- تىزىملاتقان
- 2013-9-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1578
- نادىر
- 0
- يازما
- 121
ئۆسۈش
57.8%
|
xiwas1- يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 21:16
مىنىڭ مۇشۇ قانۇن توغرىسىدا بىر سوئالىم بار ئىدى بىلىدى ...
يەرلىك سىياسەت دىگىنىمىز ھە .. يەرلىك سىياسەت !
يەرلىك سىياسەت دىگەن مەركەز قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشۈرۈپ مەلۇم سىياسەتلەرنى مەملىكەت مىقىياسىدا قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ، ھۆججەت ئۆلكىلك پارتىيە - ھۆكۈمەتنىڭ قولغا يىتىپ كەلگەندە ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتلەرگە ھۆججەت چۈشۈرۈپ مەركەزدىن كەلگەن ھۆججەتنىڭ روھىنى يەتكۈزۈىدۇ ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قىيىنچىلىق ، ماس كەلمەسلىك كۆرۈلسە ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا بېقىپ سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ . شۇنداق قىلىپ دەرىجىمۇ -دەرىجە سىياسەتلەر يەتكۈزۈلىدۇ .
مەسلەن ؛ مەركەزدىن دىھقانلارنىڭ مەجبۇرىيەت ھاشىرىنى بىكار قىلىپ ، ئەمگەك كۈچلىرنى ئازات قىلىش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسا مەزكۇر ھۆججەت ھەر - قايسى ناھىيە ، يېزىلارغا يەتكۈزۈلۈپ ئىجرا قىلىندۇ . بەزى ناھىيلىك ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بەك نامرات . ئىلگىرى دىھقانلار ھاشار قىلىپ ھەقسىز ئىشلەپ كەلگەن دەريا مۇداپىئەسى ، چېپىلىشقا تىگشلىك ئېرىق - ئۆستەڭ ، يول قۇرلىشى دىگەندەكلەرنى ھۆججەتنىڭ روھى بويىچە ھاشارنى بىكار قىلىپ ھۆكۈمەت مالىيەسىدىن چىقىم قىلاي دىسە پۇل يوق ، بۇرۇنقى سىياسىتىنى ساقلاپ قالاي دىسە قولىدا قىزىل باش . شۇنىڭ بىلەن دائىرلەر ھەر دەرىجىلىك ھۆججەتلەردىكى ‹ ئۆزىنىڭ ئەمىلى شارائىتىغا بېقىپ › دىگەن خەتكە ئاساسەن ، شۇ يېزا ياكى ناھىيلىك ھۆكۈمەت نامىدىن قىزىل باشلىق ھۆججەت چىقىرىپ مەركەزنىڭ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ . مانا بۇ ئاتالمىش يەرلىك سىياسەتتۇر .
يەرلىك سىياسەتمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۇتلەق خاتا ياكى مۇتلەق توغرا بولمايدۇ .
ئاساسىي قانۇن بىلەن يەرلىك سىياسەت توغىرسىدا بىلىدىغانلار بىر نىمە دەپ باقسۇن .
مىنىڭ چۈشەنچەم شۇنچىلىك .
كامالىي ئېھتىرام بىلەن ؛ مەن . |
|