قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1588|ئىنكاس: 26

تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

181

تېما

46

دوست

9568

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 432
تۆھپە : 3156
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 08:02  

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

تاشپولات روزى

black hole.jpg


بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىلىق ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ فىزىكا دۇنياسىنى تەۋرىتىپ فىزىكا ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىزىكا پروفېسسورى Laura Mersini-Houghton قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلىغان. يەنى مەۋجۇت ئەمەسلىكنىڭ تەخمىنى يېشىمى بىلەن ھەقىقىي يېشىمىنى بەرگەن. تەخمىنەن يېشىم ماقالىسى فىزىكا ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ، ھەقىقىي يېشىم توغرىسىدىكى ماقالىسى ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈۋېتىپتۇ.

مەن 3-ئايلاردا بىر خەۋەر يېزىپ چوڭ پارتلاشتىن كېلىپ چىققان “تارتىش كۈچ دولقۇنى” تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى دېگەن ئىدىم.  ئۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيادا چوڭ پارتلاشنىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى دەپ كوپ خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. بىراق بۇ نەتىجىمۇ ئاز ۋاقىت ئۆتمەي ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى.

يۇقىرىدىكى  قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك توغرا بولسا ئالەم بىر نۇقتىدىن كېڭىيىپ پەيدا بولغان دېگەن كۆز قاراشنىڭمۇ يەنە چوڭ پارتلاش دېگەننىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى نەتىجە سان قىممەتلىك ھەم نەزەرىيە جەھەتتىكى نەتىجە بولغاچقا قارا ئۆڭكۈر ۋە چوڭ پارتلاش مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.

قارا ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟ قارا ئۆڭكۈر دېگىنىمىز ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ھەم زور ماسسىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەرقانداق ماددا ھەم نۇرمۇ ئۇنۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىسىمدىن ئىبارەت.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://phys.org/news/2014-09-black-holes.html

14

تېما

19

دوست

9486

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2810
توردىكى ۋاقتى: 1052
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىمىلېرىغا رەھمەت تاشپۇلات ئاكا، دىمىسىمۇ نۇرنىمۇ تارتىپ كەتكۈدەك تارتىش كۈچى ئەتراپتىكى باشقا ماددىلارنى يىراق بولسىمۇ چۇقۇم تارتىپ ، ھىچ بولمىسا ئوربىتاسىنى ئۆزگەرتىۋىتىشى مومكىن ئىدى، بۇرۇنقى ماتىرياللاردا دىيىلگىنىدىمۇ قارا ئۆڭكۈرلەر باشقا يۇلتۇزلارغا يىقىن تۇرۇپ يەنە شۇ يۇلتۇزلار مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرغىنى گۇمانلىق ئىدى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

70

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   23.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31325
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىراپ ھۆكۇم قىلمايلى . ماقالىنىڭمۇ ئاخىرى باكەنغۇ ؟ ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق چىقىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ .چىقتى دىگەن بىلەنمۇ ئۇنى ئالىملا ئىتىراپ قىلشى كىرەك .

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   67.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9224
توردىكى ۋاقتى: 5073
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 14:10  

تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
مۇبادا بۇ تېمىدىكى نۇقتىنەزەرلەر پۇت تىرەپ تۇرالىسا ۋە ئورتاق ئېتراپ قىلىنسا فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىقتا يىڭىچە تەپەككۈر يوللىرى ئېچىلىشى مۆمكىن.
لىكىن ،قارا ئۆڭكۆر مەۋجۈت بولمىغان تەقدىردىمۇ نىتىرۇن يۇلتۇزلار غايەت زور زىچلىقتىكى ئاسمان جىسىمى بولۇپ قالىۋىرىدۇ.بۇ ھالدا زىچلىققا مۇناسىۋەتلىك تەپەككۇر قارا ئۆڭكۆردىن نىتىرون يۇلتۇزلارغا كۇچىدۇ،خالاس.نۇۋەتتە ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ،دەپ قارىلىۋاتىدۇ.ھەتتا ئالەم تىزلىنىشچان سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتىدۇ دەپ ئىسپاتلىغان ئىككۆيلەنگە ئالدىنقى يىلى نوبىل مۇكاپاتى بېرىلدى.ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى بىلەن قارا ئۆڭكۆرنىڭ مەۋجۈت ئەمەسلىكىنىڭ ھەرئىككىسى راسىت بولسا، بۇ ھالدا بۇ كېڭىيىۋاتقان ئالەم ئەسلى قارا ئۇڭكۆر زىچلىغىدىن تۆۋەن ،نىتىرۇن يۇلتۇزلار زىچلىغى ئۆپچۆرىسىدىكى بىر زىچ رايۇندىن كىڭەيگەن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.«پارتىلاش» ئاتالغۇسى كېڭىيىش سۈرئىتى تىز بولغان ئەھۋالدا يەنىلا ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە.غەيرى نۇقتا ۋە قارا ئۇڭكۆر ئەسلىدىنلا ماتىماتىكىلىق ئىدىيە بولۇپ فىزىكىلىق پاكىت ئەمەس ئىدى.لىكىن نىتىرۇن يۇلتۇزلار بولسا تەجىربىدىن ئۆتكەن ئوبىكتىپ مەۋجۈت رىياللىق.دىمەكچىمەنكى،ئەمدى ئىنسانلار«ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئىنىرگىيە ئەسلىدە نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغىدا بىر نۇقتىغا يىغىلغان بولۇپ،مۇنچىلىك ۋاقىتتىن ئىلگىرى بۇ نۇقتا ئۈشتۈمتۇت پارتىلاپ ،ئالەم كېڭىيىشكە باشلىغان»دىگەندەك جۆملىلەرنى تۈزۈۋىرىدۇ.غەيرى نۇقتا ۋە قارا ئۆڭكۆرنىڭ ئۇرنىغا نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغى دەسسەيدۇ،خالاس.مۇبادا ئالەمنىڭ كېڭەيمەيۋاتقانلىغى ئىسپاتلانسا ئىدى، يۇقۇرقى نىتىرۇن يۇلتۇز زىچلىغىدىكى يىغىلىشنى تەساۋۋۇر قىلىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولاتتى.كېڭەيمەيدىغان،تارايمايدىغان نىيوتۇن ۋە ئېينىشتېيىن تۇرغۇن ئالەم مودىللىرىنىڭ ئۇزى يىتەرلىك بۇلارئىدى......

نىتىرون يۇلتۇز


中子星的密度在每立方厘米8×1013克至2×1015克间


تولۇقى:




63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   67.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9224
توردىكى ۋاقتى: 5073
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىللىرى ياپۇنلار ئىسپاتلىغان نىتىرون يۇلتۇز زىچلىغىدىن (ئاتوم يادرۇسى زىچلىغىدىن)10ھەسسە يۇقۇرى بولغان زىچلىق پۇت تىرەپ تۇرالىسا بۇنداق زىچلىق يەنە ئۇزگىچە تەپەككۆر يوللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.تاشپولات مۇئەللىم ،سىزمۇشۇ زىچلىق ۋە ئۇنىڭ كىيىنكى تەقدىرى ،تەتقىقاتنىڭ داۋامى ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولسىڭىز،خەۋەردار قىلىپ قويارسىز.

63

تېما

18

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   67.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2591
تۆھپە : 9224
توردىكى ۋاقتى: 5073
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەتتە يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە زىچلىغى 5گىرام سانتىمىتىر كۇپ دەپ قارىلىدۇ.نىتىرۇن يۇلتۇزلارنىڭ بولسا 100مىليۇن توننا سانتىمىتىر كۇپ.مۇبادا بۇ زىچلىقتىن 10ھەسسە يۇقۇرى زىچلىق بار بولسا ئۇزىڭىزلەر تەساۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار.
ھەر كۇپ سانتىمىتىرىنىڭ ئېغىرلىغى 100مىليون توننا بولغان ئاسمان جىسىمى ئىسپاتلىنىپ بولغان.قارا ئۆڭكۆر ئونىڭدىنمۇ يۇقۇرى زىچلىقتىكى ئاسمان جىسىمى بولۇپ،ھېچقاچان ئىسپاتلانغان ئەمەس.

مەن قارا ئۆڭكۈرنىڭ ئورنىغا تەجىربىدە ئىسپاتلانغان نىتىرون يۇلتۇز زىچلىغىدىن 10ھەسسە يۇقۇرى زىچلىق دەسسىتىلسە ،ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى مۇئەييەنلەشكەن ئەھۋالدا بەكمۇ چوڭ نەزەريىۋى مەسىلىلەر كىلىپ چىقماس،دەپ ئويلاۋاتىمەن.

1

تېما

8

دوست

1621

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12457
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 240
تۆھپە : 350
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى يوق بولۇپ چىقىپتۇدە ،
.....................
تەتقىقاتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمىز.................تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر

0

تېما

0

دوست

307

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   3.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 80
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاۋكىڭ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان قارا ئۆڭكۈر نەزەرىيىسىنى ئۆزى ئىنكار قىلدىمۇ قانداق ؟؟مەن بۇنىڭدىن بىخەۋەركەنمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )