مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق ناسا جورنىلىدا خەۋەر قىلىندى
(ھاۋا ماسسىسىنى ھېسابلاش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە)
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى
مەن قىلغان يەنە بىر يېڭىلىق «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 9-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىندى.
بۇ يېڭىلىقنىڭ مەزمۇنى مۇنداق: كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىدىكى قۇياشنى يەر يۈزىدە تۇرۇپ ياكى ئالەم بوشلۇقىدا تۇرۇپ رەسىمگە تارتقاندا، رەسىمگە چۈشكەن قۇياشنىڭ شەكلى يۇمىلاق ئەمەس، سوقىچاق ۋە سىممېتىرىك ئەمەس بولۇپ چىقىدۇ. بۇنداق نەتىجىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۆۋەندىكىدەك 3 ئامىل تەسىر كۆرسىتىدۇ: (1) قۇياشنىڭ قىرغىقىدىكى نۇرنىڭ ئۇنىڭ مەركىزىدىكى نۇردىن كۆپ ئاجىز بولۇشى. (2) ھاۋانىڭ بىر قىسىم قۇياش نۇرىنى شۈمۈرۈۋېلىشى. (3) ھاۋانىڭ قۇياشتىن چىققان نۇرنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشى. ھاۋانىڭ قۇياشتىن چىققان نۇرنىڭ بىر قىسمىنى شۈمۈرۈۋېلىشى ھاۋانىڭ ماسسىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يەر يۈزىگە يېقىن يەردىن ئاسمانغا قاراپ ماڭغاندا ھاۋانىڭ ماسسىسى كىچىكلەپ ماڭىدۇ. ھاۋانىڭ قۇياش نۇرىنى شۈمۈرۈۋېلىش مىقتارىنى ھېسابلاشتا، ھاۋانىڭ ماسسىسى ئېگىزلىكنىڭ فۇنكىسىيەسى بولۇپ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى لازىم بولىدۇ. مۇشۇنداق مۇناسىۋەتنى ھېسابلاپ چىقىدىغان ئالگورىسم (ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل) بار بولۇپ، ئۇنى ئىشلىتىش خېلى قىيىن ئىكەن. يەنى، ھازىرغىچە ئىشلەپ چىقىلغان ئالگورىسمنى يولىدا ئىشلىتىش، بىر ئادەمدىن ئوپتىكا كەسپى ياكى شۇنىڭغا يېقىن كېلىدىغان كەسىپتىكى ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق سەۋىيىسىنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئۆتكەن يىل مەن مۇشۇ مۇناسىۋەتنى ھېسابلاشنىڭ بىر ئاددىي ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنى بىر يۇمشاق دېتال ياكى كومپيۇتېر پروگراممىسى قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. مەن ئىشلىگەن بۇ پروگراممىنى ئوپتىكا كەسپىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇنۋانى يوق كىشىلەرمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا «نەشرىيات ھوقۇقى» (Copyright) ئالغان بولۇپ، ناسا ژورنىلىنىڭ بۇ قېتىمقى سانىدا مەن قىلغان ئاشۇ يېڭىلىق خەۋەر قىلىنىپتۇ.
مەزكۇر يېڭىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر يېڭىلىقمۇ ناسا ژورنىلىنىڭ 2014-يىلى 7-ئايلىق سانىدا خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، مەن ئۇ ھەقتىمۇ بىر قىسقا ئۇچۇر يازغان ئىدىم. ئۇنىڭ تور ئادرېسى:
http://bbs.izdinix.com/thread-59240-1-1.html
1-رەسىم
1-رەسىم: ناسا نىڭ «ناسا يېڭى تېخنولوگىيە خەۋەرلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان ئايلىق ژورنىلىنىڭ تېشىنىڭ رەسىمى.
2-رەسىم
2-رەسىم: مەن قىلغان يېڭىلىق خەۋەر قىلىنغان بەتنىڭ رەسىمى.
|