- تىزىملاتقان
- 2013-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1192
- نادىر
- 2
- يازما
- 79
ئۆسۈش
19.2%
|
يىتۈك ئەدەبىي تەرجىمان، ئۇستاز مۇھەررىر مەرھۇم مۇساجان ئەزىزى 1938 – يىلى 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1946 – يىلدىن 1952 – يىلغىچە دۆربىلجىن ناھىيەسىدە باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1952 – يىلدىن 1955 – يىلغىچە ئەينى چاغدىكى چۆچەك گىمنازىيەسىدە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1955 – يىلىدىن 1957 – يىلغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تەييارلىق بۆلۈمىدە ئوقۇغان. 1957 – يىلى ئەينى چاغدىكى شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئالمىشىپ 1959 – يىلغىچە مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدا بىلىم ئالغان. 1959 –يىلى شىنجاڭ خەلق مائارىپ نەشرىياتىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، 1962 – يىلغىچە مەزكۇر نەشرىياتتا تەرجىمەنلىق ۋە مۇھەررىرلىك قىلغان. 1962 – يىلى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا يۆتكىلىپ 1984 – يىلىغىچە ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەرجىمان ۋە مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1984 – يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزى قۇرۇلغاندا، بۇ مەركەزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە 1994 – يىلغىچە شۇ ۋەزىپە بىلەن بۇ ئورۇندا بىر تەرەپتىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىر تەرجىمە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە تەھرىرلىك، تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق كونكىرىت خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ، 1998 – يىلى پىنسىيەگە چىققان.
مەرھۇم مۇساجان ئەزىزى نۇرغۇن ھېكايە، شېئىرلارنى تەرجىمە قىلغاندىن باشقا رومان، پوۋېستلاردىن ئوستروۋىسكىنىڭ «پولات قانداق تاۋلاندى»، تولىستوينىڭ «تىرىلىش»، بالزاكنىڭ «ساغرا تېرە»، ئاناتولى ئىۋانوفنىڭ «ئاداۋەت»، دوستويېۋىسكىينىڭ «جىنايەت ۋە جازا»، قاتارلىق مەشھۇر رومانلىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە چۇڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان. ئۇ يەنە تاتار يازغۇچىسى غادىل قوتوينىڭ «تاپشۇرۇلمىغان خەتلەر»، فرانىكنىڭ «كارل بىلەن ئاننا» قاتارلىق پوۋىستلىرىنى، ل . توۋېرىنىڭ «بۆرىنىڭ پاراسىتى» ناملىق ئاممىۋى ئوقۇشلىقىنى تەرجىمە قىلغان. ئۇ يەنە ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ چارلىز دېكىنسىننىڭ «ئىككى شەھەر ھەققىدە قىسسە»، ژول ۋېرىننىڭ «كاپىتان گرانتنىڭ پەرزەنتلىرى»، ھېرمان ھوكنىڭ «ئۇرۇش تۇمانلىرى»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر» قاتارلىق نەچچە مىليون خەتلىك رومانلارنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى مول نەتىجىلىرى بىلەن 1992 – يىلى ئالىي تەرجىمانلىق كەسپىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 6 -، 7- نۆۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ، ئاپتونوم رايونىمىز، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان.
مەرھۇم مۇساجان ئەزىزى 1984 – يىلدىن تاكى پېنسىيەگە چىققانغا قەدەر بولغان 14 يىل جەريانىدا «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «مەلىكە ئاماننىسا خېنىم»، «ئۇرۇش ۋە ئەسلىمىلەر» قاتارلىق 100 نەچچە قىسىملىق تېلېۋىزىيە – تىياتىرلىرىنى مۇستەقىل تەرجىمە قىلغاندىن باشقا، «سۇ بويىدا» (قايتا ئىشلەنگىنى)، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق تېلېۋىزىيە – تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان. «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «غەربكە ساياھەت»، «سۇ بويىدا»، «ئارزۇ»، «دېدەك ئىزورا»، «مىراسخور»، «ئىشخانىدىكى ئىشلار»، «يەنە بىر كۆرسەم» قاتارلىق 1500 قىسىمغا يېقىن كىنو – تېلېۋىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى تەھرىرلەش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملىغان. ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە ھارماي – تالماي ئىشلەش بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر مۇساپىسى ھەربىرىمىزنى ئىلىم يولىدا نام – ئاتاق قوغلاشماي، ئۈن – تىنسىز باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.
مەرھۇم ئۇستاز مۇساجان ئەزىزى 2014 – يىلى 9 – ئاينىڭ 9 – كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە 77 يېشىدا ۋاپات بولدى، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!
|
|