قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2687|ئىنكاس: 17

شەيتان يېتىلەپ ماڭغانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

2

دوست

1772

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   77.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 534
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-9 18:35:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
  دەرسلەردىغۇ خېلى ئالدىدا ماڭاتتىم، بىراق تەلىيىم شۇنداق كاجمۇ ،ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمەي قالدىم،نەچچە ئايغىچە كۈنلىرىمنى يىغا ئىچىدە ئازابلىنىپ ئۆتكۈزدۈم،دادام ئاپاملارنىڭ قايتا ئوقۇتقۇسى بار ئىدى، لېكىن ئۆزۈمنىڭ قايتا ئوقۇغۇم كەلمەي قالدى، ئاخىرى ئۇنى دېمەڭ ،بۇنى دېمەڭ بىلەن ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ پاختا شىركىتىگە ئىشقا ئورۇنلاشتىم، شۇنداق قىلىپ پاختا شىركىتىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىپ كەتتىم ،ئۇ ۋاقىتلاردا زاۋۇت –كارخانىلاردا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىش ھەققى يۇقۇرى بولغاچقا ھەم يەنە بىر تەرەپتىن، مەن ئىشلەيدىغان زاۋۇت ھۆكىمەت ئىگىلىدىكى زاۋۇت بولغاچقا،ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ كۆزلىرى  ماڭا  زوقمەنلىك بىلەن تىكىلىشكە باشلىدى، ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ماڭا كۆز تىكىدىغان يىگىتلەر ئەتراپىمدا پەرۋانە بولۇشقا باشلىدى،بولۇپمۇ خىزمەتكە قاتنىشىپ بىر يىل بولاي دېگەن دېگەندە بىر چېگرا مۇداپىئە ساقچىسى مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، خېلىغىچە كەينىمگە كىرىپ يۈردى، ئۇ  ساقچى فورمىسى ئۆزىگە شۇنداق ياراشقان، بوي –بەستى كېلىشكەن يىگىت ئىدى، لېكىن مەندە بۇ يىگىتكە نىسپەتەن قىلچىمۇ قىزىقىش بولمىغاچقا  ئۇنىڭغا گەپنى ئۈزۈپلا ‹‹ياق ›› جاۋابىنى بەردىم.دادامنىڭ دىنىي ئېتىقادى بەك كۈچلۈك بولغاچقا ،مېنىڭ كەچلىرى يالغۇز سىرتلارغا چىقىشىمنى،كوچىلارغا قالايمىقان چىقىشىمنى چەكلەيتتى، بىرنەرسە ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاساسەن ئاپام بىلەن بىرگە چىقاتتىم، ئائىلە تەربىيىسى شۇنداق بولغاچقا،مەن ئەتراپىمدا چۆرگىلەپ يۈرگەن يىگىتلەرگە ئانچە بەك پەرۋا قىلمىدىم،قىسقىسى مېنىڭ ھازىرچە توي قىلىش خىيالىم يوق ئىدى،يەنە بىر تەرەپتىن ئاكام تېخى توي قىلماي تۇرۇپ ،مەن توي قىلىمەن دېسەممۇ تازا مۇۋاپىق بولمايتتى،دادام ،ئاپاملارمۇ ئۇياقتىن –بۇياقتىن قۇلاق يوپۇرتۇپ كەلگەنلەر كۆڭلىگە تازا ياقمىغاچقا ماڭا ئىتتىرىپراق، ماقۇللۇق بىلدۈرمەي كېلىۋاتاتتى.
     ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىلەن ئۇزۇن يىللىق خوشنا ئولتۇرغان قاسىم ئاكامنىڭ شىنجاڭ قانۇنچىلىق  ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ،تەپتىش ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم قوشۇمچە ئادۋۇكاتلىق خىزمىتىنى قىلدىغان ، مەن‹‹ئاكا ››دەپ چوڭ بولغان ئوغلى ئەكبەر ماڭا توي قىلىش تەكلىبىنى قويۇپ كەينىمگە كىرىپلىۋالدى، مەن ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىۋەتتىم ، لېكىن ئۇ مېنىڭ ئۇنىمىغىنمغا ئۇنىماي يەنە ئۆزىنىڭ گېپىنى يورغۇلۇتۇپ تۇرىۋالدى، ئىككىمىز خوشنا بولغاچقا ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدىن ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلەتتى، ئۇ ئىشتىن چۈشىشىمنى پايلاپ تۇرۇپ، ئالدىمنى توسۇپ ئۆزىگە ماقۇل جاۋاب بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالاتتى، مەن باشقىلار كۆرۈپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ ،ئۇنىڭ گېپىنى بۆلىۋېتىپ ئۆيگە كىرىپ كېتەتتىم، كېيىن ئەكبەر مېنى ماقۇل كەلتۈرەلمەي، ئۆيىدىكىلەرگە مەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسى –دادىسى گەپ ئېيتىپ ئۆيىمىزگە كىرىپتۇ، ئانام –دادام‹‹ ئاسىيگۈل بىلەن مەسلەھەتلىشىپ جاۋاب بېرەيلى ›› دەپتۇ، كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم ئانام –دادام ماڭا بۇ توغرۇلۇق ئېغىز ئاچتى،ئۇلارنى گەپ –سۆزلىرىدىن مېنىڭ ئەكبەرگە  ماقۇل جاۋاب بېرىشىمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،مەن گەپ قىلماي تۇرىۋالدىم،ئۇلار مېنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىمنى قىستاپ سوراپ تۇرىۋالغامندىن كېيىن ‹‹ مەن ئويلۇشۇپ باقاي›› دەپ جاۋاب بەردىم
    -قىزىم،قاسىماخۇن بىلەن ئۇزۇن يىللىق خۇلۇم – خوشنىلاردىن، مىجەزىمىزنى بىلىشىمىز، ‹‹بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي –چوڭقۇرى تولا ››دېگەن گەپ بار، ئۇقۇشمىغان –بىلمىگەن يەرگە بېرىپ قالسىڭىز كېيىن ياخشى بولماي قالسا پۇشايمان قىلىدىغان گەپ، توي دېگەن ئۆمۈر سودىسى، ئەكبەرجانمۇ ناھايتى ئەدەپ –قائىدىلىك ،مىجەزى ئېسىل، كۆيۈمچان بالا بولدى،خىزمەت ئورنىمۇ ياخشى ،ھەر ھالدا ئەقىلىڭزنى ئىشلىتىپ ، ئوبدانراق ئويلىنارسىز!- دېدى ئانام، بۇ گەپلەردىن دادام بىلەن ئانامنىڭ قاسىم ئاكاملار ئېغىز ئېچىپ كىرگەندىن كېيىن، بۇ توغرۇلۇق مەسلەھەتنى پىشۇرۇپ بولغانلىقىنى ،مېنىڭ ماقۇللۇق جاۋابىنى بېرىشىمنى خالايدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،راستىنى ئېيتسام ئەكبەر كۆزلىرى چوڭ –چوڭ كەلگەن، تەقى –تۇرقى ھەقىقىي ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە خاس بىر خىل قىياپەت چىقىپ تۇرىدىغان يىگىت بولۇپ ،ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ  باشقىلاردىن گەپ ئېيتىپ ئۆيىگە كىرگۈزگەن قىزلارمۇ بار ئىدى،بۇنى ئاپىسى سانىخان ئاچام بىزنىڭ ئۆيگە كىرگەندە پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرەتتى،راستىنى ئېيتسام مەنمۇ ئۇنىڭ ئېسىل مىجەزىنى،بولۇپمۇ ئاتا –ئانىسىغا ۋاپادارلىقى، كۆيۈمچانلىقىنى (سانىخان ئاچام كېسەلچان بولغاچقا ھەم ئىككى ئاچىسىمۇ ئۆي –ئوچاقلىق بولغاچقا ، ئەكبەرنىڭ ھەر تەتىللەردە كەلگەندە ۋە خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ ئانىسىنىڭ تاماق ئېتىشىگە،ئۆي تازىلاشلىرىغا ياردەملىشىشى، كۆكتات سېتىۋالغىلى چىقىشلىرى،ئىشقىلىپ بىر قىسىم ئوغۇللاردەك ئانىسى ئېتىپ بەرگەنننى يەپلا قاچماي، ئاتا –ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىشى)ياقتۇراتتىم، كۆڭلۈمدە ‹‹ئەكبەردەك ئېسىل مىجەزلىك يىگت بىلەن توي قىلىپ قالغان  بولسام ››دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئۇ توي قىىلش تەكلىبىنى قويغاندا ۋە ئاتا –ئانىسى سۆز ئېيتىپ كىرگەندە نېمە  دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم، << ئويلىنىپ باقاي >>دەپمۇ نەچچە كۈننى ئۆتكۈزىۋەتتىم،ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە ئەكبەرنىڭ ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئارىلاشقان كۆزلىرىنىڭ يولۇمغا تىكىلگەنلىكىنى كۆرەتتىم،ئۆزەممۇ ئۇنى ھەر قېتىم كۆرگەندە ھودۇقۇپ –تەمتىرەپ ماڭىدىغان يولۇمنى تاپالماي قالاتتىم،ئارىدىن بىر ھەپتىدىن ئارتۇقراق ۋاقىت ئۆتتى، ئەكبەر مېنىڭ ماقۇللۇق جاۋابىمنى ئالالماي ،ئاخىرى بىر كۈنى كەچتە  ئىشتىن چۈشۈپ كەلسەم ئالدىمنى توسۇپ تۇرۇپ :
     - جاۋابىڭىزغا ئىنتىزار بولۇپ ساراڭ بولاي دەپ قالدىم، مېنى ئۇنداق قىينىماڭ، ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان،بىر - بىرىمىزنىڭ مىجەزىمىزنى بىىلشىمىز،يېشىمىزمۇ ئۇنچە كىچىك ئەمەس،بۈگۈن سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن ئېنىق جاۋابنى ئاڭلىماقچىمەن، -دېدى.
     - بۇ يەردە سىز بىلەن تۇرسام باشقىلار كۆرسە سەت تۇرىدۇ،ئالدىمنى توسماڭ، مەن كىرىپ كېتىمەن- دېدىم مەن.
    -بىز دېگەن خۇلۇم –خوشنا ھەم بىرگە ئويناپ چوڭ بولغانلار، خوشنىلارنىڭ، تونۇش –بىلىشلەرنىڭ  ئۆزئارا پاراڭلىشىشى نورمال ئىش،مەن بۈگۈن ئۆز ئاغزىڭىزدىن جاۋابىڭىزنى ئاڭلىماقچى،-دېدى.مەن يەنە نېمە دېيىشىمنى  بىلمىدىم،كۆڭلۈمدىكى گەپنى ئېيتسام ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشنى، ئۇنىڭ يولدۇشۇم بولۇشىنى خالايتتىم، لېكىن مېنىڭ ‹‹ ماقۇل ›› جاۋابىنى بېرىشىمگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىككى ئىش بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ  ئۇنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىدە ئىشلەيدىغانلىقى بىلەن مېنىڭ پاختا شىركىتىدە ئىشلەيدىغىنىم ۋە ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكى بىلەن مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكىم ئىدى، بۇ ئىككى ئىش مېنىڭ ئۇنىڭغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈشمنى كەينىگە سوزۇۋاتاتتى،لېكىن گەپ قىلماي جىملا تۇرىۋېلىشمۇ ئىشنى ھەل قىىلشنىڭ ياخشى چارىسى ئەمەس ئىدى،ئەمدى گەپنى ئۈزىۋەتمىسەم  بولمايدىغان يەرگە كەلگەن ئىدى،شۇڭا ئەكبەر بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئارىنى ئوچۇق قىلىۋېتىش ئويىغا كەلدىم.
      -ھېلى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن چىقاي، ئاندىن پاراڭلىشايلى، -دېدىم   مەن.
     - ماقۇل، سىزنى  ئىشىك ئالدىداساقلايمەن،- دېدى ئەكبەر.
ئۆيگە كىرسەم ئانام تاماق ئېتىۋاتقان ئىكەن،قېشىغا بېرىپ ياردەملەشتىم.
   -قىزىم، بايام سانىخان ئاچىڭىز كىرىپتىكەن، سىزنىڭ جاۋابىڭىزغا قاراشلىق بولۇپ قاپتۇ، ھېلىمۇ ئىككى ھەپتىدەك بولۇپ قالدى، يا سىز جاۋاب بېرىپ بولالماي قالدىىڭز، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، سانىخان كېسەلچان،ئۇ ئالمادىس بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلىنىڭ تويىنى كۆرەلمەي قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيدىكەن،شۇڭا بىزنى ئالدىرىتىۋاتىدۇ، سىزمۇ گەپنى ۋاقتىدا ئۈزىۋېتىڭ، ئەكبەردەك ئېسىل بالىنى قولدىن چىقىرىپ قويماڭ،تونۇمىغان-بىلمىگەن يەرلەرگە مېڭىشىپ قالساق،‹‹بىلمىگەن يەرنىڭ ئوي –چوڭقۇرى تولا››دېگەندەك، كېيىنچە ياخشى چىقماي قالسا پۇشايمان قىلىدىغان گەپ،- دېدى . ئانام ئەكبەرنىڭ ياخشى تەرەپلىرى توغرۇلۇق بىرمۇنچە سۆزلەپ ئېزىپ –ئىچۈردى.مەن ئانامغا  كەچتە ئەكبەر بىلەن ئۆزۈم كۆرۈشۈپ جاۋابىنى بېرىدىغانلىقىم توغرۇلۇق قىزىرىپ –تاتىرىپ ،تىرنىقىمنى سىنچىلاپ تۇرۇپ ئېيتتىم، ئانام باشقا گەپ قىلمىدى.تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ ئەكبەرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قارىدىم، ئۇ بىزنىڭ ئۆي تەرەپكە قاراپ تۇرۇپتىكەن، مېنى كۆرۈپلا قېشىمغا كەلدى.ياز كۈنى بولغاچقا كۈن تېخى خېلى يورۇق ئىدى.
    -بىر يەرگە بېرىقپ تاماق يېگەچ پاراڭلاشساق بوپتىكەن،-دېدى ئۇ.
    - مەن ئۆيدىن تاماق يەپ چىققان ،قورسۇقۇم توق،- دېدىم مەن
    -سىزنى قورسىقى ئاچ قالدىمىكىن دېمىدىم، پاراڭلاشقاچ ئولتۇرامىزمىكىن دېدىم،-دېدى ئەكبەر.
     -باشقىلار كۆرسە نېمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟- دېدىم مەن تۆت ئەتراپىمغا قاراپ.
     - ئىككىسى مۇھاببەتلىشىۋېتىپتۇ دېمەمدۇ؟- دېدى ئەكبەر ماڭا قارپ كۈلۈپ.
     - ساراڭ، كىم سىز بىلەن مۇھاببەتلىشىپتۇ، -دېدىم ،لېكىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈزلىرىم ئوت ئالغاندەك قىزىپ كەتتى.
      -مەن ساراڭ، سىزنىڭ ئىشقىىڭزدا كۆيگەن ساراڭ مەن،-دېدى ئەكبەر كۆزلىرىمگەتىكىلىپ.مەن قىزىرىپ ئىتتىكلا يەرگە قارىۋالدىم،
      - مەن بۈگۈن سىزدىن ئېنىق جاۋاب ئاڭلىمىغىچە بولدى قىلمايمەن، -دېدى ئۇ يەنە.
     - بۇ يەردە ئىككىمىز بىللە تۇرساق سەت تۇرىدۇ، -دېدىم مەن  باشقا گەپ قىلالماي.
    -ئەمسە بىرەر يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى،-دېدى ئەكبەر.ئۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك چايخانا، ئايرىمخانا، قاۋاقخانا.....دېگەندەك قىز –يىگىتلەر پاراڭلىشىشقا قولايلىق بولغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بولمىغاچقا،بىز بىر ئاز يىراقراق بولغان بىر ئاشخانىغا كىرمەكچى بولدۇق، ئۇ ئاشخانىغا بېرىپ بولغۇچە ئارىلىقتا خۇددى يامان ئىش قىلىۋاتقان ئادەمدەك ئىككى يېنىمغا قاراپ كەتتىم.
     -نېمە گەپ سورىسام گېپىمگە جاۋاب بەرمەي ئۇيان –بۇيانغا قارايسىز؟- دېدى ئەكبەر.
     - ھە،- دېدىم ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭقىرالماي.
     - ھەي ھاڭۋاقتى،مەن سىزدىن نېمىشقا مېنىڭ تەلىۋىمگە جاۋاب  بەرمەيسىز دەيمەن،- دېدى ئەكبەر.
    - مەن شۇ...،- نېمە ديىشنى بىلمەي دۇدۇقلىدىم.
   -بولدى، قالغان گەپلەرنى ھېلى دېيىشەيلى،-دېدى ئەكبەر بىز ئاشخانىغا كىرىپ ،ئىچكىرىدىكى سەل خالىيراق يەردە ئولتۇردۇق،شۇنداقتىمۇ باشقىلار ماڭ دىققەت قىلىۋاتقاندەك يۈزلىرىم چىمىلداپ كېتىۋاتاتتى.
     -نېمە تاماق يەيسىز،-دېدى ئەكبەر ماڭا.
    -مەن تاماق يىمەيمەن،-دېدىم ئۇنىڭغا.
    -ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىمەي بىر –بىرىمىزگە قارىشىپ ئولتۇرىمىزما؟ئۇنداق قىلساق ئاشخانا خوجايىنى قوغلىۋېتە ھېلى،-دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.ئۇ ئىككى چۆچۈرە بۇيرۇتتى.ھەر ئىككىلىمىز جىملا ئولتۇردۇق، قارىغاندا ئەكبەرمۇ بۇ جايدا باشقىلاردىن سەل ئېھتىيات قىلدىمۇ قانداق ،نېمە دېيىشنى بىلمىگەندەك قىلاتتى.
   - راستىنى ئېيتىڭە،نېمىشقا مېنىڭ توي قىلىش تەلىۋىمگە ئېنىق جاۋاب بەرمەيسىز؟مېنى ياراتمىدىڭىزمۇ يا؟،- دېدى ئەكبەر ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ.
   -ياق،ئۇنداق ئەمەس ،-دېدىم ئىتتىكلا.
   -ئۇنداق ئەمەس بولسا ئەمسە نېمىشقا جاۋاب بەرمەيسىز؟-دېدى ئۇ كۆزۈمگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ.مەن ئەمدى گەپنى ئوچۇق قىلىش قارارىغا كەلدىم.
    -ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان،بىر –بىرىمىزنىڭ مىجەزىنى ئاساسەن چۈشىنىشىمىز،راستىنى ئېيتسام سىز ئېسىل يىگىت،-گېپىمنىڭ داۋامىق تۈگەپ بولغۇچە،- ئېسىللىكمنى بىلىدىكەنسىزغۇ ئەنە،-دەپلا چاخچاققا بۇرىدى ئەكبەر.
    -ھە، ئېسىللىكلىرىنى بىلگەچكە سىلىگە ئەگىشىپ بۇ يەرگە كىرگەندىمەن، -دېدىم مەنمۇ،شۇنداق قىلىپ ئىككىلمىز ئېچىلىپ كەتتۇق،ئۇنىڭغىچە تاماق كەلدى.مەن تاماق يەپ بولغۇچە ئارىلىقتا ئۆزەمنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىمنى (ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلىكى، مېنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلىكىم ،ئىككىمىزنىڭ خىزمەت پەرقى.......ئىشقىلىپ دېيىشكەتېگىشلىك سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى دەۋالدىم. )ئېيتىپ، ئىككىمىزنىڭ ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرى بارلىقىنى، توي قىلىپ قالساق كېيىنچە بۇ جەھەتلەردىن كېلىشەلمەي قالغاندا ،مېنىڭ غورۇرۇمغا تېگىدىغانىلىقى توغرىسىدا پىكىرلىرىمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم،
    - شۇ گەپلەرمىدى؟ مېنى بۇ ئىشلارنى ئۇقمايدۇ دەپ ئويلىغانما؟ مەنمۇ سىزنىڭ قانداقلىقىڭزنى بەش قولدەك بىلىمەن، ھەممىنى بىلپ تۇرۇپ ياخشى كۆرگەن،ئۇ ئىشلار مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىشىڭزگە پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ، ھەممىدىن مۇھىمى ساپ مۇھاببەت، كۆيۈنۈش، ۋاپادارلىق.....ئۇنچىۋالا كۆپ ئويلاپ ئۆزىڭزنى ئاۋارە قىلپ نېمە قىلىسىز، راستىنى ئېيتىڭە، مېنى ياخشى كۆرەمسىز كۆرمەمسىز؟،- بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كېيىن ئەكبەر ئاخىرىدا مەندىن بۇ سوئالنى سورىدى.
   - مەن،- دېدىم قىزىرىپ يەرگە قاراپ.
   - كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىڭە،مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟- دېدى ئەكبەر كۆزۈمگە تىكىلىپ.
    - ئۇقمايمەن،- دېدىم مەن.
  - ھەي، سىز كىچىك بالىمۇ؟ ئۆزىڭزنىڭ بىرسىنى ياخشى كۆرىدىغان – كۆرمەيدىغانىلقىنى ئۇقمايدىغان،ئەمسە مەن بىلەن توي قىلشقا قوشۇلدىڭىزما؟- دېدى ئۇ يەنە.
   - مەن تېخى ئويلۇشۇپ بولالمىدىم، -دېدىم.
   -ھازىرلا ئويلۇشۇپ جاۋاب بېرىڭ ئەمسە ، -دېدى ئەكبەر قولۇمنى تۇتۇپ.مەن ئىتتكلا قولۇمنى تارىتىۋالدىم.
   - ئۆيگە قايتقاچ پاراڭلىشايلى،-دېدى ئەكبەر. ئاشخانىدىن چىقتۇق.
   -ئەتە ئاپام –داداملارنى سىلەرنىڭ ئۆيگە يەنە كىرگۈزىمەن،مېنى تەقەززا قىلماي ‹‹ماقۇل ›،دەۋېتىڭە،- دېدى ئەكبەر.
   - قېنى ئەتە بولسۇن- ھە،-دېدىم ئۇنىڭ چىشىغا تېگىپ.
   -ئەمسە ‹‹ئەتە مۇنەۋۋەر ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدى ››دەپ ئولتۇرىمەن جۇمۇ،-دېدى ئۇ .
   -كىم سىلىگە ماقۇل دەپتۇ، -دېدىم مەن.
   -مېنىڭ ئاسىيگۈلۈم ماقۇل دەپتۇ،-دېدى ئەكبەر يەنە قولۇمنى تۇتۇپ.مەن قولۇمنى تارتىۋالدىم .ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانامغا :
   -قاسىم ئاكام بىلەن سانىخان ئاچام يەنە كىرىپ قالسا ‹‹ماقۇل ››جاۋابىنى بېرىڭلار،- دېدىم قىزىرىپ تۇرۇپ.ئاپام بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ ناھايتى خوشال بولۇپ كەتتى.ئەتىسى كەچلىك سىمىنىدا ئىشلەيدىغان بولغاچقا ،ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتسام قاسىم ئاكام بىلەن سانىخان ئاچام ئۆيگە يەنە كىردى،دادام بىلەن ئانام  ئۇلارغا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپتۇ، ئۇلار ‹‹رەھمەت، ھەشقاللا›› بىلەن خوشال ھالدا چىقىپ كەتتى.
مەن ‹‹ئاكام ››دەپ چوڭ بولغان ئەكبەر يولدۇشۇم بولۇش ئالدىدا تۇراتتى، تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈتۈلمىگەندە، سانىخان ئاچامنىڭ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتتى،بىز يىغا –زارە بىلەن سانىخان ئاچامنىڭ ئۆلۈمىنى ئۇزاتتۇق،بۇ ئۆلۈم ئىشى بىلەن تويىمىز كېيىنگە سۈرۈلدى، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەكبەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ تويى بولدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلپ بىر ئۆيدە ياشىغاندىن كېيىن  ئۇنى تاللاپ خاتا قىلمىغانىلقىمنى ھېس قىلدىم، ئۇ ئىنتايى يۇمۇرلۇق، شوخ، گەپدان ئىدى، ماڭا  ئىنتايىن كۆيىنەتتى،ئىككىمزنىڭ پاراڭلىرى تۈگىمەيتتى، بەزى چاغلىرى ئېسىمدە يوق ‹‹ ئەكبەر ئاكا›› دەپ كەتسەم ،ئۇ كۈلۈپ كېتىپ ‹‹نېمە دەيسىز تاتىلىقىم ئاسىيگۈل سىڭلىم›› دەيتتى، تۇرمىشىمىز كۆڭۈللۈك ئىدى،بەزى دىلولارنى تۇتقاندا قىز –ئاياللار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك جايىلىرى بولسا، مېنىڭ مەسلھەتىمنى ئالاتتى،ئىككىلىمىز بىر –بىرىمىزنى ياخشى كۆرەتتۇق،  ھۆرمىتىمىزنى قىلاتتۇق. ئارام ئېلىش كۈنلىرى مەن ئىشلەيدىغان بولۇپ قالسام ،تاماق ئېتىپ تۇراتتى، چوڭ ئۆيدىكىلەرنىڭمۇ ئاجايىپ ھۆرمىتىنى قىلاتتى، ھەرقانداق ئىش بولسا يېقىن تۇراتتى، ئاپام - داداملارمۇ ‹‹ ئەكبەرجان بالام...›› دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى،شۇنداق بەختلىك خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق قوشۇلغان كۈنلەردە بۇيۇمدا قالدى،ئەكبەرنىڭ بۇ چاغدىكى خوشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگىلى  بولمايتتى، ئۇ ماڭا تېخىمۇ بەك كۆيىنىدىغان بولۇپ كەتتى.شۇنداق خوشاللىق ئىچىدە ئوماق ئوغلىمىز دۇنياغا كۆز ئاچتى، ئەمدى بىزنىڭ تۇرمىشىمىزغا يېڭى ئەرمەك، يېڭى خوشاللىق قوشۇلغان ئىدى.ئەتراپتىكى خۇلۇم –خوشنىلارنىڭمۇ بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا  مەسلىكى كېلەتتى.
   ‹‹ خوشاللىق بىلەن قايغۇ بىر تۇققان››دېگەن گەپنى قايسى دانىشمەن دېگەنتىىكن، ئوغلۇم تۆت ياشقا كىرگەن يىلى بىزنىڭ بەختىمىزگە كۆز تېگىپ ،ئوغلۇم ماشىنا ھادىسىگە ئوچراپ قازا قىلدى، مەن ئوغلۇمنىڭ ئىچ كۆيىكىدە ئەقلىمدىن ئادىشىپ قالايلا دەپ قالدىم، ئەكبەرمۇ بەكلا تۈگىشىپ كەتتى،لېكىن تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوقكەن.يىغلا –قاخشا ئۆتكۈزدۇق بۇ كۈنلەرنى، ئىككىمىز بىر –بىرىمىزگە تەسەللى بېرىپ،ھازىرمۇ ئوغلۇمنىڭ ئوماق چىرايىنى، چۈچۈك تىللىرىنى ئويلىسام مىڭ يېرىمدىن يىغا قاينايدۇ.كېيىن يەنە بويۇمدا قېلىپ، قىز تۇغدۇم، بۇ ۋاقىتتىكى ئەكبەر بىلەن ئىككىمىزنىڭ خوشاللىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى،بىز يەنە قايغۇنى خوشاللىققا ئايلاندۇرۇپ،بەختلىك ياشىدۇق،بۇ جەرياندا مەن ئىشلىگەن زاۋۇت ۋەيران بولۇپ، مەن ئىش ئورنۇمدىن قالدىم ۋە ئىش ئورنىدىن قېلىش ياردەم پۇلى ئېلىپ يېنىپ چىقتىم،بىرنەچچە ئاي ئۆيدە ئولتۇرۇپ ،ئاندىن كىچىك بىر تاللا بازىرى ئاچتىم،سودام ئىىتايىن ياخشى ئىدى،يولدۇشۇمنىڭ مۇئاشى،ئادۋۇكاتلىق بىلەن تاپقان كىرىمى بىلەن سودىدىن كىرگەن كىرىم تۇرمۇشىمىزغا كەڭرى يېتەتتى، چوڭ ئۆيگە يېقىن بىر جايدىن بىنا ئۆي سېتىۋالدۇق، قىزىم ئالتە   ياشقا كىرگەن يىلى خوشاللىق ئۈستىگە خوشاللىق قوشۇلۇپ   بىر ئوغۇل تۇغدۇم، ئەكبەر ئوغلۇمغا ‹‹‹ زوقلان › دەپ ئىسىم قويىلى ›› دەپ تۇرىۋېلىپ ئىسمىنى‹‹ زوقلان›› قويدۇق، قىزىم بىلەن ئوغلۇم ئائىلىمىزنىڭ خوشاللىقى ئىدى،ئوغلۇم تۇغۇلغاندىن كېيىن‹‹  تاللا   بازىرى››نى باشقىلارغا ۋاقىتىلىق ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تۇرۇپ ئۆيدە ئوغلۇمنى باقتىم، شۇنداق بەختلىك ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدەئەكبەر‹‹ ئۈرۈمچىدە ساۋاقداشلار يىغىلشى ئۆتكۈزىدىكەنمىز،بېرىپ كەلسەم بولاتتى ›› دەپ قالدى، مەن ‹‹ ساۋاقداشلار يىغىلىشى بولغاندىكىن ،بوپتۇ بېرىپ كەلسۇن››دەپ ئويلۇدۇم،ئەكبەر ئۈرۈمچىگە ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا كەتتى، ھەممە كۆڭۈلسىزلىك شۇ ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن باشلاندى.
   ئەكبەر ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كومپيوتۇر ئالدىدىن قوپماي كېچە –كېچىلەپ ئولتۇرۇپ كېتىدىغان،بەزى ۋاقىتلاردا  تېلىفون كەلسە، تېلىفوننى ئېلىپلا تازىلق ئۆيىگە كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى،‹‹ مۇشۇ يەردە سۆزلىشىۋېرىڭ ››دېسەم،‹‹ دىلو توغرۇلۇق سۆزلىشىدىغان مۇھىم ئىش ئىدى››دەيتتى،بۇرۇنغۇ تېلىفون كەلسە سۆزلىشىۋېرەتتى بولمىسا، ، تېلىفونىغا كېلىدىغان ئۇچۇرلارمۇ كۆپىيىپ كەتتى، مەن  بۇ ئىشلارغا  ئانچە  پەرۋا قىلپ كەتمىدىم.
    ئوغلۇم ئالتە ئايلىق بولاي دېگەندە ئەكبەرنىڭ ئىدارىسىدىكلەرنى ساياھەتكە ئەچىقىدىغان ئىش بولۇپ، ئۇ ئىدارىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ساياھەتكە كەتتى، ساياھەت تۈگىگەندىن كېيىن ئىدارىسىدىىكلەر قايتىپ كەلدى، ئەكبەر ‹‹سالامەتلىكىمنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ ئېنىقلىتىپ ئاندىن بارىمەن››دەپ تېلىفون قىپتۇ ،مەن ‹‹ھە، بوپتۇ، سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىۋالسۇن›› دەپ ئويلۇدۇم ،لېكىن ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش باھانىسىدا ئۈرۈمچىدە ئون كۈندىن ئارتۇق تۇردى، مەن قىزىمنى يەسلىگە ئاپىرىش ئىشى بىلەن ئوغلۇمنى بېقىشتا بەكلا قىينىلىپ كەتتىم، ئەكبەرگە قايتىپ كېلىش توغرۇلۇق تېلىفون قىلسام تېلىفونى ئېتىك چىقتى، ئەكبەر چۈشكەن ئۈرۈمچىدىكى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە تېلىفون قىلسام‹‹ ئەكبەرجان ئۆيگە قايتىپ كېتىمەن دەپ چىقىپ كەتكىلى ئىككى كۈن بولدى››دەيدۇ، ‹‹ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ؟  ››دەپ بەكلا ئەنسىرىدىم.      
   ئەكبەر ئۈرۈمچىدىن ئاخىرى ئوننەچچە كۈن ئۆتكەندە قايتىپ كەلدى،مەن ئۇنىڭدىن:
    -‹‹ تېلىفون قىلسام تېلىفونىڭىز ئېتىك، تاغامدىن سورىسام‹ سىزنى ئۆيگە قايتىپ كېتىمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ›دەيدۇ ،نەلەردە يۈردىڭىز ؟››-  دەپ سورىسام:
    -  تەكشۈرتۈشكە ئاسان بولسۇن دەپ دوختۇرخانىنىڭ قېشىدىنراق ياتاق ئالدىم،- دېدى.ساياھەتكە بارغاندا چۈشكەن رەسىملەرنى كۆرۈپ باقاي  دېسەم:
   -ئاپراتنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەن، ئەتە ئىدارىغا بېرىپ ،توك قاچىلاپ ئاندىن كۆرسىتەي، -دېدى،مەن ئەخمەقنىڭ  شۇ ۋاقىتتا :
      - توكنى ئۆيدە قاچىلىسىمۇ بولىدىغۇ ،-دېگەن گەپنى قىلىش يادىمغىمۇ كەلمەپتۇ.
بىر كۈنى بالىنى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ ئۆي تازىلاي دەپ تۇرسام ،ياتاق ئۆيدىن تېلىفونغا ئۇچۇر كەلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى،مەن ياتاق ئۆيگە كىرىپ قارىسام ئەكبەر تېلىفونىنى ياستۇقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ئىشقا كېتىپتۇ، ئادەتتە ئۇنىڭ تېلىفونىنى پەقەتلا قولۇمغا ئېلىپ يۈرمەيتتىم،شۇ ۋاقىتتا تېلىفوننى ئېلىپ ئۇچۇرغا كۆز  يۈگۈرتۈپ سالماسمەنمۇ ،نېمىسىنى ئېيتاي، ئۇچۇردا:
-    مەن  تېلىفون قىلمىسام، ئۇچۇر يوللىمىسام تېلىفونمۇ قىلىپ قويمايدىكەنسىز، سىز مېنى سېغىنمىغىنىڭىز بىلەن سىزنى شۇنداق سېغىنمدىم، ئۇنداق باغرى تاش بولماڭ،- دېگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىكەن.بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ يۈرىكىم سېلىپ غەلىتى بولۇپ قالدىم، ‹‹بۇ ئۇچۇرنى قايسى ئايال يازغاندۇ؟نېمە دەپ ئەكبەرگە بۇنداق ئۇچۇرلارنى يېزىپ يۈىيدىغاندۇ؟››دېگەن ئوي كاللامغا كەچتى.ھامىنى كۆرگەندىكىن باشقىلىرىنىمۇ ئېچىپ كۆرۈپ باقاي دەپ ئۇچۇرلارنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتىم،‹‹توۋا››دەپلا قالدىم،تېلىفون ماڭا نامەلۇم بولغان ئايال بىلەن ئەكبەرنىڭ يېزىشقان ‹سىزنى بەك سېغىندىم، قېشىڭىزغا ھازىرلا بارسام دەيمەن، ئاخشام چۈشۈمگە كىرىپ قاپسىز.....››دېگەندەك سېغىنىش زارلىرى ئىزھار قىلىنغان ئۇچۇرىلىرى بىلەن تولغان ئىدى.بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ مېڭەم ئايلىنىپ كەتتى.يولدۇشۇم بولغان ئادەم ‹‹بۇ ئۇچۇرلارنى بىرەرسى كۆرۈپ قالسا نېمە دەپ قالا ››دېگەننىمۇ ئويلاپ باقماپتۇ ،‹‹توۋا›› دەپلا قالدىم ،تېلىفون خاتىرسىگە قاراپ باقسام، مۇشۇ نومۇرغا ئۇرغان تېلىفونلىرىمۇ شۇنداق كۆپ ئىكەن .
  <<بۇ ئۇچۇرلارنى يوللىغان ئايال كىمدۇ؟ بۇ ئايال نېمىشقا يولدۇشۇمغا بۇنداق مۇھاببەتلىك ھېسيات بىلەن تولغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ ،تېلىفون قىلىپ يۈرىيدىغاندۇ؟بۇ ئايالنىڭ بىلەن ئەكبەرنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى باردۇ؟>>دېگەن سوئال كاللامغا كىرىۋالدى،قولۇم ئىشقا بارماي، ئۆي تازىلاش ئىشىدىنمۇ رايىم ياندى، ئىچىمنى مۈشۈك تاتلىغاندەك بولۇپ كەتتىم،ئويلىماي دېسەممۇ ،بۇ ئۇچۇرلار كاللامغا كىرىۋالدى.بالىنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى خىيالىمنى ئويغاتتى.بالىنىڭ ئاستىنى قۇرۇقداپ بولۇپ  ئېمىتكەچ ،قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئويلۇدۇم، بۇ ئىشنى ئېنىقلىمىغىچە كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشمەيتتى،بۇ ئۇچۇر كەلگەن نومۇرنى تېلىفونۇمغا كىرگۈزىۋالدىم ،ئاندىن تېلىفوننى جايىغا قويۇپ قويدۇم،كۆڭلۈم بەسەرەمجان ئولتۇرسام  ئەكبەر كىردى ۋە ماڭىمۇ گەپ قىلماي ئۆڭ –سولى يوق ھالدا ئىتتىكلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى ،ياتاق ئۆيدىن چىقىپ ئاندىن‹‹ تېلىفونۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، ئالغىلى كەلگەن›› دەپلا چىقىپ كەتتى،بىرنەرسە دېيەلمىدىم،كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولۇپ كەتتى،تاماقمۇ ئەتكۈم كەلمىدى، كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىزلا ياش تۆكۈلدى، يىغلىماي دېسەممۇ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم،ئوغلۇمنى قۇچۇقۇمدا تۇتۇپ ئولتۇرۇپ بىردەم يىغلىۋالدىم، چۈش بولاي دېگەندە ئەكبەردىن تېلىفون كەلدى،بىردەم تۇرىۋېتىپ ئاندىن تېلىفوننى ئالدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشلۈك تاماققا ئۆيگە كېلەلمەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ تاماق يەپ تۇرۇشۇمنى ئېيتىپ تېلىفون قىپتۇ،  ئىلگىرى بۇنداق تېلىفون قىلسا ‹‹ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپلا سىزگە تاماق ئالغاچ بارىمەن، بالا بىلەن بىرنەرسە قىلالماي قالىسىز ،چوڭ ئۆي يېقىن بولغاندىكن شۇ يەردە تاماق يەپ تۇرۇڭ، مەن ئۆيدىكىلەرگە تېلىفون قىلىۋېتەي››دەيتتى ،ماڭا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى،رەھمەتلىك سانىخاچام (ئەكبەرنىڭ ئانىسى، بىز توي قىلىشتىن بۇرۇن تۈگەپ كەتكەچكە قېيىن ئانام دېسەم بىر قىسما تۇرىدىكەن، شۇڭا مۇشۇنداق ئاتىدىم) تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئەكبەر ئاچىلىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ قېيىن ئاتام بىلەن بەش ناماز ئۆتەيدىغان ،يۇۋاش بىر ئايالنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويغان ئىدى، ئۇلار ناھايىتى ئىناق ئۆتىشەتتى، ئۆگەي قېيىن ئاناممۇ قولى ئىشلىق، چىقىشقاق ئايال ئىدى، مەن ئۇ ئۆيگە چىقىپ قالسام ياكى ئەكبەرنىڭ ئاچىلىرى كېلىپ قالسا،شۇنداق ئەتىۋارىمىزنى قىلىپ كېتەتتى،شۇڭا ھەممىمىز بۇئايالغا بەكلا ئامراق ئىدۇق، ئەكبەر مېنىڭ چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلىفون قىلىۋەتسە ،ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ مېنى مېھماندەكلا كۈتىۋالاتتى،  ئەكبەرنىڭ يېقىننىڭياقى كۆڭۈل بۆلۈشلىرى ۋە ئوغلىمىزنى ئەركىلىتىدىغان ۋاقىتىلىرىمۇ ئازىيىپ كەتكەن ئىدى، مەنمۇ ‹‹خىزمەتنىڭ جىددىيلىككىدە شۇنداق بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپتىمەن،ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە؟ بۇ خېنىم بىلەن توردا، تېلىفوندا ئۇچۇر يوللىشىپ، تېلىفون قىلىشپ بولالماي ،ماڭا  ،ئوغلىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋاقىت چىقىرالماي قاپتىكەن- دە ،ئۆزۈمچە ‹‹توۋا ،قانۇن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن، ئالىي مەلۇماتلىق ئادەم تۇرۇپ، ئەجەپ‹ باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن ›دېگەنننى ئويلاپ بولسىمۇ ئۇچۇرلارنى  ئۆچۈرۋەتمەپتا ؟›› دېگەننى ئويلۇدۇم، ئۇچۇرلارنى ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈپ ماڭغان بولسىغۇ، بۇ قېتىمقى ئۇچۇرنى‹ تەسادىپى كېلىپ قالغان ›دەپ ئويلىسام، لېكىن ھەممىنى باشتىن –ئاخىرى كۆرۈپ چىقتىم، تېلىفوننىمۇ ئاز- ئارمانسىز قىلىشىپتۇ، بۇنىڭدىن  يولدۇشۇم بىلەن ئۇ ئايالنىڭ غەيرى مۇناسىۋىتى بارلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ؟يولدىشىنىڭ تېلىفونىدا  بۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ئاچچىقى كېلىدۇ –دە.شۇ تاپتا كۈندەشلىك قىلماي دېسەممۇ ،تېلىفوندىكى يېزىلغان بۇ  ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ  كۈندەشلىكىم قوزغىلىۋاتاتتى،بەلكىم بەزىلەر  ئاڭلىسا بۇ  ‹‹ ماۋۇ چوكان تېلىفوندىكى ئۇچۇر يازغان  ئايالدىن ئېرىنى كۈنلەپ يۈرۈپتۇ››دەپ مېنى مازاق قىلىشار، لېكىن شۇ ئايالنىڭ ئۆزى ئېرىنىڭ تېلىفونىدىكى باشقا بىر ئايالنىڭ ‹‹ ئۆلدۈم، كۆيدۈم›› دېگەن مۇشۇنداق ئۇچۇرلىرىنى كۆرسە مەندەك ھېسياتتا بولماي قالارمۇ؟
    بۇ بەسەرەمجان ئەپتىم بىلەن  بىرنەرسە يەيدىغاندەك تۇرمايتتىم ،چوڭ ئۆيگە ياكى قېيىنئاتامنىڭ ئۆيىگە چىقساممۇ يىغلاپ كېتىشىم مۈمكىن ئىدى،لېكىن تاماق يېمىسەم بالىنى ئېمىتىدىغانغا سۈت ياخشى چىقماي قالاتتى،  شۇڭا ئۆزەمنى ئەمەس بالامنى ئويلاپ، يېقىن بىر جايدىكى ئاشخانىغا كىرىپ زورلاپ يۈرۈپ ئازىراق بىرنەرسە يېدىم،كەچتە ئەكبەر قىزىمىزنى يەسلىدىن ئەكىلىپ قويۇپلا،‹‹سىرتتا قىىلدىغان جىددىي ئىشىم بار ئىدى›› دەپ چىقىپ كەتتى، ھېلىقى ئۇچۇرنى سۈرۈشتۈرۈشكە پۇرسەت بولماي قالدى،
ئەكبەر خېلى بىركېچە بولغۇچە كىرمىدى، ئۇ مۇشۇ يېقىننىڭياقى كەچتە چىقىپ كەتسە، سائەت بىر –ئىككىلەردە كىرىدىغان ئادەتنى تېپىۋالغان ئىدى، بۇ ئىشلىرىنى ‹‹ دىلوغا ماتېريال توپلاۋاتىمەن›› دېگەن چىرايلىق باھانىگە دۆڭگەيتتى، ئەكبەرنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ ،قانداق ۋاقىتلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.ئەتىسى   چىۋىن يەۋالغاندەك،كۆڭلۈم بىئاراملا يۈردۈم. كەچتە ئەكبەرنىڭ بىر ئاغىينىسى مېھمان قىلىدىغان بولۇپ قېلىپ ،شۇ يەرگە كەتتى.شۇنداق قىلپ ئۇ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ ،سەۋەبىنى ئەكبەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلاپ بولغۇچى تۆت كۈن ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپ،پەقەتلا پۇرسەت بولمىدى، ئاخىرى بۇنداق بۇرۇقتىما بولۇپ ئولتۇرغۇچە ،كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن ئۆزۈم ئېنىقلاپلا نەق ئىسپاتنى قولغا چۈشىرەي دەپ ئويلاپ ،ساۋاقدىشىمنىڭ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىنىسى ئارقىلىق ،ئەكبەرنىڭ تېلىفونىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى تېپىپ  تېلىفون ۋە ئۇچۇرلارنىڭ خاتىرسىنى چىقارغۇزدۇم،( بۇنى ئەلۋەتتە گەپ ياساپ، ئۇ بالىنى ئىشەندۈرۈپ تۇرۇپ بېجىردىم)،ئەكبەرگە كۆڭۈللەرنى ئوۋلايدىغان تاتلىق ئۇچۇرلارنى ئەۋەتكەن ھېلىقى ئۇچۇرنىڭ ئىگىسى بولغان خېنىمنىڭ خوتەنلىك بولۇپ ئىسمىنىڭ  ھاۋاگۈل ئىكەنلىكىنى بىلدىم .قولۇمدا پاكىتلار تولۇق بولغان ئىدى .‹‹خوتەندىكى مىللىي شىپاخانىدىن ئەكەلتۈرگەن›› ،ئۆيگە پات –پات پەيدا بولۇپ  قالىدىغان خوتەننىڭ چايلىرى، مىللىي تىبابەت دورىلىرى.....قاتارلىقلارنىڭ كېلىش سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ( بۇ نەرسىلەرنى قايەردىن ئالغانلىقىنى سورىسام ،‹‹خوتەندىن ئەكەلتۈردۈم››دەپلا گەپنى تۈگىتەتتى،مەنمۇ نېرى –بېرىسىنى سۈۈشتۈرمىگەن ئىدىم)
ھەقىقىي پاكىتقا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزۈم چىن دىلىمدىن سۆيگەن ،‹‹سىزنى ئۆمۈرۋايەت ياخشى كۆرىمەن، سىز مېنىڭ جېنىم....››دېگەن ئېرىمنىڭ مەندىن يوشۇرۇن ھالدا  ئارىلىقى نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئايالغا سۆيگۈ سۆزلىرى قىلىپ تېلىفون قىشىلىشىلىر ۋە ئوچۇر يوللاشلىرىدىن  نېرۋام بەكلا قوداڭشىپ كەتكەن ئىدى.ئىككىنچى قەدەمدە قانداق قىلش كېرەك ؟ دېگەننى ئويلۇدۇم ۋە بۇ ئىشنى ئەكبەرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئېنىقلاش ( ئىقرار قىلدۇرۇش )چارىسىنى مۇۋاپىق كۆردۈم. لېكىن بۇنداق قىلسام جىم ياتقان يىلاننى ئويغۇتۇپ، ئۆزۈمگە كۆڭۈلسىز قىلىپ قويامەنمۇ ؟ ئۇ ئايال شۇنداق تاتلىق ئەركىلەپ ئۇچۇر يوللاۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ،‹‹ئۇ ئايال كىم؟نېمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟سەن ئۇنداق قىپسەن،مۇنداق قىپسەن ....››دەپ قوپسام( ئەلۋەتتە بۇگەپلەرنى چىرايلىق ،ئەركىلەپ تۇرۇپ دېيەلمەيمەن-دە ،ئاچچىقىم مېڭەمنى تېشىپ تۇرغاندا)ئەكبەر گېپىمگە ياندۇرۇپ بىرنەرسە دېسە ،ئىككىمىز ئۇرۇشۇپ ئوينامىزمۇ؟...دېگەننىمۇ ئويلۇدۇم.


مەنبە : ئۆز ئىجادىيىتىم


داۋامى بار....

0

تېما

0

دوست

256

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   85.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26202
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 00:01:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن داۋامىغا تەشنابىز چاققانراق يوللارسىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

209

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16040
يازما سانى: -16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 01:42:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتۇردىكى ئاۋازلىق ھىكايىغۇ

ayixaibrayim

0

تېما

0

دوست

7761

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11990
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1610
تۆھپە : 1272
توردىكى ۋاقتى: 240
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:00:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر جەميتمزدە بۇنداق ئشلار كۆپيىپ كەتتى  بولسا  ئەرلەرمۇ ئاياللارمۇ  ئائىلسگە سادىق بولسا دەپ ئويلايمەن  چۈنكى ئائىلە ساغلام بولمسا تۇغۇلغان باللارنىڭ يىتلشمۇ تەسرگە ئۇچرايدۇ

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

3

دوست

1344

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 402
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:15:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيتان يېتىلەپ ماڭغۇچى ئەمەس خاتا يولغا باشلاپ قوغۇچى،شەيتان ئازدۇرغۇچى ئەمەس قىزىقتۇرغۇچ.

0

تېما

0

دوست

173

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   57.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30343
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:48:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تېزرەك يېزىڭە، مۇسلىنە ھەدە!

1

تېما

0

دوست

1360

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 61
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 08:41:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ھاياتىمىزنىڭ يىرىمىنى ئاچچىقلىنىش بىلەلا ئۆتكۈزىۋەتسەك بولمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

64

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3221
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 17
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 11:02:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TAPTIX EDARISIDA IXLAYDEGANLAR ADOWKATLIK KELSA BOLMAYDU , ENIK BALGILIMA BAR .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )