- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2471
- نادىر
- 0
- يازما
- 140
ئۆسۈش
15.7%
|
تاماكا تاشلاش توغرىسىدا تەكلىپ
(سۆز ئويۇنى)
مەخەت ئابدۇرېھىم
تۈنۈگۈن توك توخۇسىنىڭ تۇغۇت تويىدا توقسان توققۇز تاماشىبىن تەرەپ -تەرەپتىن توپلىشىپ تاماكا تاشلاش توغرىسىدا تېتىقسىز تاكاللىشىپ ، تاققا - تۇققا تىللىشىپ ، تاماكا توغرىسىدا توپلاپ تۇراقلاشتۇرالمىغان تەسىراتلىرىنى تەتۈر تاناسپلىق تىل - تاۋۇشلىرىدا تونۇشتۇردى .
تاماكا توغرىسىدا : تارىخنىڭ تەرەققىيات تۈزلەڭلىكلىرىگە تارقىلىپ تۇراقلاشمىغان تەلىماتلاردىن ؛
تەپسىلى تەكشۈرلۈپ تەستقلانمىغان تەپسىلاتلاردىن ؛ تەشۋىقات توپلاملىرىدىكى تەسىراتلاردىن تۆۋەندىكىدەك تىمىلار تۇراقلاشتۇرۇلدى .
تاماكىنىڭ تەرەقىياتى توغرىسىدىكى تەلىمات :
تاماكا - تارىختا تۆرەلمىگەن توك توخۇسىنىڭ تونۇشمايدىغان تۇققىنى .
تاماكا - تارىخى تەرەقىياتنىڭ تىلسىمات تونۇرىدا تولغاق تۇتماستىنلا تەتۈر تولغۇنۇپ تەستە تۇغۇلغان تومانلىق تۈتۈن . تاماكىنىڭ تونۇش تۇققانلىرىنى تەسىرلەندۇردىغان تەركىپلىرى
تۈتۈنگە تايانمىسا تالاغا تارقىيالمايدۇ . تاماكىنى تەييارلايدىغان تونورنى - تاماكىنىڭ تۈتۈنگە تايىنىپ تالاغا تارقىلىشىنى تاختايدىن تەشكىللەنگەن تۇۋاقتا توسىدۇ .
تۈتۈننىڭمۇ تارقىلىدىغان تەدبىرى تولا ، تونۇرنىڭ تېگىدىكى تۆشۈكلەردىن ، تۆپۈدىكى تۇڭلۈكلاردىن توختاۋسىز تارقىلىپ تۇرىدۇ .
تاماكىنىڭ تەبئىتى توغرىسىدىكى تەپسىلات : تاماكىنىڭ تەبئىتى تەمسىىز ، تاماكا تونۇردا تۇرسا تاڭسىق ، تۈتۈنگە تۇتۇشۇپ تارقالسا تاتلىق ، تاماكىنىڭ تەقى - تۇرقى تۇمانلىق تۈتۈن. تاماكا - تەرىسا ، تونۇشلىرىنى تىللايدۇ ، تىرىكتۇردۇ ، تىم تۇرساڭ تىلىڭنى تاتىلايدۇ ،تىلىڭغا تەككۈزسەڭ تىنىقلىرىڭنىڭ تارقىلىشىنى تۇۋاقلاپ ، تۈتۈن تۈرمىسىنىڭ تۇڭلىكىنى تاقايدۇ . تاماكىغا تويغانلا تاشلايدۇ، تويمىغانلار تىلەيدۇ، تاشلاندۇق تاماكىنى توشقاندەك تىپىرلاپ تىيىپ توپلايدۇ.
تاماكىنىڭ تارقىلىش تەسىرى توغرىسدا :
تاماكىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى تۈتۈننىڭ تىزلىكىگە تەڭ.
تارقىلىشى تەتۈر تاناسپلىق تەڭلىمىگە تەڭ . تاماكنىڭ تۈتۈنىنى تارقىتىدىغان تەشۋىقاتچىلار تۈتۈننى تومورغا تارقىتىدۇ، تۈتۈن تۇمانغا تاينىپ تومورغا تىزلىكتە تارقىلىدۇ، تومورغا تارقالغان تۈتۈن تومورنى تەمبۇرنىڭ تارىسىدەك تۈزلەپ، تارايتىپ، تومورنىڭ تەننى تەمىنلەشتىكى تەبئى تەسىرنى تورمۇزلاپ، تەننىڭ تىمپۇراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىپ، تىلنىڭ تەپەككۇر تورىدىكى تىلىفۇنىنى توختىتۋىتىدۇ. تىلمىزدىكى تۈتۈننى تارقىتۋاتقان تاياقچىنى تارتىپ تالاغا تاشۋەتمىسەك، تاماكىنىڭ تەمىنى تاتلىق تېتىتقان تۈتۈن تىنقىمىزنى توختىتۋىتىدۇ. تەلىيمىزنىڭ تەتۈرلىكىدىن تىنقىمىز توختىسا،توننا-توننىلاپ تىللا تۈلەپمۇ تېرقتەك تىنىقنى تاپالمايمىز.
تاماكىنىڭ تەركىۋى توغرىسىدا تەكشۈرۈلگەن توغرا تەھلىل:
تاماكىنىڭ تەركىۋى:- توك توخسىنىڭ تۇخۇمى، تاسقىمىغان تېرىقنىڭ تۇپىسى، توڭ تاۋۇزنىڭ تىلپى، تاغدا تۇرۇپ قالغان تەخەينىڭ تىرىسى، توڭگۇزنىڭ تىزىكى، تۇرمىدىكىلەرنىڭ تەرەت تۇشۇيدىغان تاۋىقى، تىبابەت تەشكىلىي تەستىقلىمىغان تەرەتتىنمۇ تېتىقسىز تاشلاندۇك تەركىپلەر.
تاماكىنىڭ تەبئىتى:- تۇنۇردا تۇغۇلغان، تىلسىز تەربىيلەنگەن، تۇمان تورىدا تارقىلىپ، تەندىكى تومورنى تورمۇزلاپ، تەننىڭ تىمپۇراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىپ، تەننى توڭلىتىدىغان، تەرجىمھالىي تۇراقسىز، تەشكىل تەستىقلىمىغان تارىخى تاجاۋۇزچىدۇر.
تەتقىقاتچىلارنىڭ تاماكا تاشلاش توغرىسىدىكى تەربىيە تەشۋىقاتى:
تاماششىبىنلار، تۇققانلار، تورداشلار- تاماكىنى تاشلايلى!- تاماكىنىڭ تۈتۈننى تارتىشنى توختىتايلى! تاماكىنى تاشلىساق تەننىڭ تەنھا تارماقلىرنى تازلانغان تەلىم-تەربىيە تەمىناتىدا تەربىيلەپ، تىنمىزدىكى تورلاشقان تۇمۇرلىرىمىزنى تىبابەت تەلىماتنىڭ تىنىقلىردا تەمىنلەپ، تاماكا تۈتۈننىڭ تېتىقسىز تەسىردە تىرىكىشۋاتقان تاتلىق تۇرمۇىشىمىزنىڭ تەمىنى تەبىئى تەڭشەپ تاماكىنىڭ تۇمانلىق تارقىلىۋاتقان تاجاۋۇزنى تۇسالايمىز.
تەلەپ:- تاماكىنىڭ تەسىرنى تاقىتۋاتقان تىلسىمات تونورنى تەپەككۇر تۇۋاقلىرىمىزدا تەنھا تۇسايلى!
مەخەت ئابدۇرېھىم
تەھرىرلەش
|
|