قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1651|ئىنكاس: 5

‹58 شەھەرداشلار›نىڭ باش ئىجراھىيە ئەمەلدارى ياۋجىنبو

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1630

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28486
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 522
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-7 14:56:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹58 شەھەرداشلار›نىڭ باش ئىجراھىيە ئەمەلدارى ياۋجىنبو

دىلمۇرات ئالىم يۈكسەل تەرجىمىسى


    ئۇ ئىلگىرى جۇڭگو ئىنتىرنىت ساھەسىدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخىسلەرنىڭ بىرى ئىدى ،ئەمما بىر قېتىملىق ئالدامچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھەممىنى نۆلدىن باشلاشنى قارار قىلدى .
  ئۇ يەنە ئاقىلانە قارار چىقىرىپ ياۋمىنى  تاللىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ ‹سىرلىق تور بېتى›نى ھەممىگە نامايەن قىلدى .
  ئاددىي بىر تېخنىكتىن ئىنتىرنىت ساھاسىدىكى كۈچلۈك سەركەردىگە ئايلانغىچە ،تاكى مۇۋاپپىقىيەت قازىنىپ شەرەپ قۇچقانغا قەدەر ئۇ باشتىن ئاخىر ئەڭ ئاۋال سەھنىگە چىقىپ ئۆز پىكرىنى بايان قىلىشنى توختاتمىدى .
  شۇنچىلىك كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىس ئالدىدا ئۆز شىركىتىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا نىيۇيورك پاي بازىرىغا ئېلىپ چىقالىدى .
  بۇ دەل مۇۋاپپىقىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ بۇلۇپمۇ ،ئالدىنقى سەپتىن چىكىنمەي تۇرغان ئىنتىرنېت ساھەسىدىكى كۈچلۈك كاتتىۋاش ياۋجىنبو.

  دەۋىر ئاۋانگارتى _ ياۋجىنبو
  ئىنتىرنىت مەيدانغا كەلمەستە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۆپ ھاللاردا تۇنۇشلار ۋە دوستلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇشلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلاتتى .
  ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ ئىگىلىش تىكلەش دېگەن بۇ ئۇقۇم 1999 -2000 يىللاردا رەسمىي بارلىققا كەلدى .
  باشلىنىشتا  ‹ئىنتىرنىت› ھېچكىمنىڭ دېققەت نەزىرىنى قوزغىيالمىدى ،ھېچكىم غايەت-زور بىرپۇرسەت، دەۋىرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلالمىغانىدى .ئۇ ۋاقىتلارئىنتىرنىتنىڭ جۇڭگوغا تۇنجى كىرگەن ۋاقىتلىرى بۇلۇپ ،ئەينى ۋاقىتتا ياخۇ، گوگىللارمۇ بۇ ساھەگە ئەمدى قەدەم باسقانىدى.
  بەلكىم بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىمەن، شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئىنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدىم.
ئەينى ۋاقىتلاردا ئۆزئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھازىرقىدەك مەن مۇشۇ نەچچە يىل ئىچىدە پاي چىكىمنى بازارغا سالىمەن،نۇرغۇن پۇل تاپىمەن دەپ ئويلىمايتتى .چۈنكى مەن بۇ ئىشنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنى قىلىشىم كېرەك ،مەن پەقەت ئۈلۈپلا كەتمىسەم قالغان ئىشلاردىن ئارتۇقچە ئەنسىرەپ كەتمەيمەن ....
  شۇنداق قىلىپ يېرىم يىل ئىچىدە ، تور بىكىتىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشاش تۈردىكى بىكەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى .بىكىتىمىزدىكى كىشىلەردىن نۇرغۇنلىرى ھازىرقى ئىنتىرنىت ساھەسىدىكى داڭدارلارغا ئايلاندى،مەسلەن :چەيۋېنشىن ،ھازىرقى مېيتۇ شىيۇ شىيۇ نىڭ  قۇرغۇچىسى ۋۇشىنخوڭ قاتارلىقلار.
  كۆپچىلىك ھەممىسى مۇشۇ سۇپىغا يىغىلدى ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى،ئۆزئارا ئۆگەندى.
  شۇ يىللاردا ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئىچىدە ماڭا ئوخشاش ئويدا بولغانلار نۇرغۇن، مېنىڭچە بولغاندا ئەگەر سەن مۇۋاپپىقىيەت قازانساڭ،ھەممە ئىشلىرىڭ ئالغا باسىدۇ، ساڭا پايدىلىق پۇرسەتلەر تېخىمۇ ئاۋۇيدۇ،مۇبادا مەغلۇپ بولغان تەغدىردىمۇ سەن قىيالمىغىدەك ھېچقانداق نەرسەڭدىن مەھرۇم قالمايسەن.
    2000-يىلى بېيجىڭغا باردىم ۋە ئۆي ئىجارە ئېلىش جەريانىدا بىر ۋاستىچىگە ئالداندىم.شۇ ۋاقىتتا كاللامغا مۇنداق بىر خىيال كەلدى :شۇنداق بىر تور بىكەت ياساپ چىقسام ھەمدە ‹ئۆي ئىجارىگە ئېلىش ›شۇ تور بىكەت ئىچىدىلا مۇۋاپپىقىيەتلىك تاماملانسا.
   2005-يىلىغا كەلگەندە ئىنتىرنتنىڭ قوللىنىشچانلىقى زور دەرىجىدە ئاشتى،زىيالىيلار بۇلۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار،ياشلار ئىنتىرنىتتىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىشقا باشلىدى.ئىنتىرنىت ئۇ پەقەتلا خەۋەر كۆرىدىغان ،مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇن بۇلۇپلا قالماستىن ،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدىغان ،ياردەم بېرەلەيدىغان سۇپىغا ئايلىنىشى كېرەك.ئەگەر بىز بىر شەھەردە ياشاۋاتقان ئىككى ئادەمنى مۇشۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا باغلىيالىساق، مېنىڭچە بۇ خىل باغلىنىش ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ.
    ياڭمۇنى ئىزدىشىمدىكى سەۋەپ ناھايىتى ئاددىي ئىدى،ئىككى ئۈچ يىل ئىلگىرى ،ئۇ كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن شەخىس ئىدى،كېيىنچە بىز يەنە 《ئەڭ سىرلىق بىكەت 》دەپ بىر ئېلانمۇ ئىشلىدۇق.ھازىر ئۇنى نۇرغۇنلار  بىزنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى باشلىنىش نۇقتىمىز دەپ تۇنۇيدۇ.پېيىمىز بازارغا سېلىنىپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە بازار قىممىتى 2 مىليارت دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ،بىز نۇرغۇن مۇنوپۇل ئىنتىرنىت شىركەتلىرىدىن ھالقىدۇق، ئەمما بىز بۇنى ھەرگىزمۇ بىر ئاخىرقى نۇقتا دەپ قارىمايمىز.
  مېنىڭ غايەم بولسا ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ ھەربىر ئادەمنى ،ئادەملەر بىلەن مۇلازىمەتنى ،كىشىلەر بىلەن سودىنى ،سودىگەرلەرنى ئۆزئارا باغلاش،ئۇلارنى تېخىمۇ ئاددي ،تېخىمۇ قۇلاي ،تېخىمۇ گۈزەل بولغان تۇرمۇشقا ئېلىپ كىرىشتىن ئىبارەت .مېنىڭچە ئىنتىرنىت دەۋرىدە بۇ خىل غاينىڭ ئەمەلگە ئېشىش مۇمكىنچىلىقى تېخىمۇ چوڭ بۇلىدۇ.
  ئىنتىرنىت بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ،كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەتتاكى تېلىۋىزىيە تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ چېگراسىنى  ئاللىقاچان ئايرىۋالغىلى بولماس بۇلۇپ كەتتى .ھەتتا نۇرغۇن ئىجرائىيە ئەمەلدارلارمۇ مۇشۇ كارخانىنىڭ ئوبراز ۋەكىللىرىگە ئايلىنىپ كەتتى ، مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس دەپ ئويلايمەن .
  مەن باشقىلارنىڭ مېنى نىمە دېيىشىگە پىسەنىت قىلىپ كەتمەيمەن ،بىزنىڭ پىشىپ يىتىلىش مۇساپىمىزدە،چۇقۇم نۇرغۇن كىشىلەر بىزگە گۇمانىي نەزىرىدە قارايدۇ،ئەمما مەن ئۆزەم توغرا دەپ قارىغان ئىشنى قىلسامكەن دەيمەن، ئاخىرىدا ۋاقىت زادى كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تۇلۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .
    ئۆتكەنكى 10 يىلنى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ،ئىنتىرنىت تورىنىڭ ئۆزگۈرۈش ياسىغان ئون يىلى بولدى دېسەك،ئۇ ھالدا كەلگۈسىدىكى 10 يىلمۇ چۇقۇم غايەت زور ئۆزگىرىش ،تەرەققىياتلارغا تولغان 10 يىل بۇلىدۇ،جەمئىيەت قانداق ئۆزگەرسۇن،ماھىيەتتە بىزنىڭ ئىنتىرنىت توردىن پايدىلىنىپ، كۆچمە ئالاقە تورلىرىدىن پايدىلىنىپ ھەربىر كىشىنى ئۆز ئارا باغلاش ، ئۇلارغا تېخىمۇ ئاددىي ،تېخىمۇ گۈزەل بولغان تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئارزۇيىمىز ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ

تەرجىمە مەنبەسى: http://www.zyhl.com/Html/m/20140 ... mp;isappinstalled=0

0

تېما

0

دوست

976

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   95.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29806
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 15:17:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىچكىرىدىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ 58 شەھەرداشلار تورىنىڭ نىڭبودىكى تارمىقىدا يېرىم يىلغا يېقىن ئىشلىگەن،مۇئاشىم كۆپ بولمىسۇ شىركەتتتىكى كەسىپداشلارنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى. مەن ئىشقا چۈشۈپ 3كۈندىن كېيىن شىركەت نىيۇيورك پاي بازىرىغا پېيىنى سالدى ھەم بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن باش شىركەت مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم  ،شۇچاغدا ئۆزۈمنىڭ بۇنداق چوڭ شىركەتتە ئىشلىگەنلىكىمدىن ناھايىتى پەخىرلەندىم. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر «سىرلىق تور بېكەت»،ياۋجىنبو ئەپەندىمۇ شۇنداق قالتىس ئادەم! تىرىشىڭلار 58!!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1913

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   91.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 570
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-8 16:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kalpinim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 15:17
مەن ئىچكىرىدىكى ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ 58 شەھەرداشلار تورى ...

ئاشۇ چاغدا كۆرۈشكەن قولىڭىزنى ھازىرغىچە يۇمىدىڭىزغۇ دەيمەن.

0

تېما

3

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 224
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-11 21:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەۋەر تاپتۇق

6

تېما

7

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 6486
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 20:26:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىم مۇشۇ توربەتتە ئۆتىدۇ !  بەك ئاقىلانىلىك بىلەن بازارغا سېلىنغان تور بەت !!!1

2

تېما

0

دوست

1630

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28486
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 522
توردىكى ۋاقتى: 72
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 11:32:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20140819181843729 (2).jpg

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )