قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 38440|ئىنكاس: 66

ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئورۇنلارنى بىلىۋېلىڭ !(ئەسقاتىدۇ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 15:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 
 
ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز ئەھلى مۇسۇلمان :
ئۈرۈمچىگە خوش كەپسىز ، مەيلى ئۈرۈمچىدە بىر كۈن تۇرۇڭ ياكى 10 كۈن تۇرۇڭ ۋە ياكى رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا باغلىنىپ قېلىپ بوشىنالماي مەڭگۈ تۇرۇپ قېلىڭ تۆۋەندىكىلەرنى بىلىپ قويسىڭىز پايدىسى تىگىدىكى زىيىنى تەگمەيدۇ.

1.مېھمانخانىغا چۈشسىڭىز ،ئۈرۈمچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇددۇلىدىكى پارلاق رېستۇرانىغا ياكى بولمىسا چوڭ بازادىكى ئاقساراي مېھمانخانىسىغا قاتارلىق مېھمانخانىلارغا چۈشسىڭىز بولىدۇ . باھاسى بەك يوقىرىمۇ ئەمەس ، ياخشى يېرى كېچە بولغاندا قالايمىقان كېلىدىغان تېلفۇنلاردىن ساقلىنالايسىز .
 
2. ئەمدى ئادەم دىگەننىڭ لەغمەنگە ئىشتىياقى بەكرەك كىلامدىغاندۇ دەيمەن ، ئوخشىغان لەغمەن يەيمەن دېسىڭىز ،كونسول كوچىسىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى ئەشكەن لەغمەنخانىسىدىن يەڭ . ئىچى ئالاھىدە بىزەلمىگەن بولسىمۇ تامىقى ئالاھىدە ياخشى  . بىر ناچار يېرى بەك ئۇزۇن ساقلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، ھەمدە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە غىزالىنىپ تازا ئەركىن بولالمايسىز .

3.ئۆپكە ھېسىپنى قەيەردە يىيىشنى بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر بىلىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ كونسول كوچىسىدىكى دىلبەر ئۆپكە ھسىپلىرى .

 
4.ھاۋا ئىسىپ كەتسە لەغمەن -سومەنگە كۆڭۈل تارتماي قالىدۇ . بۇنداق چاغدا كونسول كوچىسىدىكى ئەتىرگۈل راڭپىزىخانىسى ھاجىتىڭىزدىن چىقىپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
 
5.ئۈرۈمچىدە ئۇسسۇپ قالسىڭىز دوغاپ ئىچىڭ ، دابازا ، سانشىخاڭزا تەرەپلەردە بىر خىل توڭلاتقۇتىدىن ئايلاندۇرۇپ چىقىرىپ بۇلاقتىن چىققاندەك شارىلداپ تۇرىدىغان بىر خىل رەڭلىك سۇلار پەيدا بولۇپ قاپتۇ ، قارىماققا ئۇسسىغان يەرگە تېگىدىغاندەك كۆرىنىدىغان بۇ رەڭلىك سۇلارنىڭ سۇچلىك تەمى بولسا نىمە دەي، بەربىر جورەن قىلىپ ساتقاندىكىن شىكەرنى ئازراق سېلىۋەتكەن بولسىدى ،شۇڭا دەيمەن بولسا مۇزدەك مىنىرال سۇ ئىچىسىڭىز ئۇسسۇزلىقىڭىزنى خېلى بېسىپ قويىدۇ .
 
6.مالاچۇەر دەپ بىر ئەخلەت تائام بار ، شۇنچىلىك ياقتۇرۇپ يەيدىغانلار باردە، ئەمدى زادى يەيمەن دەپ تۇرۋالسىڭىز  يەنئەن يولى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئۇددۇلىدىكى تار كوچىدىكى خۇمار زىقلىق يىمەكلىلىرىدىن يەڭ ، ھە نىمە بولسا خېلى ياخشى ، ئەگەر زادى خوگو يەيمەن دەپ قالسىڭىز ، خويەنشەنگە بېرىڭ ، ئورنى  خەلق مەيدانى ئەتراپىدە ، 68 يۈەن تۆلەپ قويۇپ ياخشى غەيرەت قىلسىڭىز  نەچچە يۈز يۈەنلىك تائامغا ئېغىز تىگەلەيسىز ، ، ئۇنىڭ ئىچىدە تاۋۇز قوغۇن ، ئالما نەشپۈت ، خوگونىڭ ھەرخىل تۈرلىرى ، كاۋاپ ، توخو ، پولو ، كاۋاپ توخو . شورپا ، سومەن ھەممىسى بار  ، ئېچىملىكنىڭمۇ ھەرخىلى بار ،
 
7.كېندىجى دىگەنگە كەرو كىرمەڭ ، ھازىر چوڭ بازا كەينىدە تۈركىيەنىڭ ئەلبىك نامىدىكى كېندىجىگە ئوخشاش يەر ئېچىلدى ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 100% ھالالمىش ،نى ھاجىملار ئايال توقاللىرىنى ، بالا ۋاقىسى بىلەن بىللە كىرىپ يەۋاتقىدەك  ،
 
8.ئەمدى ئۈرۈمچىدە بىرەر ئىش پۈتتۈرۈش سەۋەبى بىلەن چىققان بولسىڭىز چوقۇم بىراۋلارنى يەنى كانىيى يوغان غوجاملارنى مېھمان قىلىمسىڭىز بولمايدۇدە ، مائارىپ نازارىتىنىڭ يېنىدىكى باغۋەن تائام سارىيىنىڭ بېزىلىشى ئورنى خېلى ياخشى ، شۇ باھاسى سەل ئۆرە ، ئىش پۈتتۈرۈشتە پۇلىنىڭ كۆزىگە قارىمىغاندىكىن كىرىۋەرسىڭىز بولىۋېرىدۇ  . ئەگەر سەل تىجەشلىك بولايمىكىن دىگەن خىياللاردا بولار بولسىڭىز سەنشىخاڭزا ئارقا كوچىسى تۇڭگانلار مەسچىتىدىن نەنمىن تەرەپكە 200 مېتىر ماڭسىڭىز ئەلقوت تېز تاماقخانىسى بار ،بېزىلىشى باغۋەن ،قورغانلاردەك بولمىسىمۇ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا بولىدۇ ، ياخشى يېرى باھاسى مۇۋاپىق .
 
9.كەچلىرى ئۈرۈمچىنىڭ كەچلىك ھاۋاسىدىن ، كەچلىك ھاۋاسىدىن دىگەندىن كۆرە كەچلىك ۋاراڭ -چۇرۇڭلاردىن ھوزۇرلۇنۇپ ئولتۇراي دېسىڭىز داۋەن كەچلىك بازىرىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، ئۆتكەندىلا تېخى جاڭچۈنشەن شۇجى كېلىپ نەچچە زىق كاۋەپ بىلەن نەچچە رومكا پىۋا ئىچىۋېتىپ ماختاپ كېتىپ قالدى ،
 
10.تور خۇمارى بار كىشى دىگەن باشقا يۇرتقا كەلسىمۇ بىر يەرلىرى تورغا چىققۇسى كەپ تۇرىدۇ ، چوڭ بازاردىكى مارس تورخانىسىنى بىلىۋېلىڭ !
 
11.لەغمىنى ئوخشايدىغان يەنە بىر ئېسىل جاي بولسا سەنشىخاڭزا ئالتۇن بۇلاقنىڭ يان كوچىسىدىكى تەڭگە تاماقخانىسى ، لەغمىنى خېلى كۈنلەرگىچە يادىڭىزدىن كەتمەيدۇ ، ئۆچرەتتە بەك تۇرمايسىز .
 
12.لېكىنزە ئۈگرە دىگەنمۇ ياخشى تاماق ، ئىككىنجى دوختۇرخانا ئۇددۇلسىدا ئاتۇش ئۈگرىخانىسى بار ، بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بىلەن گۆشنان خېلى ئوخشاپ قالىدۇ لېكىن .
 
13.ئېرجەنزى سومەن ، يەنى لەغمەن سومەن ، بۇنىڭغا خوتۇن خەقنىڭ خېلى ئىشتىياسى بار ، نەنمىن شىنخۇا كىتاپخانىسىنىڭ ئۇددۇلىدىدىكى كىچىكرەك كەلگەن خانتەڭرى تاماقخانىسىنىڭ مۇشۇ نەرسىسى بەلەن .
 
14.يەنە بىر گەپ ،رامزان كەپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ روزىلىقنى سىرتتىن ئەكىرىپ تەييارلاپ قويىمەن دېسىڭىز نەنمىن خانتەڭرى جامائەسىنىڭ يېنىدىكى تار كوچىدا گۆشناننىڭ قاتىلى بار ، ئۈرۈمچىلىكنىڭ گېپى بويىچە ئۆتتۈردىغىنى ،
 
يەنە ئېسىمگە كېلىپ قالغانلىرىنى يوللاپ تۇرىمەن ،
ھازىر دەل ساياھەت ئەۋجىگە چىققان مەزگىل ، يۇرت يۇرتلاردىن يۇرت ئاتلاپ ساياھەتلەر بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە تورداشلار بولسا ھەممىڭىلەر ئۆز يۇرتىڭلارنىڭ يوقىرىدىقىدەك ئورۇنلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويساڭلار ساياھەت قىلماقچى بولغانلارغا پايدىسى بوپ قالار !

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 15:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرپانغا كەلگەنلەر ئۈچۈن :
تۇرپان يېڭى دەۋر مەيدانى يېنىدىكى ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان ئوردا تېز تاماقخانىسى :
  بۇ يەرنىڭ پۇرچاق لەغمىنى بەك ياخشىكەن ! ۋاقىپ بولغايسىلەر !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

60

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   20%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2608
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 15:56:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپلا  مەن  ئامراق تاماقلارنىڭ  ئورنىنى  يېزىپسىز،،،،رەھمەت ھە،،،

خوراز چېغىدا بىر

4

تېما

0

دوست

5709

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1166
تۆھپە : 954
توردىكى ۋاقتى: 704
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 16:18:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۆچۆرە ئىچىمەن دېسىڭىز  ئەردوچودىكى ئالتۇن قوشۇق قا بېرىڭ  ۋەششىي ئوخشايدۇ چۆچۆرىسى      

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 16:20:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خانتەڭرىنىڭ يېنىدىكى گۆش نان   ھازىرمۇ باكەندە ،
ئىسمدە قېلىشىچە ئۇزۇمزاردىمۇ گۆش ناننى ئوخشۇتۇپ قويىدۇغان

ئاۋۇ بىر يەرنىڭ لەڭپۇڭغا ئوخشاش تال تال قورۇيدىغان نىيەنيۇ بېلىقىمۇ ماڭا بەك يارىدى

http://risaletmerdan.blogbus.

60

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  81
يازما سانى: 1170
نادىر تېمىسى: 11
مۇنبەر پۇلى: 6208
تۆھپە : 4217
توردىكى ۋاقتى: 4325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 17:56:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەشكەن لەغمەنخانا......
بۇ مېنىڭ ئۈرۈمچىدە بولساملا يوقلايدىغان يېرىم. يولدىشىم بۇ ئاشخانىنى << قولىنىڭ كىرىنى چىقىرىپ ئەتكەن لەغمەنخانا >> دەپ قويىدۇ. بارساقلا بىر قېتىم بارىمىز.

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 19:06:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالدۇرراق  يوللاپ  قويسىڭىزچۇ  ،   ئون  نەچچە  كۈندىن   ئۇدۇل  كەلگەن   يەردە  تاماق  يەۋېرىپتىمەن  ،  بەزى  ئاشخانىلارنىڭ  خېلى  بولىدىكەن  ،   بەزى  ئاشخانىلارنىڭ   ئۇزۇن  يولدىكى  ئۆتەڭلەرنىڭكىدىنمۇ  ناچاركەن  .    تىللا   تاماقخانىسىنىڭ   لەغمىنى  خېلى  بولىدىكەن  ،   سىز   تەڭگە   تاماقخانىسى   دىگەن  شۇ  بولسا  كېرەك  .

      ئەمدى  ياخشى  بولدى   ئۈرۈمچىگە   يەنە  بېرىپ  قالسام   تەمتىرەپ  يۈرمەيدىغان  بولدۇم   .

16

تېما

0

دوست

7607

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 20:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 يائاللا:  بىزدەك يىلدا بىر ئۆيدىن چىقالمايدىغان بوۋايلارنى ئەجەپ ئارماندا قويدۇڭلارغۇ.  مەن پەقەت خوتۇنۇم ئەتكەن ،پۇرچاق سالغان سۇيۇقئاشنى ئەڭ نوچى تاماق دەپ يۈرۈپتىمەن-دىسە؟
 ئادەملەرنىڭ تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تاماقنىڭ تۈرۈمۇ  دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپتۇدە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )