- تىزىملاتقان
- 2011-3-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 31032
- نادىر
- 18
- يازما
- 981
ئۆسۈش
52.58%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-10 11:34
دۇ فېيچىننىڭ « بىز قانداق ھۆكۈمەت قۇرۇشىمىز كېرەك » ناملىق ماقالىسىدا ئېيىتقاندەك «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھۆكۈمەتنى تۈزەشتىكى ئۇسۇل بولۇش سۈپىتى بېلەن ئۇنىڭ ئاممىۋى ھوقۇقنى كونتۇرۇل قىلىش ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ، ئىجتىمائىي ئادىلىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەۋزەلىككى دۇنيادا ئاللىقاچان ئومۇمىي يۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى » .
رەئىس شى جىنپىڭمۇ مەيلى كىم بولسۇن ئەمەل دەرىجىسى قانچە يۇقۇرى بوپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر قىلمىشى ئاساسىي قانۇندىن ھالقىپ كېتىدىكەن تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق تەكىتلىدى. ئۇ يەنە « دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش دېگەنلىك دۆلەتنى ئاساسىي قانۇنغا تايىنىپ ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك دېگەنلىكتۇر . ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىدۇر» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن روھىنى كۈچەپ تەكىتلىدى.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ، ج ك پ نىڭ مۇشۇ ئايدا چاقىرىلىدىغان 4- ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قارالمىسى يىغىننىڭ باش تېمىسى بولىدىكەن.
دېمەك جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ دۇنيادا ئاللىقاچان ئومۇمىي يۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن دۆلەتنى قانۇنغا تايىنىپ ئىدارە قىلىش يولىغا رەسمىي ماڭماقچى. بۇنى جۇڭگو ئىسلاھاتىدىكى ماھىيەتلىك ئىلگىرلەش دېيىشكە بولىدۇ.
ئاساسىي قانۇندا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى قانۇنىي ماددىلار ئارقىلىق يورۇتۇلغان شۇنداقلا پارتىيە 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدىمۇ مىللىي ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىلگەن.
دۆلەتنى قانۇنغا تايىنىپ ئىدارە قىلىش مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تېخىمۇ توختاۋسىز ئىجراسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.
|
|