قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1404|ئىنكاس: 11

ئوغۇزنامە ئېپوسى - [ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە قوش تىللىق نۇسخىسى]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

aaot=oghuztigin=和平之子

37

تېما

5

دوست

7770

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1486
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 14:49:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ohuztigin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-29 10:28  

ئوغۇزنامە ئېپوسى - [ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە]

( گېڭ شىمىڭ، تۇرسۇن ئايۇپ نەشرگە تەييارلىغان. 14-ئەسىردە قوچۇدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى)


.... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق بۇ قۇرنىڭ كەينىگە بىر بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن) شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى.
بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز-چىرايى كۆك ئىدى، ئېغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر-پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى. بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى. خام گۆش، ئاش، مەي سورىدى، تىلى چىقىشقا باشلىدى. قىرىق كۈندىن كېيىن ، چوڭ بولدى، ماڭدى، ئوينىدى.
ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. ئۇ يىلقىلارغا قارايتتى، ئاتلارنى مىنەتتى، ئوۋ ئوۋلايتتى.
كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇ يىگىت بولدى، بۇ چاغدا بۇ يەردە بىر چوڭ ئورمان بار ئىدى، ئۇنىڭدا كۆپ تاغ-ئېقىن بار ئىدى. بۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار كۆپ بولۇپ، قۇشلار ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. بۇ ئورمان ئىچىدە بىر چوڭ قىئات بار ئىدى، ئۇ مال-چارۋا ۋە خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىنتايىن ۋەھشىي بىر ھايۋان ئىدى، ئۇ ئەل-جامائەتكە زور جەۋرى-جاپا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئوغۇز خاقان بىر باتۇر ئادەم ئىدى، ئۇ بۇ قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوۋغا چىقتى، نەيزە ئېلىپ، ئوق-يا ئېلىپ، يەنە قىلىچ ئېلىپ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى. بىر بۇغا ئوۋلىدى، ئۇ بۇ بۇغىنى تالنىڭ چىۋىقى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى، قىئات بۇغىنى ئېلىپ كېتىپتۇ. ئۇ يەنە بىر ئېيىق ئوۋلاپ، ئۇنى ئالتۇن بەلۋېغى بىلەن دەرەخكە باغلاپ قويۇپ كەتتى. ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا كەلگىنىدە كۆردىكى، قىئات ئېيىقنى ئېلىپ كېتىپتۇ.ئۇ ھېلىقى دەرەخنىڭ تۈۋىدە تۇرغىنىدا ، قىئات كېلىپ بېشىنى ئوغۇزنىڭ قالقىنىغا ئۇردى. ئوغۇز نەيزىسىنى قىئاتنىڭ بېشىغا ئۇردى، ئۇنى ئۆلتۈردى، قىلىچ بىلەن بېشىنى كەستى، ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئۇ يەنە كەلگىنىدە كۆردىكى، بىر شۇڭقار قىئاتنىڭ ئىچ-باغرىنى يەپ تۇرغان، ئۇ شۇڭقارنى ئوق-يا بىلەن ئۆلتۈردى، ئۇنىڭ بېشىنى كەستى. ئاندىن ئېيتتى: " قاراڭ، مانا بۇ شۇڭقارنىڭ تۇرقى ( بۇ يەرگە بىر شۇڭقارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن) قىئات بۇغا يېدى، ئېيىقنى يېدى، ئۇ گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى، " سۆزلەپ بولۇپ كېتىپ قالدى. مانا بۇ قىئاتنىڭ تۇرقى( بۇ يەرگەكەركىدانغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاق مۆڭگۈزلۈك ھايۋاننىڭ رەسىمى سىزىلغان ئىكەن).
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغۇز خاقان بىر يەردە تەڭرىگە سېغىنىۋاتقاندا، ئەتراپ قاراڭغۇلىشىپ، ئاسماندىن بىر كۆك يورۇق چۈشتى، ئۇ كۈندىنمۇ نۇرلۇقراق، ئايدىنمۇ يورۇقراق ئىدى، ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ قارىسا، بۇ يورۇقنىڭ ئىچىدە بىر قىز تەنھا ئولتۇرغان. ئۇ ساھىبجامال بىر قىز ئىدى، ئۇنىڭ پېشانىسىدە چوغدەك پارقىراق مېڭى بولۇپ، خۇددى تۆمۈر قوزۇققا (1)ئوخشايتتى، ئۇ قىز شۇنداق گۈزەل ئىدىكى، ئۇ كۈلسە تەڭرىمۇ كۈلەر ئىدى، ئۇ يىغلىسا تەڭرىمۇ يىغلار ئىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك بېسىپ، ھوشىدىن كەتتى، ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ، ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى، تۇنجىسىغا كۈن دەپ، ئوتتۇرانچىسىغا ئاي دەپ، كەنجىسىگە يۇلتۇز دەپ ئات قويدى.
بىر كۈنى ئوغۇز خاقان ئوۋغا چىقتى، ئالدىدىكى كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ دەرەخنى كۆردى. بۇ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا بىر قىز تەنھا ئولتۇراتتى، ئۇ ئىنتايىن ساھىبجامال ئىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئاسماندىنمۇ كۆكرەك، چېچى سۇ ئېقىمىدەك، چىشى ئۈنچىدەك ئىدى. ئۇ شۇنداق ساھىبجامال قىز ئىدىكى، يەر-جاھاندىكى كىشىلەر ئۇنى كۆرسە " ئاھ،ئاھ! جاننى ئالىدىكەن " دەر ئىدى. سۈتمۇ قىمىزغا ئايلىناتتى.ئوغۇز خاقان ئۇنى كۆرگىنىدە ھوشىدىن كەتتى، يۈرىكىگە ئوت چۈشتى، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى، ئۇنى ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياتتى، تىلىكىگە يەتتى. ئۇ قىز ئىككى قات بولدى، كۈنلەر ئۆتۈپ، تۈنلەر ئۆتۈپ ئۇنىڭ كۆزى يورۇدى، ئۈچ ئوغۇل تۇغدى، تۇنجىسىغا كۆك، ئوتتۇرانچىسىغا تاغ، كەنجىسىگە دېڭىز دەپ ئات قويدى.
شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ توي بەردى، ئەل-جامائەتنى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار كېلىپ قاتناشتى. قىرىق شىرە، قىرىق بەندۇڭ ياساتتى. كۆپچىلىك تۈرلۈك نازۇ-نېمەتنى يېيىشتى، تۈرلۈك مەي-شاراپنى ئىچىشتى. تويدىن كېيىن، ئوغۇز خاقان بەگلەرگە ۋە ئەل-جامائەتكە يارلىق چۈشۈرۈپ مۇنداق دېدى:" مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان، ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان. تامغابىزگە بولسۇن بۇيان (2)، كۆك بۆرە بولسۇن ھەم ئۇران(3)؛تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان، ئوۋلىقتا يۈرۈشسۇن مال-ۋاران؛ ھەم ئاقسۇن دەريا ۋە ئېقىن، قۇياش تۇغ بولسۇن، ئاسمان قورغان."
      ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان تەرەپ-تەرەپكە يارلىق چىقاردى. مەكتۇپ يېزىپ ئەلچىلەردىن ئەۋەتتى. بۇ مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن" مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ". بۇ چاغدا ، ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دېگەن بىر خاقان بار ئىدى، بۇ ئالتۇن خاقان ئوغۇز خاقانغا ئەلچى ئەۋەتىپ، نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش، نۇرغۇن ياقۇت، ئۈنچە-مەرۋايىتنى سوۋغا قىلىپ، ئوغۇز خاقانغا بېقىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان ئۇنىڭ ياخشى بەگلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئالتۇن خاقان بىلەن دوست بولدى.

ئىزاھلار: (1)تۆمۈر قوزۇق __ شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى
(2) ئۇران __ جەڭگىۋار شوئار
(3) بۇيان__ بەخت، قۇت
     سول تەرەپتە ئۈرۈم(1) دېگەن بىر خاقان بار ئىدى، بۇ خاقاننىڭ لەشكەرلىرى ۋە شەھەرلىرى نۇرغۇن ئىدى. بۇ ئۈرۈم خاقان ئوغۇز خاقاننىڭ يارلىقىنى قوبۇل قىلمىدى، ئۇنى ھۆرمەتلەپ ئالدىغا بارمىدى،" بۇ سۆزلەرگە پىسەنت قىلمايمەن" دەپ يارلىققا بوي سۇنمىدى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقاننىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا تەييارلاندى. تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئاتلاندى. قىرىق كۈندىن كېيىن ، مۇز تاغ دېگەن تاغنىڭ باغرىغا يېتىپ باردى. چېدىر تىكىپ، شۈك بولۇپ ئۇخلاشتى. تاڭ سۈزۈلگەندە ئوغۇز خاقاننىڭ چېدىرىغا كۈندەك بىر يورۇق چۈشتى. ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە چىقتى. بۇ بۆرە ئوغۇز خاقانغا مۇنداق دېدى:" ھەي ئوغۇز، سەن ئۇرۇمغا ئەسكەر چىقارساڭ، مەن ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭىمەن."شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چېدىرلىرىنى يىغىپ ئاتلاندى. قارىسا، لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرە يول باشلاپ مېڭىۋاتقان، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆرىنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئىلگىرىلىدى.
     بىرنەچچە كۈندىن كېيىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق بۇ چوڭ ئەركەك بۆرە يولدىن توختىدى، ئوغۇزمۇ لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە توختىدى. بۇ يەردە ئېتىل(2) دېگەن بىر دەريا بار ئىدى. ئېتىل دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى قارا تاغ باغرىدا قاتتىق ئۇرۇش بولدى، ئىككى قوشۇن ئارىسىدا ناھايىتى كۆپ جىددىي ئۇرۇش بولدى، ئۇرۇش ئەل-جامائەتنىڭ كۆڭلىگە كۆپ قايغۇ سالدى. ئۇرۇش شۇنداق قاتتىق بولدىكى، ئېتىل دەرياسىنىڭ سۈيى قىپقىزىل سىرغا ئايلاندى.ئوغۇز خاقان يەڭدى، ئۈرۈم خاقان قاچتى، ئوغۇز خاقان ئۈرۈم خاقاننىڭ خاقانلىقىنى ئالدى، ئەل-جامائەتنى ئۆزىگە قاراتتى، نۇرغۇنلىغان جانسىز ۋە جانلىق غەنىيمەتلەر ئوغۇز خاقاننىڭ ئوردىسىغا كىردى.
      ئۈرۈم خاقاننىڭ بىر قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇرۇس(3) بەگ ئىدى، ئۇرۇس بەگ ئوغلىنى تاغ بېشىغا جايلاشقان، ئەتراپى چوڭقۇر خەندەك بىلەن ئورالغان شەھەرنى قوغداشقا ئەۋەتتى، ھەمدە ئوغلىغا:" شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ، شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك" دېدى. ئوغۇز خاقان ئاشۇ شەھەرگە ئاتلاندى. ئۇرۇس بەگنىڭ ئوغلى ئوغۇز خاقانغا نۇرغۇن ئالتۇن -كۈمۈش ئەكەلدى، ھەمدە:" ئېخ، سەن مېنىڭ خاقانىمسەن! ئاتام بۇ شەھەرنى ماڭا بەرگەن ھەمدە شەھەرنى قوغدىشىڭ كېرەك، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىنمۇ شەھەرنى قوغداپ قېلىشىڭ كېرەك، دېگەن. ئەگەر ئاتام خاپا بولۇپ قالسا، مېنىڭ ھالىم نە بولۇر؟ مەن سېنىڭ يارلىقىڭنى ئىجرا قىلىشقا تەييارمەن، بىزنىڭ بەختىمىز ، سېنىڭ بەختىڭ؛ بىزنىڭ ئۇرۇغىمىز، سېنىڭ دەرىخىڭنىڭ ئۇرۇغىدىن؛ تەڭرى ساڭا پۈتۈن زېمىننى ئاتا قىلماقتا. مېنىڭ جىسمىم ۋە بەختىم ساڭا مەنسۇپ، مەن ساڭا تارتۇق تارتىپ تۇرۇپ، دوستلۇقتىن چىقمايمەن" دېدى. ئوغۇز خاقانغا يىگىتنىڭ سۆزى ياقتى، شادلىنىپ كۈلدى، ھەمدە:" ماڭا كۆپ ئالتۇن تەقدىم قىلىپسەن، شەھەرنى ياخشى ساقلاپسەن" دېدى. شۇڭا ئۇنىڭغا " ساقلاپ"(4)دەپ ئات قويدى، ئۇنىڭغا دوستلۇق قىلدى.
شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان لەشكەرلىرى بىلەن بىللە ئېتىل دەرياسىغا كەلدى. ئېتىل دەرياسى چوڭ بىر دەريا ئىدى، ئوغۇز خاقان بۇنى كۆرۈپ ئېيتتىكى:" ئىتىلنىڭ سۈيىدىن قانداق ئۆتەرمىز؟" لەشكەرلەر ئىچىدە ئۇلۇس ئوردا بەگ دېگەن بىر ياخشى بەگ بار ئىدى، ئۇ قابىلىيەتلىك ۋە ئەقىللىق ئادەم ئىدى. ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال-ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى، بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ.... ئاشۇ ياغاچلار.... كەستى. ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئېتىل دەرياسىدىن ئۆتتى. ئوغۇز خاقان شادلىنىپ كۈلدى، ئېيتتىكى:" ھەي، سەن بۇ يەرگە بولغىن بەگ، قىپچاق(5) ساڭا ئات بولسۇن. "
ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى. شۇندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان يەنە ھېلىقى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرىنى كۆردى. بۇ كۆك بۆرە ئوغۇز خاقانغا ئېيتتىكى:" ئوغۇز، ئەمدى لەشكەرلىرىڭنى باشلاپ بۇ يەردىن قوزغال، سەن ئەل-جامائەت ۋە بەگلەرنى باشلاپ ماڭ، مەن ساڭا يول باشلاپ ماڭىمەن." تاڭ ئاتقاندا ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شادلاندى ھەمدە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ماڭدى.

     ئوغۇز خاقان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى. بۇ يەردە ئېگىز بىر تاغ بار ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىدە توڭ-مۇزلار بار ئىدى، ئۇنىڭ چوققىسىدا ئاپئاق قارلار بار ئىدى. شۇڭا بۇ تاغ مۇز تاغ دەپ ئاتىلاتتى. ئوغۇز خاقاننىڭ ئېتى مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوغۇز خاقان ئۇزۇنغىچە ئازاب چەكتى. لەشكەر ئىچىدە بەستلىك ۋە تەمبەل بىر ئەر بار ئىدى، ئۇ ھېچنېمىدىن قورقماس باتۇر ئادەم ئىدى، جەڭلەرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم ئىدى. بۇ ئادەم ئاتنى ئىزدىگىلى تاققا كىردى، توققۇز كۈندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقانغا ئايغىرنى ھازىر قىلدى. مۇز تاغ ئىنتايىن سوغ بولغاچقا، بۇ بەگنىڭ پۈتۈن ئەت-جانىنى قار-مۇز قاپلىغان ئىدى. ئوغۇز خاقان خۇرسەن بولۇپ كۈلدى، ئېيتتىكى:" ھەي، سەن بەگلەرگە بولغىن باشلىق، مەڭگۈلۈك ئىسمىڭ بولسۇن قارلۇق(6)" . ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دۇنيا تەقدىم قىلدى.

     يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. ئۇ يولدا ئېگىز بىر ئۆينى كۆردى، بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۈڭلۈكى كۈمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى. ئىشىكى قۇلۇپلانغان بولۇپ، ئاچقۇچى يوق ئىدى. لەشكەر ئىچىدە بىر چېۋەر ئۇستام بار ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى تۆمۈردۇ قاغۇل ئىدى، ئوغۇز ئۇنىڭغا:" سەن بۇ يەردە قال، ئىشىكنى ئاچ، ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئوردىغا قايتىپ بار" دەپ يارلىق چۈشۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا " قالاچ(7)" دەپ ئات قويدى.

     يەنە داۋاملىق ئىلگىرىلىدى. بىر كۈنى كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە يەنە يولدىن توختىدى. ئوغۇز خاقانمۇ يولدىن توختاپ، چېدىرلىرىنى تىكتى. بۇ تېرىلمىغان تۈزلەڭلىك بىر يەر بولۇپ، جۇرچىت(8) دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭ ئەل-جامائىتى كۆپ، يەرلىرى كەڭ ئىدى، بۇ يەردە يىلقىلار، پادا-كالىلار، ئالتۇن-كۈمۈش، ئۈنچە-مەرۋايىتلار كۆپ ئىدى. جۇرچىت خاقان ۋە ئەل-جامائىتى ئوغۇز خاقانغا قارشىلىق بىلدۈردى. ئۇرۇش باشلاندى، ئىككى تەرەپ ئوق چىقىرىپ، قىلىچ ئۇرۇشۇپ جەڭ قىلدى. ئوغۇز خاقان جۇرچىت خاقاننى يەڭدى، ئۇنىڭ بېشىنى ئېلىپ ئۆلتۈردى، جۇرچىتنىڭ ئەل-جامائىتىنى ئۆز ئاغزىغا قاراتتى. ئۇرۇشتىن كېيىن ، ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكەرلىرىگە، نۆكەرلىرىگە ۋە خەلقىگە شۇنداق كۆپ غەنىيمەتلەر چۈشتىكى، ئۇنى توشۇشقا شۇنچىلا ئات، قېچىر، كالىلار ئازلىق قىلدى. ئوغۇز خاقاننىڭ لەشكىرى ئىچىدە بىر چېۋەر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىللىگ ئىدى. بۇ چېۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارۋا ياسىدى. ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىيمەتلەرنى قاچىلىدى، ھارۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىيمەتلەرنى قوشتى، ئۇلارغا ھارۋىنى تارتقۇزدى. نۆكەرلەر ، ئەل-جامائەت بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولدى، ئۇلارمۇ ھارۋا ياسىدى. ئېگىز ھارۋا ماڭغاندا " قانغا، قانغا" دېگەن ئاۋاز چىقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنىڭغا " قانغا" دەپ ئات قويدى. ئوغۇز خاقان قانغالارنى كۆرۈپ كۈلدى، ئېيتتىكى:" قانغا بىلەن جانسىز غەنىيمەتنى جانلىق غەنىيمەت سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئېگىز ھارۋىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن، قانغۇلۇق(9) ساڭا ئات بولسۇن" سۆزىنى تۈگىتىپ يۈرۈپ كەتتى.

      ئاندىن كېيىن ، ئوغۇز خاقان يەنە كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق ئەركەك بۆرە بىلەن بىللە سىندۇ(10)، تاڭغۇت(11)، شاغام(12) تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى، كۆپ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلاردىن كېيىن ، ئۇ جايلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرنى ئۆز دۆلەت تېررىتورىيىسىگە قوشتى. ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، جەنۇب تەرەپتە بارقان(13) دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى بىلىش كېرەك، ئۇ يەر ناھايىتى مۇنبەت ۋە ئىسسىق يەر ئىكەن. ئۇ يەردە ھايۋانلار ۋە قۇشلار كۆپ ئىكەن، ئالتۇن-كۈمۈش، بايلىق كۆپ ئىكەن. ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ چىرايى قاپقارا ئىكەن، خاقانىنىڭ ئىسمى ماسار(14) خاقان ئىكەن. ئوغۇز خاقان شۇ يەرگە ئاتلاندى، ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇش بولدى. ئوغۇز خاقان يەڭدى، ماسار خاقان قاچتى. ئوغۇز خاقان بۇ يەرنى ئىشغال قىلدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ دوستلىرى خۇرسەن بولدى، دۈشمەنلىرى زار قاقشىدى. ئوغۇز خاقان ئۇنى يەڭگەندىن كېيىن ، پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىققا ۋە مال-چارۋىغا ئىگە بولدى ھەمدە ئۇلارنى ئۆز ئېلىگە توشۇپ كەتتى.
ئىزاھلار:
(1) ئۈرۈم__ __ بۇ يەردە شەرقىي رىمنى كۆرسىتىدۇ.
(2)ئېتىل____ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ۋولگا دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ.
(3) ئۇرۇس____ ئورۇس، قەدىمكى رۇسلارنى كۆرسىتىدۇ.
(4) ساقلاپ __ بۇ سۆز ئەرەبچە ساقالىبا[ سلاۋيان] نىڭ كۆپلۈك شەكلى، سلاۋيانلارنى كۆرسىتىدۇ
(5) قىپچاق__ تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر قەبىلە، مىلادى 9-ئەسىردىلا بۇ نام ئىسلام تارىخلىرىدا كۆرۈلىدۇ، موڭغۇل دەۋرىدە بۇلار ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان ئاساسلىق كۈچ ئىدى، شۇنداقلا ھازىرقى قازاقلارنىڭئەجدادى، قازاقىستان " دەشتى قىپچاق" دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
(6) قارلۇق__ تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر تۈرك قەبىلىسى، مىلادى 774-يىلى بۇ قەبىلە قەدىمكى ئۇيغۇر، باسمىللار بىلەن بىرلىشىپ شەرقى تۈرك خانلىقىنى يوقاتقان، بۇلار ئەسلىدە ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇب رايونىدا ياشىغان. 8-ئەسىردە يەتتە سۇ ۋادىسىنى ئىگىلىگەن، كېيىن تېخىمۇ جەنۇبقا سىلجىپ، قەشقەر ئەتراپلىرىنىمۇ ئىگىلىگەن.
(7) قالاچ__ ھازىرقى ئىراننىڭ غەربى شىمال قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى.
(8) جۇرچىت__ جۇرجىتلار ، جىن سۇلالىسىنى قۇرغان
(9) قانغالۇق__ قەدىمكى تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى، قازاقلار ئىچىدە ھازىرمۇبىر قەبىلىنىڭ نامى مۇشۇنداق ئاتىلىدۇ، خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 高车
قاڭلى ، بۇ نامنىڭ مەنەن تەرجىمىسىدۇر.
(10) سىندۇ __ ھىندىستاننى كۆرسىتىدۇ
(11) تاڭغۇت __ غەربى شىيانى كۆرسىتىدۇ؛ مەھمۇد قەشقەرى " بۇ يېقىن چىنغا ئولتۇراقلاشقان تۈرك قەبىلىسى" دېگەن؛ بەزى تۈركى مەنبەلەردە بۇ نام زاڭزۇلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
(12) شاغام__ شام، سۈرىيەنى كۆرسىتىدۇ.
(13) بارقان__ بۇ ئېنىق ئەمەس، قارا خىتاينى كۆرسىتىدۇ دېگۈچىلەرمۇ بار.
(14) ماسار__پىللىئوت بۇ سۆزنى مىسىرنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن دەلىل-ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس.
      ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك، كىشىلەرگە بىلدۈرۈش كېرەك. ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، بوز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۈمۈش ئوق كۆردى، بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۈمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇيقۇدىن كېيىن ، ئۇ چۈشىگە كەچكەنلەرنى ئوغۇز خاقانغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى:" ھەي خاقانىم، ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر يار بولسۇن؛ھەي خاقانىم، سېنىڭ ئەل-نىزامىڭغا ئادالەت يار بولسۇن؛ كۆك تەڭرى چۈشۈمدە بەردى ماڭا ئىشارەت، ئىشغال قىلغان يەرلىرىنى ئۇرۇغىغا بۆلۈپ بەرسۇن دەپ. "ئوغۇز خاقان ئۇلۇغ تۈركنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇرسەن بولدى ھەمدە:" ئېيتقىنىڭ كەلسۇن " دېدى.
     ئىككىنچى كۈنى تاڭ ئاتقاندا، بالىلىرىنى چاقىرىپ كەلتۈرۈپ ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، ئوۋنى كۆڭلۈم تارتىپ تۇرىدۇ. ياشىنىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ئوۋغا چىقىشقا چامىم يەتمەيدۇ. كۈن، ئاي، يۇلتۇز، ئۈچىڭلار تاڭ ئاتار تەرەپكە بېرىڭلار. ئاسمان، تاغ، دېڭىز ئۈچىڭلار تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە بېرىڭلار." بۇنىڭ بىلەن ئۈچەيلەن تاڭ ئاتار تەرەپكە، قالغان ئۈچى تۈن قاراڭغۇسى تەرەپكە كەتتى. كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى:" ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار."
يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان ، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار" .
      شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان چوڭ قۇرۇلتاي چاقىردى. نۆكەرلىرىنى، ئەل-جامائەتنى چاقىرتتى، ئۇلار كېلىپ بامەسلىھەت ئولتۇرۇشتى. ئوغۇز خاقان چوڭ چېدىردا......،.... ئوڭ تەرىپىگە، قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر ئالتۇن توخۇنى ئاستى، ئۇنىڭ تۈۋىگە بىر ئاق قوينى باغلىدى. سول تەرىپىگە قىرىق غۇلاچلىق ئۇزۇن بىر ياغاچنى قاداتتۇردى، ئۇنىڭ ئۇچىغا بىر كۈمۈش توخۇنى ئاستى، تۈۋىگە بىر قارا قوينى باغلىدى. ئوڭ تەرەپتە بۇزۇقلار(1) ئولتۇردى، سول تەرەپتە ئۈچ ئوقلار(2) ئولتۇردى. قىرىق كېچە-كۈندۈز توي بولدى.
ئىچىشتى، يېيىشتى، خۇرسەن بولۇشتى. شۇندىن كېيىن ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى، ئېيتتىكى:" ھەي ئوغۇللىرىم، مەن كۆپ ياشىدىم، كۆپ ئۇرۇشلارنى باشتىن كەچۈردۈم. يا بىلەن كۆپ ئوق ئاتتىم، ئايغىر بىلەن كۆپ يوللارنى كەزدىم. دۈشمەنلەرنى زار يىغلىتىپ، دوستلارنى شاد ئەيلەتتىم، تەڭرى ئالدىدا مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ئەمدى يۇرتنى سىلەرگە بۆلۈپ بېرىمەن. ...................................................................
乌古斯汗传(ئوغۇزنامە)
们都说,
“愿他就是这样。”
这就是他的样子。
从此以后他们生活得很愉快.
一天,阿依汗眼放异彩,
生下一个男孩。
这男孩的脸是青的,
嘴是火红的,
眼睛是鲜红的,
头发和眉毛是黑的,
他长得比天神还漂亮。
这孩子只吮吸了母亲的初乳,
就不要再吃奶了。
他要吃生肉、饭和喝麦酒,
并开始会说话了。
四十天后,他长大丁,
走路了,玩耍了。
他的腿象公牛的腿,
腰象狼的腰,
肩象黑豹的肩,
胸象熊的胸,
全身长满了密密的厚毛。
他牧放马群、骑马、打猎,
过了许多白天,
过了许多夜晚
他长成为一个青年。
在这个时候,
在这个地方,
有一座大森林,
有许多大小河流,
还有无数飞禽走兽。
就在这座森林里,
有一头大独角兽,
它吃掉许多人畜,
是头十分凶恶的野兽。
它给人们带来了巨大痛苦,
乌古斯可汗是无畏的英雄,
他想猎获这只独角兽。
有一天,他出外打猎,
带着长矛、弓箭、盾和大刀,
他猎捕了一只鹿,
于是,他用柳条把鹿拴在树上
第三天早上,
他走来一看,
独角兽把鹿拖走了。
他又猎捕了一只熊,
把它用金腰带挂在树上,回去了。
第二天早上,
他走来一看,
独角兽又把熊拖走了.
当他走到这棵树下时,
独角兽用头猛抵他的盾。
乌古斯用矛击刺独角兽的头,
刺死了它。
又用刀砍下了它的头,带走了。
当他再转来时,
看见有只兀鹰在吃独角兽的内脏。
于是,他用弓箭射死了兀鹰,
砍下了它的头。
然后他说道:“看,这就是兀鹰的样子!
独角兽吃掉了鹿和熊,
我用长矛却刺死了它,
即使它坚如铁。
兀鹰吃掉了独角兽,
我的弓箭却射死了它,
即使它快如风。”
说罢他就回去了,
这就是独角兽的样子。

这时,夜幕降临了。
忽然,从天上降下一道蓝光
这光比太阳还光灿,
比月亮还明亮。
乌古斯可汗走近一看,
蓝光中有一位少女,
独自坐着。
她是位非常漂亮的姑娘,
额上有颗亮晶晶的痣,
象北极星一样。
这少女如此的美丽,
倘若她要是笑的话,
蓝天也要笑,
倘若她要是哭的话,
蓝天也要哭。
乌古斯可汗看到她时,
就情不自禁地爱上了她,
于是娶了她,一起生活,
如愿以偿。
少女怀了孕,
一日日、一夜夜过去了,
她临盆分娩,
一胎生下三个男孩。
大孩子起名叫太阳,
二孩子起名叫月亮,
最小的孩子起名叫星星。
又有一天,乌古斯可汗出外狩措,
看到前方湖水中间有一棵树,
树窟窿里有位少女独自坐着,
她是个非常漂亮的姑娘。
她的眼睛比蓝天还蓝,
头发好似流水,
牙齿好比珍珠。
她长的如此的美丽,
人们一见到她,就连声说:
“唉呀,唉呀,真要了我们的命!”
一见到她,连牛奶都会变成马酪⑩
乌古斯可汗看到了她,
就情不自禁地爱上了她,
于是娶了她,一起生活,
如愿以偿。
少女怀了孕,
一日日,一夜夜过去了,
她临盆分娩。
一胎生下三个男孩,
大孩子起名叫天,
三孩子起名叫山,
最小的孩子起名叫海。
乌古斯可汗大摆宴席,
邀请四方百姓参如。
并让人打制了四十张桌子和四十条凳子,
大家吃了各种美食,
饮了各种美洒。
宴会之后,
乌古斯可汗向诸官和百姓下了诏令说,
“我是你们的可汗,
你们拿起盾和弓箭随我征战;
让族标成为我们的福兆,
让苍狼作为我们的战斗口号,
让我们的铁矛象森林一样,
让野马奔驰在我们的猎场。
让河水在我们的土地上奔流,
让太阳作旗帜,蓝天作庐帐”。
这之后,乌古斯可汗向四方发出了敕令,
书写了诏书,
派使臣们送去。
诏书上写着:
“吾乃回鹘可汗,
应为大地四方君王。
愿汝辈归顺于我,
顺我者,
吾当引以为友;赐以礼品,
逆我者,
吾将震怒亲率大军讨伐,视为仇敌,
大军到处,剪除务尽!”

这时候,在右方,
有个名叫阿尔顿的可汗,
他向乌古斯可汗派来了使者,
送来了无数金银、宝石和财宝,
做为向乌古斯可汗的献礼,
表示归顺。
于是乌古斯可汗和他结成了友谊。
左方有一位君主叫乌鲁木可汗ئو
拥有无数军队和城堡。
乌鲁木可汗对乌古斯可汗的诏书置之不理,
不服诏令,并且口出大言。
乌古斯可汗大为震怒,
决心出兵征讨。
于是他率领军队,擎着纛旗出发了。
四十天之后,
来到了幕士塔格山下,
扎下营帐,
静静地睡下。
翌日黎明时候,
乌古斯可汗的营帐里,
射进来象日光一样的—道亮光,
亮光里出现一只苍毛苍鬃的大公狼。
苍狼对乌古斯可汗说:
“喂,喂,乌古斯,
你要去征伐乌鲁木,
喂,喂,乌古斯。
让我在前面来带路!”
乌古斯可汗起营上路了。
只见队伍前头,
走着一只苍毛苍鬃的大公狼,
于是队伍紧跟在苍狼的后面行进。
走了好几天,
大公狼停下来了。
乌古斯和队伍也停了下来。
这里有条大河流亦得勒河,
就在亦得勒河畔,
在一座黑山下,
摆开了战场,
用弓矢、长矛和大刀进行战斗.
两军之间好一场恶战,
人们心头充满了悲伤!
搏斗、厮杀如此地激烈,
亦得勒河水红如朱砂。
乌古斯可汗得胜了,
乌鲁木汗败逃了。
乌古斯可汗占领了乌鲁木汗的国家,
俘虏了乌鲁木汗的臣民,
运回了无数死的和活的战利品。
乌鲁木可汗有一个兄弟名叫斡罗斯伯克,
斡罗斯伯克派他的儿子,
防守一座坚固的城堡。
那座城堡位于山上,
四周挖有深深的城壕。
他对儿子说:“你要守住这座城堡,
一直给我守护到战争结束!
乌古斯可汗向这座城堡进发了。
这时,斡罗斯伯克的儿子送来了许多金银,
并且说:“啊,你是我的可汗!
我的父亲把这座城堡交给了我,
让我为他防守,
开战后让我守住这座城堡。
如我父亲发怒,
我的处境将不妙,
我愿执行你的命令。
我们的幸福就是你的幸福,
我们的氏族就是你众多氏族的一员,
上天赐给你大地,
我愿把我的头颅、幸福交托给你,
我愿向你纳贡称臣,
永不背叛友谊”。
乌古斯听了青年人这番话后,
高兴地笑了,对他说:
“你给我送来了许多金银,
又为我很好地防守了城堡”。
于是,乌古斯可汗给青年起了个名字叫萨克拉夫,
和他结成了友谊。
之后乌古斯可汗率领大军来到亦得勒河畔,
亦得勒河是条大河,
乌古斯可汗看了说道:
“我们如何渡过亦得勒河?”
这时军中有一员良将,
名叫乌鲁克*乌尔都伯克,
他是个能干聪明的人。
他看到河岸上有许多树木,
于是就砍倒树木,
坐在上面渡过了亦得勒河。
乌古斯可汗高兴地笑了,对他说,
“喂,你就留在这儿当伯克,
就叫你做克普恰克。”
于是,大军继续前进,
乌古斯可汗又看到了那只苍毛苍鬃的大公狼。
苍狼对乌古斯可汗说:
“乌古斯,现在,你带领大军从这里出发,
你率领若百姓和诸官,
让我给你在前面引路。”
次日天亮时,
乌古斯可汗看到公狼在大军前面走着,
心中十分喜悦,
于是率军继续前进。
乌古斯可汗骑着一匹花斑牡马,
他非常喜爱这匹骏马,
路上,骏马失踪了。
这里有座高山,
山中寒冷结冰,
山顶白雪皑皑。
因此,它的名于叫冰山。
乌古斯可汗的马逃到了冰山里,
他因此受了许多的苦。
这时大军里有一个魁伟结实的勇士,
他勇敢无畏,
是个在征战中经过锻炼的人,
这个人入山去寻马。
过了九天以后,
他给乌古斯可汗找来了马。
由于冰山里十分寒冷,
这人身上盖满了雪,
全身白花花的。
乌古斯可汗高兴地笑道:
“你留在这里当伯克之长,
就让哈尔鲁克永远做你的名字
乌古斯还给他赏赐了许多财宝,
大军继续前进了。
路上他斡到了一座高大的房子,
房子的墙是金子做的,
天窗是银子做的,
门是铁做的,
门紧紧地锁着,
没有钥匙。
这时大军中有个能工巧匠,
名叫铁木耳图·卡胡勒。
乌古斯可汗命令他道;
“你留在这里,把门打开,
门打开后,再回到军中。”
于是,给他起名叫哈拉奇,
大军继续前进。
一天,苍毛苍鬃公狼又站住不走了,
乌古斯可汗也停下支起了牙帐。
这是一片未种庄核的平地,
人们把它叫女真。
这儿地广人多,
牛马、金银、珠宝也都很多。
女真可汗率领臣民对乌古斯可汗进行抵抗。
双方开始了激战,
用弓矢、大刀厮杀搏斗。
乌古斯可汗打败了女真可汗,
并杀死了他,割下了他的首级,
让女真臣民部归顺了自己。
战争结束后,
乌古斯可汗的军队、侍臣和人民,
获得了无数的战利品,
以致为了运载它们,
马匹、骡子和腱牛不够用了。
这时,乌古斯可汗军中有个非常多才多艺的人,
他的名子叫巴尔马克鲁克.卓松.比里克。
他打制了一辆高车,
车上装载着死的财物,
车前套上活的战利品(俘虏),
让他们拉走了。
全体侍臣和人民看到后,
无不感到惊奇,
也都打制了高车。
高车走在路上不断发出“康格、康格”的声音,
于是给它起名叫康格。
乌古斯可汗看到高车时笑道:
“让活的战利品(俘虏),
用高车拉走死的战利品(财物),
你们的名字就叫‘康(格)里’,
以示不忘高车。”
说罢就走了,
以后他又随着苍毛苍鬃的公狼,
征讨了身毒,唐古特和沙木;
经过多次战役后,
征服了他们,
把他们并入了自己的版图。
为了不让人忘记,
为了让人永记,
在南方,
有个地方叫巴尔汗。
这是一个非常富饶的国家,
异常炎热的地方,
那里有无数飞禽走兽,有数不清的金银财宝。
那里百姓的肤色漆黑,
当地的君主名叫马萨尔可汗.
乌古斯可汗率军征讨,
战斗异常激烈。
乌古斯可汗得胜了,
马萨尔可汗逃走了,
乌古斯可汗占领了这个地方。
他的朋友十分高兴,
他的敌人十分悲伤。
乌古斯可汗战胜后,
得到了救不清的财物和畜群,
都运回了自己的家乡。
为了不让人忘记,
为了让人永记,
在乌古斯可汗身旁,
有位银须皓发的老人。
这位老人足智多谋、公正善良,
是位大臣,
他的名字叫乌鲁克,吐尔克。
一天,他在梦中步见一张金弓和三支银箭,
这张金弓从东方一直伸延到西方,
三支银箭则指向北方。
醒后他把梦中所见,
告诉乌古斯可汗道:
“啊,我的可汗,愿您万寿无疆!
啊,我的可汗,愿我们的国家法制公正!
愿上天在梦中启示,我的应验!
愿您征服的国土子孙永传!”.
乌古斯可汗听了乌鲁克·吐鲁克此言,
十分高兴,答道:“愿如你所说”。
第二天清晨召来了诸子,并对他们说:
“唉,我的心儿又想打猎了,
但是,我已经年迈无力。
太阳、月亮、星星你们三人去向黎明之方,
天、山和海他们三人去向黑夜之方!”
于是,弟兄三人向黎明之方去了,
另外三人向黑夜之方去了。
太阳、月亮和星星猎获了许多飞禽走兽,
在路上捡到一张金弓,
带回来献给了父亲。
乌古斯可汗高兴地笑了,
他把金弓折为三截,对他们说:
“喂,三兄长,
金弓归于你们,
愿你们犹如金弓,
把很箭直射苍空!”
天、山和海也猎获了不少飞禽走兽,
在路上捡到了三支银箭,
带回来献给了父亲。
乌古斯可汗高兴地笑了,
把银箭分作三份,对他们说,
“喂,三弟兄,
银箭归于你们,
金弓射银箭,
愿你们象银箭一样服从弓!”
这之后,乌古斯可汗召集大会,
侍臣和百姓都来参加了。
乌古斯可汗坐在大帐里,
在大帐右方立了四十尺长的一根木杆,
杆顶上挂着一只金鸡,
杆下拴着一只白羊。
在左方也立了四十尺长的一根木杆,
杆顶上挂着一只银鸡,
杆下拴着一只黑羊。
布祖克部人坐在右方,
乌乔克部人坐在左方。
宴席吃了四十昼夜,
大家都很快活。
然后,乌古斯可汗把国土分给了儿子们,
对他们说:
“喂,孩子们!
我活的年岁不小,
我经历的战争不少。
我曾用长矛弓矢战斗,
我曾骑骏马驰骋疆场,
我曾使敌人丧胆,
我曾叫朋友欢笑。
在上天面前我履行了自己的职责,
如今要把国土向你们移交。”
.

ئۇيغۇرچە ماتىرىيال مەنبەسى:(维吾尔文资料来源):
ئوغۇزنامە؛مىللەتلەر نەشرياتى،古代维吾尔史诗 乌古斯可汗传说。民族出版社
1980-يىل 11-ئاي 1-نۇسقا،1981-يىل بېيجىڭ2-نەشرى.
一九八零年11月第一版,一九八一年北京第二次印刷كىتاب نومۇرى:M1049(4)92؛书号:M1049(4)92
خەنزۇچە ماتىرىيال مەنبەسى(汉文资料来源地址):
http://www.douban.com/note/86573133/

0

تېما

0

دوست

267

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22164
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 68
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 17:29:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇغۇزخان مېنىڭ ئويلىغىنىمدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۈچكۈككەن
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

1432

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 18:29:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى. بۇ ئوغۇلنىڭ يۈز-چىرايى كۆك ئىدى، ئېغزى چوغدەك قىزىل، كۆزلىرى ھال، چاچلىرى، قاشلىرى قارا ئىدى. ئۇ ھۆر-پەرىلەردىنمۇ چىرايلىقراق ئىدى.

ئۇنىڭ پۇتى بۇقا پۇتىدەك، بېلى بۆرە بېلىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇن مۈرىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك ئىدى. پۈتۈن بەدىنىنى قويۇق تۈك باسقان ئىدى. مۇشۇنداق تۇرسا ھۆر-پەرىلاردىنمۇ چىرايلىق ئىدى دەپ يىزلىپتۇ ھە باللا

1

تېما

0

دوست

1432

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 412
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 18:30:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يۇللاۋاتىسىز ھارمىغايسىز،تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
  ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 23:21:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بىر بلىم .  ئەگەر ساقتلىق ئىشلىلمىگەن، سەمىمىيەت بولغان بولسا بىزنىڭ باشقا ئىشلىرىمىزمۇ مۇشۇنىڭدەك رەتلىك بولغان بولار ئىدى ھە.

8

تېما

22

دوست

3640

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   54.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1082
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 03:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسىگە رەخمەت ،ئىلاۋە قىلىپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە بار:
ئوغۇزخان داستانى «ئېپوس»ئەمەس. داستان.
يەنى بولغان ۋەقە، «ئېپوس»بولسا رىۋايەت، خىيالى قەھرىماننى تەسۋىرلەيدۇ.
ئوغۇزخان ھەققىدە تارىخچىلارنىڭ مۇنداق ئورتاق قارىشى بار: ھون ئىمپىريەسى قۇرغۇچىسى تۆمەن تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى باتۇر تەڭرىقۇت(冒顿单于) داستاندىكى  ئوغۇزخان دەل شۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 174.يىلى باتۇر تەڭرىقۇت ئاتىسى تۆمەن تەڭرىقۇتنى ئۆلتۈرۈپ تەختنى تارتىۋالغان.ھەم چىگراسىنى شەرىقتىكى چاۋشەن دىڭىزىدىن غەرىپتە كاسپىي دىڭىزغىچە سوزۇلغان بۈيۈك بىر ئىمپىريە قۇرغان. خەن سۇلالىسى بىلەن بولغان ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇشتىن كىيىن ،ئولپان تاپشۇرۇش شەرتى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.خەن سۇلالىسى بىلەن يىزىشقان مەكتۇپلىردا قەيەرلەگە بېرىپ قايسى قەبىللەرنى بويسۇندۇرغانلىقى ھەقىقدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ جەريانى «ئوغۇزنامە»دىكى جەريانلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ.
بەزى تارىخچىلار ئوغۇزخان دىگەن ئىسىمنى ئۇيغۇرلار قويغان دەيدۇ.بەزىلەر پارىسلار قويغان دەيدۇ. قانداقلا بولسىمۇ  ئوغۇزخاننىڭ باتۇر تەڭرىقۇت ئىكەنلىكى ئىنىق.

0

تېما

0

دوست

47

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31355
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 19:47:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يۇللاۋاتىسىز ھارمىغايسىز،تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىگەي
  ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم.

0

تېما

0

دوست

1246

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   24.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-24 15:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىپوس توغۇرىسىدا نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بار. بۇ ئىپۇسنىڭ باش قىسمى يوق. يەنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇغان يىرىدىن باشلانغان. ئەگەر تولۇقى بولغان بولسا ھەقىقەتەنمۇ مۇكەممەل ئىپۇس بولغان بولاتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئىپۇستا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق شەرتلەر ھازىرلانغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )