قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4815|ئىنكاس: 8

خوتەندە پەيدا بولغان يىڭى شەيئىلەر توغۇرسىدا ( 2 )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11881
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 277
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-15 20:17:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11- بانكا:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلىنىڭ باشلىرىدا  شىنجاڭ  ئۆلكىلىك  بانكىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك شۆبىسى  قۇرۇلدى.
دەسلەپكى جىڭلىسى  لپۇرۇڭتەن ئىدى.
ئۇرنى : ھازىرقى ناھىيەلىك جىڭ يېزا  كارخانىلىرى ماگىزىنى  بولغان  ئۇرۇن ئىدى. 1939-يىلى خەلىقتىن پاي توپلاپ
( بىر پاي 50يۈئەن ئىدى، پۇلنىڭ قىممىتى- بىر نان بەش پۇڭ ئىدى ) خوتەن سودا-تىجارەت بانكىسىا ئۆزگەرتىلگەن.
1943-يىلى كېرىيەدە،  1944-يىلى گۇما ناھىيەسىدە قۇرۇلغان بۇلۇپ، 1950-يىلى باشقا ناھىيەلەردە قۇرۇلغان.

12-يەرلىك ماللار شىركىتى ( تۇسەن گۇڭسى):
1938-يىلى خوتەندە تۇنجى قېتىم يەرلىك ماللار  شىركىتى قۇرۇلغان  بۇلۇپ، ئۇرنى : ھازىرقى ۋىلايەتلىك  سۇ ئىدارىسىنىڭ
شەرق  تەرپىدە  ئىدى.  دەسلەپكى  باشلىغى: يۈي xx جىڭلى ( خەنزۇ)  ئىدى.

13-سودا-سانائەتچىلەر  بىرلەشمىسى (گۇڭشاڭخۇي):
1938-يىلى تۇنجى قېتىم خوتەندە ناھىيەلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغان بۇلۇپ،
دەسلەپكى باشلىغى ھەسەن ئاخۇن خۇيجاڭ (خۇيزۇ)ئىدى.  ئۇرنى: ھازىرقى جىڭ مىھمانخانىسىنىڭ غەرىپ تەرپىدە.
ھەسەن  خۇيجاڭنىڭ قوروسىدا  ئىدى.

14-تەمىرات ئىدارىسى (جەنشېجۈي):
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى ۋىلايەتلىك تەمىرات ئىدارىسى قۇرۇلدى. ئۇرنى:  يۇرۇڭقاش ئابلاجان قارىنىڭ ھۇيلىلىرىدا بۇلۇپ،
دەسلەپكى باشلىغى : جاڭجۈنمىن (خەنزۇ) ئىدى.  باشقۇرىدىغان كەسپى: دىھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئۇرمانچىلىق، باغۋەنچىلىك،
پىلە-ئژمىچىلىك قاتارلىقلار ئىدى.

15-ھاۋا رايى ئىستانسىسى:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1939-يىلى ھاۋا رايى ئىستانسىسى  قۇرۇلدى.  ئۇرنى: شورۋاغدىكى  ئايرىدۇرۇمدا  ئىدى.
تېخنىكلىرى: ۋاڭ جىڭفۇ(خەنزۇ)، ئابلىھەت لەر ئىدى.

16-دۇختۇرخانا:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى  خوتەن ۋىلايەتلىك  دۇختۇرخانا  قۇرۇلغان. ئۇرنى: ئالتۇندىكى  مەدىرىسىدە(ھازىرقى سىياسى
مەكتەپ ئۇرنىدا)  بۇلۇپ،  دەسلەپكى باشلىغى: لى xx يۈئەنجاڭ، كىيىنكى جاڭ شىڭلىيا(ھەر ئىككىسى خەنزۇ)ئىدى.
1940-يىلى ھازىرى بىناغا كۆچكەن،  دەسلەپكى  دوختۇرلىرى: سوۋېىتلىك  كالانوۋىچ، سوفىيە(ئايال)ئىدى.
ئۇيغۇرلادىن  تۇنجى  يىتىشتۈرۈلگەن  دوختۇرلار:  ئابدۇقادىر ئاخۇن،  قاسىماخۇنلار  ئىدى.

17-مال دۇختۇرخانىسى:
خوتەندە تۇنجى قېتىم 1938-يىلى  ۋىلايەتلىك  مال  دوختۇرخانىسى  قۇرۇلغان.  ئۇرنى: خەلىپىلىك  ھويلىدىكى
مەمتىمىن  مۇپتى(ۋالىي ھەزرىتەم)نىڭ ھويلىسىدا  بۇلۇپ، ھازىرقى  دىيەنچاڭنىڭ  ئۇرنىدا.
دەسلەپكى باشلىغى: ھوشۇر ئەپەندىم،  دوختۇرلار: ئىمىنجان، ئايۇپ قۇربان،  سەمەت پەيزۇللا  قاتارلىقلار  ئىدى.
1941-يىلى  كونا  شەھەردىكى  سىدىقخاننىڭ  ھويلىسىغا  يوتكەلگەن.

18-خوتەن  گىزىتى:
خوتەندە  تۇنجى قېتىم  1938-يىلى  كۈزدە  ھەپتىدە  بىر  ‹‹خوتەن خەۋىرى›› گىزىتى  شاپىگىرافتا  بېسىپ  چىقىرىلغان.
ئۇرنى: كونا  شەھەر  قاراڭغۇ  كوچىدىكى  قۇرباننىياز ھاجىمنىڭ  ھويلىسىدا  بۇلۇپ،  باشلىغى: ئۇشەندا(خەنزۇ)ئىدى.
دەسلەپكى  باسمىخانىدا  ئىشلىگۈچىلەر: ئىمىن ئاخۇن  بۇلبۇل، جۇسىڭگۇي(خەنزۇ)قاتارلىقلار  ئىدى.
1940-يىلى  ھاجى ياقۇپ  مىخ مەتبە ئېلىپ  كەلگەندىن  كىيىن، ھەپتىدە  ئىككى  قېتىم  چىقىرىلىدىغان  بولغان.
1940-يىلىدىكى ئۇرنى: چوڭ جەمەنىڭ  يان  ئىشىگى تەرپىدىكى  غوپۇرجان  ھاجىمنىڭ ھويلىسىدا  ئىدى.
باشلىغى(شېجاڭ) ھاجى ياقۇپ  بۇلۇپ، نابورچىكلار  ئۇسمانجان  قاتارلىقلار  ئىدى.
1940-يىلى  كۈزدە  ئالتۇندىكى  دوختۇرخانا  قىلغان  جايغا  كۆچكەن.

19-ئۇيغۇر  ئۇيۇشما:  خوتەندە  تۇنجى  قېتىم  1938-يىلى 3-ئايدا(باشقا ناھىيەلەردە 4-ئايدا) ئۇيغۇر  مەدەنى  ئاقارتىش
ئۇيۇشمىسى(قىسقارتىپ  ئۇيغۇر  ئۇيۇشما  دىيىلىدۇ) تەشكىل قىلىندى،  ئۇرنى: دوللۇق  بايلارنىڭ  سارىيىدا  بولغان،
(كىيىن خەنزۇ، خۇيزۇ ئۇيۇشمىلار  قۇرۇلدى). دەسلەپتە  ۋىلايەتلىك  ئۇيغۇر  ئۇيۇشما  رەئىسى  ھۇشۇرنىياز  مۇپتى  ئاخۇنۇم،
مۇئاۋىن  رەئىسى  ياقۇپجان(ئۆزبېك) ئىدى، باش كاتىپ  نىزامىدىن  ئەپەندىم(قايماق) ئىدى.
ئۇيۇشما  تەشكىلى: تەشكىلات،  ماليە، تەشۋىقات،  مەدەنىيەت  بۈلۈملىرىدىن  ئىبارەت  بۇلۇپ، مالىيە بۈلۈم  قارمىغىدا
ئاۋقاپ  بۈلۈم  بار  ئىدى.  ئۇنىڭ  باشلىغى  پىشىقەدەم  دىنى  مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى  ئەمەت ھاجىم  ئىدى.
(ئەمەت ھاجىم  1940-يىلى 10-ئايدا  رەئىس  بۇلۇپ، 1944-يىلىغا  قەدەر  ئىشلىگەن). تەشۋىقات بۈلۈم  قارمىغىدا
سانايى  نەفىسە(سەنئەت  ئومىگى) بۇلۇپ،  دەسلەپتە  ئۇبۇلقاسىم  ئابىت  باشلىق  بولغان. مەدەنىيەت  بۈلۈمىگە
مەمىتىمىن ھېلىموف  باشلىق  بولغان.

داۋامىنى يەنە  يوللايمەن.........

4

تېما

2

دوست

2103

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6463
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 440
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 13:00:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق قىممەتلىك ماتېرىياللارنى يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت، سوراپ باقسام بۇ ماتېرىياللارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئۇبۇلھەسەن

11

تېما

13

دوست

3939

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12176
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 339
تۆھپە : 974
توردىكى ۋاقتى: 206
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 14:55:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك .....

5

تېما

0

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11881
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 232
تۆھپە : 277
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-16 21:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1989-يىلى خۇتەن شەھەرلىك سىياسى كېڭەش  تارىخى ماتىرياللار گۇرپىسى تۈزگەن ‹‹ خوتەن تارىخىي ماتىرياللىرى›› دىگەن  كىتاپتىن  ئېلىندى.  

1

تېما

0

دوست

2236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 19:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونىلارنىڭ ئېغىزىدىن جىق ئاڭلايمەن     قول-سانائەت كارخانىسى     قانداق كارخانا ئىدى   ئەينى ۋاقىتتا   

1

تېما

0

دوست

2236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 19:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتا ئاتالغان   توت دەرۋازا    يەنى  گۇجان دەرۋازىسى   قىززىق دەرۋازىىسى  سۇ دەرۋازىسى   ھېيتگاھ  دەرۋازىسى       مۇشۇ ئىسىملار توغرىمۇ  ؟
    مۇشۇ دەرۋازىلارنىڭ مۇقىم  ئورۇنلاشقان جايلىرى قايەردە   ؟  مۇشۇلارغا جاۋاپ تاپقىلى بۇلارمۇ ؟
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

302

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25655
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-23 19:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاناتىل بۇرادەر.
ھەئە ھازىرمۇ ئاز بىر قىسمى بار، لېكىن رەسىمىنى يوللىيالمىدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )