- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4901
- نادىر
- 0
- يازما
- 472
ئۆسۈش
96.7%
|
ھۆرمەتلىك تورداشلار،
كۆرۋاتقىنىڭلاردەك يۇقارقى ماركىلارنىڭ ھەممىسى دۇنياۋىي داڭلىق ماركىلار. دىققەت قىلغان بولساڭلار ھەر بىر ماركىنىڭ ئىسمى بىلەن بىرلىكتە كەلگەن سىمۋۇلنى كۆرسىلەر.(بۇلار تىخى مىليوندىن بىرنەچچىسى)سىمۈۇللارنىڭ بەزىلىرى بەك ئاددى كۆرۈنسىمۇ لىكىن چۇڭقۇر مەنانى ئىپادىلەيدۇ. (مەسىلەن:كاررىفور نىڭ سىمۋۇلىدىكى قىزىل ۋە كۆك ئۈچبۇرجەك ئەر ۋە ئايالغا قارىتىلسا كۆك ئۇچبۇرجەككە قوشۇلۇپ كەلگەن تۇلۇمچە بولسا ،يىمەك ئىچمەك ئوزۇق تۇلۇك، كىيىم كىچەك قاتارلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلەرگە قارىتىلغان.يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ئەر كىشىگە باغلىنىشلىك ئىكەنلىكىگە، ئەر كىشى تەييارلاش كىرەكلىكىگە، ئەر كىشىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپە ئىكەنلىكىگە ئىما قىلىنغان سىمۋۇلدۇر...كاررىفور شىركىتى بولسا دەل تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشلەپ چىقىرىپ تارقىتىدىغان شىركەت.)
مۇشۇ سىمۋۇللار مۇشۇ ماركىلارنى داۋاملىق قوللىندىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىدە داۋاملىق تۇردۇ. مۇنداقچە ئىيتقانداق ماركىنىڭ روھى دىسەكمۇ بولۇدۇ. كىشىلەر شۇ ماركىنى ئىسىگە ئالغاندا سىمۋۇلىمۇ كۆز ئالدىغا كىلىدۇ ياكى سىمۋۇلنى كۆرگەندە ماركىنى ئەسكە ئالىدۇ.دىمەك يۇقۇرى ئىقتىسادى قىممەت ياراتقان ماركىلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر بولىشىدا سىمۋۇلنىڭمۇ رولىغا سەل قارىماسلىق كىرەك. ھازىر ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئىشلەپ چىقىرىلغان مەھسۇلاتلارمۇ خىلى كۆپىيىپ قالدى.شۇ ماركا ئىسمى بىلەن بىللە سىمۋۇلىمۇ بار.ئەمما شەخسەن مەن ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئىسىملار بىلەن سىمۋۇللارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. نىمىشقا دىگەندە قوللانغان ئىسىملار ساپ ئۇيغۇرچە ئەمەس. ئەسلى ئەرەپچىدىن كىرىپ ئۇيغۇرچىلاشقان ئىسىملارنى ئۇيغۇرچە ماركا قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە سىمۋۇللارنىڭمۇ جەزبىدارلىغى ۋە جەلىپكارلىغى كۈچلۈك ئەمەس. كلاسسىك شەكىل، ياكى نەقىش تۈسنى ئىلىپ قالغان. كلاسسىك شەكىل ۋە نەقىش قاتارلىقلاردىن پەقەت ئىستىتىك ھوزۇر ئالغىلى بولدۇ ئەمما چۇڭقۇر مەنا چىقمايدۇ.كىشىلەرنىڭمۇ ئانچە ئىسىدا قالماي ، تىزلا ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىگلىك تىكلەپ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارماقچى بولغان دوستلىرىمىزغا، مەھسۇلاتقا ئىسىم قويۇشتا، سىمۋۇلنى بەلگىلەشتە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بەلكىم مەھسۇلاتىڭىز ماركىدىكى ئىسىم سەۋەبىدىن ياكى سىمۋۇلنىڭ جەلىپكارلىغى سەۋەبىدىن دۇنياۋى ماركا بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان ماركا ئىسمى ۋە سىمۋۇل قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىپ تۆۋەندىكى ئۆزۈم لاھىيلىگەن ۋە بەزىلىرىنى تورداشلىرىم لاھىيلەپ بەرگەن سىمۋۇللارنى سوۋغا قىلماقچىمەن. بۇلارنى ئىشلەتكەندە توردىشىڭىز تەڭرىقۇتنى بىر قىتىم ئەسلەپ قويسىڭىزلا بولدى. باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن. ماركا ئىسمى ۋە سىمۋۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس بولىشى ئۆزمىزنى قېزىپ چىقىشىمىزغا تۈرتكە بولغۇسى.
1. قىسىم: بۆرە سىمۋۇلى
داۋامى بار
|
|