قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1089|ئىنكاس: 7

ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاتاغلىق تەرغىباتچىسى ئابدۇراخمان شائىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

دوست

370

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 118
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-26 16:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاتاغلىق تەرغىباتچىسىئابدۇراخمان شائىر
( تارىخى ئەسلىمە)
مىر ئەھمەد سىيىت ھاجىم
      19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ،ۋە 20-ئەسىرنىڭ  ئالدىنقى يېرىمىغا تەۋە بىر ئەسىرلىك كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا تەجەللى، ناقىس، ئابدۇ قادىر بىننى ئابدۇۋارىس، سابىت ھاجى رۇزىمەت ، قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى(تەۋپىق)، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ...قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر دىمگۇراتتىك ئالىم ، يازغۇچى-شائىرلىرىمىز ، ئوت يۈرەك ئۇستازلىرىمىزنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز ۋە يۈكسەك پەخىرلىنىش ھىسياتى بىلەن تەرىپىنى ئالىمىز. شۇ قاتاردا ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بايراقدارى ۋە قۇرغۇچىسى، ئۇلۇغ مەرىپەت كۈيچىسى، تالانتلىق تەشكىلاتچى، ئوت يۈرەك كومپىزۇتتۇر ۋە شائىر مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى(تەۋپىق)نىڭ ئەڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ بىرى، ۋە شاگىرتى شائىر ئابدۇراخمان چوڭاخۇن ئوغلىنى تىلغا ئالماي ئۆتەلمەيمىز.              
    ئابدۇراخمان چوڭاخۇن ئوغلى 1912-يىلى ئاتۇش شەھرىگە تەۋە ئازاق يېزىسىنىڭ يۇقۇرى ئىشتارچى(ئېغىز تىلىمىزدا ئىشتاچى دىيىلىدۇ) كەنىتىدە بىر دېھقان، قۇشۇمچە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. چوڭاخۇن ئۆز زامانىسىدىكى ئىلىمگە مايىل ، تەرەققىپەرۋەر كىشى بۇلۇپ ، ئابدۇراخمان، ئابدۇرەھىم، ئابدۇكىرەم ۋە يۈسۈپاخۇن قاتارلىق تۆت ئوغۇل پەرزەنتىنى تەربىيلەپ ئىلىم ئەھلىگە ئايلاندۇرغان. چوڭاخۇن ئەينى يىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تىجارەت بىلەن  شۇغۇللۇنۇش جەريانىدا، تەرەققىياتتا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى ئۇچۇرىتىدۇ ۋە قۇبۇل قىلىدۇ. ھەمدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بالىللىرىنى ئۆز يېزىسىدىكى ساۋات چىقىرىش مەكتىپىگە ئاپىرىپ بېرىپ ساۋادىنى چىقىرىدۇ. ئوغۇللىرىنىڭ ئىچىدە ئابدۇراخمان بىر قەدەر شوخ ۋە زېرەك بولۇپ ئىلىم- مەرىپەتكە بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە ئىدى. چوڭاخۇن 1928 -يىللىرى ئاتۇش بىلەن قارا شەھەرنىڭ خاجىڭ ئارلىغىدا قاتناپ يۈرۈپ تىجارەت قىلىش جەريانىدا،  مەلۇم ئىختىساتقا ئىگە بولغاندىن كىيىن ، ئۇ يەردە يەرلىشىپ قېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئاخىرى ئائىلسىنى قارا شەھەرگە كۆچۈرۈپ  شۇ يەرگە رەسمى ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئابدۇراخماننى شۇ يەردىكى ئاتاغلىق ئۈلىما ئابدۇكىرەم دامۇللامدىن  دىنى ئىلىم ئېلىشقا ئاپىرىپ بىرىدۇ. ئابدۇراخمان بىر نەچچە يىل ئەرەپ-پارىس تىل-يېزىقلىرىنى ئۈگۈنۈپ ساۋادىنى چىقىرىش ئارقىلىق مەلۇم سەۋىيەگە ئىگە بۇلىدۇ،ھەمدە ئۇقۇغۇچى تالىپلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگەچېلىقىدۇ. كونا ئەنئەنىۋى دىنى مەكتەپلەردە قۇرئان كەرىمنى مەرگەز قىلغان تۇرلىك دەرىسلىكلەر ئۆتۈلگەندىن باشقا يەنە ئەلشىر ناۋايى، سۇپى ئاللايار، خۇجا ھاپىز...قاتارلىق كىلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىر-غەزەل، مۇخەممەسلىرىنى ئوقۇش، يادغا ئېلىشمۇ ئۇقۇغۇچى-تالىپلار ئۈچۈن دەرىسلىك ھەم قائىدە-ئەركام ئىدى، ئابدۇراخمان ئەنە شۇ مۇھىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ دىنى ئىلىم سەۋىيەسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئاشۇ كىلاسسىكلارنىڭ شېئىرلىرىنى زور قىزىقىش ۋە ھەۋەس بىلەن ئوقۇپ ھەم ئۈگۈنۈپ، ئۆزىدە شېئىرى تالانتنىڭ بىخ سۈرۈپ يىتىلىشىگە پۇختا ئاساس سالغان ئىدى.                                                                     
        30-يىللاردا قوزغالغان قۇمۇل دىھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ بۇران-چاپقۇنلىرى قارا شەھەرگىمۇ يىتىپ كىلىپ ،قەلبى ئويغاق،ئىددىيسى ئىلغار،ئىنقىلاۋى ھىسياتقا ئىگە كىشىلەرگە زور  30 - يىللارنىڭ بىشىدا قوزغالغان قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋى ئۆلكىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمالىغا زور تەسىر كۆرسەتتى، دېھقانلارنىڭ جىڭ شۇ رىن مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا بولغان ئۈمۈت ئۇچقۇنلىرى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەممە يىرىدە ئۆزلۈكسىز يېلىنجاشقا باشلىدى. ئۆزى ياشاۋاتقان زامان-ماكان نوقتىسىدىن چىقىپ، ئەتىراپىدىكى ئىجتىمايى مۇھىتنى ھەر ۋاقىت كۈزۈتۈپ نەزەر دائىرسىنى كىڭەيتىپ بېرىۋاتقان ئابدۇراخماننىڭ قەلبىدە ۋەتەن - مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن چوڭقۇر قايغۇرۇش، خەلىقنى نادانلىق، جاھالەت  ۋە ئىستىبدات قانخور ھاكىميەتنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئۈمۈت-ئىستەكلەر كۈنسايىن ئۇلغۇيۇشقا باشلىدى، چۈنكى ، دادىسى چوڭاخۇن ئوتتۇرا ئاسىياغا تىجارەت بىلەن چىقىپ قايتىپ كەلگەندە، دائىم بالىللىرىغا ئۇ يەرلەردىكى تەرەققىياتلار، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بىرەتتى. ئۇغۇللىرى ئىچىدە نىسبەتەن ھۇشىيار بولغان ئابدۇراخماننىڭ ئېڭىدا دائىم ئاشۇ چەت ئەللەرنىڭ ئىلىم - پەن تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ئۆز يۇرتىنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ قالاق ، بىچارە ھالىتى رۇشەن سېلىشتۇرما بۇلۇپ تۇراتتى. 1933- يىلنىڭ ئاخىرى ئاتۇش بىلەن قارا شەھەر ئارلىقىدا قاتناپ تۇردىغان كىشلەردىن ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ماكانى- ئاستىن ئاتۇشتا زامانىۋى ، يېڭىچە پەننى مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىش تەشۋىق - تەرغىبات ھەركىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم(تەۋپىق)نىڭ بۇ خىزمەتكە ئۆزى بىۋاستە قۇماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خوش-خەۋەرنى ئاڭلىغان  ئابدۇراخمان، خۇددى يۇقۇتۇپ قويغان نەرسىسىنى قايتا تېپىۋالغاندەك خوش بۇلۇپ قاتتىق ھاياجانلاندى. ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلىغىدىن چەكسىز سۈيۈنۈپ، قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ دادىسىغا مۇراجەت قىلىپ ، ئۇنىڭ تولۇق رازىلىغىنى ئېلىپ ، ئائىلە،  بالا-چاقىللىرى بىلەن بىرلىكتە قارا شەھەردىن ئايرىلىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئاستىن ئاتۇشنىڭ ئىشتارچى كەنىتىدىكى قەدەم جايغا كىلىپ ماكانلاشتى.            
       1934-يىلى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى باشچىلىقىدا ئازاق يېزىسىنىڭ ئوڭ ئېرىق كەنىتىدىكى بىر مەدىرىسەدە① قىسقا مۇددەتلىك بىر دارىلمۇئەللىمىن يەنى، مۇئەللىم يېتىشتۈرۈش كۇرسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان شائىر ئابدۇراخمان ئۆز يېزىسىدا قۇرۇلغان ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قارا شەھەردىن كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىلتىماسىنىڭ  مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمگە يەتكۈزۈلۈپ ، دارىلمۇئەللىمىندە ئۇقۇشقا رەسمى تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىدىن ھاياجانلانغان شائىر ، بۇ خوش-خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئاتىلار ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ:                                                                                    
     -سىلەرگە رەھمەت، ئاللا رەھمەت قىلسۇن،- دەپ قايتا-قايتا مىننەتدارلىغىنى بىلدۇرگەندىن كىيىن دارىلمۇئەللىمىنگە بېرىشنىڭ جىددى تەييارلىغىنى قىلدى. شۇ تاپتا ئۆزىگە ئۇستاز بولىدىغان مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم بىلەن بالدۇرراق يۈز كۆرۈشۈش ئىستىگى ئۇنى تېخىمۇ ئالدىرىتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىشىكىگە مىنىپ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان قەبرىگاھى ماكان تۇتقان قەدىمى يۇرت - مەشھەدنىڭ بازار بېشى  مەھەللىسىگە جايلاشقان ۋاقىتلىق مەدەنى-مائارىپ ئاقارتىش ئۇيۇشمىسىغا يىتىپ كېلىپ، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتى. ئابدۇراخمان ئۆزىگە ئۇستاز بولغۇسى بۇ ئۇلۇغ كىشىنىڭ قەددى-قامىتى، رەڭگى-روھى ، كەمتەر ۋە ئىللىق مۇئامىلىسىگە قاراپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى ۋە مەغرۇلاندى. ئابدۇراخمان دىنى ئىلىمدە خېلى تەربىيەگە ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ، بىر خىل كۆڭۈل ئازادىلىگى بىلەن تالىپ-موللىلارغا خاس سىلىق تەلەپبۇزدا سۆز ئالدى:                               -ئۇلۇغ، ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەر ئۈچۈن باسقان قۇتلۇق قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن ،- دىدى ئۇ، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،- ئۇلۇغ ئاللانىڭ ئۆزلىرىنى بۇ ئەزىز يۇرتىمىزغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە مىڭ مەرتىۋە رەھمەت. مەن قارا شەھەردە يۇرتداشلاردىن ئۆزلىرى ھەققىدە ئاڭلاپ، خۇشاللقىمنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي، ئۆزلىرى ئاچقان يېڭى مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن كۆچۇپ كەلدىم، خۇدا نىسىپ قىلسا كامىل ئوقۇش ئارزۇيۇم بار، مەن ئىشتارچى كەنتىدىكى چوڭاخۇن دىگەن كىشىنىڭ ئوغلى بولىمەن، دادام ھازىر قارا شەھەر خاجىڭدا، مەن قارا شەھەردىن قايتىپ كىلىپلا يېزىمىزدىكى ئاتىلار ھەيئىتىگە سۇنغان ئىلتىماسىمنىڭ ئۆزلىرى تەرپىدىن ماقۇللۇق تاپقانلىغىدىن سۆيۈنۈپ، رەھمەت- تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرەي دەپ ئالاھىدە كىلىشىم،- دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى ئۇ.
  -ئىشلىرىمىزنى قوللىغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئىنىم،-دىدى ئەپەندىممۇ ئابدۇراخماننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،-خېلى يىراق يېزىدىن كەپسىز، تۇرقىڭىزدىن، گەپ-سۆزلىرىڭىزدىن بىلىم ئېلىش ئارزۇيىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن كۈچلۈكلىگى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، شۇ تاپتا ۋۇجۇدىڭىزدىن بىر خىل ئىشەنچ، جاسارەتنى كۆرگەندەك بۇلىۋاتىمەن. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئاۋال سىلەردەك قابىل ياشلارنى تەربىلەپ، سىلەر ئارقىلىق مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ياش- ئۆسمۈرلەرنى يېڭى مەكتەپ قوينىغا جەلىپ قىلىش، ئۇقۇتۇش، شۇ ئارقىلىق خەلق ئاقارتىش ئىشلىرىنى ئۆلكىمىزنىڭ جەنۇپ-شىمالىدا ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مىللەتنى نادانلىق، جاھالەت ئازابىدىن خالاس قىلىش. دېمەك، بىزنىڭ ئوقۇپ ياراملىق ئادەم بۇلىشىمىز - ۋەتەن، مىللەت تەقدىرى ئۈچۈندۇر،- مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم چاقناپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى، - كۆڭلىمىزگە پۈككەن شۇ گۈزەل ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزنى رۇياپقا چىقىرىش ئىستىگى بىلەن بىلىمىزنى مەھكەم باغلاپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى دادىل ئېلىپ بارساق، ئىشىنىمەنكى خەيرلىك ئىشنىڭ نەتىجىسى چۇقۇم خەيرلىك بۇلىدۇ. مانا سىز بىلىم ئېلىش ئىستىگى بىلەن قارا شەھەردىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەپسىز، بۇمۇ ھەم سىز ۋە بىزنىڭ ئورتاق مەخسەت ئۈچۈن ناھايىتى شەرەپلىك چوڭ بىر ئىشقا ئۇل ھازىرلاشتا، چوڭقۇر تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇشقا يۈزلەنگەنلىگىمىزدىن بىشارەتتۇر.                                                                                
مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئابدۇراخمان كۆڭلىدىكى ئوي-خىياللىرىنىڭ ئەپەندىمنىڭ دىگەنلىرى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىگىدىن شۇنداق ھاياجالاندى:
-ئىنشائاللا، ئەپەندىم جاناپلىرىنىڭ ئويلىغىنىدەك ئوقۇپ تەربىيەلىنىمەن، ۋە شۇ مەخسەتتە تىرشىپ ئىشلەيمەن،-دىدى ئۇ مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمگە قاراپ چوڭقۇر ھۆرمەت-ئىھتىرام بىلەن.                                                                                 
-بۇ پەقەت بىر باشلىنىش،-دىدى ئەپەندىم ئابدۇراخماننىڭ مۈرىسىگە ئوڭ قۇلى بىلەن يەڭگىل ئۇرۇپ قۇيۇپ، – ھازىر 24 كەنىتتە 24 مەكتەپ ئېچىش تەييارلىقى جىددى ئىشلىنىۋاتىدۇ، يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە 24 ئۇرۇندا يېڭى مەكتەپ بىناسى دۇنياغا كېلىدۇ، سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئاشۇ مەكتەپلەرگە تەقسىملىنىپ، مۇئەللىم بولىسىلەر. ئىش مانا شۇنداق ، سىز خاتىرجەم ئۆيىڭىزگە قايتىپ تەييارلىغىڭىزنى قىلىڭ، خۇدا بۇيرىسا كىلەر ھەپتە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز، كىرەكلىك بىساتلىرىڭىزنى ئېلىپ ئوڭ ئېرىق مەدىرىسىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرسىڭىز بۇلىدۇ.  
       ئابدۇراخمان چەكسىز ھۆرمەت ھېسياتى بىلەن ئەپەندىمگە تىنىچ-ئامانلىق تىلەپ ئۆيىگە قايتتى. دەرۋەقە ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ ھەر قايسى يېزا- كەنىتلەردىكى ئاتىلار ھەيئەتلىرى ئارقىلىق دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇشقا تىزىملاتقان ياشلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئابدۇراخمانمۇ ھەم كېچىكمەستىن بېرىپ تىزىمغا ئالدۇردى. دارىلمۇئەللىمىننى باشقۇرىدىغان كىشى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم ، كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈدىغانمۇ شۇ مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم بۇلۇپ، دارىلمۇئەللىمىننىڭ بارلىق خىزمىتىنى يالغۇز ئۆزى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۆتىلىدىغان دەرسلىكلەر ئانا تىل، تارىخ، جۇغراپىيە، ماتىماتكا، تەبىئەت، مىللەت تەربىيىسى، ناخشا، رەسىم، قول ھۈنەر كەسپى، ھەربى مەشىق قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل گىمناستىكا تۈرلىرى، جۇشقۇن ناخشا-مارشلارغا ماسلاشتۇرۇپ مەش دەسسەش، پۇتبۇل قاتارلىق باشقا توپ تۈرلىرىمۇ دەرسلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئابدۇراخمان دارىلمۇئەللىمىنگە كىرگەندىن كىيىن پۈتۈن زېھنى بىلەن تىرىشتى ، بۇ قىسقا مۇددەتلىك تەربىيلەش كۇرسىنى غەنىمەت بىلىپ كىچە-كۈندۈز دىمەي قېتىرقىنىپ ئۈگۈنۈپ، ساۋقداشلىرى ئارسىدا تىزلا كۆزگە چېلىقتى ،تۈرلىك پەن دەرسلىكلىرىدە باشتىن-ئاخىر ئەلاچى بۇلۇپ باھالىنىپ ئۇستازىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتتى. بىر جەھەتتىن ئۇستازى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم كۇرۇس جەريانىدا ئىجات قىلىپ ئۈگەتكەن ناخشا، مارشلارنى كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاپ ۋە ئۈگۈنۈپ، ھەر جەھەتدىن تونىشى ۋە نەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ باردى،  ھەمدە كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۈگۈنۈش جەريانىدا يىتىلگەن شېئىرى تالانتنىڭ تۈرۈتكىسىدە، دەرىسدىن سىرىتقى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ شېئىر يېزىقچىلىغى بىلەن مەشغۇل بولدى،ئۇ ھەر قېتىم يازغان شېئىرىنى ئۇستازىغا كۆرسىتىپ پىكىرىنى ئالاتتى،ۋە ئۇنىڭ تەھرىرلىگىدىن ئۆتكۈزەتتى. كىيىنكى كۈنلەردە ئۇستازى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى، ئازاتلىق-ھۆرلۈكنى، ئەدلى-ئادالەتنى مەدھىيلەيدىغان مەزمۇنى چوڭقۇر ،سىياسى- ئىددىيۋى پۇرىقى كۈچلۈك، ۋەتەن-مىللەتكە بولغان ساپ مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇللىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاشۇ ئۆلمەس ناخشا-مارشلىرى، تەۋسىيە-نۇتۇقلىرىنىڭ تەسىرىدە بىر تۈركۈم نادىر شېئىر- غەزەللەرنى يېزىپ چىققان ئىدى.
ئالتە ئايلىق مۇئەللىم تەربىيلەش كۇرسىمۇ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.   ۋاقىتلىق مەدەنى-مائارىپ ئاقارتىش ئۇيۇشما ھەيئىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە، مۇئەللىملەر ھەر قايسى يېزا – كەنىتلەرگە پىلانلىق تەقسىملەندى، يېڭى مۇئەللىملەر مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوڭئېرىقتىن باشلاپ  ھەرـ بىر يېزا، كەنتكە يىتىپ بارغاندا، شۇ يەرگە تەقسىم قىلىنغان مۇئەللىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ مېڭىپ، لەڭگەر، مېيى ، ئىشتارچى قاتارلىق يېزا- كەنىتلەرنى ئايلىنىپ، تاكى ۋاق ـ  ۋاق، كىچىڭىزگە بارغاندا مۇئەللىملەر تەقسىماتى ئاخىرلاشتى، ئۇلار بۇ جەرياندا ئۇستازى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئۆزى ئىشلەپ ئۈگەتكەن ‹‹بىز مۇئەللىم›› دىگەن مارشنى ناغرا ـ سۇنناي بارابانلارغا تەڭكەش قىلىپ، ھەربىيلەرگە خاس ھالدا پۇت ـ قوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ، جۇشقۇن كۆتۈرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن توۋلاپ، خەلق ئاممىسىغا يېڭى مەرىپەتچىلىك ئىددىيسنى تەشۋىق قىلىپ كۈچلۈك مەنىۋى روھ ئاتا قىلدى :
بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،
خەلقىمىزگە يۇپيۇرۇق نۇرلار چاچىمىز.
تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق.
ئىلىم ـ ئىرپان يۇلىغا شۇنچە زار بولدۇق.                                 
خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،                                          
كۆزلىرىمىز قارىغۇ كۆپ ناچار بولدۇق.                                
بىزنىڭ ماڭغان يۇلىمىز سائادەت يۇلى،                              
  بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۈلى.                              
   ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،                                    
  پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ئۇلى.                           
    يۇرۇق تاڭغا تەلپۈندى ۋىلايىتىمىز،                                    
  ئىلىم بىلەن تىكلىنەر ئىناۋىتىمىز،                                 
    مەنبە بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئاتۇش،                           
      ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.                                                                                                
          ئابدۇراخمانمۇ كۇرۇسنى ئەلا نەتىجە بىلەن   تاماملاپ ، ئازاق يېزىسىغا تەۋە مېيى كەنتىدە قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپكە مۇدىر ، ھەم باش مۇئەللىم بۇلۇپ بەلگىلەندى. بۇمەكتەپتە ھەسەن ھاجى تالىپ، سايىم ئاخۇن، تۇردى ئاخۇن ئەپەندى، يۈسۈپ ئاخۇن خەلپىتىم، مۇھەممەت ساۋۇر قاتارلىق مۇئەللىملەر بار بۇلۇپ، ئۇلار بىلەن ھەر قايسى جەھەتلەردىن تەڭ ھەمكارلىشىپ، ئۆز-ئارا ئۈگۈنۈش-ئۈگۈتۈش ئاساسىدا، يۈزلىگەن ئۆسمۈر-بالىلارنى مەكتەپ قوينىغا جەلىپ قىلىپ داغدۇغۇلۇق ھالدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ھەركىتىنى باشلىۋەتتى. يېڭىچە پەن ئوقۇتىشىغا قارشى كونىلىق تەرەپدارلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كەنت ئاتىلار ھەيئىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەڭ دېھقانلار ئاممىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك، ساغلام ئېلىپ ماڭدى .ناھيىلىك مائارىپ ھەيئىتىنىڭ پىلانى ۋە يوليۇرىقى بويىچە مۇئەللىملەرنى دادىل ھەركەتلەندۈرۈپ ئىشتىن سىرىتقى كەچ كۇرۇس، يەنى ساۋات چىقىرىش سىنىپلىرىنى تەشكىللەپ ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلارنىڭ ساۋات چىقىرىش ھەركىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن ئەستايىدىل رەھبەرلىك قىلدى.نەتىجىدە ساۋات چىقىرىشقا تىگىشلىك ياش ۋە ئوتۇرا ياشلارنىڭ %70-%80 دىن كۆپرەكىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىش پىلانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.            
   1936- يىلى ئەتىياز بىلەن ياز ئارلىقىدا ، مەجىددىن ئەپەندىنىڭ يىتەكچىلىگىدىكى قەشقەر شەھەر ئىزچىللىرى ئاستىن ئاتۇشقا قىلغان زىيارەت سەپىرىدە، دەل ئابدۇراخمان شائىر ئۇرۇنلاشقان مېيى باشلانغۇچ مەكتىۋىگە چۈشۈپ، بۇ يەردە بىر كېچە قۇنۇپ ئۆتۈپ كىتىشنى لايىق تاپىدۇ، ئابدۇراخمان شائىر باشلىق بارلىق مۇئەللىم ۋە ئۇقۇغۇچىلار، ھەمدە تەرەققىپەرۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرى، دېھقان ياشلار بىرلىكتە تەشكىللىنىپ ، ئىزچى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۇلارنىڭ شەرىپىگە مول زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئېزىز مېھمانلار قاتارىدا كۈتۈۋالىدۇ. شائىر ئەنە شۇ زىياپەتتە «مەرھابا»دىگەن تېمىدا  مۇنۇ غەزەلنى دىكلىماتسىيە قىلىدۇ:                                                
         مەرھابا مېھمانى ئىزچى ئارقاداشلار مەرھابا                        
        خۇش كىلىپسىز يۇرتىمىزغا قەدىردانلار مەرھابا.                          
    نەچچە ئون چاقىرىم پىيادە يول يۈرۈپ تاغلار ئېشىپ،                       

     كەلدىڭىزلەر خۇش مۇبارەك شاد قەدەملەر مەرھابا.                     

     بەختىيار،سىز شوخ ئېچىلغان يېڭى مەكتەپ گۈللىرى،               

      سىزگە ھىممەت يار بولسۇن قەلبداشلار مەرھابا.                                                                                       

     ئەۋۋىلىدىن بىر بىر تىنىق بىر روھ بولۇپ كەلگەن ئىدۇق،            

      كەلدى ئىرپان يېڭى پۇرسەت شادىيانلار مەرھابا.                                                                  

      بىر نىيەتتە قول بىرىپ ئەيلەشكە گۈلزار ئۆلكىنى،                  

       قوزغۇلۇپ بىز دەس تۇرايلى جانىجانلار مەرھابا.                                                   

        ئابدۇراخمان يازدى نەزمە ئىزچى دوستلار شەنىگە،            

         بىلدۈرۈپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئىھتىراملار، مەرھابا.                                                      

   1936-يىلى6-ئاي   
    شائىر دىكلىماتسىيەنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، سورۇندا بىر ھازاغىچە ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، قەشقەر ئىزچىللىرى مەسئۇلى مەجىددىن ئەپەندى شائىرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، سەمىمى ئىھتىرام بىلەن:   

      -بارىكاللا خۇش زابان② شائىر، ئاپىرىن سىزگە . ئاللا رازى بولسۇن، نۇسرەت ئاتا قىلسۇن، سىزنىڭ شېئرى تالانتىڭىز، مەزمۇنغا باي غەزەل-مىسرالىرىڭىز شۇ تاپتا مېنى ئاجايىپ ئويغا سالدى،سىزنىڭ شېئىرىڭىز مېنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن سورۇن ئەھلىنىڭ چېھرىگە پۈتمەس خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئاتا قىلدى، – دەپ كېلىپ مېيى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئالاھىدە ماختىدى، شۇنداقلا ئابدۇراخمان شائىر باشلىق مۇئەللىملەرگە، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارغا، ھەمدە ئاتىلار ھەيئىتى ئەزالىرىغا تەشەككۇر بىلدۈردى.شائىر شۇ يەردىلا مەجىددىن   ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىرىغا :                                    

    -بۇ مۇۋاپىققيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمگە مەنسۇپ، بىز ئۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىمىز،-دەپ ئارقىدىنلا مۇھەممەتئەلى ئەپەندىگە ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى غەزىلىنى ئاجايىپ تەنتەنە بىلەن دىكلىماتسىيە قىلدى:      


بۈگۈن يۇرتقا يېتىپ خوشلۇق يېڭىچە يول بىلەن ماڭدۇق،               

  كېلىپ ھۆرلۈك بۇ مىللەتكە گويا چولپان كەبى ياندۇق.                                                                  

  مۇبارەكلەپ ئانا خەلقىم ئاپىرىن ئېيىتتى بۇ دەۋرانغا،               

  مائارىپ، ئەل ئاقارتىش يولىدا كۈلگەن شۇ ئارمانغا.                                                            

   ساۋاتسىزلىق بالاسىدىن قۇتۇلماق بىزگە قەرز بولدى،         

   جىمىكى ئەر-ئايالغا ئۈگۈنۈش ھەر جايدا پەرز بولدى.                                                      

   ئاجايىپ بىر ماھارەت ساھىبى-تەۋپىق چىقىپ شۇ دەم،               

  قىلىپ تەشۋىقى-تەرغىبات خەلققە بولدىلەر ھەمدەم.                                             

   يىگىرمە تۆت ئۇرۇنغا سالدى يېڭى پەننى مەكتەپلەر،            

   ئايا، چاقماق كەبى تېز بولدى ھەركەت، تاپتى بەركەتلەر .                                                      

   ‹‹مۇئەللىم بىز›› دىگەن مارشنى ئوقۇشتۇق ھەممىمىز ياڭراق      

  بۇلۇپ خۇرسەن جىمى خەلق ئالدى قوينىغا بۇلۇپ ئامراق.         

  مۇئەللىم بوپ تارالدۇق بەلگىلەنگەن كەنتلەرنى بويلاپ،      

قىلىپ مەسئۇل بىكىتتى ھەر ئۇرۇنغا ياخشىدىن تاللاپ.               

  كى مەنمۇ بەلگىلەندىم مېيى مەكتەپكە بۇلۇپ مەسئۇل،         

سۈيۈندى ئابدۇراخمانمۇ بۇ تەقسىمنى كۆرۈپ مەقبۇل.         

  1935-يىلى1-ئاي                     



   مەجىددىن ئەپەندى③ باشلىق قەشقەر ئىزچىللىرى ئابدۇراخمان شائىرنىڭ بۇ غەزىلى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم  ئالقىش-سادالىرىنى ياغدۇردى. مەجىددىن ئەپەندى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەپ كىلىپ:   

       -مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەقىقى ئوغلى، ئىسمى-جىسمىغا لايىق تەۋپىق،-دەپ سۈيۈنۈش بىلەن ماختىدى.    قەشقەر ئىزچىللىرى شۇ كۈنى مېيى مەكتەپتە قۇنۇپ، ئەتىسى مەشھەدكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى...

     مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قەشقەرنىڭ باشقا ناھىيلىرى، جۈملىدىن ئاقسۇ ۋىلايىتىدىمۇ يېڭى مەكتەپ مائارىپىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، كېڭەيتىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ-دە ،مۇشۇ پىلان بويىچە ھەمدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، مائارىپچى مۇھەممەت ئىمىن سوپىزادىنىڭ تەلىپى بىلەن 1935 -يىلى يازدا ئۆزىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى، قابىل مەسلىھەتچىسى، مېيى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىر ھەم باش مۇئەللىملىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كىلىۋاتقان ئابدۇراخمان شائىر قاتارلىق 10 نەچچە كىشىنى ئاقسۇغا مەرىپەت تەشۋىقات-تەرغىباتى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، ئۇلارنى ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى يېزىسىدىكى مېھرى خېنىمنىڭ بېغىدا، شۇ چاغدىكى ئاقسۇ مائارىپىنىڭ مەسئۇلى موللا مۇھەممەت ھاجى، مەھمۇد ئەپەندى، مۇھەممەت ئىمىن سوپىزادە قاتارلىق كىشىلەر قىزغىن كۈتىۋالدى. ئابدۇراخمان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى ئاقسۇدا قىسقا مۇددەت تۇرۇپ ‹‹مەرىپەت مارشى››، ‹‹ئىزچىلار مارشى››، ‹‹تۇر ئەمدى ئاداش›› قاتارلىق قوزغۇتۇش ۋە ئويغۇتۇش كۈچىگە باي ناخشا-مارشلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاتۇشتا يېڭى مائارىپنىڭ قانداق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار بىلەن يولغا قويولغانلىقى، قانداق زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە، ئەتىراپلىق ۋە جانلىق تەشۋىقى-تەرغىباتنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى.مۇھەممەت ئىمىن سوپىزادە مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئاچقان ‹‹مۇئەللىم تەربىلەش كۇرسى›› غا قىزىقتى، ھەم ئۇنىڭ نەتىجىسىدىن ئىلھاملىنىپ، شۇ يىلىلا ئاقسۇ دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنى قۇرۇپ، بۇ مەكتەپكە ئۆزى مەسئۇل بولدى. ئابدۇراخمان شائىر باشلىق ياش مۇئەللىملەرنىڭ كۈچلۈك تەرغىباتى ۋە ئاقسۇ جامائەتچىلىكىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قۇشۇشى، بۇلۇپمۇ خەلقپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر ۋالى نىياز شىرىپنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە يېڭىچە پەننى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشقا باشلىدى. يەنى ئاقسۇ شەھەر ئىچىدە ‹‹تۆمۈر غازىئاتا›› مەكتىپى، ئاقسۇ، كونىشەھەردە ‹‹نىيازىيە›› ، ‹‹ئىسمائىلىيە››، ‹‹يۈنۈسىيە››، ‹‹سادىقىيە››  مەكتەپلىرى ، ئۈچتۇرپاندا      ‹‹سۇتۇق بۇغراخان›› ،‹‹ئابباسىيە›› مەكتەپلىرى، بايدا ‹‹ئىقبالىيە›› ، توخسۇدا ‹‹ساباھ›› ، كەلپىندە ‹‹ھەمىدىيە›› ، ئاۋاتتا ‹‹گۈلشەن›› نامى بىلەن مەكتەپلەر ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈپ مىڭلىغان ياش-ئۆسمۇر بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىغا ئالدى. دېمەك، ئابدۇراخمان شائىر يىتەكچىلىگىدىكى ئون نەچچە نەپەر مۇئەللىمنىڭ پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىنى قاپلىغان قىسقا مۇددەتلىك  مائارىپ تەشۋىقى-تەرغىبات ھەركىتى ئاجايىپ زور ئۈنۈم بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى.     ئابدۇراخمان شائىر باشچىلىغىدىكى ياش مۇئەللىملەر ئاقسۇدىكى بۇرچىنى شەرەپ بىلەن ئادا قىلىپ، ئاتۇشقا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن  مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۈتىۋالدى، ۋە ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىللىرىگە يۈكسەك تەھسىن- ئاپىرىن ئېيتتى...                                       

      1935-يىلى 9-ئايلاردا ، جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى مەھمۇت مۇھىتى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى باشچىلىغىدىكى 40 نەپەر ئىزچى④ قەشقەر شەھرىگە ‹‹مىللەت باغچىسى›› غا ئۇل بېسىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باردۇق . مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى بىز 40 نەپەر ئىزچىدىن سىرت ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىللىرىدىن ئابدۇراخمان شائىر باشلىق بىر-نەچچە مۇئەللىمنىمۇ بىرگە ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ يەردە مەھمۇت مۇھىتى باشلىق  ئابدۇكىرەمخان مەخسۇم، مەجىددىن ئەپەندى، مەھمۇد نەدىم ، ئەھمەد پەرد ئابباس  ۋە قەشقەر مائارىپىنىڭ يىتەكچىللىرى ، قەشقەر سانايى نەپىسە مۇدىرى نامان ئەپەندى، ھەمدە قەشقەر شەھرىنىڭ ئىزچىللىرى ھەيۋەتلىك، جۇشقۇن مارش سادالىرى بىلەن باغچىغا كىرىپ كەلگەن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئىزچىللىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ۋە زىياپەت بەردى. زىياپەتتىن كىيىن قەشقەر ئىزچىللىرى بىلەن ئاتۇش ئىزچىللىرى ئىككى تەرەپتە خۇددى ھەربىلەردەك سەپ ياساپ قاتار تىزىلىپ تۇردى ، مەھمۇت مۇھىتى ئاۋۋال ئۇل بېسىپ بەرگەندىن كىيىن باشقا رەھبەرلەر، ئۇستازلار ۋە ئىزچىلار زور قىزغىنلىق بىلەن ئۇل بېسىشقا قاتناشتى، باغچىغا ئۇل بېسىش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەھمۇت مۇھىتى يېڭىدىن قۇرىلىۋاتقان ‹‹مىللەت باغچىسى››نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلىرىمۇ سۆز قىلدى. تەكلىپكە ئاساسەن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى نۇتۇق سۆزلەپ بارلىق مۇراسىم ئەھلىنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى.مەھمۇت مۇھىتى بىلەن مەجىددىن ئەپەندى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ:         -سىز ئىسمى - جىسمىغا لايىق ۋەتەن بالىسى، كەمدىن- كەم ئۇچۇرايدىغان ۋىجدان ئىگىسى، ئوت يۈرەك يىگىت، ئۆتكۈر پىكىرلىك ناتىق، بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز، تېخىمۇ جاسارەت بىلەن ئىشلەڭ،-دېيىشتى كۈچلۈك پەخىرلىنىش تۇيغىسى بىلەن. ئاندىن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئالدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويغىنى بۇيىنچە ئابدۇراخمان شائىر سەھنىگە چىقتى:                              

بەھەمدۇللا⑤ بۇ مەكتەپ ئاچىلىبان گۇل ئۇزار بولدى،
زۇھۇر⑥ ئەيلەپ قۇياشتەك نۇرى مىللەت ئاشىكار بولدى.
بۇ مىللەت باشىغا چۈشكەن ئىدى دەھشەت قارا كۈنلەر،
تۈپەيلىڭدىن سىنىڭكى ئەي زەھى⑦ خۇش رۇزگار⑧بولدى
بۈگۇن سەن ئۆلكە باغىدا ئېچىلغان لالە-گۈل مەھمۇت،
ئۇلۇغ نام-شۆھرىتىڭ بىرلە كۆڭۈللەر شادىبار⑨ بولدى.
بۇ نېئمەت قولغا كەلدى نەچچە مىڭ جانلار بىرىپ قۇربان،
كېتىپ زۇلمەت زىمىستانى بۈگۈن ھۆريەت باھار بولدى.  
  ھەممە جايدا قۇرۇلدى بۇ مائارىپ مەكتىپى رۇشەن،
قاراڭغۇ كېچىدە قالغان ئىدۇق ئەمدى نەھار⑩ بولدى.
  ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ھىممەت كەمەرىدە بىلىن باغلاپ،
تۇلۇن ئەيلەپ قۇمۇلدىن بىزگە بىر ئاپتاپ نىسار 11بولدى.
ئېتى غۇجامنىياز ھاجى، مۇجاھىت 12قەھرىمان غازى،
چىقىپ ئەردى بۇ زات، دۈشمەن يۈرەگى پار-پار بولدى.
  ئاسارەت زەنجىرى قول-پۇتىمىزغا باغلاغلىق ئەردى ،  
بۇ زاتنىڭ قۇدىرىتىدىن ئۇشبۇ زەنجىر تارىمار بولدى.
  سېنىڭ ۋەسپىڭنى13 يازدى، ئابدۇراخمان ئاتۇش ئىشتارچى،
بولۇپ خادىم 14 بۇ مىللەتنىڭ غېمىدە بى قارار بولدى.   
1935-يىلى 9-ئاي            

  شائىرنىڭ بۇ غەزىلى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ئالقىش-چاۋاك ساداسى مەيداننى بىر ئالدى، مەھمۇت مۇھىتىمۇ ھاياجان ئىلكىدە شائىرنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ، ئۇنىڭ شائىرلىق تالانتىغا يۇقۇرى باھا بەردى، ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ھەممەيلەن ئۇنى پەخىرلىنىش ۋە ھۆرمەت تۇيغىسىدا ‹‹ئابدۇراخمان شائىر›› ‹‹شائىر ئەپەندى›› دىگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتايدىغان بولدى. شۇ كۈنكى ‹‹مىللەت باغچىسى›› غا ئۇل بېسىش مۇراسىمىنىڭ بارلىق كۈن تەرتىپلىرى ئاخىرلىشىپ، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئىزچىلارنى باشلاپ نوبېشى مەكتىپىگە قايتىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا، مەيداندىكى بارلىق ئامما ئاتۇش ئىزچىللىرىنىڭ بىر ناخشا ئوقۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلدى. بىز جۇشقۇن ھەربى ھالەتتە سەپكە تىزىلىپ ھازىر بولدۇق، ۋە مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئالدىغا چىقىپ دىرىجورلۇق قىلىشى بىلەن ئۇ ئۆزى ئىجات قىلىپ بىزگە ئۈگەتكەن تۆۋەندىكى ناخشىنى ھەيۋەت جاراڭلىق يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ئورۇنلىدۇق:                                          
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
  قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.
يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزىڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز.
  يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شۆھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.
ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بىتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.  
چىقى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن مىڭ ياشىسۇن گۈزەل ئىستىقىبالىمىز.                       
     ساۋاقدىشىمىز قۇربان جاپپار يۇقۇرى ئاۋازلىق ناخشىچى بۇلۇپ «چىقتى جان ھەم ئاقتى قان ، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان›› دىگەن مىسرانى ئەۋجىگە چىقىرىپ يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ئېيىتقاندىن كىيىن ،مەن(مۇئەللىپ)، ئابدۇل ۋارىس، سەلەي مەھمۇدى ئۈچىمىز ئاخىرقى مىسرانى ئوقۇپ تاماملىدۇق. يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان بۇناخشا پۇتكۈل باغچىنى لەرزىگە سالغان بۇلۇپ، ھەتتا باغچا ئەتىراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلارمۇ توپ-توپى بىلەن كېلىشىپ، كۈچلۈك ھاياجان ۋە ھەۋەس بىلەن ئاڭلىغان، ۋەتەھسىن-ئاپىرىن سادالىرىنى ياغدۇرىشقان ئىدى. ‹‹مىللەت باغچىسى››غا ئۇل بېسىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان كەچلىك ئويۇننى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن بىز نەي-بارىبانلىرىمىزنى ياڭرىتىپ، ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئىجات قىلغان يەنە بىر ناخشا ‹‹ئىرپان كۈنلىرى››نى جاراڭلىق ئوقۇپ، چۈشكەن جايىمىز - نوبېشى مەكتىپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق...               1936-يىلى باش كۈزدە، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى  ئابدۇراخمان شائىر قاتارلىق بىر قانچە مۇئەللىمنى ئۆز-ئىچىگە ئالغان 40 نەپەر ئىزچىنى باشلاپ ئاتۇش مەشھەتتىن يولغا چىقىپ، قۇم سېغىر ئارقىلىق پەيزاۋات، يېڭى شەھەر ، يېڭىسار، ئوپال، تاشمىلىق، توققۇزاق...قاتارلىق ناھىيە يېزىلارنى ئايلىنىپ ئېلىپ بارغان، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى تارىخىدىكى چوڭقۇر رېئال ئەھمىيىتكە ئىگە، ئىجتىمايى تەسىرى ئالاھىدە زور بولغان بىر قېتىملىق ئىلغار مەرىپەتچىلىك تەشۋىقاتى مەركەز قىلىنغان ساياھەت سەپىرىدە بىز، ئاخىرىقى بىكەت – قەشقەر شەھرىدە بىر-نەچچە كۈن تۇردۇق. بۇ جەرياندا بىز شەھەر ئىچىدىكى بىر قانچە مەكتەپتە زىيارەتتە بۇلۇپ تەجىرىبە ئالماشتۇردۇق، ھەمدە مەكتەپ ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يىغىن-زىياپەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كۈتىۋېلىشىغا نائىل بولدۇق.ئۇزاق سەپەرلەرنى بېسىپ زور ئۇتۇقلار بىلەن قايتىپ كەلگەن بۇ مەرىپەت جەڭچىللىرىنى جەنۇبى شىنجاڭ ھەربى رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش قۇماندانى مەھمۇت مۇھىتىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى،ۋە شەرىپىمىزگە كاتتا زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاتۇشتىكى يېڭى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا، قولغا كەلتۈرگەن شانلىق  مۇۋاپىقىيەتلىرىگە يۇقۇرى باھا بەردى.شۇنداقلا بۇ جەھەتتە مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئوينىغان رولىنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،ئۇنىڭ يۈكسەك جاسارىتىگە ، ئەقىل پاراسىتىگە ئاپىرىن ئېيتتى.مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمۇ مەھمۇت مۇھىتىنىڭ ئاتۇشنىڭ مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلىگىگە پۈتۈن ئاتۇش خەلقى نامىدىن رەھمەت-تەشەككۇرلەر بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئەنە شۇ زىياپەتتە ئابدۇراخمان شائىرمۇ مەھمۇت مۇھىتىغا ئاتاپ يازغان تۆۋەندىكى مۇخەممىسىنى دىكلىماتسىيە قىلغان ئىدى:  
سانا15خالىققا 16بولسۇنكى ئەدەمدىن 17 ئەيلىدى  مەۋجۇت،
بەنى ئادەم ياراتىپ ھەم شىپى قىلدى ئەنى مەھمۇد،   
تەكەببۇر ئەيلىدى شەيتان خۇدا دەرگاھىدىن مەردۇد 18،
بىرسى ئۆزگە ئەردى مۇھەممەت مۇستافا مەخسۇت 19،
مۇھەممەت ئىممىتىدىن چىقتى تۇرپاندىن ئۇشۇل مەھمۇت.
   نەچە يىلدىن بېرى زۇلمەتتە ئەردى ھەم بۇلۇپ ۋەيران،
بۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلماققا تۈمەنمىڭ جان بىرىپ قۇربان،
   يىتىپ خارلىق، جاھالەت زەنجىرىدە ھەم بۇلۇپ سەرسان،
تاپالماسدىن شىپا دەرتكە، بۇمىللەت بولدى كۆپ ۋەيران،
چىقىپ ئەل بەختىگە شۇ دەم پاناھ بولدى بۈگۈن مەھمۇد.
  ئايا ئەي شاھى ئادىل جۈملىمىزنى20 ئەل-ئامان قىلدىڭ،
مائارىپ-مەكتىپىنى تەربىيەت ئەيلەپ راۋان قىلدىڭ،
بۇ مىللەت يولىدا دەريايى نىلدەك قان راۋان قىلدىڭ،
نەتىجىسىگە بۇ قاننىڭ ئىلمۇ-ھىكمەتنى ئايان قىلدىڭ،
ئېچىپ بەردىڭ بۈگۈن دارىلفۇنۇندىن بىزگە، يول مەھمۇت.
   سىنىڭ ۋەسپىڭنى ئېيتتى بۇ كىشى بۇلبۇل سۇخەنداندۇر 21،
ئاتاسىدۇر چوڭاخۇن، شائىر ئىسمى ئابدۇراخماندۇر،  
قەسەمكى بۇ مائارىپ يولىدا گوياكى پەرۋاندۇر22،
سىپاتىڭنى قىلىپ تەرىپ ئۇشۇل نەزمىنى يازغاندۇر،
ئۈمۈددۇركى ھۇزۇرۇڭدا قۇبۇل بولغاي سۆزۈم مەھمۇد.      
   1936-يىلى 10-ئاي                 
      شائىر بۇ مۇخەممەسنى  مەغرۇر ھىسيات بىلەن شۇ قەدەر ھەيۋەتلىك ۋە جۇشقۇن دىكلىماتسىيە قىلدىكى پۈتكۈل مۇراسىم ئەھلى قاتتىق ھاياجانلاندى.بۇ ياش تالانت ئىگىسىنىڭ مەناغا باي، مەزمۇنى چوڭقۇر ، كۈچلۈك ئىنقىلاۋى ھىسياتقا تولغان شېئىرى مىسرالىرىنى ئاجايىپ زوقمەنلىك بىلەن ئەستايىدىل بىرىلىپ ئاڭلىغان مەھمۇد مۇھىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ شائىرغا ئالاھىدە ھۆرمەت نەزىرى بىلەن قاراپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى، پىشانىسىگە سۆيدى، ۋە يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ:   
  -بارىكاللا ئوغلۇم، غەيرەت ھىممىتىڭگە رەھمەت، مەن بۇ قەدەر مەدھىلەشكە لايىق ئەمەسمەن ،ئەمما سېنىڭ شېئىرىڭ جىسمىمغا يېڭىچە روھ ئاتا قىلدى ، ناھيىتى جاللاندىم. ئاللا ئەجىر-ئىزىم بەرسۇن، مۇرادىڭ ھاسىل بولسۇن، سىلەرنىڭ مائارىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىڭلار گۈللەپ راۋاجلانسۇن.سىلەرنى مۇشۇنداق قابىل، تالانتلىق قىلىپ تەربىلىگەن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت. مەن سىلەرنىڭ مائارىپ-مەكتەپ ئىشلىرىڭلارنى قەتئى قوللايمەن، كۈچۈمنىڭ بارىچە مەدەت بىرىمەن - دەپ ،ياش شائىرغا روھى جەھەتتىن مەدەت ۋە ئىلھام بەردى. دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمۇ ئۆزى بىۋاستە تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن بۇ ياش شائىرغا بولغان زوقمەنلىك ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ،يېنىدىكىلەرگە ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ بىرىۋاتاتتى...   
     1937-يىلى ئەتىياز. 4-ئاينىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە توغرا كىلىدىغان بىر جۈمە كۈنى ، ئاستىن ئاتۇشنىڭ مەشھەت كەنتىگە تەۋە قۇمباغ مەھەللىسىگە جايلاشقان ئوتۇرا مەكتەپنىڭ  بىر سىنىپىدا، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىملىرىنىڭ توپلاندى(يىغىن) بۇلۇپ ئۆتتى.بۇ توپلاندىدا ئاساسەن ھەر قايسى مەكتەپلەرنىڭ 15 كۈنلۈك ئوقۇ- ئوقۇتۇش ئەھۋالى خۇلاسە قىلىناتتى، مۇئەللىملەر ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرى، ئوقۇتۇش مىتودى قاتارلىقلارنى ئوتۇرىغا قۇيۇشۇپ، ئۆز ئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرىشاتتى، ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئىلغار،  پايدىلىق ئوقۇتۇش ئۇسسۇلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەڭ-كۇشادە پىكىرلىشەتتى.بۇ تۈردىكى يىغىنغا يەنىلا مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم ئۆزى بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلاتتى. بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق بولدى. ئاخىرىدا ئەپەندەم 15 كۈنلۈك ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئەھۋالىنى بىر قۇر خۇلاسە قىلىپ ئۆتكەندىن كىيىن ،كۆپچىلىككە قاراپ:
-مەن ئاخشام ئىنتايىن غەلىتە بىر چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن ، سۆزلەپ بىرەي، سىلەر تەبىر بىرىپ بېقىڭلار .شۇ تاپتا يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى، چۈنكى ئاللا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئىچىدە پەقەت يۈسۈپ ئەلەيھىسسلامغىلا ھەر قانداق چۈشكە توغرا تەبىر بىرىش خىسلىتىنى ئاتا قىلغان ئىكەن،- ئۇ بىر نەچچە سىكونت تۇرۋېلىپ چۈشىنى بايان قىلدى،- چۈشۈمدە بىر تۆگە مېنى ئالدىغا سېلىپ مەكتەپ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ، سەن سىنىپتىكى قىزلاردىن بىرىنى ئېلىپ چىقىپ بېرىسەن دېدى، مەن ئەلپازى يامان بۇ تۆگۈدىن قورقۇپ ، دەرھال بىر قىزنى ئېلىپ چىقىپ بەردىم-دە، شۇ ھامان ئويغۇنۇپ كەتتىم...         
  سىنىپ ئىچىنى ئېغىر سۈكۈت باستى . ئۇستازىنىڭ چۈشىنى ئاڭلىغان مۇئەللىملەر ئۈن چىقارماستىن بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىشاتتى. خېلى ۋاقىتتىن كىيىن بىر مۇئەللىم:   
  -ئەپەندىم، مىنىڭچە بۇ بىر ھىچقانچە قورقۇنۇچلۇق چۈش ئەمەسكەن ، ئۇنداق ئويلۇنۇپ كەتكۈدەك،-دىدى. ئەپەندىم بۇ مۇئەللىمنىڭ كۆڭۈل ياساپ ئەتەي شۇنداق دەۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە:                                                      
- مېنىڭچە بۇ چۈشتە بىر گەپ با ر، كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك قىلىۋاتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى سىلەر كۆڭۈل ياسىماي، ئەركىن-ئازادىلىك بىلەن ئوچۇق-يۇرۇق تەبىر بىرىپ بېقىڭلار، قېنى سىز بىر تەبىر بىرىپ بېقىڭە شائىر ،–دەپ، چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كەتكەن ئابدۇراخمان شائىرغا ئىشارە قىلدى. مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى ئىلگىرى ئابدۇراخمان شائىرنىڭ نامى بار داڭلىق ئۆلۈمالاردىن دىنى ئىلىم ئالغانلىقىنى، كۆپلىگەن دىنى كىتاپلارنى ئوقۇغانلىقىنى، شۇڭا بۇ جەھەتتىمۇ خېلى ئەتىراپلىق مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئابدۇراخمان شائىر تۇيۇقسىز ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك ئەندىكىپ كەتتى، ۋە ئۇستازىغا قارىدى. چۈش تەبىرىگە دائىر ئوقۇغان-بىلگەنلىرىگە ئاساسەن، ئۇستازى كۆرگەن چۈشكە بىرىلىدىغان تەبىرمۇ ئۇنىڭ ئۆز كۆڭلىگە رۇشەن ئىدى ، ئەمما ئاغزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى . چۈنكى، چۈش ياخشى-يامان دەپ ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ، چۈش تەبىرىگە قارتا قارشى تەرەپنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئويلىنىپ بىر نېمە دېيىش كېرەك، بۇ تەرىپىنى ئۇ ئوبدان بىلەتتى . چۈش كۆرگەن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزى كۆرگەن چۈشنىڭ ھامان خەيرىلىك بۇلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇ تاپتا شائىرمۇ ئۇستازى كۆرگەن ئاشۇ قاباھەتلىك چۈشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەيرىلىك بۇلىشىنى نە-قەدەر ئارزۇ قىلىدۇ-ھە؟. بىراق بۇ چۈشنىڭ تەبىرى ، ئەكسىچە ئىنتايىن قورقۇنۇشلۇق...                                                   
ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئابدۇراخمان شائىردا ئىدى . ئۇستازىمۇ  «قېنى سۆزلەڭ ، بۇ چۈششۈمنىڭ توغرا تەبىرىنى سىزدىن كۈتىۋاتىمەن» دىگەندەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.شائىر ئېغىر سۇكۇناتتىن كىيىن ئىنتايىن تەسلىكتە ئېغىز ئاچتى:
-ئۆزلىرىنى ئالدىغا سېلىپ ماڭغان تۆگە-ئەزرائىل ، ئۆزلىرى ئېلىپ چىقىپ بەرگەن قىز-ئادەمنىڭ جېنىمىكىن دەپ ئويلايمەن، ئەمما چۈشنىڭ ھەممىسىنىڭلا رېئاللىققا ئايلىنىشى ناتايىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەردە كۆرگەن بۇنداق چۈشنى چۈشنىڭ ‹‹پۇقى›› دەيدۇ كونىلار، شۇڭا ئارتۇقچە غەم –ئەندىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن ،- دىدى ئۇ.
    ئابدۇراخماننىڭ چىرايىدىكى بىلىنە-بىلىنمەس بىر خىل مەيۈسلىك ئالامىتىنى سېزىپ قالغان مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىم دەرھال:      
    -توغرا ئېيىتتىڭىز ، تەبىرىڭىزدىن قانائەتلەندىم، ئەمما چۈشنىڭ ئوڭغا تارتىپ قالىدىغان چاغلىرىمۇ بۇلىدۇغۇ، شۇڭا مەن بۇ چۈش ئۈچۈن ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيمەن،-ئۇ ئۆزىگە تىكىلىپ ئولتۇرغان مۇئەللىملەرنىڭ روھى-ھالىتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئازادە كەيپىياتتا سۆزىنى داۋام ئەتتى،-ھەممىمىزنىڭ جېنى ئاللانىڭ ئىلكىدە . ھاياتلا بۇلىدىكەنمىز تۇرمۇشتا ئۇنداق-مۇنداق غەم-ئەندىشىلەردىن خالى بولماق تەس. سىلەرگە دەپ بەرسەم بۇرۇن بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.بىر كۈنى ئۇ ۋەزىر-ۋۇزىرالىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۆزى ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان شۇنچە قۇدىرەتلىك پادىشاھ بولسىمۇ ، نىمىشقىدۇر غەم-ئەندىشىدىن نېرى بولالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ:                                                
جىمى ئالەم مېنىڭ تۇرسا،  
غەمىم كەتمەس، نەدىندۇر23 بۇ ؟   
دەپ، يۇقۇرقى ئىككى مىسرا بىيىتنى ئوقۇغان ئىكەن ، ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئارسىدىكى دانىشمەن، پاراسەتلىكرەك بىرى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تازىم بەجا كەلتۈرگەندىن كىيىن:  
  ئەزەلى غەم تۇپاسىدىن ،   
  بىنا بولغان بەدەندۇر بۇ !         
-دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن . دىمەك ، يۇقارقى سۇئال- جاۋاپتىن شۇنى ھىس قىلىشقا بۇلۇدىكى، دۇنيادا غەم-ئەندىشىدىن خالى ئىنسان بولمايدۇ ، لايىقىدا غەم-ئەدىشىسى بولمىغان ، توختام سۇدەك تىپ-تىنىچ ئۆتكەن تۇرمۇشنىڭمۇ تەمى ھەم مەنىسى بولماس. ئويلاپ كۆرسەم مەندىكى غەم بىرلا –ۋەتەن، مىللەت غېمى ، ئۇندىن باشقا ئارتۇقچە غېمىممۇ يوقكەن –ئۇ ئېغىر بىر تىن ئالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى،- بىلىپ تۇرۇپتىمىز ھازىر ۋەزىيەت داۋالغۇپ قالدى ، بىزگە نىسبەتەن مۇشۇنداق شارائىتتا ۋەتەن-مىللەتنىڭ غېمىنى يەپ ، ئوتىدا كۆيۈپ،  سۈيىدە ئاققانلارنىڭ ھاياتى خەۋىپ-خەتەردىن  خالى بۇلالمايدۇ،  ئەلبەتتە. «كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئېسىلۇر دارغا». ئاخىر ھەممىمىز ئۆلىمىز. ئەمما، قاچان ۋە قەيەردە ، قانداق ئۆلۇشىمىز بىرلا ياراتقان ئىگىسىگە مەلۇم.  شۇڭا ئېيتىمەنكى ۋەتەن-مىللەتنىڭ خىزمىتى  ئۈچۈن ئاخىرقى ھىساپتا ئالتە پۇللۇق بىر تال ئوق بىلەن مۇكاپاتلانسام - بۇ مەن ئۈچۈن زور شان ـ  شەرەپ، –ئۇ ئاز كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئپتىخارلىق بىلەن مۇئەللىملەرگە تەكشى قارىۋەتكەندىن كىيىن دىدى – سىلەر ،ھەم سىلەر باشلىق مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان يېڭى ئىزباسارلار، ياش ـ ئەۋلاتلار مېنىڭ بۇ ھەققانى ئىشلىرىمنىڭ ۋارىسلىرى ، داۋاملاشتۇرغۇچىللىرى . شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ھامان خاتىرجەم ھىس قىلىمەن، ئەمما ھازىر ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ ئىشپىيۇن-جاسۇسلىرى ئۆزىچە جىددىلىشىپ ، كىچە-كۈندۈز ئۇخلىماسدىن ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ جەمىيەتتە ئورنى بار ،نۇپۇزلۇق كىشىللىرىمىزنى تۇتماقتا ،ياكى تەقىپ-نازارەت  ئاستىغا ئالماقتا .بەلكىم بەزىللىرىڭلار مىنىڭ سەۋەبىمدىن ئەگەشكۈچى بولۇپ قېلىشىڭلار ، ياكى شۇ گۇمان دائىرسىگە كىرىپ قېلىشىڭلار مۇمكىن، شۇڭا ھۇشيارلغىڭلارنى ئاشۇرۇپ ھەر ھالدا پەخەس بولۇڭلار.ئەڭ مۇھىمى ئۈمۈتۋار بولۇڭلار،ھەقىقى ئادەم بالىسى ئۈمۈت بىلەن ياشايدۇ،ئۈمۈتسىزلىك شەيتانغا خاستۇر.ھەر قايسىڭلارنىڭ قەيسەر ئىرادەڭلارنى قىلچە بۇشاشتۇرماستىن ۋەتەن ـ مىللەت ئالدىدا جاۋاپكار بۇلۇش روھى بىلەن، ئۆز بۇرچۇڭلارنى ئاداققىچە ئاتقۇرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.-مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى تۆۋەندىكى شېئىرى خىتاپ بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى؛                                                                                                           
بۇ نە غەم بۇدە  كىتەر،  
ئويلىما ھىچ بۇدە كىتەر.
  تازا بول ، قورقما، چېلىش،
  زادى ھايات بۇدە كىتەر.  
  ئۆلمەيىن قالسام ھايات،
بۇمۇ ھەم تۈگەپ كىتەر.     
     مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ سۆزى(نۇتقى)نىڭ تەسىرىدىنمۇ ئەيتاۋۇر يىغىننىڭ كەيپىياتى ئىنتايىن جىددى ۋە سۈرلۈك    تۇس ئالدى، يۈزلەر ھاياجاندىن قىزىرىپ، جۇپ كۆزلەر تېخىمۇ نۇرلۇنۇپ ، گويا ئوت چاقناپ كەتكەن ئىدى. شۇ تاپتا ياش مۇئەللىملەرنىڭ تومۇرىدىكى ئىسسىق قانلار كۇۋەجەپ ، جىسمىدا تەڭداشسىز كۈچ ـ قۇدىرەتنى نامايان قىلماقتا ئىدى ، باشتىن ـ ئاخىر يىغىننىڭ كەيپىياتىنى كۆڭۈل كۆزى بىلەن كۈزۈتۈپ ئولتۇرغان ئابدۇراخمان شائىرنىڭ قەلەم تۇلپارى قەغەز يۈزىنى كىزىپ توختىماستىن چاپاتتى ، ئۇ يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بارىلىق مۇئەللىملەرگە ۋاكالىتەن، ئۇستازىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى قەلبىدە تەستىقلاپ ، قەغەز يۈزىدە بولسا يالقۇنلۇق مىسرالارنى تىزىپ چىققان ئىدى. ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن مۇنۇ مىسرالارنى دىكلىماتسىيە قىلىشقا باشلىدى:               
كۆيۈمچان ئوت يۈرەك باغۋەن ئۇلۇغ ئۇستازىمىز بىزنىڭ،
يۈرەكتە مەڭگۈ پارلايدۇ ئەقىدە ـ مىھرىڭىز سىزنىڭ.
  كى غەمدىن تىز خالاس بولدۇق ، كۆڭۈلدە قالمىدى غەشلىك،
ۋەتەن ، مىللەت باھارىغا سۇقار پاك قەلبىمىز بىزنىڭ.  
ئۈگەتكەنسىز «ۋەتەن ئەلنى سۆيۈش ھەر كىمگە بۇرۇچدۇر» دەپ،
شۇڭا سىزنى قىلىپ ئۈلگە داۋاملاش ئەھدىمىز بىزنىڭ.  
  كۈرەشكە بەلنى چىڭ باغلاپ ، تۇساقلارنى بۈسۈپ تاشلاپ،  
ئىلىم-ئىرپان يۇلىن بويلاپ مېڭىش چىن قەرزىمىز بىزنىڭ.  
مەگەر شۇم قاغا-قۇزغۇنلار خازان قىلسا باھارىمنى،
پىدا ئەيلەپ بۇ جانلارنى يۇقاتماق شەرتىمىز بىزنىڭ.
قەسەم بەر، ئابدۇراخمان سەن چىۋەر ئۇستاز ھۇزۇرىدا،  
ۋەتەن، مىللەت ئۈمۈدىنى ئورۇنداش ۋەدىمىز بىزنىڭ.  
1937-يىلى 4- ئاي      

      ئابدۇراخمان شائىرنىڭ بۇ شېئىرى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان بارلىق مۇئەللىملەرنىڭ يۈرەك سۆزى، يەنى كۆز ئالدىدىكى قەدىردان ئۇستازىغا بەرگەن تەنتەنىلىك قەسىمى، ۋەدىنامىسى ئىدى. شۇڭا شائىرنىڭ دىكلىماتسىيسى ئاخىرلىشىشى بىلەن تەڭ ھەممەيلەن بىردەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ ھوررا توۋلۇشۇپ ، چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى يۈكسەك ئىپتىخارلىق ھىسياتى بىلەن ئابدۇراخمان شائىرنى چىڭ قۇچاقلىدى،ۋە:                  -ئەزىمەت شائىر…ئەزىمەت شائىر - دىدى پىچىرلاپ تىتىرەك ئاۋاز بىلەن.    بۇ قېتىمقى يىغىن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلماس مەنزىرىلەرنى قەلىبلەرگە مەڭگۈ ئۆچمەس خاتىرە سۈپىتىدە نەقىشلەپ ئاخىرلاشتى، ئەمما ھىچ كىم بۇ يىغىننىڭ، ئاشۇ خىلدىكى ئەھمىيەتلىك يىغىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرىقىسى بۇلۇپ قالىدىغانلىغىنى ئويلىمىغان ئىدى...                  
  دەرۋەقە 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى(سەيشەنبە) ئەتتىگەندە ئەمدىلا ئىش ئورنىغا كىلىپ تۇرغان  مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى قەشقەر ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۇبۇلقاسىم ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى. مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، قانخور شىڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ، غوللۇق ، ھەركەت ئىختىدارىغا ئىگە ئادەملىرىنى بىر تۇتاش قىرىپ تاشلاپ ، قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىنى تىزلىك بىلەن يوق قىلىپ ، بۇ مىللەتنى بىر مەزگىل باش كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويۇش مەقسىدىدە قوزغىغان ئومۇمىيۈزلىك باستۇرۇش ھەركىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ ، مۇناپىق قادىر ھاجىنىڭ شەخسى ئاداۋىتىمۇ بۇ ئىشتا قوشۇمچە رول ئوينىغان ئىدى. مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، پۈتكۈل ئاتۇشنى قاپلىغان يېڭى مائارىپ ھەركىتىنى سۇسلىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن مەشھەتتىكى ئىككى سىنىپلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئەللىملىرىدىن مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى، ئابدۇراخمان شائىر، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئىنىسى لىۋايىدىن قارى، تىجەنلىك موللا ئېزىز دامۇللامنىڭ ئوغلى ئەھمەت مەخسۇم، يەنە شۇ كەنىتتىن قۇناجىم دىگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئابدۇغۇپۇر ، مەزكۇر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىدىن يار مۇھەممەت (ئىزچىلار باشلىقى) ، مىر ئەھمەد سىيىت (مۇئەللىپ)، سۇلتان مامۇت قاتارلىق ئون نەچچە كىشى يىغىن ئېچىپ ، ئابدۇراخمان شائىرنى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىمنىڭ ئورنىغا ئاتۇش مائارىپىغا مەسئۇل قىلىپ بىكىتتى.         -قېرىنداشلار ، ئۇستازىمىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلىگەن بۇ مۈشكۈل خىزمەتنى ، مەن يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىپ ئىشلەشكە ئاجىزلىق قىلاتتىم ، ئەمما ھەرقايسىڭلار ماڭا يۈلەك ، شۇڭا ئاجىزلىق ھىس قىلمايمەن،-دىدى ئابدۇراخمان شائىر  ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ،- ھەممىمىز ھۇششارلىقىمىزنى ئۆستۈرۈپ ، زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ، ئۇستازىمىز باشلاپ بەرگەن داغدام يولنى قەتئى داۋام ئەتتۈرىدىغانلا بولساق ، ئىنشائاللا ئاخىرقى غەلبە ھامان بىزگە قۇچاق ئاچىدۇ،- ئۇبىرئاز تۇرىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلدى،- ھەممىمىزگە مەلۇم ، ھازىر ۋەزىيەت جىددى ، ھەم مۇرەككەپ. مەلۇم بولغىنىدەك خائىن-مۇناپىقلار رەزىل ۋاستىلەر بىلەن ، ئۇستازىمىز ئۈستىدىن ھۆكۇمەتكە قارا (يالغان) ماتىرىيال يېزىپ ، ئۇنىڭ ناھەق قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەپ بولدى، دېمەك، ئۇلار بىزگە زىيانكەشلىك قىلماقنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىكەن ، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرەلەيدۇ ، نۇمۇس قىلماسدىن كۆزىنى پاقىرىتىپ تۇرۇپ ئاقنى قارا، قارىنى ئاق دىيەلەيدۇ. پەرۋاسىز قارىيالمايمىزكى ۋەزىيەت جىددى داۋالغۇپ تۇر غان مۇشۇ پەيتلەردە ، خائىن-مۇناپىقلارنىڭ بىزگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ،ئىشلىرىمىزنى دادىل ئېلىپ بېرىشىمىز ، ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى مۇئەللىملەرنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنىڭ چىكىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدنى ئېلىش-كۆزئالدىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىزدۇر ، قىسقىسى ئۇستازىمىز قەلبىمىزگە سالغان مەرىپەت ئۇچقۇنى ، ھەقىقى ساپ ئالتۇننى سىنايدىغان بىباھا يالقۇنغا ئايلانسۇن.   ھەممەيلەن شائىرنىڭ سۆزىنى بىر ئېغىزدىن قۇۋەتلەپ، پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغاندىن كىيىن تارقاشتى. مۇئەللىملەر روھلۇق ھالدا ياتاقلىرىغا كىرىپ كىتىشتى.مەن(مۇئەللىپ)يار مۇھەممەت ئاكا ، سۇلتان مامۇت ئۈچەيلەن  ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتىپ كەتتۇق.
ئەنە شۇ مىنۇتلاردا شائىرنىڭ يۈرىكىدىن مۇنداق مەردانە شېئىرى مىسرالار ئېتىلىپ چىققان ئىدى:                                                  
ۋەھىمە سالما ئەي پەلەك، ئۆلمەك ماڭا بار بىر كۈنى،
مەن ئەمەس شاھلارمۇ قالماس، ئاڭا ھەم بار بىر كۈنى.
جەۋرە سالما ئەي پەلەك، تىز پۈكمىگەي شائىر ساڭا،
بەرىبىر قورقساممۇ ئۆلمەك يەنە باردۇر بىر كۈنى.
  ئارى ئۇستاز ئېيتقىنىدەك مىڭ ئۆلۇر قورققان كىشى،
تىك تۇرۇپ قورقماي ھامان ئۆلسەكمۇ ھەم بار بىر كۈنى.
  ئۆزگىچە سىرلىق قاراپ كۆزنى قىسادۇر غەيرىلەر،
قويغۇسى قاپقان-تۇزاق ئاخىر ماڭا بار بىر كۈنى.
تۈرمىنىڭ قانلىق پۇراقى كەلدى شىددەتلىك پۇراپ،
ئالغۇسىدۇر ھەر قاچان قولغا مىنى بار بىر كۈنى.
  ئىسمى-زاتىڭدۇر ئۇلۇغ راخمان24 رەھىم 25 يازەلجالال26،
قىل تەرەھھۇم27 نەۋ قىرانغا سەنلا يارسەن بىر كۈنى.
  لەنئىتى مىڭ لەنئىتى بولسۇن ساڭا مەلئۇن رەقىپ،
ئۆز گۆرىنى ئۆزى قازغاي قېپ قىساسقا بىر كۈنى.
ئابدۇراخمان قورقمىغىن ساتقىن-خائىنلار ۋەھىمىدىن،
ئەل-ۋەتەن قۇربانى بولساڭ ئەل، خۇدا يار بىر كۈنى.   
1937-يىلى 6-ئاي  
     ئابدۇراخمان شائىر مەسئۇللىقىدا ئاتۇشنىڭ مائارىپ ئىشلىرى بىر مەزگىل ئوڭۇشلۇق داۋاملاشقان بولسمۇ ، ئەپسۇسكى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى بار چاغدىكىدەك جۇشقۇن ، قىزغىن كەيپىيات تەدىرىجى سۇسلىشپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى چىكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى ، مۇئەللىم ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمىنى روھى چۈشكۈنلۈك ھەم قورقۇنۇچ ئىگەللەشكە باشلىدى . چۈنكى، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى(تەۋپىق)قەتلى قىلىنغاندىن كىيىن، ۋەزىيەت يەنىمۇ  كەسكىنلەشتى ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ خائىن-مۇناپىقلارنىڭ ، ئىشپىيۇن-چېقىمچىلارنىڭ خورىكى ئۆسۈپ كۆرەڭلەپ كەتتى. ئەشۇ يىللاردا مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىگە ئەگىشىپ مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان كىشىلەر ھۆكۈمەت دائىرلىرىنىڭ دىققەت ئوبىكتى بۇلۇپ قالدى . نەچچە مىڭلىغان ۋەتەنپەرۋەر زىيالىلار ، مەرىپەتپەرۋەر باي-سودىگەرلەر ، بىگۇناھ كىشىلەر ئۇشتۇمتۇت كېچىسى ئۆيىدىن چاقىرىپ ئېلىپ چىقىلىپ دىرەكسىز يوق قىلىۋىتىلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مۇھەممەتئەلى ئەپەندىنىڭ ئاكىسى نىزامىدىن ئەپەندى ، ئابباس چوڭ ،  ئابدۇراخمان شائىر ، لىۋايىدىن قارى ، ئەھمەت مەخسۇم ، ئابدۇغۇپۇر قۇناجى ، يار مۇھەممەت (ئوقۇغۇچى ، ئىزچىلار باشلىقى) قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ شۇ پېتى ئىز-دېرىكى بولمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈچ-قۇۋۋىتى، ئەقىل-پاراسىتى ئۇرغۇپ تۇرۇدىغان نەۋ قىران ياشلار بولۇپ ،  ئۇلار جاللات شىڭ  شىسەينىڭ ئۆزىگە ئادەت قىلغان رەزىل ئۇسۇلى بىلەن يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.     
ئابدۇراخمان شائىر قولغا ئېلىنىشتىن بىر-نەچچە كۈن بۇرۇن كۆڭلىگە بىر نەرسە ئايان بولغاندەك ئادىتى بۇيىچە سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ چالا-پۇلا ناشتا قىلغاندىن كىيىن، ئۇتتۇر كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئىشتارچى كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە باردى ، بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تېخى مەكتەپكە كەلمىگەن ئىدى. سىنىپقا كىرىپ ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرىدىغان ئورۇندۇقتا ئۆزى يالغۇز قارا دوسكىغا قاراپ ئولتۇرۇپ چەكسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولدى ، ئۇنىڭ تەپەككۇر قۇشى قاناتلانغان ئىدى . ئالاھەزەل يېرىم سائەتلەردىن كىيىن چاچراپ ئورنىدىن تۇردى-دە ، ئىتتىك دوسكىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بور بىلەن ئۇستازى مۇھەممەت ئەلى تەۋپىققا بېغىشلاپ مۇنۇ شېئىرنىى يازدى:                                                                 
يارنىڭ تۇرمۇشلىرىغا ھۆر-غىلمان 28ئوخشىماس،
جاي-ماكانىغا يانا تەختى سۇلايمان ئوخشىماس.
كۆزلەرى نۇرلۇق ئىرۇر قاشى قارا ئىنسانىدا،
چىشلىرىنىڭ ئاقلىقىغا ئۈنچە-مارجان ئوخشىماس.
سۆزلىسە دۇررى- گۆھەر چاچىلغىسىدۇر ئاغزىدىن،
سۆزلىرىگە بۇلبۇلى شىرىن سۈخەندان ئوخشىماس.
بىلمىدىم كەتتى قايان ئول مىھرىباندىن يوق خەۋەر،
ھەسەرىتا دەپ يىغلىسام قىلسام-دە ئارمان ئوخشىماس.
سۆزلىسەم تەرپ تۇلا، يازماققا ماغدۇر مەندە يوق،
باشتا قەدرىن بىلمىدىم ئەمدى پۇشايمان ئوخشىماس.   
  1937-يىلى 8- ئاي            
      1937-يىلى ياز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئاستىن ئاتۇشدىكى ئەڭ چوڭ قەدىمى بازار بولغان-مەشھەد بازاربېشى مەھەللىسىگە تەۋە بىر كوچىدا مەن (مۇئەللىپ) ئابدۇراخمان ئاكا بىلەن ئۇچۇرىشىپ قالدىم . بىز قىزغىن سالام-سەھەتتىن كىيىن ، يولنىڭ بىر چېتىگە ئۆتۈپ كەچمىشلەرنى ئەسلەپ بىر ئاز پاراڭلاشتۇق. پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ مېنىڭ قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ،بىر خىل ئۈمۈتۋارلىق بىلەن شۇنداق دىدى:                                                          -ئىنىم مىر ئەھمەت سىزمۇ شېئىر-ناخشا ئوقۇشقا ھېرىسمەن، بۇ جەھەتتە قىزىقىشىمىز بىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ-تۆت يىل ئۇستازىمىز تەۋپىقنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ، ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپ يەرلەرگە بېرىپ ، ئۇنىڭ مۇنتىزىم تەربىيسىنى ئالغانسىز، گەرچە مەندىن 7-8 ياش كىچىك بولسىڭىزمۇ ، زېھنىڭىزخېلى ئۆتكۈر ، ھەم ئەقىللىق سىز ، ۋەزىيەت ناھايىتى جىددى داۋالغۇپ تۇرىۋاتىدۇ،-دەپ قويۇن يانچۇقىدىن بىر كىچىك دەپتەرنى ئېلىپ قولۇمغا تۇتقۇزغاندىن كىيىن، يانچۇقۇمغا سېلىشىمنى ئىشارەت قىلدى. مەن دەپتەرنى ئاۋايلاپ يانچۇقۇمغا سالدىم . ئۇ يەنە:
-ئىلگىرى سىز مەن يازغان بىر قىسىم شېئىر- غەزەللەرنى ئاڭلىغان، ھەم خاتىرلىۋالغان ئىدىڭىز ، يېنىمدا ساقلاپ يۈرگەن بۇ دەپتەردىكى شېئىرلارمۇ سىزگە يادىكار بولۇپ قالسۇن.باشقىلارغا كۆرسەتمەي، ئىمكان بار يادقا ئېلىۋېلىپ كۆيدۈرۈۋەتكىنىڭىز ياخشىراق. مۇبادا غەيرى كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا ، سىزگە دىشۋارچىلىق ئەپكىلىدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ، پەلەكنىڭ چاقى ئۆز ئىزىغا چۈشۈپ ، ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغان چاغلار كەلگەندە  ئاشكارىلاپ ، دوست- يار، بۇرادەرلىرىم ، شاگىرتلىرىمنىڭ ئەسلەپ قويىشى ئۈچۈن يول ئېچىپ بىرەرسىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن ، ئىنشائاللا -     دىدى.
شائىرنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى تىتىرەك ئارلاش بوش چىقتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، جىيەكلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى.....                                                              
     1937-يىلى 9-ئايلاردا ئابدۇراخمان شائىرمۇ جاللات شىڭ شىسەينىڭ قانلىق تۇرمىسىغا تاشلاندى ۋە سانسىزلىغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يۇشۇرۇن ئۆلتۈرىۋىتىلدى. شۇ چاغدا ئۇ ئەمدىلا 26 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان ئىدى.   شائىر تولىمۇ ياش كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ھاياتى ھەقىقى ئۆز مەنىسىنى تاپقان شانلىق ھايات. ئۇ باشتىن-ئاخىر ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ ئىزىنى بېسىپ قىممەتلىك ھاياتىنى ۋەتەن - مىللەت ئىشلىرى ئۈچۈن بېغىشلىدى، مەنىۋى دۇنياسىدىكى ئەڭ گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىگە مەرىپەت ئۇرۇقى چېچىش ئارقىلىق نۇرلاندۇردى،  ئۇ خەلقىنىڭ خۇشاللىقى ئارقىلىق خۇشاللىق تاپتى، قايغۇسىغا يىغلىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى 30-يىللاردىكى قۇمۇل دىھقانلار قوزغىلىڭى ، جۈملىدىن شۇ ۋاقىتتىكى رېئال تارىخى شارائىتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، رۇشەن سىياسىۋىلىققا ئىگە. شائىر ئۆز شېئىرلىرىدا ۋەتەن-مىللەتنى ، مۇھەممەت ئەلى ئەپەندى (تەۋپىق) قوزغىغان يېڭى مەرىپەتچىلىك ھەركىتى  ۋە ئۇنىڭ شانلىق مۇۋاپىقىيەتلىرىنى، ئەركىنلىك-باراۋەرلىكنى، دېمكىراتىيە-تەڭلىكنى ، ئازاتلىق-ھۆرلىك ئۈچۈن كۆرەشكەن مىللى قەھرىمانلارنى ، دېھقانلار ئىنقىلاۋىنىڭ  غەلىبە مىۋىللىرىنى مەدھىلىدى ...  ئۇ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئېلىشقا تىگىشلىك ئوت يۈرەك شائىر . ئلىم-پەن خادىملىرى ، ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شائىرنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى، ئەدەبى ئىجادىيەتلىرىگە قارتا تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كۆرۈشىنى ، بۇ ھەقتە زۆرۈر ئىزدىنىشلەردە بولىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.  ئاخىرىدا مېنى قىممەتلىك ماتىريال مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن ئابلىز قارى مۇھەممەت ، ئابدۇكىرەم ھاجى ، رۇزاخۇن ، مۇھەممەت قارى ھۈسەيىن قاتارلىق    يولداشلارغا  چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن:

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم   
  مەگەر ئش باشلىساڭ ئەۋۋەلكى بىسمىللاھ بىلەن باشلا،   
  تەۋەككۇل قىل شۇ ئاللاغا بىخۇتلۇق كەيپىنى تاشلا.
  بۇنىڭدا خاسىيەت كۆپتۇر ئەمەل قىلسا ئاڭا ھەر كىم،  
  يۇلۇقماس زەررە-زەخمەتكە داۋام ياد ئەيلىسە ھەر كىم.

  ***        ***        ***      
زۇلۇم-كۈلپەت ئازابى خەلقىمىزنى خارۇ-زار ئەتمىش،  
  دىيارىدىن جۇدا قىپ ھەر تەرەپكە لاماكان29ئەتمىش.  
تاپالماسدىن شىپالەر باغرى خۇن بوپ نالە-زار ئەيلەپ،  
شېئىر-داستان ، قۇشاقتا ھالىنى بىر-بىر بايان ئەتمىش.   
پۇجۇر30 ، پىسقى-پاساتلار كۆپ ئۇرۇن ئالدى بۇ ئەل ئىچرە،
شۇ ئىللەتلەر تۈپەيلىدىن كىشى تەركى جاھان ئەتمىش.   
تىلى ئۆتمەس بۇ ئەلدە مەنسىپى يوق بارچە مەخلۇقنىڭ،
ھۇقۇقسىزلىق بالاسى جۈملىمىزنى بىزابان31ئەتمىش.  
كۆرۈڭ دوست-يار ، قېرىنداش ھەم نەپەس بوپ بىناۋالەرگە،
يۈرەكلەرنىڭ سىرىنى ئەھلى-ئالەمگە بايان ئەتمىش.  
  زامانغا باق بۇرادەر باشقىلارغا كۆز يۈگۈرتكىن ھەم،  
قىلىپ جەۋلان ھاۋادا بىر ئاجايىپ ئاشىيان32ئەتمىش.  
   نادانلىقنىڭ چۆلىدە بى ھۈنەرلەر بولدىلەر سەرسان،
ئۇشۇل تارىخ گۇۋاھتۇر ھەم ئۇنىڭ يولىن يامان ئەتمىش.  
بىلىم ئەھلى ئۇلۇغدۇر ھۆرمىتى چوڭ ئەل-ۋەتەن ئىچرە،
ئىلىم- ھىكمەت يۇلىدا ئەجرى قىلغانغا ئاسان ئەتمىش.
قىلاي دىسەم سۆزۈم كۆپ، ئەتىۋارى يوق بۇ مىللەتنىڭ،
  ئادالەتكە ئورۇن يوق ئېركىمىز نە زەپىران33ئەتمىش.
  ئۈمۈت بىرلە ياشايدۇ ئاقىلانلار يەتسە ھەم كۈلپەت،  
كى ھىممەتسىز كىشىلەر سۇبھى تاڭغا دەر گۇمان ئەتمىش.  
  ئامال ئىزلە قۇتۇلغىن بۇ نادانلىق چۆلىدە يۈرمە،  
  يېڭى پەنگە قەدەم قوي ئابدۇراخمان دەپ تامام ئەتمىش.   
  1935-يىلى 2-    ئاي        
   ***        ***            ***              
  خۇداغا ھەمدۇلەر34بولسۇن ئەجەپ قۇتلۇق زامان كەلدى،   
  زابانسىز بىناۋالەرگە بولۇپ يار خۇش زابان كەلدى.
   پىغان چەككەن بۇ مىللەتنىڭ بىمارىغا شىپا ئىزلەپ،
قۇمۇل ، تۇرپان دىيارىدىن يېنىپ يالقۇن نىشان كەلدى.                                                                  
   زۇلۇمغا قارشى ئوت ئاچتى ، دېھقانلار قوزغۇلۇپ ھەر ياق،
قولىدا نەيزە، كالتەكلەر ئۇرۇپ دۈشمەننى شان كەلدى.
غەپلەت بۆشىكىدە ئۇخلاپ ، زىمىستان قەھرىدە مۇزلاپ،
مادارىدىن جۇدا بولغان بۇ مىللەتكە ئامان كەلدى.
جاھالەتكە بىرىپ خاتەم ئېچىلدى لالە-رەيھانلار،
ئىلىم-ئىرپانسىرى دادىل ماڭارغا يول راۋان بولدى.
  ئىلىڭگە مەدھىيلەر سۇنغىن يېزىپ ئەشئار شۇ دەۋراندا،
شۇ تاپتا ئابدۇراخمانغا بولۇپ يار شادىمان كەلدى.  
1935-يىلى2-ئاي   

    ***       ***        ***         

  مەرىپەتنىڭ ئاشىقى ئول پاسىبان35كەتتى قايان.
شان-شەرەپنىڭ ساھىبى ئول جانىجان كەتتى قايان.                                                                                       
   بىلمىدىم ئەھۋال نىچۈك ھاڭ-تاڭدا قالدىم بىخەۋەر،               
  يوق ئۇچۇر ئۇندىن يەنە ئول مىھرىبان كەتتى قايان.                                                                                                
زاھىرى36ھەم باتىنى37گۆھەر سۈپەت شۇڭقار ئىدى،                        
خىسلىتى ئالەمشۇمۇل ئول قەدىردان كەتتى قايان.                                                                                                
قەھرىتان-سوغ، جۇت- بۇرانلار كار قىلالمايتى ئاڭا،                        
تەڭدىشى يوق گاڭ ئىرادە، قەھرىمان كەتتى قايان.                                                                                                
ناتىقى ئۆتكۈر زابانى ئەھلى غەيۇر38نامى پاك،                        
مەرىپەتنىڭ كۈيچىسى ئول باغىبان كەتتى قايان.                                                                                                  
مىللىتىمنىڭ دەردىگە دىلكەش بۇلۇپ ئىزلەپ شىپا،                  
سۈپىتى خەيرۇلبەشەر39ئول نەۋقىران كەتتى قايان.                                                                                                
  بەستىدۇر قارىغاي سۈپەت سۇلماس ئەبەتكە ياشىرىپ،                     
نامى ئۆچمەس شانى ئۇلۇغ پەھلىۋان كەتتى قايان.                                                                                                   
تەربىيەتچىم ، سىردىشىم قابىل تالانتلىق ماھىرىم،                  
مىسلى يوق ئىرپان خۇمارى ، ئاقىلان كەتتى قايان.                                                                                                   
مىللىتىمگە سىڭدۈرۈپ ئەجىرىمنى ئۆلسەم رازىمەن                    
دەپ، قەسەميات ئەيلىگەن ئول شانى-شان كەتتى قايان.                                                                                             
ئابدۇراخمان چۆكمە غەمگە ، ھىممىتىڭنى يار قىل،                     
ھەم داۋاملا ئەل ئىشىنى غالىبان40كەتتى قايان.                                                           
1937-يىلى 5- ئاي                        

***        ***            ***                           
نىمە بولدى بۇدەۋران، كەتتى قۇتراپ غەيرىلەر شۇ دەم.               
كۆڭۈلگە بىئاراملىق نالە-ئەپغان41يەتتىلەر شۇدەم.                                                                                                
قىلىپ مىكرى42شاياتۇن ئەھلى مىللەتكە قىلىبان قەست،              
تۇمان قاپلاپ دىيارنى يەنە دىشۋار43كەلدىلەر شۇ دەم.                                                                                               
بولۇپ ئۈلپەت زامانغا، مەدھىيە سۇنغان ئىدىم بىر پەس،                  
نە بولدى قان ئىچەرلەر نەۋ باھارنى بۇزدىلەر شۇ دەم.                                                                                                
قىلىبان بىز جىھاتلەر ، قولغا كەلتۈرگەن ئىدۇق ھۈرلۈك،            
كى بىر جاللات بۇ ئەلنى خانۇ-ۋەيران ئەتتىلەر شۇ دەم.                                                                                          
قىسىلدى سۆزنى ئاشكارە قىلالماي ئابدۇراخمانمۇ،                     
خۇداغا ئىلتىجا ئەيلەپ ئۈمۈتۋار بولدىلەر شۇ دەم.                                                   
1937-يىلى 7-ئاي                                    

***        ***        ***                                 
ياش ئىدىم ، شائىر ئىدىم ، چىققان تىلىم شۇ دەۋرىدە،
تاڭ ئېتىپ كۈلگەن ئىدىم ئاز بىر مەھەل نۇر تەپتىدە.                                                                                          
ھاۋانى باستى تۇمان ، كۈن نۇرىنى ياپتى مانا،                          
چىقتى غالجىر ئىت ، چايانلار ھوۋلۇشۇپ قۇتراپ يانا.                                                                                             
نىمە بولدى بۇ زامان ئۆرگۈلدى دەۋران باشقىچە،                        
غەمگەچۈمدى قايتىدىن يىغلاپ قېرى ھەم ياشقىچە.                                             
1937-يىلى 8- ئاي                                                                                                                              
- 1988-يىلى سىنتەبىر،   ئاتۇش
   ئىزاھات                                        
  ①بۇ مەدىرىسەنى ئۇز زامانىسىدىكى ئوڭ ئېرىقلىق باي مال تۇداجى دىگەن كىشى سالدۇرغان بولۇپ، ئەنجانلىق مۇھەممەت ئىمىن (سۇپىزادە)،موللا ئابلىز دامۇللا قاتارلىقلار مۇدەرىسلىك قىلغان.           
      ②  خۇش زابان---خۇش ئاۋاز،                                    
③مەجىددىن ئەپەندى مۇھەممەت ئەلى ئەپەندىنىڭ تۈركىيەدىن بىللە كەلگەن دوستى بولۇپ ، 1934-يىلىدىن باشلاپ تۇرغۇنجان بايۋەچچە بىلەن بىرلىكتە ، قەشقەر نوبېشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئاساسلىق يىتەكچىلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەن پائالىيەتچان، تۆھپىكار مائارىپچى.        ④بۇ 40 نەپەر ئىزچى ئاتۇش مەشھەدتىن  يار مۇھەممەت ،   قۇربان ئبىراھىم  ،   مىر ئەھمەد سىيىت،   سۇلتان مامۇت ، قۇربان جاپپار ،مۇھەممەت قۇربان  ،ناسىر سەتەڭ ،   ئابدۇلۋارىس،   توختى بەگ، خېلىل قاۋۇل،        زۇنۇن ئاخۇن،  نۇر مۇھەممەت،        داموللا ئابدۇقادىر، سەلەي مەھمۇدى،       مۇھەممەت ھېلىم،   ياسىن ھۈسەن،   ئابلىز قادىر،  ئابدۇرىشىت تۇردى،  رېھىم گاگا،   ئەھمەد ئىبىراھىم،   ئابدۇ خالىق،  ساۋۇت ياقۇپ ھاجى،  ئابلەھەت، ئىمىن ئلىياس، قاسىمجان،        مۇھەممەت جاناي، ئابلەھەت بوب، ئازغاندىن    ئابدۇراخمان سەلەي،  ئابلا ئاكا،  تەختىيۈندىن  ئابلىكىم سەلەي، ئوڭئېرىقىتىن پاشا، تىجەندىن   ئابلەھەت،   ئابلەھەت كىچىك،    تۆكۈلدىن  غوجئاخۇن، سۇنتاغدىن    ئەيسا نورۇز، بويامەتتىن ئابدۇكىرەم مەھمۇدى، ئارغۇدىن     ئابباس قۇربان،        ۋاقۋاقتىن ھابىل مەنسۇر، تېتىردىن     مىجىت كامال، بۆگەندىن ئۆمەر سەلەي قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.                                                      

⑤بەھەمدۇللا---ئاللاغا ھەمدۇ ئېيتىش.                           
⑥زوھۇر---كۆرۈنۈش، پ                                             
⑦زەھى---تېخى،ئەجەپمۇ،راستىنلا ھەقىقى،چىن.                        
⑧روزىگار---  تىرىكچىلىك.                                             
⑨شادىبار---شاتلىققا تولۇش، خوش بۇلۇش.                          
⑩نەھار   ---كۈندۈز ، يۇرۇقلۇق.                                       
11نىسار---چاچقۇ ، چېچىش ، باشدىن ئۆرۈش،                           
12مۇجاھىت---جىھات قىلغۇچى.                                    
13ۋەسپى---تەرىپلەش، مەدھىلەش.                                 
14خادىم---خىزمەتكار، مۇلازىم، مالاي.                                 
15سانا--- ماختاش، مەدھىلەش.                                      
16خالىق--- ياراتقۇچى، خەلق ئەتكۈچى.                              
17ئەدەم---يوقلۇق،نابۇت،ئۆلۈم.                                       
18مەردۇد---قوغلانغان، رەت قىلىنغان، شەيتان                 
19مۇستافا--تاللانغان، ئىسىل، پاك. مەخسۇت---مەخسەت، تىلەك   
20سۇخەندان---شىرىن سۆزلۈك ،گەپدان، ناتىق.      
21جۈملىمىزنى---بارچىمىزنى، ھەممىمىزنى.                        
22پەرۋانە---شام،چىراق ئەتىراپىدا ئايلىنىدىغان كىپىنە            
23 نەدىندۇر--- سەۋەپ نىمەدۇر.                                    
24رەھمان---ياراتقۇچى، ئاللاھنىڭ بىر ئىسمى.                  
25رەھىم--- ئاللانىڭ بىر ئىسمى.                                    
26يازەلجالال---  ئۇلۇغلۇق ئىگىسى، قۇدىرەتلىك.                  
  27تەرەھھۇم---رەھىم قىلماق.                                       
28ھۆر-غىلمان---جەننەتنىڭ ھۆرلىرى.                           
29لاماكان---    ۋەتەنسىز، ماكانى يوق.                              
30پۇجۇر ---گۇنا، يامان ئىش.                                          
31بىزابان---تىلسىزلىق، زۇۋانسىز.                                 
32ئاشىيان---ئۆي-جاي،ماكان ،ۋەتەن.                           
  33زەپىران---سارغايماق،                                             
  34ھەمدۇ---ئاللاغا شۈكۈرلەر ئېيتماق.                                 
35پاسىبان---  مۇئاپىزەت قىلغۇچى،قاراۋۇل.                        
36زاھىرى---كۆرۈنىش، تۇرقى                                      
37باتىنى---ئىچكى دۇنياسى، كۆڭلى، دىلى.                        
38غەيۇر---   قورقماس ، باتۇر،غەيرەتلىك.                             
39خەيرۇلبەشەر--خۇش-خەۋەربەرگۈچى، كىشىلەرنىڭ ياخشىس         
40نالە-ئەپغان---پىغان چەكمەك.                                       
41غالىبان---غالىپ ، يەڭگۈچى.                                    
42مىكرى---ھىلى-مىكىر، قاپقان.                                   
43دىشۋار---ئېغىر كۈن، ئازار-كۈلپەت.                                                      

   (تامام)                                          
ئاپتۇر سابىق ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئارامغا چىقىپ(1920--1991-10-18-   كۈنى) ئالەمدىن ئۆتكەن.                     
  نەشىرگە تەييارلىغۇچى:                                                                 
  قۇربان مىر ئەھمەد ھاجى                           
ئاتۇش شەھەرلىك رادىئو-تىلىۋىزىيە ئىدارىسى دىكتورلار بۆلىمى                                                                                      

aaot=oghuztigin=和平之子

37

تېما

5

دوست

7770

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10330
يازما سانى: 382
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1486
تۆھپە : 1355
توردىكى ۋاقتى: 271
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 17:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇقادىر داموللام دېگەن ئىدى ئۆگۇتنى،
ئاتىغانتى ھاياتىنى ئىلىم -ئىرفان چېچىشنى .
ئويلا ئەزىز دوستلارىم بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ،
تىڭشىغايسىز ھەدىستىن "مۇسلىم ۋە مۇسلىمەتىم" نى.
-----ئوغۇزتىگىن رۇبائىيلىرى‘دىن بىر كۇبلىت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

5

دوست

1302

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 17:59:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى بىلمگەن مىللەت ئۈزىنىڭ كەلگۈسنى يارىتالمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

320

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 82
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-28 20:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن.

1

تېما

11

دوست

1053

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27059
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 10:17:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ ھەممە دىمەك ! ...........................

1

تېما

11

دوست

1053

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   5.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27059
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 10:21:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
  قان كىچىپ ھەم جان بىرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.
يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزىڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز.
  يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شۆھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.
ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بىتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.  
چىقى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن مىڭ ياشىسۇن گۈزەل ئىستىقىبالىمىز.   



ئىسىل

0

تېما

0

دوست

1080

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-29 22:33:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، بولسا مائارىپ توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرىلەر كۆپ بولسا...

ana tilim maggu yokalmaydu

0

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1792
تۆھپە : 3031
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز،ئەجرىڭىزگە رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )