قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1836|ئىنكاس: 15

بىلىمخۇمار: ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ياشلارغا بىر قانچە تەۋسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

109

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1061
تۆھپە : 2841
توردىكى ۋاقتى: 1203
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 13:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ياشلارغا بىر قانچە تەۋسىيە


بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى


يېقىندا نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەر ئۆيدىن ئايرىلىپ، يىراق جايلارغا بېرىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ۋە ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى يېڭىدىن باشلىۋەتتى.  ئاشۇ ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بۇ تۇنجى قېتىم ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ ياشاش، بىر يېڭى تۇرمۇش مۇھىتىگە كىرىش، ۋە بىر يېڭى ئوقۇش شارائىتىدا ئوقۇشتىن دېرەك بېرىدۇ.  مەن 2008-يىلى «مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋسىيە» [1] دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە يېزىپ، مەندىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىدىم.   مەن بۇ يەردە ئۇ ماقالىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان ئۇكىلارغا ئۇنى بىر قېتىم ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  مەن بۇنىڭدىن بىرەر يىل ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى  سكۆت راكېر (Scott Raecker ) ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ يېڭىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئۆيدىن ئايرىلىپ يىراقتا ئوقۇشقا ماڭغان قىزىغا يازغان بىر پارچە خېتىنى ئۇچراتقان ئىدىم [2].  بۇ خەتتە كۆپلىگەن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلار ۋە ھېكمەتلەر بار بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى يېڭىدىن ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنى باشلىغان ئۇكىلارغا پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ خەتنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.  ئىشىنىمەنكى، ھازىر ئوقۇغۇچى ئەمەس قېرىنداشلارمۇ بۇ يەردىكى مەزمۇنلاردىن بىر قىسىم قىممەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ.

مەن ئۆزەمنىڭ «يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللار» دېگەن ماقالىسىدا مۇنداق دېگەن ئىدىم [3]: «نۇرغۇن يەھۇدى ئائىلىلىرىنىڭ مۇنداق بىر ئەنئەنىۋىي ئادىتى بار: ئاتا-ئانىلار ئۆز ھاياتىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى بىر «ئەخلاقىي ۋەسىيەتنامە» شەكلىدە يېزىپ چىقىپ، ئۇنى بالىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش.  بۇ ۋەسىيەتنامە بىر خەتنىڭ شەكلىدە يېزىلغان، بىر روھىي (Spiritual) ۋە ئەقلىي (Intellectual) تەرجىمھالغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھۆججەت بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك خاتىرە بۆيۇم بولۇپ قالىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئىگە بولغان ئەقىل-پاراسەتلەرنىڭ گۆھەرلىرىنى سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەپ يېزىپ چىقىش جەريانىنىڭ ئۆزىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى مەمنۇن قىلىدۇ.  بۇ ۋەسىيەتنامىنىڭ بىر ئالاھىدە شەكلى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ئۇ "مەن مۇنداق بىر ئىشنى بىلىۋالدىم: ------.  مەن مۇنداق بىر ئىشنى چۈشىنىپ يەتتىم: ----" دەپ باشلىنىدۇ.»  مەن سكۆت راكېرنىڭ مىللىتىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم.  ئەمما ئۇنىڭ قىزىغا يازغان خېتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئەخلاقىي ۋەسىيەتنامە» گە ئوخشاپ كېتىدىكەن.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار

تۆۋەندىكىسى سكۆت راكېرنىڭ قىزىغا يازغان خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى.


1.        سكوت راكېرنىڭ قىزىغا يازغان تەۋسىيە خېتى


سۆيۈملۈك قىزىم،

مەن ئاپىڭىزنىڭ سىزگە ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن كۈندىن باشلاپ مېنىڭ ھاياتىم ئۆزگەردى.  شۇ كۈندىن باشلاپ سىز مېنىڭ كۆڭلۈم بىلەن مېنىڭ يۆرىكىمدىم بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىدىڭىز.  ئاپىڭىز سىزنى مۇشۇ دۇنيا بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئەڭ قىيىن ئىشنى قىلغان بولسىمۇ، مەن ھېسسىيات جەھەتتىن سىز بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولدۇم.  سىز تۇغۇلغان كۈن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ زور خوشاللىقلارنىڭ بىرى بولدى.  شۇ كۈنى ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ «ئاللاھغا كۆپ رەھمەت» دېگىنىمىز ھازىرمۇ ئېسىمدە.

مېنىڭ ئېسىمدە خۇددى ھازىرقى ئىشتەك ساقلىنىپ كەلگەن بىر ئىش سىز تۇغۇلغاندا ئاپىڭىز بىلەن سىزنى ماشىنامغا چىقىرىپ ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلگەن ۋاقىتتىكى ئەھۋالدۇر.  مەن ئۇ چاغدا سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم.  ئىككى قولۇمدا رولنى چىڭ تۇتۇپ، ھەممە ئەينەكلەرگە توختىماستىن تەكشى قارايتتىم.  كۆڭلۈمدە پەقەت بىرلا ئىش بار بولغان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەر قانداق بىر كۈتۈلمىگەن ئىش سىزگە بەلگىلىك دەرىجىدە زەخمە يەتكۈزىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىدى. سىزنى بۇ دۇنيانىڭ خېيىم-خەتىرىگە يولۇقتۇرماي ئۆيگە ساق-سالامەت ئەكىلىۋېلىش مېنىڭ كونتروللۇقۇم ئاستىدىكى ئىش ۋە مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ئىدى.  ئۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى دەككە-دۈككىگە سالىدىغان بىر ئىش ئىدى—بۇ ھەرگىزمۇ بىر چاق-چاق ئەمەس.

بۇ دۇنيادىكى خېيىم-خەتەرلەر ھازىرمۇ مەۋجۇت.  مەن ھازىرغىچە سىزنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن نەرسىلەردىن ۋاز كەچتىم.  ئەمەلىيەتتە سىز ھازىر بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز-ئۆزىڭىزنى ئىدارە قىلىپ ياشاشقا تولۇق تەييارلىنىپ بولدىڭىز.  

سىز ھازىردىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى باشلىغاندىن كېيىن سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايدۇ.  سىز بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ ھەم شۇنداق.  سىز ۋە بىزنىڭ بۇ يېڭى تۇرمۇش بىلەن بۇ يېڭى مۇناسىۋەتكە تولۇق كۆنۈپ بولۇشىمىزغا بەلگىلىك ۋاقىت كېتىدۇ. بىز بۇ تەڭشېشنى بىللە ئېلىپ بارىمىز، ھەمدە چوقۇم ئۇنى ياخشى قىلالايمىز.

مەن سىز بىلەن قۇچاقلىشىپ، سىزگە «خەير-خوش» دېگەندە سىزگە تۆۋەندىكى ئىشلارنى دېگۈم كەلدى.  ئەمما ئۇلارنى ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم:

مەن سىزگە كۆيىمەن.  سىزدىن پەخىرلىنىمەن.  سىزگە ئىشىنىمەن. سىزنىڭ ئىچىڭىزمۇ ۋە تېشىڭىزمۇ ئىنتايىن گۈزەل.

مەن سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ كېيىنكى بىر باسقۇچىغا تەييار بولۇپ بولغانلىقىڭىزنى بىلىمەن.  شۇنداقتىمۇ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشتا مەن سىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئىستەيمەن.  بۇ ئىشلارنى سىز بىلىپ بولغان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن.  شۇنداق بولسىمۇ مەن ئۇلارنى سىزگە يەنىلا بىر قېتىم دەپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:

(1)ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىز سىزنىڭ بىر ئۆزگىچە ئادەم بولۇپ چوڭ بولۇشىڭىز ئۈچۈن ھەممە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق.  بىز سىزنىڭ ئۆز ئالدىڭىزغا قارارلارنى ياخشى ئالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز. شۇنداقلا سىزنىڭ ئۆز ھاياتىڭىزدا بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلىمىز. سىز ئاشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئىچىدە تېخىمۇ ياخشى يېتىشىپ چىقىسىز.  ياخشى قارارلار بىلەن خاتالىقلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ھوزورلىنىش بىلەن ئۇلارغا يولىدا تاقابىل تۇرۇش سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز.

(2) كېيىنكى 4 يىل سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ قالغان قىسمىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.  ئەمما كېيىنكى 4 يىل سىزنىڭ قالغان ھاياتىڭىزغا ئىنتايىن زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  سىز بۇ 4 يىل جەريانىدا بىر دوستلار ئالاقىلىشىش تورىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىسىز، ۋە بىر ئۇنۋانغا ۋە باشقا سالاھىيەتلەرگە ئېرىشىسىز. بۇلار سىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.  ئۆزىڭىزنىڭ تەرجىمھالىنى پەقەت سىز ئۆزىڭىزلا يازالايسىز.  سىز بېسىپ ئۆتكەن دەسلەپكى 18 يىل ھەققىدىكى مەزمۇن سىز ھازىردىن باشلاپ  يازىدىغان  مەزمۇن بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ئىنتايىن قىسقا «1-باپ» تىنلا ئىبارەت بولىدۇ، خالاس.

(3) ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بىر ئىنتايىن قىيىن ئىش.  سىز دەرسكە بارىسىز. دەرسلەرگە تەييارلىق قىلىسىز. ئۆگىنىش قىلىسىز. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىسىز.  پايدىلانغىلى بولىدىغان بارلىق مەنبەلەردىن ياخشى پايدىلىنىڭ.  داۋاملىق سوئال سوراپ تۇرۇڭ – سوئاللارنىڭ ھەممىسى ياخشى سوئاللاردۇر.  سىز بۇنىڭدىن كېيىن توسالغۇلارغا يولۇقىسىز.  سىزنىڭ ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇشتىكى پۇزۇتسىيىڭىز ئىنتايىن مۇھىم.  توسالغۇلار ياخشى نەرسىدۇر.  سىز ئۇلارنى يېڭەلەيسىز، ھەمدە شۇ ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز.  سىز ئەقىللىق، ھەم تىرىشچان.  شۇڭا سىز ئەڭ كۈچلۈك كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيسىز.  سىز ئۆزىڭىزدىنمۇ ئەقىللىقراق، سىزدىنمۇ بەكراق تىرىشچان كەلگەن كىشىلەرنى ئۇچرىتىسىز.  ئۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمەڭ.  ئەتراپىڭىزغا ياخشى ئادەملەرنى توپلاڭ.  ھاياتىڭىزدىكى يامان ئەھۋاللارنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىڭ، ھەمدە ئۇنداق ئەھۋاللارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالماڭ.  سىز قاتنىشالايدىغان ئىشلار بولسا ئۇلارغا قاتنىشىڭ، ھەمدە ئۇلاردىن ئوبدان پايدىلىنىڭ.  ئۆزىڭىزنىڭ «راھەت رايونلىرى» نىڭ ئىچىدىن چىقىپ كېتىڭ. سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنىڭ قانداق بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق.

(4) ھاراق ئىچىشكە ئوخشاش بىر قىسىم ئىشلاردا سىزگە يېڭى پۇرسەتلەر تۇغۇلىدۇ.  سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەخلاقى ۋە خاراكتېرىگە ماسلاشتۇرغان ھالدا توغرا قارار ئېلىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز ھاياتىڭىزدا سىز بۇرۇن مۆلچەرلىمىگەن تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قالمايسىز. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەرمۇ سىزنىڭ ئۈستىڭىزگە يۈكلەنگەن.  

(5) كېيىنكى بىر قانچە يىلنىڭ ئىچىدە سىز ئۆز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى ئەھۋاللار بىلەن ئەڭ ناچار ئەھۋاللارنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىسىز.  بۇ سىزنى كېيىنكى ھايات ئۈچۈن تەييارلايدۇ.  ياخشى ئەھۋال بىلەن يامان ئەھۋاللارغا ئۆز يولىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇڭ.  چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ھەرگىزمۇ جىددىيلەشمەڭ.  ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

(6) سىز بېسىم، ئەنسىرەش، ھەتتا چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق بىر قىسىم تەبىئىي روھىي ھالەتلەرنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزىسىز.  ئەگەر زۆرۈر بولىدىكەن، ئۆزىڭىز يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇنلار ۋە مۇۋاپىق كىشىلەرگە مۇراجىئەت قىلىڭ.  شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، باشقا بارلىق ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئاپىڭىز بىلەن مەن سىز ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئەڭ مۇۋاپىق كىشىلەر بولۇپ ھېسابلىنىمىز.

(7) مېنىڭ پەرىزىمچە سىزمۇ مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش بىر قىسىم ھېسسىياتلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋاتىسىز.  يەنى، سىز بىر تەرەپتىن ھاياجانلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن جىددىيلىشىپ، بىر تەرەپتىن ئۈمىدكە تولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەندىشە قىلىۋاتىسىز.  بۇ بىر خىل نورمال ئەھۋال بولۇپ، ئۇنداق ئىش ھەممە ئادەملەرنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.  

(8) «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى » تامغا چاپلاپ قويىدىغان ياكى يادلىۋالىدىغان سۆزلەرلا ئەمەس (مەن «ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى » ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ تور ئادرېسى تۆۋەندىكى 4-مەنبەدە بېرىلدى).  ئۇلار بىر ئادەم ھەر ۋاقىت ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك پرىنسىپلار بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى قانداق ياشىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر خىل ئالاھىدە قورالدۇر.  سىز ھەر خىل قارارلارنى ئالىدىغاندا ئۇلاردىن بىر خىل يېتەكچى ئىدىيە سۈپىتىدە پايدىلىنىڭ.  سىزنىڭ ھازىرغىچە ئۆتكەن ھاياتىڭىزدىكى ھەر قانداق بىر ۋاقىت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھېلىقى ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى سىز ئۈچۈن ھازىر تېخىمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى.  مەن بۇ گەپلەرنى ئۆزەمنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن دەۋاتىمەن.

(9) ھەر قانداق ئىشنى قىلغاندا، ئۇنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىشقا تىرىشىڭ.  ساندۇقنىڭ تېشىغا چىقىپ ئويلاڭ.  مۇھىم ئىشلارنى تېپىپ چىقىڭ، ھەمدە ئۇلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇڭ.  بىر خىل ساغلام تۇرمۇش تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاڭ.  ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشنى ئۆزىڭىزنىڭ نىشانى قىلىڭ. باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك ۋە ئىجابىي مۇناسىۋەت ئورنىتىڭ. ئۆزىڭىزدىن چوڭراق بولغان بىر داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭ.  ئۆزىڭىزنى ۋە سىز پايدىلىنىدىغان ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنى تولۇق چۈشىنىۋېلىڭ.

(10) بۇ دۇنيادا ھېچ كىم سىزنى ئاپىڭىز بىلەن مەندەك سۆيمەيدۇ. بىزنىڭ سىزگە بولغان كۆيۈنىشىمىز بىر خىل شەرتسىز كۆيۈنىشتۇر. بۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاڭ، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئوبدان پايدىلىنىڭ.  سىز ياردەم سورايدىغانغا ئاپىڭىز بىلەن مەن  ئىككىمىزدىن ياخشىراق ئادەم تېپىلمايدۇ.  

(11) بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، سىزنى ھاياتىڭىزدىكى مۇشۇنداق بىر پەيت ئۈچۈن تەييار قىلدۇق.  ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى.  بۇنىڭدىن كېيىن ئۇچرايدىغان پۇرسەتلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە تولۇق پايدىلىنىڭ.  شۇنداق قىلسىڭىز، سىز بۇ دۇنيادا مۇقەررەر ھالدا بىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئادەم بولۇپ ياشىيالايسىز.

(12) سىز بىر كۈچلۈك ۋە بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېتىقادقا ئىگە كىشىسىز.  سىزنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىڭىزغا يول قويىدىغان دائىرە ئىچىدە ئېتىقادىڭىزنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇڭ.  ئاپىڭىز بىلەن مەن ئىككىمىزنىڭ سىزنى قايسى دەرىجىدە سۆيىدىغانلىقىمىزنى بىلىسىز.  ئاللاھ سىزنى بىزدىنمۇ بەكراق سۆيىدۇ—بۇنىڭغا ئىشىنىڭ.

(13) قاتتىڭ تىرىشىڭ.  نىشاننى چوڭ تىكلەڭ.  ياخشى قارارلارنى ئېلىڭ.  ھەمدە تۇرمۇشتىن ياخشى ھوزورلىنىپ ياشاڭ.  

مېنىڭ مۇشۇ پەيتلەردە سىز ئۈچۈن نەقەدەر خوشال ئىكەنلىكىمنى بىلىڭ.  مەن سىزگە كۆيىمەن.  سىزدىن پەخىرلىنىمەن. سىزدىن بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن.

ئېتىقادنى ساقلاڭ.

دادىڭىز. (سكۆت راكېرنىڭ خېتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى)


2.        بۇرۇنقى بىر پارچە ماقالەم: « چەت ئەل ياشلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش روھى»


ئىلاۋە: مەن بۇرۇن بىلىۋال تور بېتى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق يازما سۆھبەتتە ئوقۇشنىڭ قىممىتى ھەققىدە بىر ئاز توختالغان ئىدىم.  ئۇ يەردىكى مەزمۇنلار مەزكۇر ماقالىدىكى مەزمۇنلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن بۇرۇنقى ئاشۇ مەزمۇنلارنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ قويدۇم.  ئەسلىدىكى سۆھبەتنىڭ تولۇق مەزمۇنىغا قىزىقىدىغان قېرىنداشلار ئۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى 5-مەنبەدىن تاپالايدۇ.  

چەتئەل ياشلىرىنىڭ ۆزلىكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش رۇھى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن،  مەن ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك مائارىپ سىستېمىسى، ھەمدە ئوقۇش بىلەن كەلگۈسىدىكى خىزمەت، كىرىمنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن 16 يىلدىن بۇيان پەقەت كالىفورنىيەدىلا تۇرغان بولغاچقا، يۇقىرىقى ئىشلاردا كالىفورنىيەنىڭ ئەھۋالىنى سەل ياخشىراق بىلىمەن. شۇڭا مەن كالىفورنىيەنى مىسالغا ئېلىشنى لايىق كۆردۈم.

  ئامېرىكىنىڭ نوپۇسى 300 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كالىفورنىيەنىڭ نوپۇس سانى ئۇنىڭ 10 دىن بىر قىسمىغا، يەنى 35 مىليونغا توغرا كېلىدۇ. لېكىن، كالىفورنىيەنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئامېرىكىدا 50 شىتات بولغىنى بىلەن، پەقەت كالىفورنىيەلا ئامېرىكا ئىقتىسادىي كىرىمىڭ 20 پەرسەنتتىن كۆپىنى يارىتىدۇ. يەنى، كالىفورنىيە ئامېرىكا بويىچە ئالىي مائارىپ ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
كالىفورنىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى جەمئى 4 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن:
1)  كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى. بۇ مەكتەپنىڭ جەمئىي 10 شۆبىسى بار بولۇپ، ھەر بىرسىدە 20 مىڭ ئەتراپىدا ئوقۇغۇچى بار. بۇ مەكتەپلەرگە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغان 12.5 پىرسەنت ئادەمنى ئالىدۇ. باكلاۋىر ، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرەلەيدۇ. ئۇلار تەتقىقات بىلەن ئالىي دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئوخشاش نىشانىسى قىلغان مەكتەپلەردۇر.

2)  كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى. ئۇنىڭ جەمئىي 22 شۆبىسى بار بولۇپ، ھەر بىرنىڭ ئوقۇغۇچى سانى 30 مىڭ ئەتراپىدا. ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 33 پىرسەنتى بۇ مەكتەپلەرگە كىرەلەيدۇ. باكلاۋىر ۋە ماگىستېرلىق ئۇنۋانلىرىنى بېرەلەيدۇ. ئۇلار ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، كالىفورنىيەنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقۇرى دەرىجىلىك تېخنىكىلىق خادىملىرىنى يېتىشتۈرىدۇ.

3)  جەمئىيەت ئىنستىتۇتلىرى (ئىنگلىزچە "Community College" دەپ ئاتىلىدۇ). ئۇنىڭ جەمئىي 106 شۆبىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوقۇيالىغىدەك ئىقتىدارى بار، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ مەكتەپلەرگە كىرەلەيدۇ. ئوقۇش مۇددىتى 2 يىل بولۇپ، 2 يىلدىن كېيىن ئىنگلىزچىدە "Associate in Art" ۋە "Associate in Science" دەپ ئاتىلىدىغان "كاندىدات باكلاۋىر " ئۇنۋانى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆتكىلىپ، يەنە 2 يىل ئوقۇپ، باكلاۋىر  ئۇنۋانى ئالسىمۇ بولىدۇ. ھەر بىر مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىنىڭ سانى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئوقۇش پۇلى يۇقىرىقى قالغان 2 تۈرگە قارىغاندا كۆپ ئەرزان. شۇڭا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن ئوقۇغۇچى دەسلەپكى 2 يىلنى مۇشۇ مەكتەپلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇپ، ئاندىن 4 يىللىق ئالىي مەكتەپكە يۆتكىلىدۇ.
4) خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلەر. بۇ ئىقتىسادىي راسخودنى شىتات ياكى دۆلەتتىن ئالمايدىغان مەكتەپلەر بولۇپ، كالىفورنىيە خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپلىرى بىرلەشمىسى قارىمىقىدا 77 ئالىي مەكتەپ بار ئىكەن. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق مەكتەپلەردىن Stanford, Caltech ۋە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (ئىنگلىزچە "University of Southern California" دەپ ئاتىلىدۇ) قاتارلىقلار بار.

  مەن يۇقۇرىدا تىزغان مەكتەپلەرنىڭ سانىنى قوشقاندا، ئۇ جەمئى 215 ئالىي مەكتەپ بولىدۇ. كالىفورنىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەمەلىي سانى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. 35 مىليون نوپۇسى بار بىر شىتاتتا 215 ئالىي مەكتەپنىڭ بارلىقى، كىشىنى ھەقىقەتەنمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان باشقا بىر دۆلەت ياكى رايون بولماسلىقى مۈمكىن. بۇ پاكىت ھازىر نېمە ئۈچۈن كالىفورنىيەنىڭ دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلار ئىچىدىكى ئىقتىسادىي كىرىمى 5-ئورۇندا تۇرىدىغان بىر رايون بولالىغانلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ.

  ئامېرىكىدا ئوقۇغان بىلەن ئوقىمىغانلارنىڭ مائاشى ئىنتايىن چوڭ پەرقلىنىدۇ. كالىفورنىيە ئامېرىكا بويىچە كىرىم ۋە تۇرمۇش سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىتات بولۇپ، بۇ شىتاتتىكى كىشىلەرنىڭ مائاشىمۇ يۇقىرى، نەرسىلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئۆينىڭ باھاسىمۇ ھەممىدىن يۇقىرى. مەسىلەن، يېقىنقى بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، لوس-ئانژىلىس ناھىيىسىدىكى ئۆينىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 450 مىڭ دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. بۇ دېگەنلىك يېقىندا لوس -ئانژىلىس ناھىيىسىدە سېتىلغان ئۆيلەرنىڭ يېرىمىنىڭ باھاسى 450 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن، قالغان يېرىمىنىڭ باھاسى 450 مىڭ دوللاردىن يۇقىرى دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ئىجارىگە بېرىلىدىغان 2ئېغىزلىق ياتاقنىڭ بىر ئايلىق ئىجارىسىمۇ 1000-1800 دوللار دائىرىسىدە. ئېلېكتىر، يۇمشاق دېتال، مېھانىكا، خىمىيە، ۋە بىئولوگىيە قاتارلىق ساھەدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان تېخنىكلار ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئىنژىنىرلارنىڭ يېڭى خىزمەتكە كىرگەن ۋاقتىدىكى ئوتتۇرىچە سائەتلىك مائاشىنى تەخمىنەن مۇنداق دەپ ئېيتىش مۇمكىن (بۇ بىر ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەر بولۇپ، ئايرىم شەخسلەرنىڭ مائاشى بۇنىڭدىن كۆپ پەرقلىق بولۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن(: ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن تېخنىكلار: 10 دوللار؛ باكلاۋىرلىق ئالغانلار: 20 دوللار؛ ماگىستېرلىق ئالغانلار: 25 دوللار؛ دوكتۇرلۇق ئالغانلار: 35 دوللار ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى.

  مەن ھازىر سىلەرگە بىر ئاددىي ھېساپ ئىشلەپ بېرەي. بۇ ھېساب مەن تۆۋەندە بايان قىلماقچى بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
  سائەتىگە 10 دوللار ئالىدىغان، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بىر ياش 10 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ ھەر بىر يىلنىڭ ئىچىدە 52 ھەپتە بار بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر ھەپتىدە 5 كۈن، بىر كۈن 8 سائەت ئىشلەيدىغان بولغاچقا، بىر ئادەم بىر ھەپتىدە 40 سائەت ئىشلەيدۇ. شۇڭا10

يىللىق كىرىم = 10 دوللار * 10 (يىل) * 52 (ھەپتە) * 40 (سائەت) = 208 مىڭ دوللار.
سائەتىگە 20 دوللار ئالىدىغان، باكلاۋىر  ئۇنۋانى بار بىر ياش 10 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟

ئون يىللىق كىرىم = يۇقىرىقى پۇلنىڭ ئىككى ھەسسىسى = 416 مىڭ دوللار. لېكىن، بۇ ياش باكلاۋىر  ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن 4 يىل ئىشلىيەلمەيدۇ، ھەمدە بىر يىللىق كىرىمى 4 يىللىق ئوقۇشى ئۈچۈن كېتىدۇ، دېسەك، بۇ ياشنىڭ دەسلەپكى 10 يىللىق كىرىمىمۇ 208 مىڭ دوللار بولىدۇ.

نورمال ئوقۇغان بىر ياش، 22 يېشىدا باكلاۋىر  ئۇنۋانى ئېلىپ بولىدۇ. بۇنىڭغا يۇقىرىقى 5 يىلنى قوشساق، يۇقىرىقى 10 يىلدىن كېيىن بۇ ياشنىڭ يېشى 27 ياش بولىدۇ. بۇ چاغدا، باكلاۋىر  ئۇنۋانى بار ياشنىڭ سائەتلىك مائاشى 30 دوللارغا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ياشنىڭ مائاشى 15 دوللارغا ئۆسكەن بولۇشى مۇمكىن (ئامېرىكىدا بۇ پۈتۈنلەي مۇمكىن. كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار ئىنژىنېرلارنىڭ ئىچىدە سائەتلىك مائاشى 50-60 دوللاردىن ئاشىدىغانلار كۈرمىڭ). ئەگەر بۇ ئىككى ياش 60 ياشقىچە ئىشلىسە (ئامېرىكىدا 65 ياشقىچە ئىشلەيدىغانلار ئىنتايىن كۆپ)، بۇ يېڭى مائاش بىلەن يەنە 33 يىل ئىشلىيەلەيدۇ. ئۇلار بۇ 33 يىلدا قانچىلىك پۇل تاپىدۇ؟ باكلاۋىر  ئۇنۋانى بار كىشى 2 مىليون 59 مىڭ دوللار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان كىشى 1 مىليون 30 مىڭ دوللار تاپىدۇ. بۇلاردىن باشقا، ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگىنىش، كەسىپ جەھەتتە توختىماي ئىلگىرلەش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنرەك بولىدىغان بولغاچقا، مائاشى ئۆسۈپ مەلۇم بىر سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن توختىشى مۈمكىن. ئوقۇغانلار ئۈچۈن بولسا، كەسىپتە ۋە ئىقتىسادىي كىرىمدە ئۆمۈر بويى توختىماي ئىلگىرلەش پۇرسىتى بولىدۇ.
 ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى يالغۇز ئىقتىسادىي كىرىمدىلا ئەمەس. ئوقۇغانلارنىڭ قىلىدىغىنى كەسىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتە بىر ئاز يوقىرى دەرىجىلىك خىزمەت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنى، ئېرىشىدىغان ھۆرمىتىمۇ يوقىرى بولىدۇ.

  مەن بۇ ھېسابنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىدىم؟ چۈنكى، بۇ ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ئاق تەنلىكلەر ئىشلەيدىغان ھېساپ. ئۇ يەھۇدىيلار، ياپونلۇقلار، گېرمانلار، ۋە ياۋروپادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆيىدە چوقۇم ئىشلەپ كۆرىدىغان ھېساب. ھەر قانداق بىر تەرەققىي تاپقان ئەلدىن كېلىپ چىققان كىشى بىلەن پاراڭلاشسىڭىز، سىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىسىزكى، ئۇلار مەيلى بىر ئىگىلىك پىلانى توغرىسىدا سۆزلىسۇن، مەيلى تۇرمۇشتىكى بىرەر ئاددى ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە سانلىق مەلۇماتلار ئىنتايىن كۆپ. ئۇلار ھەممە ئىشلارنى ھېسابلاپ تۇرۇپ قىلىدۇ. تەبىئىي پەن، ئىنژىنېرلىق ۋە ئىقتىسادلا ئەمەس، ئىجتىمائىي پەن ۋە سىياسەتتىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ، مەن بىر قەدەر چوڭقۇرراق ئارىلىشىپ باققان ياپونلۇقلار ۋە يەھۇدىيلار ئەنە شۇنداق. بۇ تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى "ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن ئىش قىلىش" دېگەن ئۇقۇمنى، "ھېسابلاپ تۇرۇپ ئىش قىلىش"، دەپ ئاددىلاشتۇرۇپ چۈشەنسىڭىز، ھەرگىز خاتالاشمايسىز. يەھۇدىي ئاتا-ئانىلار يۇقىرىقى ھېسابنى بەك ياخشى بىلگەچكە، ئۆزلىرى قانچىلىك جاپا چېكىشىدىن، خارلىنىشىشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتىدۇ. مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشىسىدا ئوقۇتىدۇ. ئەڭ قىيىن كەسپلەردە ئوقۇتىدۇ. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىدا كىرىمى ئەڭ يۇقۇرى بولغان دوختۇرلۇق (مىدىتسىنا) كەسپى، ئادۋوكاتلىق كەسپى، ئىقتىساد كەسپى، ئالتۇن-بۇيۇم، سەنئەت ۋە كىنو ئىشلەش قاتارلىق كەسپلەردە يەھۇدىيلارنىڭ نىسبىتى ئۇلارنىڭ نوپۇس سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن يۇقۇرى.

  ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق ياشلارنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىش-ئىزدىنىش روھىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نېمە؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. يەنى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يۇقىرىراق ئىقتىسادىي كىرىم ۋە شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان ياخشىراق تۇرمۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىدىكى ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى كەلگۈسىدە باشقىلاردىن ياخشىراق ياشاش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلىقى، ھەمدە كۆپىنچىسى ئوقۇش پۇلىنى ئۆز يانچۇقىدىن تۆلەيدىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھېچ كىم مەجبۇرلىمىسۇ، ناھايىتى تىرىشىپ ئوقۇيدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى 4 نومۇرلۇق سىستېما بولۇپ، دەرس نەتىجىلىرى مۇنداق بېرىلىدۇ: A=4, B=3, C=2, D=1, ۋە. F=0 شۇڭا ھەممە دەرسلەردە تولۇق نومۇر ئالغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 4.0 بولۇپ، بۇ ئوتتۇرىچە نومۇر ئىنگلىزچىدە "Grade Point Average"، ياكى قىسقارتىلىپ "GPA" دەپ ئاتىلىدۇ (ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىكى ئوقۇشتا ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلارغا بىر خىل ئالاھىدە كاتېگورىيە بويىچە 4.0 دىن يۇقىرى نومۇرمۇ بېرىلىدۇ). مەن كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "Northridge" بىلەن "Sacramento" دىگەن شۆبىسىدە، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ "Davis" دېگەن شۆبىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ باقتىم. نورمال دەرسنىمۇ، ۋە تەجرىبە دەرسلىرىنىمۇ ئۆتۈپ باقتىم. تەجرىبە دەرسلىرىدە، دەرسكە كەلمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ تەجرىبە دوكلاتى يېزىپ تاپشۇرۇشىغا يول قويمىدىم. دەرسكە كېلىپ، تەجرىبە ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن دوكلات تاپشۇرغانلارنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ نومۇر بەردىم. دەرسخانىدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسكە كەلسەك، مېنىڭ كىم دەرسكە كەلدى، كىم كەلمىدى، ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىز كارىم بولمىدى. ئەمىلەيتتە ئۇ ئىشلار بىلەن كارى بولۇشنىڭ ھەرگىزمۇ ھاجىتى يوق. سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي بىلىم ئېلىش، ھەقىقىي ئىقتىدار يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇيدىغان بولغاچقا، ئۇلار ھەممە ۋاقىتتا كۆپرەك نەرسە ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشىدۇ. دەرسكە خۇددى ئوقۇتقۇچىدا قەرزى باردەك كىرىدۇ: مەن مەكتەپكە پۇل تۆلىدىم، شۇڭا سىز دەرسنى ياخشى ئۆتۈشىڭىز كېرەك دەپ قارايدۇ.  دەرس سۆزلەۋاتقاندا كىچىككىنە خاتالىق بولۇپ قالسىمۇ، ئۇلار دەرھال بىلىۋېلىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ سوئال سورايدۇ. سىز شۇ نەق مەيداندا جاۋاپ بېرىسىز. ئەگەر شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا جاۋاب بېرەلمىسىڭىز، ئوقۇغۇچىلارغا دەپ قويۇپ، كېيىنكى دەرستە جاۋاب بېرىسىز. مەكتەپ سىزگە بىر دەرسنى ئۆتۈشنى تاپشۇرغاندا، سىزگە ئوقۇغۇچىلار مۇشۇ دەرسنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن نېمىلەرنى بىلىشى كېرەك، شۇنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. قايسى كىتابنى ئۆتىسىز، قانداق تەرتىپ بويىچە ئۆتىسىز، قانچىلىك تاپشۇرۇق بېرىسىز، قانچە قېتىم ئىمتىھان ئالىسىز، ھەمدە ئەڭ ئاخىرقى دەرس نەتىجىسىنى قانداق بېرىسىز، بۇ پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزنىڭ ھوقۇقى. ئادەتتە، باكلاۋىر  ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس نەتىجىسى مۇنداق بېرىلىدۇ: تاپشۇرۇق 30 پىرسەنت، يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھان 30 پىرسەنت، مەۋسۇملۇق ئىمتىھان 40 پىرسەنت. سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدىدىكى 10-15 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "A", ئۇنىڭدىن كېيىنكى 30 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "B"، ئۇنىڭدىن كېيىن 30 پىرسەنت ئوقۇغۇچىغا "C"، قالغانلارغا "D" بىلەن "F" بېرىلىدۇ. ھەرگىز بىرەر ئىمتىھاننىڭ نەتىجىسى شۇ بويىچە ئوقۇغۇچىنىڭ دەرس نەتىجىسى بولۇپ ھېسابلانمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەشنى 1-ئورۇنغا، ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئېلىشنى 2-ئورۇنغا قويىدۇ. مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان ئاسىيالىقلار بولسا، بۇنىڭ قارمۇ-قارشىسىنى قىلىدۇ.

  مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، خىزمەت تېپىشتا، ئوتتۇرىچە مەكتەپ نەتىجىسى 2.5 نومۇردىن يۇقىرى بولسا بولىۋېرىدۇ. يېڭى بىر شىركەتكە خىزمەتكە كىرگەندە، باكلاۋىر  ئۇنۋانى بارلارنىڭ مەكتەپ نەتىجىسى تەكشۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى 4.0 ئورتۇچە نومۇر بىلەن پۈتتۈرگەنلەرنى بەزى شىركەتلەر "بىر ئاز چاتىقى بار ئوخشايدۇ" دەپ قارايدىكەن. ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بارلارنىڭ نەتىجىسىگە ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن، باكلاۋىر  نەتىجىسى كام دېگەندە 3.0، ئەڭ ياخشىسى 3.5 دىن يۇقىرى بولۇشى كىرەك.

ئىزاھلاپ ئۆتۈپ كېتىشكە تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، بىر كىشىنىڭ بىرەر ئۇنۋانى بولۇشى، ھەرگىز ئۇ كىشىنىڭ چوقۇم بىرەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىشى كاپالەتكە ئىگە، دېگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەن ھەر خىل دەرىجىدىكى مائاشنى چوقۇم ئالالايدۇ، دېگەندىنمۇ دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ ئامىللار بىر كىشىنىڭ ئۇنۋانى بىلەن ئۇنىڭ ھەقىقىي بىلىمى ۋە خىزمەت ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر شىركەت سىزنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خىزمەتكە ئالالىغانىكەن، سىزنى يەنە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شىركەتتىن بوشىتالايدۇ. 2000-يىلىنىڭ ئاخىرى بىزنىڭ "WaveSplitter" دېگەن شىركەتكە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكلاۋىر ، ئامېرىكىنىڭ خېلى داڭلىق بولغان خۇسۇسىي مەكتەپ Purdue ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر خەنزۇ قىزنى ئالدى. لېكىن، ئۇ قىز ئىشنى زادىلا ياخشى قىلالمىدى. مەن بىرەرسى بىلەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە پاراڭلاشسام، ئاستا قېشىمغا كېلىپ ئوغرىلىقچە ئاڭلايتتى. ئىنژىنېرلار يىغىنىدا پەقەت پىكىر قاتناشتۇرالمايتتى. مېنىڭ ئۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىپ، ئۆزۈم شىركەت ئۈچۈن تەييارلىغان بارلىق تېخنىكىلىق ماتېرىياللىرىمنى ئۇنىڭغا نۇسخىلاپ بەردىم. "ھەر قانداق ۋاقىتتا سوئالىڭ بولسا، مەندىن تارتىنماي سورا" دەپ تۇردۇم. لېكىن، بۇ قىز خىزمەتنى زادىلا قولىغا ئالالمىغاندىن كېيىن، شىركەتكە كىرىپ 5 ئايلاردىن كىيىن، ئۇنى شىركەتتىن بوشاتتى. 2003-يىلى مەن "نۇرلۇق تالا خەۋەرلىشىش" خەلقارالىق يىغىنىغا بارغاندا، بۇ قىزنى شۇ يىغىن زالىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئورنىدا ئۇچرىتىپ قالدىم. ئۇ قىز شۇ چاغقىچە باشقا خىزمەت تاپالماي يۈرۈپتۇ. چىڭخۇدا باكلاۋىر لىق ئېلىپ، ئامېرىكىدىكى يەنە بىر داڭلىق مەكتەپ بولغان Prinséton ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتۇرلۇق ئالغان يەنە بىر خەنزۇ بالا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن ئوقۇغىنى ئاكتىپ ئوپتىكىلىق زاپچاسلار ئىكەن. بىزنىڭ شىركەتتە قىلىدىغىنى پاسسىپ زاپچاسلار بولۇپ، ئۇ بالا ئىنژىنېرلار گۇرۇپپىسىدا زادىلا ئىشلىيەلمىگەندىن كېيىن، ئۇنى شىركەتنىڭ سودا-سېتىق بۆلۈمى

(ئىنگلىزچە "Sales and Marketing Deparment" دەيدۇ) گە يۆتكەپ قويدى. لېكىن، ئۇ يەردىمۇ ياخشى ئىشلىيەلمىگەچكە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىمۇ ئىشتىن بوشىتىۋەتتى. مەن بۇ يەردە ھەرگىز خەنزۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلىيەلمەيدۇ، دېمەكچى ئەمەسمەن. يۇقىرىقىلار ناھايىتى داڭلىق مەكتەپلەردە ئۇنۋان ئالالىغان بولسىمۇ، خىزمەت ئىقتىدارى تۆۋەن، ھەمدە يېڭى شارائىتقا تېز ماسلىشىش قابىلىيىتى يوقلارنىڭ بىر قانچە مىساللىرىدىنلا ئىبارەت. ئامېرىكىدا ياخشى ئىشلەپ، ئۆز كۈنىنى ياخشى ئېلىپ كېتىۋاتقان خەنزۇلار ئىنتايىن كۆپ. ئۆزلىرى يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەت قۇرغانلارمۇ خېلى بار. مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسىدا جۇڭگو، شاڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن كەلگەن، يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتتە ئىشلەيدىغان خەنزۇ خادىملاردىن 50 مىڭدىن كۆپ ئادەم بار ئىكەن.

  ئامېرىكىدىكى شىركەتلەر ھەقىقىي ئىقتىدارى يوق، شىركەتنىڭ ئىشلىرىغا ئۆز سالاھىيىتىگە چۇشلۇق تۆھپە قوشالمايدىغانلارنى ئىشتىن تېزلا بوشىتىۋەتكەن بىلەن، شىركەت ئۈچۈن مۇھىم كىشىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدايدۇ. مەن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن، سىلىكون جىلغىسىدىكى يەنە بىر شىركەتكە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق تېخنىكا خادىمىنى ئىزدىدىم. ئۇلار ماڭا ئارىزونا شىتاتىنىڭ بىر تېلېفون نومۇرىنى بېرىپ، شۇيەرگە تېلېفون قىلىشىمنى ئېيتتى. مەن "سىلەرنىڭ ئارىزونادىمۇ بىرەر شۆبەڭلار بارمۇ؟" دەپ سورىسام، ئۇلار "ياق. بىزنىڭ شىركەت بۇرۇن ئارىزونادا بولۇپ، كېيىن كالىفورنىيەگە يۆتكەپ كەلگەن. لېكىن ئۇ كىشى كالىفورنىيەگە كەلگىلى ئۇنىمىغاچقا، ئۇنىڭغا ئارىزونادا بىر ئايرىم ئىشخانا ئېچىپ بەردۇق"، دېدى. مەن 2003-يىلى Wave Splitter  دىن چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئۆزۈمنىڭ ھەممە تونۇشلىرىغا يېڭى ئىش ئىزدەۋاتقانلىقىم توغرىسىدا ئېلخەت يازدىم. مېنىڭ بۇرۇنقى ساندىئا(Sandia ) دۆلەت تەجرىبىخانىسىدىكى ئۇستازىم، ھازىر Georgia تېخنىكىلىق ئىنستىتۇتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى مېنى ئۆز مەكتىپىنىڭ تارمىقىدا ئەمدىلا قۇرۇلغان، پەقەت بىر رەئىسى بىلەن بىر مۇئاۋىن رەئىسىدىن ئىبارەت ئىككىلا ئادىمى بار، شىركەت ئۈچۈن ئىقتىسادىي مەبلەغنى ھەل قىلىپ بولغان بىر شىركەتنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپ چىقارماقچى بولغىنى، ھەر خىل دورا ۋە يېمەكلىكلەر شىركىتى دورا بىلەن يېمەكلىكتە مىكروپ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرىدىغان بىر ئوپتىكىلىق ئاپپارات بولۇپ، ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ئۇستازىمنىڭ بىر قانچە پاتېنتىغا ئاساسلانغان بولۇپ، مېنى شىركەتنىڭ باش تېخنىكى قىلىپ ئالماقچى بولدى. مەن كالىفورنىيەنىڭ يۇقۇرى مائاشىغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن مائاشىنى ئاز كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مائاش قوشۇپ بەرگەنىدى، مېنىڭ مائاشىم قالغان 2 كىشىنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتتى (ئاتلانتانىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كالىفورنىيەنىڭكىدىن جىق تۆۋەن بولۇپ، كالىفورنىيەدە بىر ئۆي ئالغان پۇلغا ئۇ يەردە كام دېگەندە 2 ئۆي ئالغىلى بولىدۇ). ماڭا شىركەتنىڭ 3 پىرسەنتىنى بەرگەنىدى، ئۇنىمۇ ئاز كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى 7 پىرسەنتكە كۆتۈرۈپ بەردى. ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ ئۆينى Georgia شىتاتىنىڭ ئاتلانتا شەھىرىگە يۆتكەپ بېرىشتىن بۇرۇن، مەن ھەر 4 ھەپتە ئاتلانتادا ئىشلەپ، 5-ھەپتىسى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ئۆيدە بىر ھەپتە ئىشلەيمەن، دېگەن شەرتنى قويدۇم. ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ماقۇل بولدى. لېكىن، دەل شۇ چاغدا، بىز تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ قېشىدىكى شەھەرگە جايلاشقان، بىر بىئولوگىيە تېخنىكىسى شىركىتىدىن ماڭا خىزمەت چىقىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاتلانتادىكى شىركەتكە بارمىدىم. بۇنداق دېسەم، بەزىلەر ئۈچۈن مەن ئاجايىپ يۈزسىزدەك تويۇلۇشۇم مۇمكىن. بۇ ئامېرىكىدا بىر ئىنتايىن نورمالنى ئىش. مەن بىر شىركەت ئۈچۈن ئاشۇنداق قىلالايمەن. بىر شىركەت مەن ئۈچۈنمۇ ئاشۇنداق قىلالايدۇ. 2001-يىلى مېنىڭ ئايالىمنىڭ يۇمشاق دېتاللار شىركىتى ئازراق ئادەم قوبۇل قىلدى. يېڭى قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى، بۇ يېڭى خىزمەتنى باشلاشتىن بۇرۇن، ياۋروپاغا بېرىپ، بىر-ئىككى ئاي تاماشا قىلماقچى بولۇپ كېتىپتۇ. دەل شۇ چاغدا شىركەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولۇپ، ھېلىقى ئىشقا ئېلىپ بولغان، ئەمما تېخى خىزمەت باشلىمىغانلاردىن بىر قانچىسىنى شىركەتكە ئالماسلىقنى قارار قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەت ياۋروپادا تاماشا قىلىۋاتقانلارغا "سىزنى ئىشتىن بوشاتتۇق. ئەمدى بىزنىڭ شىركەتكە كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ" دەپ خەت ماڭدۇرۇپتۇ.

مېنىڭ ئاتلانتادىكى بۇرۇنقى ئۇستازىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ھازىرمۇ ئىنتايىن ياخشى. يۇقىرىقى شىركەتتىكى ئۇ ئىككى ئادەم بىلەنمۇ ھېچ قانداق يامانلىشىپ قالمىدىم. مەن بارمايدىغانلىقىمنى ئېيتقاندا، ئۇلار "بىزگە بىرەر ئادەم كۆرسىتىپ بەرسەڭ"، دەپ ئىلتىماس قىلىۋېدى، مەن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇستازىمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچىسىنى كۆرسىتىپ بەردىم. كېيىن ئۇقسام، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شىركىتىگە جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى يېڭى پۈتتۈرگەن بىر ياشنى ئېلىپتۇ.

  مەن يۇقىرىدا ئامېرىكا توغرىسىدا خېلى كۆپ سۆزلىدىم. مەن تەسۋىرلىگەن بۇ ئىشلارنى بىزنىڭ يۇرتقا قانداق تەدبىقلاش مۇمكىن؟
يۇرتىمىزدا بۇ ئىشلار بىلەن ئالاقىدار مۇنداق 3 تەرەپ بار. 1) ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى. 2) ئوقۇتقۇچى، ۋە ئاتا-ئانىلار. 3) ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئەڭ تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئامېرىكىدا ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۆزى خالىغان، ئۆزىنىڭ كۇدرىتى يېتىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بىلىم ۋە ئىقتىدار ئىگىلەيدىغان، ھەمدە بۇ بىلىم بىلەن ئىقتىدارنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشلىتەلەيدىغان پۇرسەت بار. يېقىنقى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى "خىزمەتنى بىر تۇتاش تەقسىم قىلىش" دىگەن سىياسەت، "خىزمەتنى ئۆزى تېپىش" دېگەن يېڭى بىر سىياسەتكە ئۆزگىرىپتۇ. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇقەررەر يۈزلىنىشىدۇر. ئامېرىكىدا ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇنداق بىر ئۆتكۈنچى دەۋر بولغانمۇ-يوق، مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى تارىختىن خەۋىرىم يوق. لېكىن، ھازىر ئامېرىكىدا "ھەممە ئادەم، ئۇنىڭ قايسى مىللەتىن بولۇشى، قايسى دىنغا ئىشىنىشى، ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، خىزمەت پۇرسىتى ئالدىدا پۈتۈنلەي باراۋەر" دېگەن ئىنتايىن قاتتىق قانۇن بار. خىزمەت تېپىشتا بىر ئادەم ئازراق كەمسىتىشكە ئۇچراپ قالسا، ئۇ ئادەم شىركەت ئۈستىدىن ئەرز قىلالايدۇ. ئەگەر شىركەتنىڭ ئادەم كەمسەتكەنلىكى راست بولۇپ چىقسا، بۇ شىركەت ئىنتايىن ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ. ئادەم كەمسىتىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ئۇ ياقتا تۇرسۇن، گەپ-سۆزنى قىلىشمۇ قاتتىق چەكلەنگەن. ئەگەر شىنجاڭدا "خىزمەتنى ئۆزى تېپىش" تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، "خىزمەت پۇرسىتى ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم، ھەممە مىللەت باراۋەر" دېگەن بىرەر قانۇن تۈزۈپ چىقىرىلمىسا، ھەمدە بۇ قانۇن قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، خۇددى ھازىرقىدەك، شىنجاڭدىكى شۇ ئىككى توك-توك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرى خىزمەت تاپالمايدۇ. سىز ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە جارىي قىلدۇرىشىغا شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەرمىسىڭىز، بۇ ھېچ بولمىغاندا بىر ئىقتىسادىي زىيان ۋە ئىسراپچىلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ "دۇنيانىڭ ئىلغار تېخنىكىلىق سەۋىيىسىگە يېتىۋېلىش"، "ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش" ۋە "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش" دېگەندەك شۇئارلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا زور دەرىجىدە زىيانلىق ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلىشىگە ئۈندەشتە ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن، جۇڭگودا بۈگۈنكىدەك زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشىنى كۆپىنچە ئادەملەر پەرەز قىلالمايتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل، 20 يىل، 30 يىلدىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟ سىز ئوقۇغۇچىڭىزغا ياكى پەرزەنتلىرىڭىزگە يول كۆرسەتكەندە، نەزەرىڭىزنى ئاشۇنداق كەلگۈسىدە كېلىدىغان بىر دەۋرگە سېلىڭ. ھېچ بولمىغاندا، ھازىرقى ۋەزىيەتكە قاراپ، سىزنىڭ روھىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇغۇچىسى ياكى بالىڭىزنىڭكىدىن بەكراق چۈشۈپ كەتمىسۇن. ئۆزىڭىزنىڭ روھى چۈشۈپ كەتسە، ياشلارغا ھەرگىزمۇ يول كۆرسىتەلمەيسىز.

بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ بۇرۇن بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار توغرىسىدا توغرا يەكۈن چىقىرالىغانلىقىدا ئەمەس. بىر ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقى، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى توغرا مۆلچەرلىيەلىشىدە.

  تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەممىسى خۇددى بىر پارچە گۆشنى تالىشىۋاتقان بۆرە-يولۋاسلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشايدۇ. جۇڭگو جەمئىيىتىمۇ ھازىر دەل ئاشۇنداق بىر جەمئىيەت بولۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر ۋاقىتنى زايا قىلماي، ئۆزىڭىزدە ھەقىقىي بىلىم بىلەن ھەقىقىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرسىڭىز، كەلگۈسىدە پۇرسەت ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولىدىغان بىر جەمئىيەت شەكىللەنمەي قالغاندىمۇ، ھەچ بولمىغاندا سىزگە ھېچ قانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئەگەر پۇرسەت ۋە رىقابەت ئالدىدا ھەممە ئادەم، ھەممە مىللەت باراۋەر بولىدىغان بىر جەمئىيەت شەكىللىنىپ قالسا، سىز ھازىر ئىگىلىگەن بىلىم بىلەن ئىقتىدار سىز ئۈچۈن بىر بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىدۇ. ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت خۇددى بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن تۇققىنىغا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر كەتكەندىن كېيىن، مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ. "ئەگەر يەنە بىر كۈن ھايات بولغان بولسا، ماۋۇنى قىلىپ بەرگەن بولسام"، "ئەگەر يەنە بىر ئاي ھايات بولغان بولسا، ئاۋۇنى قىلىپ بەرگەن بولسام"، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چاغدا سىز مىڭ يىغلىسىڭىزمۇ، تۇققىنىڭىز تىرىلىپ بەرمەيدۇ. شۇڭا، تۇققىنىڭىز ھايات ۋاقتىدا، سىز قىلىپ بەرىشكە تېگىشلىك ۋە سىز قىلىپ بېرەلەيدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى قىلىپ بېرىڭ. ھازىردىن باشلاپ قىلىپ بەرگەچ تۇرۇڭ. ئاشۇنداق قىلسىڭىز، تۇققىنىڭىز ئۆلۈپ كەتكەندە ھەچ قانداق يىغلىمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ--مېنىڭچە، سىز ئۇ چاغدا پەقەتلا يىغلىمىسىڭىزمۇ، تۇققىنىڭىز چوقۇم سىزدىن رازى بولىۋېرىدۇ .

3.        ئەسكەرتىش


مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن كېيىنكى بىر قانچە ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنلىرى تورلارغا يېڭى ماقالە يوللىيالمايدىغان بولۇپ، ئاللاھ خالىسا يېڭى ماقالە چىقىرىشنى 17-ئۆكتەبىر كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇنراق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.  قېرىنداشلارنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمەن. رەھمەت.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:


[1] بىلىمخۇمار: مەكتەپ ھاياتىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش توغرىسىدا قىسقىچە تەۋسىيە
http://bbs.misranim.com/thread-107181-1-1.html

[2] A Dad Sending His Daughter Off to College 736.1
http://whatwillmatter.com/2011/08/a_dad_sending_his_daughter_off/

[3] بىلىمخۇمار: يەھۇدىلارنىڭ كۈچلۈك بولالىشىدىكى مۇھىم ئامىللار
http://bbs.izdinix.com/thread-55953-1-1.html

[4] بىلىمخۇمار: ئادەم خاراكتېرىنىڭ 6 تۈۋرۈكى  
http://bbs.izdinix.com/thread-59773-1-1.html

[5] بىلىۋال تور بېتىنىڭ ئەركىن سىدىق بىلەن ئۆتكۈزگەن يازما سۆھبىتىنىڭ 1-قىسمى
http://www.menzil.biz/ گە كىرىپ، «ئېلكىتاپ ئامبېرى»  نى چېكىڭ. ئاندىن «ماقالىلار» غا كىرىپ، «ئەركىن سىدىق» نى تاللاڭ.  ئاشۇ سەھىپىنىڭ 2-بېتىدە « ئەركىن سىدىق بىلەن سۆھبەت» دېگەن بىر ئېلكىتاپ بار.


1

تېما

3

دوست

6320

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 513
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 16:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرى ساپالىق بىر ئاتىنىڭ خېتى ئىكەن. پەرزەنت تەربيىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن مۇھىم.بولۇپمۇ بۈگۈنكى رىقابەت دەۋرىدە.بەزىدە ‹‹بىز بەك كېچىكتۇقمۇ-نېمە؟››دەپ ئويلاپ چۆچۈپ قالىمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

4203

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7646
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 834
تۆھپە : 718
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 18:57:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەيكۇ شەھىرى گېزىتى خەۋىرى: «كاڭ ئۇستام» 14- سېنتەبر خەۋەر ئېلان قىلىپ، بۇ شىركەت مەھسۇلاتلىرىغا كېرەكسىز سۇ مېيىنى خام ئەشيا قىلغان ناچار سۈپەتلىك چوشقا مېيى ئىشلەتكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان.
ئەمما بۇ «كاڭ ئۇستام»نىڭ بىرىنچى قېتىم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى سەتچىلىكى ئۇچرىشى ئەمەس. بۇلتۇر 11- ئايدا، تەيۋەندە زەيتۇن مېيىنى «تۇڭيى يېشىل چېيى»غا ئارىلاشتۇرىۋەتكەن دېگەن يالغان خەۋەر تارقالغان بولۇپ، «كاڭ ئۇستام» قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان. ۋېي جەمەتىدىكى ئاكا-ئۇكىلاردىن شىن يەندەن ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، يەنە ۋېي يىڭچوڭمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ تەيۋەن يېمەكلىك تەرەققىيات كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن.
«كاڭ ئۇستام»نىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، «كېرەكسىز ماي ئىشلىتىش ۋەقەسى» «كاڭ ئۇستام»نىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، چۈنكى تەييار چۆپ شىركەتنىڭ ئاساسىي مەھسۇلاتى ئەمەس.
«كاڭ ئۇستام»نىڭ جۇڭگو تەييار چۆپ بازىرىدىكى ئورنى ياخشى بولۇپ، 2013- يىلى تەييار چۆپ بازىرىنىڭ %44 نى ئىگىلىگەن، يىللىق سېتىلغان تەييار چۆپ مىقدارى 10 مىليارد قاپقا يېتىدۇ.

تەرجىمىدە قەلبىنۇر

adimilik ayrilmas hamrahing&a

4

تېما

20

دوست

4653

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9336
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 451
تۆھپە : 1098
توردىكى ۋاقتى: 96
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 23:13:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە     سكوت راكېر ئەپەندىدەك مەسئۇلىيەتچان  ئاتىلار قانچىلىك باردۇ دىگۈم كەلدى ، چۈنكى بىزدىكى نۇرغۇن ئاتىلار بالا تېپىشنى بىلگەن بىلەن تەربىيىلەشنى ئانا بولغۇچىغىلا يۈكلەپ قويىدىغان ، ئەگەر بالىدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە ، ئانا بولغۇچىنى گۇناھكار ھېساپلاپ ، ئۆزى مەسئەلىيەتتىن باش تارتىدىغان ئىشلار ئاز ئەمەس .

بىلىمخۇمار ئاكىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر !

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 23:19:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋاقىتتا يوللانغان تېما بولۇپتۇ. تەشەككۈر.

109

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1061
تۆھپە : 2841
توردىكى ۋاقتى: 1203
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 08:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
huxruy يوللىغان ۋاقتى  2014-9-19 23:13
بىزدە     سكوت راكېر ئەپەندىدەك مەسئۇلىيەتچان  ئاتىلار  ...

ھەممە قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىگە ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

45

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31310
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 14
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 12:03:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز بىلىمخۇمار ئاكا....ئوقۇغانننىڭ يۈزى يۇرۇق.

3

تېما

0

دوست

2009

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 608
توردىكى ۋاقتى: 135
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 15:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلىق سوت مەھكىمىسى 17-18- چىسلا ئىلھام توختىنى
سوتلىدى.
مەنبە: http://www.uycnr.com/wqhg/xw/
كۈندىلىك خەۋەرلەر سەھىپىسىنىڭ 19- چىسلادىكى ئاڭلىتىشى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )