قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 800|ئىنكاس: 15

NASA: بىر يېڭى ئالەم ئۇچقۇرى مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىردى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

109

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 1061
تۆھپە : 2837
توردىكى ۋاقتى: 1202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-25
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى


       ناسا نىڭ ئىنگلىزچە «MAVEN»  دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئالەم ئۇچقۇرى 2014-يىلى 21-سىنتەبىر (يەكشەنبە) كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسنىڭ ئوربىتىسىغا كىرىپ، مارسنى ئوربىتلاشنى باشلىدى.  بۇ ئالەم ئۇچقۇرى 2013-يىلى 18-نويابىر كۈنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مارسقا يېتىپ بېرىشىغا جەمئى 10 ئاي ۋاقىت كەتتى.  
       يەر شارىدىن مارسقا بارىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن يۇقىرى تېزلىك بىلەن ماڭىدىغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ سەپەر ئۈچۈن 150 كۈندىن 300 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ.

1-رەسىم

1-رەسىم

1-رەسىم: يەر شارىدىن يولغا چىققان بىر ئالەم ئۇچقۇرى كۈننى يېرىم چەمبىرەك ئايلىنىپ، كۈننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە مارس بىلەن ئۇچرىشىدۇ.  شۇڭلاشقا بۇ سەپەرگە سائىتىگە 20 مىڭ كىلومېتىردىن يۇقىرى تېزلىك بىلەن ماڭىدىغان ئالەم ئۇچقۇرى ئۈچۈن 150 – 300 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.  
       «MAVEN»  دېگەن سۆز ئىنگلىزچە «مارسنىڭ ئاتموسفېراسى ۋە ئۇنىڭ تۇراقسىز تەدرىجى ئۆزگىرىشى» (Mars Atmosphere andVolatile EvolutioN) دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرىپىدىن تۈزۈلگەن.
        «MAVEN»  نىڭ ۋەزىپىسى مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئەڭ ئېگىزدىكى قاتلىمىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت.  بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مارسنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.  شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ مارسنىڭ ھاۋا-كىلىماتى ۋاقىتلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقى، ئاشۇ ئۆزگىرىشلەر مارسنىڭ يۈزىدە پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكى، ھەمدە مارستا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتى بار-يوقلىقى ھەققىدىكى بىلىملىرىمۇ تېخىمۇ تولۇقلىنىدۇ.  

2-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم: كۈن ئولتۇرۇش ۋاقتىدىكى «MAVEN»  نىڭ مارس ئوربىتىسىدىكى بىر كۆرۈنىشى.  بۇ رەسىمنى ناسا نىڭ «Goddard» ئالەمگە ئۇچۇش مەركىزىدىكىلەر سىزغان.
       «MAVEN»  توغرىسىدا مەن بۇرۇن بىر تېما يوللىغان بولۇپ، بۇ ھەققىدە تېخىمۇ كۆپرەك بىلىمگە ئىگە بولۇشنى ئىستەيدىغان قېرىنداشلارغا ئاشۇ تېمىنى تەۋسىيە قىلىمەن.   ئۇ تېمىنىڭ تور ئادرېسى:
ناسا: بۈگۈن يەنە بىر ئالەم ئۇچقۇرى مارسقا ماڭدى
http://bbs.izdinix.com/thread-55891-1-1.html
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] NASA's MAVEN Spacecraft Successfully Entered Into Martian Orbit
http://www.forbes.com/sites/alex ... into-martian-orbit/
[2] How long does it take to get to Mars?
<http://www.universetoday.com/148 ... to-get-to-mars/>

0

تېما

2

دوست

3766

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   58.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1124
توردىكى ۋاقتى: 165
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ، بىلىۋالدۇق . ھىندىستانمۇ ئالدىنقى كۈنى بىر ئۇچقۇرنى مارىس ئوربىدىسىغا كېرگۈزۈپتىغۇ ؟قارىغاندا ھىندىستاننىڭ پەن -تېخنىكىسىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

21

دوست

3406

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1012
توردىكى ۋاقتى: 266
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت ئەركىن ئاكا، بۇ ئالەم ئۇچقۇرى ئادەمسىزمۇ؟
ئەگەر مارىسقا ئادەملەر چىقىپ ياشىشى ئۈچۈن بارچە ئىمكانىيەتلەر بار بولدى دىگەندىمۇ ، مارىستىكى قوياشتىن كىلىدىغان زەھەرلىك رادئاتسىيەگە قانداق تاقابىل تۇرماقچى؟
ئالەم كىمىسى بىلەن چىقسا 10 ئايلىق سەپەردىكى تاماق بىلەن ئۇيقۇنى قانداق    تەڭشىگىلى بولدۇ؟

0

تېما

0

دوست

253

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   84.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى خەۋەركەن.
  مۇنداق بىر سوئال بار كاللامدا:
شۇنچە يىراق مۇساپىگە مېڭىش ئۈچۈن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ يېقىلغۇسىنى قانداق ھەل قىلىش مۇمكىن؟

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 2415
توردىكى ۋاقتى: 709
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ يىقىلغۇسى قايسى خىل ئىنىرگىيە ئىشلىتىلىدۇ؟

بۇنى دەپ بىرىشكە بولامدۇ ؟

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 2415
توردىكى ۋاقتى: 709
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ يىقىلغۇسى قايسى خىل ئىنىرگىيە ئىشلىتىلىدۇ؟

بۇنى دەپ بىرىشكە بولامدۇ ؟

2

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12274
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1585
تۆھپە : 2415
توردىكى ۋاقتى: 709
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۆزىڭىز خىزمەت قىلىۋاتقان ئورنىڭىزدىكى سۈرەتلەر ۋە يۇقىرى تىخنىكىلىق ئۈسكىنىلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىششىنى خالىمامسىز؟

14

تېما

19

دوست

9486

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2810
توردىكى ۋاقتى: 1052
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-27
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 06:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ghupuri يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 22:43
يېڭى خەۋەركەن.
  مۇنداق بىر سوئال بار كاللامدا:
شۇنچە يى ...

يەر شارىدىن مەلوم ئارلىققا يەتكۈچە ئادەتتىكى قاتتىق يىقىلغۇ، قالغان قىسمىغا يادرو ئىنىرگىيسى ئىشلەتكەن بۇلىشى مومكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )