قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3071|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇغ-تۇغقان ئاتلىرى-ئىمىن.تۇرسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 16:53:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا ئۇرۇغ تۇغقان ئاتلىرى

ئىمىن تۇرسۇن

(مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان جايى ئۇجماغدا بولسۇن)


    بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلرىمىز ناھايىتى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ,ئانىلىق ئۇرۇغداشلىق جەمىيىتىدىلا,ئۇيا-قاياش,تۈركۈن,بوي-سوي بولۇپ تەشكىللەنگەندىلا,ئۇرۇغ-جەمەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم ناملار بىلەن ئاتاپ پەرقلەندۈرگەن.قانداش-تەگداش,بوي-ئايماقلار قوشۇلۇش-ئارىلىشىش نەتىجىسىدە,ئۇلارنىڭ سۆ ز-ناملىرى بىر-بىرىگە سىڭىشكەن. تىل تۇغقانچىلىقى بولغان ئەل-ئىلەتلەر تىللىرىدا,ئۇرۇغ-تۇغقانلانلارنىڭ ئاتلىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ئورتاقلاشقان.
  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە كىرگەن ئەل-ئەلەتلەر مۇرەككەپ ۋە ئۇلارنىڭ ياشىغان,كۆچۈپ يۈرگەن ماكانلىرى  كەڭرى بولغاچقا,ئۇيا قاياشلارنىڭ ئاتىلىشىدا بەزى پەرقلەر ۋۇجۇدقا كەلگەن。مەسىلەن,قەشقەر-خوتەن رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ تۇغقان ئاتا-ئانىلىرىنىمدادادا –ئانا دېسە ,ئاقسۇ,تۇرپان,قۇمۇل,ئىلى رايۇنلىرىدا ئومۇمەن ئاتا-ئاپا دەيدۇ。لېكىن ھەممە رايۇنلاردا جۈپلۈك سۆز قىلىپ قوللانغاندا دادا-ئاپا ياكى ئاتا-ئاپا دېمەي ئاتا-ئانا دەيدۇ。ئۆزىدىن چوڭ قىز قېرىندىشىنى ھەممە رايۇنلاردا دېگۇدەك ئاچا دەيدۇ。پەقەت تۇرپان رايۇنىدىلا 《ئايلا》,كېرىيەدە《ئاپا》,ئىلىدا《ھەدە》دەيدۇ.《ئاپا》سۆزى ئوغۇز-قارلۇقلاردىن قالغان سۆز。《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا يۈزىلىشىچە 《ئەچە(ئاچا) 》---بۇ سۆز  《ئەگە》مۇ دېيىلىدۇ. گاھىدا《ئەگە》بىلەن《ئەچە》قوش
سۆز قىلىنىپ《ئەگە-ئەچە》—ئېگىچە دېيىلىدۇ. ياغمىلار بۇنى 《ئەزە》دەيدۇ. ئىلى رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلار قوللىنىدىغان 《ھەدە》سۆزى ئېھتىمال 《ئەزە》دىن ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
   قەدىمقى ۋەسىقە، كىتاب ۋە ئابىدىلەردىكى ئۇرۇغ-تۇغقان ئاتلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭرەك ئىستىمال قىلىندىغان تۇغقانچىلىق ئاتلىرىنى توپلاش ۋە خەلق ئارىسىدا كەڭرەك ئىستىمال قىلىندىغان تۇغقانچىلىق ناملىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش زۆرۆريىتى تۇغۇلدى. ئادەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىنخرونىك جەھەتتىن يەتتە 《يەتتە پۇشتى》، دىئاخونىك جەھەتتىن《يەتمىش پۇشتى》دەيدۇ. 《پۇشت》—ئەۋلاد دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. قازاقلاردا 《يەتتە ئاتا》نى بىلىش زۆرۈر شەرت ھېسابلىنىدۇ.
   ئادەتتە 《جەمەت》سۆزىنى 《بوي》ئورنىدا ئىشلىتىپ، 《ئاتا جەمەت》، 《ئانا جەمەت》دەپ ئاتايمىز. ئەسلىدە بۇ 《ئاتا بويان》، 《ئانا بويان》دېيىلسە ئۇنىڭ تارىخىي يىلتىزىنى ئېنىقلاش ۋە بىر-بىرىگە باغلاشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ. 《جەمەت》جامائەتتىن ئىخچاملانغان بولۇپ، 《توپ》مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 《بويان》بىر بويدىن تارالغانلار دېگەن مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ
ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى 《ئاتا بويان》، 《ئانا بويان》دېگەن تارماقلار بويىچە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
                      ئاتا بويان
7-ئاتا---ئاغۇن(ئۇلۇغ ئەجداد)
6-ئاتا---قاڭ بابا
5-ئەجۈم بابا
4-بابا
3-دادا(بوۋا)
2-ئاتا—ئاتا(مەننىڭ ئاتىسى)
1-ئاتا-مەن يەنى بالا(ئۈر-پەرزەنت) نىڭ ئاتىسى
2-بالا
3-نەۋرە
4-ئەۋرە
5-چەۋرە
6-پەينەۋرە
7-كۈكۈنەۋرە
ئاتا تەرەپ تۇغقانلار
باباغا-بابانىڭ ئاغىسى---چوڭ بوۋا
باباغى-بابانىڭ ئىنىسى---كىچىك دادا
دادا—ئاتىنىڭ ئاتىسى، چوڭ دادا(ئاتا-ئوغۇز قىپچاق تىلىدا دادا دېيىلىدۇ)
داداغا—دادىنىڭ ئاغىسى---چوڭ دادا
دادغانا-دادىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىنىڭ خوتۇنلىرى
ئاتا—ئۆزىنىڭ تاپقان ئاتىسى
ئاتاغا—ئاتىنىڭ ئاغىسى---چوڭ ئاتا
ئاتاغى-ئاتىنىڭ ئىنىسى---كىچىك ئاتا
ئاپاغا/ئاپاغى---ئاتىنىڭ ئاچا سىڭىللىرى---ھامما(ھامما ئەرەبچە سۆز ئەممە دىن ئۆزگەرگەن)
ئۈر-پەرزەنت(ئوغۇل ئۈر، قىز ئۈر)
ئاغا-ئاكا/ئىنى-ئۇكا---بىر تۇغقان قېرىنداشلار.
ئاچا-ئېگىچە(ئايلا-ھەدە)/سىڭىل-قىز ئۇكا—بىر تۇغقان قىز قېرىنداشلار.
يەڭگە—ئىنىغا نىسبەتەن ئاغىنىڭ خوتۇنى.
نەۋرە(ئەسلىدە ئوغۇل نەۋرە تۇرۇن، قىز نەۋرە <<يېگەن>>دەپ ئاتالغان. نەۋرە ئەرەبچىدىكى‹‹نەبىرە ›› دىن ئۆزگەرگەن.
نەۋرىداش—تۇرۇنداش—ئىككى تۇغقان
ئەۋرە—نەۋرىنىڭ بالىسى
ئەۋرىداش—ئۈچ تۇغقان.
چەۋرە—ئەۋرىنىڭ بالىسى.
چەۋرىداش—تۆت تۇغقان.
پەينەۋرە—چەۋرىنىڭ بالىسى
پەينەۋرىداش-بەش تۇغقان
كۈكۈنەۋرە-پەينەۋرىنىڭ بالىسى
كۈكۈنەۋرىداش—ئالتە تۇغقان
ئاتا بوياندىن تارالغانلار ئاتا قاياش، ئاغا قاياش، ئىنى قاياش. ئاچا قاياش، سىڭىل قاياش دەپ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلىدۇ
ئانا بويان
7-ئانا--ئۆگە موما.
6-ئانا—ئەجۈم موما
5-ئانا—بوي موما
4-ئانا—ئۇلۇغ موما
3-ئانا-موما
2-ئانا-ئانا(مەننىڭ ئانىسى)
1-ئانا-مەن يەنى بالا(ئۈر-پەرزەنت) نىڭ ئانىسى
2-بالا
3-نەۋرە
4-چەۋرە
5-ئەۋرە
6-پەينەۋرە
7-كۈكۈنەۋرە
ئانا تەرەپ تۇغقانلار
موماغا--مومانىڭ ئاغىسى
موماغى--مومانىڭ ئىنىسى
ئېگە موما—مومانىڭ ئاچىسى
ئىجى موما—مومانىڭ سىڭلىسى
ئانا--ئۆزىنى تۇغقان ئانىسى
ئاناغا—ئانىنىڭ ئاغىسى—چوڭ ئاتا
ئاناغى--ئانىنىڭ ئىنىسى—كىچىك تاغا
تاغانا(تاغا-ئانا)—تاغىنىڭ خوتۇنلىرى
كۆكۈي—ئانىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى(چوڭ كۆكۈي، كىچىك كۆكۈي ).
كۆكۈياتا-ئانىنىڭ ئاخچا-سىڭىللىرىنىڭەرلىرى
چىقان—كۆكۈينىڭ ئوغلى
سويان—كۆكۈينىڭ قىزى
قىز:
نەۋرىدىن كۈكۈنەۋرىگىچە.
ئانا بوي نەۋرە، ئانا بوي ئەۋرە، ئانا بوي چەۋرە، ئانا بوي پەينەۋرە، ئانا بوي كۈكۈنەۋرە.
كېلىن-ئوغۇلنىڭ خوتۇنى
قېيىن بويان
قۇدا—ئوغۇل-قىزلىرى تويلاشقان ئاتا-ئانىلار.
قايچىقۇدا-قوش قۇدا—بىر كىم قىزىنى ئىككىنچى بىركىمنىڭ ئوغلىغا بەرسە، ئىككىنچى بىركىممۇ قىزىنى شۇ كىشىنىڭ ئوغلىغا بەرسە ياكى قۇدا ئۈستىگە قۇدا بولسا قايچىقۇدا بولىدۇ.
قېيناغۇن—قېيناتا-قېينانىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى.
قېيناتا—ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئاتىلىرى.
قېينانا—ئەرخوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئانىلىرى.
قېيناغا-- ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئاغىلىرى
يۇرچ-قېينىنى—ئەر خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئىنىلىرى
بالتىر—قېيناچا-- ئەر خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئاچىلىرى.
بالدىز-قېينىسىڭىل-- ئەر خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە نىسبەتەن  سىڭىللىرى.
كۈيوغۇل—قىزنىڭ ئېرى.
توڭۇر-ئەرگە نىسبەتەن خوتۇن تەرەپتىن بولغان تۇغقانلار، يەنى خوتۇننىڭ قېرىنداشلىرى.
باجا-ئاچا-سىڭىللارنىڭ ئەرلىرى.
يەزنە—ئاچىنىڭ ئېرى
بۇلاردىن باشقا يېقىن-يورۇقلارنىڭ ۋە ھەرخىل مۇناسىۋەتلىكلەرنىڭ مەخسۇس ئاتلىرى بار:
قايداش—ئاتا بىر، ئانا باشقا بىر تۇغقان.
ئىگىداش—ئانا بىر، ئاتا باشقا بىر تۇغقان.
ئىككىزەك-قوشكېزەك—بىر قوساقدىن تۇغۇلغان ئىككى بالا.
قايلىق-بويىغا يەتكەن قىز، بۇنىيىنچىك قىزدەپمۇ ئاتايدۇ.
ئەتەگە-ئەتكە—باققۇچى ئاتا.
ئىنەگە-باققۇچى ئانا.
ئۆگەي-قاڭسىق-ئاتا-ئانىدىن  بىر تەرەپ بىللە ئېلىپ كەلگەن بالا. بۇ بالىغا نىسبەتەن ئۆگەي ئاتا-ئانىدىن بىر تەرەپمۇ  ئۆگەي دېيىلىدۇ.
تۇ تۇنچۇ---تۇتۇنغان، ئاتا ياكى ئانا ئانا تۇتقان، شۇنىڭدەك بالىغا نىسبەتەنمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
تۇ تۇنچۇ ئاتا، تۇ تۇنچۇ ئانا، تۇتۇنچۇغۇل، تۇ تۇنچۇ قىز.
تۇل-ئەرسىز خوتۇن.
بويتاق—خوتۇنسىز ئەر.
قودۇز-چوكان، جۇۋان،سېكىلەك,ئەرگە تەككەن ياش ئايال.
چوكان--يېڭى پوتلا چىقارغان تال-سۆگەت.
جۇۋان--پارسچە يىگىت مەنىسىدىكى سۆز،بۇ سۆز كۆچمە مەنىدە ياش ئايالغىمۇ ئىشلىتىلگەن.
يوفغا—يۇۋغا—ئاسراندى،ئاسراپ قېلىنغان
يېتىم—ئاتا-ئانىسىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن بالا.
قارا يېتىم—ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن بالا.
ئوبۇشقا—قېرى ئەر.
ئوراغۇن—قېرى خوتۇن.
كىشى-ئەرگە نىسبەتەن ئۆز ئايالى ۋە ئايالغا نىسبەتەن ئۆز ئېرى
ئېمىلداش—بىر ئانىنى ئەمگەن ئۇرۇغ-تۇغقان بالىلار.
كۇكۇلداش—ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقى يوق بالىلاردىن بىر ئانىنى ئەمگەنلەر.
تۈركۈن—ئاىلە،ئۇيا-قاياشتىن ئايرىلىپ چىقىپ.ئايرىمۆي-ئوتاققۇرغانلار.شۇنىڭدەك بىر فامىلىنى تەشكىل قىلغانلار.شۇڭا بۇ سۆزنى (ئائىلە مەنىسىدە ئەمەس )فامىلە ئورنىدا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
قاڭداش—ئەجدادى بىر بولغانلار.
بويداش—بىر بوي(قەبىلە)دىن بولغانلار.
ئاغۇن—يىلتىزى ئىپتىداىي جەمىيەتتىن باشلانغان ئەجدادلار.
ئوغۇش—ئەۋلاد،ئەجدادنىڭ ئىزباسارلىرى،كەلگۈسى ئوغۇش—كەلگۈسى ئەۋلاد(قۇمۇل تەرەپلىرىدەبوغۇندەپمۇ ئاتىلىدۇ)
ئەل-كۈن—خەلقى ئالەم،ئاھالە،ئىنسانىيەت.
ئەل-يۇرت—يۇرت جاماەت.
ئۆز- ئۆز ئادەم، ئۆز خەلق.
ئۆزگە—باشقا،بىگانە.
ئەنەچ-- ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە زېرەكلىكى بىلەن كىشىلەرگە ئۆز  سىڭلىسىدەك تۇيۇلىدىغان
قىزچاق.بۇ سۆز قىزچاقلارنى ئامراق كۆرۈش ۋە ئەركىلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ (دىۋان1جىلد)
ئەنەچ—كىچىك بولۇشىغا قارىماي ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى بىلەن ھەممىگە ئۆز ئانىسىدەك تۇيۇلىدىغان قىزچاق،ئانىقىز.بۇ سۆز قىزلارنى ئەركىلتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.(دىۋان 1 جىلد)
ئىمرەم—جامائەت،يۇرتتىن بىرەر ئىشقا توپلانغان خەلق توپى.
كۈدەن—بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى(دىۋان 1 جىلد)
گۈل قويۇش—بىر كىمنىڭ قىزىنى دەسلەپكى قەردەمدە ماقۇللىشىپ ئازراق ئادەمگەرچىلىك قىلماق.مۇنداق قىابېشى باغلاقلىقدېيىلىدۇ.ماقۇللۇق ئالغان تەرەپپالانچىنىڭ قىزىغا گۈل قويۇپ كەلدۇق>>دەيدۇ.
ئەسلەتمە:
1) بۇ ناملارغا ئەرەبچە-پارسچىدىكى ئەممە،ئابا،خالە،بۇرادەر،پەدەر-مەدەر،ۋالىد-ۋالىدە،ئايىم دېگەندەك سۆزلەرنى قوللانمىدۇق.
2) ئادەتتە ئانىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرى تاغا دېيىلەتتى.لېكىن بەزى جايلاردا ،ئاتىنىڭ ئاغا-ئىنىلىرىمۇ تاغا د ئېيىلمەكتە.شۇڭا تاغا سۆزىنى ئۆزىدىن چوڭ ۋە تونۇمايدىغان بىر كىمنى قىچقىرىشقا قوللانسا؛شۇنىڭدەك ،ئۆزىدىن چوڭ ۋە تونۇمايدىغان ئاياللارنى ھامما دەپ چاقىرسا،ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئاتلىرىغا ئارىلىشىپ كەتمەس دېگەن پىكىردىمەن.
3) قى/غى قوشۇمچىسى ھەققىدە تۈركىي تىللار دىۋانىدا مۇنداق دېيىلگەن:تۇغقانچىلىقنى بىلدۈرىدىغان ئىسىملارنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىپ، سۆيۈمچانلىقنى بىلدۈرىدىغان قوشۇمچە،ئاتاقى(3.293).باشقا قېرىنداش تىللاردىمۇ ‹‹غى››  قوشۇمچىسى ئىشلىتىلىدۇ.مەسىلەن،قۇدا-قۇداغى-(ئەر-ئايال قۇدىلار).مۇشۇنى نەزەردە تۇتۇپ بابا،دادا،ئاتا،ئانالارنىڭ ئىنىلىرىنى :باباغى،داداغى،ئاتاغى،ئاناغى دەپ ئاتىسا،ئەركەك قۇدا،چىشى قۇدا دېمەي قۇدا،قۇداغى دېيىلسە ،دىۋان دا ئەركەك،چىشى دېگەن سۆزلەر ھايۋانلارغا ئىشلىتىلىدۇ دېيىلگەن.
ماتىرىيال مەنبەسى:
نورۇزنامە،ئىمىن تۇرسۇن شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.2001-يىل 1-ئاي1-نەشرى،2009-يىل4-ئاي-3 باسما  كىتابىنىڭ 70-77 بەتلەرىدىن ئالدىم.ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن(aaot).
ئوغۇزتىگىن .ئۇرۇمچى بالۇق 2014-9-12

8

تېما

25

دوست

4928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1464
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 04:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان جايى ئۇجماغدا بولسۇن)
بۇ نىمە گەپ؟ ئۈجماغ دىگەن سۆزگە ئىزھات بىرىلمەپتىغۇ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 13:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztiginئاكا تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
سىزنىڭچە تىلنى تەتقىق قىلىش ،گرامماتىكا،لىكسىكا ئۆگىنىشنڭ نىمە رولى بار؟
ئۆزىڭىز ياخشى دەپ قارىغان تىلشۇناسلىق،تەرجىمە شۇناسلىققا ئائىت خەنچە كىتاپلارنى
تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

5

تېما

0

دوست

3449

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7186
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 325
تۆھپە : 879
توردىكى ۋاقتى: 515
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 15:27:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئۇجىماق دىگەن سۇزنىڭ مەنىسى  جەنىنىەت دىگەن  مەنىدە، بۇ  سۇزىنى  .ئاساسەن  قازاقلار  .ئىشلىتدۇ،

8

تېما

25

دوست

4928

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 475
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1464
توردىكى ۋاقتى: 336
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 17:10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
imildulkini يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 15:27
、ئۇجىماق دىگەن سۇزنىڭ مەنىسى  جەنىنىەت دىگەن  مەنىدە،  ...

كىتابىي مەنبەسى بولمىغان سۆزنى ئىشلەتمەيلى. بىز كىتابىي بىر خەلىق.
باشقىلانىڭ ئاغزاكى سۆزىنى ئارىيەت ئالغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالمىدۇق.

0

تېما

12

دوست

4153

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22001
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1270
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-13 21:18:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان جايى ئۇجماغدا بولسۇن›
مۇشۇنداق دىشنىڭ زورۇريىتى بارمۇ؟

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7622

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1251
توردىكى ۋاقتى: 1307
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 05:46:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 13:12
ohuztiginئاكا تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
سىزنىڭچە تىلن ...

سىزچە تىلنى تەتقىق قىلىش، گىرامماتىكا، لىكسىكا ئۆگىنىشنىڭ نېمە رولى يوق؟ ئۆزىڭىزنىڭ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش، چۈشىنىش، قوغداش، ھېچ بولمىغاندا بالىڭىزغا مۇكەممەل ئۆگىتىشكە پايدىسى بار.
كۈنلىكى نەچچىلىگەن تىللار يوقۇلۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تىل تەتقىقاتى ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى.

4

تېما

3

دوست

2603

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 681
توردىكى ۋاقتى: 103
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-14 20:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Umut903 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-13 21:18
‹مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان جايى ئۇجماغدا بولس ...

بۇ زۆرۈرىيەت ئەمەس پەقەتلا بىر مەرھۇمنىڭ ھۆرمىتى ، يەنە كىلىپ مەرھۇمغا قىلىنغان دۇئادۇر ، ئۇندىن باشقا ئاپتورنىڭ ئەسەر يزىشتىكى بىر ئۇسۇلى بولسا كېرەك . زىغىرلاپ كەتكۈدەك ئىش يوق بۇيەردە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )