قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2379|ئىنكاس: 15

يىڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلاندى ،جوڭگۇدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

6

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31111
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 2
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
يىڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلاندى ،جوڭگۇدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىقلار
مائارىپ سىسىتىمىسىدا داۋاملىق
بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتىدۇ

لاڭ شيەن پىڭ

تەرجىمە ئەسەر ، ئەسلى مەنبە لاڭ شيەن پىڭ بىلوگى
    جوڭگۇدا ئۇقۇغۇچى بۇلۇش بەك جاپالىق،ئاتا-ئانا بۇلۇش تېخىمۇ جاپالىق.بالىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپ،نۇقتىلىق سىنپقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەقىقەتەن پۈتۈن زىھنىمىزنى ئىشقا سالىمىز ،قاتتىق باش قاتتۇرۇپ ھەرخىل مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ بالىمىزنى كىرگۈزىمىز.ئەمما بىزنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپلىرىمىز،نۇقتىلىق سىنىپلىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك .ئۇنداق كۆپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەس بىلەن تالىشىشى،بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن،ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتكەن.
    ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا ئىزچىل بىر خىل خاتا قاراش بار،يەنى ‹‹بالىلار ھەرگىز باشلىنىش پەللىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ››.توغۇرمۇ خاتا؟ ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق ،ئۇتتۇرۇپ قويسا قانداق بولماقچى؟ سىزنىڭچە بىر ئۆمىرىگە تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟.مەن ئۆزەمنىڭ باشتىن كەچۈرگىنىنى مىسالغا ئېلىپ كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي.مەن كىچىكىمدىلا باشلىنىش پەللىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان.تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغان ۋاقتىمدا، ئادەتتىكى مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى سىنىپىدا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ناچار ‹‹كالا باقىدىغان سىنىپ›› قا تەۋە ئىدىم .
   نىمىشقا كالا باقىدىغان سىنىپ دەيدۇ؟چۈنكى بۇ سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئۇقۇشىدا قەتئى ئۈمۈد يوق ئىدى.تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا ئىشقا چۈشەتتى.مىنىڭ شۇ چاغدىكى خىيالىم ياغاچچى ئۇستام بۇلۇش ئىدى.ئەمما ئاخىرى بىلىپ -بىلمەيلا ،يەنىلا دوكتۇر ئاشتىلىقىنى ئۇقۇپ تۈگەتتىم.
   بىراق ماڭا ئوخشاش بۇنداق قاراشتىكى ئادەملەر ئىنتايىن ئاز.نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى نۇقتىلىق مەكتەپكە،نۇقتىلىق سىنىپقا ئۆتۈشكە مەجبۇرلايدۇ.
نىمە ئۈچۈن؟
    مەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىنى مىسالغا ئالاي. 2010-يىلى  بېيجىڭ،چىڭخۇا ئونۋېىرىستىتى  شەنشى ئۆلكىسىدە ئۆز ئالدىغا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلدى،قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 98.9%تى شەنشىنىڭ شىئەن شەھرىدىكى بەش ئادەتتىن تاشقىرى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن.
    بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىسىنى نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرگۈزىدۇ.نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ،ھېچ بولمىغاندا نۇقتىلىق سىنىپقا كىرگۈزىدۇ.يەنە مۇشۇ سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ،بىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇرۇنلار نۇغۇنلىغان ‹‹يۈكنى يىنىكلىتىش  بۇيرۇقى›› نى چىقارغان. سىلەر پەرەز قىلىپ بېقىڭلار ،ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئون يىلدا بىزنىڭ مائارىپ ئۇرۇنلىرىمىز ،مائارىپ مىنىستىرلىكى قانچىلىك ‹‹يۈكنى يىنىكلىتىش بۇيرۇقى››نى چىقارغاندۇ؟ 56دانە.1949-1967يىلغىچە 37دانە، 1977-2000يىلغىچە 12دانە،2000-2013يىلغىچە 7 دانە چىقارغان.مەن سىلەردىن سوراپ باقاي ،ئۇقۇغۇچىلار ئۆزىنى يۈكى يىنىكلىتىلگەندەك ھىس قىلامدۇ؟ ياق.
    ئەمما مەن كۆپچىلىك بىلەن بىر قارشىلىق نەزەرىيەسى ئۈستىدە پاراڭلاشماقچى،يەنى ‹‹سىزنىڭ يۈكىڭىز يىنىكلەمدۇ››. بۇ نىمە دىگەن گەپ؟
ئامىركىلىقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى خارۋارد ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش،ياپۇنلۇقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى توكيۇ ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش ،جوڭگۇلۇقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش . بىز يەنە ئامېركا،ياپۇنيە ،جوڭگۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى كۆرۈپ باقايلى.ئامېركىدا خارۋارد ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 0.06% تىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش پۇرسىتى بار .ياپۇنيەدە توكيو ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 0.19%تىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش پۇرسىتى بار.جوڭگۇدا چىڭخۇا ۋە بېيجىڭ ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 0.04%تىنىڭلا قۇبۇل قىلنىش پۇرسىتى پار.
    شۇڭىلاشقا كۆپچىلىك ئىشىڭلاردا بولسۇن ،سىز داڭلىق مەكتەپكە قۇبۇل قېلىنىغىنىڭىز بىلەن يۈكىڭىز يىنىكلىمەيدۇ.ياپۇنيەدە ،توكيو ئۇنۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بارلار ‹‹ تۆت بۇلىدۇ بەش قالىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار . بۇ نىمە دىگەن گەپ؟  كەچتە تۆت سائەت ئۇخلىغانلار تاللىنىپ توكيو ئونۋېرىستىتىغا   كىرەلەيدۇ ،بەش سائەت ئۇخلىغان كىشى ئۆتەلمەيدۇ. ئەگەر داڭلىق مەكتەپكە كىرگىڭىز بولسا ،چۇقۇم نۇرغۇنلىغان ۋاقتىڭىزنى سەرەپ قىلىپ كىتاپ ئۇقۇشىڭىز كېرەك .بۇنىڭ يۈكنى يىنىكلىتىشى مۇمكىن ئەمەس.
    ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ خارۋاردتا ،توكيو ئونۋىرېستىتىدا ،بېيجڭ، چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى يوق.نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پەقەت بىرىنجى تۈركۈمدىكى ،ئىككىنجى تۈركىمدىكى ھەتتا مەخسۇس كۇرۇس مەكتەپلىرىدە ئۇقۇغۇسى بۇلۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ ،ئامېركا ،ياپۇنيە،جوڭگۇ ھۆكىمەتلىرى ئۆز ئالدىغا مائارىپنى مۇستەقىل تەرەققى قىلدۇرۇش سېستىمىسىنى چىقارغان. نىمە مەخسەتتە چىقارغان؟ ئۇقۇغۇچىلارنى ئوخشىمىغان مەكتەپلەرگە ئايرىش .
    بىز ئاۋال ئامېركىغا قاراپ باقايلى،ئامېركا قانداقراق بولغان ئايرىش تۈزىمىنى قوللانغاندۇ؟ ئاتىلىشى ‹‹ پۇلدارلار تۈزىمى››،يەنى پەقەت پۇلى بارلارنىڭلا داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۇرسىتى بار.ئاڭلىماققا ئازىراق بىمەنە شۇنداقمۇ؟ .مەن كۆپچىلىككە بىر سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەي.پۈتۈن ئامېركىدا 4% ئەتىراپىدىكى ئۇتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى دەرجىلىك شەخسى مەكتەپلەردۇر،ئاساسلىقى  ئامېركىدىكى ئەڭ پۇلدارلارنىڭ بالىلىرى ئۇقۇيدۇ،ئۇقۇش پۇلى 30-40مىڭ دوللار ئەتراپىدا ،ئۇلار ئەڭ ياخشى ئۇقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىدۇ،ئەڭ ياخشى ئۈسكىنىلەرنى سەپلەيدۇ ،ئەڭ ياخشى بولغان مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ.بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز،ئوتتۇرچە نىسبىتى بىلەن دىگەندە، ھۆكىمەت قارمىقىدىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ 1.2ھەسىسىگە توغرا كىلىدۇ،يەنى ھۆكىمەت قارمىقىدىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەپ ئۇقۇش نىسبىتىدىن 20% يۇقىرى.كونكېرىتنى قىلىپ ئېيتسام ،2012-يىلى پۈتۈن ئامېركىدىكى ئۆرلەپ ئۇقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 32 مەكتەپنىڭ ئىچىدە ،پەقەت توققۇزىنجىسى بولغان)亨特( ئىنىستىتوتىلا ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ.
     ئامېركىدا 5% ئەتىراپىدىكى مەكتەپ ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى داڭلىق مەكتەپ.بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟ ئامېركىدىكى بارلىق ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ،ئۆي-جاي بېجىغا تايىنىپ ئۆزىنى قامدايدۇ.ئۇلارنىڭ مالىيە مەنبەسى ئۆي- جاي بېجى.ھكۆىمەت قارمىقىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر ئاساسى جەھەتتىن ئالى تۇرالغۇلارغا جايلاشقان،ئۇنداق جاينىڭ ئۆي-جاي بېجىمۇ يۇقىرى ،مەكتەپنىڭ باشقا ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرگە قارىغاندا سالىدىغان مەبلىغىمۇ تەبىيلا يۇقىرى .شۇڭىلاشقا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى،باشقا شەخسى ئالى دەرجىلىك مەكتەپلەردىن قېلىشمايدۇ.
يەنە قاراپ باقايلى،ئامېركىدىكى 55% ئەتىراپىدىكى مەكتەپ ھۆكىمەت قارمىقىدىكى ئادەتتىكى مەكتەپ.ئۇلار ئادەتتىكى يەرلەرگە جايلاشقان،بۇ يەردە ئۇقۇيدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇتتۇرا قاتلام بۇرژئالىرى ،بۇ ئامېكىدىكى 60% ئەتراپىدىكى ئۇتتۇرا بۇرژئالارنىڭ نىسبىتىگە ماس كىلىدۇ. ئاخىرى ئامېركىدىكى 36% ئەتراپىدىكى مەكتەپ ،ھۆكىمەت تۆۋەن تەبىقىدىكى نامىراتلارغا قۇرۇپ بەرگەن .بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ  ئۇقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ناچار ،راسخودى ئۈسكىنىلىرى يىتىشمەيدۇ ،مۇھىتىمۇ ئىنتايىن ناچار.ئەگەر سىز ئاشۇ 36%نى ئىگەللەيدىغان مەكتەپكە كىرىپ قالسىڭىز ئۆرلەش پۇرسىتىڭىز ئىنتايىن غۇۋا, كۆپچىلىك بۇ ھەقىقى ئامېركا.
    ئەمدى بىز ياپۇنيەگە قاراپ باقايلى ، ئۇلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ئايرىش تۈزىمى باشقىلار تەرپىدىن‹‹ ئادىل تۈزۈم›› دەپ ئاتالغان. ياپۇنيەدە ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ.مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلىشىنى دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنجىسى ياپۇنيە 100يىل بۇرۇنلا ،مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال ئۈسكىنىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغان. بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟. ھەر بىر مەكتەپ كىلونلاپ قويغاندەك،تەنتەربىيە مەيدانى،دەرىسخانا،ئاشخانا ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل شەكىلدە،ھەتتا تاماق يەيدىغان تاماق ئۈستىلىمۇ بىر خىل شەكىلدە.ئىككىنجىسى .ئۇقۇتۇش قۇشۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغا.ياپۇنيەدە ئىنتايىن غەلىتە تۈزۈم بار .باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى .يەسلى ، تۇلۇق ئوتتۇرا ،ئالى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئىككىنجى رەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپۇنيە ھەر ئالتە يىلدا بىر قېتىم خېزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۈرگەن.ئالتە يىلدىن كىيىن ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ،بۇ ئۇرۇندىن يەنە بىر ئۇرۇنغا ئالماشتۇرۋېتىلىدۇ ،ياكى شەھەردىن يېزىغا ئالمىشىپ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.ھۆكىمەت ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا، يېزىلاردا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ،مەمۇرلارغا بەرگەن تەمىناتتىن بەھىرمان قىلدۇردۇ.
      بۇ ئىككى ئۆلچەملەشتۈرۈش  ئاستىدا ياپۇنيەنىڭ مائارىپنى ئاساسەن بىر ئادىل تۈزۈملىك مائارىپ دىيىشكە بۇلىدۇ. توكيو ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغىڭىز بارمۇ؟ چاتاق يوق .پەقەت دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتاھانىغا قاتناشسىڭىزلا بۇلىدۇ .ھەممە ئادەمنىڭ ئىمتاھان سۇئالى ئوخشاش،ئەڭ قالتىس 0.19% ئادەم توكيو ئۇنۋېرىستىتىغا كىرەلەيدۇ.قالغانلىرى ئىمتاھاندا باشقىلاردىن ئېشىپ كىتەلمىگەچكە باشقا گەپ سۆزمۇ بولمايدۇ.
ئەڭ ئاخىردا  جوڭگۇنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە قاراپ باقايلى ،بىزنىڭكىنىمۇ ئوخشاشلا ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەمما بىز ئامېركىنىڭ مەكتەپلەرنى ئۈچ يىللىق ،ئالتە يىللىق،توققۇز يىللىق ئايرىش تۈزىمىنى ئۆگەندۇق.كۆپچىلىك پەرەز قىلپ بېقىڭلار ،بىزنىڭ قاچىلىك نۇقتىلىق مەكتىپىمىز بار ؟ 5%. بىزنىڭ ھۆكىمىتىمىز نۇرغۇنلىغان باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ بېجىنى ئاپىرىپ مەكتەپ رېمىنۇت قىلىدۇ.ئەمما شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ قىسمىنى  5%نى ئىگەللەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ قۇرلىشىغا ئىشلىتىدۇ.كۆپچىلىك ئامېركىنىڭ 4% ئەتىراپىدىكى شەخسى مەكتەپلەر خىيالىڭلارغا كەلدىمۇ؟ ئەمما ئېسىڭلاردىن چىقمىسۇن ،ئامېركىدىكى شەخسى مەكتەپلەر ،شەخسى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ رېمۇنىت قىلىدۇ.بىزنىڭ بارلىق باج تاپشۇرغىچىلارنىڭ پۇلىنى بىر تەرەپكە يان باسقاندەك ،5% ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە مەبلەغ سالىدۇ. سىزچە بۇ ئادىلمۇ؟
     بىز يەنە قاراپ باقايلى ،كىملەر مۇشۇنداق نۇقتىلىق مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ؟. مەن بېيجىڭنى مىسالغا ئالاي ،بېيجىڭ باشلانغۇچتىن تۇلۇقسىزغا ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىمتاھانىدا ،ئاتالمىش ‹‹ئۈچ ئۈچلىك تۈزۈم›› نى ئەمىللەشتۈرگەن. يەنى  3/1 ئۇقۇغۇچى تۇلۇقسىزدا ئاچقان (占抗班) ئىچىدە نەتىجىسى ئەلا ،ھەم ئاسىيا ماتېماتىكىسى قاتارلىق مۇسابىقىلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،    3/1بولسا ئۇقۇتۇش رايۇنىدىكى ئۇقۇغۇچىلار ،   3/1 ئۇقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتكە تايانغان .تەستىقلانغان نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن ،ئالاھىدە ئمتىيازلىقلار تەبىقىسى بۇ يەردە ئۆزىنى تۇلۇق ئاشكارلىغان.
يېغىنچاقلىغاندا ،جوڭگۇنىڭ ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ھەم ئامېركىنىڭ پۇلدارلار تۈزۈمىنى .ھەم ياپۇنيەنىڭ ئادىل تۈزۈمىنى ئۆگەنگەن،يەنىمۇ ئىلگېرلەپ مۇستەقىل ھالدا ئىمتىيازلىقلار تۈزۈلمىسىنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رايۇن خارەكتېرلىك ئالاھىدە ئىمتىياز مەسىلىسى.بۇ نىمە دىگەن گەپ؟ ئەگەر سىز بالىڭىزنى نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنى بېيجىڭغا ئېلىپ كىلىڭ. مەن كۆپچىلىككە بىر سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەي،بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ بېيجىڭدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 0.76%،خېنەندىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 0.05%،يەنى بېيجىڭدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى خېنەننىڭ بەش ھەسسىگە تەڭ. چۈنكى پەقەت بېيجىڭدىلا بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بار.شۇڭا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سانىنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى .
    شۇ بۇيچە قارىساق ،سىلەر بالىلىرىڭلارنى داڭلىق مەكتەپتە ئۇقۇتماقچى بولساڭلار ،بالا بىلەن ئائىلە باشلىغى تەڭ جاپالىق تىرشىشى كېرەك ،بولمىسا ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن.بۇ ئىنتايىن ئاددى بولغان بىر لوگىكىلق مۇناسىۋەت.ئۇنداقتا بىزئازىراق بولسىمۇ ئۈمۈدنى كۈرەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ مىنىڭچە مۇمكىن.مەن بېيجىڭنى مىسالغا ئالاي ،2012-يىلى ،بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكىمەت ‹‹بېيجىڭ شەھرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ يىللىق ئەمەلىي قۇرۇلۇش پىلانى ›› دەيدىغان بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلدى.بۇنىڭدا ‹‹15 داڭلىق مەكتەپ ئەڭ ئىلغار مائارپ بايلىغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،15 دانە ئۇقۇتۇشتا ئارقىدا قالغان ياردەمگە ئېتىياجلىق مەكتەپ بىلەن قۇل تۇتىشىدۇ››.شەھەر ۋە يېزىلارنى بىرلەشتۈرگەن مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلارنىڭ داڭلىق ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش پۇرسىتى بۇلىدۇ.ئىككىنجى ،‹‹بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ›› شەكلىنى ئەمەلىلەشتۈرش.يەنى ياپۇنيەنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆگىنىش،ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش.
    ئەڭ ئاخىردا مىنىڭ ھۆكىمەتكە بېردىغان تەكلىپىم ،تۇلۇقسىزغا ئۆرلەپ ئۇقۇش بىر تۇتاش ئىمتاھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ياپۇنيەنىڭ ئادىل مائارىپ تۈزۈمىنى ئۆگىنىش كېرەك.كىمنىڭ قابىلىيتى بولسا شۇ ئىمتاھاندا ئۇتۇپ چىقىدۇ،كىشلەرمۇ نەپرەتلەنمەيدۇ.ئىككىنجى ،‹‹ پۇللۇق ئۇقۇغۇچى››نىڭ چىقىشىنى  قەتئىي تۇسۇش كېرەك . ئادىللىق دەل بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغاندەك ،ئەگگر ئادىللىق ئەمەلگە ئاشسا ،ئىشىنىمەنكى بۇ دەل بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسى.
مەنبە: لاڭ شىيەن پىڭ بىلوگى
http://blog.sina.com.cn/s/blog_4120db8b0102v1hm.html

4

تېما

3

دوست

1837

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 445
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتاھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇمكىن بولا ، لىكىن ئادىل بولغان مائارىپ تۈزىمى 100 يىلمۇ ئازلىق قىلمايدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئالمىدەك يۈرەكت

4

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   21.71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2259
تۆھپە : 4091
توردىكى ۋاقتى: 1236
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى  ھەر بىر كىشى قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ناباپ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. مەكتەپ تاللاپ ئۇقۇتۇش قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ. بالىلار كىتابىي نەرسىلەرگە مەجبۇرلىنىپ ئەملىي بىلىملەردىن يىراقلاشتۇرۇلىدۇ. ئاساسىي قاتلام مائارىپچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزىگە نېمىشقا پەرۋا قىلىنمايدۇ. بىز بالىلارغا ماس كېلىدىغان ياخشى تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ  مائارىپ سۈپىتىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

0

تېما

3

دوست

1796

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21877
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خام -خىيال .يەنە 50 يىل بارمىكىن

1

تېما

0

دوست

1156

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   15.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 328
توردىكى ۋاقتى: 44
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاڭ شيەن پىڭ نىڭ پەرەز مۇلاھىزى تىمىلىرى ئادەمنى ھەقىقىتەن ئۇزىگە جەلىپ قىلىدۇ ھەم ئۇيغا چۇمدۇرىدۇ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە قارىتا ناھايتى ئۇرۇنلۇق تەكلىپ بىرىپتۇ

0

تېما

2

دوست

3687

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   56.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1098
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-13
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلدىن باشلاپ ئالى مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھتى تەجىرىبە باسقۇچىغا كىردى .2017-يىلى ئوموملاشتۇرۇلىدۇ .
دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتىھان ماتېماتىكا ۋە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئىككى پەندىن ئېلىنىدۇ ؛
چەت تىل ئىمتىھانى دۆلەتلىك دەرىجە ئىمتىھانىنىڭ نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدۇ ؛ فىزىكا ،خېمىيە ،بىئولوگىيە ،تارىخ ،جۇغراپىيە ،سىياسەت ئىمتىھانلىرى تولۇق ئوتتۇرىنى پۇتتۇرۇش ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىدۇ ( ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوقۇش تەتقىقات يۆنۆلۈشىگە ئاساسەن تاللايدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە تەبىئى پەن ،ئىجتىمائى پەن دەپ  سىنىپ ئايرىمايدۇ ).

16

تېما

0

دوست

7980

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2335
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1665
تۆھپە : 1321
توردىكى ۋاقتى: 475
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاۋلاڭ نىڭ تەپەككۈرى باشقىچە، ئەلۋەتتە چوققىغا چىققان ئادەمنىڭ  كۆرۈش سەزگۈسى ئۆزگىچەبولىدۇ دە !

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

19

دوست

4587

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   86.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىرىمىز قاچانمۇ مەكتەپكە خۇشاللىق بىلەن بېرىپ ، ئۆزلىرىگە بىر ئۆمۈر ئەسقاتىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ، مەكتەپتىن ئۆزىگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچ  ئىپتىخارلىق بىلەن قايتىدىغان بولار ؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )