- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4101
- نادىر
- 3
- يازما
- 204
ئۆسۈش
70.03%
|
ئەسكەرتمە: بىلگەجان 1985 – يىلى 3 – ئايدا يەكەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2013 – يىلى 12 – ئايدا 28 يېشىدا بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن، ئۇ ھازىر ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىدا پوستىدوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇ 9 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۈرۈمچىدە لېكسىيە سۆزلىدى، تۆۋەندىكىسى بۇ لېكسىيەدىكى بىر قىسىم ئۈزۈندىلەر.
1. مەن قىلالمايدىغان ئىشلىرىمنى قىلماي بىراقلا تاشلىۋېتىمەن، بىراق قىلالايدىغان ئىشلىرىمنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلمىغىچە بولدى قىلمايمەن.
2. دۇنيادىكى 10 چوڭ نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ بىرى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ 2008 – يىلىدىكى بىر قېتىملىك لېكسىيەسى قەلبىمگە چۇڭقۇر تەسىر قىلدى، مەن شۇ كۈنى ئۆزۈمگە «چوقۇم ئامېرىكىدا دوكتورلۇقنى تاماملايمەن» دەپ قەسەم قىلغانىدىم، ئاخىر ئارزۇيۇمغا يەتتىم.
3. ئامېرىكىغا 2009 –يىلى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 21 مىڭ 160 دوللار ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى بىلەن دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندىم. 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 4 – كۈنى توي قىلىدىم، 2009 - يىلى 8 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئامېرىكىغا باردىم.
4. مېنىڭ يەكەننىڭ چەت يېزىسىدا تىكلىۋالغان ئاساسىم بۈگۈنكىدەك پوستىدوكتور بولالىشىمغا چۇڭقۇر يىلتىز بولدى.
5. ئامېرىكا غايىلىك، ئىقتىدارلىق، ئۈمىدلىك كىشىلەرنى تالىشىپ تۇرۇپ ئېلىپ قالىدىغان دۆلەت، ئامېرىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىشتىكى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ.
6. ئارسىتوتىل: مەن ئۇستازىمنى سۆيىمەن، ئەمما ئۇستازىمدىن بەكرەك ھەقىقەتنى سۆيىمەن.
7. مۇنەۋۋەر ئۇستازلاردىن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار يېتىشىپ چىقىدۇ، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مۇنەۋۋەر ئۇستازلاردىن بولالايدۇ.
8. ھەممەيلەندە غايە بار، بىراق غايىگە چۇشلۇق ئىرادە ۋە چىدامچانلىق بولغاندىلا غايىگە يەتكىلى بولىدۇ.
9. ھەربىرىمىز بىر ئالاھىدە ئادەم، پەقەت ئالغا قاراپ تىرىشىۋەرسەك بۇ ھاياتنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
10. مەن شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەسىرىدە بۈگۈنكىدەك پوستىدوكتور بولالىدىم، ھازىرقى غايەم كەلگۈسىدە شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئورنىنى بېسىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەلبىدە ئۈمىد چىرىقى ياندۇرۇش.
(نەق مەيداندا رەتلىگۈچى: ئەسقەرجان ئەلسۆيەر)
|
-
|