- تىزىملاتقان
- 2014-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 118
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
39.33%
|
ئەدەبىيات -سەنئىتىمىز ھەققىدىكى باھالار ،مۇنازىرلار ئادەمنىڭ تازا ئۇسسىغان يېرىگە بارمايۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە روھىي تەشنالىقنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دائىم خەنزوچەكىتاب-ژورنال ۋە تېلۋۇزۇر پىروگگىراممىلىرىغا مۇراجىئەت قىلدىغان شۇ ئارقىلىق ئۆزەمنى بەزلەيدىغان بولۇپ قالدىم .بولۇپمۇ ئاشۇنداق تېلۋىزىيە پىروگگىراممىلىرى ئىچىدىن «جوڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگگىراممىسى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتىپ كەلدى.مەن ناخشا -ئۇسسۇل دېسە جېننى بېرىدىغانلاردىن ئەمەس .لېكىن ،سەنئەتكە ،سەنئەتچىگە بېرىلگەن ئۇرۇنلۇق ،ئۇسسىغان يەرگە بارىدىغان باھالارنى شۇ قەدەر زوقلىنىپ ئاڭلايمەنكى ، ناخشىغا بېرىلگەن باھالارنى ئاڭلايدىغان ۋاقتىم شۇ ناخشىنى ئاڭلغان ۋاقتىمدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. شۇ خىل باھا -تەلەپلەرنى ئاڭلىغاندا ،ئۇلارنىڭ سەنئەتكە ،ئۆزكەسپىگە بولغان يۈكسەك ھۆرمەت ،ئۆزىنى بېغىشلاش روھىدىن ،يۈرىكدىن تولمۇ جايىدا ئىپادە بولۇپ چىقىۋاتقان باھالىرىدىن شۇنچىلىك سۆينىپ كېتىمەنكى ،بەزىدە ئاشۇ مۇنازىرلەرنى ئانا تىلدىمۇ ئاڭلىيالىغان بولسامچۇدەپ ئۇھسىنىمەن. لېكىن ماڭا ئايانكى ،بىزدەك تېخى دۇنيادىكى پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ئەمەس ،دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنىمۇ تولۇق ئۆز تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ بولالمىغان ،ئىجتىمائى پېنى تېخىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ نەزەرىيلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشتۈرۈشتىنمۇ قۇتۇلۇپ بولالمىغان بىرمىللەت ئۈچۈن دۇنيادىكى پەلسەپىگە ئائىت ھەممە ئەسەرلەرنى ئاساسەن تەرجىمە قىىلپ بولغان ،ئۆز تىل-يېزىقىدا يىلىغا ھەددى -ھېسابسىز كىتاب ژورنال چىقىرىدىغان ،سانسىز يۇقىرى مەلۇماتلىق تەتقىقاتچىلار ،يازغۇچىلار قۇشۇنىغا ئىگە خەنزۇلاردەك يۈكسەك مۇقامدا تۇرۇپ ،ئۇ قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە سەنئەت ھەققىدە پىكىر قىلىش يەتتە تاغنىڭ كەينىدىكى ئىش.لېكىن ،بىزدە ۋاقتىنچە ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەلىك باھالار بولمىسىمۇ ،شۇنداق باھالارغا لايىق ،ئۇرۇنلۇق باھالارغا نائىل بولالايدىغان ئادەملەرنىڭ چىقىشى ئادەمنى ئوخشاشلا سۆيۈندۈرىدۇ.
مېنى يېقىندىن بويان ئاشۇنداق سۆيۈندۈرۈش بىلەن بىرگە ،سەنئەت قارىشىم،ئىستىتىك زوقلىنىش قۇۋۋىتىم توغرىسدا قايتا ئويلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، بىرمۇنچە خىياللارغا غەرق قىلغان ئادەم دەل «جوڭگو خۇش ئاۋازى »پىروگگىراممىسىدا چاقناۋاتقان يۇلتۇزىمىز ____پەرھات خالىقتۇر.
پەرھات خالىقنى قاچاندىن باشلاپ تۇنىغىنىم ئېسىمدە يوق.ئەمما ئۇنىڭ ناخشىسىنى تۇنجى ئاڭلىغىنىمدا خۇددى ياڭكۈندەك چۆچۈپ كەتكىنىم ،ئاۋازىنى زاڭلىق قىلغىنىم ،ياقتۇرماسلىق ئىپادىسى چىرايىمغا تەپكىنى ئېسىمدە .(بۇ بەلكىم مېنىڭ «ناخشىچىنىڭ ئاۋازى دېگەن سۈزۈك،مۇڭلۇق بولىشى كېرەك »دېگەن تەلپىمگە خىلاب بولغان ئۆزگىچە ئاۋاز بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك).بۇخىل قاراش ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭ «جوڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگگىراممىسىغا چىقىپ ،ئالقىشلىنىپ ،شۇ يەردىكى باھالىغۇچى ئۇستازلارنى يىغلىتىپ تاشىلىغۇچە داۋاملاشتى .شۇ قېتىمقى مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي ياندۇرۇپ -ياندۇرۇپ كۆرگىنىم ئېسىمدە .«نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر گاژ-گاز ئاۋاز شۇنچە ئالقىشلىنىدۇ؟ئەگەر ھېلىقى كەينىدىنلا ئېيىتقان ناخشىنىڭ گەپكە ئوخشايدىغان تېكىستىنى ئۇلار ئۇقالىغان بولسا ماڭا ئوخشاش كۈلۈپ سالارمىدى؟»بۇ سوئاللار مېنى ئۈزلۈكسىز ئويلاندۇرۇپ كەلدى.ئۇ ئىككىنچى قېتىم ئېكراندا پەيدا بولۇپ ،ۋاڭ فېڭنىڭ ئەترىتىدە تۆت كۈچلۈككە كىرگۈچە شۇنداق ئويلىدىم .ئۇ تۆت كۈچلۈككە كىرگەن ھەتتا نەق مەيداندا ئۇنىڭغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بېرىلگەندىن كېيىن بولسا ئۆزەمنىڭ ئىستىتىك قارىشىمدىن گۇمالىنىشقا باشلىدىم .دەرۋەقە ،شېئىرنى چۈشەنمەي تۇرۇپ چۈشنەلمىگەن ئۆزىنى تىللىماي ،شېئىرنى يازغۇچىلارنى ،شېئىرنى تىللايدىغانلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئىستىتىك قۇۋۋىتىمنىڭ تاينى يوقلقىدىن خىجىل بولماقتا يوق باشقىلارنى مازاق قىلىپ ،يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى ئەمدىلا كۆتىرىلگەندە بەزى كىشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنمەسلىكى بىلەن كارى يوق شېئرنىڭ شەكلى ،مەزمۇنى بىلەنلا قىلىپ ۋايساپ يۈرگەندەك ئەھۋال مەندىمۇ كۆرۈلگەن ئىدى.
تولسىتوي «سەن ھەققىي تەنقىدچى بولساڭ چىخوفنى ئاددىي چىخوۋنىڭ بىلەن مۇژىكىنىڭ ئېڭى دەرىجىسىگە چۈشۈرمەي ،بەلكى ئۇلارنى چىخوفنىڭ سەۋىيسى
دەرىجىسگە كۆتۈرگىن»دېگندەك ،مەن پەرھاتنى ئۆزەمنىڭ سەۋىيسىدە تۇرۇپ باھالاپ مەن چۈشەنمىگەن ،مەندىن ئارتۇق تۇرغان تەرىپىنى بىلىپ -بىلمەي پۇتاقلاشقا باشلىغاندىم.
بىر قۇتۇپلىشىپ قالغان ،قاتمال ئىدىيەلىرىم بىلەن ئۇزاق كۆرەش قىلىش نەتىجىسىدە ئاىىر ئۇنىڭغا قايىل بولدۇم.پەقەت ئۇنىڭ سەھنىگە چىقىپ شۇ ئۇتۇقلارغا ئېرىششى بىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس ،ئەنە شۇنداق ئۆزگىچە تېكىسىت،غەلىتە ئاۋاز بىلەن ياخشى كۆرۈشكە ئېرىشش
تەپەككۈر كۆلچىكىمگە تاش ئاتقىنىغا ،جۈملىدىن ماڭا ئوخشاش بىر تەرەپلىمە سەنئەت قاراشقا ئىگە كىشلەرنىڭ تەپەككۇرىنى بېيتىشقا ھەسسە قوشقىنىغا رەھمەت ئېيىتسام ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتىدا مېنىڭدەك بىر تەرەپلىمە ئويلايدىغان كىشلەرنىڭ غەلىتە قاراشلىرىدىن ،گەپ - سۆزلىرىدىن قورقماي ئۆزىنىڭ ئۇسلۇبنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ،،تىرىشىپ ئىزدىنىپ كېلۋاتقان جاھىل روھىدىن تەسىرلىنىش بىلەن بىرگە ۋاڭ فېڭ ئېيىتقاندەك«ئۆزگىچە ئاۋازلارنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك» ئىكەنلىكنى تۇنۇپ يېتىپ بارماقتا ئىدىم .
|
|