قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1299|ئىنكاس: 11

سادىق قورمال توغۇرسىدا ھىكايىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

281

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3055
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14482
تۆھپە : 11206
توردىكى ۋاقتى: 4001
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 21:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
سادىق قورمال توغۇرسىدا ھىكايىلەر

   ئەخمەت ھەمدۇللا


         بۇ يىل يىل بېشىدا "قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر "ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كىيىن ،ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن كىشلەر تۈرلۈك ئۇچۇر ۋاستىسى ئارقىلىق مېنىڭ بۇ كىچىككىنە  ئىلمى ئەمگىكىمنى تەبرىكلەشتى . بولۇپمۇ قومۇلدىكى نۇرغۇن كىشلەر مېنىڭ  بۇ ئىلمى ئەمگىكىمگە يوقۇرۇى باھالار بىرىشتى ،مېنى ئىلھاملاندۇردى . ئەلۋەتتە بۇجەرياندا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەر بىرىلدى ،بەس مۇنازىرىلەرمۇ بولدى . بىر مەزگىل بەزى تور بىكەتلەردىمۇ بۇ ھەقتىكى بەس -مۇنازىرىلەر كەڭ تورداشلار دىققەت قىلدىغان قىززىق نۇقتا بولۇپ قالدى . جۈملىدىن ، قومۇل تارىخىدا مەلۇم تەسىرگە ئىگە شەخىس سادىق قورمال توغۇرسىدىكى بەس -مۇنازىرىلەر خېلى كۆپ بولدى . ئەلۋەتتە ،بۇ بىر ياخشى ئەھۋال . مەن كەڭ مەسئوليەتچان كىشىلىرىمىزنىڭ موشۇنداق تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرىشىنى ، ئۇچۇر ۋە ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن . شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۇركى ،مەن كىتابىمنىڭ بېشىدا يازغىنىمدەك "سەۋىيەم چەكلىك ، ماتېرياللار كەمچىل ، ئىزدىنىشىم چوڭقۇر بولماسلىقى تۈپەيلى كىتابتا سەۋەنلىكلەر ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن ".سادىق قورمالنىڭ ھاياتىي پائاليەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تولۇقلىما كىشلىرىمىزنىڭ ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ- پىكىر  بىرىشى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن خەلقپەرۋەر ئەمەلدار ،باي سودىگەر ،1931- يىلى پارتىلىغان قومۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، قومۇلدا ، بولۇپمۇ قومۇلنىڭ شىمالىدىكى ئالتە يۇرتتا )ئىلگىرى ئاراتۈرۈكتىكى نېرىنكىر ، تۈركۆل ، ئاراتۈرۈك ئاداق ،باي ، نوم قاتارلىق يۇرتلار ئالتە يۇرت دەپ ئاتالغان) خېلى زور تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابى سادىق قورمال توغۇرسىدا بىر قەدەر تەپسىلىيرەك ماتىرىيال يېزىش مەقسىتىدە بىر قسىم كىشلەرنى زىيارەت قىلدىم . زىيارەت ۋە ماتىريال ئىگىلەش جەريانىدا سادىق قورمالنىڭ ھاياتىي پائاليىتى توغۇرسىدا ناھايىتى قىممەتلىك ماتىرىياللارغا ئىگە بولدۇم .
         سادىق قورمال 1889-يىلى نېرىنكىرنىڭ دورغىسى مەتھاشىم (مەمەت ھاشىم) دىگەن كشىنىڭ ئائىلسىدە تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋىر نېرىنكىر ۋە قومۇلدا دىنىي تەلىم ئالغان .قورامىغا يەتكەندىن كىيىن دادىسىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكىگە ياردەملەشكەن .دادىسى ۋاپات بولغاندىن كىيىن نېرىنكىرنىڭ قورمالى بولغان. ئۇ ھەر قانداق ئىش قىلسا ئويلاپ ئىش قىلدىغان يىراقنى كۆرەر ،تەدبىرلىك كىشى بولغاچقا ، بىر تەرەپتىن دادىسىدىن قالغان چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تۆگىلىرى بىلەن كارۋان تارتىپ سودا قىلغان . يۈز نەچچە تۆگىسى بىلەن موڭغۇلىيە ، جيۇچۈەن ،ئۈرۈمچى ، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا نېرىنكىردىن تېرە ۋە يۇڭ ئېلىپ بىېرىپ سېتىپ ،ئىچىكى ئۆلكىلەردىن چاي ، شېكەر ، رەخت -پۇچۇق ،گۈرۈچ ، كىرسىن قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ كىلىپ ، چارۋا ۋە يۇڭ-تېرىلەرگە ئالمىشىپ سودا قىلغان . شۇ چاغلاردا بىر تاختا چايغا تۆت تۇياق قوزىنى ئالماشقىلى بولاتتى. شۇڭا سادىق قورمال ناھىايىتى تىزلا قومۇلدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى بايلاردىن بولۇپ قالغان .
          سادىق قورمالنىڭ كىچىك ئوغلى كېرەم سادىق ئەسلەپ مۇنداق دىدى :"بىز بەش ئوغۇل ، ئۈچ قىز ، جەمئىي سەككىز قېرىنداش بولۇپ ، چوڭ ئاكام ئېلى سوپى چارۋىلارغا مەسئول بولغان .ئىككىنچى ئاكام ئويۇپ نومدىكى يەر -كارىزلىرىمىزغا مەسئول بولغان . ئۈچۈنچى ئاكام ياقۇپ دادامنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئاساسلىقى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قاتناپ سودا قىلغان . دادام ئشلارنى ناھايىتى ئەتىراپلىق ئويلاپ ئورۇنلاشتۇراتتى . كىشلەرنىڭ ئىش ھەرىكىتىگە قاراپلا ، ئۇلارنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بىلىۋالاتتى . بىر ئىش ھازىرغىچە ئىسىمدىن چىقمايدۇ . بىر يىلى دادام بارىكۆلگە سودا ئىشى بىلەن بارغاندا ، تۇرپاندا تاھىر دىگەن كىشى دادامنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ،دادامنى ئىزلەپ كىلىپ : <مېنى بالا قىلۋالسىلا ،نىمە ئىش قىل دېسلە قىلىمەن > دەپتۇ . دادام ئۇنىڭ راستچىل ، چېچەن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ ماقۇل بوپتۇ . دادام بارىكۆلدىن نېرىنكىرگە قايتىپ كلىپ كۈيۈ ئاكامنى ئىككى تۆگە ، بىر ئات بىلەن بارىكۆلگە ئەۋەتىپ ، تاھىر ئاخۇننى ئايالى ۋە بىر قىزى بىلەن نېىرىنكىرگە ئالدۇرۇپ كەپتۇ . دادام تاھىر ئاخۇننى دەسلەپتە سودا ئىشلىرىغا ياردەملەشتۇرۇپتۇ . بىر قېتىم تاھىر ئاخۇننى باش قىلىپ 15 تۆگە ، بىر يورغا ئات بىلەن گۇچۇڭ تەرەپكە سودا قىلىشقا ئەۋەتىپتۇ . تاھىر ئاخۇن گۇچۇڭ قاتارلىق جايلاردىن تۇرپانغا ئاشلىق ۋە چارۋا يۆتكەپ سېتىپ ناھايىتى كۆپ پايدا ئاپتۇ . تاھىر ئاخۇنلار نېرىنكىردىن 9-ئايلاردا كىتىپ ، كېلەر يىلى 5-ئايلاردا ئىككى تۆگىلىك مالغا بىر تۆگىلىك مال پايدا ئېلىپ قايتىپ كەپتۇ (بۇ ئومۇمى تۆگىنىڭ سانى ئەمەس بەلكى پايدا نسىبىتى ) . دادام پۇل تاپقاندىن كىيىن نومدا ئىككى كارىز چاپتۇرۇپ ،600 مۇ يەر ئاچقۇزغان .تۇرپانلىق گۈلئاخۇننى نومدىكى ئاشۇ يەرلەرگە مەسئول قىلغان . كېينىچە تاھىر ئاخۇننى قولىدىن ئىش كىلىدىغان ، ئىشەنچلىك ئادىمى ھىساپلاپ ھازىرقى توت كوچا مەسچىتى يېنىدىكى قورو جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان . تاھىر ئاخۇن قومۇلغا بارغاندىن كېيىن يەنە سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ ، شەرقتە لەنجۇ ، جيۇچۈەن ، غەربتە ئۈرۈمچى ، تۇرپان ، گۇچۇڭلارغا سودا كارۋىنى ماڭدۇرۇپ ، يۇڭ -تېرە ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىپ ،دادامنىڭ سودىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋەتكەن .   ئۆزىمۇ <تاھىر باي >دەپ ئاتالغان. ھەتتا ،بەزى كىشلەر بىزنىڭ تۆت كوچىدىكى سارىيىمىزنى <تاھىر باينىڭ سارىيى > دەپ ئاتايدىغان بولغان .
          دادام ئەل -يۇرتنىڭ مەنپەئەتى مەسەلىسىدە پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايتتى . ئىلگىرى نېرىنىكىر بىلەن بارىكۆلنىڭ چېگرىسى دەپ قارىلىپ كەلگەن سەككىز بۇلاق دەپ بىر غول بار ئىدى . بۇ غولنىڭ غەربى بارىكۆلگە ، شەرقى نېرىنكىرگە قارايتتى . ئەينى يىللىرى غولنىڭ غەربى تەرىپىدىكى كىشلەر يەر -سۇ قوغلىشىپ غولنىڭ شەرقىي تەرپىگە ئۆتىۋېلىپ بىر قسىم ماجرالار چىقىپ ، ئىككى يۇرت ، ئىككى مىللەت ئارسىدا جېدەل -ماجرا دائىم يۇز بىرىپ تۇرغان ئىدى . دادام بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل-كىسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن نۇرغۇن ئالتۇن -كۆمۈش چىقرىپ ،نەچچە مىڭ مو ئوتلاقۋە قىشلاقنى سېتىۋېلىپ ، بۇ ئۇزۇن يىللىق جېدەل ماجرانى ئۈزۈل كسىل ھەل قىلىپ ، بىر تەرەپتىن يۇرتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ قالغان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. "
         - كىشلەرنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاشتا دادامنىڭ يەنە بىر ھىكايىسى بار ،-دىدى كېرەم سادىق ئەسلەپ ،- بىر يىلى بارىكۆللىك بىر باي (قازاق) بىر نەچچە ھەمراھلىرى بىلەن سەپەر ئۈستىدە نېرىنكىردىكى توختامەت دىگەن بىر كىشنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماقچى بولىدۇ . يازلىقى ماللار يازلىق يايلاقتا بولغاچقا ، ئاخشىمى توختامەت دىگەن كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادىتى بويىچە كەسمە سۇيۇقئاش بىلەن مېھمان قىلىدۇ .ئەتىسى ئەتتىگەندە مېھمانلار :"سىلەر بىزنىڭ ئادىتىمىز بويىچە مال سويۇپ مېھمان قىلمىدىڭلار "دەپ رەنجىپ ،توختامەتنىڭ مىنىدىغان يورغا ئېتىنى يېتىلۋېلىپ ئەكىتىدۇ . توختامەت دادام (سادىق قورمال )نىڭ قېشىغا كىلىپ : "قورمال ئاكا ، مىنىۋاتقان ئېتىمنى قازاقلار ئەكەتتى ، ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن ؟ "دىگەندە ، دادام "خاتىرجەم بول ، ھازىرچە مېنىڭ ئاتلىرىمدىن بىرنى تاللاپ مىنىپ تۇر "دەپ ئۇنىڭغا بىر ئات بىرىدۇ . شۇ يىلى كۈزدە دادام توختامەت قاتارلىق بىر قانچە كىشىنى باشلاپ بارىكۆلگە بېرىپ ، ھېلقى باينىڭ ئۆيىگە چۇشىدۇ . دادامنىڭ بارىكۆلدىمۇ يۇز ئابرويى يوقۇرى بولغاچقا ، قازاقلار "سادىق قورمال كەپتۇ "دەپ ئاخشىمى راۋرۇس يوغان ئەركەكتىن بىرنى ئېلىپ كىلىپ ،دادامغا "دۇئا قىلىپ بەر "دەيدۇ . دادام بىر ئۇيغۇرلاردا كەچتە كەلگەن مېھمانغا ھاردۇق چىقىرىدۇ دەپ كەسمە سۇيۇقئاش قىلپ بېرىدىغان ئادەت بار ، شۇڭا بىزگە سۇيۇقئاش قىلىپ بەرسەڭلار "دەپ تۇرۋالىدۇ ، قازاقلار ناھايىتى تەڭقىسلىقتا قېلىپ ، كەسمە سۇيۇقئاش قىلىپ بىرەلمەي ، داداملارغا قايتا -قايتا ئۆزرە ئېيتىپ ، ئامالىسز بىر ئەركەكنى سويۇپ مېھمان قىلىدۇ. ئەتىسى داداملار ماڭىدىغان چاغدا سىرتتا باغلاقلىق تۇرغان كۈمۈش ئىگەر ،يۈگەنلىك بىر ئاتنى يېتىلۋېلىپ ماڭىدۇ . قازاقلار بۇنىڭغا ھېچنىمە دىيەلمەيدۇ ، چۈنكى  ، قازاق خەلقىنىڭ ئادىتىدە مېھمان ئۆي ئىگىسىنىڭ بىرەر نەرسىسىنى ياخشى كۈرۈپ قېلىپ ئالىمەن دىسە ياق دېمەيدىغان ئادىتى بار ئىدى .
                 - دادامنىڭ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ دىگەندەك يوقۇرقىغا ئوخشاش ھىكايىسى يەنە بار ،- دىدى كېرەم سادىق ئەسلىمىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،- 1940-يىللىرى ئالتايلىق قازاق چارۋىچىلار بىر قېتىمدا 500دەك تۆگىنى ، يەنە بىر قېتىمدا 500 دەك ئېتىنى بۇلاپ كېىتىدۇ . دادام ئات تۆگىلەرنى قايتۇرۇپ كىلىش ئۇچۇن ، بىر يىلى قىشتا بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ ئالتايغا بارىدۇ ، داداملار يوشۇرۇنچە ئاتلىرىنىڭ ئىز دىرىكىنى بىلۋالغاندىن كىيىن ، بىر كىچىسى ئاتلىرىنى ھەيدەپ ماڭىدۇ . داداملار قارلىق دالىدا ھەر نەچچە ئون چاقىرىم يەردە بىر قۇلۇننى ئۆلتۇرۇپ ، بىر نەچچە جايغا ئوت يېقىپ ، بىر نەچچە جايغا مىلتىقلارنى  بىر -بىرىگە تىرەپ قويغان ئىزنى قالدۇرۇپ ناھايىتى كۆپ قۇراللىق ئادەملەر كەلگەندەك كۆرىنىش پەيدا قىلىپ ماڭىدۇ . قازاق چارۋىچىلار بۇ ئىز -بەلگىلەرنى  كۆرۇپ قورقۇپ قوغلاشتىن يالتىيىپ قايتىپ كىتىدۇ . كىيىن قازاقلار ئۈرۈمچىگە ئەرىزگە بارىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىن دادام (سادىق قورمال)نى چاقىرىپ چىقىپ سورىغاندا ،دادام :" مېنىڭ ئات تۆگىلىرىمنى بۇلار بۇلاپ كەتتى ، مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ئاتلىرىنىلا قايتۇرۇپ كەلدىم ، تېخى تۆگىلىرىمنى قايتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ "دەپ ، پۈتۈن ئەھۋاللارنى دىگەندىن كىيىن ، ھەر ئىككى تەرەپنى ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۋېتىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن نېرىنكىر تەۋەسىدە مال -چارۋىلارنى  بۇلاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار قايتا يۈز بەرمەيدۇ .
         كىچىكىدىن نېرىنكىرنىڭ ئوغلاق دىگەن يېرىدە چوڭ بولغان ،كىيىنچە سادىق قورمالنىڭ ماللىرىنى باققان قامان چاي (قازاق ،76 ياش ) دىگەن كىشى ئەسلەپ مۇنداق دىدى :- قورمال ئەكەم ئەسلى ئوغلاقتا ئولتۇراتتى . ئېلى ، سوپى ، ئويۇپ ، تاھىر ، كېرەم گۈلخان ، قارا كۆز ، ئالتۇنخان قاتارلىق سەككىز پەرزەنتلىك بولغان ،قورمال ئەكەم ئالتە يۇرت بويىچە ناھايىتى باي ، سېخىي ، يۈزلۈك ئادەم ئىدى . بىر يىلى ئەتىيازدا مەن كىچىك ئاتام ئەبجەت بىلەن قورمال ئەكەمنىڭ 500 دىن ئارتۇق مېلىنى توشۇدىن ھەيدەپ كۇمىڭزىغا كەلگەندە بىر نەچچە سېرىق ئاياق (شۇ چاغلاردا خەلق گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنى شۇنداق ئاتىۋالغان ، ) لار تۆت سەركە بىر ئەركەكنى بۇلاپ سولىۋالدى . بىز ئەسكەرلەرگە شۇنچە يالۋۇرساقمۇ سەركىلەرنى قايتۇرۇپ بەرمىدى ،ئەگەر سەركىلەر بولمىسا ماللارنى نېرىنكىرگە ھەيداپ ئاپارغىلى بولمايتتى . شۇ چادا تەلىيمىزگە نېرىنكىرلىك ساريۇنۇس (يۇنۇس پالۋان) دىگەن كىشى كىلىپ قالدى . ئۇ كىشى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن بىنزى ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقىنىڭ قېشىغا باشلاپ ئەكىرىپ :"سىلەر بۇ ماللارنىڭ كىمنىڭ مېلى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر ؟ ب دىگەن ئالتە يۇرتنىڭ بىگى (ئابدۇنىياز مىراپنى شىڭشىسەي تۇتۇپ يوق قىلغاندىن كىيىن كىشلەر سادىق قورمالنى شۇنداق ئاتىغان . ) سادىق قورمالنىڭ ماللىرى ، بۇ ماللارنى دەرھال قايتۇرۇپ بىرىڭلار " دىدى . شۇنىڭ بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى سەركىلەرنى بۇلىغانلارنى تىللاپ ئۇرۇپ سەركىلەرنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى . بۇنىڭدىن قورمال ئەكەمنىڭ ئابرويىنىڭ قانچىلىك يوقىرى ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بولىدۇ .
           قورمال ئەكەمنىڭ ئاتلىرىنى بىر ئادەم ، تۆگىلىرىنى بىر ئادەم ، ئۇششاق ماللىرنى بەش ئالتە ئادەم باقاتتى .قورمال ئاكامنىڭ شۇنداق ئادىتى بار ئىدى ، ھەر يىلى ئەتىياز كېلىشى بىلەن تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ ، ھەر قايسى مالچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ، ئۇلاردىن "قىشتىن ياخشى چىقتىڭلارمۇ دەپ ھال سورايتتى ، خۇرجىنىغا كەمپۇت ، قەنت ، چاي ، دىگەندەك نەرسىلەرنى قاچىلاپ كېلىشنى ئەسلا ئۇنىتمايتتى .ھەر بىر ئۆيگە بارغاندا بالىلارغا تۇتاملاپ كەمپۈت بىرەتتى ، شۇڭا بالىلار ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا ئاتا-ئانىلىرىدىن " قورمال دادام قاچان كىلىدۇ " دەپ سورايتتى .
            قورمال ئەكەم كىشلەرگە قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىلىدىغان ئادەم ئىدى ،- دەپ ئەسلىمىسىنى داۋام قىلدى قەمەن چاي بۇۋاي ،-قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ئاخىرلىشىپ قالغان چاغلار بولسا كېرەك . بىر ياش چىرىك يولدىن ئادىشىپ تىنەپ قورمال ئەكەملەرنىڭكىگە كىلىپ قاپتۇ .قورمال ئەكەم ئۇنىڭ بېشىنى سىلاپ ، ئۆيىدە بىرمەزگىل تۇرغۇزۇپ ،ئۇنىڭغا كۆپ ياخشىلىق قىپتۇ .شڭشىسەي 1937-يىلنىڭ ئاخىرى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى قولغا ئالغاندا ، قورمال ئەكەمنىمۇ قولغا ئاپتۇ . تۈرمىدە ئەينى چاغدا قورمال ئەكەم كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلغان ھېلقى خەنزۇ چېرىك قورمال ئەكەمنى تونىۋېلىپ ، ئۇنىڭغا قولىدىن كىلىشىچە ككپ ياردەملەرنى قىپتۇ. قورمال ئەكەمنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپتۇ . شۇڭا ، قورمال ئەكەم ھايات قېلىپ ،شىڭشىسەي تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىن تۈرمىدىن ساق سالامەت چىقىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنىكەن .ئازاتلىقتىن كىيىن قورمال ئەكەمنىڭكىدە ئىشلىگەن بەرەم دىگەن كىشدىن كىشلەر :"سەن قورمالغا ئۇزۇن يىل ئىشلەپسەن ،ئۇ سېنى ئەزدىمۇ ؟ئۇنىڭدىن ئېلىشىڭ بارمىدى ؟"دەپ سوراپتۇ .بەرەم :"ئشىلىگىنىم راست ، لېكىن بىكارغا ئىشلىمىدىم ، مەن قورمال ئەكەمنىڭ دۆلىتىنى جىق كۆردۇم . قورمال ئەكەم نىمە يىسە شۇنى يەپ ، نىمە كەيسە شۇنى كىيىپ ئۆتتۇم . ئۇنىڭ داڭلىق ئىككى بايتىلى بار ئىدى ، بىرىنى ئۆزى مىنەتتى ، بىرىنى مەن مىنەتتىم ، ئەگەر بىرىشكە توغرا كەلسە مەن بەرسەم بولاتتى دەپتۇ . كىشلەر يەنە قورمال ئەكەمنىڭكىدە كىچىكىدىن تۇرغان ئاخۇن سوپىدىنمۇ شۇنداق سوراپتىكەن ، ئاخۇن سوپى :" بىز ئاغا -ئىنى كىچىكلا يىتىم قالغاندا ،قورمال دادام بېشىمىزنى سىلاپ بىزگە ئىگە بولغان ،. بىز قورمال دادامدىن رازى ، بىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقان ياخشى بىر ئادەمگە ئۇۋال قىلىپ ئەزىدى ، تىللىدى دەپ يالغان ئېيتساق ، تۇزىنى يەپ ، تۇزلىقىنى چاققاندەك ئىش بولمامدۇ " دەپ جاۋاپ بىرىپتۇدەك . قورمال ئەكەم ھەر يىلى قۇربانلىق ھېيتتا ئاجىز -ئورۇق كىشلەرگە قۇربانلىق مال تارقىتىپ بىرەتتى. ئۇنىڭ شۇنداق ئادىتى بار ئىدى . قۇربان ھېيىت يېققىنلاپ كەلگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىر توپ مالنى ئەكەلدۇرۇپ كىشلەرگە :"خالىغىنىڭنى تۇتۇ بىرنى تۇتىسەن ، شۇ ساڭا ھىساپ ،ئۇنى قويۇپ بۇنى تۇتىدىغان ئىشنى قىلمايسەن "دەيتتى . قورمال ئەكەم يەنە ماللىرىنى چۆلگە (قىشلىق يايلۇ )ماڭدۇرۇشتىن ئىلگىرى بىر قسىمىنى ئېلىپ قېلىپ ،يېتىم -يىسىر ، ئاجىز -ئورۇق كىشلەرگە تارقىتىپ بىرەتتى . ھېيىتلاردا قورمال ئەكەمنىڭ ئۆيى قىزىپ كىتەتتى .ئەرلەر كالا قوي سويسا ، ئاياللار گۆش پىشۇراتتى ،ھەممە نىمە ئېشىپ تېشىپ تۇراتتى . قورمال ئەكەمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ - كېتىپ تۇرىدىغان كىشلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۇلمەيتتى . مەيلى باي ، ئەمەلدار بولسۇن ، مەيلى غېرىپ ،مۇساپىر بولسۇن ،قورمال ئەكەم ئۇلارنى مال سويۇپ مېھمان قىلىپ ئۆيىدە ياتقۇزۇپ قالاتتى .
           زىيارەت جەرياندا سادىق قورمالنىڭ نەۋىرىسى قېيۇمجان كېرەم بۇۋىسى توغۇرلۇق كىشلەردىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ كىلىپ :
- مەن بۇۋامنى كۆرۇپ باقمىغان بولساممۇ ، باشقىلاردىن بۇۋام توغۇرلۇق خېلى كۆپ پاراڭلارنى ئاڭلىغان ئىدىم . 1991-يىلى بولسا كېرەك، بىر تۆتكوچىدىكى مەسچىتنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق . مەن دائىم مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى مەرھۇم قاسىم ھاجىنىڭ موزدۇزچىلىق دۇكىنىغا كىرىپ ،ئۆزى ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ زېھنى ئوچۇق ، پاراڭچى قاسىم موزدۇزنىڭ پاراڭلىرىنى ئاڭلايتتىم . شۇ چاغدا ئۇ بۇۋام توغرۇلۇق ئەسلەپ مۇنداق دىگەنىدى :"قورمال ئەكەم ناھايىتى مېھماندوست ئادەم ئىدى . مەن ياز كۇنلىرى تىجارەت ئىشلىرى بىلەن نېرىنكىرغا چىقىپ تۇراتتىم . ھەر قېتىم چىقسام قورمال ئاكاملارنىڭ ئۆيىدە تۇراتتىم . ئۆيلىرىمۇ كەڭتاشا ئىدى . شۇ چاغلاردا تاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلاردا قورمالنىڭ ئۆيىدەك ھەشەمەتلىك قورۇ يوق ئىدى .يازلىقى كۈندە دىگۇدەك مال سويۇلۇپ تۇراتتى . مەيلى تۇنىسۇن تونىمىسۇن ، قورملانىڭ قورۇسىغا كەلگەنلىكى كىشى نەچچە كۇن تۇرغۇسى كەلسە شۇنچە كۇن تۇرىۋىرەتتى . قورمال ئاكام ناھايىتى چىچەن ،ئەقىللىق ئادەم ئىدى ، بىر يىلى يازدا نېرىنكىردىكى بىر چارۋىچىدىن بىر نەچچە قوينى ئېلىپ قورملانىڭ قورۇسىغا ئەكىلىپ قويۇپ ، قورمال ئاكامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ ئەتىسى قايتماقچى بولدۇم . كەچلىك تاماقتىن كىيىن قورمال ئاكام بىلەن تاماق سىڭدۇرگەچ ئەتراپنى ئايلاندۇق . كەچ بولۇپ قاراڭغۇ چۈشكەن چاغ ئىدى . بىز ئايلىنىپ مەن ئالغان قويلارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە قويلار مەرەپ كەتتى . قورمال ئاكام :<ھوي ، مېنىڭ يوقاپ كەتكەن قويۇم بۇ يەردەكەنغۇ > دىدى . مەن ئەجەپلىنىپ :<بۇ قويلارنى بۇگۇن بىر مالىچىدىن سېتىۋالغان ئىدىم خاتالىشىۋاتمايدىغانلا > دىدى ، دىگەندەك ئەتىسى ھېلقى ماڭا مال ساتقان چارۋىچى قورمالنىڭ ئۆيىگە چاقىرتىلىپ كەلگەندىن كىيىن ،ھېلقى قويلارنىڭ ئىككىسىنىڭ قورمالنىڭ يوقاپ كەتكەن قويلىىر ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى . قورمال ئاكام شۇ چاغدا :<ھېچقىىسى يوق ، بۇ قويلار تىنەپ ماللىرىڭغا قوشۇلۇپ قاپتۇ -دە > دىدى ۋە باشقا گەپ قىلمىدى . سادىق قورمال ئەنە شۇدناق كەڭ قۇرساق مەرە سېخي ئادەم ئىدى .
      سادىق قورمالنىڭ بايلىقى توغۇرسىدا خەلق ئارىسدا مۇنداق ھىكايىلەرمۇ تارقالغان .
     قومۇلنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى شاھمەخسوت بىر قېتىم سادىق قورمالدىن :"ھەي سادىق ،خەقلەر سېنى باي دەيدىكەن ، قېنى دەپباقچۇ ، قانچىلىك بايلىقىڭ بار ؟ دەپ سورايتۇدەك ، سادىق قورمال :"چىڭگاڭ غوجام ، باشقىلىرىنى قويۇپ تۇراي يامبولىرىمنى نېرىنكىردىن تىزىپ ماڭسام ئوردىڭىزغىچە بارىدۇ "دەپ جاۋاپ بىرىپتۇدەك .
      خەلق ئارىسىدا يەنە سادىق قورمالنىڭ چوڭ ئوغۇللىرى ئازادلىق ھارپىسىدا ئوسمان باندىتلىرىنىڭ بۇلاڭ -تالاڭ قىلشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دادىسنىڭ بايلىقىنى نېرىنكىردىكى دەرەخلىق غوجام ئەتىراپىغا كۆمۈۋېتىپتىدەك ، ئازادلىقتىن كىيىن ماللىرىنى كوللۇكتىپقا قوشۇۋېتىپ ، باشقىلارغا ئوخشاش غورىگۈل تۇرمۇش كەچۇرۇپتىدەك ، بىر كۈنى ئۈچ ئادەم بار سورۇنداق سادىق قورمالنىڭ ئۈچۈنچى ئوغلى قىزىقچىلىقتا :"مەن بارغۇ ، ھازىر موشۇنداق يۇرىۋاتقىنىم بىلەن ، مېنى بوش چاغلىماڭلار ، مەن تېخ سىلەردەك نەچچىڭلارنى ئۆمۈرۋايەت باقالىغۇچىلىكىم بار » دەپساپتۇدەك ، .شۇنىڭ بىلەن ۇ سورۇندىكى بىرسى بۇ ئىشنى تەشكىلگە دەپ قويۇپتىدەك ، تەشكىل ياقۇپ سادىقنى سوراققا تارتىپتىكەن ،ئىككى يەرنى دەپ قويۇپتىدەك ، ئىككى يەردىن ئىككى ساندۇق ئالتۇن -كۆمۇش چىقىپتۇدەك ،يەنە بىر جفينىڭ ئورنى ئۇنتۇلۇپ قالغاچقا ھازىرغىچە تېپىلماپتۇدەك ، بايلىق ئىزدىگۇچىلەر تا ھازىرغىچە سادىق قورمالنىڭ تېپىلماي قالغان بىرساندۇق بايلىقنى ئىزدەۋاتقۇدەك ، دىگەندەك ھىكايلەرمۇ تارقالغان ،
           سادىق قورمالنىڭ بايلىقى توغىرسىدىكى ھىكايىلەر يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۇپ قانچىلىك دەرىجىدە كۆپتۇرلىشىدىن قەتئىنەزەر ، بىز يەنىلا سادىق قورمالنىڭ ئەينى دەۋىردە قومۇلدىكى كاتتا بايلاردىن ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرەلەيمىز . ، كېرەم سادىقنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە ، سادىق قورمال دەسلەپ چارۋىچىلىقتىن بېيىغان ،كېيىن سودا قىلىپ تېخىمۇ بېيىپ كەتكەن . شۇڭا، ئۇ ئىلگىرى -كىيىن بولۇپ نومدا ئىككى كارىز ۋە 600 مو يەرنىڭ ئىگىسى بولغان .نېرىنكىر بىلەن بارىكۆل ئارلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو يايلاقنى سېتىۋالغان. قومۇل تۆت  كوچىدا بى رقورۇ جاي ،چاھار باغدا بىر قورۇ جاي سېتىۋالغان ، ئازاتلىقتىن كىيىن ، يەنى ، 1957-يىلى سوتسىيالستىك ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلغاندا سادىق قورمالنىڭ پەرزەنىتلىرى 3700 تۇياق قوي ، 100 ئات ، 80 تۆگە ، 100 كالىنى كوللۇكتىپقا قوشقان .
    سادىق قورمال خەلقپەرۋەر يۇرت بىگى ، باي سودىگەر ھەم چارۋىدار بولۇپلا قالماي ، 1931 -يىلى 4-ئايدا قومۇلنىڭ شوپۇل يېزىسىدا دېھقان -چارۋىچىلارسالى دورغىنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتىرىدۇ ، كەينىدىنلا نوم ، ئاراتۈرۈك ، تۈركۆل ، نېرىنكىرلەردىكى ، قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ ،ئۇ نېرىنكىردە بولىدىغان بىر قانچە قېتىملىق ئۇرۇشلاردا يىراقنى كۆرەرلىكى ،پەم پاراسەتلىكلىكى بىلەن قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاز ئادەمبىلەن قۇراللىرى خىل ئادەم سانى ھەسسە كۆپ دۈشمەننىڭ نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان ، ئۇ توغرا پىكىرلىك ، بار مەسلىھەت ئىش قىلىدغان تاتىكىچى كىشى بولغاچقا ئەل ئىچىدە تۆۋەندىكى قوشاقلار توقۇلغان .

سادىق قورمال كىچىك كىشى
ھەممىدىن ئارتۇق بىلىشى
ھەممىگە سىڭىپ قالۇر
ئۇنىڭ قىلغان كېڭىشى

سادىق قورمال ياخشى ئەر
ھەممە ئىشنى ئويلىغان ،
خالەنجاڭنى ئايرىۋېلىپ  
بىرمۇ چېرىك قويمىغان

سادىق قورمال ياخشى ئەر
ھەممە ئىشنى ئويلىغان
ھۇجۇم بىلەن دۈشمەننىڭ
بىرىنى قويماي قوغلىغان

پالتى قالتار بايتال
تاغىل غۇنانلار
جەڭگە بېرىپ ئۆلمەي كەلگەن
سادىق قورماللار

    سادىق قورمال ئارا تۈرۈك تەۋەسىدىلا ئەمەس ، بەلكى بارىكۆلدىكى قازاق خەلقى ئارىسىدىمۇ مەلۇم تەسىرگە ئىگە جامائەت ئەربابى . 1935- يىلى 2-ئايدا بارىكۆلدىكى تاسبىكە قەبىلىسنىڭ ئاقساقىلى ئەلىپنىڭ ئوغلى ئېلىسقان ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۇچۇن ،ئۆز قەبىلىسدىكىلەرگە باشچىلىق قىلىپ بىر قىسىم خەنزولارنى تۇتۇۋالغان ، سادىق قورمال بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كىيىن دەرھال ئېلىسقاننىڭ قېشىغا بېرىپ نەسىھەت قىلىپ تۇتۇۋالغان خەنزۇلارنى قويۇپ بىرىشكە ماقۇل كەلتۇرۇپ ،بىر قېتىملىق ئۇرۇش جىدەلنىڭ ئالدىنى ئالغان . كىيىن تۇتۇۋېىلىنغان خەنزۇلاردىن جۇ فامىلىلىك بىر باي سادىق قورمالغا دوستلۇق ئۇچۇن بىر يورغا ئات سوغا قىلغان .(ئىلاۋھە : بو يىللاردىكى دىيارىمىزدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ ھامىلىقىدىكى بىرى خىل ئادىل تەڭ باراۋەر كەيپىيات ھۆكۆم سۇرگەن ئىدى ) .
      شىڭ شىسەي 1937-يىلى قومۇل دىھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغاندا ، سادىق قورمالنى قوزغىلاڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى دەپ قولغا ئېلىپ ،ئۈرۇمچىگە ئالدۇرۇپ چىقىپ تۇرمىگە قامىغان . شىڭشىسەي تەخىتتىن چۇشكەندىن كىيىن قويۇپ بېرىلىپ يۇرتىغا قايتۇرۇلغان.
        كېرەم سادىق ئەسلەپ مۇنداق دىدى : -مەن گەرچە دادامدىن كىچىك قالغان بولساممۇ ، دادامنىڭ ئەھۋالىنى دادامدىن ۋە باشقىلاردىن ئاڭلاپ يا بولۇپ كەتكەنمەن . "قومۇل ۋىلايىتىنىڭ مىللەت ،دىن ئشىلىرى تەزكىرىسى " ناملىق كىتاپتا يولۋاس تەرپىدىن تۇتۇۋېلىنىپ قامالغان ، ئالتۇن -يامبۇ ،قورال -ياراق قاتارلىق ئەتىۋالىق نەرسىلىرىنى يولۋاسقا بىرىپ ھەم بىرئوغلىنى يولۋاسقا ئەسكەرلىككە بىرىپ ئاندىن قويۇپ بىرىلگەن . "دەپ يېزىلىپتۇ .بۇ بايانلار "قومۇل تارىخىدا ئۆتكەن شەخسىلەر "ناملىق كىتاپتىمۇ باركەن . ئەمىليەتتە ، ئۇنداق ئىش بولمىغان . دادام شېڭ شىسەينىڭ چاڭگىلىدىن تېنىچ -ئامان قۇتۇلۇپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ھېچقانداق سىياسى ئىشلارغا ئارىلاشماي ئۆز تىرىكچىلىكىنى قىلغان ، كېيىن قومۇلغا كۆچۈپ بېرىپ ، تۆت كوچىدىكى قورۇيىمىزدا ئولتۇراقلاشقان .1947-يىلى 12-ئايدا قومۇلدا كىسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولغان .
-ئاڭلاشلارغا قارىغاندا سادىق قورمال نېرىنكىردە ناھايىتى ھەشەمەتلىك بىر قورۇ ھەم مەسچىت سالدۇرۇپتىكەن ، بۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرمىدىلەغۇ ؟-دەپ سورىدىم زىيارەت ئاخىرىدا .
   -ھەي نىمسىنى دەيلا شۇنچە كاتتا ئىمارەتلەر ئالتە تال يامبونىڭ دەستىدىن نەچچە كۇندىلا تۈزلىۋېتىلدى . ،- دىدى كېرەم سادىق ئېغىر ئۇھ تارتىپ قارىغاندا يەنە كوچىلاپ سورىمىسام بۇ توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرىشنى خالىمايۋاتقاندەك قىلاتتى .
   -ئالتە تال يامبونىڭ كاساپىتى دىگەنلىرى نېمىسى ،تەپسىلىرەك سۆزلەپ بەرسىلە بولۇرمۇ ؟ دىدىم مەن يىغىشتۇرىۋەتكەن قەلىمىمىنى قايتا قولۇمغا ئېلىپ .
  -بولىدۇ بۇ ئىشنىمۇ دەپ بىرەي ، بەلكىم بۇمۇ بىر تارىخ بولۇپ قالار ، -دىدى ئۇ يەنە ئەسلىمسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ،-1935-يىللار بولسا كېرەك دادام نېرىنكىرنىڭ ئوغلاق دىگەن يېرىگە قەشقەردىن مەخسۇس ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ ئككى يۇرۇش ئۆي ، ئېچىكىرى تاشقىرى قىلىپ بىر مەسچىت سالدۇرۇغانىكەن .مەن ئەنە شۇ قورۇدا چوڭ بولدۇم ،قورۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يۈرۈش ئۆي ئاشلىق -تۈلۈك قويىدىغان ئامبار ، يەم -خەشەك ئامبىرى ، ئاتخانا ،مەسچىت قاتارلىق قۇرلۇشلار بار ئىدى . خۇددى كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن قورۇقلارغىلا ئوخشايتتى . مېھمانخانا ئۆيلەرنىڭ تورۇسىغا خىلمۇ خىل نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ ،ناھايىتى چىرايلىق سىرلانغان ئىدى . تورۇس ھەركەتچان بولۇپ ، پەسكە چۇشۇرۇپ تازلىغىلىمۇ بولاتتى . "مەدىنيەت زور ئىنقىلابى"دەۋرىدە بىر نەچچە كىشى بىزنىڭ قورۇدىكى ئاتخانىدىن ئوغۇت چىقىرۋاتقاندا ئالتە يامبو چىقىپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئەزالار كۆمۇپ -تىقىپ قويغان بايلىق يەنە بار ئوخشايدۇ . دەپ قورۇدىكى مەسچىت ،ئۆي -ئامبارلارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇپ -چېقىپ ،پۈتۈن قورۇنى تۇپتۇز قىلۋەتتى . شۇ چاغدا تەشكىلگە دەپ -ئېيتىپ سىرلاقلىق تاختايلاردىن نەچچە پارچە ئېلىپ قېلىپ ،كىيىن ساندۇق ،يۈك يىغقۇچ (كاڭجوزا )دىگەندەك نەرسىلەرنى ياسىتىۋالغانىدۇق . ئۇلاردىكى سىر ھازىرمۇ شۇ پېتى تۇرۇپتۇ . كىشلەر بۇ سىرنى ئەينى چاغدا تاشقى مۇڭغۇلدىن ئەكەلگەن تاش سىركەن دەيتتى . ئەگەر ئاشۇ قۇرۇلۇشلار چېقىلىپ كەتمىگەن بولسا بۈگۇنكى كۇندە كىشلەر زىيارەت قىلدىغان جاي بولۇپ قالاتتى .
           تارىخى شەخسلەر توغرىسىدىكى ھىكايىلەر ئەينى دەۋىردىكى تارىخ ۋە مەدەنىيەتنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ ، بەلكىم ، سادىق قورمال توغرىسىدىكى ھىكايىلەر بۇنىڭلىق بىلەن ئاخىرلاشمىسا كېرەك .

0

تېما

0

دوست

19

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31332
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 17:49:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

281

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3055
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14482
تۆھپە : 11206
توردىكى ۋاقتى: 4001
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-21 18:15:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 11:40  

ئەمىليەتتە تارىخىمىزدا شۇنداق بىر گىگانىت شەخىسلەر بولىدۇ ،بۇنداق شەخسىلەر ئۆزى ياشىغان يۇرت دائىرسىدە ئەل يۇرتقا نەچچە ئەۋلاتقىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
يوقۇرقى سادىق قورمال ئاتىمىز (ئاللاھ بۇ ئادەمنىڭ قەبرىسىنى نۇرلاندۇرىۋەتسۇن ئامىن ) ،تولىمۇ مەرت ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئىللىق مۇئامىلە قىلىدىغان بىر يۇرت ئاتىسى ئىدى .

كەمىنە توخوتۇر ھەم نېرىنكىردە تۇغۇلۇپ بەش ياشقىچە تۇرغان  ، دىمەك مەنمۇ سادىق قورمال ئاتىمىزدەك يۇرت چوڭلىرى يۈكسەلدۇرگەن بىر نېرىنكىر ئادەمگەرچىلىك مەدىنيىتى قوينىدا ئۆسۇپ يىتىلدىم .
ئەمدى بۇ تاغلىق رايۇنلاردا شەھەردىكىدەك بەش ئون يىلدا بىر رەھبەر ئالمىشىپ ئۇلۇغ ئادەملەر توختىماي ۋۇجۇتقا  كىلىۋەرمەيدۇ ، ئازاتلىقتىن ئىلگىرى تېخىمۇ شۇنداق .
سادىق قورمال ئاتىمىز نېرىنكىردا مەدىنيەت ياراتتى دىيەلمىسەكمۇ  ، بۇ ئادەم رەھبەر ، چارۋىدار ، سودىگەر ، زىمىندار ، باي ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولغان پۇتكۇل ئۆمرىدە ئەزىمەتتەك ياشاپ ، خۇددى بىر مەشئەلدەك تاغنىڭ شىمالىدىكى ئالتە يۇرتتىكى ئادەملەرگە ھەقىقى بىر مۇكەممەل ھاياتنىڭ كارتىنىسىنى قالدۇرۇپ كەتتى .
ئەلۋىدا قورمال ئاتا قەبرەڭدە خاتىرجەم ياتقىن ، ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۇزمەكچى بولغانلار سەندىن ئۈلگە ئالسۇن . ياشىغانلار سەندەك ياشىسۇن !!!!!!!!

2

تېما

4

دوست

2435

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 766
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 00:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تېمىڭىزغا تەشەككۈر...................

6

تېما

1

دوست

7865

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7556
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1327
تۆھپە : 1535
توردىكى ۋاقتى: 2627
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 09:30:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخمەتخاننىڭ يەنە بىر ئەسىرىكەندە، ئەپسۇس،  تور بىلەن ھەپىلەشىشكە قىزىقمايۋاتىدۇ.

1

تېما

7

دوست

819

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   63.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29736
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 11:24:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.بولسا مۇشۇنداق تارىخى شەخسىلىرىمىزنى بىلدۈرگىنىڭىزگە رەھمەت.بىز ئەنە شۇنداق ئىسىل باتۇر خەلىق.بىزلەرمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ مەلۇم ساھەدە نەتىجە يارىتىشقا تىرىشساق ئەجداتلارغا يۈز كېلەلەيمىز.

0

تېما

2

دوست

2958

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 884
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 15:08:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوپ رەخمەت تىما ئىگىسى داۋملىق يوللاپ تۇرۇڭ بىلمىگەنلەر بىلۋالايلى
مۇشۇنداق نۇرغۇن ئىسىل  بايلىرمىزنىڭ بولغانلىغىدىن  كوپ مىنەتداربىز   ئەپسۇس مەدىنيەت ئىنقلاۋى  دەپ تەرپلەنگەن ھەركەتتە نۇرغۇن  بايلىرمىز سۇخەنچى تۇزىنى يەپ تۇزلىقىنى چاقىدىغان نامەرتلەرنىڭ زۇلىمى بىلەن خورلاندى .بۇلاپ تالانىدى ،پومشىچىك دەپ ھاقارەتلەندى .مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىسام ھىچ تىگىگە يىتەلمەيۋاتىمەن دىسە

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   22.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4183
توردىكى ۋاقتى: 1255
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-22 20:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سادىق قۇرمال ئەپەندى باي بولغاندا خەلقنى ئونتۇپ قالمايدىغان ساخاۋەتچى بايلارنىڭ تىپى  ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )