- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 32636
- نادىر
- 16
- يازما
- 1585
ئۆسۈش
56.59%
|
ئەركىم
بىز ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشى چىقىپ ۋە ياكى شېركەتلەر چەتئەللەردىكىدەك شەخسىي ئاپپاراتلار ئۆز ئالدىغا بىرەر ئىش مەسلەن: كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى، ئاجىرىشىش نىسپىتى، نوپۇس ۋاھاكازالارنى سىتاتىسكىلاپ چىقسا قانۇنغا خىلاپمىدۇ؟! ھەممىمىزگە مەلۇم، بىزنىڭ دۇنيادىكى نوپۇسىمىزنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى بىزگە تېخىچە نامەلۇم. ھەر قىسمەتلەر بىلەن ھەر يۇرتلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيەت ساپاسى بىر بىرىدىن زور پەرقلىنىدۇ. بولدىلا، بۇ ھەقتە بىلگىنىمدىن بىلمىگىنىم كۆپ بولغاچقا يەنىلا ئاڭلىغىنىمنى، كۆرگىنىمنى ۋە سىزلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان گېپىمنى قىلاي.
بىرىنچى كۆرۈنۈش: قومۇلدىكى مەلۇم بىر ساتىراشخانىنىڭ ئالدى. ساتىراچ ئۇستامنى كۈتۈپ مەن تونۇمايدىغان 2 نەپەر يىگىتنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىدىم.
ئا: ئادىشىم، ئاڭلىسام سەنمۇ خوتۇنۇڭنى قويىۋېتىپسەن ھە؟!
ب: ھەئە، خېتىنى بىرىۋەتكىلى بىر يىل بوپكەتتى. باشتىلا سەندەك توي قىلماي ئوينىسام بوپتىكەن.
ئا: نەدىكىنى توي قىلاي دىسەم يۈرگەن قىزلارنىڭ ھەممىسى «...»چىقىپ قالدى. ھازىرقى قىزلار ئۆيۈڭ، ماشىناڭ، خىزمىتىڭ بولمىسا ساڭا تەگمەيدىكەن، مۇشۇنداق زاماندا قېرى قىز ئاتىلىپ يۈرۈش مودا بوپتۇ، بىلمىدىم ئۇلار زادى كىمگە تىگىدىكىن؟
ب: كىمگە تىگەتتى، پۇلى، ئۆيى، بالىسى، مۇقىم خىزمىتى بارلارنىڭ ئۆيىنى بۇزۇپ تىگىدۇدە...ھا ھا ھا...بىر يولدىلا ھەممىگە ئېرىشەلەيدۇ. ھە راس، نىمىشقا ئاجىراشتىڭ؟!
ئا: تاماكىسىنى كۈچەپ بىرنى تارتىۋېتىپ، يېنىغا بىر تۈكۈرۈپ، ئەپ ئۆتەلمىدۇق، توي كېچىسىدىن باشلاپ 1 ئاي سوقۇشۇپتىمىز، 3 ئايدىن كېيىن ئاجىراشتۇق.
ب: ھە مۇنداق دە، بىزنىڭ ئاغىنىلەردىن 6 سى ئاجىرىشىپ كېتىپتۇ، سەن 7 سى بوپسەندە...
ئۇلارنىڭ مېنى يات كۆرمەي، ئۈنلۈك سۆزلەشلىرىدىن مەنمۇ تەسىرلەندىممۇ قانداق گەپ قاتتىم. ھوي ئىنىلىرىم، نەچچە ياشلارغا كىردىڭىزلەر؟ ئا: 28 ياش ب: 28 ياش
ياشلارنىڭ ئىچىدە ئاجىرىشىش نىسپىتى شۇ دەرىجىدە كۆپىيىپ كەتتىمۇ؟
ئا: گەپ قىلماڭ ئاكا، مۇشۇ كۈنلەردە توي قىلغانلاردىن ئاجىرىشىدىغانلار كۆپكەن، مەنمۇ سوتقا بارغاندا ئۆچرەت كۈتۈپ مىڭ تەسلىكتە ئاجىرىشىۋالدىم...
ب: ھازىر مۇھەببەتلىشىشمۇ ئويۇن، توي قىلىشمۇ ئويۇنغا ئۆزگىرەپ قالدى ئاكا. ئەمما ياخشى قىز، ئوغۇللار يەنىلا كۆپ، بىزنىڭ ئاغىنىلەر ئىچىدە ئىمان، ئېتىقادلىقلار سىزلەرنىڭ ياشلاردىكى بالىلاردىن سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە كۆپقۇ!
ئۇغۇ راس، ھازىرقى ياشلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسمى ھاراق ئىچىپ، تاماكا چىكىپ يۈرمەيدىكەن. بۇ ئىنتايىن ياخشى يۈزلىنىش. بىراق، ئاجىرىشىش نىسپىتى بۇنداق ئۆرلەپ كەتسە جەمئىيەت بۇزۇلماسمۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەنمىز.
ئا: ئۇ دىگەنلىرىنىڭمۇ ئاساسى بار. مانا مەن بويتاق يۈرگىلى 1 يىل بوپتۇ، غېرىپ خوتۇنلار بىزگە ھەر قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ. توي قىلمىساقمۇ توي قىلغاندەك خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز.
غېرىپ خوتۇن دىگىنىڭىز؟!
ب: ھى ھى ھى ئاكا بىزنى چېلىۋاتامسىز؟
ئا: ئاجىرىشىپ كەتكەن «قىز »لارنى شۇنداق ئاتاپ قويدۇق.
ئەمىسە سىزدەكلەرنى غېرىپ « يىگىت» دەيدىكەنمىزدە؟...
ئا: ھا ھا ھا...
ساتىراچ ئۇستامنىڭ مېنى چاقىرىشى بىلەن پارىڭىمىز ئۈزۈلدى.
ئىككىنچى كۆرۈنۈش: كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان ئاغىنەم، قومۇلدىكى مەلۇم بىر دوقمۇش. شۇ كۈنى ئالدىراش بىر يەرگە كېتىۋاتسام مودا كىيىنگەن بىراۋسى ئالدىمدىلا ئۈنۈپ يۇقىرى ئاۋازدا : -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش، ھەجەپ ئۇزۇن بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى تازىمۇ ئۆزلە؟ ۋاي، ۋاي ئاداش باكەنلا ھە؟ 3-4 يىل بولدىمۇ نىمە مەيىن جاماللىرىنى زىيارەت قىلمىغىلى؟
-شۇ،شۇ ئاداش تۇرمۇشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولمامدۇ، ئۆي ۋاقامنى باقىمەن دەپ قىلمىغان ئىشىم قالمىدى، كۆمۈر ساتتىم، ناۋايخانا ئاچتىم، كاۋاپ ساتتىم، قارا ماشىنا ھەيدىدىم...ھازىر كۈنۈم ياخشى سوداممۇ يۈرۈشۈپ قالدى.
-ھە خوتۇن بالىلارچۇ ئامان -ئېسەندۇ؟
-بىلمەملا ئاداش خوتۇننىڭ خېتىنى بىرىۋەتكىلى 3 يىل بوپ كەتتى.
-ھە؟! نىمىشقا، مەن ئەجەپ ئاڭلىماپتىمەنغۇ؟ نىمىشقا ئاجىراشتىلا، بالىلار ئىككىتىغۇ دەيمەن؟
-نىمىشقا بولاتتى شۇ چىقىشالمىدۇق...
-ماڭسىلا ئاۋۇ ئاشخانىغا كىرىپ پاراڭلىشايلى تاماق ۋاقتىمۇ بوپ قاپتۇ.
ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن:- بۇ خوتۇن يا ئۆيدە تاماق قىلمايدۇ، مىڭ تەسلىكتە تاپقان پۇلۇمنى چاي ئويناپ بۇزۇپ-چېچىپ خەشلەشتىن باشقا ئىش قولىدىن كەلمەيدۇ، مېنى قەرىزگە بوغىۋەتتى. چىدىماي ئاجىراشتىم. مانا ھازىر تۇرمۇشۇم ياخشى، بانكىدا پۇلۇم بار. ئاخشىمى ئويۇن-تاماشىلىرىم جايىدا...
-ھەي ئاداش، بالىلارنى يىتىم قىلمايدىغان ئىشتىدە!
-بالا دىگەنمۇ ئۆز رىسقى بىلەن تۇغۇلىدۇ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلىپ كېتەلەيمەن، بىراقزە، ئەمدى توي قىلماسلىقىم مۇمكىن.
-نىمىشقا؟ چىشنىڭ بارىدا گۆش يە دەپتىكەن كونىلار، تېزرەك بىرەر پاكىزە قىزنى تېپىپ تويلىرىنى قىلىۋالسىلا ياخشى...
-نىمە؟ پاكىزە قىز؟! مۇشۇ ئاجىراشقان كۈنۈمدىن باشلاپ دۇنيادا پاكىزە قىزلارنىڭ بارلىقىدىن گۇمانلىنىدىغان بولۇپ قالدىم.
-ئۇنداق دەپ كەتمەيلى، ئىككىمىزنىڭلا تۇنجى بالىمىز قىز.
-شۇنداق، شۇنداق ئەمما، جەمئىيەت بەكلا بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ. خۇدايىم قىزلىرىمىزنىڭ ئىنساپ-تەۋپىقىنى بەرسۇن! يا ماڭا شۇنداق تەسىر بېرىپ قويۇۋاتامدىكىن، ئاخشاملىرى سورۇن، ئولتۇرۇشلارغا بارىدىغان بولسىلا قىز دىگەن ساماننىڭ نەرقىدە جىقلاپ كېتىپتۇ. تولىسى چەتئەللىكلەردەك بىر ئاخشاملىقلار دىسلە!
-نىمە ئۇ بىر ئاخشاملىق؟!
-ھى ھى ھى بۇرۇنقىدىنمۇ كالىۋالىشىپ كەتتىلەمۇ نىمە؟ نىمە بولاتتى، شۇ كۈنى تونۇشۇپ، شۇ كۈنى تۇتۇشۇپ، ئەتىسى ئۆز يوللىرىغا راۋان بوپ كېتىدىغانلار بولمامدۇ...ئاجىراشقاندىن كېيىن مېنىڭغا ھەممىلا ئادەم ئاجىرىشىپ كەتكەندەكلا بىلىنىدىغان بوپ قالدى. ھەر قانداق سورۇندا 9 نىڭ 6-7 سى غېرىپ چوكانلار دىسلە! بۇنداق غېرىپلار شۇنداق ئاسان ئەيۋەشكە كېلىدىكەن...
-ئەمىسە ئۆزلەنى غېرىپ « يىگىت »دەيدىكەنمىزدە؟!
-ھا ھا ھا شۇنداق، شۇنداق بىز ھازىر يىگىت بوپ كەتتۇق...
-توي قىلماملا؟
-توي، ياق، ياق! توي قىلىشتىن قورقىدىغان بوپ قالدىم...
شۇ كۈنى بىز 3 سائەتتەك مۇڭدىشىپتىمىز. ئاغىنەم كېتىپ قالدى. كېتىش ئالدىدا ئاداش قوللىرىدىكى تۇتقان قەلەم بىلەن بىزدەك غېرىپلارنى يېزىپ قويسىلا ياخشى بولاتتى، دېگەن ئىدى. شۇ كۈنىدىن باشلاپ كاللامغا غېرىپ « قىز، يىگىتلەر» كىرىۋالدى. بۇ ھالەت بىر مىللەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن ئاپەت كەلتۈرۈدۇ. ئاجىرىشىش نۇرغۇن سەبىي بالىلارنى يىتىملىكنىڭ چۆلىگە تاشلايدۇ. بالىلار ئاتا-ئانا مېھرىگە قانماي يېتىلىدۇ. ئېتىقاد ۋە ئەخلاق ئېغىر كىرزىسقا پېتىپ قېلىۋاتقان ئاتالمىش ئېچىۋېتىلگەن دەۋىرلەردە غېرىپ « قىز، يىگىتلەر» ئۆزلىرىنىڭ غېرىپ كۆڭلىنى، غېرىپ كۆلبىسىنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن ھېسياتنىڭ چۇلۋۇرىنى خالىغانچە قويۇۋېتىدۇ. يەنە سانسىزلىغان بەختلىك ئائىلىلەر بۇزىلىدۇ، نارسىدىلەر يىتىم بولىدۇ. يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ...ئەنئەنە، ئەخلاقنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سەلتەنىتى يىمىرىلىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ھالى نە بولۇر؟!بۇ غېرىپ « قىز، يىگىتلەر» بىر ئۆمۈر موشۇنداق غېرىپ ئۆتۈپ كەتسە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى نىمە بولۇر؟ تۇرۇپلا ئۆزەمنىڭ خىياللىرىغا كۈلگۈم كەلدى. بۇزۇقچىلىق تارىختىن بۇيان بولغان ئىكەن، بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشۇلۇپ كېتەر! بەلكىم ئوغرى، ئوغرىنىڭ قاياشى دېگەندەك، ئۇلارمۇ ئۆز خىللىرى بىلەن پاكىزە توپلىرىمىزغا تەسىر يەتكۈمەي غايىپ بولار، ئوڭشۇلۇپ قالار يا بەختىنى تاپار! قاغا بىلەن دوست بولساڭ يىيىشىڭ پوق، دېگەندەك مەنمۇ شۇ غېرىپلارنىڭ غېمىنى يىگەندىن باشلاپ ئەتىراپىمنى شۇلارلا قاپلاپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەپ قالدىم....لېكىن، بىز بۇ بىر تۈركۈم پاك مۇھەببەت، ئائىلە ۋە ئىپپەت، ھاياسىنى قەدىرلىمىگەن غېرىپ « قىز، يىگىتلەر» نى مۇشۇنداقلا تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ. ئەتىراپىمىزدا ئاشۇنداق غېرىپلار بولسا چوقۇم ئۇلارنى ئارىمىزغا قېتىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشىمىز كېرەك. بىز سەل چاغلاپ تاشلىۋېتىشكە تەييارلىنىۋاتقان جامائەتچىلىكىمىزنىڭ كۈچى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ قۇدىرەتلىكتۇر.
قومۇل تارىخى ئۇزۇن، خەلقى ئىلىم سۆيەر، كىشىلىرى مۇلايىم ئەمما ئاق قارىنى پەرق ئېتىدىغان، ھەق ناھەقنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان سۆيۈملۈك خەلقى بار مۇقەددەس زىمىن. كالىنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ چۈشىدۇ، دېگىنىمزدەك دىيارىمىزدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، سانجى، قارىماي، كورلا، چۆچەك، بۆرتالا، غۇلجا...قاتارلىق يۇرتلارمۇ بەلكىم بىزگە ئوخشاش قىسمەتلەرنى كۆرۈۋاتقاندۇ. ئۈرۈمچى ۋە خوتەننىڭ ئاجىرىشىش نىسپىتى مەملىكىتىمىز بويىچىمۇ ئەڭ ئالدىدا تىزىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىغانتىم...بىرى بىزنىڭ ئىلىم، مەرىپەت، زامانىۋىي ئاڭ، مەدەنىيەتلەر، كاتتا زىيالىيلىرىمىز يىغىلغان مەركىزىمىز، يەنە بىرى بولسا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ كانى، كىشىلىرى ئىمان-ئېتىقادىلىقلىقى بىلەن مەشھور ئاتانغان شەھىدانە خوتەن....ئۇينىڭ مۈڭىزىگە ئۇرسا تۇيىقى سىرقىراپتۇ، دېگەندەك مىللىتىمىزگە كېلىۋاتقان ھەر قانداق پاجىئەلەرنىڭ بىزنى ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشتۇرۇشىنى تىلەيمەن. قان-قېرىنداشلار بىر بىرىمىزنى، مۇقەددەس يۇرت، سۇلىرىمىزنى، جانىجان خەلقىمىزنى ئۇنداقچى، مۇنداقچى، پالانچى، پۇستانچى دېيىشىپ تېرىقتەك سېپىلىپ كېتىشتىن خۇدا ساقلىسۇن!
2014-يىلى 9-ئاينىڭ22-كۈنى قومۇل |
|