رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ (يۇپۇرغا ناھىيە 3-ئوتتۇرا مەكتەپ) ئاددىغىنە بىر بالىلار باغچىسى.ئوقۇتقۇچى يىڭىدىن باغچىغا كىرگەن بالىلارنى باغچا كىتاپخانسىغا باشلاپ كىردى.بالىلار گىلەم ئۈستىگە ئەركىن ئولتۇرىۋالغاندىنكىيىن، ئۇلارنىڭ كىشلىك ھاياتىدىكى تۇنجى دەرس باشلاندى.باغچا كىتاپخانىسىنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى«كىچىك دوستلار،سىلەرگە ھىكايە ئىيىتىپ بەرسەم قانداق »دىۋىدى «بولىدۇ!»دەپ بىردەك جاۋاپ بىرىشتى بالىلار. ئوقۇتقۇچى كىتاپ ئىشكاپىدىن بىر كىتاپنى ئىلىپ ئاددى بىر بالىلار چۆچىكىنى ناھايىتى قىزىقارلىق قىلىپ ئىيتىپ بەردى. ئوقۇتقۇچى چۆچەكنى ئىيىتىپ بولغاندىن كىيىن:- ئوماق بالىلار ، مەن سىلەرگە مۇشۇ كىتاپتىكى بىر چۆچەكنى ئىيىتىپ بەردىم، بۇ كىتاپنى بىر يازغۇچى يازغان،سىلەرمۇ چوڭ بولغاندا مۇشۇنداق كىتاپ يازالايدىغان بولىسىلەر،- دىدى. ئوقۇتقۇچى سەل توختىۋىلىپ : -قايسى كىچىك دوسىت كۆپچىللىككە بىر ھىكايە ئىيىتىپ بىرىدۇ؟-دەپ سورىدى.بىر كىچىك دوسىت دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ :-مەن ھىكايە ئىيىتىپ بىرەي ،مىنىڭ دادام،ئاپام بار، يەنە مەن بار،-دىدى بالىلارغا خاس ئاۋازى بىلەن.ئوقۇتقۇچى بۇ قۇلاشمىغان ھىكايىنى ئەستايىدىللىق بىلەن رەتلىك يىزىۋالدى. -ئەمدى قايسىڭلار بۇ ھىكايىگە قىستۇرما رەسىم سىزىپ بىرىسلەر؟دەپ سورىدى ئوقۇتقۇچى.يەنە بىر كىچىك دوست «دادا،ئاپا،مەن»نى سىزىپ چىقىتى.بۇ رەسىملەر ئەلۋەتتە رەسىمىگە ئوخشىمايتى.ئەمما ئوقۇتقۇچى بۇ رەسىمىنى ھىلىقى ھىكايىنىڭ كەينىگە چاپلىدى.ئاندىن نەپىس قەغەز بىلەن ھىكايىنى مۇقاۋىلاپ كىتاپ قىلدى. مۇقاۋىغا ئاپتۇرنىڭ ئىسمى،قستۇرما رەسىمىنى سىزغۇچىنىڭ ئىسمىنى،«نەشىر قىلىنغان»يىل،ئاي،كۈننى يازدى.ئوقۇتقۇچى بۇ «كىتاپ»نى ئىگىز كۆتۇرۇپ :-بالىلار ، مانا بۇ سىلەر يازغان تۇنجى كىتاپ.بالىلارنىڭ يىزىشى قىيىن ئەمەس.سىلەر تىخى كىچىك بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن مۇشۇنداق كىچىك كىتابلارنىلا يازالايسىلەر.چوڭ بولغاندا تىخىمۇ چوڭ كىتابلارنى يازالايدىغان ئۇلۇغ كىشلەردىن بولىسلەر-دىدى. بالىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى دەرسى ئاخىرلاشتى.بۇ ئارقىلىق بالىلارغا تۇيدۇرمايلا مەلۇم نەرسە«سىڭدۇرلدى».بۇ خىل «سىڭدۇرۇش»نىڭ ئەھمىيىتگە ھەرگىز سەل قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ خىل سىڭدۇرۇش دەل ئوقۇتقۇچىنىڭ تەشكىللەش روھىنىڭ ئۈستۈنلىكدىن ئىجاتچانلىق روھىنىڭ ئۆزگىچلىكىدىن ۋە بالىلار پىسخىكىسىغا بۆسۈپ كىرىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرلىقى بىلەن روياپقا چىقتى. مىنىڭ نەزىرىمدىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىدىغان ئورۇن بولۇپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلار ئەركىنلىكىنى،ئازادىلىكىنى،شوخلۇقنى يىتىلدۈرىدىغان جاي، ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا تىكىست ئوقۇۋاتقان،مەكتەپ رادىئوسىدىن جۇشقۇن بالىلار ناخشىللىرى جارڭلاپ تۇرغان،ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ تازلىق قىلىنىۋاتقان، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرخىل تىمىدىكى سۆھبەت،تالاش-تارتىشلىرى قايناپ كەتكەن ، شەكىلگە ئايلانمىغان ھەرخىل پائالىيەتلەر كۈندە قانات يىيىپ تۇرغان، ھەرخىل كۈرجىك پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتى، ئىقىدارى قېزىپ تۇرۇلغان بولسا ئاندىن مەكتەپكە ئوخشايدۇ.چۈنكى مەكتەپ تىپتىنىچلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان مەسچىت ياكى چىركاۋ ۋە ياكى كىشىنى شۈركەندۇرىدىغان تىمتاس قەبرىستانلىق ئەمەس.مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شادىمان كۈلكە ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرسا ،ھەرخىل رىقابەت تۈسىدىكى مۇسابىقە پائاليەتلىرى ئۆتكۈزۈلۇپ تۇرسا مەكتەپنىڭ جەلىپقىلارلىق كۈچى ئاشىدۇ. ئەگەر ئەشۇنداق پائالىيەتلەر جانلىنىپ،جۇش ئورۇپ تۇرمىسا ئۇ مەكتەپكە ئوخشىماي قالىدۇ. چۈنكى ئىش- پائالىيەتسىز مەكتەپنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىنسىزدۇر.مەن مۇنداق قۇرلارنى ئوقىغان«ئەگەر سۇ كۆپ بولۇپ ئۇنىڭدا بىلىق بولمىسا مەن ئۇنىڭ سۇ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن،ئەگەر ھاۋا كۆپ ھەم ئوچۇق بولۇپ ئۇنىڭدا پەرۋاز قىلىدىغان قارلىغاچقلار بولمىسا مەن ئۇنىڭ ئاسمان ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.» ئەمدى مەن دەيمەنكى مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلار كۆپ بولۇپ ئۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاد كۈلكە ئاۋازى،ھەرخىل پائالىيەتلىرى قانات يىيىپ تۇرمىسا مەن ئۇنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن... مەكتەپ مائارىپى جانلىق«دارامما»بولۇپ ئوقۇغۇچىلار داراممىنىڭ تاماشىبىنى بولماستىن،بەلكى ئارتىستۇر.ئوقۇتقۇچى دارممىدا « رىژىسورنىڭ» رولىنى ئىلىشى كىرەك. «رىژىسورنىڭ» مەسئۇلىيىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز-ئۆزىنى تەربىيلەيدىغان مۇھىت يارتىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىن ئىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۇسۇلى جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلاردا ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىقتىدار يىتىلدۈرۈشتىن ئىبارەت. مەن ئىلگىرى ئىشلىگەن يىزا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلار باللارنىڭ ھەرخىل پااليىتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشاتتى ، رادىئو ئۇزىلىدا ئۆز ناخشللىرىنى ئۈنگە ئىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا سۇناتتى.يازغۇچى يۈسۈپچان ياسىن ئەپەندىنىڭ ھاراق توغرىسىدىكى ھىكايىسىنى ئاۋازغا ئىلىپ رادىئو دىراممىسى قىلىپ ئىشلىگەندىمۇ ئوقۇتقۇچىلار ھىكايىدىكى روللارغا تالىشىپ ئاۋاز بەرگەن ئىدى.ئەمما خىزمىتىم ناھىيەگە ئالماشقاندىنكىيىنكى مەكتەپ ھاياتىمدا«ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن»دەيدىغان مۇنداق قىزغىنلىققا تولغان مەنزىرىنى ئۇچىرتىشىم تەسكە توختىدى.ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى قىزغىن رۇھ باشقىلار ئالدىراپ تۇسىۋالغىلى بولمايدىغان غايات زور ھەركەتلەندۇرگۈچ كۈچتۇر.مەن تونۇيدىغان بىر قانچە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇلاردىكى بالا ئوقۇتۇش بولۇپمۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش روھى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ھازىرغىچە باشقىلار ئۇلارنىڭ بۇ روھىنى تۇسۇپ قالالىغان ئەمەس،چۈنكى ئۇلار بىركىم ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ شۇنچلىق قىزقارلىق پائالىيەتلەرنى،باشلىقلار ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ ئۆز ئالدىغا ھەرخىل مۇسابىقە ئويۇنلارنى تەشكىللەيتى،بۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوق ئىدى.ئۇلار بولمىسا مەكتەپ سۈكىناتقا چۆكەتتى،ئۇلاردىكى تەشكىللەش روھى بالىلار مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتى دەل ئۇيۇن ئىچىدە يىتىلىدىغان،پائالىيتچانلىققا تولغان مەزگىل. ئەگەر بۇ پائالىيەتچانلىق ياخشى يىتەكلىنىپ تەربىيەلەنسە ئوقۇغۇچىلاردىكى ئاكتىپ ئامىللارنى دەل ۋاقىتىدا قىزىۋالغىلى بولىدۇ،ئەگەر بالىلارنىڭ بۇ خىل ئاكتىپچانلىقغا ۋە قىزغىنلىقغا سۇس قارالسا، توغرا يىتەكلەش بولمىسا بالىلار بۇ قىزغىنلىقلىرىنى ناچار ئويۇنلارغا ۋە جايلارغا سەرىپ قىلىدۇ،ئۇ چاغدا بىز ئۇلارنى بولمىغۇر ئۇيۇنلاردىن،سەلبى ئورۇنلاردىن تۇتۇپ كىلىشكە مەجبۇر بولىمىز.مەن تونىيدىغان بىر خانىمنىڭ ئىككى قىزى بىر مەكتەپتە ئوقۇيتى.مەكتەپ سىنىپلارنى ئاساس قىلىپ بالىلار بايرىمىلىق پائالىيەت تەييارلغان بولۇپ كەچتە ئاچىسى سىڭلىسىدىن نىمە پائالىيەت تەييارلىغانلىقىنى سورىغاندا سىڭلىسى قەتئى دەپ بەرمىگەن،ئانىسى«ئاچىڭىز مۇنداقلا سوراپ باقىتى،نىمىشقا دەپ بەرمەيسىز» دىگەندە سىڭلىسى «ئۇ بىزنىڭ نۇمۇرىنى دوراپ ئۈگىنىۋالسا قانداق قىلىمەن» دىگەن.دىمەك مەكتەپ ئىچىدە ئىلىپ بىرىلغان پائالىيەتنىڭ بالىلار ئۈچۈن رىقابەت قارىشى تىكلەيدىغان ،ئەقىل يىتىلدۈرىدىغان كۆپ تەرەپلىمە ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەيەنلەشتۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر. «مۇنداقچە قىلىپ ئيىتىقاندا، مەكتەپ تەبىئەتنىڭ تىنىقىنى ئاڭلىغىلى، رەڭگىنى كۆرگىلى ۋە شەكلىنى قىياس قىلغىلى،ياشاشنىڭ مەنىسىنى ئويلىغىلى ۋە ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ جۇشقۇنلىقىنى ھىس قىلغىلى بولىدىغان جايغا ئايلىنىش كىرەك. مانا مۇشۇ خىلدىكى مەكتەپلەردىلا بالىلار تەبىئەت ،جەمئيىەت ۋە ئائىلىدىن ئىبارەت كۆپ خىل مۇھىتىنىڭ ئەۋزەلللىكلىرىنى ۋە ھاياتى كۈچنى مەكتەپ تەمىنلىگەن پائالىيەتلەر ئارقىلىق ھىس قىللايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بوشلۇقىنى ئەڭ زور مۈمكىنچىلىتە تارايتالايدۇ.» «مەكتەپ شۇنداق ئۇرۇن بۇلىشى كىرەككى ، خىلمۇخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچنى ھەرۋاقىت بىلدۇرۇپ تۇرىشى كىرەك.» ئەمسىە مەكتەپ قانداق قىلغاندا بالىلارغا ئۆزىنى ھاياتى كۈچىنى ھىس قىلدۇرالايدۇ؟ئىنىقكى ھاياتى كۈچ تۇرغانلىقتا ئەمەس .بەلكى ئىجادى كۈچكە، يىڭىلىققا باي پائالىيەتلەر ئارقىلىق مەيدانغا كىلىدۇ.ئەگەر مەكتەپ بىلىم بىرىشنىلا ئاساس قىلغان «قورو»غا ئايلىنىپ قالسا ھەرقانداق ئادەم ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارمۇ مەكتەپنىڭ ھاياتى كۈچىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ.مەكتەپتىكى دەل مۇشۇنداق ھاياتى كۈچ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەشكىللەش يىتەكلەش رولى ئارقىلىق ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ.ئەگەر بىر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلاردا ھەرخىل پائالىيەتلەرگە تەشكىللىيەلەيدىغان روھى بولمىسا ھىچ بولمىغاندا ئۆزى بىر قانچە قېتىم ئۈلگە قىلىپ بىرەلەيدىغان قابىلىيەت بولمىسا بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆمىدسزلەندۇرۇپ قويىمىز.چۈنكى بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە كەم- كۈتىسىز،ھەممە ئىشىنى قىللايدىغان،بىلمەيدىغنى يۇق ئادەملەرمىز.مەكتەپ پۈتكۇل ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى، ئەقىلى ۋە ھىسيات تۇرمۇشىنىڭ مۇكەممەلىشىشى، خاراكتىر يىتىلدۇرۇش قاتارلىق ئالاھدىلىكلەرنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندا ، ئىنتىزام بىلەن كونتۇرۇل قىلىنىدىغان ۋە چەكلەنگەن رايۇنلارغا تولغان بوشلۇق ئەمەس بەلكى ھاياتلىقىنىڭ رىتىمىنى ھىس قىلغىلى ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمەن بولغىلى بۇلىدىغان جايغا ئايلىنىدۇ. بىزنىڭ ئادەتلەنگەن كۆز قارىشىمز بۇيىنچە ئىيىتقاندا مەكتەپتىكى ئوقۇتۇش نىسپەتەن ئاددى ، دەرسىلىك كىتاپتى مەزمۇنلارنى سۆزلەپ چۈشەندۇرۇش، تاپشۇرۇق بىرىش ،سىناق ئىلىش،چاراكلىك ئىمتىھان، مەۋسۇملۇق ئمتىھان ... ۋھاكازلار.ئوقۇتۇشىنىڭ ھەربىر سىكۇنت ، مىنۇت ۋە سائەتلىرى مانا مۇشۇ خىل جەرياننى ئوق قىلىپ ئايلىنىدۇ.ئوقۇتۇشتىكى قىلىپلىشىپ كەتكەن بۇ خىل تەكرالىق ھەرقانداق چىداملىق ئوقۇتقۇچىنىمۇ ۋە تىرشچان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ناھايتى ئاسانلا ھاردۇرۇپ قۇيىدۇ.ھەتتا زىرىكىكىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.بىز تاكى ھازىرغىچە ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىتىن كۈتىدىغان پۈتكۈل ئۆمۇدىمىزنى يۇقىرىقى چەمبەرسىمان ئايلىنىشىنىڭ ھەر بىر ھالقسنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىشقا باغلاپ كەلدۇق.نەتىجىدە ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەن مەكتەپ مەركەزچىلىكىدىكى مائارىپ ئىدىيىسىن قوغداپ قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشتۇق.ئەمەلىيىتتە بىز شۇنى كۆردۇقكى ، ئۇقۇغۇچىلار قارماققا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىگەندەك قىلغىنى بىلەن،بۇ بىلىملەرنىڭ ئۇلارنىڭ كالىسىدا دۈۋىلىنپ قالدى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقى رېئالىقىدىن ياتلاشتى.تېخمۇ يامىنى،نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلار بىلىمنڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارىنى بارغانسىرى يۇقتىۋاتدۇ.قەدىمدىن تارتىپ ئادەمنىڭ ئۈزىگە تونۇتىدىغان كۈچ دەپ قارىلىدىغان بىلىم ئەمدىلىكتە بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسدا ھاياتىي كۈچىنى يۇقاتقان سۈنئىي نەرسىلەرگە ئايلىنىشقا باشلىدى.بالىلارنى مەركەز قىلىشتەك مائارىپ ئىدىيىسى بىزدىن مەكتەپنڭ ھەربىر پائالىيىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى چىقىش قىلىشنى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەر بىر ئاۋازىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى ئاۋازغا ئايلىنىشنى ۋە مەكتەپتىكى ھەر بىر يىڭىلىقنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي تەلىپىنڭ ئىپادىسى بۇلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.چۈنكى، بالىلارسىز مائارىپ مەۋجۇت بولمىغىنىدەك،بالىلارنى مەركەز قىلمىغان مائارىپمۇ مەڭگۈ ھەقىقىي مائارىپ بولالمايدۇ.بىزنىڭ ئىلگىرىكى مائارىپ ئىدىيمىزدە ئوقۇتقۇچى ئامىلى ئىزچىل تەكىتلىنپ كەلدى.پەقەت ئوقۇتقۇچى ئامىلى چىڭ تۇتۇلسىلا مائارىپنى ياخشىلاپ كەتكىلى بۇلىدۇ،دېگەن قاراش مائارىپىمىزغا ئۈمىد باغلىغان كىشلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بۇلۇپ قالدى.نەتىجدە، ئىلغار ۋە ئۈلگىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇلىلىرى،پايدىلىنش ماتىرياللىرى قاتارلىقلاردا يېڭىلاش ئىلىپ بارغانسىرى ئوقۇتۇشنڭ ئۈنۈمى مائارىپ ئەمەلىيىتى ۋە پائالىيەتلىرى بىزنى شۇنىڭغا چۇڭقۇر ئىشەندۈرگەنكى،مائارىپ ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىدىغان جەرياندۇر.مەكتەپنىڭ پۈتكۈل پائالىيتىنڭ ۋە رۇلىنىڭ بىلىم بېرىش ۋە بىلىم ئېلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن كىچىك دائىرىگە تارايتىلىشى مەكتەپ مەركەزچىلىكىدىكى مائارىپنڭ ئەجەللىك ئىللىتىدۇر.مەيلى غەرىپنڭ ياكى ئۆزىمىزنىڭ ئىلغار دەپ قارالغان مائارىپ ئۇتۇقلىرى شۇنى تەكرار ئىسپاتلىماقتىكى، مائارىپ بىلىم بېرىدىغان جەريان ئەمەس،بەلكى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىمنى قانداق ئېلىشنى ئۆگىتىدىغان ئەقەلىي پائالىيەت جەريانىدۇر.شۇنداق ئىكەن بىز بۇ ئەقلى جەرياننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئىچىشىمىز كىرەك.»دەل مۇشۇ ئۇسۇلغا جىددى تەقەززا بولىۋاتقان ۋاقتىمىزدا مائارىپ ئارقىلىق نان ۋە قانغا ئىگە بولىۋاتقان كەسىپداشلىرىمىزدا تەشكىللەش، پائالىيەتچانلىق روھى سۇسلاشقا باشلاۋاتىدۇ.... بىر چاغلاردا مەكتەپلەردە تۈرلۈك پائالىيەتلەر قانات يىيىپ ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قايتىپ كەلگۈسى كەلمەيتى.بۇ خىل ياخشى ۋەزىيەت نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى زۇۋاللىقا قاراپ يۈزلەندى.بەزى مەكتەپلەردە قىسمەن پائالىيەتلەر شەكىلگە ئايلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشلا بار قالغانلىرى ئويلىشلمىغاچقا يەنى ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆتكۈزلگەچكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇسسىغان يىرىگە بارلمىدى.بەزى مەكتەپلەردە پائالىيەت تەشكىللەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىنى تۈرلۈك ساختا يازمىلار،قۇرۇق شەكىلگە ئايلىنىش بىلەن تامامالىنىدىغان ۋەزىپە،يۈكلەر ئىگەللىۋىلىنغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ بىرىش ئۇلارنىڭ قۇلىقغا خوش ياقمايدىغان بولدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە تەنتەربىيە، گۈزەل- سەنئەت،ئۇنىۋىرسال ئەمەلىيەت قاتارلىق بالىلار تۇرمىشىغا ئەڭ يىقىن پەنلەرگە بولغان قاراش تا ھازىرغىچە يۈزەكى،بىر تەرەپلىمە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.يىقىندا مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى قىسمەن جايلاردا 2-دەرىسىخانا پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەقىقىي ئىھتىياجى قاندۇرلمىغان ، تۈرلۈك پائالىيەت مەكتەپ كالنىدارىغا كىرگۈزۈلسىمۇ دەل ۋاقىتىدا ئىلىپ بىرىلمىغان ئەھۋاللارنى كۆزدە تۈتۈپ ھەركۈنى 2-سائەتلىك دەرستىن كىيىن ۋە مەكتەپتىن قايتىشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا 30 مىنۇتتىن تەنتەربىيە،گۈزەل-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى. ئىلگىرى كىشلەر تەشكىلەش ئىقدارىغا ئىگە كىشلەرنى ئەپەندىم، مۇئەللىم دەپ قارىغان.مائارىپ ئاسمىنىدا چاقنىغان يولتۇزلاردىن ئابدۇقادىر دامۇللام ،مەمتېلى ئەپەندى،رابىيە خانىم قاتارلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ يۈكسەك پائالىيەتچانلىقى بىلەن تارىخ بىتىگە ئۆچمەس،ئۆلمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ ئىلىم تارقىتىپ ئەلگە تونۇلغان. مائارىپ بايراقدارلىرىمىزدىكى ئەشۇ ئىسېل روھىنىڭ ھازىر مەيلى مەكتەپلىرىمىزدە بولسۇن مەيلى ئوقۇتقۇچىللىرىمىزدا بولسۇن سۇسلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىمىز. ئەلۋەتتە ياخشى مەكتەپ كەيپىياتى ئوقۇتقۇچىلار چۇشقۇنلىقىنىڭ، ئەقلى ئىقدارىنىڭ نامايەندىسى. بىز ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرلىرى بولغاندىكىيىن بىزنىڭ بارلىق ئىشلىرىمىز روھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.ئادەمدە كۈچلۈك روھ بولمىسا ئۇ ئۆلگەن بىلەن باراۋەردۇر.چۈنكى بارلىق پائالىيەتلىرىمىز دەل جۇشقۇن، قىزغىن روھىمىز كونتۇرۇل قىلىدۇ. كىچىك چاغلىرىمدا مۇمامدىن ئاسماندىن يۇلتۇزنىڭ ساقىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سورىسام:«ھەر بىر ئادەمىنىڭ ئاسماندا بىردىن يۇلتۇزى بولىدۇ،سارقىغان شۇ يۇلتۇز بىر ئادەمىنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقانلىقىنى بىلىدۇرىدۇ»دەيدىغىنى ھازرىغىچە ماڭا تەسىر قىلغان ئىدى.كاللامدىن چىقمايدىغىنى بىر قەرەنە قىسقا بۇ ھاياتتا ئەشۇ يۇلتۇزلارنىڭ بىھۇدە سارقىپ كىتىشى ئىدى.ئەگەر بىزنىڭ روھىمىزدىكى پائالىيەتچانلىق، ئۈلگە بولۇش روھى سارقىپ كەتسە بىز ئېتى ئۇلۇغ،سۇپۇرىسى قۇرۇق رامكا ئوقۇتقۇچىغا ئايلىنىپ قالىمىز.روھىيەت ئاسمىنىدىكى بۇ يۇرۇق يۇلتۇز ھەرگىز سارقىپ كەتمىسۇن.ئۇ سارقىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،ئەگەر شۇنداق بولۇپ سارقىغان يۇلتۇزدەك يەرگە چۈشۈپ كەتسىلا بىزلا ئەمەس بىز دىلغا يورۇقلۇق تارقىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەشۇ غايەت زور كىرەكسىز «مىترويىد » تاش ئاستىدا قېلىپ ئەڭ چوڭ زىيانلانغۇچى بولۇپ قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە كۈنلۈك بۇ ئالەمدە يۇلتۇرزدەك چاقناپ تۇرماق،روھىيەت ئاسمىنىمىزدىن ئازغىنە بولسىمۇ نۇر-زىيا چاچمىقىمىز تولىمۇ زۆرۈر.بىز ۋۇجۇدىمىزدىكى پائالىيەتچانلىق،تەشكىللەش ،ئەڭ مۇھىمى ئۆز قانداشلرىمىنىڭ كەلگۈسىگە ئىگە بولۇپ كۆيۈنىشتىن ئىبارەت بۇ ئىسىل روھىنى يۇلتۇز كەبى چاقنىتىپ تۇرالىساق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قاراڭغۇلۇقتىكى يولى داغدام ۋە راۋان بولىدۇ.ئەگەر ھاياتلىق ئاسمنىمىزنى چاراقلاپ تۇرغان سانسىز يۇرۇق يۇلتۇزلار بىلەن تولدۇرالىساق ھەم ئۇنى سارقىتىپ قويماي ھاياتى كۈچىنى ساقلىيالىساق مائارىپ ئاسمىنىىمىز تىخىمۇ پارلاق ۋە جەلىپكار بولىدۇ.بىز ياشاۋاتقان ھايات تۇرغۇنلۇقتتىن مۇستەنا بولغاندىلا ئىچاتچانلىقتا غەلبە ئۇتۇقلارغا پەۋەسلىنىدۇ. ھاياتىمىزنى تۇرغۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ۋۇجۇدىمىزدىكى ئاكتىپ روھىنى پائال ھەركەتلەندۇرۈش زورۈر بولىدۇ. ئىنسان ۋۇجۇدىغا چىرمالغان روھ مەيلى سەلبى ۋە ئىجابى ھەركەتتە بولسۇن ئىنسانىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە رولچىلىق قىلىپ ئىنسان ۋە ئۇ قورشاپ تۇرغان ئىجدىمائى مۇھىتىنى ئالغا سىلجىتىدۇ ياكى ئارقىدا قالدۇرىدۇ.ئىنسانىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يۇغۇرۇلغان روھ قۇماندانلىق قىلىدۇ.روھىنىڭ قۇماندانلىقى ۋە يىتەكچىلىكى ئىجابى ۋە ئىجادى ھالدا ئىنسان پائالىيەتلىرىگە باشچىلىق قىلمايدىكەن ھايات ئۆزىنىڭ قەدىرسىزلىكى بىلەن خۇلاسلىنىدۇ.شۇنداق ئىكەن مائارىپ ئۈچۈن يارالغان ھاياتلىق ئاسمىنمىزدا پارلاپ تۇرغان نىجاتلىق يۇلتۇزىمىزنى سارقىتىپ قويماي ياشاش تولىمۇ ئەۋەزەل. ※ماقالىدىكى قىسمەن ئابزاسلار شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىر قىلغان مەمتىمىن ئەلانىڭ «تەكلىماكاندىن ياۋرۇپاغىچە» ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
|