- تىزىملاتقان
- 2014-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
4%
|
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشمۇ سىىلىەر ؟ ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلەھەت بىرشىڭىزنى ئۆتىنىمەن .
يەنى تۆۋەندىكىچە:
مەن 2011يىلى 6 ئايدا بىر دۇكان ئالغان. يەنى يېرىمنى تۆلەپ يېرمىنى بانكا قەرزى قىلىپ ئايدا 4000يۈەندىن 10يىل تۆلەيمەن. ھازىر 2014-يىلى 3يىل بولدى. يەنى 3يىل 3ئايدىن كىيىن ئائىلىلىكلەر كۈچۈپ كىرشكە باشلىدى يېقىندا شىركەت دۇكان ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشمنى ئېيىتى. لېكىن دۇكان پۈتكەن بىلەن يېڭىدىن بەرپا قىلدىغان يولنىڭ بىر تەرىپى يەنى كىرىش تەرىپى ئېچىلدى، لېكىن يەنە بىر چىقىش تەرپى ئېچىلمىدى. شۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا دۇكاننى قۇلۇمغا ئالسام، دۇكانى ئۇزۇم ئېچىپ تىىجارەت قىلسام، سودا بۇلۇشى ناتايىن. ئىجارە بەرسەم ھىچىكىم ئادەم بارمايدغان بۇ يەردىن دۇكان ئىجارە ئالمايدۇ. شۇڭىلاشقا ئاچقۇچنى ئالغىلى ئۇنمىدىم. يولنى ئېچىپ بەر، ئاندىن ئاچقۇچنى ئالىمەن -، دىدىم. لېكىن ئۇلار بۇ يىل يولنى ئاچمايمىز، كىلەر يىلى بىر گەپ بۇلدۇ-، دەپ، چېقىلىدىغان ئۇرۇندىكى خەقنىڭ دۇكانلىرنى ئېلىپ چېقىشقا كۆپ پۇل كىتىدۇ، بىز رازى قىلىپ بۇلالمايمىز -دەپ، تۇرۋالدى . شۇنىڭ بىلەن ئاچقىقىم كىلىپ بۇ ئايدىن باشلاپ بانكا قەرزىنى تۆلىمەيمەن- دىسەم، تۆلمسەڭ ئىختىيار، لىكىن 3قېتىم سۈلەيمىز، تۆلمىسەڭ بانكا قەرزىنى ئۆزمىز تۆلەپ دۇكانى تارتىۋالمىز، ساڭا بىر موچەن قايتۇرمايمىز -،دىدى . مەن ئەسلى دۇكان بىر يىلدا پۈتسە، تىرشىپ يۈرۈپ بىر يىل قەرزنى تۆلىۋالسام، ئاندىن دۇكان پۈتكەندە دۇكان ئۈزىنىڭ بانكا قەرزىنى ئۈزى تۆلىيەلەيدۇ- دەپ ئالغان، لېكىن 3 يىلدىمۇ پۈتمىدى. دۇكان پۇتۇش، تاپشۇرۇش ۋاقتى دىگەندەڭ مۇھىم ھالقىلار توختامغا كىرگۈزىلمىگەن ئىىكەن. ھەم بۇ يىل بازار ياخشى ئەمەس ھەم پاختا باھاسمۇ بەك تۆۋەن. ئەھۋال تۇلمۇ خەتەرلىك. بانكا قەرزىنى دۇكاننى قۇلۇمغا ئالماي، دۇكاندىن بىر موچەن تاپماي بۇ پۇلنى تۆلەش تولمۇ تەس كەلدى. تولەش ئقتىدارىممۇ قالمىغىلى تۇردى.
يول ئچىش ۋە دۇكان پۈتتۈرۈش ۋاقتى دىگەندەك نەرسلەر توختامغا يېزىلمغان ئىكەن ھەم توختاممۇ بىزنىڭ قولىمىزدا ئەمەس، يىغۋالغان. لېكىن يول، دۇكاننڭ ئۇمۇمى تەقلىدىي مودىل قۇرلۇشىدا ئېنىق ئېچىلغان ھەم تەشۋىقات ۋاراقىچىسىدىمۇ ئېنىق ئېچىقلىق ھالەتتە . شىركەت يول ئېچىشتىن يالتايسا، مۇشۇ تەقلىدىي مودىل قۇرلۇشى توختام بۇلالامدۇ؟ مەن زادى قانداق قىلشىم كېرەك ؟ دۇكان ئالمايمەن دىسەم يە ئۇنىڭغا ئۇنمسا.
مەن ئامال قىلىپ تور، ئۈندىدارئارقىلىق دۇكان ۋە ئوي سېتۋالغۇچىلارنى توپلاپ ئەرىز قىلاي دىسەم، بىرەر قالپاق كەيدۇرلۇپ سولاققا كىرىپ قېلىشتىن قورقتۇم.
1- دۇكان ئالمايمەن دەپ پۇلۇمنى تۇلۇق قايتۇرۋالالەيمەنمۇ ؟
2- بانكا قەرزىنى يول ئچىلىپ دۇكانى قولغا ئالغاندىن باشلاپ تولەيدىغان قىلىپ ۋاقىتلىق توختۇتۇپ قويغىلى بۇلامدۇ ؟
3- دۇكان تاپشۇرۇش ۋاقتى توختامغا يېزلمغان ئەھۋالدا، دۇكاننى ۋاقتىدا پۇتكۈزمىدىڭ دىيىش ئاقامدۇ؟ نەچچە يىلغىچە پۈتكۈزگۈزمسىمۇ بۇلىۋىرەمدۇ؟
4 - يول ئېچىش ئىشى توختامغا يېزلمغان، لېكىن بىنانىڭ تەقلىدىي مودىل قۇرلۇشدىكى ئېچىق ھالەتىكى يول توختامغا تەۋە بۇلامدۇ ؟
5- ۋاراقچە تارقىتىش، ئۇندىدار ئارقىلىق ئىستىمالچىلارنى يىغىپ جامائەت پىكىرى ھاسىل قىلسا قانۇنسىزلىق بۇلامدۇ ؟
6- دۇكانى قايتۇرسام مەن بەرگەن پۇلدىن پۇل تۇتۇۋېلىپ قايتۇرۇپ بىرەمدۇ ياكى مەن پۇلۇمنى 3يىل ئىشلەتكىنىگە پۇل قۇشۇپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام يولۇق بۇلامدۇ؟
|
|