بوزقىر تەرجىمىسى
جۇڭگودىكى مەشھۇر ئەسەر « تاغ-دەريالار تەپسىراتى» نىڭ نوپۇز ئىگىسى ، جىلىنلىق ئالىم ،پروفسسور گوڭ يۈخەي «تاغ-دەريالار تەپسىراتى» قاتارلىق قەدىمقى ئەسەرلەرنى كۆپ يىل تەتقىق قىلىش ۋەئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەر ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر يېڭىبايقاشنى ئوتتۇرغا قويغان : ئەيسائەلەيھىسالام دىنىي شەخىس ياكى ئىلاھىي شەخىس بولماستىن بەلكى رېئاللىقتا ئۆتكەن راسىتئادەم بولۇپ ، ئۇ جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى « بەش پادىشاھ» نىڭ بىرى جۇەن شۈننىڭدەل ئۆزىدۇر. ئۇ ئۆلۈپ قايتا تىرىلگەندىن كېيىن جۇڭگوغا (غەرب ئالىملىرى ئۇنىشەرىقتىكى ھىندىستانغا بارغان دەپ قارايدۇ) كەلگەن. ئەيسا ئەلەيھىسالام جىلىنئۆلكىسىنىڭ فۇيۈ ناھىيەسىگە دەپنە قىلىنغان ! ۋەھالەنكى ، خىرىستىيان دىنىدىكىئەيسا ئەلەيھىسالام بولسا جۇەن شۇ دىن ئىبارەت بۇ تىپ ئاساسىدا قايتا يارالغان. تارىختا ئەيسا ئەلەيھىسالامدىن ئىبارەت بۇشەخىسنىڭ راسىت ئۆتكەن-ئۆتمىگەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار مەۋجۇت . يەنە كېلىپبۇ ھەقتە تارىخىي مەنبەلەر تازا تولۇق بولمىغاچقا دۇنيادا ھازىرغا قەدەر بۇ ھەقتەبىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. شۇڭا ئۇدۇنيادىكى ئېچىلمىغان سىر بولۇپ كەلمەكتە. گۇەن يۈخەي مۇنداق دەيدۇ : « غەرىبتە ‹دىندىكى خىرىستوس تارىختىكى ئەيسا شۇدۇر › دېگەن قاراش بار. ئەمەلىيەتتە بۇنى ‹ دىندىكى ئەيسا ، تارىختىكى جۇەن شۇ شۇدۇر › دېيىش كېرەك. بۇ يېڭى تەلىمات بۇ سىرنىڭئېچىلىشىغا ئۈمىت ئاتا قىلدى . گوڭ ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى نۇقتىنەزىرى « ‹ تاغ-دەريالار تەپسىراتى› ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىگەئائىت ماقالىلەر توپلىمى»(3-قىسمى) دا شەرھىلەنگەن ھەم شەرقىي شىمالدا ئۆتكۈزۈلگەنتاغ-دەريالار تەپسىراتى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇلۇپ زىل-زىلەقوزغىغان. س سوڭ خۇاجىياڭدەرياسى بويىدىكى جىلىن شەھرىدە تۇغۇلۇپ ، شەرقىي شىمال پىداگوگىكائۇنۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن گوڭ يۈخەي 1989-يىلى دەمئېلىشقا چىقىشتىن ئىلگىرى چاڭچۇن ئوپتىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسىبولۇپ ، كېيىن پروفېسورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىجىلىن شۆبىسىنىڭ ئەزاسى ۋە جۇڭگو « تاغ-دەريالار تەپسىراتى » تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭباشلىقى بولغان. دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن « تاغ-دەريالار تەپسىراتى » نى ئون يىل تەتقىققىلىپ ، تىل، مىللەتشۇناسلىق ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ، « تاغ-دەريالار تەپسىراتى »نى دەلىللەپ ، مولنەتىجە ياراتقان. « ئەيسانىڭ ئەسلى تىپى جۇەن شۇدۇر » دېگەن يەكۈن دەل ئۇنىڭ مۇشۇتەتقىقاتىدا بايقالغان . « تاغ-دەريالار تەپسىراتى » جۇڭگونىڭ ئەڭ موھىمتارىخىي كىلاسسىك ئەسىرىدۇر . بۇ كىتابنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، تىلى مۇرەككەپ بولغاچقائوقۇپ چۈشىنىش تولىمۇ قىيىن. شۇڭا بۇ كىتابقا ناھايتى كۆپ سىرلار يوشۇرۇنغانبولغاچقا « جۇڭگودىكى تۇنجى غەلىتە كىتاب » دەپ ئاتالغان. خەن، تاڭ سۇلالىرىدىنبۇيان ئۇ ئەپسانە ، قىسسە ، ھېكايە ۋە غەلىتە خەۋەر قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنۈپ ، تەتقىقاتچىلارئارىسىدا بۇ كىتابنى تاپالماسلىق ، تاپسىمۇ قولىغا ئېلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق ،قولىغا ئالغان ھالەتتىمۇ ئوقۇپ تۈگىتەلمەسلىكتەك تۇيغۇنى پەيدا قىلىپ كەلگەن. گوڭ يۈخەي « تاغ-دەريالار تەپسىراتى» نى ئەپسانە ئەمەس بەلكى « تارىخ » ، ئۇ جۇڭگونى مەركەز قىلغان «ئالەمدىكى كاتتا تەركىرە » ، ئۇ ئىنتايىن قىممەتلىك بولغان دۇنيانىڭ قەدىمقى تارىخىي ۋەسىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ كەم تېپىلىدىغان « مۇزىي » دۇر، دەپ قارايدۇ.
ئۇنىڭ قارىشىچە ، بۇ كىتاب جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى نەچچە ئەۋلاد ھۆكۈمرانلار دۇنيانىڭ « 6 قىتئەسى» گە ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشىدىن شەكىللەنگەن « تەكشۈرۈش دوكلاتى» بولۇپ ، تەخمىنەن 4 مىڭ يىللار مۇقەددەم كىتاب شەكلىگە كەلگەنىكەن.
شۇڭا ، گوڭ پروفېسسور تىلشۇناسلىق بىلەن ھازىرقى زامان ئارخېئولوگىيەسىنى بىرلەشتيۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان . « تاغ-دەريا تەپسىراتى» نى يېشىش بىلەن دۇنيادىكى سىرلارنى يېشىشنى بىرلەشتۈرۈپ ، بۆسۈش ھاسىل قىلغان. مەسىلەن ئۇ ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرغا قويغان « ئىندىئانلار جۇڭگولۇقلارنىڭ پۇشتىدۇر » ، « ھازىرقى ئادەملەر ئەڭ بۇرۇن جۇڭگودا پەيدا بولغان » ، « قەدىمقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزىدۇر » ۋە « دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ دىن جۇڭگودا پەيدا بولغان» ، « جەننەت جۇڭگونىڭ يۈننەندە » قاتارلىق بىر قاتار يېڭى نۇقتى نەزەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا نۇرغۇن زىل-زىلە پەيدا قىلغان. بۇنىڭدىن بىر قىسىمل گوڭ يۈخەي يەنە مۇنداق قارايدۇ : قەدىمقى گىرىك ، رىم مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى بىر بولۇپ ، يەھۇدىيلارمۇ ئەسلىدە جۇڭگودىن كۆچۈپ بارغان. يەھۇدىي مەدەنىيىتى بىلەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۆز-ئارا تومۇرداش ھەتتا « يېقىن تۇغقان» . غەربتىكى دۇنيا تارىخچىلىرىمۇ يەھۇدىيلارنى شەرق مىللىتى دەپ قارايدۇ. ئۇلار نەچچە ئەسىرلىك غەرىبكە كۆچۈش تارىخىنى باشتىن كەچۈرۈپ پەلەستىدە « ئىسرائىلىيە يەھۇدىي دۆلىتى» نى قۇرغان.
گوڭ يۈخەي يەنە مۇنداق قارايدۇ : يەھۇدىيلار جۇڭگودا پەيدا بولغان ، ئۇلارنىڭ يىلتىزى جۇڭگودا. بۈگۈنكى شەنشىنىڭ ۋۇگوڭ ناھىيەسىدە « يوۋتەي» دەپ ئاتىلىدىغان فامىلىمۇ بار. مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ خەنزۇچە « يوۋتەي» دېگەن مىللەت نامىغا يېقىنلىشىدۇ. يەنە خېنەندە « شىبو» دەپ ئاتىلىدىغان قوۋىملەرمۇ بار بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبراي قوۋمىغا يېقىنلىشىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىملار جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بىلەن يەھۇدى مەدەنىيىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەتقىقىق قىلىپ نۇرغۇن ئوخشاشلىقنى بايقىدى. مەسىلەن «تەڭرى » سۆزى ئېلىمىزدە بۇرۇندىن تارتىپلا بار بولۇپ كىشىلەر چوقۇنىدىغان ئىلاھنى بىلدۈرەتتى. تەڭرىنى بىلدۈرىدىغان 帝喾 دىكى “喾 خېتى قەدىمدە go دەپ ئوقۇلاتتى . بۇنى ئىنگلىزچىدىكى ( خۇدا ، مۇقەددەس ئىلاھنى ئىپادىلەيدىغان ) god سۆزىگە ئوخشىتىش مۇمكىن.ىرى ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.
گوڭ يۈخەي يەنە مۇنداق قارايدۇ : قەدىمقى زاماندىكى ئىنسانلار ھازىرقى زاماندا تەسۋىرلەنگەندەك ئۇنداق ئازاپ-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇشتا ياشىغان ئەمەس. ئۇلار ناھايتى باياشاتلىق ئىچىدە ئۆتكەن. ئۇلار يۈكسەك مەدەنىيەت ياراتقان. ئۇلارنىڭ ئورتاق تىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە « يىلتىز» ىمۇ بىردۇر.
گوڭ يۈخەي يەنە مۇنداق قارايدۇ : ئەيسا قەدىمقى گىرىك ۋەسىقىلىرىدە Jesous دەپ ئاتالغان. بۇ خەنزۇچىگە“约书亚” دەپ تەرجىمە قىلىنغان. شۇڭا « جۇەن شۈ يې» -“颛顼爷” بىلەن يۆشۇيا -“约书亚” ئىككىسى بىر ئادەم. قەدىمقى زامان تىلشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، قەدىمقى گىرىك تىلىدىكى “约书亚-”ئەيسا بىلەن جۇەن شۇ-颛顼 بىر ئادەمدۇر.
گوڭ يۈخەي مۇنداق دەيدۇ : «ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش» جۇەن شۇ بىلەن ئەيسانىڭ ھەر ئىككىسىدە قايتا يۈز بەرگەن. ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپاتلارغا قارىغاندا ، دۇنيا تارىخدا «ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش» نېسىپ بولغان مەشھۇر شەخىستىن پەقەت جۇەن شۇلا بار. دىن ساھەسىدە بولسا ئەيسالا بار. ئەجىبا بۇنى پەقەت ماس كېلىپ قېلىش دەپلا چۈشەنگۈلۈكمۇ ؟
گوڭ يۈخەي يەنە مۇنداق دەيدۇ :« دۇنيادىكى ئاتاقلىق ئىلاھىيەتشۇناس ، گېرمانىيىلىك خورگېن كەيىستون ‹ ئەيسا ھىندىستاندا› ناملىق كىتابىدا ئەيسا ‹تىرىلگەن› دىن كېيىن كەشمىردىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا كېلىدۇ، دەپ يېزىپتۇ. ئەمما، ئەيسا ‹ تىرىلگەن› دىن كېيىن بارغان شەرق ھىندىستان ئەمەس بەلكى جۇڭگو بولۇشى ئېھتىمالغا تېخىمۇ يېقىن. ‹ تاغ-دەريا تەپسىراتى› دىكى بايانلاردا جۇەن شۇنىڭ فۇيۈ گە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق خاتىرلەر بار بولۇپلا قاماي يەنە بۇنىڭ ئىزنالىرىمۇ بار » .
گوڭ پىروفېسسور يەنە مۇنداق دەيدۇ : 12-ئاينىڭ 25-كۈنى رېژدوستىۋا بايرىمى ئۆتكۈزۈش ھازىر خىرىستىيانلارغا ئومۇمىيلىشىپ كەتتى. ئۇنى يەنە جۇەنشۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بايرىمى دېسەكمۇ بولىۋېرىدۇ. ئەمما ، ئەيسا راستىنلا شۇ كۈنى تۇغۇلغانمۇ-يوق ؟ ئېلىمىزنىڭ بىر قىسىم مۇتەخەسىسلىرى ھازىرقى روژدېستىۋا كۈنىنى كېيىنكىلەر بېكىتكەن ، دەپ قارايدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمقى ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ئىچىدە « ئېرى يوق تۇرۇپمۇ تۇغقان » ئەھۋاللار بولغان ھەم بۇ قانۇنلۇق ، دەپ قارالغان. ئۇندىن باشقا 2- ، 3- ئاينى قىز-يىگىتلەرنىڭ بېشىنى قوشۇپ قويۇشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل ، دەپ قارىغان. چۈنكى ، بۇ مەزگىلدە كىلىماتنىڭ ئىللىشىغا ئەشىپ قىزلارنىڭ بالىياتقۇسىدىمۇ جانلىنىش كۆرۈلۈپ ، ھامىلدار بولۇش نىسبىتىمۇ يۇقۇرى بولىدىكەن. 9 ئايدىن كېيىن يەنى دېھقانلار كالىندارى بويىچە 11-ئاي تەۋەللۇد قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ ، قەدىمقى زاماندىكى خىسلەتلىك-ئۇلۇغ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مەزگىلدە تۇغۇلغان. شۇڭا رېژدوستىۋا بايرىمىنىڭ ۋاقتىمۇ مۇقۇم ئەمەس. 11-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۆتكۈزىدىغانلارمۇ بار.
گوڭ پىروفېسسور يەنە مۇنداق دەيدۇ : رېژدوستىۋا بايرىمىدىكى بالىلارغا سوۋغات بېرىدىغان « رېژدوستىۋا بوۋاي» ئەسلى شىمالىي قۇتۇپقا يېقىن كاللائالىتلارنىڭ ئادىتىدىن كەلگەن بولۇپ ، مەيلى « رېژدوستىۋا بوۋاي» بولسۇن ياكى قار مەلىكە بولسۇن ئۇلار دەل جۇڭگونىڭ قەدىمقى ۋەسىقىلىرىدە خاتىرلەنگەن « دىڭلىڭ» لاردۇر.
|