تارانچى تۇنگانلارنىڭ يەتتە سۇغا كۆچۈپ چىقىش تارىخى :روسىيە ھۆكۈمىتى 1871 - يىلى ئىلىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئېلىش بىلەن بىللە تارانچى ، تۇنگانلارنىڭ مۇستەقىل سۇلتانلىقى يوقىتىلغان ۋە ئۇ 1881 - يىلغىچە روسىيە ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولۇپ كەلگەن . 1881 - يىلى 12 - فېۋرالدا پېتېربۇرگدا مانجۇ ھۆكۈمىتى بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدا بولغان مۇئاھىدە ( كېلىشىم ) بويىچە ئىلى ۋىلايىتىنى بىرمۇنچە شەرتلەر بىلەن مانجۇ ھۆكۈمىتىگە بېرىدىغان بولغان . روسىيە ئىلىنى مانجۇلارغا تاپشۇرۇپ ، مانجۇلار ئىلىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى قۇرغىچە بىر يىل ئىچىدە روسىيەگە تەۋە بولۇشنى خالىغۇچىلار بولسا ، روسىيە ئۆز ئېلىگە كۆچۈرۈپ كېتىشكە كېلىشكەندى ھەمدە مانجۇلار ئېلىگە تەۋە يەردىن روسىيە چېگرىسىغا يېقىن بولغان بىرمۇنچە يەرلەرنى ( قورغاس دەرياسى بىلەن غالجات ئارىلىقىنى ) روسىيەگە بەرگەندى . 1881 - يىلى فېۋرال ئېيىدا ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا بولغان بۇ مۇئاھىدە گېزىتكە بېسىلىپ ، ئەلگە مەلۇم قىلىنغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىلىنى تاپشۇرىۋالغۇچى مانجۇ ھۆكۈمىتى تۆرىسى يېتىپ كېلەلمىگەنلىكتىن ، ئىلى داۋاملىق رۇسلار قولىدا تۇرۇپ تۇرغان .
لېكىن ئىلىدىكى تارانچى ، تۇنگانلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، بۇرۇنقى دۈشمىنى بولغان مانجۇلار ئىلىغا قايتىپ كەلسە ، ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، يۇرت ئارىسىغا چوڭ ئەندىشە ۋە قايغا پەيدا قىلغان . ئاخىرىدا ئىلىنىڭ تارانچى تۇنگانلىرى بىرلىشىپ ، چوڭ - كىچىك ھەممىسىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن روسىيە زىمىنىغا كۆچۈشنى قارار قىلغان ۋە يەتتە سۇ ۋىلايىتىنىڭ گېنېرال - گۇبېرناتورىغا خەلق نامىدىن ئەرز سۇنغان . تارانچىلارنىڭ ئەرزنامىسىگە يۇقۇرقى ئۆستەڭدىن ئابابەكرى بولۇس ، روزى بولۇس سوپى نىياز ، زىكرىيا بولۇس بىن توختى ، مۇھەممەت بولۇس بەگ بىن نېدىر ، تۆۋەنكى ئۆستەڭدىن موللا ئابدۇللا بولۇس ، مۇھەممەت ئەلى ، ھوشۇر قارى بىن موللا ھۈسەيىن ، مەخپىر بىن ئىسھاق ، ئابدۇماناپ قازى بىن ئابدۇرازاق ، خوجا نەمرى قازى بىن توختى ، تاھىر قازى ، ناسىر قازى ، ئىمىن قازى ، سادىر قازى قاتارلىق 24 كىشىنىڭ مۆھرى بېسىلغان .
بۇ ئىككى ئەرز مەخسۇس ئەلچى ئارقىلىق گۇبىرناتورغا يەتكۈزۈلگەن . يەتتە سۇ گۇبىرناتورى كولپاۋسكىي تۇركىستان گۇبىرناتورىنىڭ 20 - ئىيۇندا بەرگەن يوليورىقى بويىچە بۇلارغا كۆچۈشكە رۇخسەت قىلغان . قىلىنغان رۇخسەت يۇرتقا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن ، تارانچى ، تۇنگانلار بىرلىكتە روسىيەگە چىقىپ يەر - سۇنى كۆرۈپ كېلىش ۋە ئۆي - تام سېلىشقا كېرەك بولىدىغان ياغاچ - تاشلارنى جايلاپ تۇرۇش ئۈچۈن ۋەكىللەرنى سايلاپ بەرگەن . گېنېرال كولپاۋسكىي تەرىپىدىن بۇ كۆچمەنلەر ئۈچۈن چېلەك دەرياسى بويىدىكى يەرلەر بىلەن ئىلى دەرياسىنىڭ ئوڭ قانىتىدىكى يەرلەر كۆرسىتىلىپ ، ئەگەر بۇ كۆرسىتىلگەن يەرلەر يەتمىسە ياكى يارامسىز دەپ قارالسا ، چۇ دەرياسىنىڭ يەرلىرىدىن ھەتتا ئەۋلىيا ئاتىغىچە يەر ئېلىشقا مۇمكىمچىلىكى بىلدۈرۈلگەن . ھېلىقى يۇرت سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەر ئىلى رۇسلارغا ئۆتكەن ۋاقىتتىن بېرى ئىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ناچالنىڭ ( باشلىق ) بولۇپ كەلگەن ئىزرەتوۋ دىگەن پولكوۋنىك باشچىلىقىدا 1881 - يىل 3 - ئىيۇلدا يولغا چىقىپ 27 - ئىيۇلغىچە غالجاتتىن قارا بالتىغىچە بىكار ياتقان يەرلەرنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ، باشقا يەرلەرگە بارماستىن قايتقان . نەتىجىدە ھەر بىر بولۇس ۋەكىللىرى كۆرگەن يەرلەردىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈشىۋالغان :
1 . چوڭ ئاقسۇ ، كىچىك ئاقسۇ ، بايانقازى يەرلىرى ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سول قانىتىدىكى ( جەنۇبىدىكى ) بىرمۇنچە يەرلەر 839 تۈتۈنگە بۆلۈنگەن ، يەنى خونىخاي بولۇسىغا بۆلۈنگەن . 2 . چارىن دەرياسىنىڭ تۆۋىنىگە ھەرقايسى بولۇستىن يىغىپ - تېرىپ 500 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان . 3. چېلەكنىڭ ئوڭ قانىتىغا ( شىمالىغا ) ئۈچ بولۇس ( قاش ، قاينۇق ، بوبوسۇن ) تىن 2465 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان . 4. چېلەك دەرياسىنىڭ سول قانىتىغا ( جەنۇبىغا ) تۆت بولۇس ( قاش ، ئارائۆستەڭ ، بايتوقاي ، ئارابوز ) تىن 2694 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان . 5 .ئاتامقۇلنىڭ تۆۋىنىدىن ( ۋەكىللەر ئاۋۋال تۈرگۈن سۈيىنى ياقىلاپ تۇتقانكەن ، نىمىشقىدۇر ، كېيىن ئۇلار مۇنداق بۆلمەپتۇ ) ھازىرقى قارا سۇ بولۇسىغا 1685 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ( نىلقا ، توققۇزتارادىن چىققانلار ھەم بىرئاز شەھەرلىكلەر . 6. چۇ دەرياسى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا تۇنگانلاردىن 1410 تۈتۈن ھەم شەھەر تۆگۈرۈگى ۋە شەھەر ئىچىدىكى تارانچىلار بولۇپ 3340 تۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
لېكىن تۇنگانلاردىن بىرمۇنچىسى بېرىپ قارىسا ، ئۇ يەرگە بەلگىلەنگەن ھەممە تارانچىلار مۇشۇ كۈندىكى ياركەنت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولتۇرۇپ قالغان . يۇرت ۋەكىللىرى يۇقۇرىدىكى پىلان بويىچە يەرلەرنى كۆرۈپ قايتىپ كەلگەن . دەرۋەقە بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا يەتتە سۇنىڭ يەر - زىمىنى پىلانلاپ ئۆلچەنمىگەن ۋە ياخشى - يامان يەرلەر ، سۇلۇق - سۇسىز يەرلەر ھىساپقا ئېلىنمىغانلىقتىن ، بۇ ۋەكىللەر غالجاتتىن قارا بالتىغىچە 1030 چاقىرىم يەرنى ئاتلىق 24 كۈن ئىچىدە كۆرۈپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن ، يەرنىڭ ياخشى يامىنىنى ئوبدان بايقاپ كېتەلمىگەن . ئەل - يۇرت كۆچۈشكە غەملىنىپ تۇرغان چاغدا ئىچكىرىدىن ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرىۋېلىشقا تەيىنلەنگەن تۆرە。
1881 - يىلى ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلىغا يېتىپ كېلىپ ، ئىلىنى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە توختاۋسىز قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئەل - يۇرتقا جاكارلىغان . " مانجۇلار تارانچى ، تۇنگانلارنى رۇسلارغا بەرمىگۈدەك ، ئۇنداق قىلغۇدەك ، مۇنداق قىلغۇدەك ......" دىگەن ئۆسەك پاراڭلار بىلەن ئەندىشىدە قالغان خەلقنى تىنىچلاندۇرۇش ، يۇرتنىڭ كۆچۈپ كېتىشكە ئىختىيارى بار - يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ، بۇ كەلگەن تۆرە ئەل - يۇرتنى ئارىلىغان . تۆرە ئىلىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ھەممە يېزا كەنتلەرنى ئارىلاپ ، " مانجۇلاردىن قورقماسلىق ۋە ئىلاجى بولسا ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماي تۇرۇپ قېلىش " ھەققىدە خەلققە نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، لېكىن خەلق كۆچۈپ كېتىش توغرىسىدا ئۈزۈل - كېسىل تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن . ئومۇمەن كۆچمەنچىلىكتە بولىدىغان بۆلگۈنچىلىك ، مۇساپىرلىق ، ۋەتەنگە مۇھەببەت ، كۆچۈپ بارىدىغان يەردە يەر سۇ كەمچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېيتىپمۇ بۇلارنى توختىتالمىغان . شۇنىڭدەك خەلق كۆچۈپ چىقىش ئۈچۈن تۆرىدىن ئىككى يىللىق مۆھلەت سورىغان . بىراق ئاۋۋال كۆچمەنلەرنى بىر يىل ئىچىدە 1882 - يىلغىچە كۆچۈرۈپ چىقىپ بولۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، كۆچۈش باشلانغان ۋاقتىدا ئەھۋال قىيىنلىشىپ كەتكەنلىكتىن ، ئۇلارنىڭ تەلىپىدەك بولۇپ ، كۆچۈش ۋاقتى 1883 - يىل 10 - مارتقىچە سوزۇلغان ، كومىسسار تۆرە شەھەرگە قايتىپ كېلىپ ئالاھىدە كومىسسىيە تەشكىللەپ ، كۆچۈشنى خالىغانلارنىڭ ھىسابىنى ئالدۇرغان . كۆچمەكچى بولغانلار : تارانچىلار 11 مىڭ 365 تۈتۈن ، تۇنگانلار 1308 تۈتۈن ، جەمىئىي 12 مىڭ 673 تۈتۈن ( تەخمىنەن 51 مىڭ جان ) بولغان . بۇلارنىڭ ئىچىدە 2000 ئۆيلۈك كىشى ئۈچۈن گېنېرال گۇبىرناتورنىڭ ئەمرى بويىچە ئۆسەك بىلەن قورغاس ئارىسىدا يەر بېرىلىپ ، قالغان 10 مىڭ 673 تۈتۈن ئۈچۈن باشقا يەردىن يەر - سۇ بېرىلمەك بولغان . شىنجاڭ تەزكىرىسى ژورنىلىنىڭ 1996 - يىللىق 2 - سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى! |