- تىزىملاتقان
- 2011-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 456
- نادىر
- 0
- يازما
- 17
ئۆسۈش
78%
|
شىنجاڭ خەلقىنىڭ سوۋېت ۋەتەن ئۇرشىغا قىلغان يارىدەملىرى ،
1941-يىلى 22-ئىيۇن گىرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كىيىن ،سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرشىغا ئاتلاندى .
بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ،سوۋېت خەلقى قاتارىدا ،سوۋېتتا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەلقىمۇ جان تىكىپ كۈرەش قىلدى .
ئۇيغۇر جەڭچىلىرىمۇ مۇسكىۋا،سىتالىنگىرادلارنى قوغداش جەڭلىرىدە ،ئوكرائىنا ۋە فىنلاندىيە تۇپراقلىرىدا ، بىرلىن كوچىلىرىدا بولغان شىددەتلىك جەڭلەردە قەھرىمانلىق كۆرسەتتى .
ياش ئۇيغۇر زەمبىرەكچى سۈلھى لۇتپۇللىن، گىرمانىيەنىڭ ئوننەچچە تانكىسىنى پاچاقلاپ تاشلاپ،نەچچە يۈز ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ ، ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ››
دىگەن نامغا ئېرشتى .
سۈرەتتە ‹‹ سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى ›› سۈلھى لۇتپۇللىن 1923-؟؟؟؟
بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ۋە ئوردىنغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىمۇ ئاز ئەمەس .
سوۋېت -گىرمانىيە ئۇرشى باشلىنىشى بىلەن تەڭ ،شىنجاڭدىكى گىزىت -ژۇرناللار بۇ ئۇرۇش توغۇرلۇق خەۋەر بىرىپ تۇردى .
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان شىنجاڭ خەلقى ،1941-يىلى 8-ئايلاردىن باشلاپ سوۋېت خەلقىنىڭ گرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۆرشىنى قوللاپ ،كەڭ كۆلەمدە تەشۋىقات
ئېلىپ باردى ۋە ئىئانە توپلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتتى .
شۇ ۋاقىتتىكى ئون ۋىلايەت ،78 ناھيە ،2400 دىن ئارتۇق يىزا خەلقى ،1943-يىلى جاللات شىڭ شىسەي سوۋېتتىن ۋە سوتسىيالىزىمدىن ۋاز كەچكەنگە قەدەر ،سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرشىغا ناھايىتى كۆپ يارىدەم قىلغان .
ئىئانە قىلىش ھەركىتى باشلىنىش بىلەن تەڭ ،جايلاردىكى شىركەتلەر، دىھقانلار ،ئىشچى -خىزمەتچىلەر،ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ،ھۆنەرۋەن ،سەنئەتچى ،يازغۇچىلارنىڭ ئىئانە قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى .
ئارخىپخانىلاردا ساقلىۋاتقان شىنجاڭ گىزىتى ۋە قەشقەر گىزىتىنىڭ 1942-يىللىق سانلىرىدا خاتىرلەنگەن يارىدەملەر، ئومومى سوممىسى نەچچە يۈز مىليۇن دوللارغا يىتىدىغان بۇلۇپ ،بۇلاردىن شىركەتلەرنىڭ ۋە شەخسىيلەرنىڭ يارىدىمى مۇنداق خاتىرلەنگەن .
شىركەتلەر
ئىتتىپاق شىركىتى 100000 دوللار ( ئىتتىپاق شىركىتىنىڭ 50 يېقىن يۈك ماشىنىسىنى ئۇرۇشقا ئىشىلتىمىز مەجبۇرى تۇتۇپ قالغان )
تۆگە تىرانسىپۇرىت شىركىتى 35000 دوللار
غەيرەت شىركىتى 22000 دوللار
ئۈمىد شىركىتى 17000 دوللار
كارۋان شىركىتى 35000 دوللار
ياشلار شىركىتى 10000 دوللار
كۆنچىلەر شىركىتى 8000 دوللار
تۆمۈرچىلەر شىركىتى 6400 دوللار
غۇلجا شىركىتى 10000 دوللار
شەخىسلەر
قەشقەرنىڭ سابىق ۋالىسى ئابدۇكىرىمخان مەخسۇم 17 زەمبىرەك كەلگۈدەك نەخ پۇل .
ئۇيغۇر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى مەتنىياز مەخسۇم ( ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللىنىڭ ئوغلى ) 24000 دوللار
باۋۇدۇن مۇساباينىڭ قىزى بىلقىز باۋۇدۇن 18000 دوللار
ھۆسەنباينىڭ ئوغلى تەلئەت مۇساباي زاۋۇت نامىدىن 35000 دوللار
مۇساباي ئائىلسىدىكى ئۇششاق -چوڭ ھەممىسىنىڭ 45000 دوللار
مۇساباي تىرە زاۋۇتى 5000 جۇۋا 6000 ئاياغ ئىئانە قىلغان
ئۈچتۇرپاندىكى شاھ ھاجىم ئائىلسى 36000 دوللار
كۇچادىكى مىجىت ھاجىم 30000 دوللار
قەشقەردىكى ئىمىن ھاجىمنىڭ قىزى ئامىنىخان 10000 دوللار ئىئانە قىلغان .
يۇقارقى نەخ پۇلدىن سىرىت،خەلىقتىن يىغىلغان نۇرغۇنلىغان ،يۇڭ ،پاختا ،تىرە ...........................قاتارلىق ماددى بۇيۇملارمۇ بار .
بۇلار سوۋېت ۋەتەن ئۇرشىغا يارىدەم بەرگەنلەردىن ،گىزىتتە ئىلان قىلىنغانلىرى بۇلۇپ ،يەنە ئىلان قىلىنمىغانلارمۇ نۇرغۇن بۇلىشى مۇمكىن .
ئەسكەرتىش ؛بۇ تىمىدا دىيىلگەن دوللار شۇ ۋاقىتتىكى شىنجاڭ دوللىرىنى كۆرسىتىدۇ .
مەنبە ؛ شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى 38- سانىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى .
|
|