قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 6

بىلىمخۇمار: مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

109

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1061
تۆھپە : 2841
توردىكى ۋاقتى: 1203
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 11:26:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بىلىمخۇمار

        ئىلاۋە: مەن بۇ ماقالىنى 2008-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارغا جاۋاب سۈپىتىدە يازغان بولۇپ، بۈگۈن قارىسام بۇ ماقالە مەزكۇر تورغا تېخىچە يوللانماپتۇ.  بۇ ماقالە ئۆزەمنىڭ كېيىنكى ماقالىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇنى بۇ يەرگە بۈگۈن يوللاپ قويدۇم.
        ماڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر ئۇكىمىز ئۇچۇر يوللاپ، ھازىر بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشنى دېگەندەك بىلەلمەي، گاڭگىراپ قېلىۋاتقان ياشلارنىڭ خېلە كۆپلىگىنى ئېيتىپتۇ. ھەمدە مۇمكىن بولسا مېنىڭ شۇلار ئۈچۈن بىرەر پارچە يازما تەييارلىشىمنى تەكلىب قىلىپتۇ.  مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ ئۇكىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئېيتىمەن. مەن ئاشۇنداق ئۇكىلىرىمىز ئۈچۈن 2007- ۋە 2008-يىللىرى بىر قانچە پارچە ماقالە يېزىپ چىققان ئىدىم. ئۇ ماقالىلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ۋەتەندىكى تور بەتلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن تاقىلىپ كەتتى. بەزىلىرى چەت ئەلگە كۆچۈپ كەتتى. چەت ئەلدىكى تور بەتلىرى بولسا ۋەتەندە ئېچىلماس بولۇپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماقالىلار توردىن غايىپ بولدى. يېڭى ماقالە يېزىشنىڭ ئورنىغا، مەن ئالدى بىلەن ئاشۇ ماقالىدىن بىر قانچىنى مەزكۇر مۇنبەرگە چىقىرىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  مەزكۇر ماقالە شۇلارنىڭ ئۈچىنچىسى. ئالدىنقى 2 پارچە ماقالە مۇشۇ مۇنبەردە بار:
      (1) مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى
      (2) ئۆمۈرلۈك كەسىپنى قانداق تاللاش كېرەك
      تۆۋەندىكىسى بىر تورداشقا قايتۇرغان ئىنكاس شەكلىدە يېزىلغان ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:
ھۆرمەتلىك «ئۆتمۈشۈم، كەلگۈسۈم ۋە كومپيوتېر» نى يازغان ئۇكام،مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئۆز ۋاقتىدىلا كۆرۈپ، سىز سورىغان سوئاللارغا ئازراق جاۋاب بېرىپ بېقىشنى ئويلىغان بولساممۇ، قانداق جاۋاب بېرىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بولالماي، بۇ ئىشنى سەل ئۇزۇنغا سۇزىۋەتتىم. مەن ئەمدى ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي. مېنىڭچە سىز سورىغان سوئاللارنى مۇنداق 3 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن :
     (1) قانداق قىلغاندا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرغان بولىدۇ؟
     (2) ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بىر ئادەم قانداق قىلغاندا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان روھىي چۈشكۈنلىكتىن تېز ۋە ئۈنۈملۈك قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ؟
     (3) ئۇيغۇرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟
      مەن ئۇشبۇ يازمامدا، 1-سوئالغىلا بىر ئاز جاۋاب بېرىپ ئۆتەي. ئۈچىنچى سوئالدا بىر ئىنتايىن سەزگۈر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مېنىڭچە ئۇنىڭ جاۋابىنى بىلىدىغانلار خېلە كۆپ. مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆزەمنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە توختالغان ئىدىم. سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش باشقا ياشلارغا پەقەت مۇنداق بىر مەسلىھەتىم بار: «چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى ئۆزىڭىز قىلالايدىغان كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.» (بۇ غەربتىكى بىر داڭلىق ئەربابنىڭ سۆزى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ.) ئەمدى يوقىرىقى 2-سوئالغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭ جاۋابى توغرىسىدا ئايرىم توختىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. يەنى بىر-ئىككى ئاينىڭ ئىچىدە ئۇ توغرىسىدا بىر ئايرىم يازما تەييارلىشىم مۇمكىن. تۆۋەندە يوقىرىقى 1-سوئالغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن.
       سىزنىڭ ئەمىليىتىڭىزدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرغاندەك، ئوتتۇرا ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ھەر بىر ياش مۇنداق ئىككى يولغا دۇچ كېلىدۇ: (1) ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىش. (2) ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان ئىشلارنى قىلىش. بۇ يەردىكى «ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار» دېگىنىمىز مەكتەپ ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تەلەپ قىلغان ئىشلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ئۆتۈلگەن بارلىق دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمدى ئىككىنچى ئىشقا كەلسەك، ئۇنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ئانچە ھاجىتى يوق؛ سىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئىگىلەش سىز ھەممىدىن بەك قىزىقىدىغان ئىشتۇر.
       مەكتەپ ھاياتىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ياشلارنىڭ كىشىلىك خاراكتېرى جەھەتتە مۇنداق ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار:
       (1) ئۇلار ھەر ۋاقىت ۋە ھەر جايدا ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە توغرا تىزىپ چىقالايدۇ.
       (2) ئۇلار ھەر ۋاقىت ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى بىلەن زېھنىنى ئالدى بىلەن «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» ئەمەس، بەلكى «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» ئۈچۈن سەرپ قىلالايدۇ. ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقا نۇرغۇن قىزىقىشلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ. «ئەڭ مۇھىم ئىشلار» نى قىلىپ ئېشىنغان ۋاقتى بىلەن زېھنىنىلا «ئەڭ قىزىقارلىق ئىشلار» غا سەرپ قىلىدۇ.
       (3) ئۇلاردا داۋاملىق قىيىنچىلىققا جەڭ ئېلان قىلىدىغان پۇزىتسىيە بولىدۇ. يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشالايدۇ. ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىز بىر ئەھۋال ئىچىدىن ئۆزى ئۈچۈن پايدىلىق يېڭى پۇرسەتلەرنى تېپىپ چىقالايدۇ.
       يوقىرىدا تىلغا ئالغىنىم بىر مۇكەممەل تىزىم بولماستىن، ھازىر ئېسىمگە كەلگەن بىر قىسىم خاراكتېرىدىن ئىبارەتتۇر. بۇلاردىن باشقا، «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» مۇ ھەر بىر ياشنىڭ مەكتەپ ھاياتىغا خېلە ئۇيغۇن كېلىدۇ. شۇڭا مۇمكىن بولسا ئۇنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا تىرىشىپ بېقىڭ.
        سىزنىڭ ھازىر كومپيۇتېرغا يۈكسەك دەرىجىدە قىزىقىشىڭىز خاتا ئىش ئەمەس. لېكىن، مېنىڭچە سىزنىڭ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىمىنى كۆپرەك ئىگىلەش ئۈچۈن قالغان دەرسلەرنى نورمال ئۆزلەشتۈرۈپ مېڭىشقا تەسىر يەتكۈزۈشىڭىز مۇۋاپىق ئەمەس. ئەگەر كەلگۈسىدە چوڭ ئىشلارنى قىلماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە چوقۇم يوقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئىقتىدارلارنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. ئەگەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئىگىلەپ ماڭماي، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان باشقا بىلىملەرنىلا ئۆگەنسە، ئۇ ھالدا ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە تۇرۇشىنىڭ ھېچ بىر ھاجىتى ۋە قىممىتى بولمايدۇ. ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار تەمىنلىگەن ئىقتىسادىي ياردەم، ھەمدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئاجراتقان مەبلەغلەرنىڭ ھەممىسىمۇ ئىسراپ بولىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە چوقۇم شۇ مەكتەپتىكى بارلىق شارائىتتىن ئەڭ يوقىرى دەرىجىدە پايدىلىنىپ، ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى پۇختا ئىگىلەپ مېڭىشقا تىرىشىشى كېرەك. مەن ھازىرغىچە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە «مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەر جەمئىيەتكە چىققاندا جانغا ئانچە ئەرز قاتمايدىكەن» دېگەن چۈشەنچىدىكى ياشلارنىڭ بارلىغىنى ھېس قىلدىم. مېنىڭچە بۇ چۈشەنچە توغرا ئەمەس. مەيلى سىز باكلاۋېر، ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇڭ، مەكتەپ ھەرگىز سىزگە كېرەكسىز دەرسلەرنى ئۆتمەيدۇ. كېرەكلىك بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئۆگىتىپ بولالمايدۇ. مەكتەپ پەقەت سىزگە بىر قىسىم ئاساسلىق بىلىملەرنى ئۆگىتىپ، شۇ ئارقىلىق سىزنى كەلگۈسىدە يېڭى بىلىملەرنى ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ئۆگىنەلەيدىغان، شۇ ئارقىلىق سىز خىزمەت جەريانىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ئۆز-ئۆزىڭىزگە تايىنىپ ھەل قىلىدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچىلار ھەرگىز مەكتەپتە ئۆتۈلگەن ئاساسلىق دەرسلەرگە سەل قارىماسلىقى كېرەك.
       مەن سىزنىڭ «بىزنىڭ مەيلى تارىخ جەھەتتە بولسۇن ،مەدەنىيەت جەھەتتە بولسۇن ،ئىقتىساد ۋەياكى سىياسى جەھەتتە بولسۇن چىقىش يولىمىزنىڭ پەقەت ۋە پەقەت كومپيۇتېردا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم» دېگەن كۆز-قارىشىڭىزغا تولۇق قوشۇلۇپ كەتمەيمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ قانداق بولىشىدا كومپيۇتېر مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ بىرسى، لېكىن، بىردىن-بىر ئامىل ئەمەس. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، تېخنولوگىيە ۋە ئىگىلىك ئىشلىرى تەكشى تەرەققىي قىلمىسا، ئۇنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، بەلگىلىك مەكتەپ تەربىيە ئاساسى بولمىغان بىر ئادەمنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنەلىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا مىللەتنى تەرەققىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
       ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى كومپيۇتېرغا بولغان يۈكسەك قىزىقىشىڭىزدىن توغرا پايدىلانسىڭىز، كەلگۈسىدە ئاشۇ ساھەدە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايسىز. دۇنيادا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەرگىز بىر ئىشنى سىناپ باققان 1-قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئەمەس. كۆپۈنچە ئەھۋالدا كىشىلەر نەچچە قېتىملاپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئۆز مەغلۇبىيىتىدىن تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يېڭى بىلىمگە ئېرىشىپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى قايتا سىناپ، مۇشۇنداق بىر جەرياننى نۇرغۇن قېتىملاپ تەكرارلاش ئارقىلىق ئاخىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. سىزنىڭ «قۇت بىلىك » دەپ كومپيوتېر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ باققىنىڭىز بىر ياخشى باشلىنىش بولۇپتۇ. ئەگەر ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە، بۇ ئىشنى قايتىدىن باشلاڭ. ھەمدە ئۇنى ھەرگىز يېرىم يولدا توختىتىپ قويماڭ. شۇ ئارقىلىق سىز مۇشۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاساسىدا كەلگۈسىدە بىرەر شىركەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرالىشىڭىزمۇ مۇمكىن. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەكلىپىم مۇنداق:
       (1) ئەتراپىڭىزغا ئىقتىدارلىق، ھەمدە ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى سىزنىڭكى بىلەن ئوبدان ماسلىشالايدىغان ياشلاردىن 5-6 نى توپلاش. ئىدىيىسى بىلەن مىجەز-خاراكتېرى ئۆز-ئارا چىقىشالايدىغان ئادەملەرنى يىغىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر 10 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ ئىچىدە مىجەزى قالغانلار بىلەن چىقىشالمايدىغان بىر ئادەم بولسا، ئۇ يالغۇز ئۆزى بۇ گۇرۇپپا ئۈچۈن ھېچ بىر قىممەت يارىتالمايلا قالماي، گۇرۇپپىدىكى قالغانلارنىڭ ئىش ئۈنۈمىگىمۇ زور دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بەزىدە ھەتتا پۈتۈن گۇرۇپپىنىڭ مەغلۇپ بولىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
       (2) ئۆز گۇرۇپپىڭىزدىكى ياشلارنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر شىركەت-كارخانا ئىگىلىكلىرى ئۈستىدە بىر تەپسېلى تەكشۈرۈش ئەلىپ بېرىش. شۇ ئارقىلىق ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ چوڭ كۆلەمگە ئېرىشكەن كەسىپ، شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنى تېپىپ چىقىش. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇلارنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىش.
       (3) يوقىرىقى ئىگىلىك ئورگانلىرىدا كومپيۇتېرنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ چىقىش. ھەمدە تېخىچە كومپيۇتېر ئىشلىتىلمىگەن، ئەمما كومپيۇتېر ئىشلىتىلسە ئىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدىغان شىركەت، كارخانا، ئورگانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كونكرېت خىزمەت تۈرلىرىنى تېپىپ چىقىش.
       (4) گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزالارنى ئىشقا سېلىپ، ئوخشىمىغان كەسىپ تۈرلىرىگە بىردىن «ئۇچۇر دەپتىرى» (ئىنگلىزچە «Information Booklet ») تۈزۈپ چىقىش. بۇ ئۇچۇر دەپتىرىدە ئاشۇ بىر كەسىپ ياكى خىزمەت ئورنىدا قايسى خىلدىكى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلانسا بولىدىغانلىقى، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئىش ئۈنۈمىنى قانچىلىك ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇر بولىشى كېرەك.
      (5) يوقىرىقى شىركەت، كارخانا قاتارلىقلارنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ھېلىقى «ئۇچۇر دەپتىرى» نى بېرىپ، ئۇلارنى بۇ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىش. ئەگەر سىز بۇ گۇرۇپپا ئاساسىدا بىر شىركەت قۇرغان بولسىڭىز، يوقىرىقى ئورۇنلارنى كومپيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال سېتىۋېلىش، يۇمشاق دېتاللارنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش، ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى كومپيۇتېرنى قانداق ئىشلىتىش جەھەتتە تەربىيىلەش قاتارلىق مۇلازىمەت تۈرلىرى بىلەن تەمىن ئەتسىڭىز بولىدۇ. ھەمدە بەزى ئالاھىدە يۇمشاق دېتاللارنى سىزنىڭ شىركىتىڭىز ئىشلەپ بەرسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، «MicroSoft Excel » دە كىچىك كۆلەملىك شىركەتلەرگە زور پايدا يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن پروگراممىلارنى تۈزگىلى بولىدۇ. ئۇنداق پروگراممىلارنى ئىشلىتىشمۇ ناھايىتى ئاسان بولۇپ، ئۇلارنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە كىشىلەرمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. «MicroSoft Excel» نى پۇختا بىلىدىغانلارغا بۇ بىر ئاددىي ئىش. لېكىن ئۇنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يوقىرىقى قەدەم-باسقۇچلار ئارقىلىق سىز ئۆز شىركىتىڭىزگە خېرىدارمۇ توپلىيالايسىز.
       مەن ئەسلىدە بۇ جاۋابنى بۇنچىۋالا ئۇزۇن يېزىشنى پىلانلىمىغان ئىدىم. كاللامغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىشقا تىرىشىپ ئۇنى بىر ئاز ئۇزۇن قىلىۋەتتىم. ئاخىرىدا مەن ئوقۇرمەنلەرگە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى «Bill Gates» ئامېرىكىدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۆزلىگەندە ئوتتۇرىغا قويغان «ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى» نى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سۇندۇم. ئەگەر مېنىڭ تەرجىمەمدە خاتالىق ياكى يېتەرسىزلىكلەر بولسا باشقا تورداشلارنىڭ تۈزىتىش بېرىشىنى سورايمەن.
       ئەگەر بۇ يازمىنى باشقا تور بەتلىرىگە چىقارماقچى بولسىڭىز،  چىقىرىۋېرىڭ. مەندىن سوراش ھاجەتسىز.

2008-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

ھاياتنىڭ 11 قائىدىسى

Bill Gates


1. ھايات ئادالەتلىك ئەمەس. ئۇنىڭغا كۆنگىن.
2. بۇ دۇنيا سېنىڭ ئۆز-ئۆزەڭگە بولغان ھۆرمىتىڭگە (ياكى غۇرۇرىڭغا) پەرۋا قىلمايدۇ. بۇ دۇنيا سەندىن ئۆزەڭگە نىسبەتەن بىر ياخشى ھېسىياتقا ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن بەزى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭنى ئۇمىد قىلىدۇ.
3. سەن تولۇق ئوتتۈرىنى پۈتتۈرۈپلا يىلىغا 40 مىڭ دوللار پۇل تاپالمايسەن. سەن بىر شىركەتكە ماشىنىسىدا تېلېفونى بار مۇئاۋىن رەئىسمۇ بولالمايسەن. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەر ئىككىسىنى سەن ئۆزەڭ قولغا كەلتۈرۈشۈڭ كېرەك.
4. ئەگەر سەن «مۇئەللىمىم بەك قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن» دېسەڭ، سەن بىر شىركەتنىڭ باشلىقىنىڭ قولىدا ئىشلەپ باق. ئۇ باشلىق ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بەشىدىن ئۆتكۈزگەن «سىناق مەزگىلى» نى ئۆز بەشىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ.
5. «ئاشخانىدا ئىشلىسەم غۇرۇرۇمغا تەسىر يېتىدۇ» دېمە. سېنىڭ بوۋا-مومىلىرىڭ بىر ئاشخانىدا ئىشلەشنى «پۇرسەت» دەپ ئاتايتتى.
6. ئەگەر سەن بىر ئىشنى بۇزۇپ قويساڭ گۇناھ ئاتا-ئاناڭدا ئەمەس. شۇڭا سەن ئۆزەڭنىڭ خاتالىقلىرى ئۈچۈن غۇدۇرلىماي، ئۇلاردىن ساۋاق ئالغىن.
7. سەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن ئاتا-ئاناڭ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن ئەمەس. ئۇلار ھازىر سېنىڭ چىقىمىڭنى كۈتۈرۇپ، كېرلىرىڭنى يۇيۇپ، ھەمدە سېنىڭ ئۆزەڭ توغرۇلۇق ئاتقان پولىرىڭنى ئاڭلاپ سەندىن ھازىرقىدەك زېرىككەن. شۇڭا سەن ئاتا-ئاناڭ ياشىغان دەۋرنى تەنقىت قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭنىڭ كېيىملىرىدىكى پىشت-سىركىلەرنى تازىلىغىن.
8. مەكتىۋىڭ غالىبىيەتچى ۋە مەغلۇبىيەتچىلەردىن قۇتۇلغان بولىشى مۇمكىن، لېكىن ھايات ئۇنداقلاردىن تېخى قۇتۇلمىدى. بەزى مەكتەپلەر ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغان ئىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، سەن توغرا جاۋابنى قانچە قېتىم سورىساڭ ئۇلار ساڭا شۇنچە قېتىم دەپ بېرىدۇ. لېكىن بۇنداق ئىش رىيال تۇرمۇشتا ئازراقمۇ يوق.
9. ھاياتلىق مەۋسۇمغا بۆلۈنگەن ئەمەس. سېنىڭ يازلىق تەتىلىڭ بولمايدۇ. ساڭا ئۆز-ئۆزۈڭنى توغرا تونۇشقا ياردەملىشىدىغان شىركەتلەرمۇ ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىشلارنى ئۆزەڭنىڭ ۋاقتىدا قىلمىساڭ بولمايدۇ.
10. تېلېۋىزوردىكىسى ھەقىقىي تۇرمۇش ئەمەس. ھەقىقىي تۇرمۇشتا كىشىلەر كافىخانىدىن ئايرىلىپ ئىشقا بارمىسا بولمايدۇ.
11. دۆت كىشىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلغىن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇنداقلارنىڭ بىرسىنىڭ قولىدا ئىشلەپ قېلىشىڭ مۇمكىن.

In'glizchisi: The Eleven Rules of Life
By Bill Gates
RULE 1
Life is not fair - get used to it.
RULE 2
The world won't care about your self-esteem. The world
will expect you to accomplish something BEFORE you feel
good about yourself.
RULE 3
You will NOT make 40 thousand dollars a year right out
of high school. You won't be a vice president with
car phone, until you earn both.
RULE 4
If you think your teacher is tough, wait till you get a
boss. He doesn't have tenure.
RULE 5
Flipping burgers is not beneath your dignity. Your
grandparents had a different word for burger flipping
they
called it Opportunity.
RULE 6
If you mess up,it's not your parents' fault, so don't
whine about your mistakes, learn from them.
RULE 7
Before you were born, your parents weren't as boring as
they are now. They got that way from paying your bills,
cleaning your clothes and listening to you talk about
how cool you are. So before you save the rain forest
from the parasites of your parent's generation, try
delousing the closet in your own room
RULE 8
Your school may have done away with winners and losers,
but life has not. In some schools they have abolished
failing grades and they'll give you as many times as
you want to get the right answer. This doesn't bear the
slightest resemblance to ANYTHING in real life.

RULE 9
Life is not divided into semesters. You don't get
summers off and very few employers are interested in
helping you find yourself. Do that on your own time.
RULE 10
Television is NOT real life. In real life people
actually have to leave the coffee shop and go to jobs.
RULE 11
Be nice to nerds. Chances are you'll end up working for
one.
Source: http://www.chuckbaldwinlive.com/read_billgates.html

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4183
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 22:29:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا تەربىيىۋى ئەھمىيەتلىك يازما ئىكەن. بۇ يازمىنىڭ ھازىرمۇ خاسىيىتى يۇقىماپتۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 23:20:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت.

2

تېما

5

دوست

1315

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 23:26:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت بىزگە پايدىلىق تېمىكەن.

1

تېما

2

دوست

272

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   90.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25565
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 16:15:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1086

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-30 02:03:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەربىيىۋى ئەھمىيتى زور تىماا ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

1086

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلار. انى ئرتۇق ئىشلتىپ قاپتىمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )