قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1350|ئىنكاس: 9

چارلىس چاپلىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

1

دوست

581

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-25 18:39:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

     ئەنگىليەنىڭ دۇنياۋى كومىدىيە چولپىنى شۇنداقلا داڭلىق ئۇرۇشقا قارشى زات.ئۇنىڭ ئىسمى ھەممە كىشىنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن(بولۇپمۇ ئۇنىڭ مودا دەۋرى دىگەن فىلىمى) . ئۇ دۇنيا ئاۋازسىزفىلىم-كىنو تارخىدا تۇنجى كومدىيلىك كىنو ئىشلەپچىقىرىپ دۇنيانى كۈلكە ساھەسىگەباشلاپ كىرگەن داڭىلىق چولپان ۋە رېژىسسور،ئۇنىڭ ئامىرىكىنىڭ كىنو شەھىرى بولغان ھوللىۋودنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىللىرىگە قوشقان تۆھپىسىنى بوش چاغلاشقابولمايدۇ. ئۇنىڭ ھاسسىسى بىلەن ئۇنىڭ كەمزۇلى ۋە بەتىنكىسى شۇنداقلا ئۆردەككەئوخشاش ئېغاڭلاپ مېڭىشى ئۇنىڭ ئەڭ زور بەلگىسى دىيىشكە بولىدۇ.ئۇ نۇرغۇن فىلىملىرىدە ئۆزى سىناريە يېزىپ ، ئۆزى رېژىسورلۇق قىلىپ،ئۆزى رول ئېلىپ كىشىلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان كاتتا شەخىستۇر. ئۇنداقتا ئونىڭ بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ قويايلى:
    بارون چارلىس سىپىنسىر چاپىلىن دۆلەت تەۋەلىكى ئەنگىليىلىك (ھەرگىزمۇ ئامىركىلىق ئەمەس،لىكىن كىنولىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئامىركىدا ئىشلەنگەن). 1889-يىلى4-ئاينىڭ16-كۈنى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى بىر ۋىلايەتتىكى سەنئەتكار ئائىلىسىدەدۇنياغا كەلگەن.ئونىڭ ئاتا-ئانىسى سەنئەتكار بولۇپ،ئاكىسى شېدنىمۇ ئاتا-ئانىسىغائەگشىپ ئويۇن قۇياتتى .1894-يىلى 5ياشلىق چارلىس ئاپىسىغا ئەگشىپ سەھنىگە ئويۇن قويغىلى چىقتى. كىيىن ئاتا –ئانىسى ئاجىرشىپ كىتىپ،ئۇ ئۆگەي دادىسى سونى چاپىلننىڭ قىشىدا تۇرغان.1896-يىلى ئانىسى ئىشسىز قالغاندىن كىيىن ئاكىسى بىلەن بىلەن لوندۇن لامبىس ئۆسمۈرلەرنى پاناھلاندۇرۇش ئورنىغا ئاپىرۋىتىلگەن.بىر نەچچە ھەپتىدىن كىيىن باشقا دارلىتامغا ئاپىرۋىتىلگەن1900-يىلى ئاكسى ئۇنىڭ يازغان ئاۋازسىز دىراممىسىنى سەھنىدە ئويناپ ئۇتۇق قازانغان.7يىلدىن كىيىن ئۇ دارلىتامدىن ئايرىلىپ،رەسمىسەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىغان.ئۇ تۇرمۇشنى قامداش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىپباققان:تازلىق ئىشچىسى،ھاممال ، مال توشۇغۇچى،كىيىم يۇيغۇچى،دوختۇرياردەمچىسى،مىلىچ ماللار دوكىنىنىڭ قارا ئىشچىسى.......دىگەندەك، موشۇ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى چارلىسنىڭ كاللىسىغا قاتتىق ئورناپ كەتكەن.شۇڭا ئونىڭ فىلىملىردىن سەرگەردانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى ئۆزۈلمەيدۇ.چارلىس 12يېرىم ياش ۋاقتىدا دادىسى  چارلى چاپلىن37يېشىدا ھاراقكەشلىكتىن ئۆلگەن،ئاپىسى نېرۋا كىسەل بولۇپ ،ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرۋېتىلگەن(لىكىن بۇچاغدا ئاكا-ئۇكا ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بېقىۋاتقان دادا باشقا ،ئانا بىر ئىنىسى بارلىقىنى بىلمەيتتى.كىيىن بۇ ئىنىسى ھوللىۋودقا كىلىپ،چارلىسنىڭ سىتودىيسىدەئىشلىدى).17ياش ۋاقتىدا چارلىس شۇ چاغدىكى ئەڭ داڭلىق بولغان كارىنو سېرىكئ ۆمىكىدە ئىشلىدى.كارىنومۇ چارلىسنى كۈلكە دۇنياسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىغا باشلاپكەلدى.1912-يىلى10-ئاينىڭ 12-كۈنى كارىنو سېرىك ئۆمىكى بىلەن ئامىرىكىغا باردى.ھەمدەئويۇن قۇيۇش جەريانىدا ئامىركىنىڭ داڭلىق رژىسسورى .Mسانات تەرپىدىن بايقىلىپ،1914-يىلدىن باشلاپ كىنوچىلىق سەھنىسىگە قەدەم قويدى. ئۇ كىنو ساھەسىگەقەدەم قويۇپ نۇرغۇن كىنولارنى ئىشلەپ،نام قازاندى. 1918-يىلى1-ئاينىڭ21-كۈنى چارلىسنىڭ كىنو سىتودىيسى پۈتتى. 1919 -يىلدىن باشلاپ ئۆزى سىناريە يېزىپ ، ئۆزىرېژىسورلۇق قىلىپ،ئۆزى رول ئېلىپ تېخىمۇ داڭىق چىقاردى.پۈتكۈل دۇنيا ئاۋازسىز كىنوساھەسىدە چارلىس چاپلىننى تونىمايدىغان ئادەم قالمىدى. بايدىن تارتىپ نامراتقىچە ،قېرىدىن ياشقىچە ئۇنىڭ كىنولىرىنىڭ بىلىتىنى ئۆچرەت تۇرۇپ  تالشىپ كۆرىدىغان بولدى. ئو مۇشۇمەزگىللەردە80دىن ئارتۇق فىلىم ئىشلىدى. ئۇنىڭ ئۆزى كىنو ئىشلىگەن ۋاقتىدەل1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقان ۋاقىت بولۇپ،ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ئۇنىڭ كىنوچىلىق ساھەسىنى قىزىتىۋەتتى. ئۇمۇ تەرەققى قىلدى. بىراق ئۇ 1936-يىلى ئىشلىگەن《مودا دەۋرى》فىلىمى ئامىرىكاھۆكۈمىتىنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپ،فېدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارسى-FBIتەرپىدىن مەخپى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى. چۈنكى بۇفىلىمدە كاپىتالىستلارنىڭ ئىشچىلارنى قاتتىق ئەزگەنلىكى قاتتىق مەسخىرە قىلىنغان ئىدى.مۇشۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۇ ئىشلىگەن 《فاندۇر ئەپەندى》ناملىق فىلىمنى چەكلىدى. 1947-يىلى 12-ئايدا چارلىس پارىژ گېزىتىدە مەن ھوللىۋودقا جەڭ ئېلان قىلىمەن دەپ ماقالە يېزىپ ،ئۆزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان ئەھۋالىنى دۇنياجامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلدى. 1952-يىلى9-ئايدا چارلىس يېڭى فىلىمنىڭ قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەپەرگە تەييارلىق قىلۋاتقاندا ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئونىڭ چىگىرىدىن كىرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغانلىقىنى رادىئودىن ئاڭلايدۇ. ئۇفىرانسىيدە100دىن ئارتۇق مۇخبىر قاتناشقان سورۇندا:مىنىڭ ئېتقادىم ئەركىنلىك ،مەن ھەممە ئادەم ئۈچۈن،مىنىڭ سىياسى كۆز قارىشىم ئىنقىلاپ قىلىش ئەمەس ئەكسىچە فىلىم ئىشلەش دەيدۇ.1953-يىلى ئۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭ ئامىركىدىكى بارلىق پاي چەك،ئۆي قاتارلىق شەخسى بۇيۇملىرىنى سېتىپ ،ھىساۋاتنى شىۋىتساريىگە يۆتكەيدۇ.چارلىسمۇ بۇندىن كىيىن ئامىركىغا بارماسلىق نىيتىگە كىلىدۇ ھەمدە شىۋىتساريىدە ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.1954-يىلى چارلىس چاپلىن بىلەن جوۋ ئېنلەي زۇڭلى رىۋانادا كۆرۈشىدۇ،زۇڭلى ئۇنى جۇڭگوغا زىيارەتكە تەكلىپ قىلىدۇ. چارلىس جوۋ ئېنلەي زۇڭلىغا مەن1936-يىلى شاڭخەيگە بارغان ئىدىم،ئۇچاغدا خەلىق ئازاپ ئىچىدە ئىكەن دەيدۇ.ئىككىسى ناھايتى قىزغىن پاراڭلىشىدۇ كىيىنكى ۋاقىتلاردا چارلىس چاپلىن ئامىرىكىغا بولغان كۆزقارشىنى ئۆزگەرتىدۇ.1963-يىلى نىيۇ يورىكتا ئۆزىنىڭ كىنو بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ.1972-يىلى83ياشقا كىرگەن چارلىس چاپلىن ھوللىۋوددا تارختىن بۇيانقى چاۋاك ساداسى ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئوسكار مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالىدۇ.1975-يىلى3-ئاينىڭ9-كۈنى ئېلزابىت2 چارلىسقا بارۇنلۇق ئۇنۋانىنى بىرىدۇ(ئەسلىدە 1931-يىلى 1956-يىلى ئىككى قېتىم بەرمەكچى بولغان ،بىراق ئامىرىكابىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئويلاپ بەرمىگەن) 1977-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى شىۋىتساريىدە88يېشىدا  ۋاپات بولىدۇ.شىۋىتساريىگە دەپنە قىلىنغان بولىسمۇ ،ئۇنىڭ جەسىدىنى كىپەن ئوغىرلىرى ئوغىرلىماقچى بولغاندا قولغا چۈشىدۇ.كىيىن رىۋاناغا يۆتكىلىدۇ.
     چارلىسنى بەزلەر يەھۇدىدەيدۇ،لىكىن تاكى 1936-يىلغىچە چارلىس ئۆزىنى يەھۇدى دىمىگەن،لىكىن گېرمانىيدەناتسېستلار پارتىيسى تەختىكە چىقىپ يەھۇدىيلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن چارلىس ئۆزىنى يەھۇدى دەپ جاكارلايدۇ.ھەمدە گېتلىرۋە موسسولىننى مازاق قىلىدىغان كىنو چوڭ مۇستەبىتنى ئىشلەيدۇ.بىراق ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنى تاكى ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گېرمانىيگە ئۇرۇش ئېلان قىلغۇچە ئۇنىڭ بۇ فىلىمنى قۇيۇشىغا يول قويمايدۇ.
        1918   يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى29ياشلىق چارلىس بىلەن 16ياشلىق مېردېللىد خاللىس توي قىلدى.ئايالى كىنو ساھىسىدە نام چىقاردى.
        1924   -يىلى11-ئاينىڭ26-كۈنى36ياشلىق  ياشلىق چارلىس بىلەن 16ياشلىق ئارتىس لايتېر گېللى  توي قىلدى(لايتېر گېللى بۇ چاغدا چارلىستىن ھامىلداربۇلۇپ قالغان ئىدى).ئايالى كىنو ساھىسىدە نام چىقاردى،ئىككى بالىلىق بولدى ، كىيىنچارلىس بەكمۇ ئازاپ ئىچىدە ئايالدىن ئاجىرىشىپ كەتتى .ئاجىرىشىش سوممىسى825000دوللاربولدى،بۇ ئاجىرشىش تۆلىمى چارلىسنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋەتتى .سوتنىڭ بۇقارارى چارلىسقاقارشى بىر مەيدان ھەركەتنى قوزغىدى1932-يىلدىن1940-يىلغىچە چارلىس ئايال ئارتىس بارلىد  دىگېداد بىلەن قۇيۇق مۇناسۋەتتە بولدى،1940-يىلى 1936-يىلى مەخپى توي قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلدى،1942-يىلى ئايرىلغاندىن كىيىن،چارلىس ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن ئاجىرىشش تۆلىمى تۆلىدى.كىيىن چارلىس يەنە بىر جەلىپكار ئارتىس جىن بارىي بىلەن يىقىن مۇناسۋەتتە بولدى.1943-يىلى5-ئايدا باررى چارلىستىن ھامىلىدار بولۇپقالغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ،بىراق قان تەكشۈرۈشتە چارلىسنىڭ بۇ بالا بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ،سوت بۇ بالا 21ياشقا كىرگۈچە ھەر ئايدا75دوللار بىرشىكە بۇيرۇيدۇ.
        1943   -يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى54ياشقا كىرگەن چارلىس ئوننا ئوننېر بىلەن توي قىلىدۇ،ئوننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ چارلىس بىلەن توي قىلىشغاقارشى تۇرىدۇ.بىراق ئوننا بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ ۋە ئۈچ پەرزەنتلىك بولىدۇ،بىراق چارلىس ئۆلگەندىن كىيىن 14يىل ئۆتۈپ ئوننا ھاراقكەشلىكتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.
بىرسىنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا يەنە بىر كىشىنىڭ بىر نىمەدەيدىغان ھەققى يوق .شۇڭا بۇ ھەقتە سۆزلەشكە بولمايدۇ.دىمەكچى بولغىنىم شۇكى ئۇنىڭ ھازىر سىز كۆرىۋاتقان فىلىملىرى ئەمەليەتتە ئاۋاسىز كىنو بۇلۇپ،كىيىن ئاۋاز كىرىشتۈرۈلگەن كىنولاردۇر.بىراق ئۇنىڭ فىلىملىرىنىڭ قالتىسلىقى،ئۆتكۈر مەسخىرە ئوبرازى،ئۇنىڭ ياراتقان ئۇسلۇبى ......ئۇنىڭ قالتىس خارەكتىرىنى مەڭگۈگە ساقلاپ قالغۇسى. شۇنداق دىيىشكە بولدۇكى : چارلىس ئامىرىكا كىنوچىلىقىنىڭ ئاساسىنىڭ بىرىدۇر.

1

تېما

3

دوست

6320

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 1525
توردىكى ۋاقتى: 513
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 17:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتۇنلارنىڭ ئارىسىدا ھېسيات يېڭىلاپ يۇرۇپتۇكەن-دە،بۇ سەنئەتكار.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1086

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 18:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ تەسرلەندىم، ئەگرى -توقاي ھايات يولى، جەڭگىۋار ھايات. تالانتىلەق شەخس

2

تېما

0

دوست

1014

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   1.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29015
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 19:51:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىملىق «چاپلىننى دوراش» مۇسابىقىسىدە، چاپلىن 2- بولغانكەن.

0

تېما

0

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22421
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 658
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-27 21:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارلىز چاپلىن ھاراق زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىپ،ئۇخلىيالماسلىقتىن ئەنسىرەپ،ئۇيقۇدورىسى ئىچكەن ئىكەن.شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئۆلۇپ كەتكەن دەيدۇ. ھاراق ئىچكەندىن كىيىن ئۇيقۇ دورىسى ئىچمەسلىك كېرەككەن.

aaot=oghuztigin=和平之子

37

تېما

5

دوست

7770

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1486
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 15:10:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەلەيكۇم قېرىندىشىم !ئۇيغۇرچەسىنى «چارلىس.چاپلىن›› ئەمەس.‹‹چارلىز.چاپلىن›› دەيمىز.charlisچارلىز دەپ ئوقۇلىدۇ ھەم تەلەففۇز قىلىنىدۇ!

6

تېما

1

دوست

581

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   16.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23463
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 168
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 18:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئېنگىلىزچىنى ئانچە ياخشى بىلمەيمەن.شۇڭا تەرجىمەم خاتالىقتىن خالىي بولالماپتۇ،كەچۈرۈڭ

0

تېما

0

دوست

792

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 252
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 10:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چارلىز چاپلىننىڭ فىلىملىرىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرۈمەن،تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )