- تىزىملاتقان
- 2013-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1778
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
77.8%
|
داۋامى يوللاندى
قانداق قىلغاندا بۇ ئىختىلاپنى توغرا ھەل قىلغىلى بولىدۇ؟دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تولا ئويلۇنۇپ،نېرۋام كاردىن چىقاي دەپ قالدى،شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر ھەپتىدەك ۋاقىت ئۆتتى، ئەكبەر يەنىلا شۇ ئالدىراشلىقى بىلەن يۈرەتتى. بىر كۈنى ئۇ قىزىمىزنى ئېلىپ‹‹ ئايلىنىپ كىرەي›› دەپ چىقىپ كېتىۋاتاتتى،خېلى كەچ بولغاندا كىردى،قىزىم ئىشىكتىن كىرىپلا :
-ئاپا، دادام مېنى جىق كومپيوتۇر قويغان،نۇرغۇن ئادەملەر بار يەرگە ئەكىرىدى، كومپىيوتۇردىن چىرايلىق بىر ئاپاش چىقتى، دادام بىلەن ئۇ ئاپاش گەپ قىلىشىپ كەتتى،ئۇ ئاپاش دادامغا شۇنداق كۈلۈپ گەپ قىلىپ كەتتى، داداممۇ بەك خوش بوپ كەتتى،ئۇ ئاپاش كومپيوتۇردا دادامغا جىق گۈللەرنى ئەۋەتتى،- دېمەسمۇ ئەرۋايىم بىر ئۇچتى، شۇ زامانلا پارتىلىدىم.
-ھەي ،نومۇس قىلماي مۇشۇ كىچچىككىنە نارسىدە قىزىمىزنى شۇ يەرگە ئەكىرىپ، ئۆزەڭنىڭ نومۇسسىزلىقىڭنى سازايى قىلدىڭما؟خىجىل بولمىدىڭمۇ؟ مۇشۇ قىلغىنىڭ بالىغا قانداق تەسىر بېرىدۇ؟-دەپ سۆزلەپلا كەتتىم، ئاچچىقىمدا ئاغزىمدىن خېلى يامان سۆزلەرمۇ چىقتى، ئەكبەر دەسلەپتە قىزىرى-تاتىرىپ
- نېمە بولدىڭىز؟ساراڭ بوپسىز، مەن شۇ قىزىمىزنى تورخانىغا ئەكىردىم، ئۇ يەردە تورداشلار بىلەن ئازىراق پاراڭلاشتىم، نومۇس قىلغۇدەك نېمە ئىش قىپتىمەن؟- دەپ ماڭا خېلى ھۈرپەيدى،ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا بۇنداق چوڭ سۆزلىشى ئوت ئۈستىگە چېچىلغان ماي بولۇپ تېخىمۇ ئوغامنى قايناتتى، مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ‹‹قانداق قىلسام بولا؟ كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ ئىقرارىنى ئاڭلاپ باقايمۇ؟بۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىسام تېخىمۇ ئازابلىنىپ كېتەرمەنمۇ ؟›› دېگەن ئىككىلىنىش ئىچىدە قويۇپ قويغان ئىككىكسىنىڭ بىر بىرسىگە نومۇسسىز مۇھاببەتلىك سۆزلىرى بىلەن يېزىشقان ئۇچۇرلىرى ۋە ئۇرۇشقان تېلىفون خاتىرسىنى ياتاق ئۆيدىن ئەچىقىپ ئۇنىڭ كۆزىگە تىقتىم.
-بۇ نېمە؟ دەپ سورىدى ئۇ.
- نېمە بولاتتى ،بۇ ھېلىقى خوتەندىكى ھاۋاگۈل دېگەن ئاشىقىڭ بىلەن يېزىشقان نومۇسسىز سۆيگۈ ئۇچۇرلىرىڭ بىلەن ئۇرۇشقان تېلىفونلىرىڭنىڭ خاتىرسى، بۇنىڭغا يەنە نېمە دەيسەن؟- دېدىم، ئۇ دەسلەپتە يېقىن كەلتۈرمىدى، كېيىن يىغلاپ تۇرۇپ قولىدىكى تېلىفوننى ئالماقچى بولدۇم، ئۇ تېلىفوننى بەرمەي ئېپ قاچتى،ئەسەبىيلىكىم تۇتتى،كۆزۈمگە ھېچنىمە كۆرۈنمەي تېلىفوننى قولىدىن ئېلىۋېلىش ئۈچۈن قاتتىق تىركەشتىم، كېيىن مېنىڭ بۇ خىل بىشەم ئەلپازىمدىن سەل ئەندىشە قىلدىمۇ قانداق ،تېلفوننى ماڭا بەردى،قولۇمدىكى تېلىفون خاتىرسى بىلەن تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلار ئالدىدا ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىدىن تېنىۋالالمىدى.
- ئۇ ھاۋاگۈل دېگەن بىلەن قانداق تونۇشقان؟ ئۇ سېنىڭ ئاشناڭما؟ ئۇ نېمە دەپ ساڭا ئۇچۇر يېزىپ، تېلىفون قىلىپ يۈرىدۇ؟ ئۆيدىكى كومپيوتۇردا كۆرۈشسەم خوتۇنۇم كۆرۈپ قالارمىكىن دەپ ، تورخانىدا كېچىلەپ مۇھاببەتلەشكىنىڭنى قىزىمىزغا كۆرسۈتۈپ يۈرگىچە نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟-ئاغزىمنى قويۇپلا ئەتكەن ئىدىم، ئۇ بىردە قىزىرىپ ،بىردە تاتىرىپ تۇراتتى.
-ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشقان؟- دەپ قىستاپ سورۇدۇم.
- ئۇ مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدىشىم، ئۆتكەن قېتىملىق ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن تېلىفون نومۇرلىرىمىزنى قالدۇرۇشقان ئىدۇق،ساۋاقداشلار يىغىلىشى تۈگەپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماڭا تېلىفون قىپتۇ، كېيىن توردا كۆرۈشتۇق،-دېدى ئەكبەر.
- ئۇ ساۋاقدىشىڭ بولسا يېشى خېلى چوڭ ئايالكەنغۇ؟ ئېرى ،بالىلىرى يوقما ئايالنىڭ ؟- دەپ سورۇدۇم مەن.
- ئېرى بار ،ئىككى بالىسى بار ، -دېدى ئەكبەر.
- توۋا، ئېرى ، ئىككى بالىسى بار ئايالمۇ باشقا ئەرلەرگە ‹‹ كۆيدۈم ،پىشتىم ›› دەپ ئۇچۇر يوللاپ يۈرەمدۇ؟ نېمانداق نومۇس قىلىشنى بىلمەيدىغان ئايال بۇ؟سەنمۇقانۇن ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەلۇماتلىق بىر ئادەم تۇرۇپ ئايالىم، بالىلىرىم بار دېگەننى ئويلىماي،نومۇس قىلماي شۇنداق تېتىقسىز قىىلقلارنى قىلىپ يۈردۈڭما؟ ئەجەپ ساۋاقداشلار ئۇچرىشىشىدا كۆرۈشۈپلا بىر –بىرىڭگە كۆيۈشۈپ قېلىشىپسىنا؟ ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنلا مۇناسىۋىتىڭ بولمىسا تۇرۇپلا ،بۇنداق ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىش ئىشى بولمايدۇ،راستىنى ئېيتقىنا ،چوقۇم ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇن مۇناسىۋىتىڭ بار ،شۇنداقمۇ ؟- دەپ سورۇدۇم مەن، شۇ تاپتا مەن بىر سوراقچىغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم، ئەكبەر بولسا گۇناھ ئۆزىدە بولغاچقا يۇۋاشلىشىپ كەتكەن ئىدى.
- ئىككىمىز بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مۇھاببەتلەشكەن ئىدۇق، ئوقۇش پۈتتتۈرگەندىن كېيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىغا كەتتۇق،- دېدى ئەكبەر.
-ئۇ ئايال نېمە ئىش قىلىدۇ؟-دەپ سورۇدۇم .
-سوتتا ئىشلەيدۇ،- دېدى ئەكبەر.
-توۋا، سوتتا ئىشلەيدىغان، ئىككى بالىسى بار ئايالنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى قاراڭ،نومۇس قىلسىچۇ! ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتا مۇرادىڭغا يېتىشەلمەي قېلىشىپتىكەنسەن،ئوننەچچە يىل ئۆتۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە قايتا تېپىشقاندا ،كونا خامانىلرىڭغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىشىپتۇ –ھە!ئۇنىڭ نەرى مېنىڭدىن ئارتۇق ؟ ئۇنىڭ‹‹ سېنى بەك سېغىتىميا،كەلمەمسەن تېزياك دەيتمىيا...!››دېگەن خوتەنچە گەپلىرى بەك تاتلىق تېتىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ مەندىن ئاجرىشىپ ،خوتەنگە بېرىپ شۇ خوتۇن بىلەن توي قىلامسەن يا؟-دېدىم زەردە بىلەن.ئەكبەر گەپ قىلماي جىم تۇردى.
- مەن گەپ قىلىۋاتىمەن، -دېدىم .
- خاپا بولماڭ، تېلىفوندا كۆرۈشۈپ يۈرۈپ، ئۇچۇر قىلىشىپ مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقىتتىكى بىر –بىرىمىزنى قىزىقتۇرىدىغان ،شېرىن ،مۇھاببەتلىك گەپلەرنى قىلىشىپ ، ئۆزىمىزنى تۇتالماي شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئەقىلمىزدىن ئېزىپ قاپتىمىز، خاپا بولماڭ، مېنى كەچۈرۈڭ،ئەمدى ھەرگىزمۇ تېلىفون قىلمايمەن، تېلىفون قىلسىمۇ ئالمايمەن،-دەپ تۇرىۋالدى ئەكبەر. ‹‹ خوتۇن كىشى دېگەن ئۆچكە يېغى ›› دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن كونىلار،ئۇنىڭ ۋەدىلىرىگە ،تاتلىق ئالداشلىرىغا ئېرىپ كەتتىم،‹‹ بولدىلا، ئۇ خوتۇن بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ ،بىر يەرگە كېلىشىپ ناشايىن ئىشلارنى قىلىشىپ يۈرمىگەندىن كېيىن كەچۈرىۋېتەي ›› دەپ ئويلۇدۇم.
بىر كۈنى بالىنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ ئۆينى تازىىلۋېتەي دەپ قارىسام ،ئۈستەل ئۈستىدە بىرمۇنچە ماتېرياللار تۇرىدۇ،يىغۇشتۇرىۋاتسام بىر پارچە خەت قولۇمغا چىقىپ قالدى،بىرەرسىنىڭ ئەرزى ئوخشايدۇ دەپ مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتۈپ قارىدىم،بىراق بۇئەرز بولماستىن ئەكبەرنىڭ ھېلىقى دىلدارىغا يازغان خېتى ئىكەن،خەت مۇھاببەت ئىچىدىكى سېغىنىشلىق كۆڭۈل سوراشلار بىلەن باشلانغان بولۇپ‹‹ جېنىم ھاۋاگۈل،سېنى شۇنداق سېغىندىم، ھازىرقىدەك ئەقلىم بولغان بولسا ئۆز ۋاقتىدا سەن بىلەن خوتەنگە كېتىپ ،توي قىلاتتىمكەن، سەن‹ ئاغرىپ قالدىم› دەپ ئۇچۇر قىپتىكەنسەن يۈرىكىمنى بىرسى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى، قانىتىم بولسا قېشىڭغا ئۇچۇپ باراتتىم، ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى خوتۇن ئۇقۇپ قاپتۇ، مەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغان بولۇپ بۇ ئىشنى بېسىقتۇرىۋەتتىم، ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى دەپلا شۇنداق قىلدىم، بولمىسا ئۆزەڭ بىلىسەن، مەن ئۇنداق خوتۇنىدىن قورقۇپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس، ئۆزۈڭنى ئاسرا، سېنى مەڭگۈ سۆيىمەن......›› دېگەندەك مۇھاببەتلىك سۆزلەر بلەن تولغان ئىدى، بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ ،بېشىم ئايلاندى، ئەكبەرنىڭ ماڭا يالغان ۋەدە بېرىپ قويۇپ،دوپپامغا جىگدە سېلىپ ،يەنە ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرگىنىدىن قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى.مۇشۇنداق ئۇچۇرلاشقان دەۋردىمۇ بۇ كونا ئاشىقىغا رومانتىك خەت يېزىپ يۈرىشلىرىدىن ،بۇ قىلغىنى قەستەن مېنى ‹‹ كۆرسۇن ›› دېگىنىمىدۇ ؟دەپمۇ ئويلۇدۇم.بۇ نومۇسسىز خوتۇنغىمۇ غەزىپىم قوزغالدى،ئۆزۈمنى قاتتىق خوېلانغاندەك ھېس قىلدىم، بۇ خەتنى ئېلىپ قويۇپ ئەكبەر كەلگەندە ھېسابلاشماقچى بولدۇم.
ئەكبەر چۈشتە ئۆيگە كەلدى، مەن تاماقنى بېرىپ بولغاندىكىن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:
-بىز ئەر –خوتۇن بولغىلى نەچچە يىل بولدى؟- دەپ سورۇدۇم، ئۇ ماڭا بىر قارىۋېتىپ:
- مۇشۇمۇ سورايدىغان سوئالمۇ ئەمدى، 14 يىل بولدى،- دېدى.
- ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېھرى –مۇھاببەت قالمىدىما؟ دېدىم مەن.
- نېمانداق ئوڭ –تەتۈر گەپ قىلىسىز؟-دېدى ئۇ.
-سىز ماڭا‹‹ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەيمەن ››دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز، مەنمۇ سىزگە ئىشەنگەن ئىدىم، نېمىشقا مېنى ئالداپ يۈرىيسىز؟-دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ .
- سىزنى قانداق ئالداپتىمەن؟مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىدىم،- دېدى ئۇ.
- بۇ نېمە ؟ بۇخەتنى شۇ پاسكىنىغا يازماي ماڭا يازغانما ؟خەتتىكى ‹‹تېلىفون قىپتىكەنسەن›› دېگەن گەپتىكى تېلىفوننى باشقا بىرى قىلمىغاندۇ، شۇ ئەرسىرەپ كەتكەن رەسۋا قىلغاندۇ؟- دېدىم ،ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلغانلىقىغا ئاچچىقىم كەلگەن ئىدى، ئاغزىمنى بۇزۇپ يەنە ئاللىقانداق يامان گەپلەرنى قىلدىم.
- نېمانداق بىشەملىشىسەن گەپ قىلمىسام، نېمە بىكاردىن –بىكار خەقنى سەت تىللايسەن؟-دېدى ئەكبەر.
- تىتاڭ تومۇرۇڭغا تېگىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ،‹‹ ئۇينىڭ مۈڭگىزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىرقىراپتۇ ›› دەپ.رەسۋا بولمىسا يېنىدا ئېرى تۇرسا.شۇنچە يىراقتا تۇرغان سېنى سېغىنىپ ئولتۇرامتى ئۇ ئەرسىرەپ كەتكەن، بولسا بېرىپ ئۇنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ قوي.....- يەنە نېمە –نېمىلەرنى دېدىم.ئەكبەرمۇ مەندىن قېلىشماي بىرنەرسىلەرنى دېدى ، ئىككىمىز راسا بىر پەدە كومىدىيەلىك ئويۇن قويدۇق.شۇ سۈركىلىشتىن كېيىن ئەكبەرگە بوپلا بەردى، ئۇ ئەمدى ماڭا چىرايمۇ ئاچمايتتى، تېلىفون كەلسىلا تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتەتتى، تورخانىغىمۇ بارماي ئۆيدىكى كومپيوتۇر ئالدىدىدىن قوپماي ئولتۇرىدىغان ، مەن كىرسەممۇ ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيدىغان بولدى.ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك، يۈرۈكۈمنى قۇرۇت غاجىلغاندەك ئازابلىنىپى كېتىۋاتاتتىم،راستىنى ئېيتسام كۈندەشلىكىتىن ساراڭ بولاي دەپ قالغان ئىدىم،بەلكىم بۇ گېپىمنى ئاڭلىغانلار ‹‹ توردا كۆرۈشسە ،تېلىفوندا سۆزلەشسىمۇ كۈندەشلىك قىلامدۇ؟ ››دېيىشى مۈمكىن، لېكىن ئەكبەرنىڭ شۇ تاپتىكى ئەھۋالىنى كۆرگەن كىشى مېنىڭ قەدرىمگە يېتەتتى، ئۇھېلىقى تالىشىشتىن كېيىن بۇ شېرىن مۇھاببەت قوينىغا ئۆزىنى بېشىچىلا ئاتقان بولۇپ، مېنى كۆزگە ئىلماسلا بولغان ئىدى.ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى مېنىڭ غورۇرۇمغا تېگىپ، ۋىجدانىمنى قاينىتاتتى، كۆزۈمچىلا ئۇ خوتۇن بىلەن تېلىفون بېرىشىپ،تاتىلق ئېيتىشىپ يۈرسە ،كۈندەشلىك قىلماي تۇرالايمەنما؟ئايال كىشى ئۈچۈن كۈندەشلىك ئازابىدىن ئېغىر ئازاب بولمىسا كېرەك ،بۇنداق ئىش بېشىغا كېپ باقمىغانلار چۈشەنمەيدۇ، ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلسە ئاندىن بىلىپ يېتىدۇ بۇ ئازابنى.
ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا كۆرۈشۈشكە پۇرسەت يوق، شۇنداق قىلىشىدۇ، ئەگەر ئارىلىق يېقىن بولسا يەنە قانداق رەسۋاچىلىقلار چىقاتتىكىن تاڭ، مەن بۇ خىل ئازابلىق كەيپىيات ئىچىدە تۈگىشىپ كېتەيلا دەپ قالدىم، بالىنىمۇ ئېمىتەلمەي قالدىم،ئورۇقلاپ،كۆزلىرىم ئولتۇرۇشۇپ نەچچە يىل كېسەل ئازابىنى تارتقان كىشىدەك چىرايىم سارغىيىپ كەتكەن ئىدى،تونۇش –بىلىشلىرىم، خۇلۇم –خوشنىلىرىممۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ‹‹ ۋۇي ئاسىيگۈل ،نېمە بولدىڭىز؟ كۆزلىرىڭز ئولتۇرۇشۇپ، ئەجەب ئورۇقلاپ كېتىپسىز،ئاغرىپ قالدىڭزمۇ نېمە؟››دەپ سورىشاتتى، نومۇس ئۆز بىلەن بىللىكەن، مەن باشقىلارغا ‹‹ ئۇ بولدۇم، ئۇ بولدۇم›› دېسەم نېمە پايدىسى؟ ‹‹ ھېچنىمە بولمۇدۇم، بالا ئېمىۋاتقاچقا شۇنداق بولۇپ قالغان ئوخشايمەن›› دەپ قويدۇم،پۈتۈن ئادەمنىڭ مەسلىكى كېلىدىغان بەختلىك بىر جۈپ‹‹ قوشماقلار ››ساۋاقداشلار ئۇچرىشىدىن كېيىنكى ياشلىق دەۋرىدىكى مۇھاببەتنىڭ كونا خامىنغا ئوت كېتىشى تۈپەيلىدىن ئېزىتقۇ شەيتان ئېرىم بىلەن ھاۋاخېنىمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق كۈنگە چۈشۈپ قېلىشىمىزغا سەۋەپچى بولغان ئىدى.
بۇنداق يۈرىۋەرسەم تۈگىشىپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى، شۇڭا ئۇ ئايالغا تېلىفون قىلىپ ،ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ باقماقچى بولدۇم،تېلىفون خاتىرسىدىن يېزىۋالغان نومۇرغا تېلىفون قىلدىم،تېلىفوننى ئالدى،‹‹ ۋەي ›› دېيىشىم ھامانلا قويىۋەتتى،ياندۇرۇپ قايتا –قايتا تېلىفون قىلسام ئالمىدى، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەكبەر تېلىفون نومۇرۇمنى دەپ بەرگەن بولسا كېرەك، دەسلەپتە ئۇقماي ئېلىپ سېلىپ، كېيىن ئالغىلى ئۇنىمىغان گەپ.ئاخىرى بولماي ئاممىۋى تېلىفوندا تېلىفون قىلدىم،تېلىفوننى ئالدى.
-ۋەي ھاۋاگۈلما؟ تېچلىق تۇردىڭزمۇ؟- دېدىم مەن ئىمكان بار ئازاۋازىمنى سىلىق چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ.
- مەن ھاۋاگۈل،سىز كىم بولىسىز؟-دېدى ئۇ ئايال.
- سىز توي قىلغىلى نەچچە يىل بولدى؟- دېدىم مەن.
- سىز كىمۇ؟ مېنىڭ توي قىلغىنىمغا نەچچە يىل بولغانلىقىنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟- دېدى ئۇ ئايال.
- سىزنى توي قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان بولسا، ئېرى رازى قىلالماي،شۇڭا مېنىڭ ئېرىمنى ئىزدەپ يۈرەمدىكىن دەيمەن ،-دېدىم مەنتەئەددى بىلەن،يەنە خېلى گەپلەرنى قىلدىم،
-قانداق رەسۋا خوتۇن سىز ، ئەكبەر بىلەن ئارىمىزدا سىزگە يۈز كېلەلمىگىدەك ئىش بولغىنى يوق، بىز بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا مۇھاببەتلەشكەن، كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ئايرىلىپ كەتكەن ،ئۇ ۋاقىتتا مۇھاببەتنىڭ قەدرىگە يەتمەپتىكەنمىز، ئەمدى ئەقلىمىزنى تاپتۇق، بىز پەقەت تېلىفوندا، توردا كۆرۈشتۇق شۇ،باشقا ئىش يوق- دېدى ئۇ ئايال نومۇس قىلماي.
- يېقىنراق بولغان بولسا،باشقا ئىشلارمۇ بولاتتى ئاران تۇرغانلىرىدا،ئېرى ،بالىلىرى بار ، سوتتا ئىشلەيدىغان، ،قانۇندىن خەۋىرى بار ئايال تۇرۇپ نومۇس قىلماي سىزدىن نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتا تۇرغان بىرئەرگە ،‹‹ئىلگىرى مۇھاببەتلەشكەن›› دەپلا،كۆڭلىڭىزنىڭ كەينىگە كىرىپ ‹‹سۆيدۈم، كۆيدۈم›› دەپ تېلىفون قىلىپ ،ئۇچۇر يوللاپ،توردا كۆرۈشۈپ يۈرەمسىز؟ بۇ سىزگە يارىشىدىغان قىلىقمۇ؟ سىز بالىلىرىڭزنى قاتارغا قوشمامسىز؟ جاھان تۇتمامسىز؟....-دېدىم.
- مەن جاھان تۇتۇپ بولغان،چوڭ ئوغلۇمنى ئالىي مەكتەپكە كىرگۈزدۈم، كىچىك ئوغلۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ،‹‹ئۆي –بالا›› دەپ 18 يىل پالاقشىپتىمەن،ئەمدى بولسىمۇ كۆڭلۈمنى خوش قىلسام بولمامدىكەن ،-دەۋاتمامدۇ ئۇ رەسۋا. ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ.تېلىفوندا راسا تىللىدىم، ئۇمۇ بوش كەلمىدى، ئۇ ماڭا :
-مۇشۇ قىلغانلىرىڭنى ئەكبەرگە ئېيتىمەن،ئۇ سېنى بوش قويمايدۇ....-دېدى. مەن :
-نوچى بولساڭ دە، بەڭ بولسا ئۇرۇپ قويا، يا بولمىسا خوتەنگە بېرىپ سەندەك ئەرسىرەپ كەتكەن نومۇسسىزغا ئەر بولا؟......،-دېدىم.مېنىڭ تېلىفوندىكى يۇقۇرى ئاۋازدىكى بۇ تىللاشلىرىمغا ئەتراپتىكى كېتىۋاتقان كىشىلەر ھەيرانلىق بىلەن قارىشىپ قېلىشقان ئىدى، تېلىفوننىڭ ئىگىسى بولغان خەنزۇمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى، يەنە ئۆزۈمچە خىجىل بولدۇم.
ئويۇننىڭ ئاخىرىسى كەچتە ئەكبەر قايتىپ كەلگەندە چىقتى.ئۇ ‹‹ نېمىشقا ھاۋاگۈلگە تېلىفون قىلىپ ،ئۇنى تىللايسەن ››دەپ ،قول تەككۈزدى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ماڭا تېخىمۇ ھار كەلدى،ئىككىمىز ھەربىي –دۈشمەن ھالىتىگە كېلىپ قالغان ئىدۇق،مەن ئاخىرى كۆڭۈلسىز بۇ تۇرمۇشتىن بىزار بولدۇم،ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەربىي ھالەت ئالتە ئايغا يېقىن داۋاملاشتى،بىزنىڭ گەپ –سۆزلىرىمىزمۇ يوق دېيەرلىك بولۇپ قالغان ئىدى،نومۇس قىىلپ بۇ گەپلەرنى چوڭ ئۆيدىىكلەرگىمۇ دېيەلمىدىم،ئاپام –داداملارنىڭ ‹‹ بالام، ئەكبەرجان چىقمايدىغان بولۇپ قالدا؟››دېگەن گېپىگە‹‹ ئۇ بەك ئالدىراش بوپلۇپ كەتتى›› دېگەن باھانىنى كۆرسىتەتتىم.
ئارىلىقتا ئەكبەرنىڭ يېقىن بىر ئاغىينىسىگە بۇ ئەھۋالنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتتىم .ئۇ ئاغىينىسىمۇ ئۇقىدىكەن بۇ ئىشلارنى،‹‹ مەن تەربىيە بېرەي ،ئۆزىڭزنى بېسىۋېلىڭ››دەپ تەسەللى بەردى، مەن شۇ ئاغىينىسى ئارقىلىق ئەكبەرنىڭ چ چ سىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى بىلىۋېلىپ ،ھېلىقى ئاشنىسى بىلەن ئۇنىڭ چ چ سىدا كۆرۈشتۈم،
ئۇ ئايال :
- مېنىڭ ئېرىم كىم دېسە پالانى دېگۈدەك ھوقۇقى بار ئادەم،مېنىڭ پۇلغىمۇ ئېھتىياجىم يوق، مەن پەقەت ئەكبەر ئارقىلىق ئۆزەمنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى تاپسام دەيمەن،سىز بۇنچىلىك ئىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى ئۇنچىۋالا ئازابلاپ نېمە قىلىسىز؟ كۆڭلىڭىزنى كەڭرى تۇتمامسىز؟، -دەپ ماڭا مەسخىرىلىك تەسەللى بەردى.
مەن ئۇنىڭغا :
-ئەگەر سىزنىڭ ئېرىڭزمۇ سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن ئېغىز –بۇرۇن يالىشىپ يۈرسە قانداق قىلاتتىڭىز ؟ -دېسەم :
-‹‹ ئەركىشى دېگەن ئۆيگە كىرسە بىرنىڭ ئېرى، تالاغا چىقسا مىڭنىڭ ›› ،-دەۋاتمامدۇ ،ئۇ خوتۇننىڭ گېپى ئۇ جان بۇ جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى، بىز چ چ دا يەنە تىللىشىپ كەتتۇق.بۇ خوتۇنننىڭ ئەلپازىدىن ئۇنىڭغا ياخشى گەپ تەسىر قىلدىغاندەك ئەمەس ئىدى،قارىغاندا بۇ ئىككىسىنىڭ مېھرى –مۇھاببىتى بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كەتكەندەك قىلاتتى.
داۋامى بار..... |
|