى كۈنۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىمىز مۇۋاپىق شارائىتنى باللىرىمىزغا يارىتىپ بىرەيلى . مۇزىيلاغا ، ئىكۇسكۇرسىيەلەرگە، مۇسابىقىلەرگە، باغچىلارغا ، تاغلارغا ئەپ چىقايلى. بىر ھەپتىدە ئىككى كۈن دەم ئىلىش ، ھىيت بايراملاردا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى ئىشىدىن كىچىڭ، بارسىمۇ بولىدىغان -بارمىسىمۇ بولىدىغان توي تۆكۇن ،ئولترۇشلارغا بارماڭ.ياكى كۈڭلىڭئزنى ئىۋەتىپ قۇيۇڭ. سىز شۇ ئىشلارغا قوپقاندا كىم نەدە كىم بىلىدۇ؟
  پەرزەنت سىزنىڭ ،ئاللا سىزگە ھەدىيە قىلغان سوۋغا. پەرزەنتتىڭىزنىڭ خۇشاللىقى سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىز. بالىڭىزنىڭ كۆزىدىن ياش ئاقسا سىزنىڭ يۈرىگىڭىزدىن قان ئاقىدۇ . پەرزەنت سىزنىڭ پەخرىڭىز. ئائىلە ،جەمەتنىڭىزنىڭ پەخرى.
سىزنىڭ پۈتۈن ئۈمىدىڭىز ،غايىڭىز كەلگۈسىڭىز بالىڭىزدا قىرىندىشىم . شۇڭا مىنىڭ تەۋسىيەرىم بالا ئۆزىڭىزنىڭ . خەقتىن ئاغرىنماڭ. بالىڭىز ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىڭ،بالىڭىز ئۈچۈن مەبلەغ سىلىڭ، مىھرىۋانلىق بىرىڭ









  
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

5445

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:56:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tewelgha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 12:58  

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،سىز دېگەندەك بالىلىرىمىزنى ئىلىم -پەننى سۆيىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، كىچىگىدىن تارتىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەمىلى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك تەشكىللەپ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى كىچىكىدىن قوزغىشىمىز  لازىم ئىدى  .بىراق بىزنىڭ بۇ يەردە ئىمكانىيەت يوق ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان  كىشىلىمىزنىڭ ئىڭىدا ئىلىم-پەن ئۆگەنگەنلىك ئىسلام دىنى  بىلەن قارشىلاشقانلىق  بىلەن باراۋەر ، بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ مانا مۇشۇنداق ئىدىيەنىڭ سەلبى تەسىرى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ بالىلارنىڭ  تەبىئى پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىغى بۆشىگىدىلا بوغىۋىتىلگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە شارائىت مەسىلىسى قوشۇلۇپ ،بۇ مەسىلە تېخىممۇ ئېغىرلاشماقتا .ئۇيغۇر مائارىپى سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بولىشىگە موھتاج ................

0

تېما

0

دوست

490

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31035
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 13:08:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئەركىن ئاكا ،ئامىركا مائارىپىدىن بىزگە ئۇچۇر بەرسىڭىز بىزدەك مائارىپچىلار ئازدۇر- كۆپتۇر بىرنىمە ئۇگەنگەندەك بۇلۇدىكەنمىز ،ھەر ھالدا نىمىنى قىلىپ ،نىمىنى قىلالمىغانلىقىمىزنى بولسىمۇ بىلسەك ھەرھالدا قۇرۇقتىن قۇرۇق ۋايسىغاندىن كۆپ ياخشى.قۇلۇمىزدىن كەلگەننى قىلىپ تۇرايلى،

151

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   12.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1159
تۆھپە : 4167
توردىكى ۋاقتى: 1559
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 14:01:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلاۋە: تەۋەلغا قېرىندىشىمىز بىر ناھايىتى مۇھىم ئىشنى تىلغا ئېلىپتۇ.  شۇڭا مەن تۆۋەندە ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزەمنىڭ  ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە يېزىپ قويدۇم.

= ========================= =

تەۋەلغا قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسى:

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،سىز دېگەندەك بالىلىرىمىزنى ئىلىم -پەننى سۆيىدىغان قىلىش ئۈچۈن ، كىچىگىدىن تارتىپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەمىلى پائالىيەتلەرگە كۆپرەك تەشكىللەپ بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى كىچىكىدىن قوزغىشىمىز  لازىم ئىدى  .بىراق بىزنىڭ بۇ يەردە ئىمكانىيەت يوق ، مىللىتىمىز ئىچىدىكى خېلى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان  كىشىلىمىزنىڭ ئىڭىدا ئىلىم-پەن ئۆگەنگەنلىك ئىسلام دىنى  بىلەن قارشىلاشقانلىق  بىلەن باراۋەر ، بالىلىرىمىز كىچىكىدىن تارتىپ مانا مۇشۇنداق ئىدىيەنىڭ سەلبى تەسىرى ئاستىدا چوڭ بولىدۇ بالىلارنىڭ  تەبىئى پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىغى بۆشىگىدىلا بوغىۋىتىلگەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە شارائىت مەسىلىسى قوشۇلۇپ ،بۇ مەسىلە تېخىممۇ ئېغىرلاشماقتا .ئۇيغۇر مائارىپى سىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بولىشىگە موھتاج
./thread-26392-1-1.html
= ======================== =
مېنىڭ جاۋابىم:

مەن تېخى تۈنۈگۈن ياسىر قازىنىڭ «مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالى» دېگەن لېكسىيىسىنىڭ 38-قىسمىنى ئاڭلىدىم.  ئۇنىڭدا ھىجران كالېندارىنىڭ 2-يىلى، مەككە بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقىدىكى بادر دېگەن يەردە يۈز بەرگەن بىر ۋەقە سۆزلىنىپتۇ.  بۇ ۋەقە مۇنداق ئىكەن:  قۇرەيىشنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىر  1000  تۆگىلىك كارۋىنى بىر چوڭ سودىدىن قايتىپ، مەدىنىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، مەككىگە قاراپ ماڭىدۇ.  بۇ كارۋاننى ئېلىپ ماڭغان قۇرەيىشنىڭ ئادەملىرىنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بۇنى قوغدايدىغان ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىكەن.  بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ 300 دەك ئادەملىرىنى ئېلىپ، بۇ كارۋاننى قولغا چۈشۈرمەكچى بولىدۇ.  ئەمما قۇرەيىشنىڭ ئادەملىرى بۇ ئىشنى بىلىپ قېلىپ، دەرھال بىر مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەر تەشكىللەپ، ئۇلارنى ياردەمگە ئەۋەتىدۇ.  بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا نىسبەتەن ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان بولۇپ، ئاشۇ ۋەدىسى بويىچە ئاللاھ بىر مىڭ پەرىشتە ئەۋەتىدۇ. قۇرئاندىكى 8-سۈرە پۈتۈنلەي مۇشۇ ۋەقە ھەققىدە ئىكەن (بادر ۋەقەسى ھەققىدە 38-قىسىمغىچە ياسىر قازى جەمى 4 لېكسىيە سۆزلەپ بولدى، ئەمما بۇ ۋەقە ھەققىدىكى مەزمۇن تېخىچە تۈگىمىدى.  يەنى، ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسى ئىنتايىن تەپسىلىي بولۇپ، مەن بۇ يەردە ئۇنىڭ پەقەت ئىنتايىن ئاز بىر قىسمىنىلا تىلغا ئالدىم).   ئەمما، بۇ پەرىشتىلەر كېلىپ، قۇرەيىشنىڭ ئادەملىرىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتمەيدۇ (ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە، پەرىشتە جىبرېل 600 دانە قانىتىنىڭ بىرسىنى بىر شىلتىش بىلەن بىر كەنتنى تۈزلىۋېتەلەيدىكەن).  ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىشىغا قاراپ تۇرۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ كۈچى يەتمىگەن، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغان ۋاقتىدىلا ئاندىن ياردەم قىلىدۇ.  بۇ لېكسىيىدە ياسىر قازى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن بىر نەرسە شۇكى، ئەگەر سىز ئەقلىڭىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىپ، جېنىڭىزنى تىكىپ، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشمىسىڭىز، ئاللاھ ھەرگىزمۇ سىزگە ياردەم قىلمايدۇ.  بۇ ۋەقەدە يۈز بەرگىنى بىر ئۇرۇش بولۇپ، ئۇنى ھازىرقى زامانغا تەدبىقلىساق، ئەگەر بىز ئەقلىمىزنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىپ، جېنىمىزنى تىكىپ، ئۆزىمىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، قاتتىق تىرىشىپ، تەبىئىي-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنژېنېرلىق ۋە ماتېماتىكا ئىگىلىمىسەك، نۆۋەتتىكى زاماندا ئاللاھ ھەرگىزمۇ بىزگە ياردەم قىلمايدۇ.  مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي يېتەكچىلەردىن بادر ۋەقەسى ۋە 8-سۈرىنى قايتا ئۆگىنىپ، ئۇنى ھازىرقى زامانغا توغرا تەدبىقلاپ، خەلقىمىزگە توغرا يېتەكچىلىك قىلىشنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

مەن بۇ ئىنكاسنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، پەقەت ئېسىمدە قالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلىنىپلا يازدىم.  ھەمدە ئۇنى بىرەر يېقىنىمنىڭ تەھرىرىدىن ئۆتكۈزمىدىم.  شۇڭا مەن ئوقۇرمەنلەردىن ئۇنىڭدا كۆرۈلگەن خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياسىر قازىنىڭ لېكسىيىسىنىڭ تور ئادرېسى:
Yasir Qadhi Seerah of Prophet Muhammad 38 The Battle of Badr 4 Yasir Qadhi 31st October 2012
https://www.youtube.com/watch?v=iVdfPIFk-Ws

0

تېما

2

دوست

5445

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 378
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 14:08:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈنكى ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە  خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئۈرۈمچىدىكى ئايرىم مەكتەپلەردە يېڭى قوبۇل قىلىنغان 1-سىنىپ بالىلىرىغىمۇ ھەربى مەشىق دەرىسى ئورۇنلاشتۇرىلىپتۇ ،7ياشلىق بالىلار ئېغىر مەشىققە بەرداشلىق بېرەلەمۇ ؟ئىدىيىسىنى توغۇرلايمىز دەپ بەدىنىنى بۇزۇپ قويارمىزمۇ ؟ مائارىپىمىزدا سولچىللىق سەل چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتامدۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 16:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بىلىمخۇمار ئاكا.تېمىڭىزنى كۈرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم.ئامرىكا مائارىپىنىڭ ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقالىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.ھەقىقەتەن ئۇقۇغۇچىلارنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق قىززىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك.لىكىن بىزنىڭ مائارىپ بولسا يەنىلا شۇ شەكىلى مائارىپتىن چىقىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇقۇتقۇچىلارغا ئاتا ئانىلارغا ياخشى بىر دەرس ئۈتۈپ بەردىڭىز. ئۇلۇغ ئاللاھ تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن.يەنە نادىرتېمىللىرىڭىزغا تەقەززارمىز.

2

تېما

8

دوست

1131

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 16:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahadiryigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 16:55  
tewelgha يوللىغان ۋاقتى  2014-9-5 12:56
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،سىز دېگ ...


قېرىندىشىم ئويلاشماي گەپ قىلىپ قۇيۇپسىز. مىللىتىمىز ئىچىدە ئىلىم پەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بۇرۇنمۇ يۇقىرى ئىدى .ھازىر تېىخىمۇ يۇقىرلاۋاتىدۇ. دىن بىلەن قارشىلاشقانلىق دەيدىغان ئاڭدىكىلەر يوق دىيەرلىك.ئۇلار شۇ نادانلىقتا قالغان چەت رايۇنلاردىكى ساددا كىشىلەرنىڭ قارشى. لىكىن كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار بىلىم ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ.ئىسىمدە قېلىشچە باشلانغۇچتا ئۇقۇتقۇچى چوڭ بولغاندا نىمە بولىسىلەن دىسە «ئالىم،ئاستىرونوم،ماتىماتىكا ئالىمى،يازغۇچى»دەپ جاۋاب بېرەتتۇق.دىيارىمىزدا مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ تەبىئى پەن ساھەسىدە كۆرەش ئىبراھىم ،ساھىبجامال دۆلەت قاتارلىق يېتەكچىللىرىمىز چىقىۋاتىدۇ. مىنىڭ يەنە بىر گېرمانىيەدە كىۋانت مىخانىكىسى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان ساۋاقدىشىم بار.بۇنداقلار يىلسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.ئۇقۇغۇچىلاردىكى بەزى خاراكتىرنىڭ يىتىلىشى دۆلىتىمىز مائارىپىنىڭ مەھسۇلى.ھەرگىزمۇ دىننىڭ ئەمەس.بۇ مەسىلە بىزدە ئەمەس پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا كۈرۈلىۋاتىدۇ.بۇنىڭ تەسىرىدىن ئىچكىرىدىكى بايلار باللىرىنى چەتئەللەردە ئۇقۇتىدىغان ۋەزىيەتمۇ شەكىللىنىۋاتىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىكى بۇنىڭغاقارىتا يېقىندا ئىجدىمائى ۋە تەبىئى پەن دەپ ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇردى.بەلكىم بۇ بىر باشلىنىشتۇ.يەنە قانچىلىق ۋاقىتتا بۇنداق شەكلى ۋە ئىمتىھان مائارىپىغا خاتىمە بېرەلەيمىز بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئىشلارغا بىرتەرەپلىمە ھۈكۈم چىقارماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.  يەنە بۇنداق ۋەزىيەتنى ئوخشاشتا مائارىپ ئىسلاھاتىنى كۈتۈپ تۇرماي ئائىلە تەربىيەسىنى بەك كۈچەيتىش كېرەك.بالىلارنى دائىم توي تۈكۈنگىلا ئاپارماي دالا سەيىلىسى، مۇزىيخانا،ئىلمىي پەنتېخنىكا كۆرگەزمىللىرى بولسا شۇ بالىمىز قىزىقىدىغان ساھەدىكى داڭلىك كىشىللىرىمىز بىلەن بىۋاستە كۈرۈشۈش شارائىتى ھازىرلاپ بەرسەك بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئۈنۈمى چوڭ بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )