قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6489|ئىنكاس: 22

نېمىشقا جوبىس بالىلىرىغا Apple مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەتكۈزمەيدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

456

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 07:12:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايشەمگۈل نۇرئەمەت تەرجىمىسى


        سىتىۋ جوبىس (Steve Jobs) بىزگە تولىمۇ تونۇشلۇق بىر ئىسىم. ئۇ Apple (ئالما) شىركىتىنىڭ دىرىكتورى،  يەنى ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ تەرەققى قىلغان، يىڭىلىقپەرۋەر ھەم بىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئالاقە ۋاستىلىرىنى بۆسۈش خاراكتىرلىك ئۆزگەرتىۋەتكەن بىر شەخىس. شۇڭا، بىز بۇنداق بىر داڭلىق شەخىسنىڭ نىمىشقا ئۆز باللىرىنىڭ دەل ئۇنىڭ شىركىتىدە ئىجات قىلىنغان ئەڭ ئىلغار مەسۇلاتلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىشلىتىشتىن چەكلىشىگە تولىمۇ ھەيران قىلشىمىز تۇرغانلا گەپ. قىنى ئەمىسە سەۋەبىنى كۆرۈپ باقايلى.
        سىتىۋ جوبىس 2011.يىلى ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ تىخنىكا جەھەتتىن بىر تۇغما تالانىت ئىگىسى بولسىمۇ، لىكىن ئۇ تىخنىكىنى ھەممىگە قادىر دەپ قاراپ كەتمەيدىغان  بىر ئاتا-ئانا بولۇپ، ئۇ ئۆز باللىرىنى بۇنداق زامانىۋىي ئىلىكتىرونلۇق بۇيۇملىرىغا خۇمار بوپ كىتىشتىن قەتىي توسقان. 2010. يىلى، ئۇ باللىرىنىڭ ماتورلۇق ئويۇنچۇقلارنى ئىشلىتىشى توغرىلىق توختالغاندا مۇنداق دەپتىكەن: <بىز بالىلارنىڭ ئۆيدە قانچىلىك تىخنىكىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشىگە چەك قويىمىز.>
        بۈگۈنكى يىڭىلىققا تولغان دەۋىردە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلار iPhone/iPad (ئەقلىي تىلفۇن ياكى تاختىلىق كومپۇتىر) نىڭ سەبىي بالىلارنى قانچىلىك ئۆزىگە تارتىش كۇچى بارلىقىغا قىلچە كۆز يۇممايمىز. بۇنداق ئالقىنىمىزغا چىقىپلا بىزنى دۇنيانى بىمالال چۆگىلتىدىغان ئۇسكۇنىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەڭ زامانىۋىي تىخنىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇلار باللارغا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورنىدا كۆڭۆل ئاچقۇزۇش، دىققىتىنى بۇراش ھەم ئۇلارنىڭ تەتىلدىكى زىرىكىشلىك كەيپىياتىنى بىسىشتا ھەيران قالارلىق رول ئۆتەيدۇ؛ ھەتتا ئاتا-ئانىلار باللارنى ئىلىپ بىر يەرلەرگە ساياھاتكە بارغانلاردىمۇ شۇنداق. چوڭلارنىڭ  دىققىتى ئازراقلا باشقا تەرەپكە چىچىلىپ كەتتىمۇ بولدى، بۇ <ئەقىللىق گۇيلار> شۇ پۇرسەتلەرنى قىلچە ئۆتكۇزىۋەتمەي، باللارنى خۇددى ماگنىتتەكلا شاپپىدە ئۆزىگە تارتىۋالالايدۇ!
        ئەمىسە، بىز Apple (ئالما) شىركىتىنىڭ يۇقارقىدەك ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان  <قولايلىق ئەرمەكلىرى> ئۈچۈن شىركەتكە رەھمەت ئىيتىشنىڭلا ئورنىغا، قانداق قىلىپ ئۆز باللىرىمىزنى بۇ <ماگنىتلىق ئەرمەكلەر> ئەكىلدىغان يۇشۇرۇن خەۋىپتىن قۇتقۇزىۋىلىشنى ئويلاپ بىقىشىمىزغا ئەرزىمدۇ قانداق؟
        سىتىۋ جوبىس دەل ئاشۇنداق بالىلارنىڭ يىراق كەلگۇسىنى كۆپ ئويلىغان ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كىلدىغانلىرىنى قىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشى بىر ئۈلگىسىدۇر. <نەۋ يورك تايمىس> (نىيو يورك ۋاقىت گىزىتى) نىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئىلان قىلىنغان بىر خەۋرىدىن مەلۇم بولشىچە، جو'ئۇرنالىسىت نىك بىلتون (Nick Bilton) مۇنداق بىر ھەيران قالارلىق مىسالنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇ بىر قىتىم سىتىۋ جوبىستىن <باللىرىڭىز چوقۇم يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان تاختىلىق كومپىيوتىرلارنى بەك ياخشى كورىدىغاندۇ> دەپ سورىغىنىدا، جوبس <ياق، باللىرىم بۇلارنى تىخى ئىشلىتىپمۇ باقمىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئويدىكى چاغلىرىدا قانچىلىك  تىخنىكلىق بۇيۇملارنى ئىشلىتىشىگە چەك قويىمىز> دەپ جاۋاپ بەرگەنكەن.
       نىكك بىلتون بۇ تىخنىكا ئاتىسىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن ئاجايىب ھەيران بولۇپ، شۇنداق جىمجىتلىققا چۆمگەنلىكىنى يازغان. بۇ جورنالىست، ئۆزىنىڭ ۋە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى سىتىۋ جوبىس ئا'ئىلىسىنىڭ ئوبرازىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: <مەن ئەسلى جوبس ئا'ئىلىسى بىر ئەركىن قۇشلارنىڭ جەننىتى، ئۇنىڭ ئويلىرىنىڭ تاملىرىغا سىيرىلما تاختىلىق غايەت زور ھەجىمدىكى ئىكرانلار ئىسىلغان، ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۇستىلىمۇ كىسەك كومپىيوتىرلاردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئويىگە مىھمان بولۇپ كەلگەنلەرگە iPad (تاختىلىق كومپىيوتىر) دىگەنلار خۇددى شاكىلاتلاردەكلا سوۋغات قىلىنسا كىرەك…> دەپ پەرەز قىلغانكەنمەن. ئەمما سىتىۋ جوبىس، بۇ خىياللىرىمنىڭ ئۇلارنىڭ ئەمەلىيتىگە ئازراقمۇ يىقىن كەلمەيدىغىننى دىدى.
       قاراپ باقىدىغان بولساق، سىتىۋ جوبىس ئۆز باللىرىنى بۇنداق ئىلغار ئالاقە قۇراللىرىدىن چەكلىگەن بىردىنبىر داڭلىق كىشى بولۇپ قالماستىن، كىرىس ئاندىرسونChris Anderson (ئىلىكتىر ئۇسكۇنىلىرىگە ئايىت بىر جورنال نىڭ ئىلگىركى تەھرىرىمۇ دەل جوبس قا ئوخشاش قاراشتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: < منىڭ باللىرىم ۋە ئايالىم منى فاشىسىت دەيدۇ. چۇنكى، ئۇلارنىڭ دىيشىچە ھىچقانداق بىر دوستلىرىنىڭ ئويىدە بۇنداق قايىدىلەر يوقكەن. ئەمما مەن بۇنداق تىخنىكلىق نەرسىلەرنىڭ قانچىلىك دەرجىدە خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئۆزۇم بىشىمدىن ئوتكۇزگەن. شۇڭا مەن باللىرىمنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىشىنى خالىمايمەن.>
        ئامىركىنىڭ لوس-ئانجىلىستىكى كالىفورنىيە ئۇنۋىرسىتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مۇنداق بىر نەتىجىنى يىقىندا ئىلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ئىلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق بىلەن ھەپىلشىدىغان ۋاقتىنى پەقەت بىر نەچچە كۇن چەكلەش بىلەنلا، ئۇلارنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىشىش قابىليىتىنىڭ ئوسكەنلىگىنى بايقىغان.
بۇ تەتقىقاتنىڭ ئارقا كورنىشىنى مۇنداق بىر رىياللىقىتىن كىلىپ چىققان دىسەكمۇ بولىدۇ: ھازىرقى ئامىركىلىق پەرزەنىتلەر كۇنىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 7.5سائەت ۋاقتىنى ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن  ياكى باشقا ئىلىكتىرۇنلۇق مەسۇلاتلارغا سەرىپ قىلدىكەن.
       سىتىۋ جوبىس بىز ھەممىمىز ئىتىراپ قىلدىغان تالانىت ئىگىسى بولغىنى بىلەن، ئۇ ھەرگىزمۇ بىر كىچىلىرى سائەتلەپ ئولتۇرۇپ ئويۇننى ئوينايدىغان ياكى ئۆزىنىڭ Facebook بىتىدىكى  ھالىتىنى قەدەمدە بىر يىڭىلاپ تۇردىغانلاردىن  ئەمەس.
       ۋالتەر ئىسا'ئاكسون  (Walter Isaacson) <سىتىۋ جوبىس> نى يىزىپ چىققان ئاپتوربولۇپ نۇرغۇن ۋاقتىنى ئالما شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغان ئادەمنىڭ ئويىدە ئۆتكۇزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارىتىدىن مەلۇم بولشىچە جوبس ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىللە بولدىغان ۋاقتى دايىم جوبسنىڭ ئىكرانلار بىلەن مەشغۇل بولدىغان ۋاقتىدىن مۇھىم ئىكەن.
        ۋالتەر (Walter) مۇنداق دەي يازغان: <ھەر كۇنى كەچلىگى سىتىۋ جوبىس ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئاشخانىسىدىكى ئۇزۇن ھەم يوغان بىر تاماق ئۇستىلىنى چورىدەپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغانغا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇ تاماقتىن ھۇزۇرلانغاچ، ئۇلار بىلەن كىتاپلار، تارىخ ۋە باشقا نەرسىلەر ئۇستىدە قىزغىن پاراڭلىشىدىكەن. ھىچكىم بىرەر قىتىممۇ ياكى تاختىلىق كومپۇتورنى چىقىرىپ قاراپ ئولتۇرمايدىكەن. ھەم ئۇنىڭ باللىرى بۇنداق ئۇسكۇنىلەرگە ئانچە پەرۋا قىلىپمۇ كەتمەيدىكەن.>
       شۇڭا، سەمىڭىزگە سىلىپ قويدىغىنىمىز، كىلەر قىتىم تىلۋوزۇر ئىكرانىدا Apple (ئالما)، سامسۇڭ ياكى باشقا تىخنىكا ئاجايىباتلىرى سىزنى <بىزلەر بولمىساق ھاياتىڭىزنىڭ قانداقمۇ مەززىسى بولسۇن؟> دەيدىغان ئىلانلىرى بىلەن ئۆزىگە مەپتۇن قىلماقچى بولغىنىدا، بۇ <بەخىت كەلتۇرگۇچى ئىلاھ> لارغا شۇنى دىيىشنى ئۇنتۇمايلى: سىلەردەك 《ئاجايىباتلار》نى كەشىپ قىلغان ئاتاڭلارمۇ ھەجەب ئۇنداق قارىماپتىكەنغۇ؟ بولدى تولا ئاۋارە قىلماڭلار ^_^


2014-يىل 18- سىنتەبىر (ئەنگلىيە)
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
مەنبەسى:
http://www.inquisitr.com/1468612 ... or-ipads-heres-why/

Steve-Jobs-Didnt-Let-His-Kids-Use-apple-Products-665x385.jpg

1

تېما

0

دوست

2013

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6235
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 489
توردىكى ۋاقتى: 187
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 11:39:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزقىر ئېچىلمايدۇيا؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

2

دوست

456

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22383
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 11:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا جوبىس بالىلىرىغا Apple مەخسۇلارلىرىنى ئىشلەتكۈزمەيدۇ؟
سالام مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار،

بولسا ماۋۇ ئەسەرنىڭ تىمىسىدىكى خاتا بىسىلىپ قالغان خەتنى توغىرلاپ قويساڭلار بوپتىكەن.

يەنى مەسۇلارلىرىنى ئەمەس مەسۇلاتلىرىنى دەپ يىزىلشى كىرەك ئىدى.  كوپتىن-كوپ رەھمەت!

0

تېما

8

دوست

9684

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   93.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10825
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 3099
توردىكى ۋاقتى: 481
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 12:04:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامانىۋى پەن تېخنىكا ۋاستىلىرى ئىنسانلار تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، بىراق بەخت تۇيغۇسىدىن يېراقلاشتۇرىۋەتتى....

2

تېما

60

دوست

4838

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 12:15:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا قىيىنچىققا تاقابىل تۇرۇش ئەقىل ئىشلىتىش يىڭىلىق يارىتىش ئىڭى كەم بولسا بۇ مىللەت مەدىنيەت جەھەتتە مەڭگۈ يىتەكچى ئورۇندا بولالمايدۇ

2

تېما

60

دوست

4838

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1436
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 12:16:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقلى بويۇملار دەل بالىلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلكىنىڭ ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنى ھىساپلىنىدۇ.

0

تېما

5

دوست

2485

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21916
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 770
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 13:07:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ ،ئەقلى ئىختىدارلىچ نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە تۇرمۇشىمىزغا ئۈسسۈپ كىرىشى بىزنى ھورۇن قىلىپ قويدى. جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى دىگەن بىلەن كىشىلەرنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى ، ئەركىن پىكىر قىلىش ،يىڭىلىق يارتىش ، ئىزدىنىش روھىنى بوغۇپ قويدى. كىشىلەرنى شەخسىيەتچى قىلىۋەتتى. يىراقنى يىقىن قىلغان بىلەن يىقىننى يىراق قىلىۋەتتى. شەخسى تۇرمۇشىمىزدا مۇۋاپىق ئىشلەتسەك بولااتتى.لىكىن كىممۇ بۇلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولغان بالىلىرىمىزغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنىنى تونۇپ يىتىدۇ؟بىر بىرسى بىلەن بەسلىشىپ ئالىدۇ. مانا بۈگۈن ئالما-6 بازارغا سىلىنىپتۇ، لىكىن جوڭگو بازارلىرىغا سىلىنمىغانلىغى ئۈچۈن تۈنۈگۈندىن تارتىپ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكىلەر شاڭگاڭ ،ئاۋمىنلاردا ئۆچىرەت تۇرۇپ سىتىۋىلىپ بىرىپتۇ.

1

تېما

0

دوست

1394

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 18:17:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنتايىن زىل تىمادىن بىرى بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )