قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1339|ئىنكاس: 9

قەيسەر مىجىت: بايبول قوزغاتقان يانداش پىكىرلەر -(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

23

دوست

9914

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 46
مۇنبەر پۇلى: 812
تۆھپە : 3389
توردىكى ۋاقتى: 217
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-16

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 09:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئېلاۋە: "بايبول شىركىتى"نى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، دوستۇم قەيسەر ھاجى، ئۆزىنىڭ بېيىش ھەققىدىكى ئۇزۇن يىل مابەينىدە ئىگەللىگەن نەزەرىيىۋى بىلىملىرى بىلەن مەبلەغ سىلىپ پايدا كۆرۈشتەك ئەمىلىيىتىنى بىرلەشتۇرۇپ يىزىپ چىققان بىر يۇرۇش ماقالىلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ئىنتايىن ياخشى قىلدى.
        بۇنىڭدىن مەقسەت بىرىنجىدىن ئوقۇرمەنلىرىمىزنى، ۋە بەلكى پوتېنسىيال خېرىدارلىرىمىزنى ئىگىلىك تىكلەشنىڭ زامانىۋى بىلىملىرى، ئۇسۇللىرى، نەزەرىيىلىرى بىلەن سىستىمىلىق بىلىمگە ئىگە قىلىش، ئىككىنجىدىن ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئىگىلىگىدىكى بازارلارنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولغان پۇل-مۇئامىلە بازارلىرىغا كىرىشىگە ئىشەنچ بەخىش ئىتىش، ئۈچىنچىدىن ئۇلارنىڭ بايبول شىركىتىمىزنى ئىشەنچلىك ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ باي بولۇشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش.
        ئىككى قەيسەر باشچىلىقىدا قۇرۇلغان بۇ شىركەت - تەۋەككۇلچىلىك روھىغا ئىگە كىشىلىرىمىزنىڭ  بېيىپ، روناق تىپىشىنى ئىستەيدۇ، ئەلۋەتتە.
دىن باشلاپ مەنمۇ بېيىش ھەققىدە ساۋات، چۈشەنچە، نەزىرىيە ۋە كۆزقاراشلارنى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنىمەن. ئاخىرقى مەقسەت پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ، بىز بايبولغا ئۈمىت باغلىغان ھەر بىرىڭىزلارنىڭ قىسقا ۋاقىت .ئىچىدە "باي" غوجام ۋە "باي خېنىملاردىن" بولۇشلىرىنى تىلەيمىز!

بىر دوستۇمنىڭ بالىسىنىڭ ھىكايسىى
        بايبول شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىدىن خەۋەر تاپقان ۋە شىركىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چىن دىلى بىلەن قوللايدىغان بىر دوستۇم بىزنىڭ خىرىدارلارغا ۋاكالىتەن پاي چىكى ئىلىپ بىرەلەيدىغان ياكى ئىلىپ بىرەلمەيدىغانلىغىمىزنى سۈرۈشتە قىلىپ تېلىفۇن قىپتۇ. تىجارەتتە ئۇچۇر ئىنتايىن مۇھىم، ئەلۋەتتە.  مەن دوستۇمدىن ئەھۋال ئىگىلىدىم. ئۇقتۇمكى، بۇ دوستۇمنىڭ دوستىنىڭ ۋەتەندە 15-16 ياشلىق بىر ئوغلى بولۇپ، پاي چىكىگە قىزىقىدىكەن. بۇ بالا ئامىرىكىنىڭ مەلۈم بىر پاي چىكىنىڭ ئەھۋالىغا يىقىندىن دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ پاي چىكىنى ھازىر ئىلىپ قويسا ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ كىيىنچە ئاشىدىغانلىغىغا بەك ئىشىنىدىكەن.
        مەن بۇ دوستۇمغا مۇنداق جاۋاپ بەردىم:
       -بىز خېرىدارلىرىمىزغا ۋاكالىتەن پاي چىكىنى سىتىۋىلىپ باشقۇرۇپ بىرىمىز، لىكىن ھازىر مەبلەغ قوبۇل قىلالمايمىز، چۈنكى بىز قانۇن بويىچە ئىش كۆرىدىغان بولغانلىقتىن، باشقىلاردىن مەبلەغ قوبۇل قىلىپ مەبلەغنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بىرىشنىڭ رەسمىيەتلىرىگە ئائىت زۆرۈر ماتىرياللارنى تەييارلاش باسقۇچىدا بىز، بىزگە ئىشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، بىز چوقۇم سىزنىڭ دوستىڭىز بىلەن ئالاقىلىشمىز.
        مەن ھىلىقى بالىنىڭ قىزىقىشىنىڭ بالىلارچە ساددىلىقتىنمۇ ۋە ياكى مەلۇم ئىزدىنىش ئاساسسىدا بولغانمۇ بىلىپ باقماقچى بولۇپ ئۇ سېتىۋالماچقى بولغان پاي چىكى ھەققىدە ئىزدەندىم. كۆردۈمكى، بۇ پاي چىكى 2010-يىلى يىڭى بازارغا سىلىنغاندا ھەر بىر پاي 19 دوللاردىن سىتىلغان ئىكەن. مۇشۇ گەپ بولۇۋتقاندا بۇ پاي ئۆسۈپ 183 دوللارغا چىققان ئىدى، يەنى تۆت يىلنىڭ ئىچىدە بۇ پاي 164دوللار ئۆسۈپتۇ.(مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋاتقان چاغدا قارىسام 253 دوللارغا ئۆسۈپتۇ، يەنى ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 70 دوللار ئۆسۈپتۇ). ناۋادا سىز بۇ پايدىن 2010-يىلى 1000نى ئىلىپ قويغان بولسىڭىز ساپ پايدىڭىز 164،000 دوللار بولاتتى، يەنى سىز 19،000 دوللار مەبلەغ سىلىپ تۆت يىل ئىچىدە مەبلىغىڭىزنى تەخمىنەن 9 ھەسسە قاتلىدىڭىز دىگەن گەپ. ئەمدى سىز 1000 ئەمەس، 10000 دانە پاي ئالغان بولۇڭ، دىمەك سىز 190،000 دوللار بىلەن  جاپا تارتىپ يۈرمەيلا نەچچە يىل ئىچىدە مىليونىر بولۇپ بولدىڭىز دىگەن گەپ.
       سىز 19،000 دوللار مەبلەغنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدىن باشقا بازارلارغا سىلىپ مۇشۇنچىلىك قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنچىلىك كۆپ پايدا ئالغاننى كۆرگەنمۇ؟
       مەن بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ ۋەتەندىكى ئاۋۇ ئۆسمۈرنىڭ زىرەكلىكىگە قايىل بولدۇم.
        كىشىلىرىمىز، بەزىلەرنىڭ يەر سىتىۋىلىپ ئۆي سىلىپ سىتىپ، توۋار مال يۆتكەپ سىتىپ پايدا ئىلىپ ۋە ياكى ئاشخانا ئىچىپ پۇل تىپىپ بىيىغانلىغىنى كۆرۈشكەن شۇنداقلا ئاللا كىملەرنىڭدۇر پاي چىكى سىتىۋىلىپ ۋەيران بولغانلىقلىرىنى ئاڭلاشقان.
      نىمىشقا شۇنداق؟
      يۈزە ئانالىز قىلغاندا بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكىچە:
      1.  كىشىلىرىمىزدە بۇ ھەقتە چۈشەنچە كەم، ئاز تولا چۈشەنچىسى بارلاردا قىزغىنلىق بار، سېستىمىلىق بىلىم يوق، ئاز تولا نەزەرىيە بار، تەجىربە يوق، ھەممىدىن مۇھىمى - نىسبەتەن ئەركىن رىقانەتكە تولغان، قانۇننىڭ قوغدىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئۆزىدە ئوبىكتىپ يوسۇندا ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇكەممەل بولغان پۇل-مۇئامىلە بازىرى يوق.
      2. پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا نىسبەتەن قاتمال، ناتوغرا قاراش بار مەسىلەن ئۇنى "قىمار" دەپ ئويلاش. بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز "دەتتىكام" دەپ ھوشۇق ئىتىپ .ئەن-ئەنىۋى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرۇۋىتىشكە رازى ئىكەنكى، پۇل-،مۇئامىلە بازىرىغا "تەۋەككۈل" قىلىشتىن قورقىدۇ. زىيان كىمگە ئاچچىق ئەمەس؟ ئەلۋەتتە، جاپا چىكىپ تاپقان-تۈپكەن بىلەن  "قىمار" ئويناش- بىز ئۈچۈن مۈمكىن ئەمەس. ئەمما پاي -چىكى بازىرىدىكى تەۋەككۈلچىلىك يەنى ئىدرەكلىك تاللاش ئۇ باشقا گەپ، بىز بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى قىلىمىز. پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىك گويا ماگېللاننىڭ كىمە سەپىرىگە ئوخشايدۇ. بىز ئۇنىڭ تارىختا نىمىلەرنى بايقىغانلىغىنى، نىمىلەرگە ئىرىشكەنلىگىنى بىلىمىز. بەلكىم ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەردىن بەزىلەرمۇ ئۇ ماڭغان يوللارنى مىڭىپ باققان، ۋە دىڭىزنىڭ بىر يىرىدە چۆكۈپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، پاي چېكى سىتىۋىلىپ ۋەيران بولغانلارنىڭ ھىكايىسى دەل شۇنداق.
3. پۇل -مۇئامىلە بازىرىنبىڭ ئادىللىقىغا بولغان ئىشەنچ كەم، بۇنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. ئادىللىق كەمچىل يەردە ئىشەنچمۇ كەمچىل بولىدۇ. بازارنىڭ ئادىللىقى قانۇن ئارقىلىق ھەقىقى تۈردە كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان دۆلەت ۋە جەمىيەتلەردە كىشىلەر بۇ خىل دەككە-دۈككىدىن خالى.
4. مەبلەغ سالغۇچىلارنى مەملىكەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارادىكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا يىتەكلەيدىغان كۈچ ياكى ئىقتىسادى گەۋدە يوق. ئەگەر مۇشۇنداق بىر گەۋدە بولسا ئىدى ئالى مەكتەپلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپىنى پۈتتۈرگەن ياشلىرىمىز شەخس سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيتى، مەبلەغ سالغۇچىمۇ پۇل تاپاتتى.
       بۇنداق سەۋەپلەرنى يىزىپ كەلسەم خىلى كۆپ چىقىدۇ.
       كىشىلىرىمىز يەھۇدىلەرنىڭ بايلىقى ھەققىدە خېلى بىلىشىدۇ. يەھۇدىلار پۇل بىلەن ھەپىلىشىدىغان خەق. ئامىرىكىنىڭ چوڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىمۇ يەھۇدى. ئەلۋەتتە، شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش لازىمكى، كىشىلەرنىڭ بايلىققا بولغان ھەۋىسىدىن پايدىىلىنىپ "زامانىۋى قويمىچىلىق" يولىغا كىرىپ مەلۇم مەزگىل پادىشاھدەك ياشاپ ئاخىرىدا ھەم مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھەم ئۆزىنى ۋەيران قىلغانلارمۇ يوق ئەمەس، مەسىلەن بۇنىڭ ئەڭ يىقىنقى مىسالى 65 مىليارد دوللار مەبلەغنى ئالداپ يەپ كەتكەن بېرنارد مەدوپتۇر.)150 يىللىق كىسىلدى( شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار - مەبلەغ سىلىشتىن بۇرۇن "بايلىقنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ، كۆپەيتىپ بىرىمىز" دەپ پاراڭ سالىدىغانلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىگى كىرەك.  شۇنداق كىشىلەرنى بىر مەھەل كۈزۈتۈشى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان گەپ بىلەن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ  ئوتتۇرىسىدا پەرق چوڭمۇ-كىچىكمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى، باشقىلاردىن بۇلار پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ پايدىلىنىۋاتامدۇ ياكى بۇلار باشقىلار ئۈچۈن ئامالسىز ۋاستە بولۇپ قىلىنىۋاتامدۇ؟ بۇلارنى ئەتراپلىق ئويلىشى ھەمدە ھەتتا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغىچە دىققەت قىلىشى كىرەك. چۈنكى مەدوپمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتىگە مەبلەغ سېلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان ۋە قىلغۇزغان، ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ياشىغان. بۇنىڭدىن ھەيرانۇ ھەس قالغان پۇلى بار ئەمما تېخىمۇ باي بولۇش ئارزۇسىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش ئۈچۈن ھەتتا تونۇش ئىزدىگەن، ئەمىلييەتتە ئۇ بىر پىشقان، نومۇسسىز قويمىچى بولۇپ "ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشىنى ئۇزۇن يىل يوشۇرالىغان. شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار كىمگە ئىشىنىپ . نىمىگە مەبلەغ سىلىشتا ئالاھىدە ئىھتىيات قىلمىغى زۆرۈردۇر!
ئەمىليەتتە بازاردا كىشىلەرنىڭ مەلۇم نەرسىگە نىسبەتەن كۆز قارىشى، پەرىزى ئوخشىمىغانلىقتىن بەزىلەرگە بېيىش پۇرسەتلىرى تۇغۇلىدۇ. مەسىلەن، پايچىكىنى  ئىلىپ ئىيتساق مەلۇم پاينى تۇتۇپ تۇرغان كىشى ئۇنى چۈشىدۇ  دەپ پەرەز قىلسا  ئۇنى سىتىپ چىقىرىۋىتىشقا ئاالدىرايدۇ، ئۇنى ئۆسىدۇ دەپ ئويلىغان كىشى ئالىدۇ. زادى قانداق ئامىللار پاي چىكى ئوينىغۇچىلارنىڭ مەلۇم پايچىكىنىڭ "ئۆرلەيدۇ" ۋە "چۈشۈدۇ دىگەن پەرەزلىرىگە ۋە شۇ سەۋەپتىن ئىلىپ-سىتىشقا تەسىر قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىر نەچچە نەزىرىيەلەر بار، ئەلۋەتتە. ئەممە مەزكۈر ماقالىدا ئۇ ھەقتە توختالمايمەن. مۇھىم نۇقتا "پەيتىنى تۇتۇش"تۇر!
كىلەركى قىتىملىق ماقالىدە بۇ ھەقتە توختىلىمەن!

15

تېما

1

دوست

2930

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 18:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا ئامېرىكىدا قانچە شىركەت پېيىنى بازارغا سالغان.؟
پاينىڭ باھاسىنى ئادەتتە قانداق بىكىتىدۇ؟داۋجىنىس،پۇر،....دېگەنلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

195

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 20:41:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇرۇنمۇ   يەتكۈزۈپ   كويغان   ،قەيسەر  ئەپەندىم   بايبول   شىركىتىدە  ئىشلەتكەن  مومىن  بۇرۇن  ئالدامچىلىق  قىلغان   ،بۇ  مۇناپىقنى   جازالاش يوق  شۇنى   ئىشلەتكىنى  ئىككى  قەيسەرنىڭ  بايبول  شىركىتىدىكى  تۇنجى  خاتالىقى    ،ئەگەر  بىلگىسى  بولسا  بۇ مىنىڭ  نۇمۇرۇم   13899142911

1

تېما

3

دوست

1648

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   64.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12667
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 48
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 22:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايبول شىركىتى،،،ھەجەپ ئىسىم ھە؟

شىركەتتىكىلەرنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ چۇقۇم باي بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن،چۈنكى بۇ شىركەتتە قەيسەر ئەپەندىم بار ئەمەسمۇ؟

0

تېما

0

دوست

1038

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9548
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 133
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 15:56:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەر ئاكا مەنمۇ بۇ پايچىكقا قىزىقىمەن لىكىن نەدىن باشلاشنى بىلمەيۋاتىمەن ماڭا مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز؟

0

تېما

0

دوست

2913

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 918
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 23:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دىيارىمىزدا   ئارمان   شىركىتىنىڭ   پاي   چىكى   بازارغا   سىلىندۇ   دەپ   ئاڭلىغانتۇق   ،    ھازىر   جىملام   بولاپ   كەتتى   ياكى   بىز   ئاڭلىماي   قالدۇقمۇ   .   بىلدىغانلار   بولسا   تەپسىلىسىنى    يەتكۇزۋەتكەن   بولساڭلا   مىنەتدار   بولۇپ   قالساق   .

0

تېما

0

دوست

2913

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 918
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 23:42:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soyma يوللىغان ۋاقتى  2014-9-15 20:41
مەن  بۇرۇنمۇ   يەتكۈزۈپ   كويغان   ،قەيسەر  ئەپەندىم   باي ...

  ئۇ   قويمىچى   قەيسەرجانلىنىمۇ    قوياپ    شىركىتىگە   چىرۋاغان   ئوخشايدۇ   .

6

تېما

1

دوست

1906

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4209
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 81
تۆھپە : 535
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 16:33:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرۋەقە ئاۋۇ مۆمىن دىگىنى بىر خەن بىلەن بىرلىشىپ نۇرغۇن ئۇيغۇر خىرىدارلارنىڭ پۇلىنى قويىۋەتكەن....بىر زەرگەرنىڭ ماڭا دىيشچە ئۆزىنىڭ 2،3يۇز مىڭ باشقلارنىڭ بولاپ خىلى جىق پۇلنى مۆمىن دىگىنى يۇتىۋاپتۇ....ھازىر ئۇنى ئىزدەۋاتىمىز،تىپىۋىلىپ قالساق ساق قويمايمىز دەۋاتقان...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )