- تىزىملاتقان
- 2012-9-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 962
- نادىر
- 0
- يازما
- 53
ئۆسۈش
92.4%
|
موتىف سۆزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەر بىر بايانى بۆلەكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق ئەدەبىيات تارىخشۇناسى ۋېلھىلىم شېرېر موتىفنى تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «موتىف بولسا ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەكلەردىن ئىبارەت، ھەر بىر موتىف بىر يەككە ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر موتىف ئۇنى ياراتقان مىللەتنىڭ ئەنەنىۋىي مەدەنىيەت تارىخى، تەجرىبىلىرى، بىلىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ .» دەپ قارايدۇ .
سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە، موتىف تەتقىقاتى بولسا تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەرەپ بولۇپ تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. " تېماشۇناسلىقتىكى موتىف ئادەمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردا تەكرار ئۇچرايدىغان ھەركىتى، پىسھىك ھادىسىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان چۈشىنىشى، يەنى تۇغۇم، ئۆلۈم، ھىجران، خوشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، شاتلىق، ۋاقىت بوشلۇق، پەسىل، دېڭىز، تاغ-ئېدىر، كېچە قاتارلىقلار" بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موتىف تەتقىقاتىدىكى ئەسلى تىپ تەتقىقاتىغا كىرىدۇ. موتىف تەتقىقاتى دەل ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ھىچقانچە ئۆزگىرىشتە بولماي ساقلىنىپ كەلگەن، ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى تېما، ۋەقە ۋە پېرسۇناژلار تىپى تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ.
"مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، موتىف بولسا كىچىكرەك مەزمۇن بۆلىكى، تېما بولسا چوڭراق مەزمۇن بۆلىكىدىن ئىبارەت. ئەدەبىي ئەسەرلەردە كىچىكلىكىدىن يەنە بۆلۈشكە بولمايدىغان تەركىپلەر بولسا موتىف، ئەمما تېما بولسا بىرقانچە موتىفنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. موتىف بايانىي جۈملىدىكى __«ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك»، تېما بولسا ئۆزىدە مەلۇم قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرگەن بايانىي جۈملە ياكى قوشما جۈملىدىن ئىبارەت." شۇڭا 《ئوغۇزنامە》داستانىنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىچىدىن «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك» لەرنى ئايرىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بايان ئالاھىدىلىكىنى تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. |
|