يېڭى يىل ئىمىن.تۇرسۇن (مەرھۇم ئۇيغۇر ئالىمىمىزنىڭ ياتقان جايى ئۇجماغدا بولسۇن)
دۇنيادىكى دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ 《يېڭى يىل》نى باشلاش ئوخشاش ئەمەس。جوڭگو ۋە باشقا كۆپ دۆلەتلەر مىلادىيە كالىندارى بۇيىچە 1-ئاينىڭ 1-كۈنىنى يېڭى يىل بايرىمى قىلىدۇ.خەنزۇلار بۇ كۈننى《يۈەندەن》(元旦)دەپ تايدۇ.بۇ《دەسلەپكى كۈن》دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
بەزى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتى ۋە مىللىتى ئۈچۈن چوڭ ئەھمىيەتلىك بولغان كۈننى ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى قىلىدىكەن.مەسىلەن،فىلىپپىنلىقلار مىللىي قەھرىمانى خېسەي لىساڭ قۇربان بولغان كۈننى ،يەنى مىلادىيە 12-ئاينىڭ 30-كۈنىنى يېڭى يىل باشلانغان بايرام قىلىدىكەن.نىل ۋادىسىدا ياشايدىغان قەدىمكى مىسىرلىقلار يىل بېشىنى نىل دەياسىغا تاشقىن كەلگەن كۈنىگە قاراپ بەلگىلىگەن.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،مىلادىيىدىن 4000 يىل ئىلگىرى،مىسىرلىقلار تۈندە يۇلتۇزلارنى كۈزىتىپ،بۆرە يۇلتۇزى(SIRIUS) بىلەن قۇياش بىلەن تەڭ بالقىغاندا ،نىل دەرياسىدا سۇ تاشىسدىغانلىقىنى بايقىغان.شۇڭا مىسىرلىقلار ،بۆرە يۇلتۇزى بىلەن قۇياش تەڭ بالقىغان كۈننى يېڭى يىلنىڭ بېشى ھىسابىلغان ۋە بۇ كۈننى 《تاشقىن نورۇزى》دەپ ئاتىغان.بۇ كۈن مىلادىيە كالېندارىدا 6-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.
بەزى مەملىكەتلەر يېڭى يىل كۈنىنى پەسىل مەزگىلگە ۋە ھاۋا رايىغا قاراپ ئەلگىلىگەن،مەسىلەن، ئېفىئوپىيە(ھەبەشىستان)دە،ھەر يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى يىل كۈنى ئىكەن،بۇ چاغدا يامغۇر پەسلى ئۆتۈپ،كىشىلەر ھوسۇل پەسلىنى قارشى ئېلىپ،بىر-بىرىنى تەبرىكلىشىدىكەن.كونگودىكى زونگو خەلقى《ھوسۇل بايرىمى》نى يېڭى يىل بېشى قىلىدىكەن.ئۇ يەردە ھاۋارايى ئىسسىق بولغاچقا،يامغۇر پەسلىدىلا تېرىقچىلىق قىلىدىكەن.شىمالىي سوغۇق بەلۋاغدا ياشايدىغان ئېسكىمۇسلار بىرىنچى قېتىم قار ياققان كۈننى يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى دەپ قارايدىكەن.ئۇگاندادا،كىشىلەر بىر يېغىن پەسلى ۋە قۇرغاقچىلىق پەسلىنى بىر يىل ھىسابلايدىكەن,يەنى يېغىن پەسلى تۈگىگەن كۈنى ئۇلارنىڭ يېڭى يىل كۈنى بولىدىكەن.مىلادىيە كالېندارىدىكى بىر يىل ئىچىدە ئۇلاردا بىر يېغىن پەسلى ۋە بىر قۇرغاقچىلىق پەسلى بولغاچقا,بىر يىل ئىچىدە ئىككى يېڭى يىل بولىدىكەن.ئۇلار《يېغىن نورۇزى》,《قۇرغاقچىلىق نورۇزى》دەپ ئاتىشىدىكەن.
ھىندونوزېيەدىكى كرابىت خەلقى يىل ھىسابىدا ئاسرىلىدىغان قۇشلارنىڭ كېلىش ۋاقتىنى ساساس قىلىدىكەن.بىر يىل ئىچىدە,ئاسرىلىدىغان قۇشلارنىڭ ئەڭ بالدۇر كەلگەن كۈنىنى يىل بېشى—نورۇز قىلىدىكەن.
بەزى مەملىكەتلەردە نورۇز (يېڭى يىل بايرىمى)دىنىي ئېتىقاد بۇيىچە بەلگىلەنگەن。ئىسلام مەملىكەتلىرىدە قۇربان ھېيىت يېڭى يىل قىلىنىدۇ.ئىسلام كالىندارى بويىچە زۇلھەججە ئېيى)12-ئاي(نىڭ 10-كۈنى قۇربان ھېيىت قىلىنىدۇ.
بۇددا دىنىغا ئىشىنىدىغان بىرمىلىقلار ھەريىلى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدىغان سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنىنى يېڭى يىل بېشى قىلىدىكەن。تايلاندتا ھەر يىلى 4-ئاينىڭ 13-15 كۈنلىرى نى كېلىدىغان سۇڭگان ھېيتىنى يېڭى يىل قىلىنىدىكەن。ھىندىلار ھەريىلى 10-ئاينىڭ 31- كۈنىدىن باشلاپ ,بەش كۈن ھېيىت قىلىدىكەن,تۆتىنچى كۈنىنى يېڭى يىل بېشى دەپ ھىسابلايدىكەن.
پارس قولتۇقى رايۇنىدىكى ئىرانىيلار ئەتىيازغى تۇرۇم)ئېتدال——كۈن توختايدىغان چاغ) نى ئەنئەنىۋىي نورۇز قىلىدۇ.بۇ كۈن مىلادىيە كالىندارى بويىچە 3-ئاينىڭ 22-ۋە 23-كۈنىگە توغرا كېلىدىكەن.يەھۇدىيلار كۈزگى تۇرۇمنى نورۇز قىلىدۇ.بۇ كۈن 9-ئاينىڭ 23-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
دېمەك دۇنيادا كۆپ مىللەتلەر يىل بېشىنى بايرام قىلىدۇ.بۇ بايراملار ئىلەت)1(--مىللەتلەرنىڭ
ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.بۇ بايرام ۋاقىت كاتېگورىيەسىگە باغلىق ھالدا،مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىلىرى بۇيىچە،يىلنىڭ مەلۇم چاغلىرىدا ئۆتكۈزىلىدۇ.
قەدىمكى زاماندا كۈن-چاغنى,ئاي-يىلنى ئېنىق ھىسابلايدىغان ئاسترىرونومىيەلىك يازما كالېندار يوق ئىدى.《جۇنامە》نىڭ 《تۈركلەر》 بابىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە:《خان چېدىرىنىڭ ئىشىكى شەرققە قاراپ قارىتىلىدۇ.شەرقنى كۈن تۇغقان تەرەپ دەپ سېغىنىدۇ.
ئۇلار كالېندارنى بىلمەيدۇ,پەقەت ئوت-چۆپنىڭ قايتا ياشىرىشى بىلەن ۋاقىتنى ھېسابلايدۇ...》دەپ يېزىلغان.
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت-گىياھنىڭ ياشلىنىش(قايتا ئۈنۈپ—كۆكلەپ چىقىش)ھادىسىسى ئارقىلىق يىلنىڭ ئۆرۈلگەنلىكىنى بىلگەن.شۇنىڭدەك,ھەر يىلى يۇلتۇزلار ئورۇنلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كۈن(قۇياش)نىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ,《يىل بېشى》نى ئېنىق بەلگىلىگەن.
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆچمەن-چارۋىچىلىق بىلەن ياشىغان زامانلىرىدا,ئۇلار چارۋا مال بىلەن شۇغۇللىناتتى.شۇڭا,چارۋا مالنىڭ ياشاش تەرزلىرىنى ۋە ئۇلار باغلىق بولغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئوبدان بىلەتتى.ئوت-چۆپ يەيدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۇرچۇش(2) دەۋرىمۇ ناھايىتى قانۇنىيەتلىك بولاتتى.مەسىلەن,قوزى(تۆل)باھار يېڭى باشلانغان ۋە ئوت-چۆپ يېڭىدىن بىخلانغان چاغدا تۇغۇلىدۇ.بۇ چاغ-تەبىئەت كۆكەرگەن (يېشىللانغان)چاغدۇر.
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇياشنىڭ قوزى(ھەمەل)بۇرچىغا كىرگەن ۋاقتىنى《يىل بېشى》ۋە بىرىنچى كۈنىنى《كۈن تۇغدى》دەپ ئاتىغان.بۇنداق قىلىشتا,جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە ئاسترىرونومىيەلىك ۋاقىتنى ئاساس قىلىش بىلەن بىللە,ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە باغلىق ھالدا يارىتىلغان ئىگىلىك ھاياتى,ئەنئەنىۋىي ئادىتى ۋە ناتۇرالىستىك ئېتىقادلىرىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان.
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز 《ئۆرۈلگەن يىل》نى 《يىل بېشى》قىلغان ۋە بۇ يىلنى 《ياشلانغان يىل》 ياكى《ياشارغان كۈن》 دەپ ئاتىغان。بۇنداق ئاتاش 《ياش》سۆزىدىن باشلانغان。مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئالتاي تىللىرىدا ,《يىل》 بىلەن ئېتىمولىگىيە جەھەتتىن مەنىداش سۆزلەر ئىدى.قەدىمكى دەۋردە ,بۇ ئىككى سۆز تۈپ شەكلى 《Ni-ĀL》 بولۇپ,《ئۆل》(《ھۆل》 ياكى 《يۆل》—نەم)دېگەن مەنىنى ئاڭلىتاتتى.قارلار ئېرىپ ,ھۆلچىلىك باشلانغان مەزگىلنى بىلدۈرەتتى.فىرانسۇز تىلشۇناسى لۇئى.بازان 《قەدىمكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ياش توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى》دېگەن تەتقىقات ماقالىسىدا بايان قىلىنىشىچەNI-ĀL(ھۆل/نەم/،يېشى);موڭغۇل تىللىرى ئاىلىسىدىكى شەكلى inil(بىخ,يېڭى ئۆسكەن,ياش),فىن-ئوغۇر تىللىرى ئائىلىسىدىكى شەكلى niyal(نەم,شۆلگەي).ھازىر مانجۇ تىلىدا《سۇ》,《نەم》دېگەن مەنىلەرنى niyo،niol دېگەن شەكىلدە بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن,《سازلىق》نى 《niyo coko》,سۇ گۈلىنى 《niyo ilha》,چىملىقنى 《niol mon 》دەيدۇ。دېمەك ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا كىرىدىغان تىللار ئائىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر بارا-بارا ئېنىق گەۋدىلىنىپ,قەدىمكى *N تاۋۇشى كېيىنچە تۈركىي تىللاردا ئاساسەن ي(تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ بەزى گۇرۇپپىلىرىددا—ج(J)غا ئالماشقان؛سۆز ئاخىرىدىكى ل《L》تاۋۇشى كۆپلىگەن تۈركىي تىللاردا س(S)بىلەن نىسبەتلەشكەن.سوزۇق تاۋۇش ئا(A)بەزى تىللاردا ئەينەن ساقلانغان،بەزى تىللاردا ئاجىزلاشقان ياكى ئو(O)غا ئالماشقان؛يا(ya)بوغۇمى كۆپ ھاللاردا يى(Y)غا ئۆزگەرگەن.نەتىجىدە، ئېتىمولىگىيە جەھەتتە تۈۋى بىر بولغان《يىل》 بىلەن《ياش》بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم 2 خىل مەنىنى بىلدۈرگەن. 《يىل》ئاستىنومىيەلىك ۋاقىتنى،يەنى قۇياش مەركىزىنىڭ دائىرە بويلاپ ئايلىنىش ۋاقتىنى بىلدۈرسە، 《ياش》—ھۆللۈك (نەملىك)بىلەن ئالاقىدار ھالدا جانلىقلار ياشلانغان،ئوت-گىياھلار ياشارغان ۋە شۇنىڭ بىلەن باھار باشلانغان ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان بولغان. 《يۆل》(ھۆل—نەم)دېگەن مەنىسىمۇ بولغان. 《ياش》سۆزىگە ئىل(ئىل)قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ《ياشىل》(يېشىل) سۆزى ياسالغان.شۇڭا باھار—كۆكلەم،يېڭى ياش(يېشىللىق) كۆرۈنگەن ۋاقىت بۇيىچە بۇيىچە بەلگىلەنگەن.بۇ ۋاقىت ھازىرقى چاغدا،شىمالىي ئىللىق بەلۋاغدا ئاساسەن 3-ئايدا كەلسە،ھاۋارايى تۈپەيلىدىن بەزى رايۇنلاردا كېيىنرەك ياكى بالدۇرراق باشلىنىدۇ.
《ياش》سۆزىنىڭ ھازىرمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ، ئۆمۈر تارىخىنى بىلدۈرىدىغان مەنىسىدىن باشقا《نەم》ياكى 《ھۆل》نى بىلدۈرىدىغان 《ياش》(كۆز يېشى)،شۇنىڭدەك 《يېڭى》مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان《ياش》(مەسىلەن، 《ياش گۆش》يەنى 《يېڭى گۆش》، ئۆمۈرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىنى بىلدۈرىدىغان《ياش》(ياش يىگىت،ياشلىق)، 《يېشىل》ياكى 《كۆك》 مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان (ئوتياش،كۆكتات) دېگەندەك مەنىلىرىمۇ بار.
قەدىمكى ئاتا-بوۋىلىرىمىز،دەسلەپتە،يېڭى يىلنى 《يىل بېشى》ياكى《كۈن تۇغدى》دەپ ئاتىغان بولسا X ئەسىرلەردىن كېيىن،ئىرانلىقلارنىڭ《نورۇز》سۆزىنى قوبۇل قىلىپ،باھار بايرىمىنى 《نورۇز》دەپ ئاتايدىغان بولغان. 《نورۇز》دىكى 《نو》(ئوقۇلىشى 《نەۋ》)نىڭ تۈپ مەنىسى كننىڭ ئەكسى بولغان 《يېڭى》، 《ئېرىغ》(تازا)دېگەنلىكتۇر. 《رۇز》نىڭ مەنىسى ئاپتاپ(قۇياش)تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يورۇق تۇرىدىغان چاغ دېگەنلىكتۇر.دېمەك –يېڭى كۈن،قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان ،يەنى ياشارغان كۈن دېگەندىن ئىبارەت.
ئىزاھات:
(1) ئىلەت-خەلق مەنىسىدە،يەنى مىللەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈش ئالدىدىكى خەلق.
(2) ئۇرچۇش-كۆپىيىش.
نورۇزنامە،ئىمىن تۇرسۇن شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.2001-يىل 1-ئاي1-نەشرى،2009-يىل4-ئاي-3 باسما كىتابىنىڭ 1-5 بەتلەرىدىن ئالدىم.
تورغا يوللىغۇچى:ئارسلان.ئاخۇن.ئوغۇزتىگىن(AAOT).
2014-9-26
|