باغدا .ئېچىلغان رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ خۇش پۇي ھىدىدىن ،بىزنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھەقىقى گۈزەلىكىنى ،ساپ مىھىر – مۇھەببىتى ئارقىلىق تالاي ئەللەرنى تاڭ قالدۇرغان ،تاشقى گزەللىكنى چوڭ بىلمەيدىغان ھەر زامان ئىچكى گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ،سىرىتقى گۈزەللىك بىلەن ئىچكى گۈزەللىكنى بىرلەشتۈرەلەيدىغان ھەقىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ تەبىي سىماسى كۆردۈم .
خۇشپۇراق ئېچىلغان گۈللەر بەرگىدىن ،
كۆردۇممەن ئۇيغۇرنىڭ نازاكەت قىزىنى .
پاك – غورۇر ۋىجدانى يۈلەك بولغاچقا ،
تۆكمەيدۇ ھەر قاچان ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى .
بۇلبۇلار خەندانە سايرىسا گۈلگە ،
توختىماي يالتىرار شەبنەم بەرگىدە .
ھەقىقى جەزبىدار قىزلىرىمىز روھى ،
تائابەت ساقلانسۇن ئەلنىڭ قەلبىدە .
تاغ باغرىدا قىران ئۆسكەن قارغايلاردىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جەسۇرانە قىيىنچىلىققا باش ئەگمەيدىغان ،قەلبىگە ئۇلۇغ غايىلەرنى پۈكۈپ باشقىلارنىڭ ئۆسەك سۆزلىرىگە ئىشەنمەستىن كۆزلىگەن نىشانىغا غالىپلارچە ئالغا ئىنتىلىدىغان سۇنماس ئىردىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
بەزىدە قارغايدەك قالسىمۇ سۇسىز ،
كۈلۈشتىن ئۆچ كۈرەر يىغلاشنى يامان .
ئازاپلار سالسىمۇ ئۈنسىز – چۇقانلار ،
بىر ئارمان قەلبىگە پۈكۈلگەن ھامان .
چىداملىق بابىدا قارغايغا تەڭدۇر ،
تارىخقا پۈكۈلگەن بۇ بىر ھەقىقەت .
گاھ بوران چىقسىمۇ توختىماي سىناپ ،
ئۈكۈنۈپ بىراۋدىن تىلىمەيدۇ شەپقەت .
ھەرىلەرنىڭ گۈل چاڭلىرىنى يىغىپ ھەسەل ئىشلەپ چىقىرىش روھىدىن ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆز ئەمگىكى ئارقىلىق باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ،پۈتۈن ئۆمرىنى باشقىلارغا بېغىشلاپ ھاردىم – تالدىم دىمەستىن ئۆزگىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلدىغان ، ئۆزى ئاچ – توق يۈسىمۇ باشقىلاردىن تاپقىنىنى ئاييىمايدىغان ئۆز جاپاسى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ كۈلكىسىن كۈردىغان ئەمگەكچان،سېخى روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
ئاچ قېلىپ بەزىدە كەيسىمۇ دۇدۇل ،
ئىسىگە ئەڭ ئاۋال كىلەر ئۆزگىلەر .
جاپانىڭ تېگىدىن قازغاچ ھالاۋەت ،
قەھىرتان قىشنىمۇ باھار دەپ بىلەر .
سۇنۇلغان قوللارنى ياندۇرماي پەقەت ،
قەلبىگە ياردەم ھەم نىجاتلىق پۈكەر .
ھەرىلەر روھىنى قىلغاچ قىبلىگاھ ،
تىلىدىن ھەسەلدەك شەربەتلەر تۈكەر.
ئەتىگەندە كائىىتاتقا ئىللىق نۇرىنى چېچىپ چىققان قۇياشتىن ،ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىق ،شەرمى – ھايالىق باشقىلارنىڭ دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان ،باشقىلارغا يامان كۆزدە قارىمايدىغان ،بارلىق كىشلەرگە مىھىربانلىقىنى چېچىپ تۇرردىغان ،خۇشىۇي مۇئامىلىسى بىلەن كىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن قەلبى نۇرلۇق ئۇيغۇرقىزلىرىنىڭ ئىللىق سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
چىھرىدە قۇياشنىڭ نۇرلىرىمۇ بىخ سۈرگەچ ،
سالام – سائەت ،ھايانى ئۇنۇتمايدۇ ئۇگەنگەچ .
قەلبى ھىجران دەرىتلەرگە چۈمۈپ كەتسە بەزىدە ،
قۇياش بۇلۇپ پارلايدۇ ،زىمىستانمۇ ھەمدە كەچ .
مەن تىلەيمەن سىلەرگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىنىچلىق ،
تىنىڭلارغا سالامەت ،ھەمرا بولسۇن ھەم ساقلىق .
ئىلىم پەندىن ھەر قاچان تېپىپ يەنە كۆپ بايلىق ،
دىلىڭلاردا خۇشاللىق جىلۋىلەنسۇن ھەم شاتلىق .
مەنبە--- تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا |