قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4286|ئىنكاس: 84

ئاجراشقان قىز پەقەت ئاجراشقان ئەرگە لايىقمۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31223
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 17:35:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مەن ئۆزۈم قەشقەردىن، ئوقۇشنى تۈگىتىپ يۇرتقا قايتقىلىمۇ 3يىلدىن ئاشتى، ئوقۇش تۈگىشى بىلەن تەڭ نىكاھ ئىشىم بېشىمنى قاتۇرۇشقا باشلىغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، تا ھازىرغىچە ئۆيلەنمەي كەلدىم.
  يېقىندا بىر تونۇش قىز ماڭا ياراپ قالدى. ئوقۇش تارىخىمۇ ياخشى، ئىمانىمۇ مۇستەھكەم، ھەقنى تونۇغان ھەم بۇرۇندىن تىرىشچان ياخشى بىر قىز. ئۇ قىزنىڭ بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان تارىخى بولسىمۇ، مەن بۇ تەرىپىنى تامامەن قوبۇل قىلالايمەن. (مېنىڭچە بىر قىزنىڭ قىممىتى  بىئولوگىيىلىك پەردە بىلەنلا ئەمەس، ئۇنىڭ ھايالىقى بىلەن باھالىنىشى كېرەك! )
     ئۇ قىزنىڭ ئاجراشقان تارىخىنى مەن قوبۇل قىلالىغىنىم بىلەن چوڭلارنىڭ قوبۇل قىلالمايدىغىنى ماڭا ئىنىق ئىدى. بىر ھەپتىدەك قايتا-قايتا ئولىنىپ، ئاخىرى چوڭلارغا دېيىش قارارىغا كەلدىم. چوڭلارغا سۆز ئاچقاندا ئەڭ ئاۋۋال بىر قىز تونۇشۇم بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنى، ھازىرقى خىزمەت ئەھۋالىنى، ئۆزىمۇ ئەخلاقلىق ياخشى قىز ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ قىزنى ئۆزۈمگە لايىق كۆرگەنلىكىمنى ئىيتتىم. چوڭلار باشقا پىكىردە بولماي، ئۇ قىز بىلەن ئىككىمىز بىر يەرگە كەلسەكلا بولىدىغانلىقىنى ئىيتتى. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، يوشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، ھەم يوشۇرسام بولمايدىغان ئۇ قىزنىڭ ئاجراشقان تارىخىنى چوڭلارغا بىلدۈردۈم. بۇنى ئاڭلاپ چوڭلارنىڭ چىرايى ئۆزگىرىشكە باشلىدى، مەن ئويلىغاندەك توغرا كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. چوڭلارنىڭ قارشى چىقىشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مەن ھازىر ئۇ قىزنىڭ ئاجراشقان تارىخىنى قوبۇل قىلالىغىنىم بىلەن، كېيىن قوبۇل قىلالماي ئويۇمدا ئۆزگىرىش بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى باركەن ھەم خۇلۇم-خوشنا، ئۇرۇق-تۇققان، تونۇش-بىلىش...لەر گەپ تاپىدىكەن (بىزنىڭ چوڭلارنىڭ ئۆزىدە ئاجراشقان تارىخى بار قىزنى يامان كۆرىدىغان ئىدىيە يوق). چوڭلارنىڭ قارشى چىقىدىغانلىقى بىلەتتىم، مېنىڭ مەقسىتىم پەقەت بۇ ئىشتىن چوڭلارنى خەۋەردار قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى بىلىپ بىقىش ئىدى. ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ بىر قارارغا كەپ بولغانلىقىمنى دېدىم، چوڭلار بولسا مېنىڭ يەنە قايتا ئولىنىشىمنى ئىيتتىپ گەپ شۇ يەردە تۈگىدى.  
     ئارىدىن يەنە بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، مەن يەنە بۇ ئىش توغرىسىدا چولارغا گەپ ئاچتىم. چوڭلارنىڭ كەيپىياتى سەل ياخشى ئەمەس چاغدا گەپ قىلىپ قالدىممۇ تاڭ، بۇ قېتىم چوڭلار ماڭا خىلىلا كايىپ، سۆھبىتىمىز يەنە نەتىجىسىز ئاياغلاشتى.
      ئويلاپ قالدىم، بىز ئوغۇللار مەيلى نەچچە قىزنى قويۇۋەتكەن بولايلى، قايتا توي قىلغۇمىز كەلسە، توي قىلمىغان قىزنى ئالالايدىكەنمىز، ھىچكىم كەينىمىزدىن گەپ تاپمايدىكەن. مەيلى بىز ھارق ئىچىپ، تاماكا چىكىپ يۈرەيلى، كىچىدە ئۆيگە كىرمەي مەينەت يەرلەردە پاسكىنا قىلىقلارنى قىلىپ يۈرەيلى... بىر نەچچە ساۋاقداش ھەم تونۇشلار بار، بىر ئاجرىشىپ يەنە توي قىلمىغان قىزنى ئالدى. ئارىسىدا تا ھازىرغىچە بەزى يامان ئادەتلىرىنى تاشلىمىغانلىرىمۇ بار.
قىزلارچۇ؟   بىر قېتىم توي قىلىپ ئاجراشقان تارىخى بولدىمۇ، ئۇ "قىز"ئەمەس، باشقىلاردىن ئاشقان "چوكان"غا ئايلىنىپ، پەقەت ئاجراشقان ئەرلەرگىلا لايىق بولۇپ قالامدۇ ئەمدى؟!     مېنىڭ مىللىتىمىزدە ساقلىنىپ كىلىۋاتقان ناچار ئىللەتلەرگە پەقەت باش ئەگكىم كەلمەيتتى، بۇ قېتىم ئۆمۈرلۈك ئىشىم بولغان نىكاھ ئىشىمغا كەلگەندە تېخىمۇ باش ئەگكىم كەلمىدى. مېنىڭ باشقىلارنىڭ كاللىسىدىكى ئىدىيەنى ئۆزگەرتەلمىسەممۇ، ئۆز تۇرمۇشۇمدا ئۆزىمىزنىڭ ئىتقاد، مىللىي ئەنئەنىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، ناچار ئىللەتلەرنى ئۆزۈمگە يۇقتۇرماي ياشاش ئارزۇيۇم بار.
     مەن ھازىر چوڭلارنى بەك قىستىماي، ئاستا-ئاستا قايىل قىلىش ئويىغا كەلدىم. شۇغۇنىسى نامازلىرىمدا ئاللاھتىن تىلەشتىن باشقا، ئۆزۈمنىڭ قۇربىتى يىتىدىغان يەنە قانداق سەۋەبلەرنى قىلسام بولا، دەپ بېشىم قاتتى.  يەنە كىلىپ مېنىڭ بۇ ئويۇمنى ئۇ قىز تېخى بىلمەيدۇ. سەۋەبى، مەن چوڭلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇ قىزغا ئويۇمنى بىلدۈرۈشنى توغرا كۆرمىدىم. چۈنكى، ناۋادا ئۇ قىز مېنى توغرا كۆرۈپ، مېنىڭ ئۆيۈمدىكى چوڭلار ئۇ قىزنىڭ ئاجراشقان تارىخى سەۋەبلىك رەت قىلسا، ئۇ قىزغا ئېغىر كىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، ۋاقىت ئۆتىۋىرىپ، ئۇ قىزغا باشقا يەردىن ئىگە چىقىپ قىلىشى.  ئۇ قىزنى مەن  بۇرۇندىن تونىغاچقا، ماڭا قاراڭغۇ ئەمەس. ئەخلاقى، ئىمان-ئىتقادىغا مەندە ئىشەنچ بار. ئەڭ موھىمى ئۇ قىزدا پەننىي جەھەتتىمۇ ئوقۇغىنىغا چۇشلۇق بىلىمى بار ھەم ئەق توغرىسىدىكى توختىماي ئىزدىنىش ئىرادىسىمۇ مېنى قايىل قىلىدۇ. مەن ئارزۇ قىلغان ئائىلىنى قۇرۇشقا، كېيىن پەرزەنتلىرىمنى تەربىيلەشكە ماڭا يېقىن ياردەمچى بولالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. شۇڭا ئۇ قىزنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە بىر تىرىشچانلىق كۆرسەتكىم كەپ قالدى.
    ئەمدى تورداشلاردىن ئۆتىنىدىغىنىم، مېنىڭ مۇشۇ ئەھۋالىمغا يارىشا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرىڭلار بولسا ئايىمىساڭلار. مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئاۋۋال ئۇ قىزغا كۆڭلۈمدىكى ئويۇمنى ئىيتىپ، ئۇ قىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى دەسلەپتە ئويلىغاندەك دېمەي تۇرغىنىم ياخشىمۇ. قانداق قىلسام چوڭلارنى بەك خاپا قىلىپ قاخشاتمىغان ئاساستا قايىل قىلغىلى بولىدۇ؟
    تۇرۇپلا كاللامغا بىر خىيال كەلدى، مۇشۇ تېمىنى كۆرگەن قېرىنداشلار: ئەتىراپىڭلاردا ياكى تونۇش بىلىشڭلار ئارىسىدا توي قىلمىغان يىگىتنىڭ بۇرۇن ئاجراشقان تارىخى بار قىزنى نىكاھىغا ئالغانلىق ئەمىلىي مىساللار بولسا ماڭا يەتكۈزگەن بولساڭلار. قەشقەردىكى بولسا تېخى ياخشى، باشقا جايدىكى مىساللار بولسىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىسىم، كىملىكىنى ئاشكارلاش ھاجەتسىز، پالانى شەھەردىكى كادىرمۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ ياكى تىجارەتچىمۇ شۇنداق قىزنى نىكاھىغا ئالغانلىقى، نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشى... دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرنى يەتكۈزسەڭلار، مەن مۇشۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق چوڭلارنى قايىل قىلسام، بەزى ئىشلار كاللىسىدىن ئاسانراق ئۆتۈپ قىلىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان تورداشلار ئېغىر كۆرمەي ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار.
    ئىنسان نۇرغۇن ئىشلاردا ئىلاجىسىز قالىدىكەن. شۇندىمۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىپ، ئالدىدىكى توسقۇنلۇقلارنى يېڭىشقا تىرىشىپ باققۇسى كىلىدىكەن. ئاخىرىدا سىلەردىن يەنە بىر قېتىم ئۆتىنىدىغىنىم، تورداشلار  قىممەتلىك مەسلىھەتىڭلار، تەكلىپ-پىكىرىڭلار، مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ئۇچۇرىڭلار بولسا مەندىن ئايىمىساڭلار.

*
*QQنومۇرنىمۇ قالدۇرۇپ قوياي: 1960557335

ئۆزۈمنىڭ قۇربىتى يەتكىچە تېرىشىمەن، قالغىنىنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن...

..


7

تېما

0

دوست

1367

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10818
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 202
تۆھپە : 294
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 10:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي قىلمىغان يىگىت قىز ئالمىقى لازىمدۇر!
قالغان گەپلەرنى قىلىشنى توغرا كۆرمىدىم!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

19

دوست

4633

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1092
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 11:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ دېگەن مۇشۇدە ، ئەمىلىيەتتە سىزنىڭ ئويلىغانلىرىڭىزمۇ توغرا ، بىراق راست گەپنى دېسەم مېنىڭ ئوغلۇممۇ ئۆيلەنگىدەك بولۇپ ، سىزدەك پىكىرنى ئوتتۇرۇغا قويسا ، مەنمۇ قوبۇل قىلالمايمەن .

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31156
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ
توي قىلمىغان يىگىت قىز ئالمىقى لازىمدۇر!
قالغان گەپلەرنى قىلىشنى توغرا كۆرمىدىم!
بىز ئويلايمىز مەن بۇ قىزنى ياخشى كۆرىمەنغۇ ئۇ بىر قېتىم توي قىلغان بولسا مەنمۇ بۇرۇن نۇرغۇن ئەسكى ئىشلارنى قىلغان دەپ لىكىن ئەمما ئاتا ئانىمىز ئويلايدۇ مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ ھېچ قانداق ئەيىپى ياكى ئەسكىلىكى بولمىسا نىمىشقا بىر قېتىم توي قىلغان قىز بىلەن توي قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ ! (شەخسى كۆز قاراش)

13

تېما

1

دوست

1345

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   34.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12343
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 99
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم ، ئەگەر سىز ئۇ قىزنىڭ ئۆزىڭىز دىگەندەك ئىمان-ئىتىقادى، ئەخلاق-پەزىلىتىگە ئىشەنىچ قىلالىسىڭىز ھەم سىز قەتئىي ئىرادىگە كەلگەن بولسىڭىز توي قىلىۋىرىڭ.
ئۇ قىزغۇ ئوچۇق ئاشكارە نىكاھلىق بولۇپ ئاجراشقان قىز ئىكەن، ‹‹قىز ››ئالىمەن دەپ  ئوقۇشماي ئۆزىنى‹‹پەنشىڭ›› قىلغان قىزلارغا چۇشۇپ قالغانلارمۇ يوق ئەمەس ، قىنى ئويلىنىپ باقىلى يۇقارقى ئىككىسىنىڭ قايسى ئەبزەل؟ (بۇنداق دىگىنىم ھەم قىزلار شۇنداق دىگىنىم ئەمەس پەقەت مىسال، ئارىمىزدا ياخشى قىزلار يەنىلا كۆپ).
شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قارارغا كەلگەن ئىكەنسىز جىق مەسلىھەت قىلىش بىھاجەت، تۇرمۇشنى سىز ھەم بولغۇسى ئايالىڭىز تۇتىسىلەر ، مەسلىھەت كۆرسەتكەنلەر پەقەت گەپلا قىلىپ بىرىمىز.
قىسقىسى ئۆزىڭىزنى جىڭغا سىلىپ بىقىڭ ،كىيىن پۇشايمەن قىلمايدىغان ھەم شۇ قىزنى ئازاپلىمايدىغانغا كۆزىڭىز يەتسە ئىلىڭ، بولمىسا ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپىگە كىرىپ ياخشى قىز دىن بىرنى تىپىپ شۇنىڭ بىلەن توي قىلىڭ.

9

تېما

5

دوست

6040

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   20.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9922
يازما سانى: 463
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 613
تۆھپە : 1427
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 12:36:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      يېگىت قىز ئېلىشى ئەۋزەل . نېمە ئۈچۈن دېگەندە ، بىر توي قىلىپ ئاجراشقان قىز مەيلى قانچىلىك ياخشى ، ئەخلاقلىق بولسۇن بۇرۇن بىر تۇرمۇش قۇرۇپ كۆرگەن بولغاچقا كېيىنكى ئېرىنى بەزى جەھەتلەردە ئالدىنقى ئېرى بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن خالى بولالمايدۇ . چۈنكى ئۇ سېلىشتۇرىدىغان بىر ئەرنى بۇرۇن كۆرگەن ، توي قىلمىغان قىز بولسا تېخى ھېچقانداق بىر ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ باقمىغاچقا ئېرىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرالمايدۇ . بۇرۇن مەن بىر ماقالىدە ئوقىغان ئايال كىشىنىڭ قىز ۋاقتىدا تەگكەن ئېرىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ كېيىنكى ئېرىدىن بولغان بالىلىرىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىكەن . قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ ...
   ئەمدى نېكاھتىن ئاجراشقان ئايالنى ئېلىپ بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرغانلارمۇ يوق ئەمەس . ئەمما بۇ ناھايىتى ئاز ساندا شۇنداق بولىدۇ ، كۆپىنچە بۇ تۇرمۇش خاپىلىقتىن خالى بولالمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەر كىشىمۇ ئاچچىقى كەلگەندە سەن بىر ئەردىن چىققان تۇرۇپ مەن سېنى ئالغان دەپ دوق قىلىشتىن خالى بولالمايدۇ . بۇ ئايال كىشىگە ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىدۇ .

4

تېما

2

دوست

2816

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14556
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 785
توردىكى ۋاقتى: 122
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 13:06:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەركىم ھەرنىمە دەيدۇ،باشقا كەلمىگۈچە بىلمەيدۇدەپتىكەن كونىلار شۇڭا بۇيەردە ئارتۇق گەپكە قۇلاق سالماي ئۆزىڭىز ياقتۇرغان بىلەن توينى قىلىۋېلىڭ .بەزىدە جوڭگۇنىڭ زاۋۇتتىن يىڭى چىققان ماشىنىلىرىدىن چەتنىڭ ئىككىنجى قول ماشىنىلىرى ئوبدان چىقىدۇ.ھازىرسىزدىگەندەك بىلىملىك ئىمانلىق ۋىجدانلىق قىزلارنى تېپىپ ئېلىش تەسلىشىپ كەتتى .ئەگەر توي قىلغان ئايالنى ئېلىش شۇنداق نۇمۇسلۇق ئىش بولغان بولسا ھۆرمەتلىك پەيغەمبىرىمىزمۇ بۇنداق نۇمۇسلۇق ئىشلارغا يول ئېچىپ خەدىچە ئانىمىز بىلەن توي قىلمىغان بۇلاتتى.ئەگەر شۇقىز سىزدىگەندەك بولسا تويدىن كىيىن ئۆيدىكىلەرخوش بۇلۇپ قالامدۇ تېخى شۇڭا پۇرسەتنى قولدىن بەرمەڭ!!!!

0

تېما

0

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31223
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 13:26:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxruy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-16 11:33
مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ دېگەن مۇشۇدە ، ئەمىلىيەتتە سى ...

مەندە ئۇ قىزغا نىسبەتەن نىكاھتىن بۇرۇنقى «مۇھەببەت»يوق. پەقەت ئۇ قىزنى ئۆزۈمگە لايىق كۆرگەن يېرىم بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )