- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 68100
- نادىر
- 7
- يازما
- 3037
ئۆسۈش
0%
|
1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى تەۋەسىدىكى توياتا شېركەتلىرىنىڭ ئاپتۇنۇمىيە تىل يېزىق قانۇنلىرىمىزغا رىئايە قىلمىغانلىقىدىن ئېتراز بىلدۇرىمەن .يەنە توياتا شېركىتىنىڭ بىر خېرىدارى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن توياتا شېركىتىنىڭ ئىستىمالچىلارنى تەربىيلەش ، ۋە بارلىق چۇشەنچە بېرىلگەن يېزىقچە ماتىرياللىرىنى ئۆز ئانا تىلىمدا ئالالمىغانلىقىمدىن ئىتراز بىلدۇرىمەن .
2. ماشىنا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى بىر قېتىمدىلا يانچۇقتىن چىقىدىغان پۇل جىق بولغان چوڭ ئسىتىمال ياكى تاۋارلارنىڭ بىرسى .ئەپسۇس بىز شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدا ياشاۋاتقان بىر ئاپتۇنىمىيە قانۇنىدىن بەھرىمان بولدىغان ئەل بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىز سېتىۋالغان بارلىق ئىستىمال بويۇملىرىمىزدا ئەلۋەتتە كېرەك ، ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى چۇشەندۇرۇش ۋە تەربىيلەشلەرنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ھەقلىقمىز ، باشقىچە ئېيتقاندا ئۆزىمىز سېتىۋالغان بۇ ئوقەت ھەقىدە ئۆز ئانا تىلىمىزدا تېخىمۇ تەپسىلى تېىخمۇ ئېنىق بولغان ئۇچۇر چۇشەنچىلەرگە ئېرىشىشكە ھەقلىقمىز .
3. تۆنۇگۇنكى كۇنلۇكتە (2014-يىلى 9-ئاينىڭ 21 -كۇنى ) چۇشتىن كىيىن سائەت بىرلەر ئەتىراپىدا مەن توياتا شېركىتىنىڭ قومۇلدىكى شۆبىىسنىڭ خەۋەر قىلشى بىلەن توياتا شېركىتىنىڭ ئېلىكىتىرونلۇق تەربىيلەش مەركىزىدە توياتا ماشىنسىدىكى ئىقتىدار ۋە پارامىتىرلار توغۇرلۇق بىر سائەتكە توشقان دەرس ئالدىم . ئەپسۇس دەرىس خەنسو تىلىدا ئۆتۇلگەن بولۇپ مەن دەرىستىن كىيىن يىتەكچى ئوقۇتقۇچىدىن ئۆز ئانا تىلىمدىكى دەرىسلىك ھەم ئوقۇتقۇچىنى تەلەپ قىلدىم . ئۇياق مېنىڭ تەلىۋىمنى يوقۇرغا مەلۇم قىلدىغان بولدى . بىزنىڭ يەنى مەن ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەخسىتى پەقەت ۋە پەقەت توياتا ماشنا بىلەن تېخىمۇ ئەتىراپلىق چۇشەنچە ھاسىل قىلىش بولغاچقا ئۇ ئوقۇتقۇچى ھەر ھالدا مېنىڭ كۆڭلۇمنى چۇشەندى .
4.ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن مەن ئالدىرماي ماشىنغا مۇناسىۋەتلىك ماشىنا بىلەن بىللە بەرگەن چۇشەنچە كىتاپلىرىغا قاراپ باقتىم .ۋە ئۇ كىتاپ ۋەرەقچىلەردە بىر ھەرىپمۇ ئۇيغۇرچە كۆرمىدىم .ھەم بۇنىڭدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندىم .
5. قومۇلدىكى شۆبە توياتا شېركىتىدە بارلىق شېركەت مىزانلىرى ۋە باشقا بۆلۇم بەلگىلىرى ھەممە ھەممىسى خەنسوچە ئىدى ، ئۇيغۇرچىنى تاپماق بەسى مۇشكۇل ئىدى ، لېكىن ئەلۋەتتە مەن توياتا شېركىتىنىڭ خېرىدارلار ئۇچۇن تەييارلىغان ئارام ئېلىش سۆزلىشىش بۆلۇمچىسىدىن تولۇق رازى بولدۇم ،تامغا چاپلاقلىق تېلۋۇزۇردىن بالامغا ئۇيغۇرچە بەشىنچى قانالىنى تېپىپ بەردىم ، ئەلۋەتتە ئۇياقتىكى بوش ئىككى كومپۇيۇتوردىن ئۇيغۇرچە تورغا چىققانمۇ بولدىم ، ئىككىنىچى قەۋەتتە يوقۇرى سەۋيەدىكى ئىلىكتىرۇنلۇق تەربىيلەش دەرىسىدىن بەھرىمان بولدۇم ، ئەمما شۇ يېرى ئۆز ئانا تىلىمدا ئەمەس .
6. مېنىڭچە دۇنيانىڭ چوڭ قانۇن قائىدە مىزانلىرىدىن سۆز ئاچمىساقمۇ توياتادەك بىر چوڭ شېركەت ئەلۋەتتە ئۆز مەسھولاتلىرىنى ئۆز ئىستىمالىچىلىرىغا ئىستىمالچىلارنىڭ ئانا تىل يېزىق بويىچە چۇشەنچە بىرىشنى خوشاللىق دەپ بىلسە كېرەك ،ئەلۋەتتە بىز ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا ياشاۋاتقان ئون مېليون نوپۇسقا ئىگە بىر ئسىتىمالچىلار توپىمىز .
7.تەلەپ تەكلىپ ئۇمۇتلىرىم شۇكى توياتا شېركىتىنىڭ بۇندىن كىيىنكى قەدەملىرىدە بىزنىڭ دىيارىمىزدا ئۇيغۇر ئىستىمالچىلار ئۇچۇن ئۆز ئانا تىلىمىزدا ماشىنا ئۇچۇرلىرى ۋە باشقا پايدىلنىش ماتىرياللىرى تەمىنلەنسە يەنە شۇنىڭدەك دىيارىمىزدىكى شېركەت بىنالىرىغا تەييارلىغان بارلىق ئېلان ۋە باشقا شېركەت چۇشەندۇرۇشلىرىنىڭ ئۇيغۇر چە بولۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن .
ئاخىردا مېنىڭ ئويلايدىغىنىم بۇ پەقەت توياتا شېركىتىنىڭلا ئىشى ئەمەس بارلىق چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى ماشىنا شېركەتلىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزغا قەدەم باسقاندا ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە دىگەندەك ئۆزلىرى پۇت دەسسەپ تۇرىۋاتقان مۇنۇ زىمىندىكى قائىدە قانۇن ، ۋە يەنە ئۆز ئانا تىلىنى قىزغىن سۆيىدىغان يەرلىك مىللەتنىمۇ نەزرە گۈزرىگە ئىلىپ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشكەن ئاساستا چىرايلىق سودا قىلسا ، گىرماننىڭ دەيمىز ، ئامرىكا فورت دەيمىز ، كورىيەنىڭ دەيمىز مەيلى قەيەرنىڭ بولسۇن سىلەر موشۇ زىمىندا سودا قىلۋاتىسىلەر ، شۇڭا موشۇ زىمىندىكى پۇقرالارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش مەسئولىيتىڭلار بار دەپ قارايمەن .
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنىڭ يوللىغان ئەمما خاتالىق دەپ چىقىۋالدى .مۇنبەر مەسئوللىرىنىڭ بۇ چاتاقنى ئوڭشايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل
|
|