خوتۇن ئالماق ئوخشىماس رەخت ئالغانغا رەستىدىن (كۈلدۈرگە) ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
بويتاق يىگىت ئادىل خېلىدىن بۇيان ئۆزىگە لايىق تېپىش كويىغا چۈشكەنىدى، ئەمما ئۆزىگە مۇۋاپىق بىرىنىڭ چىقمايۋاتقانلىقىدىن كۆڭلى پەرىشان بولاتتى، ئۇ بىر كۈنى دوستى قاسىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، قاسىم ئادىلنىڭ پەرىشان كېتىپ بارغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىۋېدى، ئادىل قاسىمغا كۆڭلىدىكى دەردىنى يامغۇردەك تۆكۈپ مۇنداق دېدى:
ـــ «يېشىڭ باردى بىر يەرگە، ئۆيلەن» دېدى تۇغقانلار،
لايىق ئىزدەپ ھەر يەردە بۇ خەۋەرنى ئۇققانلار.
قاسىم ئادىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى ۋە مۇنداق جاۋاب بەردى:
ـــ غەم قىلغۇچە پەم قىلغىن دېگەك ئىكەن كونىلار،
سەندەك ياخشى يىگىتكە گۈلدەك لايىق تېپىلار.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىلنىڭ كۆڭلى جايىغا چۈشكەندەك بولدى ۋە ئۇنىڭدىن:
ـــ قېنى ئېيتقىن جان دوستۇم كىمنى ئالسام بولاركىن،
ئاتا – ئانام كۆزىگە كىم بەكەرەك سىغاركىن؟ـــ دەپ سورىدى. قاسىم:
ـــ لايىق تېپىش ئىشىدا ئۆزۈڭنى كۆپ ئويلاشقىن،
ياخشى قىزنى تاپساڭلا ئىككىلەنمەي تويلاشقىن، ـــ دېدى ۋە ئادىلغا ياردەم قىلماقچى، تاق بېشىنى جۈپ قىلماقچى بولدى. ئادىل شۇنداقتىمۇ دىلغۇللۇق بىلەن:
ـــ خوتۇن ئالماق ئوخشىماس رەخت ئالغانغا رەستىدىن،
شۇڭا كاللام قاتتىغۇ لايىق تاللاش دەستىدىن،ـــ دەپ بېشىنى تۇتتى.
ياۋاش دوستى ئادىلنىڭ لايىق تېپىش ئىشىدا قىينالغانلىقىنى كۆرگەن قاسىم ئۆزىنىڭ ھازىرقى خوتۇنىنى كەلتۈرۈش جەريانىنى ئۇنىڭغا تەپسىلى سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
ـــ ساڭا ئېيتسام، قوشنىمىز پازىلاخۇننىڭ قىزى ئادىلە ئەخلاق – پەزىلەت، ھۆسىن – جامالدا كامىل، ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىز بولدى، مەن دېگەندەكلا قىلساڭ ئۇنى چوقۇم كەلتۈرەلەيسەن.
قاسىمنىڭ تەجرىبىسىنى ئاڭلاپ ئادىلنىڭ كۆز ئالدى يۇرۇپ، كاللىسىغا نۇرغۇن ئەقىل كىرگەندەك بولدى. ئۇ ئاخىر قاسىمنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئادىلە ھەر كۈنى ئىشقا بېرىپ – كېلىشتە ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىغان بېكەتكە كېلىپ، ئۇنىڭ كېلىشنى ساقلاپ تۇردى. بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقانلار خېلىلا كۆپ ئىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئادىلە بېكەتكە كەلدى، ئادىل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئادىلەنىڭ يېنىغا كەلدى - دە ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ:
ـــ خېنىم، پۇتۇمنى دەسسىۋالدىڭىز،ـــ دېدى.
ـــ مەن سىزدىن خېلىلا يىراقتا تۇرسام، قانداقلارچە پۇتىڭىزغا دەسسىيەلەيمەن؟
ـــ ئەجىبا، پۇتىڭىز پۇتۇمنىڭ ئۈستىدە بىردەم تۇرسا، ئاندىن دەسسىگەن بولىدىكەنسىزدە؟
ـــ تازىمۇ بىر ساراڭكەنسىز.
ـــ كۆزىڭىز ھەقىقەتەن ئۆتكۈر ئىكەن، مەن ئىلگىرى راستىنلا ساراڭ بولۇپ باققان، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەملا كېسىلىم قوزغىلىدۇ.
ـــ سىلە ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، «مانتا كۆرمىگەن قەلەندە قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ» دېگەندەك چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەڭلەرلا بىر قاتار تېتىقسىز گەپلەرنى قىلىپ قەستەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تېگىسىلەر، بۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارنىڭ جەلىپكار ۋە كېلىشكەنلىكىڭلارنى نامايەن قىلماقچى بولۇشىسىلەر.
ـــ خېنىم، خاتالاشتىڭىز، مەن ئۆزۈمنىڭ كېلىشكەنلىكىمنى باشقىلارغا نامايان قىلىپ باققان بەندە ئەمەس، ئەمما كۆرۈپ تۇرۇپسىز، مەن مۇشۇنداق كېلىشكەن، كۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، يەنە كېلىپ مەن ئەزەلدىن قىزلارغا شۆلگىيىمنى ئېقىتمايدىغان ياۋاش يىگىت.
ـــ قۇرۇق گەپ قىلماڭ، دۇنيادا بەز يېمەيدىغان مۈشۈك بار دېسە كىم ئىشىنىدۇ، گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ قۇسقۇم كېلىۋاتىدۇ.
ـــ سىز قۇسۇۋەتمەستە، سىزدىن بىر قانچە سوئال سورىسام بولامدۇ؟
ـــ سوئال سورىغىڭىز بولسا، ئاچىڭىزنى ئىزدەڭ.
ـــ مېنىڭ ئاچام يوق.
ـــ ئۇنداقتا، ئانىڭىزغۇ باردۇ؟
ـــ ۋاي بولدى، سورىمايلا قويدۇم، ئاپتوبۇسقا چىقايلى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار بىر ئاپتوبۇسقا چىقتى، ئادىلە باشتا ئاپتوبۇسنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئورۇندا ئولتۇردى، ئادىل ئادىلەنىڭ ئارقىسىغا كېلىپلا ئولتۇرۋالدى، بۇ چاغدا ئادىلە ئۇنىڭغا:
ـــ ئادەمنى بەكلا بىزار قىلىدىكەنسىز، ئاپتوبۇستا شۇنچە كۆپ ئۇرۇن تۇرسا بۇدۇشقاقتەك يېنىمغا كېلىپ موككىدىلا ئولتۇرۋالغىنىڭىز نېمىسى؟ـــ دېدى.
ـــ كىم بۇدۇشقاقكەن؟
ـــ كىم بولاتتى، سىز ھەم ئۇرۇشقاق ھەم بۇدۇشقاقكەنسىز، مېنى بەكلا بىزار قىلدىڭىز.
ـــ يېنىڭىزدا قەستەن ئولتۇرۋالغىنىم يوق، بەلكى ئاپتوبۇستا مۇشۇ بىرلا بوش ئۇرۇن بولغاچقا مۇشۇ ئورۇندا ئولتۇرۇشۇم.
ـــ ئالدىمدا بىر بوش ئۇرۇن تۇرمامدۇ، نېمىشقا ئاشۇ ئورۇندا ئولتۇرمايسىز؟
ـــ ھە، مەقسىدىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم، ئەسلىدە سىزنىڭ چېچىمغا كۆزىڭىز چۈشۈپتىكەندە.
ـــ ئۆتۈپ بېرىڭە، كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرماي.
ئاپتوبۇس مەنزىلگە يېتىپ كەلگەندە، ئادىلە بىلەن ئادىل ئۆز يوللىرىغا راۋان بولۇشتى. ئادىلەنىڭ دائىم چۈشلۈك تاماق يەيدىغان ئاشخانىسىنى قاسىمدىن سوراپ بىلىۋالغان ئادىل ئەتىسى ئادىلەنى ئاشۇ ئاشخانا ئەتراپىدا ساقلاپ تۇردى. ئادىلە ئاشخانىغا كىرىپ كېتىشىگە ئادىل ئۇنىڭ كەينىدىن كىردى. ئادىلە ئادىلنى كۆرۈپ ھەيران بولغان ھالدا:
ـــ مېنى يەنە نەس بېسىپتۇ - دە، بۇ يەردىمۇ سىز بىلەن ئۇچىرىشىپ قالغىنىم نېمىسى؟ـــ دېدى.
ـــ مەنمۇ ھەيران، بىر ياخشىغا بىر يامان دەپتىكەن، بەلكىم ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، تەڭرىم سىزنى ماڭا ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق جازالاۋاتقان بولسا كېرەك.
ـــ سۆزلەۋەرمىسىڭىز قانداق؟ سىز سۆزلىسىڭىزلا، يېتىم قوۋۇرغام ئېگىلىپ، كۆڭلۈم ئېلىشقىلى تۇرىدىكەن.
ـــ تازىمۇ بىر داۋلى چۈشەنمەيدىغان قىز ئىكەنسىز؟ ئاۋازىم سىزنى شۇنچىۋالا بىزار قىلىۋەتتىما؟
ـــ ئەلۋەتتە، ئاۋازىڭىز خۇددى چىۋىن غۇڭشىغاندەك گىژىلداپ چىقىدىكەن، شۇڭا ئاڭلىساملا كۆڭلۈم ئېلىشىۋاتىدۇ.
ـــ ئاۋازىمنىڭ ئەكس تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ، دوختۇرلارغا ياردەملىشىپ بىمارلارنىڭ ئاشقازىنىنى يۇيسام بولغۇدەك.
ـــ سىز ئاشقازىنىنى يۇيۇشقا ياردەملەشكەن بىمارلارنىڭ بالدۇراق ئاخىرەتلىكىگە تەييارلىق قىلىپ قويغىنى ياخشى، سىزنىڭمۇ بالدۇراق ئاخىرەتلىكىڭىزگە تەييارلىق قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
ـــ مەن ئۆلمەستە، بۇ قېتىملىق تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتسىڭىز قانداق؟
ـــ ۋۇ، تاشتىن ياغ چىقىرىپ يەيدىغان گىرى.
ئارىدىن بىر – قانچە كۈن ئۆتكەندىكى بىر يەكشەنبە كۈنى ئادىلە بىلەن ئادىل يەنە ئۇچرىشىپ قالدى. بۇ چاغدا ئادىلە ئادىلغا مۇنداق دېدى:
ـــ يەكشەنبە كۈنىمۇ يالغۇز بازار ئايلانغىنىڭىزدىن قارىغاندا لايىقىڭىز يوقكەندە؟
ـــ مېنىڭ لايىقىم يوق، ئەمما قىز دوستۇم بار، مەندىن بۇ سوئالنى سوراشتا بىرەر مەقسىتىڭىز بارغۇ دەيمەن؟
ـــ ھېچقانداق مەقسىتىم يوق، ئۆمۈرلۈك ئىشىڭىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويغىنىم خاتامۇ؟
ـــ خاتا ئەمەس، ئىلگىرى باشقا بىرەيلەنمۇ ئۆمۈرلۈك ئىشىمغا خۇددى سىزدەكلا دائىم كۆڭۈل بۆلەتتى، بىراق ئۇ ھازىر ئالەمدىن ئۆتتى.
ـــ ئۇ كىم؟
ـــ چوڭ ئانام.
ـــ مېنى ئەجەب جىلە قىلدىڭىز، مۇشۇ تاپتا سىزنى ئۇرغۇملا كېلىۋاتىدۇ.
ـــ ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى دەپتىكەن، يىگىتىڭىز سىزنى تاشلىۋەتكەن بولسا، مېنى ئۇرۇش ئارقىلىق روھىي تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشمەكچى بولغىنىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
ـــ يىگىتىم بىلەن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز؟
ـــ دۈمبەمدە پال بېقىپ بىلدىم. ھا، ھا، مۇبادا سىزگە ئوغۇل دوست كېرەك بولسا ماڭا تېلېفون قىلىڭ.
ئادىل ئادىلەگە تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويدى، بۇ چاغدا ئادىلە ئادىلغا:
ـــ ئەمدى يەنە مېنى بىزار قىلسىڭىز، سىزگە قىسقا ئۇچۇر يېزىپ تىللايمەن،ـــ دېدى.
ـــ مېنى تىللاپ قىسقا ئۇچۇر يېزىشىڭىزنى كۈتىمەن.
ئادىل بىلەن ئادىلە ئۆيلىرىگە قايتىپ تۆۋەندىكىدەك شېرىن خىياللارنى سۈردى.
قىز: غەلىتە ئىش، مېنىڭ راستىنلا ھېلىقى لۈكچەكنى ئۇچۇر يېزىپ تىللىغۇم كېلىۋاتىدىغۇ.
يىگىت: قىزنىڭ ماڭا ئۇچۇر يېزىپ مېنى تىللىماسلىقى بىر غەلىتە ئەھۋال.
قىز: تۈگەشتىم، ئەجىبا مەن راستىنلا ئاشۇ لۈكچەكنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟
يىگىت: ھا، ھا، ئەمدى ئۇ قىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالماسلىققا باھانىسى قالمىدى.
|