قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1996|ئىنكاس: 31

تاماكا توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

9

دوست

4640

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 363
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 619
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 15:15:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

1492 – يىلى ئىسپانىيلىك دېڭىزچى كۇلۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىكلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتۇرۇس كۆرگەن، ئىككى ماتۇرۇسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋرۇپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.
1496 – يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.
1518- يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قۇمۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چىكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چىكىش ھىسابلىنىدۇ.
1530- يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.
1560- يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتىگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايىتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خېمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.
1575- يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگۇغا كىرگەن.
1595- يىلى ئەنگىليەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان « تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكنىڭ ئادەم بەدىنگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.
1600- يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا ( خۇش پۇراق ئۈسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرلۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چىركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.
1612- يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرنىڭ ئوتتۇرا ئامىركىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامىركىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دىگەن بازىردا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىندىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگىليەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامىركىدا تاماكا سىناق تەرەقىسىدە تېرىلغان.
1616- يىلدىن 1627- يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپۇنيىدىن چاۋشىيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلغا، روسيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.
1639- يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكىلگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرىغان.
1666- يىلى ئەنگىليەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.
1799- يىلى ناپالىئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرنىڭ چىلىمى توپ ئۇقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇردىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چىكىش دۇنياغا كەلگەن.
1825- يىلى شىۋىتسارىيەلىك خېمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بۇلۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.
1881- يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشنا پاتنىت ھۇقۇقىغا ئىرىشكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلناتتى. `1900- يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.
1902- يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى « تاماكا زىيىننى يۇقىتىش ھەركىتى » ئەنگىليەدە نەشىر قىلىندى.
1927- يىلى ئەنگىليەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببى ژورنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.
1941- يىلى 2- دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ئامېركا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربى سەپكە قاتنىشىش مەجبۇريىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بۇلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
1948- يىلى « ئامرىكا تىببى جەميىتى ژۇرنىلى » دا، « پىسخىلوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چىكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق » دىيىلدى.
1955- يىلى ئامېركا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىردا سالامەتلىككە پايدىلىق دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكىلىدى.
1957- يىلى ئامېركا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گورۇپىسى قۇردى. بۇ گورۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
1966- يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا « دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.
1967- يىلى نيۇ يۇرۇكتا تۇنجى قېتىملىق « تاماكا ۋە سالامەتلىك » خەلقارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرلۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.
1980- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بىجۈرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە « سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ » پائاليىتىنى قانات يايدۇردى.
1983- يىلى ئامىركا ھەر يىلى تاماكا چىكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
1987- يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىنى دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بىككىتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
1989- يىلى ئامېركا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكىلاتىدا، تاماكا چېكىدىىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقۇرى دەپ كۆرسەتتى.

0

تېما

6

دوست

9675

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10825
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 3079
توردىكى ۋاقتى: 434
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 19:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسپانىيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يۇپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشۋاپتۇ دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.

ياۋروپا تارىخىدا بۇنىڭدەك ئەخمقانە ئىشلار ھەقىقەتەن كۆپ، بەرەڭگىنى ئالۋاستى مېۋىسى دەپ چەكلەشتەك ھاماقەتلەرچە ئىشلىرىنى دېمەيلا قويايلى، ئەنگىلىيە تارىخىدىلا  ‹پېرىخون› دەپ تېرىك پېتى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈلگەن قىز ئاياللارنىڭ سانىنىڭ ھەددى ھېسابى يوق.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

25

تېما

9

دوست

4640

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 363
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 619
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 21:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلارنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقىغا 500 يىلدىن ئاشتى. تاماكا ئامېركا قىتئەسىدىن چىققان، ئەڭ بۇرۇن بايقالغان جاي تاباگ ئارىلى بۇلۇپ، تاماكىنىڭ ئىسمى مۇشۇ ئارالنىڭ نامى بىلەن ئىنگلىزچە « Tabag» دەپ ئاتالغان. ئەڭ بۇرۇن ئامىركا قىتئەسىگە بارغان ياۋرۇپالىقلار تاماكىنى ياۋرۇپاغا ئېلىپ كەلگەن، ياۋرۇپادىن ئاسىياغا تارقالغان. تارىخى كىتابكاردا خاتىرلىنىشچە، تاماكا مىڭ سۇلالىسى، يەنى 1573- 1619- يىللىرى جۇڭگۇغا تارقالغان. دېمەك، تاماكىنىڭ جۇڭگۇغا كېرگىنىگە پەقەت 400 يىللا بولغان بولىسىمۇ، جۇڭگۇدا ئۇمۇملىششى ئىنتايىن تىز بولغان، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىردا چەت ئەل تاماكىسى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركۈملەپ كىرگەن، ئارقىدىن چەت ئەل سودىگەرلىلىرى جۇڭگۇدا تاماكا زاۋۇتلىرنى قۇرغان، ئازاتلىقتىن كىيىن جۇڭگۇنىڭ تاماكا سانائىتى ئۇچقاندەك راۋاجلىنىپ، ھازىر دۇنيا بۇيچە 1- ئۇرۇنغا چىققان.

25

تېما

9

دوست

4640

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 363
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 619
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 21:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماكىنىڭ شەخىسگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادى زىينىنى مۆلچەرلەش ۋە ھىسابلاش ئىنتايىن ئاسان. ئۇمۇمى ئىقتىسادى زىياننى ھىسابلساق، مەملىكىتىمىزدىكى 300 مىليۇندىن ئارتۇق « بەڭگى»نىڭ ھەر بىرى ھەر كۈنى ئىككى يۈەنىلىك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 600 مىليۇن يۈەننى، بىر يىلدا 219 مىليارد يۈەننى چىكىپ تۈگىتىدۇ، ئەگەر ھەر بىر بەڭگى ھەر كۈنى ئۈچ يۈەنىلك تاماكىدىن بىر قاپ چەكسە، بىر كۈندىلا 900 مىليۇن يۈەن، يىلدا 328 مىليارد يۈەن كىتىدۇ، مۇشۇنداق زور بايلىق بىكاردىنلا ئىسراپ قىلىندۇ.
تاماكا ئىستىمالى ئىقتىسادى كىرىمى ئوخشاش بولمىغان ئائىلەردە ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، تاماكىنىڭ تۈرى، سانى، باھاسىدا روشەن پەرىقلەر مەۋجۈت بۇلىدۇ. نۇرغۇن ئائىلەردە بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرغا قارىغاندا تاماكىغا كۆپرەك پۇل چىقىم قىلىندۇ. قىسقىسى، «بەڭگى»لەر تاماكىغا پۇل خەجلەشكە ئىككىلەنمەيدۇ، كۈزى قىيدۇ. شەخىسلەرنىڭ تاماكا چىقىمىنى ھېساپلاپ كۆرەيلى: ئەگەر مەلۇم كىشى 20 ياشتىن باشلاپ ھەر كۈنى بىر قېپى بىر يۈەنلىك تاماكا ( ئەمىليەتتە بۇنداق ئەرزان تاماكا يوق) چەكسە ھەم 60 ياشتا كېسەل سەۋەبى بىلەن تاماكا تاشلىسا، 40 يىلدا جەمئي 14400 يۈەن پۇلنى چىكىۋەتكەن بۇلىدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى 400 مىليۇنغا يىقىن «بەڭگى» ھەر ئايدا ھەر بىرى 20 يۈەنلىكتىن تاماكا چەكسە، ھەر يىلى 96 مىليارد يۈەننى كۆيدۇرۇپ تۈگىتىدۇ. ئەگەر بۇ 400 مىليۇن «بەڭگى»نىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلىسا ھەم ھەر بىرى ھەر ئايدا 20 يۈەندىن ئامانەت قويسا، 10 يىلدا غايەت زور پۇلغا ئايلىناتتى. بۇ پۇل پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مەدەنيەت، مائارىپ، ئىلىم- پەن، سەھىيە ئىشلىرى خىراجتنىڭ 30 ھەسسىگە توغرا كېلەتتى. تاماكا تاشلاپ ئامانەت قويغان پۇل تاماكا بېجىغا قارىغاندا دۆلەتكە تېخىمۇ زور بايلىق ئېلىپ كەلگەن بۇلاتتى.

25

تېما

9

دوست

4640

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 363
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 619
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 21:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن .
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .

0

تېما

2

دوست

1026

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30602
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 22:23:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاماكىنىزە، مەن بىر قتىم تاشلاپ يەنە چىكىپ سالدىم.

10

تېما

2

دوست

1766

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 532
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 22:44:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تاماكا زىيانلىق ››دەپ تۇرىدىكەنۇ يەنە ئىشلەپچىقىرىدىكەن.....

‹‹تاماكا زىيانلىق ››دەيدىكەنۇ ،يەنە چېكىدىكەن...

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

19

دوست

4627

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 22:47:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ تاماكا دېگەن نەرسىدىن تولىمۇ بىزارمەن ،تاماكا چەككۈچىلەر كوچىلاردا ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا تاماكا چېكىپ مۇھىتنى بۇلغىمىسا ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىسە دەيمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )