قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4082|ئىنكاس: 36

جوڭگۇ ،ئامىرىكا،ياۋۇرپا ئىتىپاقىنىڭ ئىقتىساد سېلشتۇرمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

89

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   29.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31111
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tilmaq1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-21 18:39  

تەرجىمە ئەسەر
مەنبە: لاڭ شىيەن پىڭ بىلوگى
2008-يىلنىڭ ئاخىرى كۆتۈرۈلگەن پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىدىن كىيىن ،ئامىركا،ياۋۇرپا ئىتپاقى ئوخشىمىغان تەدبىر قوللاندى.ئاخىرى ئامېركا ئەسلىگە كەلدى،گېرمانىيە ۋە فىرانىسيەنى باش قىلغان  ياۋۇرپا ئىتپاقىمۇ ئەسلىگە كەلدى،پەقەت جوڭگۇلا چوڭقۇر تۇرغۇنلىقتا قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن 18-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمى يېغىنى ۋە شۇندىن كىيىنىكى مەركەزنىڭ ئىقتىساد ،خىزمەت يېغىنلىرىنىڭ باش تىمىسى 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى ئېلىپ كەلگەن بارلىق كىرزىسنى ھەل قىلىش ،ئۈتۈپ كەتكەن بەش يىلدىكى خاتا سىياسەتلەردىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بولدى.شۇڭىلاشقا كۆز ئالدىمىزدىكى ئىقتىساد ۋەزىيتىنىڭ قالايمىقانلىقىغا ئېيتىلغان << 乱>> دىگەن بۇ سۆزنىڭ كىلىش مەنبەسى 2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى ،ۋە پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ ياخشى ھەل قىلىنمىغانلىقىىدىن كەلگەن. مىنىڭ <<لاڭ شىيەن پىڭ دەيدۇ : تۇرغۇنلىق ئىچىدىكى ئۈمۈد>> دېگەن كىتابىمدا تېخىمۇ  تەپسىلىي  يېشىپ  بېرىلگەن، قىزىقىدىغانلار ئۇقۇپ باقسا بۇلىدۇ.
بىز ئاۋال جۇڭگۇ ،ئامىركا،ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ ،2008-يىلدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنى قانداق ھەل قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.
2008-يىلى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن ،2009-يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى پەسكويغا چۈشۈپ ،كۆرۈلۈپ باقمىغان تۇرغۇنلىققا پېتىپ قالدى.ئىقتىسادقا تۈرتكە بۇلۇش ئۈچۈن يىڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئوباما ،ئىككى تۈرلۈك ئىقتىسادى سىياسەتنى ئۇتتۇرغا چىقاردى. بىرىنجىسى ،دەل 2010-يىلى  ئوباما ئوتتۇرغا قويغان <<ياساش سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش  قانۇن لاھيەسى>>،يەنى <<ياساش سانائىتىنى جانلاندۇرۇش قانۇن لاھيەسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئوباما ياساش سانائىتىنى ئىگىرى سۈرۈشنىڭ ئامىركا ئىقتىسادىغا تۈرتكە بۇلۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. بۇ بىر تۈرلۈك سىياسەتنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن، پۈتۈن دۇنيا بۇلۇپمۇ جوڭگۇ ئنتايىن گاڭگىراپ قالدى.ياساش سانائىتى ناھايتى بۇرۇنلا رىقابەت ئەۋزەللىكىنى يۇقاتقان ئەمەسمىدى،يەنە نىمە دەپ ياساش سانائىتى تۈرتكە بۇلىدۇ؟ سىلەر تامامەن خاتالاشتىڭلار ،ئامىركا ئىزچىل ياساش سانائىتىدىكى كۈچلۈك دۆلەت، چوڭ دۆلەت،ئىشلەپچىقىرىش كەسىپ زەنجىرىنىڭ يادىرولۇق ھالقىسىنى كونتۇرۇل قىلدىغان دۆلەت.چۈنكى ياساش سانائىتى ئقتىسادنىڭ جېنى.
تۆۋەندىكى سېلىشتۇرۇشتىن شۇنى بايقايمىزكى ،مەلۇم ساھاگە بىر يۈەن مەبلەغ سېلىشتىن ،باشقا ساھەگە مەلۇم دەرىجىدە پايدا يارىتىلىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنجى ئۇرۇندا تۇردىغىنى ياساش سانائىتى.يەنى شۇنداق دىيىشكە بۇلىدىكى ،ئامىركا ھەر بىر يۈەننى ياساش سانائىتىگە مەبلەغ سالسا ،باشقا ساھالەرگە 1.48ھەسسە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارتىپ بېردۇ.بۇ ئەڭ يۇقرىسى.ئىككىنجى ئۇرۇندا تۇردىغىنى يېزا -ئىگىلىك ساھاسى، يېزا -ئىگلىك ساھاسىگە ھەر بىر يۈەن مەبلەغ سېلىنسا ،باشقا ساھەلەرگە 1.25ھەسسە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ بېردۇ،ئەمما ئۆي-مۈلۈك ،مۇلازىمەت ساھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھىسابلىغاندىمۇ 1 دىن تۆۋەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆي-مۈلۈك ساھەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى 0.97، ياساش سانائىتىنىڭكىدىن تۇلۇق يېرىمى كېمىيىپ  كەتكەن.پارچە سېتىش ،توپ سېتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ياساش سانائىتىگە قارىغاندا تۇلۇق 70% گە يېقىن كېمىيىپ كەتكەن.شۇڭىلاشقا مەيلى ئامىركا ياكى پۈتۈن دۇنيا بولسۇن ،ياساش سانائىتى ئەڭ مۇھىم. ياساش سانائىتى ياخشى ئەمەس دۆلەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئەسلا سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئىككىنجىسى كەڭرى بولغان پۇل سىياسىتى،مەخسەت ئۆسۈم نىسبىتىنى ئازايتىش ،قانچىلىك  ئازايدى؟  تەخمىنەن 0-0.25% غىچە ئازايدى. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئازىيىشى  مەبلەغ يۈرۈشتۈرىش تەننەرخنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن دېرەك بېردۇ. بۇنىڭدىن كارخانىلارنى  تېخىمۇ كۆپ قەرىز ئېلىشقا رېغبەتلەندۈرگىلى بۇلىدۇ.
ئاخىرى ،ئامىركا << ياساش سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لاھىيەسى>> ۋە ئۆسۈم نىسبىى ئازايتلغان كەڭرى پۇل سىياسىتى ئارقىلىق ،2012-يىلى ئامىركىنىڭ ئىقتىسادى ئاۋال ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.2013-يىلى ئامىركا پاي بازىرى 2007-يىلدىكى پاي بازىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش نۇقتىسىدىن 14.9% ئۆرلىدى. ،يەنى  2013-يىلنى مىسالغا ئالساق ئامىركىنىڭ پاي بازىرى 21% ئۆرلىدى.ئەمما جوڭگۇچۇ؟  2007-يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۆرلەش نۇقتىسىنىڭ 35%تى خالاس.تۇلۇق 65% چۈشتى.2013-يىلى ( 8-)%  ئاشتى. بۇ سېلىشتۇرۇشتىن شۇنى بايقايمىزكى ئامىركا قوللانغان سىياسەت ئېنىقكى مۇۋاپىقىيەت قازاندى.
تۆۋەندە بىز ياۋۇرپاغا قاراپ باقايلى، كۆپچىلىكنىڭ ئىسىدە 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تۈرتكە بۇلۇشى نەتىجىسىدە ،2010-يىلى ياۋۇرپا قەرىز كىرزىسى كېلىپ چىقتى.ئەمما بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ 2013-يىلدىن باشلاپ ياۋۇرپا ئىتپاقى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.نىمە ئۈچۈن ؟ ئەلۋەتتە يەنىلا ياساش سانائىتى جانلانغانلىقى ئۈچۈن.
گېرمانىيەنى مىسالغا ئالساق ،گېرمانىيە ئىزچىل ياساش سانائىتىدىكى چوڭ دۆلەت.گېرمانىيەدىكى 80% تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار تېخنىكا مەكتەپلەرگە بېرىپ تېخنىكا ئۆگىنىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە گېرمانىيەدىكى  ياساش سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 3مىلىيون 300مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا -كىچىك كارخانىنىڭ ئورنىنى دۇنيادا ھېچقانداق كارخانىلار باسالمايدۇ. بۇ كارخانىلار گېرمانىيەدەك ياساش سانائىتىدىكى پادىشاھ دۆلەتنىڭ ئاساسى. پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىغا نىسبەتەن گېرمانىيە ئاۋالقىدەكلە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياساش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇردى.بۇ  ئامىركىنىڭ <<ياساش سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لاھىيەسى>>  بىلەن ئوخشاش نەتىجىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە گېرمانىيە گەرچە كەڭرى پۇل سىياسىتىنى يولغا قويمىغان بولسىمۇ،بىراق 2000-يىلدىن باشلاپ 2011-يىلى 12-ئايغىچە گېرمانىيە ئىشچىلىرىنىڭ مائاشىنىڭ ئېشىشى نىسبىتى مىنوس ئېشىپ ،(0.5-%دىن 1-%) ئاشتى. يەنى گېرمانىيە ھۆكىمىتى ياساش كارخانىلارنىڭ خادىم قىسقارتماي ،رازىلىقى بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى ۋە خىزمىتىن ساقلاپ قېلىشنى ،داۋاملىق ياساش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئۈمۈد قىلدى، ئاخرى بۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغانلىقنى ئىسپاتلىدى. بۇ ئامىركىنىڭ كەڭرى پۇل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوخشاش،ئەمگەك كاپىتالنىڭ مىنوس ئېشىشى يەنىلا پايدىلىق.شۇڭىلاشقا گېرمانىيە بىرىنجىدىن  ئامىركىنىڭ <<ياساش سانائىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لاھيەسى>> گە ئوخشاش سىياسەت بىلەن،ئىككىنجىدىن ئامىركىنىڭ ئەمىللەشتۈرگەن كەڭرى پۇل سىياسىتىگە ئوخشاش ،ئەمگەك كاپىتالىنى مىنوس ئاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ،ئاخىرى گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىمۇ ئەسلىگە كەلدى.
فىرانسىيەنىڭ ياساش سانائىتى گەرچە گېرمانىيەنىڭكىگە يەتمىسىمۇ ،بىراق باشقا ياۋۇرپا ئىتپاقىدىكى دۆلەتلەرگە قارىغاندا ياخشى بولدى.شۇڭا فىرانسىيەمۇ ئەگىشىپلا ئەسلىگە كەلدى.
بىر يۈەننى  ياساش سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش باشقا كەسىپلەرگە 1.48 ھەسسە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى يارىتىپ بېردۇ.بۇنداق تۆھپە قۇشۇشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئامىركا 2012-يىلى ئەسلىگە كەلدى،گېرمانىيە ۋە فىرانسىيەنى باش قىلغان ياۋۇرپا ئىتپاقىمۇ 2013-يىلى ئەسلىگە كەلدى.نىمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سىياسەت توغرا ،بىرىنجىدىن ياساش سانائىتىنى قوللىدى،ئىككىنجىدىن تەننەرخنى  تۆۋەنلەتتى.  ئامىركىنىڭ كاپىتال يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشى ، گېرمانىيەنىڭ ئىشچىلارنىڭ ھەققىنى تۆۋەنلىتىشى ،يۇلى باشقا بولسىمۇ مەنزىلى بىر ،نەتىجىسى ياساش سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش.

مەنبە :http://blog.sina.com.cn/s/blog_4120db8b0102v1xn.html  
  

0

تېما

0

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30991
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 17468
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2226
توردىكى ۋاقتى: 781
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياكى باشقا خىلدىكى ئادەم ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا بۇلاتتى ..................................

2

تېما

4

دوست

2342

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 736
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنگۈسىز ئادەملەر..............

14

تېما

19

دوست

9587

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   91.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1000
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2838
توردىكى ۋاقتى: 1049
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 18:44
مۇشۇ كىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ياكى باشقا خىلدىكى ئادەم ئىك ...

  باشقىچە پىكىرلىك يولداشمىكىن، بىر قىسىملارنىڭ ئالدىن بىيىش سىياسىتىگە قارشى مۇقام توۋلاپلا يۈرىدۇ بۇ قۇلاق كەستى، يەنە رەھبەرلەرنىڭ ئەيپىنى ئىچىپلا تۇرغان...
  دۆلىتىمىزدىن چەتئەللەرگە ئىقىپ كەتكەن مەبلىغى 100تىرلىيوندىن ئاشىدۇ دىگەنمۇ مۇشۇ...

0

تېما

0

دوست

2741

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 862
توردىكى ۋاقتى: 298
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ كىشى   كۆپ   ئىشلارنى   بىلىپ   قالدىغان   ئەقىلىق   ساراڭ   ئوخشايدۇ   .

1

تېما

0

دوست

3417

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30578
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 1076
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي مۈلۈك كەسپى جۇڭگۇ ئىقتىزادىنىڭ تۈۋرىكى بولۇپ قالدى، بىراق بۇ تۈۋرۈك ئىشەنىچلىكمۇ يوق، بۇنى كىم ئويلاپ باقتى...............

5

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 613
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2226
توردىكى ۋاقتى: 781
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-9-17 23:32
باشقىچە پىكىرلىك يولداشمىكىن، بىر قىسىملارنىڭ ئالد ...

     توغرا ، دائىم شۇنداق قىلىدۇ ، مۇقىملىق ساقچىللىرى بۇنىڭ قىلغان گەپلىرىنىڭ ئوندىن بىرىنى ئاڭلاپ قالسا ئاچچىقىدا ئېلىشىپ قالارمىكىن دەيمەن ، ھەممىسى جىنايى گەپلەر ...............
  ئەممازە بۇ كىشىنىڭ يازغان نەرسىللىرىنى ئۇقۇغاندا نۇتۇقتىكى ھىسسىياتى ، تەلەپپۇزى ...................كۈزۈمگە كۈرۈنگەندەك بۇلىدۇ دىسە .................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )