قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2204|ئىنكاس: 29

«ئوغۇزنامە» ۋە ئۇنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى_ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 14:17:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاپتور : ئابدۇسالام شۈكۈر نۇھ  

    « ئوغۇزنامە» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمقى دەۋرلەردىكى قەھرىمانلىق داستانى بولۇپ، نەسرىي ئۇسۇلدا قەدىمقى زامان قەھرىمانى ئوغۇزخاننىڭ ئۆسۈپ يëتىلىش ۋە قەھرىمانلىق كۆرسىتىش، تۆھپە يارىتىش جەريانلىرى ئاساسى ھىكايە ۋەقەلىكى قىىلىنغان. ئايرىم جايلىرىدا نەزمىي بايانمۇ ئۇچرايدۇ. داستان دەسلەپتە رىۋايەت شەكلىدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان بولۇپ، ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىللىك تارىخىي جەريانلارنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزىش جەريانىدا ئۆزىگە ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سىڭدۈرۈپ، مەزمۇن جەھەتتە تولۇقلىنىپ، بەدىىلىكى مۇكەممەللىشىپ بارغان. داستان كېيىنكى مەزگىللەردە قادىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا قەلەمگە ئېلىنىپ، ئۇيغۇر قەدىمقى زامان يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەمۇنىسىگە ئايلانغان.
    《ئوغۇزنامە》داستانىنىڭ ئا نۇسخا دەپ قارىلىۋاتقان قەدىمقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرىلگەن نۇسخىسى ھازىر فرانسىيىنىڭ پۇقرالار كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ. نومۇرى ساپۇل تۇس,1001 . جەمىي 21 بەت (42 ياپراق) ھەر بىر ياپراقتا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يازما شەكلىدە يېزىلغان 9 قۇردىن خەت بار. ئەسەرنىڭ 1- 3 – قۇرلار ئارىلىقىدا بۇقا رەسىمى، 6 – بېتىدە قىاتنىڭ رەسىمى بېرىلگەن. ئەسەرنىڭ بەزى بەتلىرى نەملىك تەسىرىدىن بۇزۇلغان، 17- ۋارىقى يىرتىلغان، 36- بەتتىكى بەزى ئۆچۈپ كەتكەن خەتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 40- بەتتىن بىر يېرىم قۇر، 42- بەتتىن ئاخىرقى ئىككى قۇر ئوقۇشقا بولمايدىغان دەرىجىدە بۇزۇلغان. لېكىن بۇ داستاننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۈشىنىشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
    داستاننىڭ يۇقىرىقى نۇسخىسىدىن باشقا يەنە تۈركىيىدىن بايقالغان نەزمىي نۇسخىسى، ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ خەلق داستانى « دەدە قۇرقۇت » چۆچىكىدە ساقلانغان نۇسخىسى، 14 – ئەسىردىكى فارىس تارىخچىسى راشىدىنىڭ « تارىخنامە »، 15- ئەسىردە ياشىغان شەرەپىددىن ئەلى يەزدىنىڭ «زەپەرنامە» ۋە ئۇنىڭ بىلەن دەۋرداش مىرزا ئۇلۇغبېكنىڭ «تارىخى ئەربەى ئۇلۇس »(«تۆت ئۇلۇس تارىخى ») ، 15- ئەسىردىكى بەلىخلىق تارىخچى خاۋەند شاھ مىرخۋاندنىڭ « رەۋزە تۇسساپا»، 16-ئەسىردىكى تارىخشۇناس مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ« تارىخى رەشىدى »، 17- ئەسىردە ياشىغان ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخچىسى ئوبۇلغازىنىڭ «تۈركلەر شەجەرىسى » قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرىدە بۇ داستاننىڭ ھەر خىل ۋاريانتلىرى ساقلانغان. يەنە 19- ئەسىردە ياشىغان يەركەنلىك ئەدىپ موللا مۇھەممەت نىيازنىڭ «قىسسەسۇل غارايىپ» ناملىق ئەسىرىدە، موللا مىر سالىھ قەشقەرىنىڭ « تارىخى قەشقەر» ناملىق ئەسىرىدە ۋە 20 – ئەسىردە موللا موسا سايرامىنىڭ « تارىخى رەشىدى » قاتارلىق كىتاپلىرىدا ئوغۇزخان ھەققىدىكى بايانلارنى كۆرىمىز. ئېيتىشلارغا قارىغاندا « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ھازىر ئېنىقلانغان ھەر خىل ۋاريانتلىرى 30 نەچچە خىل بولۇپ، بۇ ۋاريانتلارنى يىغىش، رەتلەش ۋە ئىلمىي ھالدا خۇلاسە چىقىرىش بىزنىڭ « ئوغۇزنامە » تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىشىمىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ دەپ قارايمىز.
    چەتەللەردە 19–ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا « ئوغۇزنامە » ھەققىدىكى تەتقىقاتلار باشلىنىپ كەتكەن. ئەڭ بۇرۇن گوللاندىيىلىك دېتىز(دىەتز) داستاننىڭ بىر قىسمىنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ئۇنىڭدىن كېيىن رادلوف radloff، رىزا نۇر riza.nur) ، پىللىئوت(p.pelliot)باڭ (w.bang) ، رەشىد رەخمەتى ئارات (g.r.r.arati) ،شېرباك (a.m.sherbak) ، زەكى ۋەلىدى توغان ((ئا.زەكى ۋەلىدى توغان زۇھەل ئۆلمەز ((زۇھال ئولمەز قاتارلىقلار ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ ئەسەرنىڭ فرانسىيەدە ساقلىنىۋاتقان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىسى ۋە باشقا ۋاريانتلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى.
    مەملىكىتىمىزدە ئەڭ دەسلەپ بۇ ئەسەر ئۈستىدە رەتلەش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى گېڭ شىمىن ئەپەندى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇ 1976- يىلى تۈزگەن « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى » (دەرسلىك) تە بۇ ئەسەر ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ترانسكىرىپسىيە بېرىلگەن. 1979 – يىلى ئابدۇشۈكۈر تۇردى ۋە خاۋ گۇەنجوڭ بىرلىكتە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسى ۋە ترانسكىرىپسىيەسىنى ئېلان قىلدى. 1980- يىلى تۇرغۇن ئالماس « بۇلاق » مەجمۇەسىدە داستاننىڭ ئۇيغۇرچە نۇسھىسىنى ، يەنە شۇ يىلى گېڭ شىمىن تۇرسۇن ئايوپ بىلەن بىرلىشىپ بۇ داستاننىڭ ئۇيغۇرچە يەككە نۇسھىسىنى نەشر قىلدۇردى. 1982 – يىلىغا كەلگەندە گېڭ شىمىن ئەپەندى يەنە داستاننىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى 1986 – يىلى ماكەن بىلەن بىرلىشىپ قازاقچە نۇسھىىسىنى ئېلان قىلدى. 2006- يىلى گېڭشىمىن ئەپەندى ئەسلىدىكى « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »( ماي باسما) ئاساسىدا «قەدىمقى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى »نى نەشر قىلدۇردى. بۇ كىتاپتا 《ئوغۇزنامە》ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈش، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان فاكسىمىلى، ترانسكىرىپسىيىسى، سۆزلۈك، گرامماتىكىلىق ئىزاھات قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
« ئوغۇزنامە » تەتقىقاتى دېتىسنىڭ 1815 – يىلى داستاننىڭ بىر قىسىم نېمىسچە تەرجىمە نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇرغىنىدىن باشلىغىنىمىزدا ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. گەرچە چەتئەل ئالىملىرنىڭ تەتقىقاتى ئەڭ دەسلەپ تەرجىمە، ترانسكىرىپسىيە، تونۇشتۇرۇشتىن باشلانغان بولسىمۇ، بارا – بارا لېكسىكىلىق بىرلىكلەرنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى ئېنىقلاشقىچە، داستاندا ئىپادىلەنگەن تارىخ، مەدەنىيەت، جەمىيەتشۇناسلىق، دىن، ئەدەبىيات مەزمۇنلىرىنى سېلىشتۇرما تەتقىقات نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بېرىشكە چوڭقۇرلىدى. بۈگۈنكى كۈندە چەتەللەردە ئېلىپ بىرىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىزنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىمىزدئا بىرىنچى قول ماتىرىيال بولالايدۇ. مەملىكىتىمىزدە بولسا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېيىن باشلاندى دىيىشكە بولىدۇ. ماقالىمىزدا سەھىپە ئېتىۋارى بىلەن دۆلىتمىزدە مەزكۇر داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بىرقانچە نەشر نۇسھىسىنى كۆرسىتىش بىلەن چەكلەندۇق. دۆلىتىمىزدە 《ئوغۇزنامە》داستانى ھەققىدىكى باشقا تەتقىقاتلار ئاساسەن ئەسەرنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى، تىلى، ھەر خىل ۋاريانتلىرى، ئەسەرنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشكەن دىيىشكە بولىدۇ. ئىشىنىمىزكى، قەدىمقى ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزنىڭ جۈملىدىن تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ تېخىمۇ كۆپ سىرلىرى نامايەن بولىدۇ. يۇقىرىدا مەزكۇر تەتقىقات ھەققىدىكى ھەر خىل ئۇچۇرلار كۆرسىتىلدى. بۇ تەتقىقات ئۇچۇرلىرىنى خاراكتىرى ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى جەھەتتىن رەتلەش ۋە خۇلاسە چىقىرىش كېيىنكى تەتقىقاتلىرىمىزدا داۋاملىق قولغا ئېلىنغۇسى. تۆۋەندە داستان ھەققىدىكى باشقا مەزمۇنلارنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا پەقەت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇمىز.(تۆۋەندىكى بايانلار داستاننىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈلگەن نۇسھىسى ئاساسىدا يۈرگىزىلىدۇ.)
    موتىف سۆزى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىشلىتىلگەندىن بېرى، ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ھەر بىر بايانى بۆلەكنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياشىغان گېرمانىيىلىك داڭلىق ئەدەبىيات تارىخشۇناسى ۋېلھىلىم شېرېر  موتىفنى تۈرلەرگە بۆلۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «موتىف بولسا ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەكلەردىن ئىبارەت، ھەر بىر موتىف بىر يەككە ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ھەر بىر موتىف ئۇنى ياراتقان مىللەتنىڭ ئەنەنىۋىي مەدەنىيەت تارىخى، تەجرىبىلىرى، بىلىشى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە بولىدۇ .» دەپ قارايدۇ .
    سېلۇشتۇرما ئەدەبىيات نەزىرىيىسىدە، موتىف تەتقىقاتى بولسا تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم تەرەپ بولۇپ تېماشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. " تېماشۇناسلىقتىكى موتىف ئادەمنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەردا تەكرار ئۇچرايدىغان ھەركىتى، پىسھىك ھادىسىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۇنياغا بولغان چۈشىنىشى، يەنى  تۇغۇم، ئۆلۈم، ھىجران، خوشاللىق، غەزەپ، قايغۇ، شاتلىق، ۋاقىت بوشلۇق، پەسىل، دېڭىز، تاغ-ئېدىر، كېچە قاتارلىقلار" بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى موتىف تەتقىقاتىدىكى ئەسلى تىپ تەتقىقاتىغا كىرىدۇ. موتىف تەتقىقاتى دەل ئۇزاق ئۆتمۈشتىن تارتىپ بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ھىچقانچە ئۆزگىرىشتە بولماي ساقلىنىپ كەلگەن، ئومۇمىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى تېما، ۋەقە ۋە پېرسۇناژلار تىپى تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ.
    "مەلۇم بىر ئەدەبىي ئەسەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، موتىف بولسا كىچىكرەك مەزمۇن بۆلىكى، تېما بولسا چوڭراق مەزمۇن بۆلىكىدىن ئىبارەت. ئەدەبىي ئەسەرلەردە كىچىكلىكىدىن يەنە بۆلۈشكە بولمايدىغان تەركىپلەر بولسا موتىف، ئەمما تېما بولسا بىرقانچە موتىفنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللىنىدۇ. موتىف بايانىي جۈملىدىكى __«ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك»، تېما بولسا ئۆزىدە مەلۇم قىممەت قارىشى شەكىللەندۈرگەن بايانىي جۈملە ياكى قوشما جۈملىدىن ئىبارەت." شۇڭا 《ئوغۇزنامە》داستانىنىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە ئىزدىنىشتىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىچىدىن «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك» لەرنى ئايرىپ ئېلىپ ئۇنىڭ بايان ئالاھىدىلىكىنى تېپىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
    بىزنىڭ ئالدىمىزغا ئۇچرايدىغان بىر قىيىنچىلىق شۇكى، داستاندا بۇ خىل "ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك" لەر توغرىدىن – توغرىغا ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇپ، داستاندا ئۆز زامانى ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى مۇكەممەل بولغان بىر خىل بايانى شەكىل ئەندىزىسى ئەسەر ئىستىلىنى زچىللىققا ئىگە قىلالىغان. يەنى ئەسەردە بايان نۇقتىسى ئۈچىنچى شەخسكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، بەزى بۆلەكلەردە ئوغۇزنىڭ ئاغزىدىن بېرىلگەن چاقىرىقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ خىل بايانى نۇقتىنىڭ مەركەزلىشىشى« ئۇرخۇن ئابىدىلىرى» نىڭ بايانى نۇقتىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن دىيىشكە بولىدۇ. بۇ داستاننىڭ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېغىزدىن – ئېغىزغا كۆچۈش ۋە خەلق ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئىش قوشۇشى نەتىجىسىدە مۇەييەن بەدىى شەكىلگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. داستان ئاساسەن نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان بولۇپ، بەزى بۆلەكلەرگە نەزىم ئارىلاشتۇرۇلغان. پۈتۈن ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى راۋان، ئوچۇق، يەڭگىل، پېرسۇناژلار ئوبرازى جانلىق، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ھەر خىل، رىالنى بايان بىلەن قويۇق رومانتىك تۈسكە ئىگە بولغان ئەپسانە، رىۋايەت ئۇسلۇبى ئۆزارا گىرەلىشىپ قەدىمقى زامان ئۇيغۇر بايانىي ئەدەبىياتىنىڭ قۇدرىتىنى نامايەن قىلغان.
    داستاندا"ھەممىنى بىلگۈچى" دىن ئىبارەت بايانىي نۇقتا قوللىنىلغان. بۇ خىل بايان نۇقتىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ۋەقەلەرگە يۈزلىنىشتىن ئىبارەت. بۇ خىل بايان نۇقتىسى داستان، ئېپوسلاردا بىرقەدەر كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن،« ئالپامىش »،« گۆر ئوغلى»قاتارلىق داستانلاردىمۇ قوللىنىلغىنى مۇشۇنداق بايان نۇقتىسىدىن ئىبارەت. بۇ خىل ئۇسۇلدا ئادەتتە بايانچى كۆپ يۈزلىنىشلىك بايان بوشلۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ.
    « ئوغۇزنامە »داستانى ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. كېيىنكى بۆلەكلەر قەھرىماننىڭ ئۆسمۈرلىك – ياشلىق دەۋرى، ھەربىي يۈرۈش، تۆھپە، خانلىقنىڭ قۇرۇلۇشىشى قاتارلىقلار. ئەڭ ئاخىرىدا داستان ئوغۇزنىڭ زىمىنىنى ئالتە ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. داستاننى بايان قىلغۇچى ئوغۇزنىڭ ھاياتى ۋە ئۇتۇقلىرىنى بىر پۈتۈنلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇنلىغان سيۇژىت بۆلەكلىرىنى قەھرىماننىڭ ھەرىكىتى ۋە خاراكتىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە قىلىدۇ. مانا بۇ ھەر بىر سيۇژىت بۆلەكلىرىنى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »قىلىپ ئايرىپ ئېلىپ، موتىف قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش مۈمكىن. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «موتىف تەتقىقاتىدا ئەڭ ئالدى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىكى موتىفنىڭ بايان قۇرۇلمىسى، موتىفنىڭ تۈرى ۋە موتىفنىڭ تىپ تەتقىقاتى. بىراق ئېپوس موتىف تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەتمەكچى بولغان نىشانى  موتىفنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان مەدەنىيەتتىن ئىبارەت.» دىمەك، بىزنىڭ داستاننىڭ موتىف بۆلەكلىرىنى ئېنىقلىشىمىز مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت تەتقىقاتى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولىدۇ.
    داستاننى ئاساسىي مەزمۇن ۋە غول سيۇژېت بويىچە ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. گەرچە بۇرۇنقى تەتقىقاتلاردا داستان چوڭ ئىككى مەزمۇن بۆلىكى ياكى سيۇژېتقا ئايرىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىز داستاندىكى « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەرنى تېخىمۇ ئاسان ئايرىش ئۈچۈن داستاننى ئۈچ بۆلەككە ئايرىدۇق. داستاننىڭ دەسلەپكى سيۇژىت بۆلىكىنى ئۈچىنچى قۇردىن 18-قۇرغىچە دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ بۆلەكتىكى ئاساسى ۋەقەلىك ئوغۇزنىڭ تۇغۇلۇش ۋە ئۆسۈش ھالىتىدىن ئىبارەت. ئوغۇز تۇغۇلغاندا چىرايى كۆك، ئاغزى ئاتەشتەك قىزىل، چاچ ۋە قاشلىرى قارا، پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. ئۇ پەقەت ئانىسىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى ئېچىپلا بولدى قىلىدۇ. قىمىز، گۆش تەلەپ قىلىدۇ ۋە تىلى چىقىشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ پۇتلىرى بۇقىنىڭ پۇتىدەك، بەللىرى بۆرىنىڭ بېلىدەك.... داستاننىڭ يىراق قەدىمقى زامانلاردىن قالغان ئەپسانە – رىۋايەت ئۇسلۇبى بىلەن بايان قىلىنغان بۇ قىسمى بىزنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ سىرلىق قەسرىگە باشلايدۇ.
    قەھرىماننىڭ غەيرى ھالەتتە تۇغۇلۇش موتىفى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتف قۇرۇلمىسى. بىز بۇ خىل قۇرۇلمىنى« قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دەپ قارىساق بولىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر داستانلىرىدىكى قەھرىمانلار تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزىدە ئالاھىدە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ خۇددى تەڭرىنىڭ يەر يۈزىدىكى ئىرادىسىگە تەققاسلانغان دىيىش مۈمكىن. قەھرىماننىڭ جاسارىتى ۋە تۆھپىلىرى ئۇلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى يۈكسەك ئوبرازىنى تىكلەش بىلەن بىللە ئۆزلىرىگە زور شۆھرەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ خەلق قەلبىدىكى تۇغۇلۇش ھالىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىدىن باشقىچە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ خىل قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشى ئادەتتىكىدەك تەسۋىرگە ئىگە بولسا، قەھرىماننىڭ كېيىنكى ھاياتىدىكى ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى ئىشىنەرلىك بولمايدۇ. مانا بۇ خىل بايان پىسخىيىسى « ئوغۇزنامە »داستانىدىلا ئەمەس بەلكى تۈركىي تىللىق باشقا خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىدىمۇ ئۇچرىشى يۇقىرىقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ. قىرغىز خەلق داستانى« ماناس »تىمۇ ماناس تۇغۇلغاندا چېدىرنىڭ تۆت تەرەپىگە يورۇق نۇرلار تارىلىدۇ، قىرغىز خەلقىنىڭ دۈشمىنى قالماق خانىنىڭ ئوردىسىدا قاتتىق تەۋرىنىش يۈز بېرىپ، قىرغىزلارنىڭ كەلگۈسىدىكى باش كۆتىرىشى ۋە قالماقلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن بىشارەتلىنىدۇ. ..
    «قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىدىكى كۆپ ئۇچرايدىغان موتىف بولۇپ، ئۇنى چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ خىل موتىف تەبىى ھالدا بايانچىدىن ئالاھىدە تۇغۇلۇش ئېپىزوتى شەكىللىنىشكە ئاساس بولالايدىغان «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «ئالدىن (چۈشىدە)بىشارەت بېرىش موتىفى»، «ئانىنىڭ غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى»، «قىيىن تۇغۇت موتىفى» قاتارلىق بىرقاتار موتىفلارنى ھەم شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئۇلىشىپ كەلگەن « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن كېيىنكى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» قاتارلىق موتىفلارنىڭ بولىشىنى تەقاززا قىلىدۇ.
« ئوغۇزنامە » داستانىدا سيۇژېتنىڭ پەقەت « قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى» دىن باشلانغانلىقىنى كۆرىمىز. داستاندا بۇ موتىفقا ئۇلىشىپ كەلگىنى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى». قىرغىزلارنىڭ « ماناس »داستانىدىمۇ مانا مۇشۇنداق قەھرىماننىڭ ئاجايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى ئۇچرايدۇ. ماناسنىڭ ئانىسى سىرلىق ھامىلدار بولىدۇ ۋە تۇغۇت ۋاقتىدا تۇغۇتى بەكمۇ قىيىن توختايدۇ. ماناس بولسا تال شېخىغا ئېسىلىپ بۇ دۇنياغا كېلىدۇ. بەش ئايلىق بولغاندا يۈگۈرىيدىغان بولىدۇ. شىغايخاننىڭ قەلئەسىنى قالماقلار ئىگەللىۋالغىنىنى ئاڭلاپ، ئۇ يەرگە بېرىپ قالماقلار بىلەن ئېلىشىدۇ. يەنە بىر ئېپوس « ئېرتۆشتۈك »دە قەھرىمان كۈندە يىللاپ چوڭ بولىدۇ. بىر ئايلىق بولغاندا بىر ياشقا كىرگەندەك چوڭىيىدۇ. ئۈچ – تۆت ياشقا كىرگەندە ماڭالايدىغان، سۆزلەيدىغان بولىدۇ. يەنە بىر داستان« شىرزات » تا شىرزات تۇغۇلۇپ بىرقانچە كۈندىن كېيىنلا شىر بىلەن ئېلىشىپ بىر قولى بىلەنلا شىرنى يىقىتىدۇ. مانا بۇلار تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوسلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ- غارايىپ بالىلىق دەۋرى موتىفى».
    « ئوغۇزنامە » داستاننىڭ ئىككىنچى سيۇژىت بۆلىكى 19- قۇردىن باشلىنىپ 88- قۇردا ئاخىرلىشىدۇ. بۇ بۆلەكتە بايان قىلىنغىنى قەھرىماننىڭ يىگىتلىككە يېتىش موتىفى. ئوغۇزخان ئورمانلىقتىكى ياۋۇز يىرتقۇچ قىاتنى ئۆلتۈرىدۇ...بىر كۈنى ئوغۇز ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا كۆكتىن بىر يورۇقلۇق بىلەن بىللە بىر گۈزەل قىز پەيدا بولىدۇ. ئوغۇز بۇ قىزغا ئۆيلىنىپ ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئىسىملىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا كۈن، ئاي، يۇلتۇز دەپ ئاتىلىدۇ . ئوغۇز كېيىن يەنە شۇنداق تىلسىملىق مۇھىتتادەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىدۇ. ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ ۋە پەرزەنتلىرىگە كۆك، تاغ ۋە دېڭىز دەپ ئىسىم قويىدۇ...
    قەھرىماننىڭ «يىگىتلىككە يېتىش موتىفى»مۇ چوڭ بىر موتىف سېستىمىسى بولۇپ ئۇ يەنە بىرقانچە «ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك»بولغان كىچىك موتىفلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىيىش مۈمكىن. « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىف شەكىللىرىدىن «سىناق موتىفى» ۋە «ئۆيلىنىش موتىفى» نى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. داستاندا ئوغۇزنىڭ چوڭ بىر ئورمانلىقتىكى قىئاتنى ئۆلتۈرىشى دەل ئوغۇزنىڭ ئالدىغا قويۇلغان سىناق بولۇپ، ئوغۇزنىڭ ۋەھشى ھايۋاننى قارا كۈچ بىلەن ئەمەس بەلكى بۇغا ۋە ئېيىقلارنى يەمچۈك قىلىپ تۇرۇپ كۈزىتىش ئارقىلىق قىاتنى يوقىتىشى ئۇنىڭ قارام باتۇر ئەمەس بەلكى ئەقىل – پاراسەتتىمۇ تەڭ يېتىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان تەپسىلاتتىن ئىبارەت.
    «ئۆيلىنىش موتىفى» داستانلاردا ھەر خىل شەكىللەردە ئۇچرايدۇ. « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئوغۇزنىڭ ئالدىدا كۆك نۇر ئىچىدە پەيدا بولغىنى كۆك تەڭرىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇنىڭ پىشانىسىدىكى مەڭنىڭ «تۆمۈر قوزۇق»قا ئوخشىشى، «ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلىدۇ، يىغلىسا تەڭرىنىڭمۇ يىغلىشى» كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقىنىڭ مەھسۇلى، چۈنكى قەدىمقى زاماندا كۆك تەڭرى ئېتىقاتچىلىقى تەبىەت ئېتىقادىدىكى نتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ «كوك تەڭرى ئالەمنىڭ ئىگىسى» دەپ قارىلىدۇ. ئۇلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ كۈن، ئاي، يۇلتۇز ئىسمىدا بولىشى يەنىلا تەبىەت تىقادچىلىقنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، كۈن، ئاي، يۇلتۇزلار تەبىەت ئېتىقاتچىلىقىدىكى ئىلاھلاردىن ئىبارەت.
    ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىنىڭ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ كاۋىكىدا ئۇچرىشى بۇ قىزنىڭ سۇ ئىلاھى ۋە دەرەخ ئىلاھىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. « ئۆيلىنىش موتىفى »دىكى بىرىنچى ئىپىزوتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىككىنچى قىزنىڭ تەسۋىرى تەبىەتتىكى كونكىرت ماددىلارنىڭ (كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان ) تەسۋىرى بولۇپ، بۇلارمۇ ئىپتىداى تەبىەت ئېتىقادچىلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئىپتىداى تەبىەت ئېتىقادىدا بۇلاق، دەرەخ كاۋىكى، ئۆڭكۈر قاتارلىقلار ئاياللار جىنسىي ئەزاسىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ، جىنسقا چوقۇنۇشنىڭ ئىزنالىرىدىن ئىبارەت.
    ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىداى ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، مەسىلەن، سەييارىلەر، يەر، سۇ، ئوت، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار، چاقماق قاتارلىقلار. ئىپتىداى ئىنسانلار ياشاۋاتقان جۇغراپىۋى مۇھىتنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ئوبېكىتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى بەلگىلىگەن. تاغ تاغلىق رايونلاردىكى ئىنسانلار توپىنىڭ تەڭرىسى بولغان بولسا، سۇ(دېڭىز) بولسا دېڭىز ياقىسىدىكىلەرنىڭ تەڭرىسىگە ئايلانغان. بىراق، كۆك ئاسمان، يەر، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار بارلىق ئىپتىداى ئىنسانلارغا ئورتاق تەڭرىلەر ئىدى. ئوغۇزنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان كۆك، تاغ، دېڭىزلار دەل مۇشۇ خىل ئېتىقادنىڭ بەدىى ئەدەبىياتىمىزدىكى تەسۋىرى. « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى «ئۆيلىنىش موتىفى» ناھايىتى چوڭقۇر مەدەنىيەت مەزمۇنىغا تويۇنغان بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىپتىداى تەبىەت ئېتىقاد ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ھەم شۇنداقلا ئېتىقاد ئوبېكىتلىرى ئارقىلىق ئۇلار ياشىغان جۇغراپىۋى مۇھىتنى چۈشىنىشكە شۇنداقلا ئىچكىرىلىگەن ھالدا ئوغۇزخان ھەربىي يۈرىشىنىڭ قىياسىي لىنىيىسىنى سىزىپ چىقىشقا بولىدۇ.
    داستاننىڭ ئۈچىنچى سيۇژىت بۆلىكى قوليازمىنىڭ 89- قۇرىدىن باشلىنىپ قوليازما ئاخىرلاشقان يەرگىچە. (376-378-قۇرغىچە) ئاساسىي ۋەقەلىكى ئوغۇزنىڭ « ھەربىي يۈرىشى موتىفى »دىن ئىبارەت. بۇ بۆلەكتە ئۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە قەبىلىلەر ئىتتىپاقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ بارلىق دۈشمەنلەرگە قارشى جازا يۈرىشى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بارلىق تۈرك– ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرىدۇ. بۇ بۆلەكتە قەبىلىلەر ۋە مىللەت ناملىرىنى پەيدا بولىشى رىۋايەتلىك ئاساستا بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ بىر تەرەپتىن داستاننىڭ قەدىمىي ئېغىز ئەدەبىياتى نەمۇنىسى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسكەرتسە يەنە بىر تەرەپتىن رىۋايەتلىك تىمساللارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئۇيغۇر – تۈرك تارىخىنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىگە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىچكىرىلىشىمىزگە مەنبە بولالايدۇ.
    داستاننىڭ بۇ سيۇژېت بولىكىدە « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى» دىن ئىبارەت موتىف سېستىمىسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. داستانلاردا بۇ موتىفقا ياندىشىپ كېلىدىغان موتىف تۈرى «غەلىبە موتىفى» دىن ئىبارەت. ئوغۇزخاننىڭ ھەربىي يۈرىشى تەسۋىرلەنگەن بۇ بۆلەكتە گەرچە نۇرغۇنلىغان «ئەڭ كىچىك ئاساسى بىرلىك» لەر يەنى كۆك بۆرىنىڭ يول باشلىشى، چىپار ئايغىر ئاتنىڭ يوقاپ كېتىشى، ھارۋىنىڭ كەشپ قىلىنىشى، ئۇرۇق – قەبىلەر نامىنىڭ پەيدا بولىشى قاتارلىقلار بولسىمۇ ماقالىمىزدا موتىف نۇقتىسىدىن ئەمەس بەلكى « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»، «غەلىبە موتىفى» موتىفىغا ياردەمچى تەپسىلات قاتارىدا مۇامىلە قىلىندى. چۈنكى موتىف يەنە «ئەدەبىياتتىكى قېلىپلاشقان بايانى بۆلەك» بولۇپ، بۇ خىل بايان بۆلەكلەرنىڭ تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا قانچىلىك دەرىجىدە قېلىپلاشقانلىقى ۋە ئىزچىللاشقانلىقىنى يەنىمۇ تەكشۈرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
    كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى داستاننىڭ يۇقىرىقى سيۇژىت بۆلەكلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈش جەريانىدا تېكست قاتلىمىغا يوشۇرۇنغان « ئەڭ كىچىك ئاساسىي بىرلىك »لەر بولغان موتىفلارنى تېپىپ چىقىشقا بولىدۇ. لېكىن « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ بارلىق سيۇژىت بۆلەكلىرىنى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت دەپ ئالدىراپ خۇلاسە چىقىرىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، «داستاننىڭ باش ۋە ئاخىرىنىڭ كەم» ئىكەنلىكىدەك پاكىت داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسىنىڭ ھەم كەم ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بىز سېلۇشتۇرما ئەدەبىياتشۇناسلىقنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىش ئارقىلىق داستاننىڭ بىر پۈتۈن موتىف قۇرۇلمىسى، بايان ئۇسلۇبى ۋە سيۇژىتىنى ئېنىقلىيالايمىز.
    سېلۇشتۇرما تەتقىقات ئوبېكتىنى تاللاش بۇ خىل تەتقىقاتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. بىز قىلچە ئىككىلەنمەستىن « ئوغۇزنامە » داستانى بىلەن سېلۇشتۇرىلىدىغان بۇ ئوبېكىتنى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس- داستانلىرىنىڭ ئۈستىگە مەركەزلەشتۈرىمىز. چۈنكى «تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئورتاق تېرىتورىيەدە ياشىغانلىقى، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورتاق تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغانلىقى، ئېتنىك كېلىپ چىقىش جەھەتتىن ئورتاق مەنبەگە تۇتىشىدىغانلىقى، تىل تۇققانچىلىقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە ئوخشاشمىغان دىنلارنىڭ تەسىرىگە تەڭ ئۇچرىغانلىغىدەك ئوبېكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ مىللىي پىسھىكىسى، مىللىي خاراكتىرى، مىللىي تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ئېستېتىك زوقىدا كۆپلىگەن ئوخشاشلىقلار ۋە ئورتاقلىقلار ساقلانغان.» ئېنىقكى، بۇ خىل ئوخشاشلىقلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەپسانە – رىۋايەت، ئېپوس، شېئىر- قوشاق، مەسەل، ماقال – تەمسىل قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە ئۇچرايدۇ.
    يۇقىرىقى پىكىرلىرىمىز شۇنى كۆرسىتىدۇكى،« ئوغۇزنامە »داستانىدا خەلق ئېپوسلىرىنىڭ بىر قىسىم قەدىمىي موتىفلىرى ساقلىنىپ قالغان، لېكىن يەنىلا مۇكەممەل دىيىشكە بولمايدۇ.« ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ قەدىمىي موتىف تىپلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چوقۇم باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىغا مۇراجەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل موتىف تىپلىرى يەنە قايسى داستانلاردا ئۇچرىشى مۈمكىن؟ «بەزى قەدىمىي موتىفلار باشقا تۈركى خەلق داستانلىرىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، بەكلا تولۇقسىز، بىراق، بۇ قەدىمى موتىفلار« ماناس »داستانىدا بىرقەدەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان. مەسىلەن: «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى»، «يامان ئاتا موتىفى»، «قېرىنداشلار ئاسىيلىق موتىفى»، «باتۇرلارنىڭ ئاسىيلىق موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ قايتا تىرىلىش موتىفى» قاتارلىقلار. باشقا ناھايىتى قەدىمىي موتىفلار، يەنى، «قەھرىماننىڭ دىۋىدەك ئۇخلاش موتىفى» مۇ 《ماناس》داستانىدا ساقلىنىپ قالغان.
    بىز يۇقىرىدا « ئوغۇزنامە »نىڭ موتىف تەكشۈرىشىمىزدە ئېرىشكەن « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلىك دەۋرى موتىفى» شۇنداقلا «قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى » ۋە « قەھرىماننىڭ غەلىبە موتىفى » قاتارلىقلار « ماناس » داستانىدىكى بۇ خىل موتىف تەركىپلىرى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىدۇ. ئۇنداقتا « ماناس »داستانىدا ساقلىنىپ قالغان باشقا موتىف تەركىپلىرىنىڭ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف شەكلىگە ئوخشاش بولۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ بۇ ئىككى ئېپوس تىپى، تېما، بايان، موتىف ۋە شۇنداقلا قۇرۇلما قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك ئوخشاشلىقلارغا ئىگە بولىشى بىزنىڭ تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىراق ئىككى داستاننىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرىنىشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمىز بۇ ئىككى داستاننىڭ موتىف تەركىپلىرىدە يەنىلا بەزىبىر ئوخشىماسلىقلارنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ.
مەلۇمكى، داستان ۋە ئېپوسلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۇەييەن ئىجتىماى ۋە ئىدىولوگىيىلىك تەرەققىياتنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولىشى كېرەك. ئەڭ ئالدى بىلەن ئىجادكار خەلق (قەبىلىلەر ئىتتىپاقى) سەرگۈزەشتلىرى، تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مىفلار دەۋرىنى بېسىپ ئۆتكەن، ئىلاھىي قەھرىمانلارنىڭ ئورنىنى ئىنسانىي قەھرىمانلار ئىگەللەشكە باشلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېتنىك ئېڭى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇشى كېرەك. « ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان «مەن ئۇيغۇرنىڭ خاقانىمەن» دىگەن جۈملە بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ ئوغۇزخان تىلىدىن بېرىلگەن جاكاسى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېتنىك ئېڭىنىڭ ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئېتنىك فولكلورلۇق دەلىلىدىن ئىبارەت. يەنە ئوغۇزخاننىڭ «مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك»(داستان 107 – 108 – قۇرلار) دىيىشى دەل بۇ خىل ئېتنىك ئاڭنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان قەدىمقى جەمىيەتكە خاس بولغان ھەرىكەت مىزانى ئىدى. چۈنكى «خەلقنىڭ ئېتنىك ئېڭىنىڭ تەرەققىياتى قەدىمىدە شۇ خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىماى تېررىتورىيىلىك تەشكىلىنى (جۈملىدىن دۆلىتىنى) تىكلەشكە بولغان ئىنتىلىشىدا گويا بىر قانۇنىيەتتەكلا ئىپادىلىنىپ كەلدى.» داستاننىڭ كېيىنكى سيۇژېتلىرىدىكى ئۇرۇق–قەبىلە ناملىرىنىڭ چۈشەندۈرىلىشى بۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر ئېڭىنىڭ (ئەلۋەتتە ئۇيغۇر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئېڭى) شەكىللىنىشى بىلەن بىرگە يەنە ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى تەشكىلىدە شاخلىما ئۇرۇق – قەبىلىلەر ئېڭىنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە داۋاملىق شەكىللىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى ئىجتىماى تارىخى تەرەققىيات جەھەتتىن پەرق قىلىپلا قالماستىن بەلكى يەنە سۈپەت جەھەتتىمۇ كەسكىن پەرقلىنىدۇ. دىمەك بۇ نۇقتىدىن تەكشۈرگەندە « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرى ۋە ئۇنىڭ مەنسۇبىيەت مەسىلىسىدە تالاش – تارتىش قىلىشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىگى ناھايىتى ئېنىق. يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى، داستاننىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى پەقەت ئۇيغۇرلار نامىنىڭ تارىخنامىلەردە پۈتۈلگىنىدىن كېيىنكى دەۋرلەردىن ئىزدەش،  ئۇلارنىڭ ئېتنىك نامىنى شەكىللەندۈرىشىگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزۇن بىر دەۋرىنى كۆرمەسكە سېلىش ياكى قەستەن بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
    « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى نۇسھىسىدا بۇددا دىنى، مانى دىنى، خرىستيان دىنى، زورواستىر دىنى، ئىسلام دىنى قاتالىق دىنلارنىڭ ھىچقانداق ئىزناسىنى ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭدا ساقلانغىنى يىراق قەدىمكى زامانلاردىكى تەبىەت ئېتىقادچىلىقى ۋە شامان دىنىنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. بۇ پاكىتتىن بىز« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللىنىش دەۋرىنى مىلادى 5- ئەسىرنىڭ ئالدىدا دەپ ئېيتالايمىز. چۈنكى، ئۇرخۇن بويىدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ 5- ئەسىردىن ئىلگىرى ئەمەس. بۇددا دىنى ماۋوريا خانلىقى (مىلالىدىدىن ئىلگىرىكى 322 – يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 185 – يىللار) مەزگىلىدە كەشمىر ۋە قەندىھار(بۈگۈنكى كابۇل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى رايونى، پەنجابنىڭ شىمالىدىكى پىشاۋۇر ۋە راۋالپىندى قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پايتەختى پرۇشابالىق، بۈگۈنكى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىدىكى پىشاۋۇر) قاتارلىق جايلارغا تارقالدى ۋە بۇيەردە بۇددا پەلسەپەسى ۋە گىرىك سەنىتى بىلەن ئۇچرىشىپ مەشھۇر قەندىھار بۇددا مەدەنىيىتى ۋە سەنىتىنى شەكىللەندۈردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ خىل سەنەت تارىم ۋادىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەدەبىيات – سەنەت ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. مىرەن، تۇمشۇق، قىزىل ۋە قۇمتۇرا قاتارلىق جايلاردىن قېزىۋىلىنغان سەنەت بۇيۇملىرىدىن بۇنى ئېنىقلاش تەس ئەمەس. «بۇددا دىنىنىڭ شىنجاڭغا جۈملىدىن جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك. شىنجاڭنىڭ ئالاھىزەل ئىككى مىڭ يىللىق يېزىقتا خاتىرىلەنگەن تارىخىدا، بۇددا مەدەنىيىتى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئىگەللەيدۇ. تۇرپان ۋە كۇچار رايونىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇددا مەدەنىيىتى ھەتتا بىر مىڭ بەش يۈز يىلدەك ھۆكۈم سۈرگەن.» دىمەك، 《ئوغۇزنامە》داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسى ئانا ماكانىدا يارىتىلغان بولىشىدىن قەتىنەزەر ئۇنىڭ مىلادى بەشىنچى ئەسىردىن ئىلگىرى ھەتتا مىلادىنىڭ ئالدىدا يارىتىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى ئېپوس- داستانلارنىڭ ئاغزاكى يارىتىلىشىدىن تارتىپ ئۇنىڭ مەزمۇن جەھەتتە تۇراقلىشىپ، شەكىل جەھەتتە مۇقىملىشىشىنىڭ مۇەييەن دەۋرى بولىدۇ. داستاننىڭ يېزىققا ئېلىنىش دەۋرى يەنە باشقا بىر تېما، ئەلۋەتتە.
    « ئوغۇزنامە »داستانىنىڭ بارلىققا كېلىشى قەدىمقى تۈركىي تىللىق خەلقلەر قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ جۈملىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرلار قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق ئىجادىيەتكە قاتناشقانلىقىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقى دەۋرىنى خېلى يىراق تارىخى دەۋرلەرگە سۈرۈش مۈمكىن. لېكىن « ماناس » داستانىنىڭ بىرىنچى قىسمىنىڭ يەنى داستاننىڭ مەركىزى قىسمىنىڭ مۇقىم ھالەتكە كېلىش دەۋرى تەخمىنەن 13 -16  ئەسىرلەر، ئەلۋەتتە داستاننىڭ ئىككىنچى قىسمىدىن سەككىزىنچى قىسمىغىچە بولغان قىسمى تېخىمۇ كېيىنرەك ،يەنى تەخمىنەن 16 ئەسىردىن 18 ئەسىرگىچە شەكىللەنگەن.» دىمەك، « ماناس » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرى« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ شەكىللەنگەن دەۋرىدىن نەچچە ئەسىر كېيىن. شۇڭا كېيىنكى ئەسەر ئالدىنقىسىغا قارىغاندا بىرقەدەر مۇكەممەل ۋە ھەر خىل دىن ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغان. لېكىن ئۇنىڭدا يەنىلا تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئەنەنىۋىي داستانچىلىق ئەنەنىسىنىڭ داۋاملاشقانلىقى ۋە ئاساسىي ئورۇندا تۇرغانلىقى بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ سييۇژېتى ۋە موتىف قۇرۇلمىسىدىن پايدىلىنىپ « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ كەم جايلىرىنى تولدۇرىشىمىزنىڭ ئاساسى بولالايدۇ.
    « ئوغۇزنامە » داستانىدا رىۋايەت – ئەپسانىلاردىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامىنى چۈشەندۈرىدۇ ياكى رىۋايەت–ئەپسانەلەردىن پايدىلىنىپ قەبىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بايان قىلىدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بىر قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئەسەردىن ئىبارەت. بىراق « ماناس » تا بولسا يايلاق مىللەتلىرىنىڭ ئىجتىماىي توقۇنۇشى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى كوللىكتىپ ئاھاڭغا قارىغاندا، يەككە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى تىرىشىشلىرى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرۇدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، « ئوغۇزنامە » داستانى تۈركىي خەلقلەر داستانلىرى ئىچىدە شەكىللىنىش تارىخىنىڭ قەدىمىلىكى بىلەن ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ.
    « ئوغۇزنامە » داستانى « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » بىلەن باشلانغان. بىراق ، داستاننىڭ « باش – ئاخىرىنىڭ كەم» ئىكەنلىكىدەك پاكىت بىزنىڭ بۇ داستاننىڭ موتىف قۇرۇلمىسى ھەققىدە تېخىمۇ تولۇقراق پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىمىزغا دەۋەت قىلىدۇ. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېپوس – داستانلىرى ياكى چۆچەكلىرىنىڭ باشلانمىسى، بىر جۈپ پەرزەنتسىز قېرىنىڭ « غايىپتىن ياكى تەڭرىدىن پەرزەنت تىلەش» ئى ئارقىلىق پەرزەنتكە ئېرىشكەنلىكىدەك موتىف بىلەن باشلىنىدۇ. داستان ۋە چۆچەكلەردە بۇ خىل «غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى» ھەر خىل ۋاريانتتا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل تىلەك تەڭرىنى تەسىرلەندۈرگەن ۋاقىتتا، تىلەك تىلۈگۈچى چۈشىدە ئەۋلىيا بەرگەن ئالمىغا ياكى مەلۇم بىر بىشارەتكە ئېرىشىپ، سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىدۇ. مەسىلەن، « ماناس» داستانىنىڭ بىر نەچچە خىل ۋاريانتلىرىنىڭ ھەممىسىدە چېيېردې ئالمىنى يەپ سىرلىق ھالدا قورساق كۆتىرىپ ماناسنى تۇققانلىقىدەك موتىف بار. ئۇيغۇر خەلق داستانى« غېرىپ – سەنەم »دىمۇ قىز- ئوغۇل باش قەھرىمانلارنىڭ تۇغۇلىشىمۇ ئاپىلىرىنىڭ سېھىرلىك ئالما يىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. يەنى باش قەھرىمانلارنىڭ دادىلىرى چۈشىدە خېزىر تەرەپىدىن سېھىرلىك ئالمىغا ئېرىشىدۇ ۋە ئۇنى ئاياللىرىغا بېرىدۇ....مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قەدىمقى مىللەتلەرنىڭ تەبىەت ئېتىقادچىلىق ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دېتاللار. ئۇنداقتا،« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك موتىف تەركىپلىرى« غايىپتىن پەرزەنت تىلەش موتىفى»، «چۈشىدە بىشارەت بېرىش موتىفى» ۋە «غايىپتىن ھامىلدار بولۇش موتىفى » قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
    « ماناس » داستانىدا ئۇچرايدىغان باشقا موتىفلار، مەسىلەن، «يامان ئاتا موتىفى»، « قېرىنداشلارنىڭ ئاسىلىق موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قېلىش موتىفى »، « قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تۇغۇلۇش موتىفى» شۇنداقلا « قەھرىماننىڭ ئۆلۈم موتىفى » قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدە قايسىلىرى «ئوغۇزنامە» داستانىنىڭ كېيىنكى كەم قىسمىنى تولۇقلىيالايدىغان موتىف تەركىبى بولالىشى مۈمكىن ؟ «ئوغۇزنامە » داستانىدا ئۇچرايدىغان « قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى »، «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ ئۆسمۈرلۈك دەۋرى موتىفى »، « سىناق موتىفى »، « ئۆيلىنىش ۋە پەرزەنتلىك بولۇش موتىفى»، « قەھرىماننىڭ ھەربىي يۈرىشى موتىفى»، « غەلىبە موتىفى » قاتارلىق موتىف تەركىپلىرى بىر – بىرىگە گىرەلىشىپ ئايرىلماس بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن، بايان ئۇسلۇبى يېنىك لېكىن جەڭگىۋار، ئەركىن ئەمما تەرتىپلىك بولۇپ، داستانىنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن تەكشۈرگىنىمىزدە داستان بىر خىل شات – خورام، ئازادە كەيپىياتتا ھىكايىنى بايان قىلىدۇ. مەزمۇن ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا داستاندا قەدىمقى زاماندىكى ئەجداتلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا مەدھىيە ئوقۇش بىلەن بىرگە قەبىلىلەرنىڭ ئاجىزلىقتىن كۈچىيىپ زورىيىش، قۇدرەت تېپىش يەنى قەبىلىلەر ئىتىتپاقى قۇرۇش، ھەرقايسى ئۇرۇق قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئورتاق گۈللىنىشتەك قەدىمقى زامان يايلاق ئوتۇپىيىسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. « ئوغۇزنامە » مەيدانغا كەلگەن دەۋرىنى ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمى ئاخىرلىشىپ ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزىمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى بىلەن باغلاش مۈمكىن. ئوغۇز خاقاننىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە « خان » قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلۇشىمۇ دەل داستان مەيدانغا كەلگەن دەۋرلەرنىڭ دەل ئانىلىق جامائەدىن ئاتىلىق جامائەگە ئۆتۈشتىكى ئىجتىماى باسقۇچنىڭ قالدۇغى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
    داستاننىڭ يېشىمىدىكى ئوغۇزخاقان ئوغۇللىرىنىڭ ئالتۇن قىسمەتلىك ۋە كۈمۈش قىسمەتلىك بولۇپ ئايرىلىشىمۇ دەل سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلانغانلىدىن دېرەكلەيدۇ. كىچىك ئوغۇللارنىڭ چوڭ ئوغۇللارغا بويسۇنىشىنىڭ مۇتلەقلەشتۈرىلىشى دەل ھاكىممۇتلەقلىق جەمىيەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. تۈرك شەجەرىلىرىدە ئۇچرايدىغان خاقان – پادىشاھ تېمسالىدىكى « يا » ۋە ۋەزىر تېمسالىدىكى « ئوق » نىڭ ئوغۇزخان ئوغۇللىرىنىڭ قىسمىتىنى بەلگىلىشى قانداقتۇر خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سيۇژېت بولماستىن، بەلكى سىنىپىي جەمىيەتنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەدىى ئەدەبىياتتىكى ئوبرازلىق ئىنكاسى ئىدى.
    « يا » ۋە « ئوق » تېمسالى « ئوغۇزنامە »داستانىدا بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان « قىسمەت موتىفى » ياكى « تەقدىر موتىفى » بولۇپ پەقەت قەھرىمانلىق دۋرىدە ياشاۋاتقان خەلقلەردە بولۇشقا تېگىشلىك تەقدىر ئېستېتىكىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. داستاننىڭ« شەجەرەى تۈرك »تىكى ۋاريانتىدا ئوغۇزخاقاننىڭ يا ۋە ئوق ئارقىلىق تەقدىر بەلگىلەشنى ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسى دەپ قارىشى بۇ خىل ئېتنىك  فولكلۇرلۇق ئادەتنىڭ ئوغۇزخاقان دەۋرىدىن ئىلگىرىلا تۈركىي خەلقلەردە رەسمىلەشكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كېيىنكى ئۇيغۇر ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىياتىدا ئۇچرايدىغان « يا » ۋە « ئوق » تېمسالى ئەنە شۇ « ئوغۇزنامە » داستانىدىكى «تەقدىر موتىفى» نىڭ ھەر خىل شەكىلدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ، خەلق چۆچەكلىرىدىكى شاھزادە ۋە باتۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرنى يادىن ئېتىلغان ئوقتىن ئىزدىشى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىەت ئېتىقادچىلىقى ۋە ئانىمىزىملىق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئىنساننى مەركەز قىلغان گۇمانىزىملىق دەۋرىنىڭ باشلانغانلىغىنىڭ سىموۋۇلى بولغان « قۇتادغۇبىلىك » تە :
    بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،
    كۆڭۈلنى قىلغۇچە ئوق، بويۇم بولدى يا.
    شەكلىدە ئىپادىلىنىپ، « يا » ۋە « ئوق » تىمسالىنىڭ تەبىەت تەقدىرچىلىكى مەناسىدىن ئىنساننىڭ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزلىنىشىنى مەركەز قىلغان يېڭى تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ باشلانغانلىقى ھەم « يا » ۋە « ئوق » تىمسالىنىڭ ئۇيغۇر بەدىئىي ئەدەبىياتىدا قۇرۇماس ئىلھام مەنبەسى بولۇشىنىڭ تارىخى  ئېتنىك باغلىنىشچانلىقىنى دەلىللەيدۇ. چۈنكى « ئىپتىداى ئوبرازلار شېئىرىيەتتە بارغانسېرى ئۆلچەمسىزلىكتىن مەلۇم ئۆلچەمگە، مۇقىمسىزلىقتىن مۇقىملىققا قاراپ تەرەققى قىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ جەريان دەل كونكېرت ئىپتىداى ئوبرازنىڭ ئادەتتىكى ئۆلچەملەشكەن بەدىى شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئىگە بولغان ئوبرازغا ئايلىنىش ۋە تەرەققى قىلىش جەريانىدىن ئىبارەت شۇنداقلا ئىپتىداى ئوبرازنىڭ بارغانچە ئەسلىدىكى ئۇقۇم مەناسىنى يوقۇتۇپ ئابىستراكىتلەشكەن شەكىلگە ئۆزگىرىش جەريانىدىن ئىبارەت.»
    داستاننىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە نەمۇنە بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بايان قىلغۇچىلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى سوبئېكتىپ ھىسسىياتى سىڭگەنلىكىنى نەزەرگە ئالغان چئېغىمىزدا ھىچقانداق سۈنى دىنلارنىڭ تەسىرى ئارىلاشمىغان پەقەت قەدىمقى تەبىەت ئېتىقادچىلىقى ۋە تۇتىم – ئەجدات ئېتىقادچىلىقى ئاساسىي روھىي- پىسھىك تايانچ بولۇۋاتقان دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن « ئوغۇزنامە »داستانىدا « ماناس »داستانىدا ئۇچرايدىغان « يامان ئاتا موتىفى»، «قئېرىداشلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى »، «باتۇرلارنىڭ ئاسىلىق قىلىش موتىفى» قاتارلىق موتىف تەركىپلىرىنىڭ بولۇشى بىزنى دىگەندەك قايىل قىلالمايدۇ. چۈنكى، « ئوغۇزنامە » داستانى يارىتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئىسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىماى مۇناسىۋەتلەر تئېخى ئۇنچىلىك ئۆتكۈرلىشىپ كەتمىگەن بولۇپ، تەبىەت بىلەن ئادەم شۇنداقلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەقەت ئىنسانلارنىڭ بالىلىق دەۋرىگە خاس ساددا ماسلىق مۇناسىۋىتىنى داستاننىڭ ئۆزىدىنمۇ كۆرىۋئېلىشقا بولىدۇ.
    «قەھرىماننىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىش موتىفى» ، « ماناس » شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئېغىز ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىدە ئۇچرايدىغان موتىف تەركىۋىدىن ئىبارەت. بۇ خىل موتىف تەركىبىنىڭ تئېكىست قۇرۇلمىسىدا ئۇچرايدىغان ئورنى ئاساسەن سيۇژئېتنىڭ راۋاج نۇقتىسىدا تۇرىدىغان بولۇپ، قەھرىمان قىرانىغا يەتكەن، مەلۇم تۆھپىلەرنى ياراتقان ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ ھەسەت قىلىشى بىلەن قەستكە ئۇچرىغان بولىدۇ. لئېكىن« ئوغۇزنامە » داستانىدا «قەھرىماننىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تۇغۇلۇش موتىفى » دىن باشلانغان شادىيەنە ئاھاڭغا داستاننىڭ راۋاج قىسمىدىكى «غەلىبە موتىفى» بىلەن بىرىكىپ كەتكەن زەپەر مارشىنىڭ داستاننىڭ بايان ئىستىلىنى ھىچقانداق تەسىرگە ئۇچراتماي داۋاملاشقانلىقى بۇ خىل موتىفنىڭ ھەم « ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ ئەسلى موتىف قۇرۇلمىسى بولۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ.
« شەجەرەى تۈرك » تە ئوغۇزنىڭ دادىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. گەرچە بۇ ۋاريانتقا زور دەرىجىدە ئىسلام دىنى ئامىللىرى سىڭگەن بولسىمۇ، لئېكىن ئۇ « يامان ئاتا » موتىفىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر يئېزىقىدىكى « ئوغۇزنامە » داستانىدا بۇ خىل موتىفنىڭ بولۇش–بولماسلىقىنى، داستاننىڭ باشقا تولۇق نۇسھىلىرى ئاساسىدا سئېلۇشتۇرما تەتقىقات ئۇسۇلى ئارقىلىق يەنىمۇ بىر قەدەم ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كئېلىدۇ. قارىغاندا« ئوغۇزنامە » داستانىنىڭ يئېشىمىنى داستاننىڭ شات – خورام ھەم يەڭگىل يئېزىلغان ئۇسلۇبىدىن بەكمۇ يىراقلىشىپ كەتمىگەن ھەم شۇنداقلا قەدىمقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئېستئېتىك ئېڭى قوبۇل قىلالايدىغان ھالدا تۈگەللىيەلەيدىغان بىردىن بىر موتىف قۇرۇلمىسى پەقەت «قەھرىماننىڭ ئۆلىمى موتىفى» بولۇشى كئېرەكتەك تۇرىدۇ.......

   

پايدىلانغان ماتىياللار:
    1. گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايوپ « قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ قەھرىمانلىق داستانى ئوغۇزنامە » بئېئىجىڭ ، مىللەتلەر نەشرىياتى ،1980 – يىل 11 – ئاي بىرىنچى نەشرى .(ئۇيغۇرچە)
    2. تۈزگۈچى گېڭ شىمىن، رەتلىگۈچى مەھەممەترئېھىم سايىت، « قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇقى» بئېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2006- يىل 6 - ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)
    3. ئوبۇلغازى باھادىرخان « شەجەرەى تۈرك »،جوڭخۇا كىتاپ نەشرىياتى ، بېيجىڭ ،2006 – يىل 8- ئاي 2- نەشرى ،(خەنزۇچە )
    4.يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك »،بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1984 – يىل 5- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)
    5.رادلوف« بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىكى » سانتپئېتئېرسبۇرگ ،1891- يىل نەشرى.1- قىسمى.(نېمىسچە)
    6.رەشىت رەخمەتى ئارات « ماقالىلار »،تۈرك كۈلتۈر تەتقىقاتى ئىنىستوتى نەشرگە تەييارلىغان، ئەنقەرە1987 – يىل. (تۈركچە)
    7. پاۇل پېللىوت « ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ئوغۇزخان داستانى توغرىسىدا » ۋەدات كۆكان تەرجىمىسى، ئاتا تۈرك كۈلتۈر ، تىل ۋە تارىخ ئالىي جەمىيىتى تۈرك تىلى ئۇيۇشمىسى نەشرىياتى 1995 – يىلى ئەنقەرە نەشرى.(تۈركچە).
    8. مەھمەت ئۆلمەز نەشرگە تەييارلىغان « چاغداش تۈرك ئەدەبىياتىغا تەنقىدى بىر نەزەر » ، ئەنقەرە 1997 – يىل سۇمرۇغ نەشرىياتى.(تۈركچە)
    9.ئابدۇشۈكۈر تۇردى قاتارلىقلار تۈزگەن« ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، بئېئىجىڭ، 2006 – يىل 4- ئاي بىرىنچى نەشرى.(ئۇيغۇرچە)
    10.مەھەممەترئېھىم سايىت « تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقىغا كىرىش » بئېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2004 – يىل 7- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)
    11. لاڭ يىڭ « ماناس تەتقىقاتى »،ئىچكى موڭغۇل ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1999 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)
    12.گېڭ شىمىن« شىنجاڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى »، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىل 8 – ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)
    13. سىدى تامسۇن :« دۇنيا چۆچەكلىرىنىڭ تىپولوگىيەسى»، شاڭخەي ئەدەبىيات – سەنئەت نەشرىياتى، 1991- يىل نەشرى.
    14. غەيرەتجان ئوسمان« ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1999 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى. (خەنزۇچە)
    15. دىلمۇرات ئۆمەر « ئالتاي تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ شامان دىنى ئېتىقادى تەتقىقاتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995- يىلى نەشرى. (خەنزۇچە)
16. بىي شۈن« قازاق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى»، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى 2006 – يىل 6 – ئاي بىرىنچى نەشرى. (خەنزۇچە)
    17.ئىلى جىڭشىن « شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2003 – يىل 10- ئاي بىرىنچى نەشرى.(خەنزۇچە)
    18.« دەدە قۇرقۇت چۆچەكلىرى»، توختى تىللا تەرجىمىسى ، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى 2001- يىل 3- ئاي بىرىنچى نەشرى.
    19.ئابدۇكېرىم راخمان « ئوغۇزخان ۋە ‹ئوغۇزنامە › ئېپوپىيىسى ھەققىدە يېڭى مۇلاھىزىلەر »، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1981 – يىلى ئۈچىنچى سان.
    20.غەيرەتجان ئوسمان« ‹ئوغۇزنامە›نىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1986 –يىل 2- سان.
    21.ئىلى شۇخۇي « قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‹ئوغۇزنامە› داستانىدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇلاھىزە »، « شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى » ژۇرنىلى 2004 – يىل بىرىنچى سان.(خەنزۇچە)
    22.جاۋ پېيلىن « ئوبراز ، دىنىي ئاڭ مەزمۇنىنىڭ بەدىئىي شەكىلگە مۇجەسسەملىنىشى » ، « تيەنجىن ئىجتىمائىي پەنلىرى » ژۇرنىلى 1985 – يىلى 5- سان .(خەنزۇچە)
    23.مېھراي مەمتىلى« تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئېپوسلىرىدىكى قەھرىماننىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇش موتىفى ھەققىدە تەھلىل »، « مىراس»ژۇرنىلى 1996 – يىل 3 – سان.
    24. ئۇيغۇر سايرانى، ھەبىبۇللا خوجا « ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق(نارودنوست) بولۇپ شەكىللىنىشى توغرىسىدا »، « شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى »، 1988 – يىلى 1 – سان.
    25.« غەربىي رايون يەر ناملىرى »، جۇڭخۇا كىتاب نەشرىياتى، بېيجىڭ، 1980 – يىلى.

0

تېما

0

دوست

695

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2412
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 15:33:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
وغۇزناما داستانى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 15:36:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇتىف قۇرۇلمىسى دىگەن ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار (مۇتىف   نىڭ مەنىسى نىمە؟)

2

تېما

4

دوست

7443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3054
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1131
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 15:44:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ‹مۇتىف› مەن ھازىرغىچە ئۇچراتمىغان بىر سۆز بولغاچ ئالدىراپلا سوراپ قاپتىمەن، مۇنبەردىكىلەردىن كەچۇرۇم سورايمەن.

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 16:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ohuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-18 14:23  
parangqi يوللىغان ۋاقتى  2014-9-18 13:44
‹مۇتىف› مەن ھازىرغىچە ئۇچراتمىغان بىر سۆز بولغاچ ئال ...


ئەسسالام ئەلەيكۇم،قېرىندىشىم parangqiئەفەندى تېمىنى بىرەر قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقسىڭىزلا موتىف ئۇقۇمى سىزگە ئايدىڭ بولغۇسى.ئەگەر ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن  خەنزۇچە ماتىريال كۆرمەكچى بولساڭىز تورغا aaotدەپ كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ.مەن باغداش تورىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلماسلىقىم مۇمكىن.پەقەت ياخشى ماقالىلەر ئۇچرىسىلا باغداش تورىغا يوللاپ تۇرىمەن.ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلىدىغان يەر-10 سېنت تورى كوت-كوت بوشلۇقQQ空间)ىدادۇر،چۈنكى ئۇ يەردە ئۆزۈم بەگ ھەم ئۆزۈم خان ھالەتتە قانۇن -تۈزۈمگە ئۇيغۇن ھالەتتە ئۇيغۇر لاتىن يېزىق(ULY)ۋە خەنزۇ تىلى.........دا ئەسەر ئېلان قىلىمەن!.ئالاقە كوت-كوت نومۇرۇم مۇنۇ:
.QQ:1034901351

aaot=oghuztigin=和平之子

43

تېما

7

دوست

8398

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1498
تۆھپە : 1545
توردىكى ۋاقتى: 284
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 16:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىي ماتېرىيال مەنبەسى : تارىم 2007-يىل 11-سان

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 17:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ohuztigin:
ئۇزاق بولدى ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرمىدۇق،تىمىلىرىڭىزنى قايسى مۇنبەرگە يوللاۋاتىسىز؟
aaot=oghuztigin和平之子
مۇشۇ نىمە مەنىدە؟دېمەكچى تەرجىمىسى ئەمەستۇ؟
مەن تىلشۇناسلىق،تەرجىمەشۇناسلىققار دائىر چەتئەللىك داڭلىق ئاپتۇرلارىنڭ كىتابىنى كۆرۈپ باقاي دېگەن ،بولسا ياخشىراق بىلىم ،ئۇچۇر بېرىدىغان
كىتاپ تەۋسىيە قىلسڭىز؟

15

تېما

1

دوست

4552

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   85.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 334
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 17:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى تىل دېگەن نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟
تەرجىمە توغرۇسىدا ئىسلى پارڭلىرىڭىز بولسا ئاڭلاپ باقساق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )